تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 4 مىنۇت
بسم الله الرحمن الرحيم
خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان ژۇرنېلى
بۇ ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى چىقىرىۋاتقان ئىلمىي-پىكىرىي ماقالىلەر ژۇرنىلى بولۇپ، بەزى ماقالىلەر ھەقىقەتەن بەك قىممەتلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالدرماي ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ. ھازىرغىچە 7 قىسىم چىقىپ بولدى.
تۇنجى ساننىڭ مۇقەددىمىسى تۆۋەندىكىچە:
تۈركىستان ھەر قايسى دەۋردىكى چوڭ كۈچلەرنىڭ رىقابەت، كۈچ تالىشىش ۋە تىركىشىش ساھەسى بولۇپ كەلدى. ھۇنار دەۋرىدە ئاسىيادا ئەڭ چوڭ ئىككى كۈچ ھېسابلىنىدىغان ھۇنار بىلەن خىتايار شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۈچ ئەسىر ئۆز-ئارا تىركەشتى. ھۇنار شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلارغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن زور كۈچ چىقاردى. ئوخشاشا كۆك تۈرك دۆلىتى بىلەن ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاننى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئەينى دەۋردىكى خىتاي، تىبەت ۋە ئەرەب قاتارلىق كۈچلەر بىلەن تىنىمسىز كۈرەش قىلدى. چىڭگىزخانمۇ جۇرجانار، تاڭغۇتار ۋە خىتايلارنى مەغلۇپ قىلىشتىن بۇرۇن، شەرقىي تۈركىستان بولۇپ بارلىق تۈركىستاننى قولغا ئېلىشقا تىرىشتى. ياقۇپ بەگ دەۋرىدە رۇسار، ئىنگلىزلار ۋە مانجۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سودا مەنپەئەتلىرىنى دەپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن ەزگىل ئۆز-ئارا رىقابەتلەشتى، ھەتتا تىركەشتى. زوزۇڭتاڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن ئىشغال ق لىۋېلىشى دەل يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى گىئو-پولىتىك )سىياسىي جۇغراپىيەلىك( مەنپەئەت توقۇنۇشى پەيدا قىلغان ۋەزىيەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۈستىدە چوڭ كۈچلەر تەرىپىدىن ئويلىنىۋاتقان سىياسىي تەڭپۇڭلۇق ئويۇنلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كۈچ مۇۋازىنىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندا 1933 ۋە 1944 - يىللىرىدا ۋۇجۇدقا چىققان مۇستەقىل جۇمھۇرىيە لەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرىلىشىدە رول ئوينىغان چوڭ كۈچلەرنىڭ مەنپەئەت توقۇنۇشى ئەڭ ئاساسلىق تاشقى سەۋەب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ دەل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن غول تاشقى سەۋەبتۇر. 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا جياڭ جېيشىنىڭ شەرقىي موڭغۇلىيەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىۋېتىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىشى، 1949 - يىلى ئىيۇندا ئامېرىكانىڭ شەرقى تۈركىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، سىتالىننىڭمۇ ماۋزېدۇڭنى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشقا كۈشكۈرتىشى، ھەتتا بىر قوللۇق ياردەم قىلىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1960 - يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىرىنىڭ داۋاملىشىشى قاتارلىق چوڭ ھادىسىلەر تاشقى ئامىللارغا ئۆرنەك بولالايدۇ.
شەرقىي تۈركىستاندا ئىشغال ۋە ئىشغالىيەتكە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پەيدا قىلغان. تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ۋە ئىسام دۇنياسىنىڭ ئەڭ شەرقىدىكى زېمىنىنى قوغداش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار تىنىمسىز كۈرەش قىلىپ كەلمەكتە. كۈرەش جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاندا قانچىلىك قان ئاققانلىقىنى ۋە قانچىلىك شەرقىي تۈركىستان پەرزەنتىنىڭ شېھىت بولغانلىقى ھازىرچە بىزگە نامەلۇم.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇنچىلىك ئېغىر دەرىجىدىكى تىراگېدىيەلىك ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىشى نوقۇل بۇ رايوننىڭ گىئو- ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى يەر ئاستى ۋە باشقا تەبىئىي بايلىقلىرىمۇ بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبىدۇر. تارىختا ئىنگلىزلار بۈيۈك « رۇسارغا قارشى شەكىللەندۈرگەن ئىستراتېگىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان » ئويۇن قىسمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن رۇسارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەسىر دائىرىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرغانىدى، ئوخشاشا رۇسىيەمۇ ئىنگلىزلارنى شەرقىي تۈركىستاندىن قوغاپ چىقىرىش ئۈچۈن مانجۇ ئىمپېرىيەسى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنىدى. رۇسار ئىشغال قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ بىر قىسىم رايونىنى مانجۇ ئىمپېرىيەسىگە قارشى كوزىر سۈپىتىدە ئىشلەتكەنىدى. ئىنگلىزلار بولسا گىئو-پولىتىك مەنپەئەتلىرىدىن سىرت شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىشنىڭ كويىدا ئىدى. رۇسار مەنپەئەتلىرىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى زور بولغان مەدەنلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ پىلانىنى سوقۇپ يۈرگەنىدى. شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىۋالغان خىتاي بولسا شەرقىي تۈركىستاننىڭ گىئو-پولىتىك ئورنىدىن پايدىلىنىش ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى شۈمۈرۈش غەرىزىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئىزچىل زۇلۇم سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.
شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا قانداق ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بار بولسا، ئوخشاشا خىتاينىڭ رەقىبلىرى ئۈچۈنمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ شۇنچىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى باردۇر. كۈنىمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارانىڭ سىياسىي كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىپ، خەلقئارانىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسلىلەردىن بىرىگە ئايلاندى. خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن خەلقئارا كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىنسانىي، ۋىجدانى ۋە سىياسىي جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈشى، يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا شەرقىي تۈركىستان خەلقنىڭمۇ تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇقەررەردۇر.
شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇرەككەپ ھالغا كېلىدىغانلىقى شەكسىزدۇر. بۇ نۇقتىدىن ئىنستىتۇتىمىز تەرىپىدىن چىقىرىلىشقا » خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە شەرقىي تۈركىستان « باشلىغان ناملىق ژۇرنىلىمىزدا خەلقئارانىڭ ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىلمىي جەھەتتىن ئانالىز قىلىنىش ئارقىلىق، مەسىلىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە مەزمۇنى يورۇتۇپ بېرىلىش بىلەن بىرگە، ھەل قىلىش يوللىرى ۋە چارىلىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. شۇنداقلا يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىلمىي جەھەتتىن چۈشىنىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك تەقدىرىنى قولغا ئېلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيدۇ.
ژۇرنالنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ:
1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم
5-قىسىم
6-قىسىم
7-قىسىم