خىتاينى چۈشىنىش 14

May 20, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 10 مىنۇت

خىتاي ئارمىيەسى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدەملىرى

خىتـاي خەلـق ئازادلىـق ئارمىيەسـى 1927 – يىلـى 8 – ئاينىـڭ 1 – كۈنىنـى قۇرۇلغـان كۈنـى سـۈپىتىدە قوبــۇل قىلىــدۇ. ھالبۇكــى، گومىنــداڭ بىلــەن كوممۇنىســتىك پارتىيــە ئوتتۇرىســىدىكى تۇنجــى ھەمكارلىـق مەزگىلىـدە يـې تىـڭ مۇسـتەقىل پولكـى ئاللىقاچــان كوممۇنىســتىك پارتىيەنىــڭ قوشــۇنى ئىــدى.

1927-يىلــى 4 – ئاينىــڭ 12 – كۈنــى جيــاڭ جېيشــى شــاڭخەيدىكى كوممۇنىســت پارتىيــە ئەزالىرىنــى تازلاشــقا باشــلىدى1927-يىلى كۈزدىــن 1928 – يىلــى ئەتىيازغىچــە، خىتــاي كوممۇنىســتىك پارتىيەســى نەنجىــڭ ھۆكۈمىتىنــى ئاغــدۇرۇپ تاشــاش ئۈچــۈن نەنچــاڭ قوزغىلىڭــى، كۈزلـۈك ھوسـۇل قوزغىلىڭـى، گۇاڭجـۇ قوزغىلىڭـى، شــياڭنەن قوزغىلىڭــى ۋە شــەرقىي خۇبېــي قوزغىلىڭــى قاتارلىقلارنــى ئېلىــپ بــاردى. بــۇ قوزغىلاڭغــا قاتناشــقان قىســىملار خىتــاي ئىشــچى دېھقـان ئىنقىـلاب ئارمىيەسـى دەپ ئاتالـدى. 1928 – يىلـى 5 – ئايدىـن كېيىـن قوشـۇننىڭ ئىسـمى قىزىل .2 ئارمىيــە قىلىــپ ئۆزگەرتىلــدى.

بىرىنچـى قېتىملىـق ئىچكـى ئـۇرۇش مەزگىلىـدە خىتـاي كوممۇنىسـت ئارمىيەسـى سـان جەھەتتـە زور دەرىجىدە ئازىيىپ بىرلا بازىسـى قالدى. 1936 – يىلى 12-ئايــدا شــىئەن ۋەقەســىدىن كېيىــن، گومىنــداڭ بىلــەن كوممۇنىســتىك پارتىيــە ئىچكــى ئۇرۇشــنى توختىتىــپ، ئۆزئــارا ئىككىنچــى ھەمكارلىقىنــى باشــلىدى. 1937 – يىلــى 7 -ئىيــۇل ياپونغــا قارشــى ئــۇرۇش پارتلىغاندىــن كېيىــن، قىزىــل ئارمىيەنىــڭ ئاساسـلىق كۈچـى دۆلـەت ئىنقىلابـى ئارمىيەسـىنىڭ 81-كورپۇســىغا ئۆزگەرتىلــدى.( ســەككىزىنچى ئارمىيـە) 1937 – يىلـى 10 – ئاينىـڭ 12 – سـەككىز ۋىلايـەت، 13 رايوندىكـى قىزىـل ئارمىيـە ۋە پارتىزانـلار قايتىدىــن دۆلــەت ئىنقىلابــى ئارمىيەســىنىڭ يېڭــى 4 – ئارمىيەســىگە ئۆزگەرتىلــدى. بــۇ مەزگىلــدە 8-ئارمىيــە ۋە يېڭــى 4 – ئارمىيــە ئــۆز كۈچىنــى ســاقلاپ قىلىــش ئۈچــۈن ئاساســلىقى پارتىزانــلار تاكتىكىســىنى ئىشــلىتىپ، ياپونــلار بىلــەن كــەڭ كۆلەملىــك جــەڭ قىلىشــتىن ســاقلاندى. شــۇنىڭ بىلـەن بىـر ۋاقىتتـا، ياپـون ئارمىيەسـىنىڭ قالدۇرۇپ كەتكــەن يەرلىرىنــى ئىگىلــەپ، شــەرقىي شــىمالدا نۇرغــۇن بــازا قۇرۇۋالــدى. يەرلىــك ئاھالىدىــن زور كۆلەمـدە قوشـۇن توپـلاپ، مۇنتىزىـم قوشـۇن سـانىنى 1 مىليــون 200 مىڭغــا يەتكــۈزدى.

داۋامىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئوقۇڭ: خىتاي ئارمىيەسى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدەملىرى

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى