ئەمەلدارلىق ھەققىدە

September 23, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 1 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ئەمەلدارلىق ھەققىدە ئىككى ئېغىز ئەسلەتمە

ئەمەلدارلىق ھەققىدە مۇنداق بىر پىكىرلىرىمنى ئورتاقلاشقۇم كەلدى:

ئەمەلدارلىق بۈگۈنكى كۈنىمىزدە كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ ھاياتى نىشانى ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ ئېغىزلىرىدا دېمىگىنى بىلەن، ئازراق تىرىشىپ بىرەر كىچىك بولسىمۇ مەنسەپ ياكى ئابرويغا ئېرىشىشنى نىشان قىلىۋاتقانلار خېلى كۆپ ئۇچراپ قالىدۇ. ئەمما بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزدا بولسا ئەمەلدارلىق ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش ھېسابلىنىدۇ. تارىختىن بۇيان ئىسلام ئۆلىمالىرى بۇنىڭدىن ئەسكەرتىپ كەلگەن. ئىسلام ئۆلىمالىرىمۇ ئەمەلدارلىققا ئېرىشىش ئەمەس، ھەتتا ئەمەلدارلار بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋەتلەردىنمۇ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ياشىغان.

ئەمەلدارلىق ئىنسانغا كۆپ ماددىي كۈچ-قۇۋۋەت بېرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن نەفس ساھىبى بولغان ئىنساننىڭ بۇنداق ئەۋزەللىكلەردىن ئۆزىنى ساقلاپ، توغرا ئۇسلۇپتا ئەمەلدارلىق ئېلىپ بېرىشى بەك تەس بولۇپ قالىدىكەن.

ئىسلام تارىخىدا ئەمەلدارلار پەقەت پەۋقۇلئاددە شەخس بولمايدىكەن ھەممىسى دېگۈدەك زۇلۇمغا شېرىك بولۇپ قالغان. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئادىل ئەمىرمۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا كۆپ نادامەت چەككەنلىكى خاتېرىلىنىدۇ.

مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر قىسسە كېلىدۇ: بىر كۈنى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان جۈمە خۇتبىسى ئۈچۈن مۇنبەرگە چىقىپ مۇنداق دېدى: «مال بىزنىڭ مېلىمىز، ئولجىلار بىزنىڭ ئولجىمىز، بىز خالىغىنىمىزغا بېرىمىز خالىغىنىمىزغا مەنئى قىلىمىز». ھېچكىم گەپ قىلمىدى. ئىككىنچى جۈمە كۈنى يەنە ئوخشاش گەپنى تەكرارلىغاندا يەنە ھېچكىم گەپ قىلمىدى. ئۈچىنچى جۈمە كۈنى يەنە تەكرارلىغان ئىدى، مەسجىتتىكى بىر يىگىت تۇرۇپ: «خاتا، مال بىزنىڭ مالىمىز، ئولجا بىزنىڭ ئولجىمىز، كىم بىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىنى توسسا قېچىلىمىز بىلەن اللەنىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا تاپشۇرىمىز» دېدى. مۇئاۋىيە پەسكە چۈشۈپ ئۇ كىشىنى ئېلىپ كېلىشنى ئېيتتى. كىشىلەر بۇ يىگىت ھالاك بولدى دەپ ئويلاشقانىدى. كىشىلەر مۇئاۋىيە ھوزۇرىغا كىرگەندە كۆردىكى ئۇ يىگىت تەختتە ئولتۇرۇپتۇ. مۇئاۋىيە كىشىلەرگە ئېيتتى: «بۇ يىگىت مېنى تىرىلدۈردى، اللە ئۇنى تىرىلدۈرسۇن! ھەقىقەتەن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم:

سيكون بعدي أمراء يقولون ولا يرد عليهم ، يتقاحمون في النار كما تتقاحم القردة - مەندىن كېيىن سۆزلىگەندە ھېچكىم سۆزىنى رەت قىلمايدىغان ئەمىرلەر كېلىدۇ. ئۇلار خۇددىي مايمۇنلاردەك جەھەننەمگە شۇڭغۇپ چۈشۈپ كېتىدۇ

بىرىنچى جۈمە ھېچكىم جاۋاپ قايتۇرمىغىنىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ شۇنداق ئەمىرلەردىن بولۇپ قېلىشىمدىن قورقانىدىم. ئىككىنچى جۈمەمۇ ھېچكىم جاۋاپ قىلمىغاندا، ئۆز-ئۆزۈمگە: مەن دەل شۇنداق ئەمىرلەردىن ئىكەنمەن، دېدىم. ئۈچىنچى جۈمە بۇ يېگىت دەست تۇرۇپ ماڭا رەدىيە بەردى ۋە مېنى تىرىلدۈردى، اللە بۇ يىگىتنى تىرىلدۈرسۇن!
بۇ ھەدىسنى تەبرانى رىۋايەت قىلغانكەن. ھەدىس رىۋايەتچىلىرى ئىشەنچلىك كىشلەر ئىكەن.

بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغان ۋە ھايات نىشانى قىلغان ئىسلام ئەمىرلىرىدىن قانچىسى باردۇ؟ خاتا پىكىرلىرىدە تۇرۇپمۇ ئاخىرىغىچە دېگىنىمنى قىلىمەن، دەپ كېتىۋېرىدىغان، سۆزلىسە ھېچكىم رەت قىلمايدىغان قانچىلىغان ئەمىرلەر باردۇ؟ قىيامەت كۈنى قانچىلىغان ئەمىرلەرنىڭ مايمۇنلاردەك جەھەننەمگە موللاق ئېتىپ شۇڭغۇپ چۈشۈپ كەتكىنىگە شاھىد بولارمىز!؟ اللە بۇنداق خارلىقتىن ساقلىسۇن!

يۈكسەك كۈچلۈك قەلب ئېگىسى ۋە ئۈستۈن پىكىر ساھىبى بولمىغان ئەمىلەرنىڭ ئاساسەن زۇلۇمغا يېقىن بولغىنىنى، ھەددىدىن ئېشىپ ھەتتا اللە نىڭ دىنى بىلەن «كاللا ئويناپ» ھۆكۈملەر بىلەن ئويناشقىنىنى كۆردۇق. خۇددىي خىتاي ئەمەلدارلىق سەپسەتىلىرىنى ھايات نىشانى قلغاندەكلا…

اللە ھەممىمىزنى قىيامەتنىڭ دەھشىتىدىن ساقلىسۇن، ئامىن!