تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت
بسم الله الرحمن الرحيم
تەنقىدىي تەپەككۇر ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈش
تەنقىدىي تەپەككۇر بىر ئىنسان ئۈچۈن تەدبىر بەلگىلەش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان قىممەتلىك ماھارەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ يازمىدا بىز تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئاساسلىق ئامىللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزگە مۇھىم ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمىز. ئاندىن تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي ئۇسۇل قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلاردىمۇ پىكىر يۈرگۈزىمىز.
تەنقىدىي تەپەككۇر دېگەن نېمە؟
تەنقىدىي تەپەككۇرغا «كۆزىتىش، تەجرىبە قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش، ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش قاتارلىق جەريانلاردا توپلانغان ئۇچۇرلارنى ئاكتىپ پىكىرگە ئايلاندۇرۇش، زېھنىمىزدىكى پىششىقلانغان پىكىرگە ئايلاندۇرۇش، قوللىنىش، تەھلىل قىلىش، خۇلاسىلەش ۋە باھالاشتىن ئىبارەت ئەقلىي ئىقتىدار مەشىقى جەريانى» دەپ تەبىر بېرىشكە بولىدۇ. ئۇ مەسىلىگە بولغان گۇمانىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كاللىمىزدىكى مۈجمەللىكنى كونكىرت ھالدا تېپىپ چىقىش، ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇر دەرىجىسىنى باھالاش، ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىش ۋە ئۆز نۇقتىنەزەرنى ئىسپاتلاش.. قاتارلىق جەريانلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قىزىقىش: تەنقىدىي تەپەككۇر قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى دۇنيانى چۈشىنىش ۋە يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە كۈچلۈك ئارزۇسى بولىدۇ. ئۇلاردا روھسىزلىق، نىشانسىزلىق ۋە پىكىرى غۇۋالىق كۆرۈنمەيدۇ. داۋاملىق يېڭىلىق ئۈستىدە ئالدراش كۆرۈسىز.
- ئوچۇق پىكىر: ئۇلار ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلالايدۇ ۋە باشقا كۆز قاراشلارغا ئاچچىقلىنىپ كەتمەستىن، پەرقلىق پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى تەپەككۇر قىلىشنى خالايدۇ.
- باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاش. تەنقىدىي تەپەككۇر قىلغۇچىلار باشقىلارنىڭ پىكىرىلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلايدۇ. چۈنكى باشقىلارنىڭ پىكىرى گەرچە ئۆزىگە زىت كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ شۇ پىكىرگە كېلىشىدا نېمىگە ئاساسلانغانلىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ھورۇنلۇق قىلمايدۇ. چۈنكى شۇنداق قىلغاندا، ئۆزىنىڭ توغرا بولسا قارشى تەرەپنىڭ نېمە ئۈچۈن خاتالاشقىنى بىلەلەيدۇ، قارشى تەرەپنىڭ توغرا بولسا ئۆزىنىڭ قايسى نۇقتىدا خاتالاشقىنى تونىۋالىدۇ ۋە تېزدىن ئۆزگەرتىۋالالايدۇ. دېمەك، باشقىلارنىڭ سۆزىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاشتا ھىچ زىيان چىقمايدۇ.
- گۇمانىي نەزەر: تەنقىدىي تەپەككۇر قىلغۇچىلار ئۆزىگە كەلگەن ئۇچۇرلارغا شۇ ھامان ئىشىنىپ ماڭمايدۇ، ئۇ ئۇچۇرلار ھەققىدە پەرقلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ باقىدۇ ۋە نۇقتىئىنەزەرگە تەپەككۇرسىز ئەگەشمەستىن، ئۇنى ئىسپاتلايدىغان ئامىللار ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىدۇ. تەپەككۇر ھورۇنلۇقى قىلمايدۇ.
- ئانالىز قىلىش ماھارىتى: ئۇلار مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، سىستېمىلىق تەھلىل قىلالايدۇ.
- لوگىكىلىق تەپەككۇر: تەنقىدىي تەپەككۇر قىلغۇچىلار لوگىكىلىق ۋە ئەقلىي تەپەككۇر ئارقىلىق مەسىلىلەرنى باھالايدۇ ۋە يەكۈن چىقىرىدۇ.
- سوغۇققان ئالاقە: ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى، ئىلمىي تەپەككۇر جەريانلىرىنى ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا بايان قىلالايدۇ.
- مەسىلىنى ھەل قىلىش: تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىدىغانلار بىر ئىشنىڭ نۆۋەتتىكى جەريانىدا نېمە بولغانلىقى ھەققىدە پاراڭ سېلىپ، ئىشلارنى باھالاپلا ئولتۇرمايدۇ. ئەكسىچە، داۋاملىق ئۇ ئىشنى ھەل قىلىش تەرەپدارى بولىدۇ. مەسىلە قانداق ھەل بولسا، شۇ ھەقتە ئىزدىنىدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغىنى مەسىلىنىڭ تۈپ يىلتىزىدىن ھەل بولىشىدۇر.
- قارار چىقىرىش: تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىدىغانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى قارار بېرىشتە ئاجىزلىق قىلمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ھىسياتى بىلەن، نەپسىي خاھىشى سەۋەپلىك ياكى غەپلەت ئىچىدىلا بىر قارارنى چىقىرىپ قويغان بولسا، ئۇ قارارىدا ئاخىرغىچە كۈچلۈك تۇرالماي قالىدۇ. ۋاقىت ئۆتكەنچە ئۇنداق چىقارغان قارار ئۆز مەنىۋىيىتىنىڭ چۈشۈرۈۋېتىدۇ. ئەمما تەنقىدىي تەپەككۇر بىلەن ئىلمىي چىقىرىلغان قارار بولسا ئىنساننى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاخىرغىچە ساباتلىق تۇرىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
- چىدامچانلىق: تەنقىدىي تەپەككۇرنى لازىم تۇتۇدىغانلار پىكىرى جەھەتتە سەۋرچان ۋە چىدامچان بولۇپ، بىر نۇقتىنەزەردە شۈبھىيلىك نۇقتا ھېس قىلسا ۋە شۇ شۈبھىينى كەتكۈزۈش ئۈچۈن بوشاشماشتىن ئىزدىنىدۇ. مەسىلە قانچە مۇھىم بولسا شۇنچە چىدامچانلىق بىلەن ئىزدىنىۋېرىدۇ. ئاسانلىقچە بولدى قىلىۋەتمەيدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تەنقىدىي تەپەككۇرنى ئاكتىپ قوللىنىشنىڭ بەك كۆپ مىسالى بار بولۇپ، خەۋەر ماقالىلىرىدىكى قاراشلارنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈش ، مەنبەلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىش ، قارار چىقارغاندا دەلىل-ئىسپاتقا ئاساسەنلار چىقىرىش ۋە كۆپ خىل كۆز قاراشنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆزىگە زىت قاراشلارغا دەرھال ھاياجانلانماسلىق… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇر نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تەنقىدىي تەپەككۇر شەخسىي ۋە كەسپىي جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ مۇھىم بولۇشىدىكى بەزى سەۋەبلەر:
- مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تەدبىر بەلگىلەش: تەنقىدىي تەپەككۇر شەخسلەرنى ئىنچىكە مەسىلىلەرنى بايقاش ۋە تەھلىل قىلىشقا، مۇمكىن بولغان ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدەپ تېپىشقا، دەلىل-ئىسپات ۋە لوگىكىغا ئاساسەن توغرا قارار چىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
- بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك خاتالىقتىن ساقلىنىپ قالىدۇ: ئادەتتە يەككە شەخسنىڭ بىلىش دائىرىسى بەكلا چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، قارار چىقارغاندا كۆپىنچە يەككە كىشى بۇ چەكلىمە سەۋەپلىك كۆپىنچە ئەتراپلىق قارار چىقىرالماي قالىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇر شەخسلەرنىڭ بىلىش جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە لوگىكىلىق خاتالىقنى تونۇشىغا ۋە يېڭىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
- ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا ياردەم بېرىدۇ: تەنقىدىي تەپەككۇر قىلغۇچى باشقىلاردىن ئاڭلىغان نۇقتىئىنەزەرگە سۇئال قويىدۇ، ئوخشىمىغان پىكىر ئۇسلۇبىدا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىدۇ، ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭىلاشقا، ئۇلار دائىم ئىجادىي ئىدىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىكىرىلىرى، ئۆزگىچە ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقالايدۇ.
- ئەخلاق ۋە ئىنساپ بېغىشلايدۇ: باشقىلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتىگە ئىنساپ بىلەن باھا بېرىش ئۆلچىمى بېرىپ، ئەخلاق ئېڭىمىزنى يۈكسەلتىدۇ.
- ئۈنۈمدارلىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ: بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز ۋە ئىش ئۈنۈمدارلىقىمىزنى ئاشۇرىدۇ، بىزنىڭ كەسپىي ۋە ئىلمىي مۇۋاپپىقىيتىمىزنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
- ئۈنۈملۈك ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارى كۈچلۈك شەخسلەر ئادەتتە ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، ئاكتىپ ئاڭلايدۇ ۋە باشقىلار بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشالايدۇ.
- ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش: تەنقىدىي تەپەككۇر بىر ئىنساننى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئىقتىدارى بار كىشىلەر پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭالايدۇ. يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى خىرىسلارغا ماسلىشىپ، ھەر قاچان يېڭى ھەل قىلىش چارىسى تېپىپ چىقالايدۇ.
- پەقەتلا ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ ئۈستۈنلىكى بىلەنلا باشقىلارنى ئالداپ كېتىدىغان ساختىپەزلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كېتىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر دەسلەپكى جانلىق ئىپادىلەرگە قاراپلا بىر نۇقتىنەزەرنى قۇبۇل قىلىپ كېتىدۇ. ئەمما تەنقىدىي تەپەككۇرغا ساھىب بولغان كىشى ئۇنداق ئەمەس. ئشىلارغا بەسىرەت بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ.
- تەنقىدىي تەپەككۇر 21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ كېرەكلىك بولغان ۋە ئەڭ مۇھىم قابىلىيەتلەردىن بىرى بولۇپ، بىر جەمئىيەتتە تەنقىدىي تەپەككۇرنى ھەققى بىلەن قىلالايىدىغانلار كۆپەيسە، شۇ جەمئىيەت يۈكلىشىگە ئاساس سالغان بولىدۇ. تەنقىدىي تەپەككۇردىن مەھرۇم قالغان جەمئىيەت بولسا، كىشىلەر خيالىي قاراشلارغا چۆمىدۇ، بوزەك بولىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا چۈشۈپ قالىدۇ.
تەنقىدىي تەپەككۇرنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى
تەنقىدىي تەپەككۇر بىر قانچە مۇھىم ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ:
- تەھلىل: مۇرەككەپ ئۇچۇر ياكى مەسىلىلەرنى كىچىك بۆلەكلەرگە بۆلۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىش.
- باھالاش: ئۇچۇر ياكى بىر نۇقتىنەزەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى، باغلىنىشچانلىقى ۋە سۈپىتىنى باھالاش.
- يەكۈن: دەلىل-ئىسپات ۋە ئىلمىي ئاساسقا تايىنىپ لوگىكىلىق يەكۈن چىقىرىش.
- دەلىل-ئىسپاتنى ئاساس قىلىش: ئىشەنچلىك دەلىل-ئىسپات ۋە سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەنلا ئاندىن قارار چىقىرىش.
- لوگىكىلىق پىكىر قىلىش: لوگىكىلىق پرىنسىپ ۋە قائىدىلەرنى ئىشلىتىپ تالاش-تارتىش مەسىلىلىلەرگە باھا بېرىش.
- گۇمانىي نەزەر: نۇقتىئىنەزەرگە سوئال قويۇش، دەلىل-ئىسپات سۈرۈشتۈرۈش ۋە بىر قاراشنى پەقەت كۆڭۈل خالىغاچقىلا ئەمەس، ئىلمىي ئىزدىنىشتىن كېيىن ئاندىن قوللاش.
- ئوچۇق-يورۇق بولۇش: ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلىش ۋە زىت كۆز قاراشلارغا ئاچچىقلىنىپ زەربە بېرىشكە ئالدىرىماسلىق.
تەنقىدىي تەپەككۇرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك؟
تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەمەلىيي ھەرىكەت ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ يەردە بەزى ئەمەلىي ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈشكە بولىدۇ:
- سوئال سوراڭ: سوئال سوراش ۋە جاۋاب ئىزدەش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى قىزىقتۇرالايدىغان تەپەككۇر ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ. ئىنسانلارنىڭ نۇقتىنەزەرلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ بېقىڭ، ئوخشىمىغان كۆز قاراش ئۈستىدە ئىزدىنىڭ. چۈنكى پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىس ئۈستىدىلا «قۇبۇل قىلدۇق، تەسلىم بولدۇق» دېيىش كېرەك، ئۇندىن باشقا ھەرقانداق ئىنساننىڭ نۇقتىنەزەرلىرىگە سۇئال قويۇشقا ھەققىمىز بار.
- كۆپ خىل كۆز قاراشنى ئىزدىنىپ كۆرۈڭ: كۆز قارىشى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ، تەپەككۇرىڭىزنى كېڭەيتىپ تۇرۇڭ. داۋاملىق يېڭى چىققان داڭلىق كىتاپلار ھەققىدە بىرئاز ئىزدىنىپ بېقىڭ. كۈچلۈك ئۆگىنىش كەيپىياتى بولمىغان يەردە چوقۇم ئىشلار بىر تەرەپلىمە پىكىر قىلىنىدىغانلىقنىغا ئىىشنىڭكى، بۇنداق ھەممە كۆنۈپ قالغان پىكىرلەرگە جەڭ ئېلان قىلىڭ.
- ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش ۋە باھالاش: خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش ۋە باھالاشنى مەشىق قىلىڭ. مەنبەلەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى چوقۇم ئويلىشىڭ. بىر تەرەپلىمە قاراش بار يوقلىقىنى چوقۇم ئېنىقلاڭ ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ سۈپىتىنى باھالاڭ. چۈنكى بىر نۇقتىنەزەر كۆپىنچە يەككە شەخسنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ بارلىق پىكىرلىرىنى بىر تاياقتا ھەيدىۋېتىشتىن خالى بولالماي قالىدۇ. شۇڭا كۆرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزغا قارىتا باھالاش باسقۇچىغا ھەرگىز سەل قارىماڭ.
- لوگىكىلىق تەپەككۇرنى مەشىق قىلىڭ: نۆۋەتتىكى مەسىلىگە چىقىرىلغان قارار راستىنلا مەنتىلىق بولدىمۇ، ئەسلى نىشان ۋە غايىگە خىزمەت قىلىدىغان ھالەتتە قارار ئېلىندىمۇ ياكى بىردەملىك ھاياجانغا قارىتا قارار ئېلىنىپ كەتتىمۇ، دېگەن سۇئاللارنى ھەرقانداق قارار ئېلىشتىن بۇرۇن سوراش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ.
- شەخسىيىتىڭىزنى ئويلاڭ: ئۆزىڭىزنى مەسىلىلىەرگە قارار چىقارغان ۋاقتىڭىزدا، ئۆزىڭىزدىكى پىكىر بىر تەرەپلىمىلىكى ، مەسىلىللەرگە باھا بەرگەندە ئاساسلىنىدىغان پەرەزلىرى ۋە تەپەككۇر ئەندىزىڭىزنى چوقۇم بىلىڭ. تەپەككۇر جەريانىڭىزغا قەرەللىك باھا بېرىپ ۋە ياخشىلاڭ. مەسىلەن، كۆپىنچىمىز خىتاينىڭ كۈچىنى سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشىنى يامان كۆرۈپ قالىمىز، خىتاينى تىللاپ بەرگەنلەرنى بولسا تەبىئىي ياقتۇرۇپ قالىمىز. بۇ دەل تەپەككۇردىكى ئىلمىيلىكنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىگە باشلاپ بارىدىغان بىر تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ پىكىرىنىڭ مەنتىقىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قوللىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ نۇقۇل خىتاينى تىللاپ قويغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس.
قانداق قىلغاندا تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟
تەنقىدىي تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكىلەرنى سىناپ كۆرۈش:
- يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشىش: يېڭى ئۇچۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى بىلىم ئېلىش لازىم. ئۆزى قىزىقىدىغا تېمىلاردا كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ يېڭى ئانالىزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. ھەر ۋاقىت ھەرقانداق يېڭى ئۇچۇرغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن يېقىنلىشىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە مۇكەممەللىكىنى باھالاش ئۈچۈن ھالقىلىق سوئاللارنى سوراڭ.
- كۆپ خىل كۆز قاراشنى ئويلاڭ: ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كۆز قارىشى بارلىقىنى قۇبۇل قىلىڭ. ھەممە ئادەم بىر مەسىلىنى چوقۇم سىزگە ئوخشاشلا ئويلىشىشقا مەجبۇر ئەمەس. پەرقلىق قاراش ھەققى بار.
- ئاكتىپ ئاڭلاشنى مەشىق قىلىڭ: ھۆكۈم قىلماي تۇرۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلاڭ، ھەمدە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ
- ئۇچۇر توپلاڭ: ئەگەر مەلۇم مەسىلىگە قارار بەرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇچۇر كەمتۈكلۈكلەرنى بايقىسىڭىز ، ئۆزىڭىز ھەرىكەت قىلىپ، بۇ ھەقتە يېڭى ئۇچۇرلارنى تولۇقلاڭ.
- ئوچۇق سوئاللارنى سوراڭ: «كىم» ، «قاچان»، «قەيەردە»، «قانداق» ، «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سوئاللارنى سوراش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ.
- ئىشەنچلىك مەنبەلەرنى تېپىڭ: ئىشەنچلىك ئۇچۇر تەمىنلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان خەۋەر تور بېكەتلىرى، ئىقتىسادىي پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلار ۋە مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىغا تايىنىڭ. نامسىز ياكى بىر تەرەپلىمە دەپ قارىلىدىغان مەنبەلەردىن ئۇچۇر ئېلىشتىن ساقلىنىڭ.
- ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭ: ئۇنى قوبۇل قىلىش ياكى ئورتاقلىشىشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.
- ساختا خەۋەرلەرنى بايقاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ: تىل ، ھېسسىيات ، ئاھاڭ ۋە پاكىتلارنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يالغان ياكى ئازدۇرىدىغان مەزمۇنلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈڭ. بۇ ھەقتە ئۇيغۇرچە يېزىلغان « OSINT ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق كىتاپنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
- ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرۈڭ: بارلىق ئۇچۇرلارنى ۋە مەنبەلىرىنى باھالىغاندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ كۆز قارىشىغا تايانماي، ئۆزىڭىزنىڭ يەكۈنىنى چىقىرىڭ. خۇددىي چايناپ بەرگەن ناننىڭ تەمى بولمىغاندەك، باشقىلار چىقىرىپ بەرگەن يەكۈننىڭمۇ سىزگە تەمى بولماسلىقى مۇمكىن.
- دەرس ياكى كىتاپلاردىن پايدىلىنىڭ: تەنقىدىي تەپەككۇر ھەققىدە كۇرس، كىتاپ، تور دەرسلىكى، ۋىديو قاتارلىقلاردىن ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ. يۇتيۇپتا ئۆزىڭىز بىلدىغان تىلدا ئىزدىنىپ باقسىڭىز كۆپ ۋىديولار چىقىشى مۇمكىن.
پايدىلىق بىلىم بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.