تۇققانپەرەسلىك

October 15, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

تۇققانپەرەسلىك: باشقۇرۇش ۋە سىياسەتتىكى ئادالەتسىزلىك

تۇققانپەرەسلىك ئېنگىلىزچىدە Nepotism دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە سىياسەتتە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ناچار باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ئۇ ھوقۇق ئىگىلىرىنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى ياكى يېقىن دوستلىرىنى، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە لاياقىتىگە قارىماستىن، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش ياكى ئالاھىدە ئىمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ.

تۇققانپەرەسلىك ئىسلام سىياسىتىدىمۇ تەنقىد قىلىنىدىغان ناچار باشقۇرۇش ئۇسلۇبى بولۇپ، بۇنىڭغا پەيغەمبەر ﷺ نىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنى ئەسلەتمە قىلىشقا بولىدۇ:

«مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ الْمُسْلِمِينَ شَيْئًا، فَوَلَّى رَجُلًا وَهُوَ يَجِدُ مَنْ هُوَ أَصْلَحُ لِلْمُسْلِمِينَ مِنْهُ، فَقَدْ خَانَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالْمُؤْمِنِينَ - مۆمىنلەرنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان بىر باشلىق، باشقىلارنى خىزمەتكە قويغاندا، شۇ خىزمەتكە تېخىمۇ لايىق بىرىنى تاپالايدىغان تۇرۇقلۇق (لاياقەتسىز كىشىنى تالىسا)، ئۇ ھەقىقەتەن اللەغا، رەسۇلىغا ۋە مۆمىنلەرگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ».

(ھاكىم سەھىھ دېگەن)

پەيغەمبەر ﷺ ئەمەلىي باشقۇرۇش ئۇسلۇبىدىمۇ تۇققانپەرەسلىكتىن نېرى تۇرغان. ھەتتا ئۆز قىزىنىڭمۇ ئوغرىلىق قىلسا قولىنى كېسىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇندىن باشقا يەنە پەيغەمبەر ﷺ بىزنىڭ ئەگىشىشىمىزنى نەسىھەت قىلغان 4 راشىد خەلىپىمۇ باشقۇرۇشتىكى تۇققانپەرەسلىكتىن نېرى تۇرغانىدى. بۇ نۇقتىنى ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن ناھايىتى ئاشكارە يەكۈنلىگىلى بولىدۇ. ئەمما كېيىنكى ئۈمەيۋىيلەر ۋە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىلىرى پۈتۈنلەي تۇققانپەرەسلىك بىلەن باشقۇرىدىغان پادىشاھلىقلارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ قىلغان ناھەقچىلىقلىرىنىڭ ۋابالى ئۆزىگە بولۇپ، مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنىڭ پادىشاھچە سىياسەت يۈرگۈزۈش ئۇسلۇبى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. چۈنكى بىز باشقۇرۇش ئىلمى ۋە سىياسەت ئۇسلۇبلىرىدا پەقەت ۋە پەقەت پەيغەمبەر ﷺ گە ئاندىن قالسا 4 راشىد خەلىپىلەرگىلا ئەگىشىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا مەيلى ئەرەبلەرنىڭ بولسۇن، مەيلى شەرقنىڭ بولسۇن، مەيلى غەربنىڭ بولسۇن ھەرقانداق باشقۇرۇش ئۇسلۇبلىرىغا مۇراجىئەت قىلغانلار ۋە قوللانغانلار ئۆلگەندىن كېيىن ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدۇ.

تۇققانپەرەسلىكنىڭ ئاتالغۇسىنىڭ مەنبەسى

تۇققانپەرەسلىك (Nepotism) ئۇقۇمىنىڭ كېلىپ چىقىشى ناھايىتى قەدىمكى زامانلارغا تۇتىشىدۇ. بەلكىم بىزدىن بۇرۇنقى بەزى ئۈممەتلەردە بىر قەۋمنىڭ رەھبەرلىكىنى مەلۇم تۇققىنى ياكى ئوغلىغا تاپشۇرۇشنى رەببىمىز اللە بۇيرۇغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بىز مۇھەممەد ﷺ ئۈممىتىگە بۇنداق بۇيرۇق بېرىلمىدى. خۇددىي ئالدىنقى تېمىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك بىزگە ئۈلگە بولىدىغان بۈيۈك شەخسلەر سىياسەتتىكى تۇققانپەرەسلىكتىن نېرى تۇردى.

