خىتاينى چۈشىنىش 4

May 04, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ ھېكايىسى

خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ ھېكايىسى

تارىخشۇناس جېيمىس كارتېر (ئامېرىكا)

ئىنگىلىزچىدىن ئۆتكۈر ئالماس تەرجىمىسى

خىتاي تارىخىدىكى بۇ ھەپتە: 1964 – يىلى 16 – ئۆكتەبىر

خىتاي رەھبەرلىرى پۈتۈن دىققىتىنى پەرداز ئۈستىلىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، چېچىنىڭ ئۆرۈلۈپ بولۇشىنى ساقلاۋاتقان «چيۇ خانقىز»غا مەركەزلەشتۈرگەنىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلار نورمال ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن نۇرغۇن ئېنگلىز مىلى يىراقلىقتىكى قۇملۇقنىڭ ئىچىگە جايلاشقان «پەرداز ئۈستىلى» خۇددى مەزكۇر گىرىم قىلىش تەرتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەۋقۇلئاددە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزگىچە ئىدى. ئەگەر بۇ «ئۆرۈمە»دىن چاتاق چىقسا، خىتاي دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئالدىدا ئېغىر سەتچىلىككە قالاتتى.

ھالبۇكى، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىتاي ۋاقتى سائەت ئۈچتە، «چيۇ خانقىز» كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك چاقنىغان نۇر ئىچىدە پارتلىدى، ئارقىدىنلا گۈمبەمەدەكسىمان بۇلۇت شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرقىي رايونىنىڭ ئاسمىنىغا كۆتۈرۈلدى.

ئەلۋەتتە، «چيۇ خانقىز» بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بولماستىن، خىتاينىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسىنىڭ كود ئىسمى ئىدى. ئۇ 1964 – يىلى 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، 102 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار («پەرداز ئۈستىلى»)نىڭ ئۈستىدە، «ئۆرۈمە» (پارتلىتىش ئەسۋابى) تەرىپىدىن پارتلىتىلدى.

يېقىندىن بۇيان، ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ۋەھشىي جىنايەتلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ۋە (شۇنىڭغا قارشى) ئىنكارلارنىڭ خىتاينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىگە كۆلەڭگە تاشلىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ دىققەت – نەزىرى پات – پاتلا شەرقىي تۈركىستانغا مەركەزلىشىپ تۇردى. بۇ ھەپتە، بىز ئۆتمۈشتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرىكىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر پەيتنى كۆزدىن كەچۈردۇق، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى يادرو قورالىغا ئىگە بەشىنچى (شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي ئېتىراپ قىلىنغان) دۆلەتكە ئايلانغانىدى.

ماۋ زېدۇڭ 1955 – يىلىلا خىتاينىڭ يادرو قورالىغا ئېرىشىش غەرىزىنى ئىزھار قىلغانىدى. بولۇپمۇ 1954 ~ 1955 – يىللىرى تەيۋەن بوغۇزى كرىزىسى مەزگىلىدىكى (ئامېرىكادىن كەلگەن) يادرو قوراللىرى تەھدىتى ماۋ زېدۇڭنى ئاتوم قورالى بولمىسا، خىتاي ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ قوغدىيالمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغانىدى. نەتىجىدە، خىتاي بۇ جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئاساسلىق ئېنگلىزچە مەنبە جون ۋىلسون لېۋىس (John Wilson Lewis) ۋە شۆ لىتەي (Xue Litai) بىرلىشىپ يازغان، 1988 – يىلى نەشر قىلىنغان «خىتاينىڭ بومبا ياسىشى» (China Builds the Bomb) دېگەن كىتاب بولسىمۇ، ئەمما تايلور فراۋېلنىڭ (Taylor Fravel) 2019 – يىلى نەشر قىلىنغان «ئاكتىپ مۇداپىئە» (Active Defense) دېگەن كىتابى تېخىمۇ كۆپ ۋە يېڭى تەپسىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ ئىككى كىتاب بىرلىكتە، ئۆز كىملىكىنى تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر دۆلەتتىكى سىياسەت، ئىلىم – پەن ۋە ئىستراتېگىيەنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىنى تەسۋىرلىگەن.

خىتاينىڭ يادرو پىلانى خىتاي – سوۋېت ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە باشلانغانىدى. 1957 – يىلى (10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى) ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمدە ـــ ھېچ بولمىغاندا ماۋ زېدوڭنىڭ چۈشەنچىسىدە ـــ يادرو ئوق بېشى پروتوتىپى ھەمدە ئۇلارنى قانداق ياساش ھەققىدىكى تەپسىلىي پىلانلار بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق توغرىسىدا ۋەدىلەر بېرىلدى. ئارقىدىنلا، سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ پىلاننىڭ ئۇراننى قويۇلدۇرۇشتىن تارتىپ قورال لايىھەلەشكىچە بولغان بارلىق ھالقىلىرىدا خىتاي بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىشقا باشلىدى.

ئەمما خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا (ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكىگە) ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھەمكارلىق ئۈزۈلۈپ قالدى. نىكىتا خرۇشېۋ (Nikita Khrushchev) ماۋ زېدوڭدىن گۇمانلاندى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ھىندىستان، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشتىكى قىلمىشلىرىنى ئىغۋاگەرچىلىك، تەلۋىلىك دەپ قارىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خرۇشېۋ دىققىتىنى دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلىلەرگە (ۋە ئۆزىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغا) تېخىمۇ بەك مەركەزلەشتۈردى ھەمدە غەربكە بولغان دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىنى يۇمشاتتى. 1959 – يىلى 6 – ئايدا، خرۇشېۋ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاينىڭ يادرو پىلانىغا قىلىۋاتقان ياردىمىنى رەسمىي بىكار قىلدى. بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن خىتاي ئۆزىنىڭ بومبىسىنى ياساپ چىقىشقا قايتىدىن بەل باغلاپ، بۇ تۈرگە «596» (1959 – يىلى 6 – ئاي) دەپ ئىسىم قويدى.

ئەمما، خرۇشېۋنىڭ قارارى خىتاي رەھبەرلىرىنى تەلتۆكۈس ئالاقىزادە قىلىۋېتەلمىدى. چۈنكى، خىتاي (سوۋېت – خىتاي) ئىككى دۆلەت ھەمكارلىشىۋاتقان مەزگىللەردىلا، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردىمىنى توختاتقان تەقدىردىمۇ، يادرو قوراللىرىنى ياساش ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرالاش ئۈچۈن پاراللېل پىلاندىن بىرنى ئىجرا قىلىۋاتقانىدى. بۇ پىلان 1959 – يىلدىن كېيىن تېز تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى. شۇ يىلى كۈزدە، يەنى خرۇشېۋ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىنى «ئەخمىقانە» ۋە «ئەپسۇسلىنارلىق» دەپ ئەيىبلەۋاتقان مەزگىلدە، لوپنور (يادرو) سىناق مەيدانى پۈتتۈرۈلدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماستىن، خىتاينىڭ يادرو قورالى پىلانلىغۇچىلىرى يەنىلا غايەت زور خىرىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تېخنىكىلىق مەسىلىلەرمۇ بار ئىدى. چۈنكى قىسمەن قۇراشتۇرۇلغان ياكى ئالدىراپ چۇۋۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشچانلىقىنى قايتىدىن باھالاپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. خىتاي ئىنژېنېرلىرى بۇ جەريانغا مۇناسىۋەتلىك يىپ ئۇچىنى تېپىش ئۈچۈن، (ئۆزىنىڭ قولىدا بار بولغان) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆججەتلىرىنى پەۋقۇلئاددە ئىنچىكىلىك بىلەن قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتى. بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى ياردىمىنى توختاتقاندا، يادرو قورالىنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان لەنجوۋدىكى ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتى تېخى تاماملانمىغانىدى.

ئەلۋەتتە، خىرسلارنىڭ ھەممىسىلا تېخنىكىلىق ياكى سىرتتىن كەلگەن ئەمەس ئىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىنى توختىتىشى خىتاينىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئاچارچىلىق ۋە مالىمانچىلىققا دۇچار قىلغان ئاپەت خاراكتېرلىك «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش» مەزگىلىگە توغرا كەلگەنىدى. نەچچە ئون مىليون ئادەم ئاچ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارغا غايەت زور مەبلەغ سېلىش قارارى ھەم دۆلەتنىڭ ئۆز نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەلۋىلەرچە كىرىشىپ قالغانلىقىنىڭ، ھەم خەلقنىڭ بەخت – سائادىتىنى رەھىمسىزلەرچە نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقىنىڭ دالالىتى ئىدى.

توسالغۇلارنى نەزەردە تۇتقاندا، خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى تەتقىقاتىنىڭ سۈرئىتى كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى. جورج ۋاشىڭتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئارخىپخانىسىدىكى ھۆججەتلەردە كۆرسىتىلىشچە، ئەينى چاغدا خىتاي يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا ئازلا قالغاچقا، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە تەيۋەندىكى تەھلىلچىلەر ئالاقزادە بولۇپ كېتىشكەنىدى. (ئەينى چاغدا ھېلىھەم ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دۆلەتنىڭ بىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان) تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئامېرىكانى ـــ بۈگۈنكى ئىران ۋە چاۋشيەننىڭ يادرو قورال تەرەققىياتىنى چەكلەش توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەردىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ئىبارىلەر ئارقىلىق ـــ خىتاينىڭ ئاتوم قوراللىرى تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. تەيۋەن رەھبەرلىرى 1964 – يىلى 4 – ئايغا كەلگەندىمۇ (خىتاينىڭ ئاتوم بومبىسى سىنىقىغا ئالتە ئاي قالغاندا)، يەنىلا ئامېرىكانى ھاۋا ھۇجۇمى ئارقىلىق بېيجىڭنىڭ يادرو پروگراممىسىنى بىتچىت قىلىشقا ئۈندىگەنىدى.

خىتاي ئاتوم بومبىسى سىنىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بىر پارچە بايانات ئارقىلىق ناھايىتى تېزلا دۇنياغا شۇلارنى جاكارلىدى:

خىتاي 1964 – يىلى 10 – ئاينىڭ 16 – كۈنى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 15:00 تە، بىر دانە ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتتى ۋە شۇ ئارقىلىق تۇنجى قېتىملىق يادرو سىنىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ باردى.

بۇ خىتاي خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ۋە ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ يادرو پوپوزىسى ۋە يادرو تەھدىتى سىياسىتىگە قارشى كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىسىدۇر.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۆزىنىڭ شۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرىكى، ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە «يادرو سىنىقىنى قىسمەن چەكلەش كېلىشىمى» ئىمزالىغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپىنى تەكرارلاپ، يادرو قوراللىرىغا ئىگە بارلىق ئاساسلىق دۆلەتلەرنى (بۇ ۋاقىتتا خىتاي ئۆزىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى) ئۆزلىرىدە بار ئاتوم قوراللىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشقا ۋەدە بېرىشكە ئۈندىدى.

ئاتوم بومبىسى سىنىقىدىن كېيىن ـــ خىتاي شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ۋە ھىدرو (ۋودورود) بومبىسى سىنىقىمۇ ئېلىپ باردى ـــ تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر بەس – بەستە يېڭى ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىيەتنى قايتىدىن مۆلچەرلەشكە كىرىشتى. گەرچە ماۋ زېدوڭ ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسىنى «قەغەز يولۋاس» دەپ تەسۋىرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما 1960 – ۋە 1970 – يىللاردا، خىتاينىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسى ھەم ئامېرىكاغا، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەڭ قارىتىلدى. ھالبۇكى، ھەر ئىككى تەرەپكە قارىتا، خىتاي «چۆچۈتۈپ قويۇش»تىن ئىبارەت ئاساسلىق تەھدىت نىشانىغا يەتكەندەك قىلاتتى.

فراۋېل كىتابىدا خىتاينىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسىنىڭ باشقا ھەربىي ئىستراتېگىيەدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىستراتېگىيەسى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسى 1964 – يىلىدىن بۇيان ئاساسەن ئۆزگىرىپ باقمىغانىدى. «چۈنكى، خىتاينىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىش ھوقۇقى ئەزەلدىن خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇلۇپ باقمىغان. خىتاينىڭ يادرو ئىستراتېگىيەسى ئاساسلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يادرو قورالى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىغا باغلىقتۇر. بۇ رەھبەرلەر يادرو قوراللىرىنىڭ ئۈنۈمى پەقەت يادرو تەھدىتى ياكى ھۇجۇمىنى توسۇش بىلەنلا چەكلىنىدۇ، دەپ قارىغانلىقتىن، خىتاينىڭ يادرو ئىستراتېگىيىسى ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىستراتېگىيەلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلمەستىن، كاپالەتكە ئىگە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىلا مەركەزلەشكەن» دەپ يازىدۇ فراۋېل.

خىتاينىڭ يادرو پروگراممىسىنىڭ ئىككى خىل مىراسى بۈگۈن تاراتقۇلارنىڭ باش بەتلىرىدىن چەتتە قالغان بولغاچقا، بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ. بىرىنچىسى، تەيۋەننىڭ تەقدىرىنى چۆرىدىگەن «سۆز ئۇرۇشى» داۋاملىشىۋاتىدۇ ۋە بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، بۇ ھەقىقىي ئۇرۇشنىڭ كۆلەڭگىسى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەرنى بارغانسېرى ئۇلغايتماقتا. شەك – شۈبھىسىزكى، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بىردەك يادرو ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى بۇ توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى (گەرچە بەزىلەر ھەر ئىككى تەرەپ يادرو تەھدىتى ئارقىلىق قارشى تەرەپنى چۆچۈتۈش مەقسىتىگە يېتىپ، ئاشكارا ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى، دېيىشى مۇمكىن).

ئىككىنچىسى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم بومبىسى سىناق مەيدانى چوڭقۇر ۋە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان تەسىرگە ئىگە. ئۇيغۇر دوختۇر ئەنۋەر توختى ۋە ياپونىيەلىك فىزىكا ئالىمى جۇن تاكادا (Jun Takada) شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ياپونىيەنىڭ ساپپورو شەھىرىدە «لوپنور» تۈرىنى تەسىس قىلدى. تاكاتا «ئىلمىي ئامېرىكالىقلار» (Scientific American) ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا تەخمىنەن 200 مىڭدەك كىشىنىڭ ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان سىناقلار نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ يۇقىرى رادىئاتسىيە مىقدارىنىڭ چېرنوبىلدىكى رېئاكتىپ قازىنىدىكى ماددىلار ئېرىگەن چاغدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئەنۋەر توختى يادرو زەررىچىلىرىنىڭ بىر ھەپتە داۋاملاشقان «چاڭ – توزانى»نى تەسۋىرلەپ، شەرقىي تۈركىستاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن 30 ~ 35 پىرسەنت يۇقىرى ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىدى.

خىتاينىڭ (خەلقئارا تەرىپىدىن بايقالغان) ئەڭ ئاخىرقى يادرو سىنىقى 1996 – يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي كېيىنلا «يادرو سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش كېلىشىمى» ئىمزالانغان.

(بۇ ماقالە ئۇيغۇرلار ژۇرنىلىنىڭ 26-سانىدا — 2021-يىلى، 10-ئايدا- ئېلان قىلىنغان)

مەنبە: ئۇيغۇرلار ژۇرنىلى