مائارىپىمىزغا تەكلىپ

October 27, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 5 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

چەتئەلدىكى مائارىپىمىزغا قىسقىچە تەكلىپ

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، كۈنىمىزدە بارلىق پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ بېشىدا غەرب ئەللىرى باشلامچىلىق قىلىپ تۇرىدۇ. ئارىمىزدىكى بەزى قېرىنداشلار زامانۋېىي ئالەمشۇمۇل ماددىي تەرەققىياتلارنىڭ ھېچقايسىسىدا شەرقىي تۈركىستانلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ تۆھپىسى يوقتەك ئويلايدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۆزلۈك ئېڭى تۆۋەن كىشىلەر دائىم پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئاتلىنىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تاشلاپ تۇرۇپ باشقا مەدەنىيەتلەرگە شۇڭغۇپ كىرىش كېرەكتەك ئويلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىينىشى، تىلى، نازۇك قىلىقلىرى، قىممەت-قاراشلىرى ھەتتا دىننىي ئەقىدىسىنىمۇ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەپەككۇر ئۇسلۇبىغا سېلىشنى «ئىلمىيلىك» دەپ قارايدۇ. بۇ ھالەت ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ﷺ نىڭ تۆۋەندىكى ھەدىسىنى ئەسلىتىدۇ:

عن أبي سعيد رضي الله عنه، أنَّ النبي ﷺ قال: (لَتَتَّبِعُنَّ سَنَنَ مَنْ قَبْلَكُم شِبْرًا بشبْر، وذراعًا بذراع، حتَّى لو سَلَكُوا جُحْر ضَبٍّ لَسَلَكْتُمُوهُ؛ قلنا: يا رسول الله؛ اليهودُ والنَّصارى؟ قال النَّبيُّ ﷺ: فَمَن؟!) ئەبۇ سەئىد ئەل-خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «سىلەر چوقۇم سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ يوللىرىغا غېرىچمۇ-غېرىچ، گەزمۇ-گەز ئەگىشىسىلەر، ھەتتا ئۇلار كېلەر (بىر خىل يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان) ئۇۋىسىغا كىرسە، سىلەرمۇ كىرىسىلەر». بىز: «ئى رەسۇلۇللاھ! يەھۇدىي ۋە خرىستىئانلارنىڭمۇ؟» دەپ سورىدۇق. پەيغەمبەر ﷺ: «باشقا كىم بولاتتى؟» دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ ئەمەلىيەتتە تەسلىمچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۆزىمىزدىكى قىممەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى تاشلاپ تۇرۇپ، باشقا پۈچەك مەدەنىيەتلەردىن «شەخسىي تەرەققىيات» ئىزدەۋاتقانلار نە بىزگە نە ئۇلارغا ئەسقاتمايدۇ. ئاقىۋەتتە ھېچكىمگە پايدىسى تەگمەيدىغان ئەبجەش بىر ئادەم بولۇپ قالىدۇ. بىز ئەلۋەتتە غەربنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتىنى ئۆگىنىشىمىز، ئۇلارنىڭ تەرەققىي قىلىش جەريانىدىكى ئۇسلۇبنى ئېلىشىمىز ھەتتا ئۇلاردىن ئاشۇۇرۇپ مەنپەئەتلىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز بۇنىڭغا ئەڭ ھەقلىق. ئەمما كۈنىمىزدىكى بەزى كىشىلەر ئۆزىدىكى قىممەتلىك مىراسلارنى تاشلاپ باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار بولۇشنى تاللاۋاتىدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يۈزلىنىش يالغۇز بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلاردىلا ئەمەس، دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەتلەردە يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇ كۈچۈكلىنىش كەيپىياتىنىڭ كەڭرى يامراپ، بىر پۈتۈن مىللەت پاجىئەسى بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزگە پەن-تېخنىكا ئۆگىنىشتىن بۇرۇن ئۇلاردا ئۆز ئەقىدىسىنى، ئۆز مىراسلىرىنى، ئۆز مەدەنىيىتىنى تۆۋەن كۆرمەيدىغان كۈچلۈك ئەقىدە ۋە ئىلغار ئاڭ شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. پەن-تېخنىكا جەھەتتىن تەرەققىي قىلماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىمىزدىن، ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزدىن ۋە ئۆز دىنىمىزدىن خىجىل بولىشىنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق. بىز نە قەۋمىي جەھەتتىن نە دىننىي جەھەتتىن تۆۋەن بىر مەدەنىيەتتىن كەلگەن قەۋم ئەمەسمىز. پەرزەنتلىرىمىز پەن-تېخنىكا دېسە، تارىختىكى دۇنيا مەدەنىيىتىگە باشلامچى بولغان ئەجدادلىرىمىزنى ئەسلەشكە، ئۇلارغا دۇئا قىلىشقا تامامەن ھەقلىق.

بىزنىڭ چەتئەلدىكى مائارىپىمىزدا باشلانغۇچ مائارىپ ئۈچۈن «پەن-تېخنىكا» ناملىق ئۆزىمىزگە خاس دەرسلىكنىڭ تۈزۈپ چىقىلىشىنى ۋە سۈپەتلىك دەرس قىلىنىشىنى بەكمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. بۇ دەرسلىك ئارقىلىق بىز ئەۋلادلىرىمىزنى ئۆزىدىن خىجىل بولۇش، كۈچلۈكلەر ئالدىدا تاماخورلۇق قىلىش كەيپىياتىدىن ساقلاپ قالالايمىز، ئىنشاللا. بۇ دەرسلىكنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە بولىشى كېرەك:

  1. ئەجدادلىرىمىزدا پەن-تېخنىكا
  2. ئىسلامدا پەن-تېخنىكا
  3. كۈنىمىزدە پەن-تېخنىكا

تۆۋەندە يۇقارقى مەزمۇنلارنى تەييارلاش ئۈچۈن لازىملىق ماتېرىياللارنى كۆرىستىپ ئۆتەي:

1. ئەجدادلىرىمىزدا پەن-تېخنىكا

بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى ھۇنلار، كۆكتۈركلەر، ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانىيلار خانلىقى، شەرقىي چاغاتاي خانلىقى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق ئۆز سىياسىي كۈچىمىز ئۆزىمىزنىڭ قولىدىكى دەۋرلەردە تەرەققىي قىلغان پەن-مەدەنىيەت تەرەققىياتلىرىنى سۆزلەشكە بولىدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى مەنبەلەردىكى ھەرقايسى دەۋرلەردىكى مەدەنىيەتكە ئالاقىدار بابلاردىن پايدىلىنىپ دەرسلىك تۈزۈشكە بولىدۇ:

ئۇيغۇر ئۈچۈن بىلىم

تەبىئىي پەندىكى ئۇيغۇر مەشھۇرلار


ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى+ئۇيغۇرلار+قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى - تۇرغۇن ئالماس

ئۇيغۇر تارىخىدىكى ھۈنەر-تېخنىكا - قۇربان ۋەلى

مەتبەئە تىخنىكىسىنى ئۇيغۇرلار كەشپ قىلغان

خوتەننىڭ قەدىمقى تامغا مەدەنىيىتى

قەشقەر دۇنيادىكى تۆت چوڭ قەدىمقى مەدەنىيەت توپلاشقان جاي

مائارىپىمىزدا بىلىم كرىزىسى
بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز - قۇربان ۋەلى

قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىيلار - ھاجى نۇرھاجى

ئۇيغۇر تىبابىتى ئاساسىي نەزەرىيەلىرى ئىلمى

ئۇيغۇر تىبابىتى قىسقىچە تارىخى ماتىرىياللىرى توپلىمى

ئۇيغۇر تىبابىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن 100 كىتاپ

ئۇيغۇر تىبابىتى ھەققىدە

ئۇيغۇرلاردا ھۆكۈمدارلارغا كىتاپ تەقدىم قىلىش ئادىتى

بۇ ھەقتە بەك كۆپ ماتېرىياللارغا مۇراجىئەت قىلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى ئالاھىدە ئورۇندا بولۇپ، 2020-يىلى خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدە تەرەققىي قىلغان غەربتە مىليونلىغان ئادەملەر ئۆلۈپ كەتتى، ئەمما ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدە ياكى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن مۇكەممەل ئۇيغۇر تىبابىتى ئىلمى بىلەن كۆپلىگەن يامان كېسەللەرنى داۋالاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. ئەپسۇس، چەتئەلدىكى ئاجىزلىقىمىز سەۋەپلىك بۇ يېتەرلىك دەرىجىدە تەشۋىق قىلىنمىدى. بۇ ھەقتە بۇ ئىلمىي مىراسنى بىلىدىغان تىۋىپلاردىن كۆپ مەلۇماتلارنى ئېلىشقا بولىدۇ.

2. ئىسلامدا پەن-تېخنىكا

بۇ ھەقتە تۈرك تەتقىقاتچى فۇئات سەزگىن نىڭ «ئىسلامدا پەن-تېخنىكا» ناملىق 5 توملۇق ئەسىرى بار. بۇ كىتاپتىن پايدىلىنىپ دەرسلىك تەييارلاشقا بولىدۇ.

İslamda Bilim Ve Teknik

ئىستانبۇل بىلىم ۋە تېخنولوگىيە تارىخى موزىيى ھەققدىكى 4 قىسىملىق تۈركچە ھۆججەتلىك فىلىم:

باشقا ئەرەبچە كىتاپلارمۇ بولىشى مۇمكىن.

3. كۈنىمىزدە پەن-تېخنىكا

بۇ مەزمۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلانغۇچ مائارىپىدىكى تېخنولوگىيە ناملىق دەرسلىرىدىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا ھەققىدە كۆپلىگەن سۈپەتلىك كىتاپلار بار. ئېنگىلىزچە، تۈركچە، خىتايچە كىتاپلاردىن پايدىلىنىپ تەييارلاشقا بولىدۇ. بۇ دەرس ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتىلىدىغان خېمىيە، فىزىكا، بىئولوگىيە قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ دەرسلىك بەك مۇھىم.

بۇنىڭغا قوشۇپ خىتاينىڭ شۇنچە بېسىمى ئاستىىدىمۇ ئەقىللىق خەلىقمىز يەنىلا بەزى كەشپىياتلارغا مۇۋەپپەق بولغان. تۆۋەندىكى كىتابچىدا بەزى كەشپىياتچى ئۇيغۇرلار تونۇشتۇرۇلغان.

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر كەشپىياتچىلار

خۇلاسە

بۇ ھەقتە مەن تۆۋەندىكى 2 قىسىم ۋىديونى كۆرۈپ چىقىشڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەڭ دەسلەپكى بولسىمۇ، مۇھىم بىلىملەرگە ئېرىشەلەيسىز. بۈگۈنكى كۈندىكى بىلىملەرنىڭ ئاساسچىلىرىنىڭ ئەسلىدە مۇسۇلمانلار ھەتتا تۈركلەر بوۋىلىرىمىزدىن ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ چۆچۈمەي قالمايسىز.

مۇسۇلمان ماتېماتىكا ئالىملىرى تونۇشتۇرۇلغان 2 قىسىملىك لىكىسىيە. بەك مۇھىم مەزمۇنلار بار. ماتېماتىدىكى شۇنچە مۇھىم قائىدىلەرنى، يەرشارى بىلەن باشقا پىلانىتلارنىڭ ئارىلىقىنى ماتېماتېكىلىق ھېسابلاش قائىدىسىنى، كۈنىمىزدىكى شىفېر يېشىش ئۇسۇلىنى ۋە سۈننىي ئىدراك پىكىرىنى دەسلەپتە مۇسۇلمان بوۋىلىرىمىزنىڭ ياۋروپادىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن ئىلمىي ئوتتۇرغا قويۇپ بولغانلىقىنى كۆرگەندە ھالىمىزدىن ئېچىنماي تۇرالمايمىز. «يەرشارى ياپىلاق» دەپ تارتىشىپ يۈرگىىنىمىزدىن ئىستىغفار ئېيتىشىمىز لازىم.

ئەسكەرتىش: پىدائىيلار ئىكرانى ھازىر كۆپىنچە ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بولۇش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئىلىم-پەن ئۆگىنىش بەزى دوگما ئويلايدىغانلارغا ئوخشاش ئەمەلىيەتتە دىندىن يىراقلىشىش بولماستىن، دەل ئەكسىچە رەببىمىز اللە نىڭ ھاياتى دۇنياغا ياراتقان قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ، مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلامنى كۈچلەندۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. ئېلىم-پەننى دەپ مۇشۇنداق چۈشەنگەن دەۋرلەردە ئەجدادلىرىمىز ۋە مۇسۇلمانلار كۈچلۈك دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، ئادالەتلىك ھاكىمىيەتلەرنى بەرپا قىلغان. كۈنىمىزدە ئېلىم-پەننىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەن ئەمما تەجرىبىسىز بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۆز دىنى ۋە مەدەنىيىتىدىن خىجىل بولۇش كەيپىياتى يۈز بەردى. بۇ ناچار روھى ھالەتنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزگە خاس باشلانغۇچ مائارىپ «تېخنولوگىيە» دەرىسلىكى تۈزۈپ، سۈپەتلىك تەربىيلەش ئېلىپ بېرىشىمىز بەكمۇ تەخىرسىزدۇر!

مېھرىبان رەببىمىز ئۆز ھالىمىزنى ئۆزگەرتسۇن، ۋەتەندىكى بىچارە خەلىقىمىزنى قۇتقۇزسۇن، ئىككىلا دۇنيادىكى ئەزىزلىكنى نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!