كۈنىمىزدە ئېنگىلىز تىلىدا قوللىنىۋاتقان Neopism كەلىمىسى بولسا لاتىنچە “nepos” (نەۋرە ياكى جىيەن) سۆزىدىن كەلگەن. دەسلەپتە رىم كاتولىك چېركاۋلىرىدا پوپلارنىڭ ئۆز جىيەنلىرىنى ناھەق ھالدا يۇقىرى دەرىجىلىك دىنىي ئەمەلدارلىققا تەيىنلىشىنى تەسۋىرلەشتە ئىشلىتىلگەنىكەن.

تۇققانپەرەسلىكنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىپادىلىنىشى

تۇققانپەرەسلىككە شۇنچە ئادالەتسىز ۋە كىشىلەرنىڭ غەزىپىگە سەۋەپ بولىدىغان پەسكەشلىك بولسىمۇ، تارىختىن كۈنىمىزگىچە داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى. تۇققانپەرەسلىك كۈنىمىزدە تۆۋەندىكى بىرنەچچە ساھەدە مەۋجۇد:

  1. كۈنىمىزدىكى پادىشاھلىق خاراكتېرىدىكى ھاكىمىيەتلەردە تەختنىڭ ئاتىدىن بالىغا مىراس قېلىشى. مەسىلەن، ئەنگېلىيە، سەئۇدىي ئەرەبىستان، چاۋشەن…

  2. دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنى مۇھىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا قويۇشى. بەلكىم ئۆز ئائىلە ئەزالىرى ئەڭ لاياقەتلىك ئادەم بولىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ئىسلام دىنىمىزدا پىتنىگە سەۋەپ بولىشىنى ئويلىشىپ بۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش ئۆرنىكى كۆرسىتىلگەن. مەسىلەن، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئوغىلىنىڭ رەھبەرلىككە مۇۋاپپىقلىقىنى باشقىلار شۇنچە ئېيتقان بولسىمۇ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئوغىلىنى ھەرگىز يېقىن يولاتمىغان. بىز ئالىدىغان ئۆرنەك ئەسلى بۇ. ھەتتا كۈنىمزىدىكى خىتايلارمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلىدۇ، ئەڭ كەمىدە تۇققانلىرىنى باشقا پۇل تاپىدىغان ساھەگە قويىدۇ، ئاشكارە ئۆزى تۇرىۋاتقان سىياسىي رەھبەرلىككە ئىزباسار قىلىپ ئېلان قىلمايدۇ. ھېيلىگەر خىتايلار بۇنىڭ خەلقى تەرىپىدىن نارازىلىق كەيپىياتى پەيدا قىلدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

  3. شىركەت باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئۆز پەرزەنتىنى باشقا لاياقەتلىك خادىملار بار تۇرۇقلۇق مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىشى. بەزى جەمەت كارخانلىرىدا، پۈتۈن مال-مۈلك شەخسىي ئۆزىگە تەۋە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۆز پەرزەنتلىرىنى قويۇش ھەققى بار، مەسىلە يوق. ئەمما 100 يىلغا يېقىن مەۋجۇتلىقنى ساقلىيالىغان چوڭ شىركەتلەر ئاۋۋال ئۆز پەرزەنتىنى قويۇشنىلا نىشان قىلماستىن، ئاۋۋال ئۆز پەرزەنتىنى شۇ باشقۇرۇش ئورنىغا تەربىيلەپ بولۇپ، ئاندىن باشقۇرغۇچىلىققا قويىدۇ. دەل مۇشۇ لاياقەت ئۇقۇمىنى تۇققانپەرەسلىكنىڭ ئالدىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇ شىركەتلەر ئەسىرلەردىن بۇيان مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

  4. باشقا لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلار بار بولىسمۇ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆز تۇغقىنىنى ئىشقا ئېلىشى. يالغۇز مەكتەپلا ئەمەس، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەك چوڭ ھوقۇق ئەمەس، ئەمما مۇھىم نەتىجىلەرنى چىقىرىشى كېرەك بولغان ساھەلەردىن دىننىي دەۋەت، بۆلۈم باشلىقلىق، ئىقتىسادىي خىزمەت… قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ھاياتىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىش. ئەمما ئۆز ئىشلىرىدا لاياقەتلىك كىشىنى ئەمەس تۇققانپەرەسلىكنى ئاساس قىلىپ ئىش قىلغانلارنىڭ ۋابالىنى قىيامەتتە كۆرىشىمىز ئېنىق.

تۇققانپەرەسلىكنىڭ زىيانلىرى

تۇققانپەرەسلىكنىڭ جەمئىيەتكە ۋە تەشكىلاتلارغا كۆپلىگەن سەلبىي تەسىرلىرى بار:

  1. اللە ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خىيانەت قىلغانلىق بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ﷺ ئېنىق قىلىپ: «مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ الْمُسْلِمِينَ شَيْئًا، فَوَلَّى رَجُلًا وَهُوَ يَجِدُ مَنْ هُوَ أَصْلَحُ لِلْمُسْلِمِينَ مِنْهُ، فَقَدْ خَانَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَالْمُؤْمِنِينَ - مۆمىنلەرنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان بىر باشلىق، باشقىلارنى خىزمەتكە قويغاندا، شۇ خىزمەتكە تېخىمۇ لايىق بىرىنى تاپالايدىغان تۇرۇقلۇق (لاياقەتسىز كىشىنى تالىسا)، ئۇ ھەقىقەتەن اللەغا، رەسۇلىغا ۋە مۆمىنلەرگە خىيانەت قىلغان بولىدۇ» دېگەنىدى. (ھاكىم سەھىھ دېگەن)

  2. ئادالەتسىزلىك: لاياقەتلىك كىشىلەرنىڭ پۇرسەتتىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ھەتتا لاياقەتلىك بولسىمۇ ئۆز تۇققىنىنى مۇھىم باشقۇرۇش ئىشلىرىغا تەيىنلەش شۇ باشلىقتىن باشقا دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر ئىنسانغا ئادالەتسىزلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. 4 خەلىپىنىڭ ھېچقايسىسى ئۆز بالىسى ياكى تۇققىنىنى رەھبەرلىككە يېقىنلاشتۇرىمىغانىكەن، ئىسلامدىمۇ بۇنداق ئادالەتسىزلىككە يول يوق.

  3. ئۈنۈمسىزلىك: ئىقتىدارسىز كىشىلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئىگىلىشى نەتىجىسىدە خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ. ئەسلى قىلماقچى بولغان خىزمەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ. تۇققانپەرەسلىك سەۋەپلىك بىرەر ئىشنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئالدىغا ماڭغانىلىقنى ئىنسانىيەت تارىخىدا بىلمەيمىز. بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇنداق تەشكىلات ياكى ھاكىمىيەت ئېنىق چۆكىدۇ.

  4. روھىي چۈشكۈنلۈك: باشقا خادىملارنىڭ خىزمەت قىلىش ئىستىكىنى يوقىتىدۇ. ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان، تەخسىكەشلىك قىلىشنى ئۆزىگە لايىق كۆرمەيدىغان ئادالەتپەرۋەر خادىملارنىڭ روھىي چۈشكۈنلىشىدۇ.

  5. ئىشەنچسىزلىك: جەمئىيەتتە ۋە تەشكىلاتتا ئىشەنچسىزلىك كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ. ھېچكىم بۇنداق جەمەت تەشكىلاتىنىڭ بىرەر مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئىشەنچىسى قالمايدۇ. توغرا قىلسىمۇ باشلىق تۇققىنىنىڭ توغرا، خاتا قىلسىمۇ باشلىق تۇققىنىنىڭ قىلغىنى توغرا بولۇپ كۆرۈنىدۇ. ھېچكىم باشلىققا ئىشەنمەس بولىدۇ.

  6. ھەمكارلىق كەيپىياتىنىڭ بۇزۇلۇشى: سالامەت رىقابەت مۇھىتى يوقىلىپ، ئورۇنسىز مۇناسىۋەتلەر كۈچىيىدۇ. كىم باشلىققا ياكى باشلىقنىڭ تۇققىنىغا يېقىن بولسىلا ئۆسەلەيدۇ. ئىش پۈتتۈرۈشتە ھەمكارلىق بىلەن ئىشلەش ئەمەس، باشقا خىزمەتداشلىرى بىلەن تەخسىكەشلىكتە بەستلىشىش كەيپىياتى ھاسىل بولىدۇ.

ھازىرقى زاماندىكى كونكىرت مىساللار

  1. شىمالىي كورېيەدە كىم ئائىلىسىنىڭ ھاكىمىيەت تۇتۇپ تۇرۇشى.

  2. خىتايدىكى كومپارتىيە رەھبەرلىرى ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ پۈتۈن ئىقتىساد ساھەسىنى ئىگەللىۋېلىشى. خۇددىي ئالدىنقى مەزمۇندا ئازراق سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىتايلار سىياسىي ساھەگە ئاشكارە ھالدا ئۆز تۇققانلىرىنى قويۇپ كەتمەيدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەرگە مەخپىي ھالدا ئۆز تۇققانلىرىنى قويۇپ، خىتايچە تۇققانپەرەسلىك ئۇسلۇبىنى ياراتقان.

  3. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپ ۋە كۈيئوغلى كۇشنېرنى ئاق ساراي مەسلىھەتچىسى قىلىپ تەيىنلىشى. ترامپنىڭ كۈيئوغلى گەرچە ئىنتايىن قابىلىيەتلىك دەپ قارالسىمۇ،ئۇنىڭ ھاكىمىىيەت مەسلەتچىسى بولۇپ سايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ترامپقا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى. سىياسەتتە تۇققانپەرەسلىك ھەرگىز ئىجابىي قۇبۇل قىلىنمايدۇ.

  4. ھىندىستاندا نېھرۇ-گاندى ئائىلىسىنىڭ سىياسىي ساھەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ھۆكۈمرانلىق قىلىشى.

  5. سەئۇدى ئەرەبىستاندا پادىشاھلىق تۈزۈمىنىڭ داۋاملىشىشى.

تۇققانپەرەسلىكنىڭ سىياسىي ساھەدە بىر مىللەتكە كەلتۈرىدىغان ئاقىۋەتلىرى

تۇققانپەرەسلىكنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاقىۋەتلىرى ناھايىتى ئېغىر بولىدۇ. پۈتۈن بىر قەۋمنىڭ تەرەققىياتىنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىدۇ.

  1. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئاستىلىشى: لاياقەتسىز كىشىلەرنىڭ مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىشى نەتىجىسىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. نەتىجىدە دۆلەت ۋە خەلق داۋاملىق نامراتلىشىدۇ.

  2. خەلقنىڭ نارازىلىقى: جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك ئاخىرى خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىققا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

  3. پارىخورلۇقنىڭ كۆپىيىشى: تۇققانپەرەسلىك بىلەن پاراخورلۇق زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى كۈچەيتىدۇ.

  4. تالانتلىقلارنىڭ ئازىيىشى: بىر جەمئىيەتكە كېرەكلىك بولغان ئىقتىدارلىق كىشىلەر ئادىل مۇھىت ئىزدەپ چەت ئەللەرگە كېتىپ قالىدۇ. بىر قەۋمنىڭ تالانتلىق كىشىلىرىنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشى شۇ قەۋمنىڭ زاۋاللىقىنىڭ باشلىنىشىدۇر.

  5. دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ ئۇنۋېرسال ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ: تۇققانپەرەسلىك كەڭ تارقالغان دۆلەتلەر خەلقئارادا ئىشەنچسىزلىككە ئۇچرايدۇ، باشقا مىللەتلەر نەزرىيە ناچار ۋە ئىشەنچىسز مىللەت دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، دۇنيادا ھېچكىم چاۋشەنلىكنى كۆزگە ئىلمايدۇ. شۇنچە زالىملىققا قاراپ تۇرغان خەلق يەنە قانداق ئادالەتسىزلىكنى نورمال كۆرەركىن، دەپ مۇئامىلە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.

خۇلاسىلىگەندە، تۇققانپەرەسلىك ھەرقانداق جەمئىيەت ۋە تەشكىلات ئۈچۈن چوڭ خەۋپ، بولۇپمۇ بىز مۇسۇلمانلار بۇ ئادالەتسىز قىلىققا پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قارشى تۇرشىمىز لازىم. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن اللەنىڭ دىنىغا ھەقىقىي رەۋشتە قايتىشىمىز لازىم. بۇنىڭ بىلەن بىز ئوچۇق ۋە ئادىل رىقابەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش، قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارەت رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەقسەتلەرگە يېتەلەيمىز. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا، بىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئادىل ۋە تەرەققىي قىلغان جەمئىيەت قۇرۇپ چىقالايمىز.

ئۇلۇغ اللە مۇسۇلمانلارنى ناھەق تۈزۈملەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ئۆز پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن ھەقىقىي ئىسلامغا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن!