خىتاينى چۈشىنىش 3

May 03, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 5 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

خىتتاينىڭ “دورا ئۆسۈملۈكلىرى قامۇسى”مۇ ياكى شەيتان قامۇسىمۇ؟

لۇتپۇللا ئەكرەم

21.06.2021

سىز بەلكىم خىتتايلارنىڭ دائىم ھەرقايسى مېدىئالاردا، خەلقارا سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى دۇنيا مەدىنىيتىگە كاتتا تۆھپە قوشقۇچى، پارلاق مەدىنىيەت ئىگىسى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان بولىشڭىز مۈمكىن. ياكى بەلكىم تارىخي يازمىلاردىن 50- يىللىرى جېفاڭجۈننىڭ ( خىتتاي ئازاتلىق ئارمىيسى) تۈركىستان زىمىنىغا مۆرىسىگە كەتمەن ئارتىپ، پۇتىغا ئەسكى لاتا خەي كىيگەن ھالدا بېسىپ كىرىپ، ئۇيغۇرلارغا مەدىنىيەت ئۆگەتكىلى كەلگەنلىكىدەك بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئارسىدىكى ئاز ساندىكى ئىنساپلىقلىرى ئاڭلاپ قالسا ياتقان گۆرىدىن چۆچۈپ قوپۇپ كەتكىدەك دەرىجىدىكى تەشۋىقات شۇئارلىرىنى ئوقىغان بولىشىڭىز مۈمكىن. خىتتايلارنىڭ 2000 يىللىق تارىىخى راستىنلا ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇپ ياشىغان، مەدىنىيلەشكەن شانلىق تارىخمۇ؟ ئۇلارنىڭ تىللىرىدىكى ئەنئەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ھەقىقەتەن ئىلغار ۋە مەدىنىيلەشكەن ئۈلگىلىك مىراسلارمۇ؟

ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا گەرچە قوش تىل مائارىپىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ‘پارلاق جۇڭخۇا مەدىنىيتى’نى ۋە مەدىنىي مىراسلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ،ئەمما ھەر قېتىم خەنلەرنىڭ ئاغزىدىن مەدىنىيەت سۆزى چىققاندا، كۆز ئالدىمغا دائىم مەھەللىمىزنىڭ بىر چەت بۇلىڭىدا ئولتۇردىغان بىر تەرەپتىن تاماق يېگەچ يەنە بىر تەرەپتىن مىشقىرىپلا تۇرىدىغان،يىللاپ بەدىنىگە سۇ يۇقتۇرمايدىغان، گەپ قىلسا ھىجىيىپلا تۇرۇپ گەپ قىلىدىغان، ئۆيىنىڭ نەچچە مېتىر نېرىسىغىمۇ پۇراپ تۇرىدىغان قانسىق پۇراق ھىدى دىمىققا ئۇرۇلۇپ، كۆڭۈللەرنى ئېلىشتۇرۇپ بىزنى چاققان مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىدىغان سىچۇنلىك ماڭلور خىتتاي ئىشلەمچىلىرى كېلەتتىدە، گەرچە مەدىنىيەت سۆزىنى تولۇق چۈشەنمىسەممۇ بۇ مىللەتكە ۋە خەلىققە ئازراقمۇ يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاتتىم ۋە نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنى “مەدىنىيەتلىك “ ئاتىيالايدىغانلىقىنى چۈشەنمەيتتىم ۋە قايمۇقاتتىم. بۇ قايمۇقۇش يېشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ، خىتتاي جەمىئىيتى بىلەن تونۇشۇش ۋە خىتتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر مەكتەپلەردە ئوقۇغاندىن كېيىن تېىمۇ بەك چوڭايدى. ئاخىرى بۇ قايمۇقۇش ھىسياتى ھاقارەت ۋە نۇمۇس قىلىش تۇيغۇسىغا ئۆزگەردى. چۈنكى دۇنيادا بۇنداق مەدىنىيەتسىز،ئەخلاقسىز، قالاق بىر مىللەتنىڭ بىزدەك بۈيۈك ئىسلام ۋە تۈرۈك مەدىنىيەت ۋارىسلىرىغا مەدىنىيەت ئۆگەتمەكچى بولغىنىدىنمۇ چوڭ مەسخىرە ۋە ھاقارەت بارمۇ؟

ۋەتەندىكى چاغلىرىمدا بۇ مىللەت ھەققىدە پەقەت ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان ھىسسىي چۈشەنچىلەر بىلەنلا ياشاپتىكەنمەن. بۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ھالغا كېلىپ قالغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ تارىخي، ئەنئەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ۋە مەدىنىي مىراسلىرى ھەققىدە ئىزدىنىش ئاساسەن يوق دېيەرلىك. ئەلۋەتتە، ۋەتەندىكىدەك شارائىتتا، نۇرغۇنلىغان تارىخلار بۇرمىلانغان، ئۆز تىلىمىزدا بۇ “خوجا ئاكا” مىللەت ھەققىدە ئۇيغۇرچە ئەينەن يېزىش مۈشكۈل بولغان ھالەتتە، چۈشەنچىنىڭ تۆۋەن بولىشى تەبئىي ئەھۋال. ئەمما ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئىش چەت ئەلگە چىققاندىن كېيىن تامامەن ئۆزگەردى. بۇ يەردە سىز خىتتايلار ھەققىدە مەيلى قەدىمكى زامان تارىخى بولسۇن ياكى كومپارتىيە تارىخى بولسۇن خاتىرجەم ھالدا ئەڭ ئىشەنچىلىك ماتىرياللار ئارقىلىق ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز.

گەرچە سۆزلىرىم كۆپ بولسىمۇ، ۋاقىت ئېتبارى بىلەن نەق تېمىغا كەلسەم، چەت ئەلگە چىقىپ خىتتاي ھەققىدە ئۆگىنىشنى باشلىغان ۋاقتىمدا،مېنى قەدەمدە بىر ئىلگىركى ھاياتىمدا بولۇپ باقمىغان يېڭىچە ھېس تۇيغۇ قاپلىدى. ئۇ بولسىمۇ قاتتىق چۆچۈش، يىرگىنىش، شۈركىىنىش ۋە قاباھەت تۇيغۇسى ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى دەل لۇشۈننىڭ “سەۋدائىيلىق خاتىرىسى” نى ئوقۇۋاتقان چاغدا يۈز بەردى. لۇشۈن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: [1]” مەن بۇ بىرنەچچە كۈن قايتا ئويلاندىم، ئەگەر ئۇ قېرى جاللات بولماي راستىنلا دوختۇر بولسىچۇ، شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ يەنىلا ئادەم يەيدىغان ئادەم. ئۇلارنىڭ “بوۋىسى” لىشىجىن يازغان “دورا ئۆسۈملۈك بىرنىمىسى” دە ئوچۇق قىلىپ ئادەم گۆشىنى پىشۇرۇپ يېسە بولىدۇ دەپ يازغان. ئۇ يەنە ئۆزىنى ئادەم يېمەيمەن دېيەلەمدۇ؟” . مەن بۇقۇرلارنى ئوقۇغان چېغىمدا كۆزۈمگە ئىشەنمەي ھەيرانلىق ئىچىدا تۇرۇپلا قالدىم. ۋە ئۆز ئۆزۈمگە:” بۇ خەنلەر جۇڭخۇا مەدىنىيتىنىڭ گۆھىرى دەپ يۈرگەن شاھانە ئەسىرى دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى شۇ ئەمەسمۇ؟؟ بۇنداق مەشھۇر ئادەم قۇتقۇزدىغان كىتاپتا قانداقلارچە بۇنداق ئىشلار بولسۇن؟ لۇشۇن خاتالاشتىمۇ قانداق؟” دېگەن سوئاللارنى قويدۇم. بۇ خىتتاينىڭ پەخىرلىك كىتاپنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ بېقىش مەقسىتىدە ئوقۇشقا باشلىدىم. بىر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن بۇ كىتاپنى قايسى سۆز بىلەن ئىپادىلەشنى پەقەت بىلمىدىم ۋە تېڭىرقىدىم. شۇڭا مەن خىتتايلارنىڭ شاھانە ئەسىرى بولغان بۇ، دۇنياغا داڭلىق تىببىي كىتابى “ دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسسى” ھەققىدە كۆرگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ، بۇنى ئۆزىڭلارنىڭ باھا بېرىشىگە قويۇشنى لايىق تاپتىم.

“دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى” خىتتاينىڭ 16- ئەسىردىن بۇرۇنقى دورا ئۆسۈملۈك بىلەن داۋالاش ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى مۇجەسسەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن ئەسەر بولۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ 6- يىلى يەنە مىلادىيە 1578 –يىلى يېزىپ تاماملانغان ئەسەر. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى لىشىجىن خۇبىي ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭگاڭ شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، مىلادىيە 1518- تۇغۇلۇپ 1593- يىللىرى ئەتراپىدا ۋاپات بولغان. لىشىجىن خىتتاي تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق تىۋىپ ۋە ئۆسۈملۈكشۇناس دەپ ئاتالغان بولۇپ، بىئەنچۆ، خۇاتو ۋە جاڭجۇڭجىن بىلەن بىللە تارىختىكى تۆت مەشھۇر تىۋىپ قاتارىغا تىزىلغان.( گەرچە تارىخشۇناسلار بۇ تۆتنىڭ بەزىسىنى تارىختا بولۇپ باقمىغان دەپ گۇمان قىلسىمۇ،بىر قىسىم خىتتايلار شۇنداق ئاتىۋالىدۇ). لىشىجىن “دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى”نى 27 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېزىپ چىققان بولۇپ، كىتاپنى تاماملاش ئۈچۈن ھەرقايسى يۇرتلارنى كەزگەن، 800 پارچىدىن ئارتۇرق ئىلگىركى خىتتايچە تىببىي يازمىلارنى ئاساس قىلىپ تاماملىغان. بۇ كىتاب 52 جىلت 16 بۆلۈمگە ئايرىلغان بولۇپ جەمىئىي 60 تۈرگە بۆلىنگەن. بۇ بۆلۈملەر سۇ، ئوت، تۇپراق، ئالتۇنتاش، ئۆسۈملۈك،ئاشلىق،كۆكتات،مېۋە،ياغاچ، بۇيۇملار، قۇرۇتلار،قاسراقلىق ھايۋان،تەڭگىچە ھايۋان،ئۇچار قانات ھايۋان،يىرىتقۇچ ھايۋان، ئادەم قاتارلىقلاردۇر.

ۋاقىت ئېتبارى بىلەن،مەن بۇ يازمامدا ‘ئاساسلىق ئادەم بۆلىمى ‘ ھەققىدە توختالماقچىمەن. لېشىجىن “دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى”دا ئادەم بۆلىمىنى 37 تۈرگە ئايرىغان، يەنە ئادەمنىڭ 37 ئەزاسىنى خام ماتىريال قىلىپ تۇرۇپ 284 دورا رىتسىپنى تەييارلاپ قالدۇرغان. بۇلار تۆۋەندىكىچە : 1. ئادەم چېچى،2. قالايمىقان چاچ،3.باشتىكى كېپەك،4.قۇلاق كىرى،5.تىزنىڭ كىرى،6.تىرناق،7.چىشتىكى قالدۇق،8.ئادەم پوقى، 9.بوۋاقنىڭ پوقى،10.ئادەم سۈدىكى،11. سۈدۈكنىڭ قۇرغان قالدۇقى،12.سۈدۈك ئاجراتىلمىسى،13.سۈدۈك تېشى،14.بۆرەكتىن چىققان تاش،15.ئانا سۈتى،16.ھەيىز ،17.ئادەم قېنى،18.ئادەمنىڭ تۈكىركى،19. ئادەمنىڭ ئىسپىرمىسى،20.ئادەمنىڭ چىشى،21.ئادەمنىڭ تەرى،22.كۆز ياش،23.ئادەم قۇۋۋىتى،24.ئادەم روھى،25.ئادەمنىڭ ساقىلى،26.ئەۋرەت تۈكى،27.ئادەمنىڭ سۆڭىكى،28.ئادەمنىڭ باش سۆڭىكى،29.بالا ھەمراھى،30.ئېچىتىلغان بالا ھەمراھى سۈيى،31.كىندىك بېغى،32.ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى،33.ئادەم ئۆتى،34.ئادەم گۆشى،35.ئادەم جەسىتى(مومىياسى)،36.تۇپراق روھى،37. ئادەم روھى. بۇلارنىڭ 13 تۈرىنى لىشىجىن كەشىپ قىلغان بولۇپ قالغان 24 خىل تۈرى ئىلگىركى كىتاپلاردىن توپلىغان.

يۇقىرىدىكىسى ئۆزۈم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان تەرجىمىسى بولۇپ بۇنىڭ ئەسلىسى تۆۋەندىكىچە:[2]

发、乱发、头垢、耳塞、膝头垢、爪甲、牙齿、人屎、小儿胎屎、人尿、溺白、秋石、淋石、癖石、乳汁、妇人月水、人血、人精、口津唾、齿、人汗、眼泪、人气、人魄、髭须、阴毛、人骨、天灵盖、人胞、胞衣水、初生脐带、人势、人胆、人肉、木乃伊、方民、人傀 يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بۇ 37 ئادەم ئەزاسىدىن پايدىلىنىپ 284 دورا تەييارلىغان بولۇپ خېلى بىر قىسىملىرى تاكى ھازىرغىچە جۇڭيى تىبابىتىدە كەڭ دائىرىدە قوللىنىلماقتا. تۆۋەندە بىز بۇ رىتسىپلارنىڭ بىر قانچسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى .


1- ئادەم پوقى

[پۇرىقى]

ئاچچىق،( تەبىئىيتى) سوغۇق،زەھەرسىز

[تەسىرى]

زەھەر قايتۇرۇپ، ياللۇغنى قايتۇردۇ،

[باشقا نامى]

سېرىق ئەجدىرھا شورپىسى،ئادەم سېرىقى

[ياسىلىش ئۇسۇلى]

چوڭ ئىدىشقا ئادەم پوقى قاچىلىنىپ، ئاغزى مەھكەم يېپىلىدۇ ۋە پوقنىڭ شەربىتى ئېلىنىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. ( بۇلاردىن باشقا يەنە بىرقانچە خىل تەييارلاش ئۇسۇلى بار بولۇپ بۇ يەردە پەقەت بىر خىل ئۇسۇللا تىلغا ئېلىندى) ئەسلى تېكىستى: 【释名】 人粪(《别录》)、大便。 【气味】 苦,寒,无毒。 【主治】 时行大热狂走,解诸毒,捣末,沸汤沃服之(《别录》)。伤寒热毒,水渍饮之,弥善。新者,封疔肿,一日根烂(苏颂)。 粪清 【释名】 黄龙汤(弘景)、还元水(《菽园记》)、人中黄。弘景曰︰近城市人以空罂塞口,纳粪中,积年得汁,甚黑而苦,名为黄龙汤,疗瘟病垂死者皆瘥。大明曰︰腊月截淡竹去青皮,浸渗取汁,治天行热疾中毒,名粪清。浸皂荚、甘蔗,治天行热疾,名人中黄。 震亨曰︰人中黄,以竹筒入甘草末于内,竹木塞两头,冬月浸粪缸中,立春取出,悬风处阴干,破竹取草,晒干用。汪机曰︰用棕皮绵纸上铺黄土,浇粪汁淋土上,滤取清汁,入新瓮内,碗覆定,埋土中 【主治】 天行热狂热疾,中毒,蕈毒,恶疮(大明)。热毒湿毒,大解五脏实热。饭和作丸,清痰,消食积,降阴火(震亨)。


2- ئەرلەرنىڭ ئەۋرىتى

[باشقا نامى ۋە چۈشەندۈرىلىشى]

ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسى. خاڭجۇ شەھىرىدە شىن فامىللىك باسقۇنچىلىق قىلىپ قويۇپ ئۆز ئەۋرىتىنى كىسىپ تاشلىغان ۋە قان ئايلارچە توختىمىغان. شۇنىڭدىن كىيىن رىتسىپ بويىچە ئەۋرىتىنى ئىزىپ ھاراق بىلەن قوشۇپ يەپ بەرگەن ۋە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن سەللىمازا ساقايغان.

[تەسىرى]

يارا ئېغىزى ئەسلىگە كېلىش، قان توختىتىش

ئەسلى تېكىستى:

【释名】

阴茎。时珍曰︰人阴茎,非药物也。陶九成《辍耕录》载︰杭州沈生犯奸事露,引刀自割其势,流血经月不合。或令寻所割势,捣粉酒服,不数日而愈。观此则下蚕室者,不可不知此法也。故附于此云。 【主治】

下蚕室,创口不合(时珍)


3- ئادەم گۆشى

[تەسىرى]

ئۆپكە كېسەللىكلىرگە شىپا

[باشقا نامى ۋە چۈشەندۈرىلىشى]

جاڭبوئېرنىڭ ئانىسى ئاغرىپ قالدى ۋە گۆشىنى كىسىپ يىدى ساقايمىدى، خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، بالىسنى ئۆلتۈرۈپ خۇداغا رەخمەت ئېتماقچى بولدى ۋە ئۆلتۈردى ئاندىن كېسىلى ساقايدى.(قىسقارتىلدى) ئەسىلى تېكىستى:

【主治】

瘵疾(藏器)。

【发明】

时珍曰︰张杲《医说》言︰唐‧开元中,明州人陈藏器著《本草拾遗》,载人肉疗羸瘵。自此闾阎有病此者,多相效割股。按︰陈氏之先,已有割股割肝者矣;而归咎陈氏,所以罪其笔之于书,而不立言以破惑也,本草可轻言哉?呜呼﹗身体发肤,受之父母,不敢毁伤。父母虽病笃,岂肯欲子孙残伤其支体,而自食其骨肉乎?此愚民之见也。按︰何孟春‧《余冬序录》云︰江伯儿母病,割胁肉以进。不愈,祷于神,欲杀子以谢神。母愈,遂杀其三岁子。事闻太祖皇帝,怒其绝伦灭理,杖而配之。下礼部议曰︰子之事亲,有病则拜托良医。至于呼天祷神,此恳切至情不容已者。若卧冰割股,事属后世。乃愚昧之徒,一时激发,务为诡异,以惊世骇俗,希求旌表,规避徭役。割股不已,至于割肝,割肝不已,至于杀子。违道伤生,莫此为甚。自今遇此,不在旌表之例。呜呼﹗圣人立教,高出千古,韪哉如此。又陶九成《辍耕录》载︰古今乱兵食人肉,谓之想肉,或谓之两脚羊。此乃盗贼之无人性者,不足诛矣。


4- ئاياللارنىڭ ھەيزى

[باشقا نامى ۋە چۈشەندۈرىلىشى]

جىنىس سۇيۇقلۇق،ئاياللاردىن ئايدا بىر كېلىدىغان قان ئاساس بولغان سۇيۇقلۇق

[پۇرىقى]

تۇزلۇق،(تەبىئىيتى) نورمال،زەھەرسىز

[تەسىرى]

زەھەر قايتۇرۇش

[ياسىلىش ئۇسۇلى]

ھەيىزنى ئوتتا قاقلاپ قۇرۇتۇپ سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بېرىش، ئاياللارنىڭ ھەيىز قالدۇقى بولغان لاتىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئۇۋۇقىنى ھاراق بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىىلىش.

مەن يۇقىردا پەقەت ئادەم بۆلىمىدىكى 284 خىل رىتسىپنىڭ 4 رىتسىپىنىلا بايال قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم. بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان يىرگىنىشلىك ئادەم رىستسىپىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن بۆلىملەردە كىشىنى يىرگەندۈرگىدەك رىتسىپلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىسىز، مەسىلەن:[3] بېلىق تورىنى سۇدا پىشۇرۇپ يەپ بەرسە، بېلىق قىلتىرقى تۇرۇپ قالغانغا پايدىلىق.[4] پەرزەنت كۆرەلمىسە، پانۇس بايرىمىدا بايلارنىڭ ئېسىپ قويغان پانۇسلىرىنى ئوغۇرلاپ كارۋاتنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويسا پەرزەنت كۆرىدۇ. [5]ئارغامچىغا ئېسىلىپ ئۆلىۋالغۇچىنىڭ ئارغامچىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى سۇ بىلەن قوشۇپ ئىچىپ بەرسە سەۋدايىلىققا پايدا قىلىدۇ دېگەندەك.

مانا بۇ بولسا بىزنى بېسىۋالغان، بىزگە مەدىنىيەت ئۆگەتمەكچى بولغانلارنىڭ مەدىنىيەت گۆھىرى. بەزىلەر بەلكىم بۇ ئەسەرنىڭ ئاز بولسىمۇ بەزى ئۆسۈملۈك ھەققىدە پايلىق تەرەپلىرى بارغۇ دېيىشى مۈمكىن. مەن ئىلگىرى بىر ئۆلىمانىڭ:”شەيتان ھېچ قاچان پۈتۈنلەي خاتانى كۆرۈرۈپ كېلىپ كىشىلەرنى ئازدۇرمايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنىڭغا ھىچكىم ئەگەشمەيدۇ “ دېگەننى ئاڭلىغان ئىدىم. مېنىڭ بۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىممۇ شۇكى ، ئىنسانىيەت تارىخىدا بۇنىڭدەك يىرگىنىشلىك ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مەزمۇنلار ئالدىدا ئازغىنە توغۇرلىقى بۇ كىتاپنى تېخمۇ بەك يىرگىنىشلىك كۆرسىتىدۇ چۈنكى، پۈتۈنلەي خاتا بولسا بەلكىم بۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەر ۋە ھازىرغىچە بۇنى كۆتۈرۈپ يۈرگىچىلەر چىقماسلىقى مۈمكىن ئىدى. ئاخىرقى سۆزۈم شۇكى،خىتتاي ئەنئەنىۋىي قىممەت قاراشلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ رەزىل ۋە ئەڭ يىرگىنىشلىك تەرىپىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ،ھېلىھەممۇ خىتتاي خەلقى ۋە خىتتاي كومپارتىيسى ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن بۇ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلماقتا. بۇنىڭغا قارشى تۇرىۋاتقان بىزلەر، بۇلارنى ئەسلى ماھىتىدىن چۈشىنىشىمىز ۋە شۇنىڭغا لايىق ھەركەت ئېلىپ بېرىشنى بىلىشىمىز لازىم. خۇددى ئېينىشتىيىن خىتتاي مىللىتى ھەققىدە ئېتقىنىغا ئوخشاش: “ئەگەر بۇ خىتتاي مىللىتى باشقا ھەممە مىللەتلەرنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ كەتسە، ئۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولىدۇ. بۇ بىزدەك كىشىلەرگە نىسپەتەن ھەتتا ئازراق بولىسىمۇ بۇنداق تەسسەۋۇر قىلىپ سېلىش كىشىنى ئازاپلايدىغان بىر ئىش”..

مەنبە:
[1] 鲁迅 狂人日记第一部第五章
本草纲目 - 维基百科,自由的百科全书 https://zh.wikisource.org/…/%E6…/%E4%BA%BA%E9%83%A8…
[3] 《本草纲目·服器部第三十八卷·鱼网》
[4] 本草纲目·服器部第三十八卷·灯盏》
[5] 《本草纲目·虫三·萤火》
本草纲目/人部 - 维基文库,自由的图书馆 (wikisource.org)[6]
[7] 《本草纲目》上有文,人肉可以煎吃,谁能摘录来看? - 知乎 https://www.zhihu.com/question/37515617
[8]《人部·本草纲目》目录《本草纲目》图文版在线阅读【中医宝典】 (zhongyibaodian.com)
《本草纲目》不止屎尿屁?——本草纲目之人药研究更雷人 - 知乎 https://zhuanlan.zhihu.com/p/34181092[10] [9]