ئوقۇيدىغان ماقالىلەر 1

June 05, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

ئانايۇرت ژۇرنېلى

ئانايۇرت ژۇرنىلى

«ئانايۇرت ژۇرنېلى» شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئىمانىي بۇرچى ۋە ھايات نىشانى قىلغان بىر شەرقىي تۈركسىتانلىقنىڭ ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغان ماتېرىيالىدىن بىرى.

بۇ ژۇرنال 2013-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە جەمئىي 9 سان چىقىرىلغان بولۇپ، چەتئەلدە چىقىرىلغان سۈپەتلىك ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىلمىي-پىكىرىي ژۇرنال ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ژۇرنالدىكى ماقالىلەر بەزىلىرى ماڭا بەك تەسىر قىلغان ماقالىلەر بولۇپ، ئىلمىي دەۋا ئېلىپ بېرىشنى نىيەت قىلغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر باشتىن ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ژۇرنال باش مۇھەررىرنىڭ تۇنجى سانىدىكى كىرىش سۆزگە يازغانلىرىنىڭ بىر قىسىم مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

شەرقىي تۈركىستان بۇرۇندىن تارتىپ خىتاي ۋە خىتايغا تەھدىت سالغان موڭغۇل ۋە مانجۇلاردىن باشقا يەنە، رۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ تەسىر كۈچىنى تالىشىش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. خەن سۇلالىسى ئىمپېراتورى ۋۇدى )م.ب 87 –م.ب 140 ( ھۇنلارنىڭ بېسىمى ۋە تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھۇنلارنىڭ ئوڭ قولىنى كىسىپ تاشلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشقان. تاڭ سۇلالىسى ئىمپېراتورى تەيزۇڭ ) 649 – 627 ( مۇ كۆك تۈركلەرنىڭ بېسىمىغا قارشى شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشقا ئۇرۇنغان. شەرقىي تۈركىستان ھەم شەرق بىلەن غەربنى بىر – بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ھەم بىر – بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان رايون بولغاچقا، ئەڭ كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسى بۇ رايونغا كۆز تىكىپ كەلگەن. موڭغۇللار ۋە مانجۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى. زامانىۋى دۆلەتلەر دەۋرىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇھىم ئورنىنى يوقىتىپ قويماستىن، جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈرەش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. 19 – ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاندا رۇسلار، ئىنگىلىزلار ۋە خىتايلار ئۆزئارا تەسىر دائىرىسىنى تالىشىپ تىركەشكەن، ھەتتا ئوسمانلى خەلىپىلىكىمۇ قىزىققان.

20 – ئەسىرنىڭ بېشىدا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش چوڭ كۈچلەر بۇ رايوندا رىقابەتكە چۈشكەن. 1933 – يىلى 12 – نويابىردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ئەشۇ كۈچلەر رول ئوينىغان. 1944 – يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقى، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىدى.

بۈگۈنمۇ شەرقىي تۈركىستان ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى يەنە يوقىتىپ قويمىدى. ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى نەتىجىسىدە، خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى نەزەرگە ئېلىشقا مەجبۇربولدى. يەنە كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مول تەبىئىي بايلىقلىرى بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسىياغا ئېچىلىشىدىمۇ كۆۋرۈك ۋە دەرۋازا بولۇش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. بۇ دەرۋازا تاقالسا ياكى كۆۋرۈك يىقىلسا، خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسىياغا ئېچىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، خىتاينىڭ رەقىپ كۈچلىرى ئۈچۈنمۇ مۇھىم رولغا ئىگە. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار، تارىختىكى مەدەنىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. شۇنداقلا ھەر نۇقتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر.

بۇ ئۇلۇغ ئەجداد ۋە مۇقەددەس ۋەتەنگە لايىقىدا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇيغۇر ۋە ئۆزىنى ئۇيغۇر ھېسابلايدىغان ھەر بىر ئىنساننىڭ باش تارتالمايدىغان بۇرچىدۇر. «مېلى بارلار مېلى، كۈچى بارلار كۈچى، ئەقلى بارلار ئەقلى بىلەن تۆھپە قوشۇش » دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنىڭ روھى بويىچە، بىزمۇ كۈچىمىزگە يارىشا ئىش باشلىدۇق. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمىزنى ژۇرنىلىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە چاقىرىمىز!

مەن بۇ 9 ساننىڭ ھەممىسىنى چىقىرپ قويدۇم.

1- قىسىم

2- قىسىم

3- قىسىم

4- قىسىم

5- قىسىم

6- قىسىم

7- قىسىم

8- قىسىم

9- قىسىم