خىتاينى چۈشىنىش 8

May 14, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

خىتايچە قىساس ھېكايىسى

خىتايچە قىساس ھېكايىسى

لېئو تىم

نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ئۆزىدىن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى باتۇرانە كۈرەشلىرى بىلەن تىللاردا داستان بولغان بولسا، خىتاينىڭ قەدىمكى بەگلىرىدىن بىرى دەل شۇنىڭ ئەكسىچە، خار – زەبۇنلۇق ئىچىدە ئۆز غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تارىختىن ئورۇن ئالغان.

بۇ ئاجايىپ «سەبىرچان» بىر ھۆكۈمدارنىڭ چىشىنى چىشلەپ، پۇرسەتنىڭ كېلىشىنى يىگىرمە يىل كۈتكەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايىدۇر.

ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىختىلاپنىڭ باشلىنىشى

مىلادىدىن بۇرۇنقى بەشىنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 475 – يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221 – يىلىغىچە) باشلىنىشنىڭ ئالدىدا، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى يۆ بەگلىكى خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ قوشنىسى ۋۇ بەگلىكى يېقىندىلا «ئۇرۇش سەنئىتى» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى سۈنزىنىڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، زېمىنى كەڭ چۇ بەگلىكىنى مەغلۇب قىلىپ، ئارقىدىنلا ئاجىز ۋە تەييارلىقسىز يۆ بەگلىكىگە كۆز تىكىۋاتاتتى.

ئەنە شۇنداق قالايمىقان بىر ۋەزىيەتتە، يۆ بېگى جان ئۈزۈپ، ئورنىغا ياش ھەم تەجرىبىسىز ئوغلى گوۋ جيەننى قالدۇرغان. يۆ بەگلىكىدىكىلەر ئۆلۈمنى ئۇزىتىش ھەلەكچىلىكىدە يۈرگەندە، ۋۇ بېگى خې لۈ ئۆزى بىۋاسىتە قوشۇن تارتىپ، ئاجىز يۆ بەگلىكىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. گوۋ جيەنمۇ نائىلاج ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ، ئۆزىدىن سان ۋە قورال – ياراغدا كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋۇ قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولغان.

لېكىن، گوۋ جيەن ئۇرۇشتا مىكىر ئىشلىتىپ، ۋۇ قوشۇنلىرىنى ساراسىمىگە سالغان ۋە يۆ بەگلىكىنىڭ بىر سانغۇنى بىلەن ۋۇ بېگى خې لۈ روبىرو تۇتۇشۇپ قالغان. ئەمما، ياشىنىپ قالغان خې لۈ يۆ سانغۇنىغا تەڭ كېلەلمەي ئەجەللىك يارىلىنىپ، شۇ يارا سەۋەبلىك ئۆلگەن. نەتىجىدە، ۋۇ قوشۇنلىرى ئالاقىزادىلىك ئىلكىدە يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

يۆ بېگى گوۋ جيەننىڭ باش ئېگىشى ۋە قۇلغا ئايلىنىشى

شۇنىڭدىن كېيىن، ۋۇ بەگلىكىنىڭ تەختىگە خې لۈنىڭ ئوغلى فۇ چەي چىققان ۋە دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش كويىدا يۈرگەن. ئۇ قول ئاستىدىكىلەرگە «يۆ قوشۇنلىرىنىڭ دادامنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ھەركۈنى سەمىمگە سېلىپ تۇرۇڭلار!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ۋۇ بەگلىكى قايتىدىن كۈچلىنىپ، فۇ چەينىڭ قوماندانلىقىدا يەنە بىر قېتىم يۆ بەگلىكىگە قوشۇن تارتقان. بۇ قېتىم گوۋ جيەن (ۋۇ قوشۇنىنىڭ كۈچىنى نەزەردە تۇتۇپ) تاكتىكا ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، ۋېن جوڭ دېگەن سانغۇنىنى سۈلھى تەلەپ قىلىشقا ئەۋەتكەن.

سۈلھىدە «يۆ بەگلىكى ۋۇ بەگلىكىگە بېقىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، يۆ بېگى گوۋ جيەن بىلەن ئۇنىڭ ئايالى ۋە باش سانغۇنى فەن لى قاتارلىقلار قۇل قىلىنىپ، ۋۇ بەگلىكىگە ئەكېتىلىدۇ» دېگەندەك ناھايىتى ئېغىر شەرتلەر بار ئىدى. (مەزكۇر سۈلھىگە كۆرە) بۇ مەزگىلدە، يۆ بەگلىكىنى ۋېن جوڭ ۋاكالىتەن باشقۇراتتى.

شۇنىڭ بىلەن، يۆ بېگى، ئۇنىڭ ئايالى ۋە فەن لى دېگەن سانغۇنى ۋۇ بەگلىكىدە، ئاددىي پۇقرالارنىڭ كۆز ئالدىدا قاق سەھەردىن كۈچ پاتقۇچە ئېغىر ئەمگەك قىلىشقا باشلايدۇ. فۇ چەيمۇ پات – پاتلا ئېتىغا مىنگىنىچە ئەسىرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى كېلىپ تۇرىدۇ.

لېكىن، مەيلى گوۋ جيەن، ياكى ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بولسۇن، بۇ ئىشلاردىن ئازراقمۇ ۋايساپ قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۆ بەگلىكىنى باشقۇرۇۋاتقان سانغۇن ۋېن جوڭمۇ ۋۇ بېگىنى رازى قىلىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىپ، ۋۇ بېگىنى يۆ بەگلىكىنىڭ ساداقىتىدىن زىنھار گۇمانلانماس ھالغا ئەكېلىدۇ.

بېقىنمىغان بېقىندى دۆلەت

گوۋ جيەننىڭ قۇللۇق ھاياتى ئۈچ يىل داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، فۇ چەي يۆ بەگلىكىنى تولۇق تىزگىنىمگە ئالدىم دەپ ئويلاپ، گوۋ جيەننىڭ يۇرتىغا قايتىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئەمما، گوۋ جيەن ۋە سانغۇنى فەن لى قاتارلىقلار ئىنتىقام ئېلىشنىڭ كويىدا ئىدى.

گوۋ جيەن ھۆرلۈككە چىققاندىن كېيىن، قۇللۇق مەزگىلىدە تارتقان خورلۇقلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ. ئۇ ۋە ئايالى ئاددىي پۇقرالاردەك ھايات كەچۈرىدۇ ۋە پات – پات ئېتىزلاردا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىدۇ.

گوۋ جيەننىڭ مەشھۇر ئىشلىرىدىن يەنە بىرى شۇكى، ئۇ قۇللۇقتىكى ئەسلىمىلىرىنىڭ سۇسلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شاخ – شۇمبىدىن ياسالغان كارىۋاتتا ياتىدۇ ۋە تورۇسقا (زەھەردەك ئاچچىق) يىلاننىڭ ئۆتىنى ئېسىپ قويىدۇ. ئۇ ھەركۈنى ئەتىگىنى ئورنىدىن تۇرغاندا ئاشۇ يىلاننىڭ ئۆتىنى يالاپ قوياتتى.

گوۋ جيەن ئاسترتتىن جەڭگە تەييارلىنىدۇ. ئۇ نوپۇسنى مۇمكىنقەدەر ئەڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيتىش ئۈچۈن، توي قىلماقچى بولغان ئەر – ئاياللارنىڭ ياش پەرقى بەك چوڭ بولۇپ كەتمەسلىك كېرەك دەپ بەلگىلەيدۇ ۋە خەلقنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن، باج – سېلىقنى ئاشۇرۇۋېتىشتىن ساقلىنىدۇ. شۇ رەۋىشتە يۆ بەگلىكى كۈچلىنىدۇ.

يۆ بەگلىكىنىڭ ھۆكۈمدارلىرى قارىماققا ئۆز «خوجىسى» ۋۇ بەگلىكىگە تولىمۇ ساداقەتمەندەك كۆرۈنىدۇ. گوۋ جيەن ۋە ئۇنىڭ سانغۇنلىرى سودا – سېتىق ئىشلىرىدىمۇ ۋۇ بەگلىكىنى ئىمكانقەدەر كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇلار يەنە نۇرغۇن چىرايلىق قىزلارنى ۋۇ بەگلىكىگە توقاللىققا ئەۋەتىدۇ.

ساھىبجامال ھىيلىسى

ۋۇ بېگى فۇ چەي پېشقەدەم سانغۇنى ۋۇ زىشۈنىڭ تەكرار ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالماي، «يۆ بەگلىكى ئاللىقاچان ئەيۋەشكە كەلتۈرۈلدى، ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا ئۇرۇش بولۇشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ. ياش فۇ چەي ۋۇ زىشۈنى ھەممە ئىشتا ئۆزى بىلەن قېرىشىدىغان جاھىل قېرى دەپ قارايدۇ.

فۇ چەي يۆ بەگلىكىنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلار بىلەن سۈلھى تۈزۈشمەكچى بولغاندا، ۋۇ زىشۈ ئۇنى تەنقىدلىگەن. فۇ چەي گوۋ جيەننىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلغاندىمۇ، ۋۇ زىشۈ ئۇنى تەنقىدلىگەن. فۇ چەي ئىشنىڭ ئالدى – كەينىنى ئويلاشمايلا باشقا بەگلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغاندىمۇ، ۋۇ زىشۈ يەنە ئۇنى تەنقىدلىگەنىدى.

شۇنداقلا، گوۋ جيەننىڭ ئەڭ يېقىن سەركەردىسى فەن لى شى شى (西施) دېگەن ساھىبجامالنى فۇ چەيگە توقاللىققا ئەۋەتكەندىمۇ، ۋۇ زىشۈ بۇ ئىشقا قارشى چىققانىدى.

شى شى خىتاي تارىخىدا «تۆت ساھىبجامال» دەپ ئاتالغانلاردىن بىرى بولۇپ، فەن لى ئۇنى دەريا بويىدا كىر يۇيۇۋاتقان يېرىدە بايقاپ قالغان. ئۇ تۈزۈك تەربىيەلەنمىگەن، ئەدەب – ئەخلاق ئۆگەنمىگەن قىز ئىدى. لېكىن، فەن لى ئۇنىڭغا ساز چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش دېگەندەك تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆگىتىپ، ئۇنى ئۈچ يىلدا كۆڭۈلدىكىدەك توقاللىق نامزاتىغا ئايلاندۇرغان.

ناھايىتى تەبىئىي ھالدا، فۇ چەي شى شىنى دەررۇ قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوردا – ساراي سالدۇرۇپ، ھەتتا سۈنئىي كۆل قازدۇرۇپ، نۇرغۇن پۇلنى سورۇۋەتكەن. شۇنداقلا، بەگلىكنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئورنىغا، پۈتۈن ۋاقتىنى شى شىنىڭ يېنىدا ئۆتكۈزگەن. شۇ تەرىقىدە، كۈچلۈك ۋۇ بەگلىكى ھالاكەتكە قەدەممۇ قەدەم يېقىنلاشقان.

چۈشكۈنلىشىش، چىرىكلىشىش ۋە ھالاك بولۇش

ھالبۇكى، فۇ چەي بىردىنبىر ئازدۇرۇلغۇچى ئەمەس ئىدى. ۋۇ بەگلىكىنىڭ باشقا سەركەردە – سانغۇنلىرىمۇ يۆ بەگلىكىدىن ئەۋەتىلگەن سەتەڭلەرگە دۈم چۈشكەن، زەردارلار قەسر – ساراي سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشقا باشلىغانىدى. ۋۇ بەگلىكىدىكىلەرنىڭ بۇ خىل دۇنياپەرەسلىك خاھىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋ جيەن بىلەن فەن لى ئۇلارغا (قەسىر – ساراي ياساشتا ئىشلىتىشى ئۈچۈن) پەقەت دەريا ئارقىلىقلا يۆتكىگىلى بولىدىغان غايەت زور ياغاچلارنى ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەنە شۇ شەكىلدە، ۋۇ بەگلىكىنىڭ خەزىنىسى قۇرۇقدىلىشقا باشلىغان.

نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، ۋۇ بەگلىكى ئۆتمۈشتىكى سەلتەنەتى بىلەن پەخىرلىنىشتىن باشقىغا يارىمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ۋۇ بېگى فۇ چەي ۋە ئۇنىڭ سەركەردە – سانغۇنلىرى ساھىبجامال ۋە ئوردا – سارايلاردىن باشقىنى ئويلىماس ھالغا كەلگەن. بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالىشى مۇمكىن بولغان بىردىنبىر شەخس ۋۇ زىشۈ بىر قېتىم فۇ چەي بىلەن بەك قاتتىق تاكالىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلۈۋېلىشقا بۇيرۇلغان (بۇ خىل جازا خىتاي تارىخىدا خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، ت). بىر قېتىم، ۋۇ بەگلىكىدە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى كۆرۈلۈپ، خەلقى (ئاچارچىلىق تۈپەيلى) ئىسيان كۆتۈرۈشكە ئاز قالغاندا، فۇ چەي «خوجا»لىق سالاھىيىتى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، «سادىق بېقىندىسى» يۆ بەگلىكىدىن ئاشلىق سورىغان. يۆ بەگلىكىمۇ ئاشلىق بېرىشكە قوشۇلغان.

ئەمما، ئۇلار بۇ ئىشتا مىكىر ئىشلەتكەن. يۆ بەگلىكىنىڭ سانغۇنى فەن لى ئاشلىقنى ۋۇ بەگلىكىگە ئەۋەتىشتىن ئىلگىرى، ئۇنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ پىشۇرۇۋەتكەن. بۇنداق بولغاندا، ئاشلىقنى يېگىلى بولاتتى – يۇ، تېرىپ پايدىلانغىلى بولمايتتى. بۇ ئەھۋالدا، ۋۇ بەگلىكىدىكى دېھقانلار قانچىلىك نائۈمىد بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ناھايىتى تېزلا تېخىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىققا دۇچ كېلەتتى.

ئەنە شۇ چاغدا، گوۋ جيەن ۋۇ بەگلىكىنىڭ جاجىسىنى بېرىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ قاراپ، ۋۇ بەگلىكىگە قارشى قوشۇن تارتىپ، ھېچقانچە قارشىلىقسىزلا ئۇلارنى بويسۇندۇرغان. نومۇسقا چىدىمىغان فۇ چەي ئۆلۈۋالغان.

لېكىن، گوۋ جيەننىڭ ۋۇ بەگلىكى ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسى قوش بىسلىق خەنجەرگە ئايلانغان. بىر تەرەپتىن، ئۇ دۈشمىنىنى يەڭگەندىن كېيىنمۇ (ئۆزى كۈتكەندەك) ئارامخۇدا ياشىيالمىغان ۋە ئاخىرىدا ئۆز سەركەردىلىرىنىڭ ساداقىتىن گۇمانلىنىپ، تىغ ئۇچىنى ئۇلارغا قارىتىپ، يۆ بەگلىكىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك كۈنلەردىن ئۆتۈشىدە مىسلىسىز رول ئوينىغان ۋېن جوڭنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. فەن لى چى بەگلىكىگە قېچىپ كەتكەن. داڭدار ساھىبجامال شى شىمۇ (ئۆزىدىن فۇ چەينى بىخۇدلاشتۇرىدىغان قورال سۈپىتىدە پايدىلانغان) «ھەقىقىي سۆيگۈنى» فەن لى بىلەن بىللە چى بەگلىكىگە كەتكەن.

گوۋ جيەن كېيىنكىلەر تەرىپىدىن «قۇشنى ئېتىپ چۈشۈرگەندىن كېيىنمۇ ئوقياسىنى قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان، ئىتى ئوۋلاپ كەلگەن ئولجىنى يېگەندىن كېيىن ئىتىنى بوغۇزلىۋېتىدىغان» ئادەم دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. جەڭلەردە شۇنچە كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۆ بەگلىكى گوۋ جيەننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن قالايمىقانلاشقان. ۋۇ بەگلىكى ۋە يۆ بەگلىكى ئىككىلىسى قايتىدىن گۈللەنگەن چۇ بەگلىكى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان.

مەنبە: ئۇيغۇرلار ژۇرنېلى