ئىلىم ھەققىدە ئەسلەتمىلەر

November 26, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ئىلىم ئېلىشنىڭ ناھايىتى كۆپ ياخشىلىقلارغا ۋەسىلە بولىدىغانلىقى پۈتكۈل ئىنسانلار ئىجماغا كەلگەن تېما بولۇپ، مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، كاپىرلار بولسۇن ھىچ ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ. ئەمما نۇقۇل ئىلىم ئېلىشنىڭ ئۆزىلا بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەممە ئىشنىڭ پۈتكەنلىكى ھېسابلىنامدۇ؟ ئىلىم ھەققدىكى بەزى ھەدىس ۋە ئۆلىمالارنىڭ سۆزلىرى مېنى بەكمۇ تەپەككۇرغا سېلىپ قويدى:

  • ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «وَاضِعُ الْعِلْمِ فِي غَيْرِ أَهْلِهِ كَمُقَلِّدِ الْخَنَازِيرِ اللُّؤْلُؤَ وَالْجَوْهَرَ وَالذَّهَبَ ـــ ئىلىمنى ئەھلى بولمىغان كشىگە بەرگۈچى، چوشقىلارغا ئۈنچە-مارجان، ئالتۇن زىبۇ-زىننەت تاقاپ قويغىچىغا ئوخشايدۇ» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى، ئەلبانى زەئىپ دېگەن. ئەمما ئەسلەتمە، ۋەز-نەسىھەت خاراكتېردىكى تېمىلاردا بىزنىڭ كۆز-قاراشلىرىمىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.]

  • ئىيسا ئەلەيھىسسالام: « زىبۇ-زىننەتلەرنى چوشقىلارغا تاقاپ قويماڭلار، ئىلىم بولسا زىبۇ-زىننەتتتىنمۇ ئۈستۈن نەرسە، (چوشقىلارغا زىبۇ-زىننەت لايىق بولمىغان يەردە) ئىلىم ئەلۋەتتە چوشقىلارغا ماس كەلمەيدۇ.» [ئىمام ماۋەردىنىڭ ئەدەبۇددۇنيا ۋەددىن]

  • بەزى ئەدەبلەر: بىر باغچىغا ياۋا توڭگۇز كىرىۋالغان بولسا بۇ باغ ھەققىدە مەرسىيە ئوقۇ! بىلىمگە يامان ھاۋايى ھەۋەس ئارىلاشقان بولسا، بىلىم ھەققىدە يىغلىغىن!

دېمەككى، ئىلىم ئېلىشتا لايىلىق ياكى لايىق ئەمەسلىك تېمىسى مەۋجۇت. يۇقىرقى ھەدىس ۋە تېكىستلەردە ئىلىمگە لايىق ئەمەسلەر بىۋاستە توڭگۇزغا ئوخشىتىلدى. بۇ ئوخشىتىشلار ئىنساننى بەكمۇ قورقىتىدۇ. بىر ئىلىم ئېلىشنى مەقسەت قىلغۇچى ئۆزىدە بەزى شەرتلەرنى ھازىرلىمىسا ئۇ كىشى ئۈچۈن نادامەت بولىدۇ. بۇ شەرتلەردىن شۇلارنى ئەسلىتىشكە بولىدۇ:

  1. ئىلىمدىن بۇرۇنقى قەلبىي پاكىزلىق
  2. ئىلىمنىڭ ھەققىنى بېرىشتىكى ئەزمى قارارلىق

2009-يىلى 7-ئايدىكى ۋەقە سەۋەپلىك تۈرمىدە يېتىپ چىققان بەزى تونۇشلىرىم شۇنداق دەپ بەرگەن ئىدى: «قۇرئان يادىلغان. ھەدىس، فىقىھنى بىزدىن بەكرەك بىلىدىغان ئادەملەر سوراق قىلدى. جىھاد ھۆكۈملىرىدىن بىزنىڭ ئالدىمىزدا سۆزلەپ ئېغىزمىزغا گەپ سېلىپ بېرىدىكەن». يۇقارقى ھەدىس ۋە تېكىستلەرگە ئاساسلانغاندا ئىلىم ئالدىدىكى توڭگۇزغا ئوخشايدىغان كىشىلەر دەل شۇ خىتاي سوراقخانىلىرىدىكى سوراقچى «موللىلار» بولىشى مۇمكىن. اللە تىن پاناھلىق سورايمىز!

ئىسلام تارىخىدا نەچچە ئونىلغان ئۆلىمالارنىڭ ئۆزىدىكى ئىلىملەرنى بېرىدىغان ئادەم تاپالماي، ئۆزى بىلەن بىللە كېتىپ قالىدىغانلىقى بىلەن ھەسرەت چەككەنلىك قىسسىلىرى بار. ئۇلار نۇقۇل يادىلىيالىغان، ئۆگىنەلىگەنلەرنى تاپالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار ئىلىمگە لايىق قەلب ئېگىسىنى، ئىلىمنى ھەققى بىلەن ئالالايدىغان ۋە ھەققىنى ئادا قىلىدىغانلار ئوقۇغۇچىلارنى تاپالمىغانىدى.خالىغان كىشىگە بەرسە ئۇ ئېلىم بىلەن توڭگۇزلىق قىلىۋېتىشىدىن ئەنسرىگەن ئىكەن.

ئۆلىمالار: «ھەممە كىيىمنىڭ لايىق كەلگۈچىسى بولغىنىدەك، ھەممە ئىلىمنىڭ لايىق ئالغۇچىسى بار» دەيدۇ. اللە تائالا سىزنى ۋە بىزنى دەل شۇنداق ئىلىم يارىشىدىغانلاردىن قىلىپ بەرسۇن، ئامىن!

مىھرىبان رەبىمىزدىن مەپەئەتلىك بىلىم، پاكىز رىزق ۋە قۇبۇل بولغان ئەمەل تىلەيمىز.