ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش پىلانى

March 25, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 2 مىنۇت

بىر مۇسۇلمان ئۆزىنى سىناق ئالىمىدە دەپ ئېتىقاد قىلغان ئىكەن، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆزىگە خاس بولغان ئۈمۈرلۈك ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۈگۈنكى كۈندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ توغرا قىلالمىغان ئىشلاردىن بىرى ئۆگىنىش دەپ قارايمەن. ئۆگىنىش قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ماس بولغان پىلان تۈزۈش كېرەك. ئۆمۈرى بويىچە ھىچ ياخشى ئىش قىلىشقا تويماي ياشايدىغان مۇسۇلمان چوقۇم ئۆمۈرى بويىچە ئۆگىنىشى كېرەك .بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش پىلانى بولىشى بەكمۇ مۇھىم. ھالبۇكى، ھەربىر كىشىنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، ئىنچىكە ئويلىنىشقا ۋە پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈشكە تىرىشىۋاتقان بىرى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى 10 تەۋسىيە بەلكىم سىزگە ئەسقېتىپ قېلىشى مۇمكىن :

  1. نىشانىڭىزغا ئېنىق بېكىتىۋېلىڭ سىز قانداق ئىقتىدار ياكى قابىلىيەتكە ئېرىشمەكچى؟ كونكرېت، ئېنىق ھەم رېئال نىشاننى بېكىتىش كېرەك.

  2. ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى جەزملەشتۈرۈڭ سىز ئوقۇش ئارقىلىق ياكى ئاڭلاش ئارقىلىق ياخشى ئۆگىنەلەمسىز ياكى قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىش ئۇسلۇبىڭىزنى چۈشىنىش سىزنىڭ ئېھتىياجىڭىزغا ماس كېلىدىغان پىلان تۈزۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.

  3. ھازىرقى بىلىمىڭىز ۋە ماھارىتىڭىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىڭ سىز ھازىر قايسى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىسىز؟ باشلىنىش نۇقتىڭىزنى بىلىش سىزنىڭ نېمىنى ئۆگىنىشىڭىز ۋە ئۇ يەرگە قانداق بېرىشىڭىزنى بىكىتىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.

  4. ئۆگىنىش مەنبەيىڭىزنى تاللاڭ تور دۇنياسىدا سان-ساناقسىز مەنبەلەر بار. كىتاب، ۋىديو، ئاۋازلىق دەرس، بلوگ، يېتەكچى ئوقۇتقۇچى قاتارلىقلار. سىزنىڭ نىشانىڭىز ۋە ئۆگىنىش ئۇسلۇبىڭىز بىلەن ماشلىشالايدىغان دەرسنى تاللاڭ.

  5. ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ئالدىن رەتكە تىزىش ۋە تەشكىللەش يەنى قايسى ۋاقىتتا ئۆگىنىش توغرىسىدا پىلان تۈزۈش ھەمدە چوڭ نىشانغا دىققەت قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئاسان بولغان كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈش كېرەك.

  6. ۋاقىت جەدۋىلى بېكىتىش ئۆگىنىش پىلانىدىكى ھەر بىر تۈرنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتىنى بېكىتىش. بۇ سىزنىڭ دىققىتىڭىزنىڭ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىڭىزنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  7. ئۆگىنىش ئۈچۈن ۋاقىت تەقسىملەش ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ، سىزنىڭ ئۆگىنىشكە يېتەرلىك ۋاقتىڭىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سىزنىڭ باشقا مەسئۇلىيىتىڭىزنى ياخشى ئادا قىلىشڭىز كېرەك.

  8. ئىلگىرلەشلىرىڭىزنى نازارەت قىلىش ۋە باھالاش سىزنىڭ پىلاندىن چەتنىمەي ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش دەرىجىڭىزنى قەرەللىك باھالاش، ھەمدە ماس ھالدا پىلاننى تەڭشەپ تۇرۇش كېرەك.

  9. ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىز ۋە ماتېرىياللىرىڭىزنى يۆتكەپ تۇرسىڭىز تامامەن بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى قىزىقىشنىڭ سۇسلاپ قالماسلىقى.

  10. مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى تەبرىكلەڭ بىرەر كىچىك پىلانغا يەتكەندە ئۆزىڭىزگە ئازراق رىغبەتلەندۈرۈش بېرىڭ قويۇڭ. ئۆگىنىش جەريانىدا غەلىبىڭىزنى تەبرىكلەش سىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىڭىزنى ساقلاپ قېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ، ئۆگىنىش جەريانىڭىزنى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك قىلىدۇ

مۇۋاپپىقىيەتلىك بىر ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈش ئۈچۈن بۇلار ھەرگىز يېتەرلىك ئەمەس. سىز تېخى ئۆگىنىش سەپىرىڭىز جەريانىدا داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرىسىز ۋە ئۆزىڭىزگە خاس بولغان نۇقتىلارنى توختىماستىن ئۆگىنىپ تۇرىسىز. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى داۋاملاشتۇرۇش جەريانىدا پىلاننى يېڭىلاپ مۇكەممەللىشىشكە تىرىشىش لازىم. ھەممىڭلارنىڭ ئۆگىنىش سەپىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!