ھەمكارلىق ۋە مەلۇمات

February 07, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

پروجېكت ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە

5-قىسىم

بۇ يازمىمۇ پروجېكت ھەققدىكى يېزىلغان يازمىلارنىڭ داۋامى بولۇپ، گورۇپپا ھەمكارلىقى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بىرتەرەپ قىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار يېزىلدى.

گۇرۇپپا قۇرۇش، ھەمكارلىق ۋە باشقۇرۇش

  1. گۇرۇپپا ئەزالىرىنى تاللاش ۋە ئىختىساسلىقلارنى باھالاش:
  • ئىقتىدار تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش: پروجېكتنىڭ ئېھتىياجىنى تەھلىل قىلىڭ ۋە ھەر بىر ۋەزىپە ئۈچۈن زۆرۈر ماھارەت، ئىقتىدار ۋە تەجرىبىنى يېزىپ چىقىڭ.
  • كۆپ خىل گۇرۇپپا قۇرۇش: ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈش ، كۆز قاراش ۋە ماھارەتكە ئىگە بىر گۇرۇپپا قۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا گورۇپپىنىڭ ئىجادچانلىقى يۇقىرى ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ.
  • باھالاش ئۇسۇلى: سۆھبەت، ئىقتىدار سىنىقى ياكى پروجېكت تەلىپىگە تەكرار قاراپ چىقىش ئارقىلىق، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە پروجېكتكە ماس كېلىدىغانلىقىنى باھالاش كېرەك.
  • ھەرقايسى رول ۋە شەخسلەرنى ماسلاشتۇرۇش: شەخسنىڭ ئارتۇقچىلىقى ، قىزىقىشى ۋە مىجەز ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مەسئۇلىيەتنى تەقسىملەپ ، گورۇپپىنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ياخشىلاش كېرەك.
    1. گۇرۇپپا ئىچىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق:
  • ئېنىق ئالاقە قاناللىرىنى ئورنىتىش: ئۈنۈملۈك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى گورۇپپا ئەزالىرىغا ماس كېلىدىغان ئالاقە ئۇسۇلىنى (ئېلېكترونلۇق خەت، يىغىن ئۇسۇلى، تور سۇپىسى.. قاتارلىق) تېپىپ چىقىش كېرەك.
  • ئاكتىپ ئاڭلاش ۋە ئوچۇق ئالاقە: ئاكتىپ ئاڭلاش، ھۆرمەت بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ئوچۇق-ئاشكارە ئالاقە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، گورۇپپا ئەزالىرى ئارىسىدا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
  • قەرەللىك ئىنكاس ۋە نەتىجىنى باھالاش: قەرەللىك ھالدا ھەرقايسى ئەزالارنىڭ پروجېكتنىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئېلىپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ رىغبىتىنى باھالاپ تۇرۇش ۋە شەخسىي دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى بار يوقلىقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ، گورۇپپىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ تۇرۇش لازىم. مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەل قىلىش.
  • زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئىستراتېگىيىسى: پروجېكت مەسئۇلىنىڭ ۋە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ گۇرۇپپا ئىچىدىكى شەخسىي توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ماھارىتى بولۇش، ئىختىلاپنى ئىجابىي ھەل قىلىش ئىقتىدارى بولىشى لازىم.
  • ئېنىق ۋە ئىخچام ئالاقە: ئېنىق، ئىخچام ۋە ئىشەنچ بىلەن ئالاقىلىشىش مۇھىتى بولۇش كېرەك. كۆپچىلىكنىڭ پروجېكت نىشانى، مۆلچەرى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىڭ.
    1. رەھبەرلىك ۋە گورۇپپا ئەزالىرىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش:
  • مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ۋەزىپە تەقسىملەش: ۋەزىپىلەرنى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ۋەزىپە ئېلىش ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
  • قوللاش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش: گورۇپپا مەسئۇلى بارلىق ئەزالارنى يېقىندىن قوللىشى، يېتەكلىشى ۋە مۇھىم تەمىناتلارنى ۋاقتىدا تەمىنلەپ تۇرىشى لازىم. گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىشى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
  • ئېتىراپ قىلىش ۋە قەدىرلەش: گورۇپپىنىڭ ياكى ھەرقانداق بىر ئەزانىڭ مۇئەييەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەقدىرلەش ۋە تەبرىكلەش كېرەك. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى پروجكېتنىڭ مۇۋاپپىقىيەتلىك داۋاملىشىشىدىكى تۈرتكىلىك رولىنى تىلغا ئېلىپ تەقدىرلەپ تۇرۇش كېرەك.
  • بېسىم شارائىتىدە ئاكتىپ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىش: ۋاقىت قىستاپ قېلىش، مۇھىم كىشىلەرنىڭ رۇخسەت سورىشى… قاتارلىق بېسىمى شارائىتىدە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، خاتىرجەم، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن ئەھۋالدا داۋاملىق ئاكتىپ خىزمەت كەيپىياتى ساقلاشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە، قېيىنچىلىق ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوپچە مۇكاپات ياكى ساياھەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەيپياتنى ساغلام تۇتۇش لازىم.
  • ئاكتىپ ۋە سىغدۇرۇشچان مۇھىتنى يېتىلدۈرۈش: ئاكتىپ ۋە سىغدۇرۇشچان خىزمەت مۇھىتى بولمايدىكەن، ھېچقانداق بىر پروجېكت غەلبىلىك داۋاملاشمايدۇ. ھەرقانداق بىر گورۇپپا ئەزاسى قەدىرلىنىشى، ھۆرمەتلىنىشى، تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇلۇشقا مۇھتاج.
    1. مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە قارار چىقىرىش جەريانى:
  • ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش: تەپەككۇر قوزغىتىش پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ، بارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى راھەت بايان قىلىشقا سورۇن ھازىرلاش لازىم.
  • سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق قارار چىقىرىش: پروجېكت جەريانىدا گورۇپپا خىلمۇ-خىل قارار چىقىرىشقا مۇھتاج بولىدۇ. قارار چىقىرىشتىكى ئاساس نۇقتا، باشلىقنىڭ كۆڭلى، مەلۇم بىر كىشىنىڭ ھەسىتى، شەخسىي بىر پايدىغا ئېرىشىش قاتارلىق نۇقتىلارغا قېيىپ قالسا، مەغلۇبىيەت باشلاندى دېگەن گەپ. شۇڭا قارار چىقىرىش ئاساسىي مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات، تەتقىقات ۋە ئىلمىي تەھلىلگە تايىنىش كېرەك.
  • ئاشكارىلىق ۋە ئوچۇق ئالاقە: مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارە ھەمبەھىرلەش كېرەك. مۇمكىنقەدەر پۈتۈن گۇرۇپپا ئەزالىرىنى تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشتۇرۇش لازىم.

ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش

پروجېكتنىڭ ئىلمىي داۋاملىشىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇملارلارنى باشقۇرۇش ۋە ئۇنى قوللىنىش ماھارىتى بولىىشى كېرەك.

  1. ئۇچۇر توپلاش ۋە تەتقىقات ئۇسۇلى:
  • دەسلەپكى مەنبەلەر: سۆھبەت، تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ياكى تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ، پروجېكتىڭىزگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى يېتەرلىك مىقداردا توپلاڭ.
  • ئىككىلەمچى مەنبە: پروجېكت بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەمما ئۆگىنىش بىلەن پروجېكتنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرالايدىغان كىتاب، ماقالە، ژۇرنال، دوكلات ۋە تور سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلىنىش كېرەك.
  • مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش: تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە مۇھىم كۆز قاراشقا ئېرىشىش ئۈچۈن، كەسپىڭىز ياكى مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت ۋە چۈشەنچە سورىسىڭىز بولىدۇ.
    1. سانلىق مەلۇمات ئانالىزى ۋە باھالاش:
  • تەنقىدىي تەپەككۇر: ئۇچرىغانلىكى ئۇچۇرلارنى ھەقىقەت دەپ ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ھەر خىل مەنبەلەردىكى ئۇچۇرلارنىڭ توغرىلىقى، ئىشەنچلىكلىكى ۋە باغلىنىشچانلىقىنى تەنقىدىي باھالاڭ.
  • سانلىق مەلۇمات سۈزۈش ۋە تاللاش: تەتقىقات نىشانىڭىز ۋە پروجېكت ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى شاللاڭ ۋە تاللاڭ.
  • مىقدار ۋە سۈپەت ئانالىزى: مۇۋاپىق ئۇسۇللارنى (ستاتىستىكىلىق ئانالىز ، تېما ئانالىزى قاتارلىقلار) ئىشلىتىپ، سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزدىن چۈشەنچە ۋە پىكىر ھاسىل قىلىڭ.
    1. توغرا ئۇچۇرلارنى تاللاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش:
  • ئۇچۇر ئېھتىياجىنى پەرقلەندۈرۈش: پروجېكت نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى كونكرېت ئېنىق بەلگىلىۋېلىڭ.
  • بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە ئوبيېكتىپلىقنى چۈشىنىش: توپلىغان ئۇچۇر مەنبەلىرىگە يوشۇرۇنغان بىر تەرەپلىمە قاراشلاردىن ئىھتىيات قىلىپ، سانلىق مەلۇمات تاللاش ۋە تەھلىل قىلىشتا ئوبيېكتىپلىقنى ساقلاشقا تىرىشىڭ.
  • سانلىق مەلۇمات سۈزۈش ۋە تازىلاش: ئۇچۇلار ئارىسىدىن خاتا، ماس كەلمەيدىغان ياكى چالا ئۇچۇرلارنى بايقاش ۋە تۈزىتىش ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭ.
  • ئەخلاق قارىشى: نەشر ھوقۇقى قانۇنى ۋە سانلىق مەلۇمات مەخپىيەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئۇچۇرلارنى ئەخلاق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىشلىتىڭ.
    1. بىلىملەرنى ئەمەلىي قوللىنىشچان پروگراممىغا ئايلاندۇرۇش:
  • يېڭى بايقاشنى ھەمبەھىرلەش ۋە خۇلاسە چىقىرىش: تەھلىلىڭىزدىن يەكۈن چىقىرىپ، پروجېكت نىشانىڭىزغا تۆھپە قوشىدىغان مۇھىم كۆز قاراشلارنى يەكۈنلەپ چىقىڭ. ئاندىن ئۇنى ھەرقايسى ئەزالار بىلەن ئورتاقلىشىپ تۇرۇڭ.
  • ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئىستراتېگىيە تۈزۈش: ئەڭ يېڭى بايقاشلىرىڭىزنى ئىشلىتىپ ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىسى تۈزۈڭ، ھەرىكەت پىلانى چىقىرىڭ ياكى پروجېكت ھەققىدىكى قارارىڭىزنى خەۋەر قىلىپ تۇرۇڭ.
  • بىلىملەردىن تەڭ بەھرىلىنىش ۋە تارقىتىش: تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىز ۋە چۈشەنچىلىرىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك مەنپەئەتدارلار ، خىزمەتداشلار ياكى كەڭ جەمئىيەت بىلەن ئورتاقلىشىڭ.
  • ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ۋە ياخشىلاش: بىلىم ئاساسىڭىزنى يېڭىلاپ، يېڭى ئۇچۇر ۋە يېڭى يۈزلىنىشكە ئاساسەن پروجېكت قىلىش ئۇسلۇبىڭىز ۋە ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.