يۈك-تاق ئەقىدىسى

February 24, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 6 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

يۈك-تاق ئەقىدىسى

Cargo Cult

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى تۈپەيلىدىن، تىنچ ئوكياندىكى مېلانېزىيە Melanesian رايونىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ جەمئىيەتى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئېكسپېدىتسىيىچىلەر، دىن تارقاتقۇچىلار ۋە مەمۇرىي خادىملارنىڭ كۆپلەپ كېلىشى سەۋەپلىك زور مىقداردىكى ماددىي بايلىق ۋە تېخنىكا بۇ يەرلەرگە ئېلىپ كېلىنگەن ۋە ئارال خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇشى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. ماددىي گۈللىنىشتىكى غايەت زور پەرقنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەرلىك ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان. ئۇلار «سىرتتىن كەلگەنلەر» بەھرىمەن بولىدىغان مەھسۇلاتلار ( مال ۋە بايلىق ) نى كۆزەتكەندىن كېيىن، بۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارغا قانداق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئۇرۇنغان. ئەمما ئۇلارنىڭ «نېمە ئۈچۈن» دېگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەش ئۇسلۇبى بەكلا پەرقلىق بولغانىدى. ئۇلار ئاسماندىن ئۇچۇپ كېلىپ، تەييار يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئەسكىرىي ئايروپىلانلارنى كۆرۈپ، بۇنىڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي، «ئىلاھ تەرەپتىن كەلگەنلەر» دەپ يەكۈن چىقىرىشقان. ئەلۋەتتە «ئىلاھ تەرەپتىن كەلگەنلەر» مۇ شۇنداق چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق يەرلىكلەرنى كونترول قىلشقا ئۇرۇنغان. بۇ رايونلاردىكى ئۇرۇشلار ئاخىرلىشىپ، ئەسكەرلەر قايتىپ كەتكەندىن كېيىن، يەرلىك خەلق ئوخشاش سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ، ئولتۇرغان ھەتتا ئىلاھىي مۇراسىملار ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ئىلاھنىڭ بۇ نىئمەتلەرنى قايتىدىن ئارالغا يوللىشىنى تىلەشكەن. ئۇلار ياغاچتىن ئايروپىلان، ئايرودورم قاتارلىقلارنىڭ ھەيكىلىنى ياساپ، ئۇ «ئىلاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن» ئايروپىلانلارنىڭ «ئىلاھىي يۈك-تاقلار» نى ئېلىپ قايتىپ كېلىشىنى تىلىگەن.

ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن ئېچىنماي تۇرالمايمىز. ئۇنداقتا بۇنىڭغا سەۋەپ بولغان نەرسە زادى نېمە؟ بىز تۆۋەندىكىدەك يەكۈن چىقارساق بولىدۇ:

  1. زامان ھالقىغان دەرىجىدىكى مەدەنىيەت پەرقى. غەربنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئىپتىدائىي مەدەنىيەتتە قالغان يەرلىك خەلق، كۆز ئالدىدا تۇرغان بۇ دەرىجىدىكى پەرقلىق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرۈپ،چۈشىنىشكە ئامالسىز قالغان ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى يوقىتىپ قويغان. نەتىجىدە تېخىمۇ گۆدەكلەرچە قارار چىقىرىپ، ئاددىيلا ماددىۋىي ئۇقۇملارنىمۇ چۈشىنىشتىن ئاجىز كەلگەن.

  2. مۇستەملىكىچى كۈچلەرنىڭ رەھىمسىزلىكى. بۇ رايونغا ئۆزلىرىنى «ئىلاھ تەرەپتىن كەلگەنلەر» دەپ تونۇشتۇرغان مۇستەملىكە كۈچلەر، يەرلىك خەلقنىڭ ياشاش مۇھىتىنى شۇنچىلىك تۆۋەن كۆرۈشكەنكى، يەرلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قاراشلىرىنى قوغداپ قېلىشقا ئىنتايىن ئاجىز كەلگەن. مۇستەملىكىلىچلەرنىڭ پىكىرى ئويۇنىغا ئۇسۇل ئويناپ بەرگەن.

  3. دىننىي داھىيلىرىنىڭ ناكەسلىكى. ئۇلار كۆزىلىرى كۆرۈپ تۇرغان ھەقىقەتنى يولباشچىلىرى گۆدەكلەرچە چۈشەندۈرۈۋاتقىنىغا قارىتا ھىچ تەنقىدىي پىكىر ئۇسلۇبىنى لازىم تۇتمىغان. ئىسلام دىنىمىزدا بولسا دىنىي يولباشچىلارنىڭ خاتا قىلغىنى ئۆزىگە بولۇپ، نېمىلا دېسە بويسۇنىغان بۇيرۇق يوق. كىم خاتا قىلسا ئۇ خاتادۇر ۋە قۇبۇل قىلنمايدۇ. ئەگەر بىز دىننىي يولباشچىلىرىمىزنىڭ خاتالىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىپ ئەگەشسەك، بۇ دەل يۈك-تاق ئەقىدىسى بولۇپ قالىدۇ.

  4. مۇستەملىكە خەقلنىڭ پىسخىكىدىكى چېكىنىشى. مۇستەملىكە قىلىنىش ئۇزۇن داۋاملاشسا يەرلىك قەۋملەردە ئاۋام خاراكتېردىكى پىسخولوگىيەلىك مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. تەۋەلىك تۇيغۇسى، قىممەت قاراش ئۇقۇمى، ئۈمۈدى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش قاتارلىق بىر مىللەتنىڭ ئەڭ مۇھىم روھى تايانچلىرى ئاجىزلايدۇ، نەتىجىدە ئۈمۈدسىز ۋە روھسىز بىر قەۋم بەرپا بولىدۇ. ھەتتا دىننىي ئېتىقادىنىمۇ مۇستەملىكىچى كۈچلەرگە بۇزۇپ بېرىدۇ.

  5. خاتا ئۇچۇر ۋە خاتا چۈشەنچە. مۇستەملىكە كۈچلەر بەرگەن خاتا ئۇچۇرلار سىستېمىلىق ھالدا داۋاملاشسا، بىر پۈتۈن قەۋمنىڭ پىكىرىنى بۇزىۋېتىشى مۇمكىن. خەلقلەرنىڭ پىكىرى يېتەكلىنىشى، مىش-مىش پاراڭلار، كوچا سۆھبەتلىرى، ئەپسانىلەر قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق مەنبەلەر ئومۇميۈزلۈك خاتا ئۇچۇر بىلەن بۇزىۋېتىلسە، پۈتكۈل قەۋم خاتا چۈشەنچىگە كېپ قالىدۇ.

  6. ئىنساندا داۋاملىق گۈزەل ئاقىۋەتكە بولغان ئۈمۈد مەۋجۇد بولىدۇ. بۇ ئۈمۈدكە ئېرىشىشنىڭ يولى خاتا تاللانسا پاجىئەلەر كېلىپ چىقىدۇ. يۈك-تاق ئەقىدىسىگە كەپ قالغان يەرلىك خەلق ياخشى سانائەت مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشىشنىڭ يولىنى، مائارىپ، ئىشچانلىق، ئەمگەك قاتارلىق رىئال مەسىلىلەردىن ئىزدىمەستىن، ھورۇنلارچە ئاسماندىن چۈشۈشىنى كۈتۈپ ياتقان. ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ ئۇسلۇبىنى ھەقلىق سەۋەپتىن ئىزدەشنى تەرك ئەتكەن.

  7. ئۇلار سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى خاتا چۈشەنگەن. يەرلىك خەلق مۇرەككەپ ئىجتىمائىي سىستېما بىلەن ئۇچرىشىشى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن بايلىق، تېخنىكا، كۈچ پەرقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىگەن بولۇپ، بىلىمسىزلىك ئۇلارنى ئىنسانلار ئارىسدىكى پەرقلەرنى ئىلاھلاشتۇرۇپ يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەپ بولغان.

  8. ئۇلار ئۆزىگە ناتۇنۇش شەيئىگە نىسبەتەن چۈشىنىشنى نىشان قىلماستىن تەقلىد قىلىش بىلەن كۇپايىلەنگەن. رىئال دۇنيادىكى يېڭىلىقلارنى پەقەتلا تەقلىد قىلىپ ئۆتۈپ كەتمەسلىك لازىم. ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرۈش كېرەك. بولمىسا كۈلكىلىك يەكۈنلەرگە دۇچار بولىدىغان گەپ.

يۈك-تاق ئەقىدىسى شۇنداق پەس بىر ئەقىدە بولۇپ، مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ئەرزىمەيدۇ. ئەمما بۇ يەردە بىز بىر ئەقىدەۋىي خۇراپاتلىقنى تەنقىد قىلغان ئىكەنمىز، بەزى تېمىلاردا تەپەككۇر قىلىپ باقساق بولىدۇ. چۈنكى ئۆزىنى ئىسلامغا نىسبەت بېرىپ تۇرۇپ، ئىسلامدىن يات پىكىرلەردە بولىۋاتقان بىدئەت پىكىرلەرنىڭ ئىسلامدا ئەمەس، بەلكى يۈك-تاق ئەقىدىسىگە ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز:

  1. ئىسلام دىنى بىلەن يۈك-تاق ئەقىدىسىنىڭ ئاساسلىق ھەل قىلىش نىشانى پەرقلىق. يۈك-تاق ئەقىدىسىدە كىشىلەر پەقەتلا ماددىي نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمما ئىسلام دىنى بولسا ئىنسانلارغا روھى كۆرسەتمە بېرىش ئۈچۈن رەببىمىز اللە تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەق دىندۇر.

