تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 2 مىنۇت
ئۆگىنىش قىلىش بولسا بىر ئىنسان ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك جەريان بولۇپ، ھاياتىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە بىزگە ھەمراھ ئۇقۇمدۇر. دەرسخانىلاردىن تارتىپ خىزمەت سورۇنىغىچە، ئۈزلۈكسىز يېڭى شەيئىلەرنى ئۆگىنىمىز. لېكىن، ھەربىرىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىمىز بار. بەزى كىشىلەر كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ، بەزى كىشىلەر ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆگەنسە، يەنە بەزى كىشىلىرىمىز ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىدۇ. بۇ يازما دەل ئۆگىنىش ئۇسۇلى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىدۇ. بىز ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ چىقىمىز.
1. كۆرۈش ئارقىلىق ئۆگىنىش
بۇ كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر دىئاگرامما، رەسىم ۋە سخېما قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئۆگىنىشنىڭ تېخىمۇ ئاسان ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. ئەگەر سىز بىر كۆرۈش سەزگۈسى ئۆگەنگۈچىسى بولسىڭىز، سىز شەكىل سىزىش ياكى رەسىمگە تارتىش ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ئەستە ساقلاشقا تىرىشسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن، سىز بىر ۋاقىت سخېمىسى سىزىپ تارىختىكى ۋەقەلەرنىڭ تەرتىپىنى يادلىسڭىز ۋە چۈشەنسىڭىز ئۆگىنىش ئۈنۈمىڭىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
2. ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆگىنىش
بۇ ئاڭلاش سەزگۈسى بىلەن ئۆگىنىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر لېكسىيە، پودكاست ۋە ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلارنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۇچۇرلارنى ئاڭلاش ئارقىلىق ئۆگىنىشنىڭ تېخىمۇ ئاسان توختايدۇ. ئەگەر سىز ئاڭلاش سېزىمى تىپىدىكى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز، كېيىن ئاڭلاشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن لېكسىيەنى ئۈنگە ئېلىۋالسىڭىز ياكى ئۈنگە ئېلىنغان دەرسلىكنى ئاڭلاپ بىلىمىڭىزنى ئاشۇرسىڭىز بولىدۇ.
3. تېگىش سېزىمى ئارقىلىق ئۆگىنىش
تېگىش سېزىمى ئۆگىنىش ئۇسۇلى بولسا قول سېلىپ ئىشلەش پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم بىر تەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش قىلسا تېخىمۇ ئاسان ئۆگىنەلەيدۇ. ئەگەر سىز تېگىش سېزىمى ئۆگەنگۈچىسى بولسىڭىز، سىز بەلكىم چوڭ نەرسىلەرنىڭ مودېلىنى ياساپ چىقىش ياكى تۇرمۇشتىكى رېئال مىساللار ئارقىلىق مۇرەككەپ ئۇقۇمنى چۈشىنىشنى ياخشى كۆرۈشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، سىز بىر تەقلىدىي كىچىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى مودېلى ياساپ چىقىش قىلىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيسىز.
4. تەنھەرىكەت بىلەن ئۆگىنىش
بۇ خىل ئۇسۇلنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەر بىر تەرەپتىن تەنھەرىكەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاچ ئۆگەنسە تېخىمۇ ئاسان ئۆگىنىدىغانلىقى بايقايدۇ. ئەگەر سىز تەنھەرىكەت تىپىدىكى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز، سىز بەلكىم ئۆگىنىش جەريانىدا يۆتكىلىشكە ياكى تەنتەربىيە پائالىيىتى قىلىشقا مۇھتاج بولۇشىڭىز مۇمكىن. مەسىلەن، خىزمەت قىلغاندا ئۆرە خىزمەت ئۈستىلى ئىشلەتسىڭىز ياكى بىر تەرەپتىن بىلەك كۈچ ھەرىكىتى قىلىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداقتا، قايسى خىلدىكى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئۈنۈملۈك؟
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بارلىق بىلىملەرنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولىۋەرمەيدۇ. دۇنيادا ھەممىگە باب كېلىدىغان ئۇسۇل يوق. سىز ھەتتا ئۆگەنگەن مەزمۇنلىرىڭىزغا قارىتا، كۆپ خىل ئۇسۇللارنىڭ بىرىكمىسىنى ئىشلىتىپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىناپ باقمىغۇچە ۋە نەتىجىسىنى سىتاتېستىكا قىلىپ باقمىغۇچە قايسىسىنىڭ سىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلنى تاپسىڭىزلا، ئۆگىنىش قىلىشنى ياخشى كۆرۈپ قالىسىز، ۋە بۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايسىز، بۇ بىلىملەر سىزگە ئۇزۇن ھەمراھ بولىدۇ.