خىتاينى چۈشىنىش 6

May 12, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 11 مىنۇت

نېمە ئۈچۈن خىتايلار ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ

خىتايلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ

شۇڭقار تېكىن

2017-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى

خىتايلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تەتقىقاتلىرىدا ۋە كۆپ ساندىكى ئىجتىمائى ئۇچۇر توربەتلىرىدە “ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا نېمە ئۈچۈن ئۆچلۈكى” ھەققىدە كۆپ مۇنازىرىلەر ۋە مۇھاكىمىلەر بولغانلىقىنى بىلىمىز . نۆۋەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جىددى خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيتلەردە “ خىتايلار نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچە ئۆچ” دېگەن مەسىلە ئۇيغۇر ئاڭلىقلىرى چوقۇم چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك تېما بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىش ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرىنى ئۇيغۇر – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئۆز دۈشمىنى بولغان خىتايلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنى ياخشى چۈشۈنۈشكە يېتەكلەيدۇ.خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ئۆچلۈكى ھەممە ئادەم بىلىدىغاندەك كۆرۈنىدىغان ئەمما يىلتىزى تولىمۇ چوڭقۇر بولغان بىر مەسىلە. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۆچلۈكىنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، يەرلىك مىللەت بىلەن تاجاۋۇزچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ۋەتىنىگە تەيىنلەنگەن خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى ھوكۈمرانىنىڭ چەكسىز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ “ مۇقىملىق”نى قوغدىشى، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى نەچچە مىڭ يىللارغا سوزۇلغان تارىخى زىددىيەتلەر، ۋە خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسەتىنىڭ بۇ ئۆلكىدىكى مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى بۇ ئۆچمەنلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەڭ تۈپكى زىددىيەت زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى

بىزنىڭ خىتاينى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشۈنىشىمىز خىتايغا قانچىلىك دەرىجىدە قارشىلىق قىلالايدىغانلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. خىتاينىڭ ھاكىمىيەت چۈشەنچىسىدە ئۆزىگە قارشى تۇرغانلارنى، پۇقرالارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئى كەچۈرمەيدۇ. ئۆزىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى باشقا مىللەتلەرگە بولسا تېخىمۇ شەپقەتسىز سىياسەت يۈرگۈزىدۇ ۋە قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ئۇرۇغىنى قۇرۇتۇش سىياسىتىنى قوللىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ تۈپ زىددىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن. خىتايلارغا ناھايىتى ئايدىڭكى، ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ ئۇلار ئۆزلىرىنى جۇڭگولۇق ياكى خىتاي دەپ تونۇمايدۇ، ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستاننى ۋەتەن دەپ بىلىدۇ. مۇشۇ ئىدىيە يوقالمايلا تۇرىدىكەن بۇ زېمىن خىتاي ئۈچۈن مەڭگۈ ئەمىن بولمايدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادا زېمىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ نازۇك ۋە دەخلىسىز ھوقۇق بولۇپ كەلمەكتە. خىتايلار بۇ زېمىننىڭ ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى ئۆزلىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى يوشۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكى ھەققىدىكى ئېڭى ۋە ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشى خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى خۇددى خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرغاندەك يوقۇتۇش خىيالىنى بەربات قىلىۋەتتى .ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شۇنچە باستۇرۇش ۋە سىڭدۈرۈش سىياسىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ خىتايغا بويسۇنماسلىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللى ئىرادىسىدىن كەچمەسلىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى داۋاملىق ئاشۇرغان. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى مىللەتنىڭ بارلىقىدىن ۋە كەلگۈسىدىن دېرەك بېرىدۇ، خىتاي ئۈچۈن بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىدىن ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ زېمىندىكى بايلىق بۇ يەرنىڭ قىممىتىنىڭ بىر قىسمى خالاس، خىتاي ئۈچۈن بۇ زېمىننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ ستراتېگىيەلىك قىممىتىدە. خىتاينىڭ خوڭكوڭ بىلەن ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان زىددىيىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىمۇ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىزدىكى قوشنىلىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى تالاش تارتىشتىكى ئاراللارغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. يەھۇدىلارنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ نېگىزىمۇ يەنىلا ئىگىلىك ھوقۇق ۋە زېمىن مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ چوڭ زىددىيەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار مەۋجۇتلا بولىدىكەن مۇستەقىللىق ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمەيدۇ، خىتايمۇ قانچىلىك بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ بۇ زېمىننى تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. خىتاينىڭ پىلانى بۇ زېمىننىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى جەھەتتىن خىتاينىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشلا ئەمەس بەلكى جىسمانى جەھەتتىنمۇ خىتاينىڭ تەركىۋىگە ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ھازىر خىتاينىڭ ئوچۇق ئاشكارا مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۈپ ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن يوقۇتۇشنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.

ئىگىلىك ھوقۇقى ( Soveriegnty) دېگەن نېمە؟

بىر مىللەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھەرقانداق خەلقارا قانۇندىنمۇ ئۈستۈن بولغان ھوقۇق بولۇپ، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش، تەرەققى قىلىش، ۋە ھەرقانداق ۋاستە بىلەن ئۆزى دۇچ كەلگەن تەھدىتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەم قوغدىنىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ قانۇنى جەھەتتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ 20% دىن ئارتۇق زېمىنىنى ئىگەلەيدىغان تۇپراقنىڭ قانۇنى ئىگىلىرى. ئۇيغۇرلار ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە بىرىنچى قول باشلىق ئۇيغۇرلاردىن ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىغا كۆچۈرۈشتە قانۇنى جەھەتتىن ئاپتونۇم رايۇن رەئسى قول قويۇشى كېرەك. 2002 .يىلى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ 7 مىليون خىتاي كۆچمەن ئۈچۈن تەستىق سالغانلىقنى بىلىمىز.

ئىگىلىلىك ھوقۇقلۇق مىللەت ئۆلچىمى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەپ، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىق يولىغا ماڭالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە كۇردلار ئىراقتىكى ئاپتونمىيە ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە 2017ٜ .يىلى 9 .ئايدا كۇردلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن رېفاراندۇم ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ جىمىكى ھوقۇقلىرى پۇتۇنلەي دەپسەندە قىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ئۇيغۇرلارنى مىللى مەۋجۇتلۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلەرنى ئىشلەتمەكتە. شۇنى ئېنىق بىلىشىمىز كېرەككى، قانۇنى ئاساس ۋە ئادالەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئۈستۈندۇر. 2011 .يىلى جەنۇبى سۇدان دەل مۇشۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىپ رېفاراندوم ئارقىلىق مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن.

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بارلىق زۇلۇملىرى، جىسمانى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئېلىپ بېرىۋاتقان يوقۇتۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرقى مەقسىدى يەنىلا ئۇيغۇرلاردىن بۇ زېمىنننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىش ئۈچۈن. خىتاي ساختا تارىخ ۋە تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى قانداقتۇر بۇ يەرگە باشقا يەردىن كۆچۈپ كەلگەن، بۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار ئەمەس دېگەندەك سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ھېسىياتىنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن. ئەڭ بولمىسا خېلى كۆپ ساندىكى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگولۇق ئەمەسلىكىگە ۋە قانداقتۇر باشقا يەردىن كېلىپ قالغان يات خەلق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ قاتتىق تىزگىنلىنىشىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى تۇيغۇسىنىڭ يوقۇتۇلۇشى ئۈچۈن . ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئاساسى بۇ تۇپراقنىڭ قانۇنى ئىگىسى بىلەن تاجاۋۇزچى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ئىبارەت.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سېكرىتارى سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى يەرلىك ھۆكۈمرانى بۇ رايۇندىكى ۋەزىيەتنىڭ قانداقلىقنى بەلگىلەپ كەلدى. ياڭ زېڭشېڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە خىتاينىڭ بۇ رايۇندىكى باش ئەمەلدارى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن خالىغانچە سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلدى ۋە ئۇيغۇر -خىتاي ئۆچمەنلىكىنىڭ يېڭى پەللىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ تۇردى .گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا شۇ قەدەر ئۆچ بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەپلەرنى شېڭ شىسەيگە ئارتىشقا ئۇرۇنغان . ۋاڭ لېچۈەننىمۇ ئۇ يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرى

سەۋەبىدىن ئەيىپلەيدىغانلار بولغان ۋە 5.ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئۇنى يۆتكەپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان . خىتاي كومپارتىيەسى شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ رايۇندا تىكلىگەن ئەمەلدارلىرى چەكسىز ھوقۇققا ئىگە بولۇپ

كەلگەن ۋە بۇ رايۇننى مۇقىم تۇتۇپ تۇرالىسىلا خىزمەت كۆرسەتكەن ھېساپلانغان.ۋاڭ جېن ( 1949-1952) دىن تارتىپ ، ۋاڭ ئېنماۋ( 1952-1966، 1981-1985)، لوڭ شۇجېن ( 1970-1972)، ۋاڭ فېڭ( 1978-1981)، سوڭ خەنلياڭ ( 1985-1995)، ۋاڭ لېچۈەن( 1994-2010)، جاڭ چۇنشەن ( 2010-2016)، چېن چۈەنگو ( 2016- ھازىرغىچە ) غىچە بولغان سېكرىتارلارنىڭ ھەممىسىلا ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ يەرلىك خاقانلىرى بولۇپ ئۆزلىرىنىڭ سىياسى ئىستىقبالى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ھېچقاچان يۇمشاق قوللۇق قىلغان ئەمەس ۋە ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى خىتاي ۋەتەنپەرۋەرلىكىنىڭ بەلگىسى قىلىپ كەلگەن.

ۋەتەندىكى ۋەزىيەت چېن چۈەنگو تەختكە چىققاندىن بېرى، بولۇپمۇ 2017ٜ. يىلى ئاپرىلدىن بېرى تېخىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. گەرچە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئومۇمى سىياسىتى باشلىق ئالماشقان بىلەنلا ئۆزگىرىپ كەتمىسىمۇ، سىياسەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى كەلگەن باشلىقنىڭ خۇي پەيلىگە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇٜ بۇ ھەقتە غەرپلىك مۇلاھىزىچىلەنرىڭ پىكرىمۇ بۇ رايۇندىكى كومپارتىيەنىڭ باش ئەمەلدارىنىڭ يەرلىك سىياسەتنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. چېن چۈەنگو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن “ شىنجاڭ”نى چوقۇم بۇرۇنقىلاردىنمۇ ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك، بولمىسا كۆزگە كۆرۈنەلمەيدۇ .بۇ دېگەنلىك رايۇننى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىشنى ۋە خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان ئىشلارنىڭ چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدىنلا خاتا ۋە ئىنسانى ھوقۇقلارغا خىلاپ بولغان سىياسەتنىڭ رايۇندا ياخشى بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولمىغاچقا ۋە يېڭى باشلىقنىڭمۇ قاتتىق باستۇرۇشتىن باشقا ئالاھىدە ئىقتىدارى بولمىغاچقا بۇ رايۇننىڭ ۋەزىيىتى پەقەت يامان تەرەپكە قاراپلا ماڭىدۇ. چېن چۈەنگو ۋە ئۇنىڭ پىشقەدەملىرىگە خىتاي بۇ رايۇندا چەكسىز ھوقۇق بەرگەن، شۇڭا ئۇلار بۇ رايۇندا سىياسەتنى خالىغانچە چىڭىتالايدۇ ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن سوراققا تارتىلمايدۇ. بۇ تېگىدىن ئېيتقاندا مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.

تارىخى ئۆچمەنلىكنىڭ بۈگۈنكى تەسىرى

ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئاز دېگەندە 3 مىڭ يىلدىن بېرى قوشنا ياشاپ ھەرخىل مۇناسىۋتلەردە بولۇپ كەلگەن. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە دۈشمەنلىكمۇ 3 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە. خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشتا ۋە ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتا تارىخى ساۋاقلاردىن پايدىلىنىشنى ۋە قىساسنى ئۇنۇتمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ خىتايلارنىڭ باشقىلارنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن چىقىشالمايدىغان تەبىئىتىنى ئوبدان چۈشۈنۇپ يەتكەن بولغاچقا بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشىدا مۇنداق خاتىرىلەر قالدۇرۇلغان : “ تابغاچلار ( خىتايلار) ئالتۇن ، كۆمۈش، يىپەك رەختلەرنى سېخىلىق بىلەن بېرىدۇٜ. تابغاچلارنىڭ سۆزى تاتلىق، يىپەكلىرى يۇمشاق ئىكەن. تاتلىق گەپلەر ۋە يۇمشاق يىپەكلەر بىلەن يىراق خەلقنى ئۆزىگە شۇنداق يېقىنلاشتۇرىدىكەن، يېقىنلاشتۇرىۋالغاندىن كېيىن يامانلىق قىلىشقا باشلايدىكەن . ئىقتىدارلىق ۋە ئېسىل كىشىلەرنى پاتقۇزمايدىكەن .بىر كىشى خاتالاشسا جەددى-جەمەتى، ئۇرۇق- ئەۋلادىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىدىكەن، ھەتتا بۆشۈكتىكى بالىلارغىچە ئاياپ قويمايدىكەنٜ. “

يىراق قەدىمنى قويۇپ تۇرۇپ يېقىنقى 200 يۈز يىللىق تارىخقا قارىساقمۇ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايۇندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ھەرگىزمۇ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىختىن قالغان ئۆچمەنلىكنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. خىتايلارنىڭ ياپونلارغا بولغان ئۆچمەنلىكى خىتايلارنىڭ مىللى روھىنى ئۇرغۇتۇشتىكى بىر مەنبەسى. خىتايلارنىڭ ياپونلارغا ئۆچلۈكى تارىخى سەۋەپ ، يەنى ياپونلارنىڭ خىتايلارنى مۇستەملىكە قىلغانلىقىدىن بولغان. بۈگۈنكى كۈندە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلەرنىڭ تارىختىن قالغان زىددىيەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. بۇلغارلارنىڭ ۋە گرېكلارنىڭ تۈركلەرگە ئۆچ بولۇشى، ئەرمەنلەرنىڭ تۈركلەرگە ئۆچمەنلىكى، يەھۇدىلارنىڭ گېرمانلارغا بولغان قىساسخورلۇقى دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى تارىخى ۋەقەلەرنىڭ مەھسۇلىدۇر . خىتاي تېخى ئالدىنقى ئەسىردىلا ئىككى قېتىم جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلغانلىقىمىزنى ۋە خىتايلارنى زېمىنىمىزدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقىرىۋېتىشكە تاسلا قالغانلىقىمىزنى ئۇنۇتۇپ قالغىنى يوق. بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى، ئۇرۇق – تۇققانلارنىڭ جەم بولۇشىنىمۇ چەكلىشى ۋە ئۇنىڭدىن ئەنسىرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تەشكىللىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. خىتايلار تارىختىن پايدىلىنىپ كاللا يۇيۇشقا ۋە باشقىلارنى يامان كۆرسىتىشكە ئۇستا ۋە بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى . ھازىرمۇ خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن سۈركىلىپ، پاكىستان بىلەن ئاپاق- چاپاق بولۇشىمۇ تارىختىكى ئۆچ ئادەۋەت مەسىلىسىدىن يىراق ئەمەس.

خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرى قالاق، ئوغرى، پىچاقچى قىلىپ يامان كۆرسىتىپ كەلگەن بولسا، كېيىنچە ئۇيغۇرلارنى ئىسيانچى، تېرورچى، ئاشقۇن كۆرسىتىپ كەلدى. بولۇپمۇ 5. ئىيۇل ۋە كۇنمىڭ ۋەقەلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ خۇنۈكلەشتۈرۈپ خىتاي خەلقى ئىچىگە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەت ئۇرۇقلىرىنى چاچتى.

خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى

خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتى مىللى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ يولى دەپ تەرىپلەنگەن، ھالبۇكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قوللىنىلغان مىللى سىياسەت پەقەت شەكىل جەھەتتىكى يالغان سىياسەت بولغىنى ئۈچۈن بۇ زېمىندىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ بارىدۇكى ھەل قىلالمايدۇ. 5.ئىيۇل قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ئاتالمىش مىللى سىياسەتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. خىتاينىڭ ۋاڭ لېچۈەندىن كېيىن بۇ يەرگە تەيىنلىگەن سېكرىتارلىرى بۇ رايۇننى ئۆز كۆڭلىدىكىدەك باشقۇرالمىغانسېرى تېخىمۇ غالجىرلىشىدۇ. بىز بۇنى چېن چۈەنگونىڭ يېقىنقى سىياسەتلىرىدىن كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.

جۇ كۇنرېن “ شىنجاڭدىكى مىللى بۆلگۈنچىلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە” سىدە ئېنىق قىلىپ خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللى سىياسىتىنى كەسكىن تەنقىد قىلغان. جۇ كۇنرېننىڭ قارىشىچە، خىتاي خۇ ياۋباڭ دەۋرىگىچە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى مەدىنىيىتى ۋە دىنى ئېتىقادىنى يوقۇتۇشتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ بولغان . ئۇيغۇرلار تىل، مەدىنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىنى يوقاتقان ۋە مىللى روھى سۇسلاشقان. ئەمما خۇ ياۋباڭنىڭ خاتا سىياسەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا تولۇق ئاپتونومىيە ھۇقۇقى بېرىۋېتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلار قايتىدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالغان . ئەگەر ئاشۇ خاتا سىياسەتلەر يولغا قويۇلماي، ۋاڭ جېندىن تارتىپ داۋام قىلىنىپ كەلگەن يوقۇتۇش سىياسىتى داۋام قىلغان بولسا ئۇيغۇرلارنى خىتايغا سىڭدۈرىۋېتىش زور دەرىجىدە تېزلەشكەن بولاتتى.

ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈستىدە يۈرگۈزلىۋاتقان سىياسەتنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە قەبىھ ۋە رەزىل بولۇشى، خۇددى خىتاينىڭ مەدىنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدىكىدەك ۋەزىيەتنىڭ قايتا تەكرارلىنىشى بىزگە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سىياسىتىنىڭ خۇددى جۇ كۇنرېن تەشەببۇش قىلغاندەك خۇ ياۋباڭدىن ئىلگىرىكى دەۋرگە قايتىۋاتقانلىقى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى يۈرگۈزگەن، ئۆزى خاتا دەپ ئېتىراپ قىلغان سىياسەتلەرنى قايتا يۈرگۈزۈشتىن يانماسلىقى، خىتاينىڭ ئاتالمىش مىللى سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيىتى ھېساپلىنىدۇ. ئەمدى خىتاي ئوچۇق -ئاشكارە مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتى يۈرگۈزۇشكە مەجبۇر. چېن چۈەنگو دەل مۇشۇ سىياسەتنىڭ ئىجراچىسى ۋە جۇ كۇنرېننىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئاكتىپ قوللۇغۇچى .ھازىرقى كۈندە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىلىملىكلەر ۋە ئىگىلىكچىلەر تۇتقۇن قىلىنماقتا، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمتىگە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر كادىرلارمۇ ئىككى يۈزلىمىلىكتە ئەيىپلىنىپ تۇتقۇن قىلىنماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن شۇنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، چېن چۈەنگو ھەققىدىكى بەزى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى ۋەزىيەت ئالاھىدە چىڭىپ كەتكەن ئالدىنقى نەچچە ئايدىن بېرى چېن ئىكران يۈزىدە ئاساسەن كۆرۈنمىگەن .چېننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىقى ھەققىدە بەزى ئېنىقسىز ئۇچۇرلار بار. ئەگەر سۆڭەك راكىغا گىرىپتار بولغان چېن ھېلىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدا بولسا جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى كېسەل ئۇنى تېخىمۇ غالجىرلاشتۇرىدۇ. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يوق بولسا، ئۇنىڭ مۇئاۋىنلىرى ياكى ۋاقىتلىق ئۇنىڭ ئورنىدا ھوقۇق يۈرگۈزگەنلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يوقلۇقىدا چاتاق چىقماسلىقى ئۈچۈن ھەم مەسئۇلىيەتنىڭ ئارتىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر قاتتىق سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. سىياسەتنىڭ تۇيۇقسىز بۇنداق قاتتىقلىشىپ كېتىشىدە شۇنداق بىر سەۋەپلەرنىڭ بولۇشى ئېنىق .شۇنداقلا بۇ يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر ئۆزگىرىشنىڭ بولغانلىقىدىن ياكى بولىۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ.

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي دۆلىتىنى باشقۇرۇشتىكى مەغلۇبىيەت ئىكەنلىكىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى خىتايلارمۇ ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. خىتايشۇناش پېتېر ھاسسلەر (Peter Hassler) ئۆزىنىڭ River Town (دەريا كەنت) دېگەن ئەسىرىدە خىتايلارنىڭ تولىمۇ ناچار بىر مۇستەملىكىچى ئىكەنلىكى، خىتايلارنىڭ خىتايدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى چۈشۈنەلمەيدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىدۇ .

ئويغان ئۇيغۇر ۋە ئۇيغانغان زېمىنلار ئويغاقلار چۈشۈنەلەيدىغان ۋە سەگەكلەرنى ئويغۇتالايدىغان سىگناللار ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن مىللەتنىڭ ئويغۇنۇشى، ئۇيغۇر مەرىپەت-مائارىپ ئىشلىرى زور چەكلىمىگە ئۇچرىغان ۋە ئىدىيە بوغۇلغان ئەھۋالدا، ئاخىرقى ھېساپتا خىتاينىڭ قانلىق قامچىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى 20 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر پىكىر ئىگىلىرى پەرەز قىلىشقان ئىدى. بىز بۈگۈن شۇنىڭ روشەن دەلىللىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز.

خىتاينىڭ زۇلمى ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغۇنىشى ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىنىڭ زور تۈرتكىسى . بۇ ئويغىنىش ۋە بىرلىشىش بىر مىللەت ئۈچۈن زور پۇرسەت ۋە تولىمۇ قىممەتلىك سۈپەتتۇر.

خىتاي بۇ ئەسىردە ھەتتا چېگرا ھالقىپ ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ كېلەلەيدىغان ۋە بەزى دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈۋالالايدىغان بولدى. خىتاي ھازىر ئۇيغۇرلارغا قارشى خالىغان ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن ئەمما يېتىمەن دېگەن مەقسىدىگە يەتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنى باستۇرالايدۇ ئەمما كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ

مەنبە: UyghurNet