  2. ئىسلام دىنى قىيامەتكىچە كەلگەن بارلىق مەدەنىيەت ۋە قەۋملەرگە ماس كېلىدۇ. ئەمما يۈك-تاق ئەقىدىسى بولسا پەقەت ئىپتىدائىي مەدەنىيەتتە قالغانلارنىلا ئالدىغىلى بولىدىغان گول ئەقىدە. كۈچلۈك مەدەنىيەتلىك قەۋملەرنىڭ ئىشىنىشى مۇمكىن ئەمەس.

  3. ئىسلام دىنى باتۇرلۇق، ئىشچانلىق، قەيسەرلىك قاتارلىق ئىنسان تەبىئىيىتىدىكى گۈزەل ئەخلاقلارغا بۇيرۇيدۇ. ئەمما يۈك-تاق ئەقىدىسى پىكىرى ھورۇنلۇق، مۇستەملىكە قىلىنىپ خارلىنىش، غورۇرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان.

  4. ئىسلام دىنى سىرتقا دەۋەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئەمما يۈك-تاق ئەقىدىسى بولسا يەرلىك ئارال خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇلىرى ئارقىسىدىنلا ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ جەھەتتىن ھەرگىزمۇ بىر سەۋىيەدىكى ئۇقۇم ئەمەس.

  5. ئىسلام دىنى كۆرسەتمىلىرىگە قارىتا ھېچقاچان تەپەككۇردىن خالى قالماسلىققا تەرغىپ قىلىدۇ. يەنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئىشىنىشكىلا بۇيرۇيدۇ. تەپەككۇرنىڭ قىممىتىنى بېرىدۇ. ئەمما يۈك-تاق ئەقىدىسى بولسا ھېچقانداق تەپەككۇرغا ئۈندىمەيدۇ، ئەكسىچە تەپەككۇردىن ئەڭ بەك قورقىدۇ. چۈنكى تەپەككۇردىن كېيىن پۈتۈن پىكىرى بىتچىت بولۇپ كېتىدۇ.

  6. ئىسلام دىنىدا بىر ئىنساننىڭ ھاياتىنى سەرپ قىلىپ ئاران ئۆگىنىپ بولغىدەك دەرىجىدە ئىلاھى بىلىملەر بار. ھەتتا تەقۋالىق قىلمىغۇچە ئېرىشكىلى بولمايدىغان بىلىملەرمۇ بار. ئەمما يۈك-تاق ئەقىدىسىدە ھېچقانداق پىكىرى قۇرۇلما يوق. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ پىكىرى ئۆلچىمىگە ماس ئۇقۇملاردىن تۈزۈلىدۇ.

  7. يۈك-تاق ئەقىدىسىدە داۋاملىق ئىلاھىي ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان ئىلاھىي كىشىلەر بولىشى كېرەك. چۈنكى نەق ۋاقتىدە ھېچكىم بىلمەيدىغان گەپلەرنى قىپ بېرىشى لازىم. ئەمما ئىسلام دىنىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئاسماندىن ۋەھىي ئېلىپ چۈشكۈچى بولمايدۇ. شۇڭا كىم ئىسلامدىن سۆزلەيدىكەن، دەلىلگە ئاساسلىنىشى كېرەك. ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ سۆزىگە تەنقىدىي قاراش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىر كىشى ئۆزىنىڭ سۆزىنىڭ شەرتسىز قۇبۇل قىلىنىشىنى كۈتسە، يۈك-تاق ئەقىدىسى بىلەن ئوخشاش بولغان تۆۋەن دەرىجىلىك تەپەككۇردا قالغان بولىدۇ.

  8. ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى ھاياتى دۇنيادىكى اللە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان قانۇنىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، ھەرىكەت قىلىشىغا، تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە، ئۆگىنىش قىلىشىغا ۋە تەپەككۇر قىلىشىغا تەرغىپ قىلىدۇ. ئۈستۈن بىر مەھسۇلاتقا ئېرىشمەكچى بولسا شۇنىڭغا ماس ھالدىكى سەۋەپلەرنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئەمما يۈك-تاق ئەقىدىسى بولسا، ماددىي نەرسىلەرگە ھىچ تىرىشچانلىق قىلمايلا ئاسماندىن چۈشۈشىنى ئۈمۈد قىلىپ ساقلاپ ئولتۇرىدۇ.

بۇ ھەقتە ئىشلەنگە بۇ ۋىديولارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:

CARGO CULT - animated short film

The Cargo Cult Phenomena

گۈزەل ئىسلام بىلەن شەرەپلەندۈرگەن رەببىمىز اللەقا ھەمدۇ-سانالار بولسۇن!