ئوقۇيدىغان ماقالىلەر 3

June 07, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى

بۇ كىتاپچە بىزنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرىمىز ھەققىدە يېزىلغان ۋە مەن كۆرگەن ئەڭ رەتلىك ئۇيغۇرچە ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ماتېرىلادا يېزىلغانلار ھاياجاندىن خالىي ھالدا بىزنىڭ رىئال مەسلىلىرىمىز ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ۋە مەسىلىلىەرنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەرگەن. دېمەك، سۇئال ناھايىتى رەتلىك سورالغان ئىكەن.

ماتېرىيال 2018-يىلى نەشىر قىلىنغان ئىكەن. بۈگۈنكىچە 6 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئوخشاش سۇئاللارنى سوراپ ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى ئويلىنىش ئەڭ توغرا تەقىقات بولىدۇ دەپ قارايمەن.

بۇ ماتېريالدىكى قاراشلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا دەپ قارىمايمەن. ئەمما بۇ كىتاپنىڭ بابلىرى ۋە تەتقىقات ئۇسلۇبى ھەققىدە داۋاملىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە بەكمۇ مۇھتاجمىز.

كىرىش سۆز قىسىمىنىڭ بىر قىسىمى تۆۋەندىكىچە:

خىتاينىڭ يۈكسىلىشى بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ دۇنيادا تونۇلدى ۋە مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى يۇرت ئىچىدىن چەت ئەللەرگە يۆتكەلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى خېلى كۆپ ساندا دۆلەتنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى دوكلاتلارنى ئېان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنى پاش قىلماقتا. ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دېگەندەك خەلقئارالىق ئورۇناردا مۇزاكىرە قىلىنماقتا. چەت ئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ دەۋا يولىدىكى تەجرىبىسى بارغانچە بېيىماقتا ۋە تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە. بىراق، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى دەۋاغا زىيان سالماقتا. ئىنستىتۇتىمىز تەرىپىدىن ئېان قىلىنغان بۇ سىياسىي ماتېرىيال، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىشقا ھەسسە قوشۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى