پروجېكت پىكىرى

February 05, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

پروجېكت ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە

3-قىسىم

قانداق قىلغاندا پروجېكت پىكىرىگە ئېرشىكىلى بولىدۇ؟

پروجېكت ئىدىيىسىنى قۇرۇپ چىقىش

بىر مۇۋاپپىقيەتلىك پروجېكت قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپكى باسقۇچ پروجېكت ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ھېسابلىنىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچ بولماي تۇرۇپ پروجېكت ھاسىل بولمايدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەپتىن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى ئۈچۈن يېڭى پروجېكت ئىدىيەلەرنى ۋە يېڭى ئىدىيە يارىتالايدىغان كىشىلەرنى قېزىپ چىقىرىش ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىدۇ. پروجېكت ئىدىيەسىنى قۇرۇپ چىقىشنى تۆۋەندىكى 4 مەزمۇن بىلەن مۇلاھىزە قىلساق بولىدۇ.

  1. ئۆزىنى تونۇش ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى بايقاش
  • ئۆزىنى تونۇش: بىر پروجېكتنى باشلاشتىن بۇرۇن ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنى تونۇشىمىز كېرەك. قىزىقىشىڭىز ، ماھارىتىڭىز ، ھەۋەسلىرىڭىز ۋە قىممەت قارىشىڭىز ئۈستىدە پىكرى يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. سىزنى نېمە ھاياجانلاندۇرىدىغانلىقى، قانداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىز ۋە قانداق نەتىجە ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىڭىزنى ئۆزىڭىزدىن سوراپ يېزىپ كۆرۈڭ.
  • ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكنى ئېنىقلاش: ئۆزىڭىزنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىڭىزنى تونۇپ يېتىڭ. ئارتۇقچىلىقىڭىزنى ئىشلىتىپ بىرەر پروجېككە كۈچ قوشالايدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ كۆرۈڭ. ئاجىزلىقلىرىڭىزنى بولسا باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭ.
  • راھەت رايوندىن چىقىپ بېقىش: راھەت رايون دېگەندە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىش بولمىغاندا ياكى پىلانى بولمىغاندىمۇ ھېچ تەپەككۇر قىلماستىن كۆنۈپ قالغان، نورمال ياشاپ كېتىۋېرىدىغان ئورۇن، ۋاقىت ياكى ياشاش ئۇسلۇبىنى كۆرسىتىدۇ. راھەت رايونىڭىزنىڭ سىرتىغا چىقىپ يېڭى رايونلارنى تەكشۈرۈشتىن قورقماڭ. راھەت رايونىڭىزنىڭ سىرتىغا چىقسىڭىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيىسىنى قولغا كەلتۈرەلىشىڭىز مۇمكىن.
    1. پروجېكت ئۇقۇمى ۋە ئەھمىيىتى
  • پروجېكتىڭىزنىڭ مەقسىتىگە ئېنىقلىما بېرىڭ: سىز قايسى مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىسىز، قايسى ئېھتىياجنى ئورۇندىماقچى بولۇۋاتىسىز ياكى قايسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتماقچى بولۇۋاتىسىز؟ مەقسەتنى ئېنىق بايان قىلىش سىزنىڭ پروجېكت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
  • دائىرىسى ۋە مۇمكىنلىكىنى ئويلاڭ: پروجېكتىڭىزنىڭ مۇرەككەپلىكى، بايلىق تەلىپى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىگە باھا بېرىڭ. ۋاقتىڭىز ۋە سىزدە بار بولغان ئىمكانىيەت چەكلىمىسى ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۇمكىن بولغان پروجېكتنى تاللاپ چىقىڭ.
  • ھەۋەس ۋە قىممەت قارىشىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇڭ: قىزىقىشىڭىز ۋە قىممىتىڭىزگە ماس كېلىدىغان پروجېكتنى تاللاڭ. بۇ سىزنى پۈتكۈل تەرەققىيات جەريانىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
    1. كاللىڭىزغا كەلگەن ئىدىيەنى چىڭ تۇتۇڭ
  • ئىلھاملىرىڭىزنى خاتېرىلىۋېلىڭ: خاتىرە دەپتەر ياكى پىكىر خەرىتىسى شەكلىدە ئىلھامىڭىزنى دەرھال دەپتەر يۈزىگە تۆكۈۋېلىڭ. ئۇلار سىزگە ۋاقتى كەلگەندە دەرھال ئىلھامىڭىزنى ئەسلىتىدۇ. بۇ باسقۇچتا ھىچ ئىلھاملارنى مەنتىقىگە سېلىپ كۆرمەڭ. پەقەتلا كەلگەن ئىلھاملارنى خاتېرىلىۋالسىڭىزلا بولدى.
  • تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش: ئىلھاملىرىڭىز ئارىسىدىن پروجېكتكە يارايدۇ دەپ قارىغان مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپ تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ماقالە ئوقۇش، ھۆججەتلىك فىلىم كۆرۈش، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن پاراڭلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى سىناپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىڭىز لازىم.
  • خاتىرىلىرىڭىز بىلەن تەتقىقات نەتىجىڭىزنى تەھلىل قىلىڭ: ئەندىزە ، ئورتاق تېما ۋە يوشۇرۇن ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەڭ. بۇ سىزنىڭ پروجېكت ئۇقۇمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ.
    1. گۇرۇپپا ھەمكارلىقى بىلەن پروجېكت پىكىرى قۇرۇش
  • كۆپ خىل كۆز قاراشلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈڭ: ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەجرىبىسى بار كىشىلەر توپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تېما ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. بۇ سىزگە تېخىمۇ ئىجادچان ۋە ئەتراپلىق پىكىرلەرنى سۇنىدۇ.
  • رول ۋە مەسئۇلىيەتنى بىكىتىشكە تىرىشىڭ: پروجېكت ئۈچۈن ئىشلەپ بېرىدىغان ھەرقايسى ئەزالارنىڭ رولى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ ئۈنۈملۈك تۆھپە قوشۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
  • ئوچۇق-يورۇق ئالاقە مۇھىتى بەرپا قىلىش: بىخەتەر ۋە ئىلھام بېرىدىغان مۇھىت بەرپا قىلىڭ، سىزنىڭ قۇرۇپ چىقماقچى بولغان بۇ پروجكېت گورۇپپىسى ئىچىدە ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئورتاقلىشىشتا راھەت ھېس قىلىشى كېرەك.