ئۇرۇش ھەققىدە

October 29, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 45 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ئۇرۇش ھەققىدە

«ئىستراتېگىيە ۋە بىخەتەرلىك» ناملىق مەلۇم بىر كەسپىي ماتېرىيالنى كۆرۈپ، بىر باب مەزمۇننى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. مەزمۇنلار بەكمۇ چوڭقۇر تەتقىقات ئەمەس. ئەمما پۈتۈنلەي كەسپىي ماتېرىياللاردىن ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن سۈپەتلىك مەلۇماتلار ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇشلارنى چۈشىنىشتىن بۇرۇن كۈنىمىزدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا قانداق قارىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالغاندا ئاندىن شۇ ئۇرۇشنى توغرا تەھلىل قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇرۇشلار ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش شۇ ئۇرۇشتا غەلبە قىلماقچى بولغانلارغا توغرا تەپەككۇر ئۇسلۇبى سۇنىدۇ، ئاچچىق تارىخنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ئىنشاللا.

مۇھىم ئەسكەرتىش: بىر مۇسۇلمان ھەرقانداق بىر تېمىنى ئەڭ ئاۋۋال قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى كۆرسەتمىگە ئاساسەن چۈشىنىشىكە مۇھتاج. ئىسلام دىنىمىزدا ئۇرۇشلارمۇ خۇددىي باشقا دىنىي ھۆكۈملەرگە ئوخشاش: ۋاجىپ، مۇستەھەپ، مۇباھ، مەكرۇھ ۋە ھارام دەپ تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ئىسلام فېقىھسىدا خۇددىي دىننىي ھۆكۈملەر شەخس، شارائىت، زامان ۋە ماكان ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئۆزگىرىپ تۇرغىنىغا ئوخشاشلا، ئۇرۇشلارنىڭ دىندىكى ھۆكۈمىمۇ شارائىتقا قارىتا پەرقلىق بولىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتىكى ئىسلامىي بىلىملەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن سالاھىيەتلىك دىننىي ئۆلىمالارنىڭ كىتاپلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك(بۇ ھەقتە يېزىلغان ياكى تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە بىرەر ماتېرىيال بىلمەيدىكەنمەن، ئەمما ئەرەبچە خېلى كۆپ ماتېرىيال بار دەپ بىلىمەن). «ئۇرۇشلارنىڭ ئىسلامدىكى تۈرلىرى ۋە ھۆكۈملىرى» بولسا ئىسلام بىلىملىرى ئىچىدىكى مۇتەخەسىسلەرلا سۆز قوشۇشى كېرەك بولغان مەسئۇلىيىتى ئېغىر ساھەدۇر.

1. ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلار ۋە ئۇرۇش

ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلار ئۇرۇشنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك تەرىپى دەپ قارالغان - ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى، ئېلىپ بېرىلىشى ۋە نەتىجىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەتقىقات ساھەسىدۇر. ئۇرۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى، داۋاملىشىشىنى، ئاخىرلىشىشىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى شارائىتلارنى چۈشىنىش، ھەربىي كۈچنى تەھلىل نۇقتىسى قىلىش ئارقىلىق مۇمكىن بولىدۇ.

ئۇرۇشنى چۈشىنىش ۋە خۇلاسە چىقىرىش ئارقىلىق ئەمەلىي تەكلىپلەرنى بېرىش قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ھەربىي ياكى پۇقراۋىي ئسىتراتېگىيە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي پائالىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ كەلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلار ساھەسىگە بولغان ئاكادېمىك قىزىقىش سوغۇق ئۇرۇش شارائىتىدا، يەنى ئۇرۇشنىڭ بىر تەھدىت ئامىلى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇشى بىلەن تېخىمۇ جانلانغان.

شۇڭا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلارغا زىيالىيلارنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى توغرا يۆنىلىشىكە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغان بولۇپ، ئۇرۇش ئېھتىماللىقى ئاشقانسېرى ئاكادېمىك قىزىقىشمۇ ئاشقان، ئۇرۇش ئېھتىماللىقى ئازايغانسېرى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلارنىڭ بىر تەتقىقات ساھەسى سۈپىتىدىكى ئەھمىيىتىمۇ ئازايغان. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇش ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلار ساھەسىنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبىدۇر.

1.1. ئۇرۇش چۈشەنچىسى

ئىنسانىيەت تارىخى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇرۇشلار تارىخىدۇر. شۇ سەۋەبتىن ئۇرۇش ھەممىگە ناھايىتى تونۇشلۇق ۋە مەلۇم بولغان بىر چۈشەنچە. شۇنداقتىمۇ، ھەر كىمنىڭ ئۇرۇش ھەققىدە بىر پىكرى بولۇشىغا قارىماي، ئىلمىي مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئېتىراپ قىلىنغان بىر ئېنىقلىمىسىنى بېرىش ئاسان ئەمەس. ئۇرۇش دېيىلگەندە ئەڭ ئاۋۋال كاللىمىزغا كېلىدىغىنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلاردۇر. تۈركىيە تىل كوممېتىتى (Türk Dil Kurumu) لۇغىتىدە ئۇرۇش «ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ دۆلەتنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ياكى باشقىلارنىڭ تەلەپلىرىگە بويسۇنماسلىق مەقسىتىدە، بىر-بىرى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ، قوراللىق كۈچلەر بىلەن سوقۇشۇشى» دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، (Webster) لۇغىتىدە: «دۆلەتلەر ياكى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئادەتتە ئوچۇق ۋە ئېلان قىلىنغان قوراللىق دۈشمەنلىك توقۇنۇش ھالىتى» دەپ ئېنىقلانغان. ئەمما، ئاكادېمىك مەنىدىكى ئۇرۇش ئېنىقلىمىسى، كۈچ ئىشلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەھەتتىن دۆلەتلەر ئارا قوراللىق توقۇنۇشلارغا ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما دۆلەتلەر ئارىسىدا يۈز بەرمەيدىغان جەمئىيەت ئىچىدىكى توقۇنۇشلارنىمۇ (ئىچكى ئۇرۇشتەك) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇرۇش، ئەڭ كەڭ مەنىسى بىلەن بىر جامائەتنىڭ ھەر خىل نۇقتىدىكى نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن «كۈچ» ئىشلىتىشىدۇر.

زامانېۋىي ئسىتراتېگىيە پىكرىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان 19-ئەسىردىكى ئسىتراتېگىيە مۇتەخەسسىسى (Carl von Clausewitz) نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، ئۇرۇش ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي بىر پائالىيەت بولۇپ، ئۇرۇشقا دائىر ئومۇمىي ئېنىقلىمىنىڭ بۇ خۇسۇسىيەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇرۇشنى «سىياسىي گەۋدىلەرنىڭ ھەر خىل نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن بىر-بىرىگە قارشى قوللىنىدىغان تەرتىپلىك زوراۋانلىقى» دەپ ئېنىقلاش تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ.

كلاسسىك دەۋر:

• سۇنزى: خىتاي كلاسسىك ئسىتراتېگىيە ئاساسچىسى سۇنزىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، «ھەربىي ھەرىكەت دۆلەت ئۈچۈن مۇھىم بەك مۇھىم ئىشتۇر. چۈنكى بۇ مەۋجۇت بولۇش ياكى يوق بولۇش يولى، ئۆلۈم بىلەن ھايات مەيدانىدۇر. شۇڭا ياخشى تەتقىق قىلىش كېرەك». سۇنزىنىڭ پىكرىدە مەۋجۇتلۇق-يوقۇلۇش مەسىلىسى نۇقتىسىدىن ئېنىقلانغان ئۇرۇش، باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەش زۆرۈر بولغان بىر ۋەقەلەر زەنجىرى سۈپىتىدە قارىلىدۇ. بۇ نۇقتىدا مەزكۇر باشقۇرۇش ۋە يېتەكلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان قورال بولغان ئسىتراتېگىيە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

• Thucydides نىڭ قارىشىچە ئۇرۇش كۈچنىڭ ۋە كۈچ ئىزدەشنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىنسان تەبىئىتىگە خاس كۈچ ئىزدەش، ئاجىز بولغاننىڭ ھېس قىلغان قورقۇنچى بىلەن بىرلەشكەندە ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولىدۇ. Thucydides ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان كۈچ ۋە قورقۇنچ ئامىللىرىنى ئىنسان تەبىئىتىگە خاس دەپ قارىغانلىقتىن، ئۇرۇشلارنىمۇ مۇقەررەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا پېلوپوننېز ئۇرۇشلىرىنى بايان قىلغان كىتابىدا، بۇ جەھەتتىن «ئۇرۇشنى مۇقەررەر قىلغىنى ئافېنانىڭ كۈچىنىڭ ئېشىشى ۋە بۇنىڭ ئىسپارتادا پەيدا قىلغان قورقۇنچىدۇر» دېگەن.

يېڭىدىن جانلىنىش دەۋرى:

• Machiavelli: «ئۇرۇش كىملەرگە زۆرۈر بولسا، ئۇلار ئۈچۈن ھەقلىقتۇر ۋە قوراللار مۇقەددەستۇر - يېگانە ئۈمىد ئۇلار بولغانلىقتىن» دېگەن سۆزلەر ماكياۋېللىي نىڭ ئۇرۇشقا دائىر كۆز قاراشلىرىنى ئوچۇق خۇلاسىلەيدۇ. ماكياۋېللىي (Machiavelli) ئۈچۈن ئۇرۇش، ئەڭ مۇھىم سىياسىي مەقسەت بولغان دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بىر ۋاسىتە بولۇشتىن باشقا مەنە ئىپادىلىمەيدۇ.

زامانىۋى دەۋر:

• Thomas Hobbes: خوببىس (Hobbes) قا كۆرە ئۇرۇش، دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەرنى بەلگىلەيدىغان «تەبىئىي ھالەت» نىڭ بىر داۋامىدۇر. تەبىئىي ھالەت، تەرتىپ، قانۇن ۋە ئادالەت مەۋجۇت بولمىغان ۋە ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ قولغا كەلتۈرۈش ئارزۇسىدىن كېلىپ چىققان «ھەممەيلەننىڭ ھەممەيلەن بىلەن ئۇرۇشقان» ھالىتىدۇر. ئىنسانلار، بۇ ئۇرۇش ھالىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەخسىي ئەركىنلىكىدىن ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ، بۇنى ئورتاق بىر كۈچكە، يەنى دۆلەت ياكى جەمئىيەتكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، دۆلەتلەر ئارا ساھەدە بۇ كۆزدە تۇتۇلمايدۇ. چۈنكى خوببىس (Hobbes) قا كۆرە، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەبىئىي ھالەت پايدىلىق، شۇڭا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ.

• Jean-Jacques Rousseau : روسسو (Rousseau)، خوببىس(Hobbes) نىڭ ئەكسىچە، ئۇرۇشلارنى ئىنسان تەبىئىتىگە باغلىمايدۇ. ئۇرۇش ئىجتىمائىي بىر ۋەقە بولۇپ، شەخسلەر ئارىسىدا ئەمەس، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكتۇر ۋە روسسو (Rousseau) بۇ جەھەتتىن، ئۇرۇشلارنىڭ بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ پىكرىنىڭ ئىپادىسىنى «ئۇرۇشلارنىڭ بارلىق دەھشىتى، ئىنسانلارنىڭ ئۇنى توسۇش تىرىشچانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن سۆزىدىن تاپقىلى بولىدۇ. ئۇرۇشلارنىڭ ئىنسانلاردىن ئەمەس، ئىجتىمائىي تەڭسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئويلايدىغان روسسو (Rousseau) غا كۆرە بۇ مەسىلىگە خەلقئارالىق دەرىجىدە ھەل تېپىش، شۇنداقلا ئۇرۇش مەسىلىسىنى يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس.

زامانىۋى دەۋر - 19-ئەسىر:

• كارل ۋون كلاۋسېۋىتز (Carl Von Clausewitz): ئۇرۇشنى دۈشمەنگە ئىرادىمىزنى كۈچ ئىشلىتىپ قوبۇل قىلدۇرۇش ھەرىكىتى دەپ تەرىپلىگەن كلاۋسېۋىتزنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش سىياسەتنىڭ باشقا ۋاسىتىلەر بىلەن داۋاملىشىشىدۇر. سىياسىي نىيەت بولسا مەقسەت، ئۇرۇش بولسا پەقەت بىر ۋاسىتىدۇر. سىياسىي مەقسەت بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئۆزىگە خاس ۋاسىتىلىرى ئارىسىدىكى زىددىيەتنى (مەسىلەن، ئۇرۇشنىڭ مەقسەتتىن ھالقىپ كېتىشى) ھەل قىلىدىغىنى كلاۋسېۋىتز «ئۇرۇش سەنئىتى» دەپ ئاتىغان ئسىتراتېگىيەدۇر.

• گېئورگ ۋىلھېلم فرىدرىخ خېگېل (Georg Wilhem Friedrich Hegel): م 19-ئەسىردىكى مۇتەپەككۇر خېگېلنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇش دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتكە تەۋە ئۇقۇمدۇر. ئۇرۇش خېگېلنىڭ پىكرىدە باشقا نۇرغۇن مۇتەپەككۇرلاردا كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ۋە تەبىئىي دەپ قارالغىنىدىن سىرت، يەنە ئۇلۇغلىنىدۇ. چۈنكى خېگېلنىڭ قارىشىچە، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇرۇشلار دۆلەتلەرنىڭ كۈچىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەخلاقىي ساغلاملىقى ۋە مىللىي ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ.

• ئانتۇئان خېنرى جومىنى (Antoine Henri Jomini): ئۇرۇشنى سەنئەت ئەمەس، پەن دەپ تەرىپلىگەن ۋە بۇ نۇقتىدىن ئۇرۇشنى گېئومېتىرىيەلىك ئۇسۇللار بىلەن چۈشىنىشكە ۋە چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان. زامانداش كلاۋسېۋىتزگە ئوخشاش ئۇرۇشلاردا سىياسەتنىڭ تەسىرىنى يوققا چىقارمىغان بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئىلمىي دەپ پەرەز قىلغان ئەمەلىي تەرەپلىرىگە تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ جەھەتتە ئۇرۇشنى ئسىتراتېگىيە ۋە تاكتىكا دائىرىسىدە مۇھاكىمە قىلغان بولۇپ، «ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ ئاساسىي خەتلىرى» ناملىق ئەسىرىدە ئۇرۇش تۈرلىرىگە دائىر قىلغان تۈرگە ئايرىشى، ئۇنىڭ ئۇرۇشلارنى دۆلەتلەرنىڭ كۈچ ئىزدىشى ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى دائىرىسىدە باھالىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇرۇش ئىنسانىيەتكە ئۇزاق تارىختىن بۇيان چوڭقۇر تەسىر قىلىپ كەلگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئادەتتە ناچار تەسىر قالدۇرۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇ ھەر دائىم سەلبىي قارالمىغانلىقى، بەزىدە ئىنسانىيەتنىڭ، سىياسىي ھاياتنىڭ ياكى دۆلەت بولۇشنىڭ تەبىئىي داۋامى سۈپىتىدە قارىلىدىغانلىقى بىر رېئاللىقتۇر. بۇ ئىستىسنائىي ئىجابىيلىقلىرىغا قارىماي، تەپەككۇر تارىخىنىڭ كلاسسىك دەۋرىدىن باشلاپ ئۇرۇشنى سەلبىي كۆرۈپ، چەكلەشكە قارىتىلغان قاراشلارمۇ مەۋجۇت بولغان.

20-ئەسىرگە كەلگەندە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىق تەسىرى تۈپەيلىدىن ئۇرۇش چەكلىنىشى كېرەك بولغان ھەرىكەت شەكلىگە ئايلانغان. شۇنداقلا ئۇرۇشنى قانۇنىي چەكلەشكە دائىر تۇنجى قېتىملىق ئەمەلىيەت، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان؛ ئارقىدىنلا 1928-يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ب. كېللوگ (Frank B. Kellog) بىلەن فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارىستىد برىئاند (Aristide Briand)نىڭ تەشەببۇسى نەتىجىسىدە تۈزۈلگەن برىئاند-كېللوگ كېلىشىمى ئۇرۇشنى تاشقى سىياسەت قورالى سۈپىتىدە چەكلەش جەھەتتە مىللەتلەر جەمئىيىتى كېلىشىمىدىن ئىلگىرىلەپ كەتكەن. ئۇرۇشنى قانۇنىي چەكلەش مەسىلىسىدىكى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك تەشەببۇس بولسا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

قوشۇمچە مەلۇمات:

مىللەتلەر جەمئىيىتى بولسا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋۇدرو ۋىلسون (Woodrow Wilson) تەرىپىدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارالىق تەرتىپنى ئورنىتىش مەقسىتىدە تەييارلانغان 14 پرىنسىپنىڭ بىرى بولغان «چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرگە باراۋەر شەكىلدە زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئۆزئارا كاپالەت بېرىش مەقسىتىدىكى ئالاھىدە كېلىشىملەر دائىرىسىدە ئومۇمىي دۆلەتلەر ھەمكارلىقى قۇرۇش» پىكرىگە ئاساسەن 1919-يىلى 28-ئىيۇندا ئىمزالىنىپ، 1920-يىلى 10-يانۋاردا كۈچكە ئىگە بولغان نىزامنامە بىلەن قۇرۇلغان سىياسىي خاراكتېرلىك تۇنجى خەلقئارالىق تەشكىلاتتۇر. ئاساسلىقى خەلقئارالىق نىزالارنى ھەل قىلىش، جازا قوللىنىش، قوراللانماسلىق، خەلقئارالىق كېلىشىملەرنى تىزىملاش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەت دائىرىلىرىدە ھوقۇقلۇق بولغان مىللەتلەر جەمئىيىتى، بۇ ۋەزىپىلىرىنى كېڭەش، يىغىن، كاتىبات قاتارلىق ئورگانلىرى ۋە خەلقئارالىق دائىمىي ئەدلىيە مەھكىمىسى قاتارلىق مۇستەقىل قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق ئورۇنلىغان. مەركىزى جەنۋەدە بولغان تەشكىلاتنىڭ 42 قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئەزا سانىغا (58) 1934-1935-يىللىرى ئارىسىدا يەتكەن. مىللەتلەر جەمئىيىتى 1946-يىلى تارقىتىۋېتىلگەن.

مىللەتلەر جەمئىيىتى:

مىللەتلەر جەمئىيىتى كېلىشىمى كۈچ ئىشلىتىشنى ئاساسەن چەكلىمىگەن بولۇپ، ئەزا دۆلەتلەر پەقەت بەزى تەشەببۇسلار (ھۆكۈم چىقىرىش، خەلقئارالىق سوت تەرىپىدىن سوراق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش قاتارلىقلار) ئاخىرلاشقۇچە ئۇرۇش قوزغىماسلىققا ۋەدە بەرگەن. يۇقىرىقى تەشەببۇسلار نەتىجىسىدە چىقىرىلغان قاراردىن كېيىن، ئۈچ ئايلىق كۈتۈش مۇددىتى ئىچىدە تەرەپلەر ئۇرۇش قوزغىماسلىققا مەجبۇر. بۇنىڭغا قارىغاندا، بۇ مۇددەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن مېخانىزملارنىڭ قارارلىرىغا رىئايە قىلىنمىسا، تەرەپلەرنىڭ بۇ مەجبۇرىيەتلىرى ئەمەلدىن قالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەتلەر جەمئىيىتى كېلىشىمى ماددىلىرى دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش قوزغاش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان بىر تۈزۈم ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان، زىددىيەتلەرنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتە مەلۇم تەدبىرلەر ئېلىنىشى ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىش چەكلەنگەن.

برىئاند-كېللوگ Briand-Kellog كېلىشىمى:

كېلىشىمنىڭ 1-ماددىسىدا، تەرەپلەر خەلقئارالىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغاش ئۇسۇلىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنى دۆلەت سىياسىتىنىڭ بىر قورالى سۈپىتىدە ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2-ماددىدا بولسا، تەرەپلەر زىددىيەتلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە مەنبەسى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ھەل قىلىشتا تىنچ يوللاردىن باشقا يوللارنى ئىزدىمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان. شۇنداق بولسىمۇ كېلىشىم، قانۇنلۇق مۇداپىئە ھالىتىدە، كېلىشىمگە تەرەپ بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ياكى ئۇلارغا قارشى ۋە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان دۆلەتلەرگە قارشى، شۇنداقلا خەلقئارالىق مەجبۇرلاش تەدبىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغان ئەھۋالدا ئۇرۇشنى چەكلىمىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى:

ب د ت نىزامنامىسىنىڭ 2/4-ماددىسىدا ئەزا دۆلەتلەر، زىددىيەتلەرنى خەلقئارالىق تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىككە تەھدىت يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىشقا ۋەدە قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، كېلىشىمگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەر خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلىرىدە باشقا دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ياكى مۇستەقىللىقىغا قارشى ب د ت نىڭ مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولمىغان شەكىلدە تەھدىت سېلىش ۋە كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ب د ت نىزامنامىسى بىلەن بىرگە كۈچ ئىشلىتىش دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىش يولى بولۇشتىن چىقىرىۋېتىلگەن؛ ب د ت كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن قانۇنلۇق مۇداپىئە (51-ماددە) ئەھۋالى ۋە تەشكىلاتنىڭ سالاھىيەتلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قارارلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى سۈپىتىدە كۈچ ئىشلىتىش ئەھۋاللىرىدىن سىرت، ئۇرۇش قوزغاش چەكلەنگەن.

1.2. ئۇرۇش تۈرلىرى

ئۇرۇشلار ھەرخىل ئۆلچەملەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. ئۇرۇشنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار، كۈچ ئىشلەتكۈچى گۇرۇپپىنىڭ خاراكتېرى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى، ئىشلىتىلگەن كۈچ ۋە قوراللارنىڭ تۈرى، قوللىنىلغان ئۇسۇللار قاتارلىق نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئۆلچەملەر بويىچە تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئۇرۇشلار ئۆلچەملەرنىڭ خىلمۇ-خىللىقىغا ئاساسەن ناھايىتى كۆپ تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

ئۇرۇشلارنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلارغا ئايرىشقا بولىدۇ: ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى ۋە قاپلىغان جۇغراپىيەلىك رايوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ:

  • ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش
  • چەكلىك ئۇرۇش

قوللىنىلغان قوراللارنىڭ تۈرىگە قاراپ:

  • ئەنئەنىۋى ئۇرۇش
  • زامانېۋىي ئۇرۇش (يادرو، بىئولوگىيەلىك، خىمىيەلىك ئۇرۇش)

قوللىنىلغان ئۇسۇلغا قاراپ:

  • مۇنتىزىم ئۇرۇش
  • پارتىزانلىق ئۇرۇشى

ئۇرۇشقا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ:

  • خەلقئارالىق ئۇرۇش
  • ئىچكى ئۇرۇش
  • ئاسىممېتىرىك (سىممېترىك بولمىغان) ئۇرۇش

ئۇرۇشقا قاتناشقان تەرەپلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە بۇ خاراكتېردىن كېلىپ چىققان تۈرتكىلەرگە قاراپ:

  • دىنىي ئۇرۇش
  • ئېتنىك ئۇرۇش

قوراللىق توقۇنۇش بىلەن ئىدىيەۋى توقۇنۇشنىڭ پەرقىگە قاراپ:

  • ئىسسىق ئۇرۇش
  • سوغۇق ئۇرۇش

يۇقىرىدا مىسال قىلىپ بېرىلگەن ئايرىشلارنىڭ مۇتلەق ئەمەسلىكى، بىر كاتېگورىيەگە تەۋە بولۇشنىڭ باشقا كاتېگورىيەلەرنى چەتكە قاقمايدىغانلىقى ۋە ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئۇرۇشنىڭ، پەرقلىق ئۆلچەملەر بويىچە قارالغاندا بىردىن ئارتۇق كاتېگورىيە دائىرىسىدە ئېنىقلىنىدىغانلىقى ئېسىمىزدىن چىقماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، بىر توقۇنۇشنىڭ مەلۇم ئۆلچەم بويىچە دىنىي ئۇرۇش دەپ سۈپەتلىنىشى، يەنە بىر ئۆلچەم بويىچە ئىچكى ئۇرۇش، ھەتتا تېخىمۇ كەڭرەك مەنىدە ئىسسىق ئۇرۇش كاتېگورىيەسىگە كىرگۈزۈلۈشىگە بولىۋېرىدۇ.

  • ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش. توقۇنۇشقۇچى تەرەپلەرنىڭ قەتئىي غەلىبە قىلىش نىشانى بىلەن ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەتتا ئىدىئولوگىيەلىك بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىدىغان ئۇرۇشلاردۇر. مەلۇم قوراللار بىلەن، مەلۇم ئۇرۇش مەيدانىدا ئەسكەرلەر سوقۇشىدىغان ئۇرۇشلارنىڭ ئەكسىچە، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشلاردا پەرق يوق. نوپۇسنىڭ ھەممىسى ئەسكەر، دۆلەتنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش مەيدانى بولىدۇ. ئەسكەر بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدىكى پەرق يوقىلىدۇ، پۇقرالار ئەسكەرلەر بىلەن بىرگە ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ، پۇقرالارغا تەۋە رايونلارمۇ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مىساللىرىدىن بىرىدۇر. چەكلىك ئۇرۇش بولسا، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇشنىڭ ئەكسىچە، نىشانلىرى، ئىشلىتىلگەن قوراللار ۋە ئۇرۇش مەيدانى جەھەتتىن چەكلىمە ئىچىدە تۇتۇلغان ئۇرۇشلاردۇر. ياۋروپادا دىنىي ئۇرۇشلار ۋە ناپولېئون ئۇرۇشلىرىدىن باشقا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان ئۇرۇشلار ئاساسەن مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىدى.

  • ئەنئەنىۋى ئۇرۇش - ئەنئەنىۋى قورال سىستېمىلىرى قوللىنىلىدىغان، توقۇنۇشقۇچى تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىرادىسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنىدىغان، ئەنئەنىۋى توقۇنۇش شەكلىنى ئىپادىلەيدىغان ئۇرۇشلاردۇر. بۇ ئۇرۇشلاردا يادرو، بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قوراللار قوللىنىلمايدۇ، ئۇرۇش ئەنئەنىۋى ھەربىي ئسىتراتېگىيە ۋە تاكتىكىلار بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. يادرو ئۇرۇشى بولسا، ئەنئەنىۋى قورال سىستېمىلىرى بىلەن بىرگە، يادرو قوراللىرى قوللىنىلىدىغان ئۇرۇشلاردۇر. يادرو قوراللىرى ھازىرغىچە پەقەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن ياپونىيەگە قارشى قوللىنىلغان، بۇ ۋاقىتتىن كېيىن قوللىنىلمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەربىي ئسىتراتېگىيەنى ئۆزگەرتكەن ۋە شەكىللەندۈرگەن بىر ئامىلدۇر. يادرو قوراللىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم، يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر بىۋاسىتە توقۇنۇشقا كىرمەيلا بىر-بىرىنى يوق قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە چوڭ كۈچلەر، ئىنتىقام ئېلىش يۈزىسىدىن باشقا تەرەپنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتەلەيدىغان دەرىجىدىكى قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا يەتكەن. بۇ ئەھۋال دۈشمەنگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى ئارقا سەپكە چېكىندۈرگەن. بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك ئۇرۇشلار بولسا، كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار دەپ ئاتىلىدىغان قوراللار بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇشلاردۇر. كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللار، تەسىرى ۋاقىت ياكى جاي جەھەتتىن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان، ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ زىيىنى داۋاملىشىدىغان، ئۇرۇشنىڭ سىرتىدىكى پۇقرالارغا ۋە مال-مۈلۈكلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، ھەتتا بۇ قوراللارنى ئىشلەتكەن تەرەپكىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان قوراللاردۇر.

  • پارتىزانلىق ئۇرۇشى. مۇنتىزىم قوشۇنلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئۇرۇشلارنىڭ ئەكسىچە، مۇنتىزىم قوشۇنلار بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋاللاردا قوللىنىلىدىغان غەيرىي مۇنتىزىم جەڭ شەكلىدۇر. ئادەتتە ئاجىز تەرەپنىڭ كۈچلۈك تەرەپكە قارشى ئېلىپ بارىدىغان ئۇرۇش شەكلى سۈپىتىدە تونۇلغان ئۇرۇش ئۇسۇلىدۇر. ۋىيېتنام ئۇرۇشىدا ئامېرىكىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان پارتىزانلىق ئۇرۇشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەڭ تىپىك مىساللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. پارتىزانلىق ئۇرۇشى مۇستەقىل ئۇرۇش بولۇپلا قالماستىن، كۆپىنچە ئومۇمىي ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدىمۇ قارىلىدۇ. پارتىزانلىق ئۇرۇشىنىڭ تاكتىكىسى، تارقاق ۋە كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە تەشكىللىنىش، دۈشمەن تەرەپنىڭ مۇھىم شەخسلىرىنى ئېلىپ قېچىش، ئالاقە ۋە تىرانسپورت ئىمكانىيەتلىرىگە زىيان سېلىش قاتارلىق شەكىللەردە نامايان بولىدۇ.

  • ئىچكى ئۇرۇش. ئوخشاش دۆلەتتە ياشايدىغان ۋە مەلۇم رايون ياكى ھۆكۈمەت ئۈستىدىن كونتروللۇق ھوقۇق ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان تەشكىللەنگەن گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەرەپلەرنىڭ بىرى ھۆكۈمەت بولغان ئۇرۇشلارمۇ ئىچكى ئۇرۇش قاتارىغا كىرىدۇ. خەلقئارالىق قانۇندا ئىچكى ئۇرۇش بىر ئۇرۇش تۈرى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنمىسىمۇ، ئەمما جەنۋە كېلىشىمىدە «خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولمىغان ئۇرۇشلار» ماۋزۇسى ئاستىدا ئېنىقلىما بېرىلىپ، بىر دۆلەت چېگراسى ئىچىدىكى ئارمىيە كۈچلىرى بىلەن رەسمىي بولمىغان قوراللىق گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار سۈپىتىدە قارىلىدۇ. كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىچكى توقۇنۇشنىڭ خەلقئارالىق خاراكتېرگە ئىگە بولمىغان ئۇرۇش سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، تەرەپلەردىن ئەڭ ئاز بىرىنىڭ مەلۇم مىللىي زېمىنغا ئىگە بولۇشى ۋە توقۇنۇشنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە كەڭ كۆلەملىك ۋە كەسكىن دەرىجىگە يەتكەن بولۇشى قاتارلىق شەرتلەر تەلەپ قىلىنىدۇ.

  • ئاسىممېترىك ئۇرۇش. مۇنتىزىم بولمىغان ئۇرۇشلار دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلاردا ئاسىممېترىك ئۇرۇشلار، ھەم دۆلەتلەر بىلەن ئارمىيەسى يوق سۇبيېكتلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنى، ھەم دۆلەتلەر ئارىسىدا ۋاسىتىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلغان توقۇنۇشلارنى تەسۋىرلەشتە قوللىنىلىدۇ. ئەڭ ئاددىي شەكىلدە نامىدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدىغان بەلگىلىگۈچى ئالاھىدىلىكى، توقۇنۇش تەرەپلىرىنىڭ بىرى يەنە بىر تەرەپكە قارىغاندا ئاجىز بولۇشىدۇر. تەرەپلەرنىڭ بىرىنىڭ ئاجىزلىقىدىن سىرت، قوللىنىلغان ئسىتراتېگىيە ۋە تاكتىكىلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى كۆپىنچە دۆلەتتىن سىرتقى سۇبيېكتلار دەپ قارالغان ئاجىز تەرەپنىڭ ئۇرۇش قانۇنىغا رىئايە قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەر بىلەن باغلانمىغانلىقى، بولۇپمۇ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان تاكتىكا ۋە ئسىتراتېگىيەلەرنى قوللىنالىشىغا يول ئاچىدۇ. پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرىمۇ ئاسىممېترىك ئۇرۇش كاتېگورىيەسىگە كىرسىمۇ، ئامېرىكىغا قارىتىلغان 11-سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن، بۇ ئۇقۇم بۇ ئومۇمىي مەنىسىنىڭ سىرتىدا، خۇسۇسەن خەلقئارالىق تېررورلۇق دائىرىسىدىمۇ مۇلاھىزە قىلىنىشقا باشلىدى. ئاسىممېترىك ئۇرۇش ھەققىدىكى نەزەرىيەۋى ۋە زامانىۋى باھالاشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەتقىقات ئۈچۈن تۆۋەندىكى ماقالىگە قاراڭ: بەردال ئارال (2007). «ئاسىممېترىك ھۇجۇم ئۇرۇشلىرى، سىياسەت ۋە خەلقئارالىق قانۇن»، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ژۇرنىلى، 4-جىلد، 14-سان، 39-83-بەتلەر.

  • سوغۇق ئۇرۇش. سوغۇق ئۇرۇش بولسا تەرەپلەر ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇشقا بارمىغان، ئىنتايىن كەسكىن ئىدېئولوگىيە ۋە سىياسىي كۈرەشلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ. سوغۇق ئۇرۇشنىڭ قوراللىرى ئادەتتە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر، تەشۋىقات، جاسۇسلۇق ۋە ۋاكالىتەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردىن ئىبارەت.

  • ۋاكالەت ئۇرۇشى. ئىككى تەرەپنىڭ بىر-بىرى بىلەن بىۋاسىتە قوراللىق توقۇنۇشقا كىرىشمەي تۇرۇپ، ئۈچىنچى تەرەپلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق قارشى تەرەپكە ھۇجۇم قىلىشى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

بۇ يازمىدىكى ئۇرۇش تۈرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە، ئېنگلزچە، تۈركچە، ئەرەبچە ۋە خىتايچە تەرجىمىلىرى جەدۋېلى:

ئۇيغۇرچە English Türkçe العربية 中文
ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش Total War Topyekûn Savaş الحرب الشاملة 总体战
چەكلىك ئۇرۇش Limited War Sınırlı Savaş الحرب المحدودة 有限战争
ئەنئەنىۋى ئۇرۇش Conventional War Konvansiyonel Savaş الحرب التقليدية 常规战争
زامانىۋىي ئۇرۇش Modern War Modern Savaş الحرب الحديثة 现代战争
يادرو ئۇرۇشى Nuclear War Nükleer Savaş الحرب النووية 核战争
بىئولوگىيەلىك ئۇرۇش Biological War Biyolojik Savaş الحرب البيولوجية 生物战
خىمىيەلىك ئۇرۇش Chemical War Kimyasal Savaş الحرب الكيميائية 化学战
مۇنتىزىم ئۇرۇش Regular War Düzenli Savaş الحرب النظامية 正规战
پارتىزانلىق ئۇرۇشى Guerrilla War Gerilla Savaşı حرب العصابات 游击战
خەلقئارالىق ئۇرۇش International War Uluslararası Savaş الحرب الدولية 国际战争
ئىچكى ئۇرۇش Civil War İç Savaş الحرب الأهلية 内战
ئاسىممېتىرىك ئۇرۇش Asymmetric War Asimetrik Savaş الحرب غير المتماثلة 不对称战争
دىنىي ئۇرۇش Religious War Din Savaşı الحرب الدينية 宗教战争
ئېتنىك ئۇرۇش Ethnic War Etnik Savaş الحرب العرقية 民族战争
ئىسسىق ئۇرۇش Hot War Sıcak Savaş الحرب الساخنة 热战
سوغۇق ئۇرۇش Cold War Soğuk Savaş الحرب الباردة 冷战
ۋاكالەت ئۇرۇشى Proxy War Vekalet Savaşı الحرب بالوكالة 代理战争

1.3. ھەققانىي ئۇرۇش چۈشەنچىسى

ھەققانىي ئۇرۇش، ئەڭ كەڭ مەنىدە غەرب مەدەنىيىتىدە سىياسىي مەقسەتلەر يولىدا كۈچ ئىشلىتىشنىڭ قاچان ھەققانىي دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەش ۋە بۇنداق ھەققانىي ئەھۋالدىمۇ كۈچ ئىشلىتىشنى چەكلەشكە تىرىشىدىغان بارلىق پىكىر ۋە ئەمەلىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئۇرۇشلارنى غەلىبە قىلىش مەسىلىسى دەپ قارايدىغان ئسىتراتېگىيەچىلەرنىڭ قاراشلىرىدىن پەرقلىنىدۇ. بۇ چۈشەنچە، بولۇپمۇ غەرب مەدەنىيىتىدە، يۈز يىللار داۋامىدا تەرەققىي قىلغان پەلسەپىۋى ۋە دىنىي ئەخلاق ئىدىيىسىدىن تارتىپ، قانۇنىي ۋە ھەربىي نەزەرىيىگىچە بولغان خىلمۇ-خىل مەدەنىيەت مەنبەلىرىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

ھەققانىي ئۇرۇش نەزەرىيىسى ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپقا ئاساسەن تەرەققىي قىلغان. بىرىنچىسى، ئۇرۇشنىڭ مەلۇم بىر ئەھۋالدا ھەقلىق بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەشكە يۆنەلگەن (jus ad bellum) پىرىنسىپىدۇر. بۇ پىرىنسىپ بىلەن ئۇرۇشنى ئادىل قىلىدىغان ھەر خىل ئۆلچەملەر بەلگىلەنگەن. ئۇلار:

  • ھەققانىي سەۋەب
  • قانۇنغا ئۇيغۇن ھوقۇق
  • قانۇنغا ئۇيغۇن نىيەت/ياخشى نىيەت
  • كۈچ ئىشلىتىشنىڭ مەقسەتتىن ھالقىپ زىيان سالماسلىقى (تەڭپۇڭلۇق)
  • ئۇرۇشقا ئەڭ ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە مۇراجىئەت قىلىش
  • مەقسەت تىنچلىققا ئېرىشىش بولۇشى كېرەك
  • ئۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بولۇشى

(jus ad bellum) نىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىم شەرتى ھەققانىي سەۋەبنىڭ بولىشىدۇر. ھەققانىي ئۇرۇش نەزەرىيىچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھۇجۇم قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئۇرۇشلارنىڭ «ھەققانىي» بولالمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەققانىي ئۇرۇشنىڭ سەۋەبى پەقەت مۇداپىئە بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەمما قايسى ھەرىكەتنىڭ ناھەق ھۇجۇم دەپ قارىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى يوق. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىردىنبىر شەرت، ھۇجۇم دائىرىسىدە بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ مەقسىتى ئىلگىرى قىلىنغان بىر يامانلىققا قارشىلىق كۆرسىتىش بولۇشىدۇر.

قانۇنغا ئۇيغۇن ھوقۇق دېگەندە ئومۇمەن دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەقلىق ئۇرۇش نەزەرىيىسىدە ئۇرۇش ئېلان قىلىش پەقەت قانۇنغا ئۇيغۇن ھوقۇققا تەئەللۇق بولىشى كېرەك، ئەكسىچە ئەھۋالدا ئۇرۇشنىڭ ھەقلىق بولۇش ئېھتىماللىقى يوققا چىقىدۇ. قانۇنغا ئۇيغۇن نىيەت ياكى ياخشى نىيەت شەرتىدە ئومۇمىي قوبۇل قىلىنغان قاراش، ئۇرۇشنىڭ جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن بولۇشى ۋە شەخسىي ياكى دۆلەتنى كېڭەيتىش قاتارلىق ناھەق مەنپەئەتلەر ئۈچۈن بولماسلىقىدۇر. ھەقلىق ئۇرۇش نەزەرىيىسىدە، ئۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بولۇشى شەرتىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. بۇ شەرتنىڭ ئاساسىي تەكىتلەيدىغىنى، ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي مەنبەلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى بولمىغان بىر ھەرىكەت ئۈچۈن بىكارغا ئىسراپ قىلىنماسلىقىدۇر. تەڭپۇڭلۇق شەرتى بولسا كۈچ ئىشلىتىشنىڭ مەقسەتتىن ھالقىپ زىيان سالماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

ھەققانىي ئۇرۇش چۈشەنچىسىنىڭ ئىككىنچى ئاساسىي پىرىنسىپى، (jus in bello) پىرىنسىپىدۇر. ئۇرۇشتا كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ئادىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا قارىتىلغان بۇ پىرىنسىپنىڭ ئىككى مۇھىم شەرتى بار؛ پۇقرالارنىڭ دەخلىسىزلىكى ۋە دائىرىدىن چىقىپ كەتمەسلىك.

پۇقرالارنىڭ دەخلىسىزلىكى ئۇرۇشتا توغرا نىشاننى بەلگىلەشكە قارىتىلغان بىر ئۆلچەمدۇر. ھەققانىي ئۇرۇش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، ھەققانىي ئۇرۇشتا نىشانلار ئارىسىدا پەرق قىلماسلىق پۇقرالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، ئۇرۇشنىڭ ھەققانىيلىقىغا داغ چۈشۈرىدۇ. دەسلەپتە دىن ئەربابلىرىنىڭ دەخلىسىزلىكى بىلەن باشلانغان بۇ پىرىنسىپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بارلىق پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلگە كەلگەن. شۇنداقتىمۇ بەزى ئەھۋاللاردا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ مۇقەررەر بولىدىغانلىقىمۇ قوبۇل قىلىنماقتا. ھەققانىي ئۇرۇش نەزەرىيىچىلىرى بۇ ئەھۋالنى «قوش تەسىر» بىلەن چۈشەندۈرمەكتە. قوش تەسىر ئۇرۇشتا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمى مەقسەت قىلىنمىغان، ئەمما تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى ئىپادىلەيدۇ.

ھەققانىي ئۇرۇشتا زوراۋانلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ۋە قانداق شەكىلدە قوللىنىلىشىنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەشكە تىرىشىدىغان ئۆلچەم تەڭپۇڭلۇقتۇر. تەڭپۇڭلۇق ئۆلچىمىگە كۆرە، ھەققانىي ئۇرۇشتا قوللىنىلغان زوراۋانلىق ئېرىشمەكچى بولغان نىشانغا ماس كېلىشى كېرەك. بۇ (jus ad bellum) دىكى تەڭپۇڭلۇقتىن پەرقلىنىدۇ. (jus in bello) پىرىنسىپىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئۇرۇشنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ۋەيران قىلغۇچ كۈچىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە قارىتىلغان بىر ئۆلچەم بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر خىل قورال ۋە ھۇجۇم ئۇسۇللىرىنىڭ قوللىنىلىشىنى چەكلەش ئارقىلىق كېڭەيگەن.

قەدىمكى دەۋر:

• ئاۋگۇستىن (Augustine) نىڭ ھەققانىي ئۇرۇش نەزەرىيىسىگە تۇنجى مەنبە بولغان «تەڭرى دۆلىتى ھەققىدە» (De Civitate Dei) ناملىق ئەسىرىدۇر. تەڭرى دۆلىتى - ئىنسان دۆلىتى ئايرىمىسىنى تىلغا ئالغان (Augustine) غا كۆرە مۇتلەق ھەققانىي بولغىنى تەڭرىنىڭ ئۇرۇشلىرىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت بىر ئۇرۇشنىڭ ھەققانىي ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، ھەققانىي بىر سەۋەبنىڭ بولۇشى، ئۇرۇشنىڭ قانۇنىي ھوقۇق ئىگىلىرى تەرىپىدىن قىلىنىشى ۋە ياخشى نىيەتنىڭ بولۇشى كېرەك. (Augustine) كىتابىدا: «ئۇرۇشتا ھەقىقەتەن يامان بولغىنى زوراۋانلىق، ئۆچ ئېلىش ھېرىسمەنلىكى، رەھىمسىزلىك، تويماس دۈشمەنلىك تۇيغۇسى ۋە كۈچ ھېرىسمەنلىكىدۇر… بۇنداق ئىشلارنىڭ جازالىنىشى كېرەك ۋە بۇ جازالاش ئۇرۇش قىلىشنى تەلەپ قىلسا، تەڭرى ۋە قانۇنىي ھۆكۈمەتكە ئىتائەت قىلىپ، ياخشى ئادەملەر ئۇرۇش قىلسا بولىدۇ» دېگەن.

ئوتتۇرا ئەسىر:

• تومان ئاكۇناس (Thomas Aquinas) نىڭ (Summa Theologica) ناملىق ئەسىرىدە جاۋاب ئىزدىگەن ئاساسىي مەسىلە، بەزى ئۇرۇشلارغا رۇخسەت قىلىنىش-قىلىنماسلىق مەسىلىسىدۇر. (Aquinas) غا كۆرە، ھەققانىي بىر ئۇرۇش ئۈچۈن مۇقەررەر ئۈچ شەرت بار: 1) ھەققانىي سەۋەب، 2) ئۇرۇشنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋاملاشتۇرالايدىغان بىر ھوقۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقى 3) ياخشى نىيەت. ئۇ (jus in bello) پىرىنسىپىغا پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلمەسلىكى نۇقتىسىدىن تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەسىرگە ئېلىنغان دۈشمەنلەرنىڭ ۋە تاماق يەۋاتقاندا، ئۇخلاۋاتقاندا ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھەربىي بولمىغان ئىش بىلەن مەشغۇل بولغان دۈشمەنلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

يېڭىدىن جانلىنىش ۋە زامانىۋى دەۋر:

• فرانسىسكو دې ۋىتورا (Francisco De Vitoria) تۇنجى قېتىم پوپنىڭ قارىشىنىڭ ھەققانىي سەۋەب بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئىمپېراتورلۇقنىڭ زېمىنىنى كېڭەيتىش ئىستىكىمۇ (Vitoria) غا كۆرە ھەققانىي سەۋەب بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك، شاھزادىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ياكى شان-شەرەپ قازىنىش ئارزۇسىمۇ بىر ئۇرۇشنىڭ ھەققانىي سەۋەبى بولالمايدۇ. ھۇجۇم، ئىلگىرى قىلىنغان بىر ھەقسىزلىكنى جازالاش ئۈچۈن قىلىنىشى كېرەك. ئىلگىرى ھېچقانداق ھەقسىزلىك يۈز بەرمىگەن بولسا، ھۇجۇم خاراكتېرلىك بىر ئۇرۇشنىڭ ھەققانىي بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

• ھيۇگو گروتىس (Hugo Grotius) نىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قانۇنى» (De Jure Belli Ac Pacis) ناملىق ئەسىرىدە، ئۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ھەققانىي سەۋەبىنىڭ ھەقسىزلىككە ئۇچراش ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. بۇ جەھەتتە ئۇرۇشنى ھەققانىي كۆرسىتىدىغان سەۋەبلەرنى مۇنداق تىزىپ كۆرسەتكەن: بىزگە تەۋە نەرسىنى قوغداش، بىزگە قەرزدار بولغان نەرسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش ۋە جازالاش. (Grotius) قا كۆرە، بىر ئۇرۇشتا قەتئىي ھەققانىي دەپ قارالمايدىغان «كۆز بويامچىلىق سەۋەبلەر»: قوشنا دۆلەتنىڭ كۈچەيگەنلىكىدىن قورقۇش، ئۇنۇملۇق زېمىنلارغا ئىگە بولۇش ئىستىكى، باشقىلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش باھانىسى بىلەن ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش، ئىمپېراتور ياكى چېركاۋنىڭ دۇنياۋى بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقى بار، دېگەن ئېتىقاد بىلەن شەخسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇرۇشقا كىرىشىش ۋە ئەڭ ئاخىرىدا بويسۇندۇرۇلغان بىر خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئىستىكى بىلەن ئۇرۇش قىلىشىدۇر.

• توماس مور (Thomas More) «ئۇتوپىيە» ناملىق ئەسىرىدە پەقەت دۆلەتنى قوغداش، دوستلارنىڭ زېمىنلىرىنى دۈشمەنلەردىن ياكى زوراۋانلاردىن قۇتقۇزۇش ۋە ئىلگىرى قىلىنغان يامانلىقلارنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇشلارنىلا «ھەققانىي» دەپ قارايدۇ. مورنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇشلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى ئاجىزلارنى قوغداش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇشلاردۇر. يەنە، نىشانغا يەتكەن ھامان ئۇرۇش توختىتىلىشى، ئۇرۇش جەريانىدا ئىنسانپەرۋەرلىككە دىققەت قىلىنىشى ۋە ئاجىز ئاممىغا ھەرگىز چېقىلماسلىق كېرەك.

يورۇتۇلۇش دەۋرى:

• ئىممانۇئېل كانت (Immanuel Kant) نىڭ «مەڭگۈلۈك تىنچلىق» ئەسىرىدە، ئۇرۇش پۈتۈن يامانلىقلار ۋە ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلارنىڭ مەنبەسى، دەپ قارالغان. جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇرۇشماي بىللە ياشىيالىشىنىڭ بىردىنبىر ئەقىلگە مۇۋاپىق يولى بىر دۇنيا دۆلىتىنى قۇرۇشتۇر. ئەمما بىر دۇنيا دۆلىتىمۇ مۇستەبىتلىشىپ، ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا مايىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن كانتنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئۈچۈن تەۋسىيەسى «تىنچلىقپەرۋەر بىرلىك» قۇرۇشتۇر. بۇنىڭغا قارىغاندا، داۋاملىق تىنچلىق پەقەت ئۇرۇشلارنىڭ مەجبۇرلىشى، ئۇرۇشلارنىڭ ۋەيران قىلغۇچى تەسىرلىرىنىڭ چۈشىنىلىشى بىلەنلا قۇرۇلالايدۇ. نەتىجىدە كانت سىياسەت پەلسەپىچىسى سۈپىتىدە ئۇرۇشلارنى ھېچ بولمىغاندا تىنچلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلغان، ئەمما ئەخلاق پەلسەپىچىسى سۈپىتىدە بۇنى رەت قىلىشقا مايىل بولغان.

ئەسكەرتىش: يۇقارقى مەزمۇنلاردا تىلغا ئېلىنغان دەۋرلەردىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا، يەنى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى پەيدا بولغان دەۋرلەردە ساھابىلەر پەيغەمبەر ﷺ رەھبەرلىكىدە ئاللىقاچان قۇرئان-سۈننەتكە مۇۋاپپىق ھالدا مۇكەممەل ئادىل ئۇرۇش كۈلتۈرى بەرپا قىلىپ چىققان. ئەسىرلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ئايال-بالىلار ۋە قېرى راھىبلارغا چىقىلماسلىق، ئۆز مېلىنى قوغداش يولىدا ئۇرۇشنىڭ شەھىدلىككە يەتكۈزىدىغانلىقى… دېگەندەك ئادالەت پىكرلىرى ئىسلام جەڭ فېقىھسىدا ئاللىقاچان بىر ئىلىم سۈپىتىدە مەۋجۇد ئىدى.

قوشۇمچە ئوقۇشلۇق: مۇتلەق ئۇرۇش، رېئال ئۇرۇش

كلاۋسېۋىتز (Clausewitz) ھەم گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىنى، ھەم فرانسىيە ئىنقىلابى ۋە ناپولېئون (Napoléon) ئۇرۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن. ئىنقىلاب بىلەن ياۋروپا سىستېمىسىنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇشى، كونا دەۋرنىڭ چەكلىك مانېۋىر ئۇرۇشلىرىنىڭ (les guerres en dentelle) ئورنىنى چوڭ قوشۇنلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان خەلق ئۇرۇشلىرىغا بوشىتىپ بېرىشى ۋە ناپولېئوننىڭ ئسىتراتېگىيە چۈشەنچىسىگە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشلەر، مۇۋاپىق سىياسىي مەقسەتلەردىن ھالقىپ كەتكەن نىشانلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى، دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرىنىڭ تاشقى سىياسەت مەقسەتلىرى بىلەن بىرگە مۇھىم بىر ئۇرۇش نىشانىغا ئايلىنىشى، كلاۋسېۋىتزنىڭ پىكىرلىرىدە ئىز قالدۇرغان.

كلاۋسېۋىتزنىڭ ئۇرۇش نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان پىكىر مۇھىتى، ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ مىراسىغا تەنقىدىي كۆز بىلەن قارايتتى. كلاۋسېۋىتز كانتنىڭ سەنئەت نەزەرىيىسىدىن ئىلھام ئالغان. ئېستېتىكا قائىدىلىرىگە ئوخشاش، ئۇرۇش قائىدىلىرىنىڭمۇ ئىجادىي تالانتنى چەكلىمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. كانتنىڭ سەنئەت نەزەرىيىسىنى ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ھەربىي پىكىرلىرىنى تەنقىد قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇرۇش نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ھەربىي مۇتەپەككۇرلىرى ئۇرۇش باشقۇرۇشتا رىئايە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئەقلىي ۋە ئوبيېكتىپ پىرىنسىپلارنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماتېماتىكىلىق باھالاشقا ماس كېلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى نەزەرگە ئالغان، ئەمما مەنىۋى ۋە ئىرادىۋى ئامىللارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەن. شۇنداق قىلىپ نەزەرىيە، ماددىي نەرسىلەر ۋە بىر تەرەپلىمە پائالىيەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. كلاۋسېۋىتزنىڭ ئەسىرى، ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ بۇ چۈشەنچىسىگە قارشى ئىنكاس سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ ئۇرۇش پىكرى، كەسكىن سانلىق قىممەتلەرنىڭ كەينىدىن قوغلىشىدۇ؛ لېكىن ئۇرۇشتا ھېچقانداق نەرسە كەسكىن ئەمەس، ئەكسىچە بارلىق ھېسابلار ئۆزگىرىشچان سانلىق قىممەتلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ چۈشەنچە پەقەت ماددىي سان ۋە سۈپەتلەرنى نەزەرگە ئېلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەممىسى مەنىۋى كۈچلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولىدۇ. يەنە بۇ نەزەرىيىلەر پەقەت بىر تەرەپنىڭ پائالىيەتلىرى بىلەنلا كارى بولىدۇ؛ ئەمەلىيەتتە، ئۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئۈزلۈكسىز بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانىدۇر. بۇ تەنقىدتىن (Clausewitz)نىڭ ئۇرۇشنىڭ ئۆلچىگىلى بولىدىغان تەرەپلىرىنى كەمسىتكەن دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىش توغرا ئەمەس. مەسىلەن، تەمىنات ۋە يۆتكىلىش لىنىيەلىرى، سان ۋە ماتېرىيال ئۈستۈنلۈكى، جۇغراپىيەلىك ۋە توپوگرافىيەلىك ئامىللار شۈبھىسىزكى مۇھىم. ئەمما ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئامىللاردىن ھالقىپ، مەنىۋى ۋە ئىرادە ئامىللىرىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيدىغان ئۇرۇش نەزەرىيەسى ئاساستىن مەھرۇم، چۈنكى ئۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئامىللىرىغا مەنە بېرىدىغىنى ئىنساندۇر. ئۇرۇش ئىنسان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر شەكلىدۇر. (Clausewitz) ياۋروپا گۈللىنىش دەۋرىنىڭ «ئوپتىمىستىك» ۋە ئىلمىي دوگماتىزمىنى رەت قىلىپ، دىققەتنى سۇبيېكتقا، يەنى ئۇرۇشقا خاس نائېنىقلىقلار ئىچىدىكى ئىنسان ھەرىكىتىگە قارىتىدۇ. خۇددى (Kant)تا بولغىنىدەك، بۇ يەردىمۇ ئەركىن ئىرادە ئاساسلىق ئامىل بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. (Clausewitz)نىڭ پىكىر يۈرگۈزۈشى نەزەرىيە بىلەن تارىخ ئارىسىدا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىدۇ ۋە نەزەرىيە بىلەن تارىخ بىر-بىرىدىن ئايرىلماس پۈتۈنلۈككە ئايلىنىدۇ. (Clausewitz) نەزەرىيە قۇرغاندا تارىختىكى سۇبيېكتىپ يۈزلىنىشلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىدۇ. تارىخىي رېئاللىق ماھىيىتى يوق سان ۋە تاسادىپىيلىقلار بىلەن تولغان. بۇ رېئاللىقنى چۈشىنىش ئۈچۈن، سەزگۈ ئەزالىرى بىلەن ئىدراك قىلىنىدىغان نەرسىلەردىن ھالقىپ، ماھىيەتنى چۈشىنىش كېرەك. (Clausewitz)نىڭ نەزەرىيەدىن چۈشەنگىنى، ئىندۇكتىپ ئومۇملاشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ماھىيەتكە قارىتىلغان چۈشىنىش تىرىشچانلىقىدۇر. ئۇنىڭ قىلماقچى بولغىنى، تارىخىي كونتېكىست ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلارنىڭ ئۇنىۋېرسال قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىشتۇر. نەزەرىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال مەنتىقىسى بولسا، تارىخ سەۋىيەسىدە سۇبيېكتىپلىققا ئايلىنىدۇ. گۈللىنىش دەۋرىدىكى ياۋروپانىڭ ئۇرۇشلىرى (Napoleon) دەۋرىنىڭ ئۇرۇشلىرىدىن پەرقلىق ئىدى. ھازىرقى زامان ئۇرۇشلىرىمۇ شۇ دەۋرلەرنىڭ ئۇرۇشلىرىدىن پەرقلىقتۇر. نەزەرىيەنىڭ قىلىشى كېرەك بولغىنى، بارلىق ئۇرۇشلارنىڭ ئۆزگەرمەس ماھىيىتىنى ئۆزگىرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن ئايرىشتۇر. ئىستراتېگىيە پىلانلاشقا كەلگەندە، ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسىي ئۆزگەرمەس ئامىللىرىنى ئېتىبارسىز قالدۇرماسلىق كېرەك بولغىنىدەك، زامانىۋى ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك بولىدۇ. (Clausewitz) ئۇرۇشلارنى ئۇتۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان رېتسېپلەرنى ياكى رىئايە قىلىش كېرەك بولغان قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ. ئۇنىڭ قىلغىنى پەقەت ئۇرۇش ھەققىدىكى بىر قىسىم پەلسەپىۋى پىكىرلەرنى سۇنۇشتۇر. بۇلار چوقۇم جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك بولغان پىكىرلەر ئەمەس. بۇلار سىياسىي ۋە ھەربىي قارار قىلغۇچىلارنىڭ ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ئۇرۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرىدىغان تېكىستلەردۇر. «ئۇرۇش ھەققىدە»نىڭ «ئۇرۇش نېمە؟» ماۋزۇلۇق بىرىنچى بۆلۈمىدە (Clausewitz)، ئۇرۇشنى قارشى ئىرادىلەر توقۇنۇشىدىغان ئۆز ئارا زوراۋانلىق ھەرىكىتى دەپ ئېنىقلاپ، پىكىر يۈرگۈزۈشنى باشلايدۇ. زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى مەقسىتى، رەقىبنى بىزنىڭ ئىرادىمىزنى ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلاشتۇر. ئىرادىنىڭ مەزمۇنى بولسا سىياسىيدۇر. يەنى، ئاخىرقى مەقسەت سىياسىيدۇر. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، دۈشمەننى يوق قىلىش ياكى قوراللىرىنى تارتىۋېلىش ياكى ئۆزىنى شۇنداق بىر جىددىي تەھدىت ئاستىدا ھېس قىلىدىغان ۋەزىيەتكە كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ، ئۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ھەربىي مەقسىتى، يەنى دەسلەپكى مەقسىتىدۇر. ئەمما بۇ ھەربىي مەقسەت توقۇنۇش جەريانىدا سىياسىي مەقسەتنىڭ ئورنىنى ئېلىشى، ئۇنى بىر جەھەتتىن، خۇددى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك بىر چەتكە قايرىپ قويۇشى مۇمكىن. تەرەپلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئوخشاش مەقسەتنى (قارشى تەرەپكە ئۆز ئىرادىسىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوراللىرىنى تارتىۋېلىش) كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئوتتۇرىغا چىققان ئۆز ئارا ھەرىكەت، چۈشەنچە جەھەتتىن ۋە مەنتىقىلىق جەھەتتىن چېكىدىن ئاشقانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. «مەن دۈشمەننى يەڭمىگۈچە ئۇ مېنى يېڭەلەيدۇ. شۇڭا، ئىمكانىيەت ۋە تىرىشچانلىقلىرىمنى دۈشمەندىن ئۈستۈنلۈك قازىنىدىغان شەكىلدە ئاشۇرۇشۇم كېرەك…» دېگەن چۈشەنچە ھەر ئىككى تەرەپكە ھۆكۈمران بولىدۇ. بۇ مەنتىق، تەرەپلەرنى چەكتىن ئاشقانلىققا ئىتتىرىدىغان بىر مۇسابىقىگە سەۋەب بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش، چەك تونۇمايدىغان بىر زوراۋانلىق ھەرىكىتى خاراكتېرىگە ئېرىشىدۇ. چەكتىن ئاشقان زوراۋانلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن توقۇنۇشقا (Clausewitz) «مۇتلەق ئۇرۇش» دېگەن نامنى بېرىدۇ. بۇ چۈشەنچە، خۇددى (Kant)نىڭ «مەڭگۈلۈك تىنچلىق»ىغا ئوخشاش، بىر ئابستراكسىيە، بىر «ئىدېئال-تىپ»تۇر. ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىشچان تەپسىلاتلاردىن ئابستراكتلاشتۇرۇلغان ۋە تارىخىي كونتېكىستنىڭ سىرتىغا چىقىرىلغان ئۇرۇشنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ چۈشەنچىنىڭ قارشىسىدا تارىخىي مەنبەلەر ئىچىدە ئورۇن ئالغان «رېئال ئۇرۇش» چۈشەنچىسى بار. ھەر «رېئال ئۇرۇش» چەكسىز زوراۋانلىققا قاراپ يۈكسىلىش مەيلى كۆرسىتىدۇ، ئەمما ھېچقاچان «مۇتلەق ئۇرۇش»قا يېتەلمەيدۇ، خۇددى «مەڭگۈلۈك تىنچلىق»قا يەتكىلى بولمايدۇ.

1.4. ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، پەقەت ئىستراتېگىيە تەتقىقات (Strategic Studies) دائىرىسىدىلا ئەمەس، ئومۇمەن ئىجتىمائىي پەنلەردە ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلگەن. بىراق، بارلىق تەتقىقاتلارنىڭ ئورتاق خۇلاسىسى شۇكى، ئۇرۇشلارنىڭ يالغۇز بىرلا ئاساسىي سەۋەبى يوق، شۇڭا بىرلا چوڭ ئۇرۇش نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مۇمكىن ئەمەس. بۇ كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىگە دائىر تەتقىقاتلار توختاپ قالمىدى. بولۇپمۇ «ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئۇلارنى چۈشىنىش» دېگەن كۆز قاراشنى تۇتقان كىشىلەر سەۋەبلەرنى ئېنىقلاش ۋە تۈرلەرگە ئايرىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

ئىستراتېگىيە تەتقىقات ساھەسىدە ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىگە قارىتىلغان كاتېگورىيەلەر جون گارنېت (John Garnett) تەرىپىدىن تۈرلەرگە ئايرىلغان. گارنېت ئۇرۇشلارنىڭ ھەرخىل سەۋەبلىرى ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق ۋە پەرقلەر ئارقىلىق بىر قاتار ئومۇملاشتۇرۇشلارغا يېتىش مۇمكىن ۋە زۆرۈر دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇرۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇرۇشلارنى بىرلا سەۋەبكە قىسقارتىش تىرىشچانلىقىنىڭ مەنىسىز ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلىگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشلارنى سەۋەبلىرىگە ئاساسەن تۈرلەرگە ئايرىش تىرىشچانلىقىنىڭ چۈشىنىشىمىزنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق قەتئىيلىك ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنىمۇ بايان قىلغان.

جون گارنېتنىڭ قارىشىچە، ئۇرۇشلارنى كۆرۈنگەن / ئاساسىي سەۋەب، تەسىر كۆرسەتكۈچى / يول قويغۇچى سەۋەب ۋە يېتەرلىك / زۆرۈر سەۋەب ئايرىمىلىرىغا ئاساسەن كاتېگورىيەلەرگە ئايرىغىلى بولىدۇ. گارنېت ئۆزىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىش سىستېمىسىدا تەبىئىي قىلىق-ئۆگىنىلگەن ھەرىكەت ۋە ئېڭىدا بار-ئېڭىدا يوق تۈرتكىلەرگىمۇ ئورۇن بەرگەن ھەمدە ئىنسان تەبىئىتىگە ئەمەس، ئىنسان ھەرىكىتىگە ئاساسلانغان بۇ كاتېگورىيەلەرنى باشقىلىرى بىلەن بىللە تەسىرلىك دەپ قارىغان.

  1. كۆرۈنگەن سەۋەب / ئاساسىي سەۋەب: كۆرۈنگەن سەۋەب، ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا تۈرتكە بولغان سەۋەب دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. كۆرۈنگەن سەۋەبكە ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن مىسال، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبى بولغان ئاۋستىرىيە-ۋىنگېرىيە (Austria-Hungary) تەخت ۋارىسىنىڭ سېرب (Serbian) ئەسكىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشىدۇر. بۇ ۋەقە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ بىز بىلگەن شەكىلدە پارتلىشىغا تۈرتكە بولغان كۆرۈنگەن سەۋەبتۇر. ئەمما ئاساسىي سەۋەب، دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىدىن كۆرە خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىۋى تەسىرلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق چۈشىنىلىدىغان سەۋەبتۇر. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مىسالىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىغا يول ئاچقان ئاساسىي سەۋەبنىڭ مۇستەملىكىچىلىك رىقابىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمىز. چۈنكى ئۇرۇشقا بارىدىغان جەرياندا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە قىلغان تىرىشچانلىقلىرى، مۇستەملىكىچىلىك رىقابىتىنىڭ كەسكىن رىقابەت شارائىتىدا يۈز بېرىشى سەۋەبىدىن ئۇرۇشنىڭ پارتلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان.

  2. تەسىر كۆرسەتكۈچى سەۋەب / يول قويغۇچى سەۋەب: تەسىر كۆرسەتكۈچى سەۋەب، مەلۇم بىر ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاھىدە شارائىتلارغا قارىتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، A دۆلىتىنىڭ B دۆلىتىگە تەۋە بولغان بىر نەرسىنى تەلەپ قىلىشى ئەھۋالىدا، تەسىر كۆرسەتكۈچى سەۋەب A دۆلىتىنىڭ تەلىپىدۇر. مىسال كەلتۈرۈش كېرەك بولسا، 2002-يىلدىكى ئىراق ئۇرۇشىنىڭ تەسىر كۆرسەتكۈچى سەۋەبى ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ساددام ھۈسەيىننى (Saddam Hussein) ئاغدۇرۇپ تاشلاش ۋە كېيىن ئىراققا دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش ئارزۇسىدۇر. بىراق، بۇ تەسىر كۆرسەتكۈچى سەۋەبلەرنىڭ ئاستىدا يوشۇرۇنغىنى يول قويغۇچى سەۋەبلەردۇر. يول قويغۇچى سەۋەب، ئاكتىپ ھالدا ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان، ئەمما ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردۇر. كېننېت ۋالتزنىڭ (Kenneth Waltz) قارىشىچە، ئۇرۇشلاردىكى يول قويغۇچى سەۋەب خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسىدىن ئانارخىيە (Anarchy بولسا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھېچقانداق باشقۇرۇش مەركىزى بولمىغان تۈزۈلمىسىز ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ) كېلىپ چىققان، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىشىنى توسالمايدىغان شەكىللىنىشتۇر.

  3. يېتەرلىك سەۋەب / زۆرۈر سەۋەب: يېتەرلىك سەۋەب، ئوتتۇرىغا چىققاندا چوقۇم ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبتۇر. مىسال ئۈچۈن، ئىدېئولوگىيە ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن بىر-بىرىدىن نەپرەتلىنىدىغان ئىككى دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بىر سەۋەب، دەپ كۆرسىتىلىشى مۇمكىن. ئەمما يېتەرلىك سەۋەبنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن زۆرۈر سەۋەب بولماسلىقى مۇمكىن. زۆرۈر سەۋەبلەر، ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن چوقۇم بولۇشى كېرەك بولغان سەۋەبلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشى ئۈچۈن چوقۇم بولۇشى كېرەك بولغان سەۋەبلەردىندۇر. ئۇرۇش ئۈچۈن قورال كېرەك، ئەمما يەنە بىر تەرەپتىن قوراللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. يەنە بىر جەھەتتىن، يېتەرلىك سەۋەبلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرىشى مۇمكىن؛ مەلۇم بىر دەۋردە ئۇرۇشلارنىڭ پارتلىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولغان سەۋەبلەر، كېيىنكى ۋاقىت باسقۇچلىرىدا يېتەرلىك سەۋەب بولماسلىقى مۇمكىن. مەسىلەن، سۇلالە مۇناسىۋەتلىرى ئۆتمۈشتە ئۇرۇشلارنىڭ يېتەرلىك سەۋەبى بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئۈنۈمى قالمىغان.

1.5. ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى

ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ھەرخىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ كۆز قاراشلارنى پەرقلىق تەھلىل سەۋىيەلىرىدە باھالاش، ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدىكى قاراشلارنى تەرتىپكە سېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. چۈنكى «ئۇرۇشلار نېمىدىن كېلىپ چىقىدۇ؟» دېگەن سوئالغا بېرىلگەن جاۋابلارنىڭ پەرقلىق بولۇشى، ئاساسەن بۇ سوئالنى سورىغۇچىنىڭ قايسى نۇقتىدىن قارىغانلىقىغا، يەنى مەسىلىنى قايسى تەھلىل سەۋىيەسىدە ئېلىپ بارغانلىقىغا باغلىق. بۇ جەھەتتە گارنېتت Garnett نىڭ ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىگە دائىر تۈرگە ئايرىشىمۇ ئاساسەن تەھلىل سەۋىيەلىرىگە ئاساسلانغان.

تەھلىل سەۋىيەلىرى: خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە سۇبيېكتلارنىڭ كۆپلۈكى، سۇبيېكت ۋە جەريانلارنىڭ ئوخشىمىغان كاتېگورىيەلەرگە ئايرىلىپ/تەھلىل سەۋىيەلىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. ھەرقانداق بىر ھادىسىنى تەھلىل قىلىش ئۈچۈن تەتقىقاتچىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇشى، يەنى «نېمىنى» تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك. ھەممە نەرسىنى بولۇپمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردەك سۇبيېكتلار سانى ناھايىتى كۆپ بولغان ساھەدە تەتقىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس. تەتقىقاتنىڭ مەركەزلىشىش نۇقتىسى بولۇشى كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ساھەسىدە ئاساسلىقى ئۈچ مەركەزلىشىش نۇقتىسى بار. تەھلىل سەۋىيەلىرى دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مەركەزلىشىش نۇقتىلىرى: شەخس، دۆلەت ۋە سىستېما سەۋىيەلىرىدۇر.

شەخس تەھلىل سەۋىيەسى: ئادەتتىكى كىشىلەر ۋە كۆپىنچە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ شەخسىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەھلىل سەۋىيەسىدە سىياسەتنى شەخسلەر بەلگىلەيدۇ، دېگەن قوبۇل قىلىش بىلەن يولغا چىقىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ (شەخسىي ياكى گۇرۇپ ئىچىدە) قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەكلىكى قوبۇل قىلىنىدۇ.

دۆلەت تەھلىل سەۋىيەسى: دۆلەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ۋە بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ خەلقئارا سەھنىدە دۆلەت ھەرىكەتلىرىگە بولغان تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەھلىل سەۋىيەسىدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسلىق سۇبيېكتى دۆلەتتۇر. شۇڭا، قارار چىقىرىش جەريانلىرىغا مەركەزلىشىپ، دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلەرگە قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىشلىنىشىنى چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ.

سىستېما تەھلىل سەۋىيەسى: دۆلەتلەر ۋە دۆلەتتىن باشقا دۇنياۋى سۇبيېكتلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەھلىل سەۋىيەسىگە كۆرە، دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي-ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزئارا تەسىر قېلىپلىرى دۆلەتلەر ۋە باشقا سۇبيېكتلارنىڭ سىياسەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي-ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزئارا تەسىر قېلىپلىرىنى چۈشىنىشنىڭ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىشلىنىشىنىمۇ چۈشىنىشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقى قوبۇل قىلىنىدۇ.

پەقەت بىرلا تەھلىل سەۋىيەسىگە مەركەزلىشىش، باشقا سەۋىيەلەرنى چەتكە قېقىش، دېگەنلىك بولماسلىقى كېرەك. تەھلىل سەۋىيەلىرى سىزنىڭ تەتقىقات مەسىلىڭىزگە «قايسى نۇقتىدىن قارايدىغانلىقىڭىزنى» بەلگىلەيدۇ. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ھەر سەۋىيەدە ئىشلەيدىغان ھەر خىل ئامىللاردىن تەسىر قوبۇل قىلغانلىقتىن، ھەر بىر تەھلىل سەۋىيەسىدە پەرقلىق چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مۇمكىن بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، پەقەت بىرلا «توغرا» تەھلىل سەۋىيەسى بار، دەپ ئېيتىش توغرا ئەمەس.

ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى ئانالىز قىلىش دەرىجىلىرى ئارقىلىق تەرتىپكە سېلىش ۋە بىر تىپولوگىيەگە ئاساسلاندۇرۇش، ۋالتىز (Waltz) نىڭ «ئىنسان، دۆلەت ۋە ئۇرۇش» ناملىق كىتابىدا قوللانغان «ئۈچ سۈرەت» ئايرىمىسىغا ئاساسلانغان. بۇ كىتابتا ۋالتىز (Waltz)، ئۇرۇشلارنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى توغرىسىدىكى سوئالغا شەخس ۋە دۆلەت دەپ ئىككى سەۋىيەدىن قاراپ جاۋاب ئىزدەنگەنلىكىنى، ئەمما ئۇرۇشلارنىڭ «ئاساسىي» سەۋەبلىرىنىڭ ئۈچىنچى سەۋىيەدە، يەنى خەلقئارالىق سىستېما سەۋىيەسىدە تېپىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۈچ ئانالىز سەۋىيەسى بەلگىلىگەن. ۋالتىز (Waltz) بەلگىلىگەن بۇ سەۋىيەلەرگە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەر خىل يازغۇچىلار تەرىپىدىن باشقا سەۋىيەلەر قوشۇلغان بولسىمۇ، ئاساسەن ئۇرۇشلارنىڭ مەنبەلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا بۇ پىكىر ئومۇمىي قوبۇل قىلىنغان.

شەخسىي سەۋىيەدىكى ئانالىزلار، ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى كىشىلەردىن كېلىپ چىققانلىقى دەيدىغان قاراشقا ئاساسەن بىۋاسىتە ئىنسانغا مەركەزلەشكەن. بۇ ئانالىز سەۋىيەسىدە ئۇرۇشلارنىڭ ئىنسان مەنبەلىك سەۋەبلىرىگە دائىر ھەر خىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىرىنچى كۆز قاراشقا كۆرە، ئۇرۇش ئىنسان تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققان. ئۇرۇشلارنىڭ ئىنسان تەبىئىتىگە ئاساسەن چۈشەندۈرۈلۈشى، ئادەتتە سىياسەت پەلسەپەسى، پىسخولوگىيىلىك ئانالىز، ئىجتىمائىي-بىئولوگىيە ساھەلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنداق قاراشلارنى، بۇرمىلانغان خرىستىئان پەلسەپەسىدىكى ئىنساننىڭ «تۇغۇلۇشىدىنلا گۇناھكار» دېگەن چۈشەنچىدىن تارتىپ، خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ ماھىيىتىنى ئىنساننىڭ شەخسىيەتچى ۋە مەنپەئەتپەرەس تەبىئىتىگە باغلايدىغان كلاسسىك رېئالىزمغىچە بولغان كەڭ پىكىر دۇنياسىدا تاپقىلى بولىدۇ.

بۇ كۆز قاراش بويىچە بولغاندا، ئۇرۇشلار ئاساسەن ئىنساننىڭ شەخسىيەتچى ۋە تاجاۋۇزچى تەبىئىتىدىن كېلىپ چىققان. ئۇرۇشلارنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئىنسان تەبىئىتى بولۇپ، باشقا بارلىق سەۋەبلەر ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇھىملىققا ئىگە. مەسىلەن، رىچارد دوۋكىنس (Richard Dawkins) ئىنسان تەبىئىتىنىڭ تاجاۋۇزچى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ گېنلاردىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. گېنلار مەۋجۇت بولۇش ئۈچۈن تاجاۋۇزچى بولۇشقا مەجبۇر. بۇ كۆز قاراشتىن قارىغاندا، ئىنسان تەبىئىتىدىكى تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشلارنىڭمۇ ئاساسىي مەنبەسى، دەپ قارىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش پىسخولوگ ئانالىزچىلارمۇ مۇ ئىنسان تەبىئىتىدىكى تاجاۋۇزچى ئىستەكلەر بىلەن ئۇرۇش ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت باغلايدىغان كۆز قاراشنىڭ كۈچلەندۈرىدۇ.

ئىجتىمائىي پىسخولوگىيە ساھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغان ئىككىنچى كۆز قاراشقا كۆرە، كىشىلەر بىر نەرسىلەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ھېس قىلغاندا ئۇرۇش چىقىرىشقا تېخىمۇ مايىل بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئاساسىي بەلگىلىگۈچى ئامىل سۈپىتىدە ئۈمىدسىزلىكنىڭ تەسىرى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىشىلەر ھەر قانداق بىر نىشانغا يېتىش يولىدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىغاندا، ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرايدۇ ۋە بۇ تۇيغۇ بىۋاسىتە غەزەپ ۋە تاجاۋۇزچىلىققا سەۋەب بولىدۇ. رېينخولد نېبۇھر (Reinhold Niebuhr) نىڭ قارىشىچە، ئادەتتىكى كىشىلەر كۈچ ۋە ئابرۇيغا ئوخشاش نىشانلىرىغا كۆپىنچە ھالدا يېتەلمەيدۇ. ئۈمىدسىزلىككە ئۇچرايدۇ ۋە بۇنى سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىر نەرسىگە يېتەلمەسلىكنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىنسان ئۆزىدىن ئىزدىمەيدۇ، توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقىنى ئويلايدۇ. بۇ ئوي-پىكىر ئۆزىنى توسقانلارغا قارشى ھۇجۇم قىلىش ئىستىكىنى قوزغايدۇ. بۇ جەھەتتىن، ئۈمىدسىزلىك، نىسپىي نامراتلىق بىلەن بىرلەشكەندە ئۇرۇشنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.

ئۈچىنچى كۆز قاراش ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرىنى شەخسلەرنىڭ خاتا چۈشىنىشلىرىگە باغلايدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۇلارنىڭ شەخسىيىتى، پىسخولوگىيەسى ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرىغا مەركەزلىشىدۇ. بۇ كۆز قاراشقا كۆرە ئۇرۇشلار، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ خاتا چۈشىنىشكە ئاساسلانغان قارارلىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. رەھبەرلەرنىڭ خاتا چۈشىنىش ۋە مۆلچەرلىرىنىڭ تەسىرىنى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدىغان تارىخىي مىساللار كۆپ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا كائىسەر ۋىلھېلم (Kaiser Wilhelm) نىڭ ئەنگلىيەنىڭ چىقىدىغان بىر ئۇرۇشتا بىتەرەپ تۇرىدىغانلىقىغا بولغان ئاشۇرۇۋېتىلگەن ئىشەنچى ياكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئالدىدا گېتلېرنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى نېۋىللې چامبېرلىن (Neville Chamberlain) نىڭ چېخسلوۋاكىيەنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىنكى ميۇخىن يىغىنىدىكى پوزىتسىيەسىدىن جاسارەت ئالغانلىقى ئەڭ مەشھۇر مىساللاردىن ھېسابلىنىدۇ.

تۆتىنچى قاراشقا كۆرە، ئۇرۇشنىڭ سەۋەبلىرى گۇرۇپپا پائالىيەتلىرى چەمبىرىكىدە چۈشەندۈرۈلىدۇ. داڭلىق گېرمان پەيلاسوپى فېدرىك نىتزچې (Friedrich W. Nietzche) نىڭ قارىشىچە، ساراڭلىق شەخسلەردە ئىستىسنا، گۇرۇپپىلاردا قائىدە ھېسابلىنىدۇ. نورمال ھالەتتە تاجاۋۇزچى بولمىغان كىشىلەرنىڭ گۇرۇپپا مۇھىتىدا تاجاۋۇزچى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇنىڭ سەۋەبى، گۇرۇپپىلاردا شەخسىي مەسئۇلىيەتنىڭ يوقىلىشى ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدۇر. گۇرۇپپا تەپەككۇرىنىڭ يەنە بىر تەرىپى دۆلەتلەرنىڭ قارار چىقىرىش قۇرۇلمىسى سۈپىتىدە گۇرۇپپىلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ كۆز قاراشقا ئاساسەن، بىر گۇرۇپپىغا تەۋە بولغان شەخسلەر، بىرلىكنى بۇزماسلىق بېسىمى ئاستىدا ھەرىكەت قىلىش نەتىجىسىدە، شەخس سۈپىتىدە تاللىمايدىغان بولسىمۇ، بەزى تاللاشلارغا (ئۇرۇش قارارى، تاجاۋۇزچى سىياسەت قاتارلىق) گۇرۇپپا ئىچىدە بولۇشنىڭ تەسىرى بىلەن مايىل بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

گۇرۇپپىلار دۆلەتلەرنىڭ قارار چىقىرىش قۇرۇلمىسى دائىرىسىدە، بيۇروكراتىيە ياكى سەرخىل گۇرۇپپىلىرى سۈپىتىدە ئېلىنغاندا، بەزى تەتقىقاتلاردا شەخس سەۋىيەسىدە ئەمەس، دۆلەتتىن تۆۋەن سەۋىيە سۈپىتىدە پەرقلىق بىر كاتېگورىيەدە باھالىنىشى مۇمكىن.

بىرلىك دۆلەت سەۋىيەسىدىكى ئانالىزلار دۆلەت ياكى جەمئىيەتلەرنىڭ ئۇرۇش ياكى زوراۋانلىققا مايىل بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاساسىي خۇسۇسىيەتلەرگە مەركەزلىشىدۇ. مەسىلەن، سوغۇق ئۇرۇش جەريانىدا ماركسىزمچىلار، كاپىتالىست دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەردە كۈچ ئىشلىتىشكە تېخىمۇ مايىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا، كاپىتالىستلار كوممۇنىست دۆلەتلەرنىڭ كېڭەيمىچى، ئىدېئولوگىيەلىك ۋە مۇستەبىت خۇسۇسىيەتلىرى سەۋەبىدىن زوراۋانلىق قوللىنىشقا تېخىمۇ مايىل ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن مۇستەبىت دۆلەتلەر ئارىسىدىمۇ ئۇرۇشقا تۇتۇش مايىللىقى جەھەتتىن ئوخشاش پەرق قىلىنماقتا ۋە مۇستەبىت دۆلەت قۇرۇلمىلىرىدا ئۇرۇشقا تۇتۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. بىراق، تارىخىي جەھەتتىن دۆلەتلەرنىڭ خاراكتېرىگە باغلىق بولمىغان ھالدا بىر-بىرىگە ئوخشاش شەكىلدە ئۇرۇشنى چۈشەنگەنلىكى كۆزىتىلگەنلىكتىن، دۆلەتلەرنىڭ خاراكتېرى بىلەن ئۇرۇش پوزىتسىيەسى ئارىسىدا بىۋاسىتە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ناھايىتى تەس.

دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جەمئىيەتلەرنىڭمۇ خاراكتېرى بىلەن ئۇرۇشقا بولغان مايىللىقى ئارىسىدا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە بۇ مۇناسىۋەتتىن يولغا چىقىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا يېتىش تەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشاش بىر جەمئىيەت، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇرۇشقا مايىل بولۇشتىن تىنچلىقپەرۋەر بولۇشقا قاراپ (ياكى ئەكسىچە) ئۆزگىرەلەيدىغان بولغاچقا، بۇنداق ئومۇملاشتۇرۇشلارنى قىلىش توغرا نەتىجىگە ئېلىپ بارمايدۇ. مەسىلەن، ياپون جەمئىيىتىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇن خەلقئارالىق مەسىلىلەردە كۈچ ئىشلىتىشكە مايىل ئىكەنلىكىنى ئېيتقىلى بولسىمۇ، بۇ تارىختىن كېيىن ئوخشاش خۇلاسىنى چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس.

ئۆزئارا تەسىر سەۋىيەسى، ئاساسلىقى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنىڭ دىنامىكىسى بىلەن مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئورتاقلاشقان خۇسۇسىيەتلىرىگە مەركەزلەشكەن ئانالىز سەۋىيەسىدۇر. بۇ سەۋىيەدە ئۇرۇش ھەرخىل پىكىرلەر بىلەن، ئەمما ئاساسلىقى ئىككى پىكىر بىلەن ئانالىز قىلىنىدۇ. بىرىنچىسى، دۆلەتلەر ئارا ئۆزئارا تەسىرنى كۈچ مۇناسىۋەتلىرى نۇقتىسىدىن ئانالىز قىلىدۇ. مەسىلەن كۈچ ئۆتۈش نەزەرىيەسىگە (Power Transition) كۆرە، كۈچنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا نىسبەتەن تەڭپۇڭ تارقالغان مەزگىللەردە، توقۇنۇشلارنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. توقۇنۇش مۇسابىقىسى پىكىرىدە بولسا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىردە تەرەپلەرنىڭ بىرى كۈچىنى، مۇداپىئە-بىخەتەرلىك مەقسىتىدە بولسىمۇ ئاشۇرۇشقا باشلىغاندا قارشى تەرەپ بۇنى بىر تەھدىت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدۇ. بۇ قوبۇل قىلىش بىلەن ھەرىكەت قىلغان دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىغا كىرىشىدۇ ۋە ئوخشاش ئەھۋال بۇ قېتىم تۇنجى دۆلەت ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلايدۇ. دۆلەتلەر بۇ شەكىلدە ئۆزئارا تەسىرى بىلەن قايتۇرۇش تەس بولغان بىر توقۇنۇش مۇسابىقىسى كىرىدۇ ۋە بۇنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ. يەنە بىر پىكىر بولسا بولغان توسۇش نەزەرىيەسى بولسا، كۈچ ئۆتۈش نەزەرىيەسىنىڭ ئەكسىچە، مەسىلەن قوراللىنىش مۇسابىقىسى نۇقتىسىدىن، تەرەپلەرنىڭ كۈچلىرىنىڭ تەڭلىشىشىنىڭ ئۇرۇشقا ئەمەس، ھەمكارلىققا يول ئاچىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىش دىنامىكىسى توقۇنۇشلارنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر يۈزلىنىشى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كۆپىنچە دېموكراتىيە ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىگە ئوخشاش ئامىللارغا مەركەزلىشىدۇ. مەسىلەن، دېموكراتىك تىنچلىق نەزەرىيەسى (Democratic Peace Theory) ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتە بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاش دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمگە ئىگە بولۇشى، ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدىغان توقۇنۇشلۇق مۇناسىۋەتلەرنى سىرتقا چىقىرىۋېتىدۇ، دېگەن قاراشقا ئاساسلىنىدۇ.

خەلقئارالىق سىستېما سەