خىتاينى چۈشىنىش 7

May 13, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 5 مىنۇت

چەكلىمىسىز ئۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار

چەكلىمىسىز ئۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار

1999-يىلى خىتاينىڭ چەكلىمىسىز ئۇرۇش ناملىق بىر كىتابى نەشىر قىلىنغان. كىتابتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ كۈچنى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى ئۇرۇش قوراللىرى ۋە ھەربىي كۈچى بىلەن يېڭىش مۇمكىن ئەمەسلىكى، شۇ ۋەجىدىن ئۇرۇشنىڭ باشقا خىل ۋارىيانتلىرىنى سىناق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، بۇ ۋارىيانتلارنىڭ ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ، دۈشمەن ئۈستىدىن غالىپ كېلىش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. كىتابتا يەنە بەلكىم بۇ خىل ئۇرۇش تېرورلۇق يولى بىلەن، خېمىيەلىك قوراللار بىلەن، تور ھۇجۇمى بىلەن، ئاخپارات بىلەن، مەلۇم سىياسىي ئەربابقا ياكى مەلۇم دۆلەت رەھبىرىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن، ۋىرۇسلار بىلەن، دۈشمەننىڭ ئارىسىغا يۇمشاق كۈچ بىلەن سىڭىپ كىرىش بىلەن……..ئىشقىلىپ قورال ئىشلەتمەيدىغان جەڭ بىلەن مەغلۇب قىلىشنى بۈگۈنكى يېڭى دەۋرنىڭ روھىغا ماس بولغان يېڭىچە ئۇرۇش شەكلى ئىكەنلىكى، ئۇرۇشنىڭ يۇقىرىدىكى تۈرلەرنىڭ ھەرقاندىغى بىلەن يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېنىق يازغان.

قىزىق يېرى، كىتاب يېزىلىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، يەنى 2001-يىلى ئامېرىكىدا 11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئامېرىكا ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان. ئاندىنلا ئامېرىكىدىكى خىتايشۇناسلار خىتاينىڭ بۇ كىتابىدىكى “ئاگاھلاندۇرۇشى”نى يادىغا ئېلىپ، كىتابنى دەرھال ئېنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرغان. كىتاب تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن غەرب دۇنياسىدا ناھايىىتى كۆپ غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان. شۇنداقتىمۇ غەرب دۇنياسىنى خىتايغا قارشى ئويغىتىشقا ئاجىز كەلگەن. ئەمما بۇ كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىشىدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى خىتايپەرەس خىتايشۇناسلارنىڭ ئاستا — ئاستا ئويغىنىشىغا سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان بىزگە تونۇشلۇق بولغان <يۈز يىللىق="" مارافون="">ناملىق كىتابىمۇ، روبېت سپالدىڭنىڭ <مەخپىي ئۇرۇش="">ناملىق كىتابىمۇ دەل مۇشۇ تۈردىكى خىتاينىڭ ئەسلىي ماھىيىتىنى يورۇتۇپ بەرگەن كىتابلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بىزگە مەلۇم بولغىندەك، خىتاي دۇنيادا ھېچكىمنى ئۆزىگە دوست دەپ قارىمايدۇ. يەنى خىتايدىن باشقا ھەرقانداق مەۋجۇدات خىتاينىڭ دۈشمىنى. ئۇيغۇرلار بولسا خىتاي ئىچىدىكى خىتاينىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇلغان بىر خەلق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىغا قاراتقان چەكلىمىسىز ئۇرۇشنىڭ سىناق ماتېرىيالى قىلىنغان خەلقتۇر. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى خىتاينىڭ <خىتايچە كوممۇنىست="" تۈزۈمى="">نىڭ ئەۋزەللىكىنىڭ “ئىسپاتى”قىلىنىشىمۇ، دەل بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

دېمەك، يۇقىرىدا خىتاينىڭ «چەكلىمىسىز ئۇرۇش» ۋە باشقا مىساللارنى تىلغا ئېلىشىمغا سەۋەب بولغان نەرسە شۇ بولدىكى، خىتاي ھاكېمىيىتى بىزنى 1949دىن تارتىپ پۈتۈنلەي يوقىتىش سىياسىتىدە قىرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 1996-يىلى 1- نومۇرلۇق ھۆججىتى بىلەن بۇ قىرغىنچىلىقلىرىنى يېپىشىغا قانۇنىي ئاساس ھازىرلىدى. بىزگە «ئۈچ خىل كۈچ» تۆھمىتىنى ئارتىش بىلەن تەڭ، 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنلا خەلقئارا تېرورىزىمغا باغلاپ يوقىتىشتا ، خەلقئارانىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىدىغان شارائىتنى ئۆزىگە ياخشى ھازىرلىدى. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»نى قۇرۇشنىڭ سەۋەبىمۇ دەل “ئۈچ خىل كۈچ”نامىدا ئۇيغۇرلارنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدا ئىز قوغلاپ يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، شۇ ۋەجىدىن خىتاي يەنە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن «جىنايەتچىلەرنى قايتۇرۇپ بېرىش كېلىشىمى» دېگەنگە ئوخشااش ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا قوغلاپ تۇتۇپ، يوقىتىش مەقسىتىگە ئۇيغۇنلاشقان كېلىشىملەر بىلەن بىزنى يوقىتىشنىڭ خەلقئارالىق يوللىرىنى ئاچقان ئىدى.

خىتاي ھاكېمىيىتىنىڭ بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن بۇنچە دەبدەبە ۋە نۇرغۇن پۇل سەرىپ قىلىشتىن باشقا، يەنە كۆپ يالغانچىلىقنى توقۇش، چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنى قارىلاش ئۈچۈن قوشۇن توپلاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ھەر تەرەپتىن ئىگىلەش ئۈچۈن خەلقئارالىق جاسوسلارنى تەربىيىلەپ ئەۋەتىشلەرگىچە بولغان بۇنچە كۆپ ئىشلار ، خىتاينىڭ بىرلا مەقسىتى ئۈچۈن، يەنى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپمۇ ، ھېچقانداق جاۋابكارلىققا تارتىلماستىن مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئىدى.

گەرچە غەرب دۇنياسى ئىزچىل يوسۇندا خىتاينىڭ بۇ ساختىلىقلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ئارتىلغان تۆھمەتلەرگە دەلىل تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تاكى بۈگۈنگىچە ئۈستىمىزدىكى «رادىكال، تېرورچى، ئاشقۇن، بۆلگۈنچى» تۆھمەتلىرىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. تېخى تۆنۈگۈنلا خىتاي ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىېتىراپ قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ بەرگەن باياناتىدىمۇ ئۇيغۇرلارنى مانا مۇشۇنداق تۆھمەتلەر بىلەن قارىلىغان. چۈنكى خىتاينىڭ ئەمدى بىزنى دۇنيا ئالدىدا قارىلاپ، جىنايەتلىىرىنى يوشۇرۇشقا سەۋەب بولغۇدەك باشقا ھېچقانداق يولى ۋە ئاساسى يوق. پەقەت ئۇيغۇرلارنى ئىزچىل يوسۇندا خەلقئارا تېرورلۇققا باغلاپ قويالىسىلا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى دېگەن بۇ نامدىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۇنياسىنى دۇنيا ئالدىدا مات قىلىپ، دېموكراتىك قىممەت قاراشلارنى ۋەيران قىلىش، ئاندىن خىتايچە كوممۇنىست ئىدىيەسىنى خاتىرجەم ھالدا دۇنيا خەلقىگە تېڭىپ قويالايدۇ. شۇنداق قىلالىغاندا خىتاي دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ، خۇددىي «1984» ناملىق كىتابتىكىدەك پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى قۇللارغا ئايلاندۇرىۋېتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار بۈگۈن دەل دۇنيانىڭ ئادالەتكە قايتىشى ياكى جاھالەتكە پېتىپ ۋەيران بولىشىدەك چوڭ ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلاندۇق. مۇشۇنداق ئىنچىكە ۋە زىل مىنۇتلاردا ئۆزىمىزنى يەر شارىدىكى ھەرقانداق خەلققە ئوخشىتىشىمىز ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، بىز بۈگۈن پەقەت خىتايدەك دۇنيانىڭ بېشىغا ئاپەت بولغان ئىنسانىيەت دۈشمىنىنىڭ تەقدىرىگە تاقىلىدىغان بىر مىللەت، خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتىنىڭ يەنى بىر دۆلەتنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇق. ئېسىمىزدىن بىر دەقىقىمۇ كۆتۈرۈلمەسلىكى كېرەككى، بۇ دۈشمەن بىزنى ھەر كۈنى تېرورلۇق، ئاشقۇنلۇق، رادىكاللىق، بۆلگۈنچىلىك بىلەن قارىلاۋاتىدۇ.

خىتاينىڭ يالغانچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش، خىتاينىڭ چەتئەلدە بىز ئۈچۈن قۇرغان توزاقلىرىغا چۈشۈپ كەتمەسلىك ئۈچۈن سەزگۈر بولۇش، ئۆزىمىزنى ۋە پۈتكۈل دۇنيانىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىدىغان تىرىشچانلىقلارنى قىلىش دەل بىز بۈگۈن قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ كۆرەشتۇر.

دەرۋەقە خىتاي ئۆزى دېگەندەك، زامانىۋىي ئۇرۇش قوراللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقا رەزىل، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئۇسۇللاردا ئاللىبۇرۇن ئىنسانىيەت بىلەن ھايات — ماماتلىق جەڭنى باشلاپ بولدى. بىزمۇ مەيلى خالايلى ياكى خالىمايلى، دەل بۇ ئۇرۇشنىڭ ئىچىدە تۇرماقتىمىز. خىتايدەك رەزىل دۈشمەننى يېڭىش ئۈچۈن پەقەت ئەقىل ۋە ئىرادە، ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ ئادالىتى ۋە ئادالەت دۇنياسىنىڭ قوللىشىغىلا مۇھتاجمىز.

ئۆز ئارا ئازارىلىشىشتا بىر بىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشتا ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنياۋىي ئاپەت بىلەن ھايات — ماماتلىق جەڭدىن ئۇتۇپ چىقىشقا ئورتاق كۈچ چىقىرايلى!

مەنبە: Medium

چەكلىمىسىز ئۇرۇش ھەققىدە تۆۋەندىكى ۋىديولارنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ: