تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 5 مىنۇت
بسم الله الرحمن الرحيم
كىتاپ ئوقۇش كۈلتۈرى
كىتاپ ئوقۇش بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلاردىن ئاساسەن ساۋاتسىزلىق مەۋجۇد بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى مۇسۇلمان دېگەن ئەڭ كەمىدە قۇرئان كەرىمدىكى بېرىلىدىغان ساۋاپلارنى ئويلاپ بولسىمۇ، ساۋاتسىزلىق بىلەن قېلىپ قۇرئان ئوقۇشنىڭ ئەجرىدىن مەھرۇم قېلىشتىن ئەنسرەپ بولسىمۇ، ئوقۇشنى ئۆگەنمەي ئولتۇرمايدۇ.
مۇسۇلمانلاردىن خىلمۇ-خىل خىزمەتلەرگە قويۇلغانلار بولسا ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلاردىن بەزىلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ قىيامەتتە ھەق-ھوقۇق دەۋاسىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قورقۇپ بولسىمۇ مۇھىم ئىشلارنى يېزىپ داۋاملىق ئوقۇپ تۇرىدۇ.
ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ۋە سۈپەتلىك ئېلىپ بارماقچى بولغان مۇسۇلمان خىلمۇ-خىل يېزىلغان كىتاپلارنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدىكى اللە نىڭ ھۆكۈملىرىنى، پەرزلەرنى، چەكلەنگەن ھۆكۈملەرنى ئۆگىنىدۇ. تېخىمۇ ياخشى قىلماقچى بولسا ئۆز ساھەسىدىكى مۇھىم كىتاپلارنى ئوقۇپ ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئۇپۇقىنى تېخىمۇ كەڭەيتىدۇ.
دېمەك، بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا كىتاپ ئوقۇمايدىغان ئادەت شەكىللىنىپ ئايلاپ-ئايلاپ كىتاپ ئوقۇماي ياشاۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس.
كۈنىمىزدىكى پەن-تېخنىكا دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ساھەنىڭ باشلامچىلىرىمۇ دەل ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى ياشاپ، جەمئىيەت خاراكتېردە تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن مۇسۇلمانلار تەرەققىي بارلىققا كەلتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرغان ساھەلەر ئىدى. بۇ ھەقتە تۈرك تەتقىقاتچى فۇئاد سەزگىننىڭ ئىسلام بىلىم تارىخى ھەققىدىكى كىتابلىرىدا دەلىللەر بىلەن سۆزلەنگەن. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدىكى بەزى مۇسۇلمانلار دەل شۇ ئۆز مۇسۇلمان ئەجداتلىرى باشلاپ بەرگەن بىلىملەرنى «غەربنىڭ ۋە دىنسىزلارنىڭ نەرسىسىى» دەپ رەت قىلىدىغان ۋە قارشى پىكىر قىلىدىغان ھالغا كەپ قالدۇق…
مەن بۈگۈنكى كۈنىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ داۋاملىق كىتاپ ئوقۇش ئادىتى شەكىللەندۈرۈشىمىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. قۇرئاندىكى تۇنجى ئايەت «إقرا - ئوقۇ» بولغان بىز ئىسلام ئۈممىتى كىتاپ ئوقۇشنى مەدەنىيىتىمىزگە سىڭدۈرۈۋېتىشىمىز كېرەك. چۈنكى كىتاپ ئوقۇمىغان ئادەمنىڭ پىكىرى بەكلا ئاددىي بولىدۇ. كاللىسى ئاددىي كىشىلەرنىڭ قولىدىن كىچىك ئىشلارلا چىقىدۇ. بۈيۈك خىزمەتلەرنى قىلالمايدۇ. ئاچچىق رىئاللىق شۇكى، ئارىمىزدا پەقەتلا كىتاپ ئوقۇمايدىغان تونۇشلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر ناھايىتى تۆۋەن دەرىجىلىك، ھەتتا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى سەۋىيىسىدىكى سۆزلەر بولغانلىقىنى بايقايمىز. ئەمما داۋاملىق كىتاپ ئوقۇپلا تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بولسا قانچە قېتىم سورۇنداش بولساق شۇنچە قېتىم يېڭىچە پىكىرلەرگە ئېرىشەلەيمىز. تەپەككۇرلىرىمىزنىڭ ئۆتكۈر بولىشىنى ئۈمۈد قىلساق داۋاملىق كىتاپ ئوقۇپ تۇرغايمىز ھەتتا كىتاپ مەدەنىيىتى شەكىللەندۈرۈۋەتكەيمىز.
بۈگۈنكى كۈنىمىزدە ئۇيغۇرتىلىدىن باشقا تىلنى چۈشەنمەيدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق بانا يوقكى، ناھايىتى سۈپەتلىك يېزىلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان يۈزلىگەن ئۇيغۇرچە دىننىي كىتاپلار بار. ئۇيغۇرچە پەننىي ۋە باشقا ساھەدىكى كىتاپلارمۇ نەچچە مىڭ پارچە چىقىدۇ. يەنى، پەقەت سىز كىتاپ ئوقۇشنى ئويلىغانلا بولسىڭىز، ئەڭ تۆۋىنى 10 يىل ئوقۇيالىغۇدەك كىتاپلارنى قىيلانمايلا تاپالايسىز. ئەتراپىڭىزدىكى كىتاپنى كۆپ ئوقۇيدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ساھەدىكى سۈپەتلىك كىتاپلارنى تاللاپ تەۋسىيە قىلىشىنى سورىسڭىزلا نېمىنى ئوقۇش ھەققىدە ئىسىل تەكلىپلەرنى بېرىدۇ.
ئىلگىركى ئۆلىمالارنىڭ كىتاپقا قىزىقىشى، كىتاپ ئوقۇشقا ئاجراتقان ۋاقىتلىرىنى ئاڭلىساق خىجىل بولماي قالمايمىز. بىز نېمىدىگەن بوشاڭ ھالغا كەپ قالغاندىمىز…
نەدىن تېپىپ ئوقۇيمىز؟
كىتاپ ئوقۇشتا سۈپەتلىك بېسىلغان كىتاپلارنى سېتىۋېلىپ ئوقۇشقا يېتىدىغان ئۇسلۇب يوق. رىئال كىتاپنىڭ قەغەز بەتلىرىنى بىردىن-بىردىن ۋاراقلاپ ئوقۇغان لەززەتنى تېتىپ باقمىغان كىشىلەردىن باشقىلار بىلمەيدۇ. لېكىن ھەممىمىز شۇ تاپتا مۇھاجىرەت ھاياتىدا ياشاۋاتىمىز. بەلكىم بىرمەزگىلدىن كېيىن يەنە قايسى يۇرتقا كۆچۈپ ياشايمىز؟ بىلمەيمىز. بىرلا كۆچسەك نەچچە ئون پارچە كىتاپلارمۇ بىرمۇنچە يۈك-تاق بوپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى دەل قولىمىزدىكى تېلفونلاردىن پايدىلىنىش.
ھازىر ئېلكىتاپ نۇسخىسىدىكى كىتاپلارنى ناھايىتى ئاسان تاپالايمىز. مەن ھازىرغىچە بىلىدىغان تۆت ئۇيغۇرچە توربەتنى تەۋسىيە قىلاي:
ئېلكىتاپ تورى
ئۇيغۇر كىتاپ تورى
يانغىن ئېلكىتاپ ئامبىرى
تۈركىستانى كۈتۈپخانىسى
يۇقارىقى تۆت ئۇيغۇرچە كىتاپخانلاردىن مىڭلارچە ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى چۈشۈرۈپ ئوقۇيالايسىز. بەزى كىتاپلارنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا ئىشىنىمەنكى، «دۇنيادا مۇشۇنداق بىر كىتاپ يېزىلغىنىنى ھەجەپ كېچىكىپ بىلىپتىمەن-يا…» دەپ ئەپسۇسلانماي قالمايسىز.
ئەپ تەۋسىيەسى
مەن ھازىرقىچە ئاندروئىد تېلفونلاردا ئىشلىتىپ باققان ئېلكىتاپ ئوقۇش ئەپلىرى ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرگىنىم ReadEra دەپ ئاتىلدىغان ئەپ بولۇپ، مەن ئىشلەتكەن ئاندروئىد تېلفوندا ناھايىتى سۈزۈك ۋە قاتماي ئىشلەيدۇ.
ReadEra ئەپنىڭ ئاندروئىد نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
pdf, epub, docx قاتارلىق بەك كۆپ كىتاپ فورماتلىرىنى تونۇيدۇ. بۇ ئەپنىڭ ئىچىگە مىڭلارچە كىتاپلارنى قاچىلىۋالساممۇ پەقەت قاتماي ئىشلەيدۇ. ھەرخىل تېمىدىكى ۋە ھەرخىل تىلدىكى كىتاپلارنى قاچىلىۋېلىپ، تېلفونىڭىزدىكى بىكار بولسىڭىزلا خالاپ-خالىماي ئېچىپ سالىدىغان يەرگە چىقىرىپ قويسىڭىز، داۋاملىق ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش مەقسىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئوقۇغان كىتاپنى بەت سانى بىلەن خاتېرىلەپ قويىدۇ، بارلىق كىتاپلار، ئەڭ ياخشى كۆرگەن كىتاپلار دەپ خىلمۇ-خىل ھالەتلەردە تىزىپ چىقىرىپ بېرىدۇ.
بۇ ئەپنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئىقتىدارى ئېنگىلىزچە، تۈركچە، خىتايچە ۋە ئەرەبچە كىتاپلارنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارىمۇ بار. يەنى سىز كىتاپ كۆرىۋېرىپ كۆزىڭىز بىر ئاز چارچاپ قالسا، ئوقۇتۇپ ئاڭلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاۋازنى تاللاپ چۈشۈرەلەيسىز، بەزىلىرىنىڭ ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن تور كەتمەيدۇ. ئوقۇپ بەرگەن ئاۋازنىڭ بەك كۆپ تەڭشەكلىرى بار. مەسىلەن، ئەر ياكى ئايال، تېزلىكى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلاردىن تەڭشەپ ئاڭلىسڭىز بولىدۇ. ئوقۇۋاتقان يەرنى تاللاپ چىقىرىپ بېرىدۇ. بەزى تىللارنىڭ مەسىلەن، خىتايچە، ئېنگلىزچە ۋە تۈركچە ئوقۇپ بەرگەن ئاۋازنىڭ سۈپىتىگە ھەيران قالماي قالمايسىز. «توۋا…يانچۇقۇمدىكى تېلفوننىڭ مۇشۇنداق ئىقتىدارى باركەن، نېمىشقا تېخىچە ئىشلەتمىگەندىمەن» دەپ ھايرانۇ ھەس قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ReadEra نىڭ ئايفون نۇسخىسى بەك ناچاركەن. ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارىمۇ يوقكەن، ھەم بەك قېتىپ ئىشلەيدىكەن.
كىتاپنى ئوقۇپ بېرىدىغان ھۆججەت شەكلىگە ئايلاندۇرۇش
ھازىرچە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ بېرىدىغان ئىقتىدارى يوق. ئەمما باشقا تىللاردىمۇ ئوقۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇ ئېلكىتاپ چوقۇم تېكىستىنى تاللىغىلى بولىدىغان ھۆججەت بولىشى كېرەك. رەسىم ھالىتىدىكى pdf ئېلكىتاپنى ئوقۇپ بېرەلمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار كۆپرەك بىلىدىغان ئېنگلىزچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە خىتايچە كىتاپلاردىن pdf فورماتىدىكى ئەمما تېكىستىنى تاللىغىلى بولمايدىغان كىتاپ ھۆججەتلەرىنى تېكىستىنى تاللىغى بولىدىغان ھۆججەت شەكلىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى توربەتتىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ:
تاللىغىلى بولىدىغان ئىلكىتاپقا ئايلاندۇرۇش
دېمەك، ھازىر بىزگە بانا قالمىدى، خالىساق باستۇرۇپ سېتىۋېلىپ ئوقۇيلى، خالىساق تېلفوندا ئوقۇيلى، ھېچ بولمىسا ئوقۇتۇپ ئاڭلايلى. ھاياتىمىز بىلەن كىتاپنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتەك ياشاپ سالمايلى.
داۋاملىق كىتاپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ، بوش ۋاقىتلىرىمىزدا، تېلفونلىرىمىزدا، ئائىلىمىزدە ۋە ئەتراپىمىزدا «كىتاپ كۈلتۈرى» بەرپا قىلغايمىز.