بلوگ يېڭىلىقلىرى

June 15, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

بلوگ يېڭىلىقلىرى

ئەسسالام ئەلەيكۇم، قېرىنداشلار قانداق ئەھۋالىڭلار؟

بۇ بىرنەچچە ئاي ئىچىدە بۇ بلوگقا بەزى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ قويدۇم. شۇ قوشۇمچە ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇپ قوياي دېدىم.


1. خەۋەرلەر

بۇ ئىقتىدارىدا ئىككى ئاساسلىق بەت بار. بىرىنچىسى «ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر» بېتى بولۇپ، ئۇيغۇرچە دۇنيا خەۋەرلىرىنى توپلاپ بېرىدۇ. مەسىلەن، تۈركىيە خەۋەر قانىلى TRT دىكى ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر، ئۇيغۇر ئاگېنتىلىقى تور بېتىدىكى خەۋەرلەر، ئۇيغۇرنېت تور بېتىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر، نيۇيورك تايمىس خەۋەرلىرى، خىتاي ھەققدىكى خەۋەرلەر قاتارلىق ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى توپلاپ بېرىدۇ. بۇ خەۋەر قاناللىرىنىڭ ئالدىنقى ئۈچى ئۇيغۇرچە خەۋەر مەنبەلىرى بولغاچقا مەسىلە يوق، ئەمما كېيىنكى ئىككىسى ئەسلى ئېنگىلىزچە بولغانلىقى ئۈچۈن ئارقا سۇپىدا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىدىغان مۇلازىمەتنىڭ تەرجىمە سۈپىتى بەكمۇ ياخشى بولماسلىقى مۇمكبن. بەزىدە بەلكىم خاتالىق كۆرۈلسە ئەسلى ئېنگىلىچە خەۋەرنى چىقىپ قويۇشى مۇمكىن.

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەسكەرتىش

بۇ ئۇيغۇرچە خەۋەر مەنبەلىرىدىن TRT ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر نېت توربەتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقەم يوق. ئۇ توربەتلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمە پىكىر قىلىدىغان خۇيى بار. بۇلارنى ئىشلىتىشىمنىڭ سەۋەبى، بۇ خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ ئىشلەتكەن تور بەت تېخنىكىسى پەقەت مەن قوللانغان خەۋەر توپلاش تېخنىكىسىغا ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا خالاس. شۇڭا تەنقىدىي تەپەككۇرنى يوقاتماستىن پايدىلىنىش كېرەك. ئەسلىدە بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەردىن باشقا ھەرقانداق مەنبەگىە تەنقىدىي تەپەككۇر لازىم بولىدۇ.

ئىككىنچى بەت بولسا ئەڭ ئاخىرىدىكى «خىتاي زۇۋانىدىن خەۋەرلەر» سەھىپىسى بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىگە نەزەر بېتى ئېچىلىدۇ.

خىتاي زۇۋانىدىن خەۋەرلەر

بۇ بەتتىكى تۇنجى مەنبە خىتاي زىيالىي ماقالىلىرى بولۇپ، بۇ خىتايلارنىڭ 爱思想 تەپەككۇرنى ياخشى كۆرۈش ناملىق تور بېتىدىكى ئەڭ يېڭى ماقالىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى چىقرىپ بېرىدۇ. بۇ توربەت ئەسلىدە خىتايچە بىلىدىغانلارنىڭ دىققەت قىلىپ تۇرىشى كېرەك بولغان تور بەت بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىقتىساد، قانۇنشۇناسلىق، ئاخباراتچىلىق قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە خىتاي زىيالىلارنىڭ يازغان ماقالىلەرنى چىقىرىدۇ. ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلمىي ماقالىلەر بولۇپ، دىققەت قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك بولغان مۇھىم مەنبەدۇر. ئىككىنچى مەنبە «خىتاي ئەسكىرىي خەۋەرلىرى» بولۇپ، خىتاي ئەسكىرىي ساھەسىدىكى خەۋەرلەرنى يىغىپ بېىرىدۇ، ئۈچىنچى مەنبە بولسا «چەتئەلدىكى خىتاي خەۋەرلىرى» بولۇپ، چەتئەلدە ياشايدىغان خىتايلارنىڭ ئۆزىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىقىرىدىكەن. يەنە بىرى «خىتايغا قاراش» بولۇپ خىتايچە 看中国 توربېتىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرنى چىقىرىپ بېرىدۇ. كېيىنكى خەۋەر مەنبەسى بولسا «خىتاي خەۋەر تورى» بولۇپ 中新网 خەۋەرلىرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاخىرقىسى VOA خىتاي بولۇپ، ئامېرىكا ئاۋازى تور بېتىنىڭ خىتايچە سەھىپىسىدىكى خەۋەرلەرنى چىقىرىپ بېرىدۇ.

بۇ ئىككى خەۋەر سەھىپىسى بولسا كۈندە بىرنەچچە ۋاخ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۈندە بىر بولسىمۇ دىققەت قىلىپ تۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا تەسىر كۆرىستىدىغان سىياسىي ئاتموسفېرا نى ئالدىن پەرەز قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئۇزۇن بىر مەزگىل خىلمۇ-خىل خەۋەر مەنبەلىرىگە دىققەت قلىپ تۇرۇش كېرەك. بۇ سەھىپىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ئېنگزىلىچە ۋە خىتايچە خەۋەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. تەپسىلاتىنى ئوقۇشنى خالىغانلار ئەسلى خەۋەرنىڭ تەپسىلاتى بېرىلگەن توربەتكە بېرىپ كۆرەلەيدۇ. مېنىڭچە، بۇ توربەت سەھىپىسى بەكمۇ مەنپەئەتلىك بولدى.

قوشۇمچە بىلىم:

يۇقارقى خەۋەر سەھىپىلىرىنىڭ بەت ئاستىدە ئەسكەرتىلگىنىدەك، ئوخشاش IP ئادرېسىدا تەكرار بىركۆرىۋەرسە ئەسلى ئېنگلىزچە ياكى خىتايچە تېكىستى چىقىپ قالىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئارقا سۇپىدا تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان مۇلازىمەت ھەقسىز مۇلازىمەت بولغاچقا كۈنلۈك تەرجىمە قېتىم سانى چەكلىك ئىكەن. شۇڭا ئەگەر ئەسلى تېكىستى چىقىپ قالسا بۇنى تېلفون ياكى كومپيۇتېرنىڭ توركۆرگۈچلىرىدە ئاپتۇماتىك ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرغىلى بولىدۇ. يالغۇز بۇ توربەتلا ئەمەس ھەممە توربەتلەرنى ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە قىلىپ كۆرگىلى بولىدۇ.

ھەرقانداق بىر توربەتنى ئۇيغۇرچە كۆرۈش ئۈچۈن تېلفوندا Chrome تور كۆرگۈچتە ئوڭ تەرەپتىكى تىك ئۈچ چېكىتنى باسىمىز، چىققان تارتىلما تىزىملىكتىن Translate.. نى باسىمىز. ئاندىن چىققان كۆزنەكتىن چىشلىق چاقنى باسساق بولىدۇ. بۇ يەردىن يەنە More Languages نى بېسىپ چىققان تىزىملىكتىن ئۇيغۇرچىنى تاللىساقلا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلىپ دۇنيادىكى بارلىق توربەتلەرنى ئۇيغۇرچە قىلىپ كۆرەلەيمىز. كېيىن ھەر قېتىم تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ ئۈستىدىكى


2. ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى مەشىقى

مەن بۇ ئۇيغۇرچە خەت بېسىش مەشىق قۇرالىنى ھايات-ماماتلىق گىرۋەكلىرىدە جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىمىزغا بىر كىشىلىك ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، خالىسانا ئاددىي خىزمەت ھېسابىدا تەييارلاپ چىقتىم. ئۈستى تەرىپىدە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى چىقىپ تۇرىدۇ. مەشىق قىلىدىنىغان جۈملىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ماقال-تەمسىللەر ۋە ئەقىلىيە سۆزلىرى بولۇپ، كۇنۇپكا تاختىسى بىلەن تەڭ ئۆز تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىمۇ مەشىق قىلالايسىز. مەشىقتىن كېيىن تەپسىلىي مەشىق نەتىجىڭىزنى چىقىرىپ بېرىدۇ. مەسىلەن، ئومۇمىي ۋاقىت، خاتا قېتىم سانى، ئوتتۇرىچە خەت بېسىش سۈرئىتىڭىز قاتارلىقلارنى ھېسابلاپ بېرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىز باسقان بارلىق ماقال-تەمسىللەرنى تىزىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى مەشىقى

ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسىنى مەشىق قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن ناھايىتى يەڭگىل پروگراممىدۇر.


3. ھېكمەتلەر خەزىنىسى

بۇ تەھرىرلىك قۇراللىرى سەھىپىسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، قۇرئان ئايىتى، ھەدىس، ئۇيغۇرچە پايدىلىق سۆزلەر ۋە ئېنگىلىزچە ئەقىلىيە سۆزلەر قاتارلىق 4 تاللاش قىسىمى بار. بۇلارنى تاللاپ بولۇپ، «خەزىنىدىن بىر چاڭگال» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز تاللىغان خەزىنىدىن بىر جۈملە چىقىرىپ بېرىدۇ. قۇرئان ئايىتىنىڭ ئەرەبچىسى ۋە ئۇيغۇرچىسى قوشۇپ بىر ئايەت چىقىرىپ بېرىدۇ. ھەر قېتىمدا ئوخشىمىغان بىر ئايەتنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ھەدىستىن بولسا ئەرەبچىسى ۋە ئېنگلىزچە تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. چۈنكى ھەممە ھەدىسنىڭ تەرجىمىسىنى تولۇق پۈتمىدى ۋە بۇنداق مۇلازىمەت تېخى ياسالمىدى. ئۇيغۇرچە پايدىلىق سۆزلەردە بولسا ھەر قېتىمدا بىر يېڭى ماقال-تەمسىللەر ۋە ئەقىليە سۆزلەرنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئېنگىلىزچە ئەقىليە سۆزلىرىنى چىقىرپ بېرىدۇ.

ھىكمەتلەر خەزىنىسى


بۇ بىلوگنىڭ قېرىنداشلىرىمغا پايدىلىق بلوگ بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەت.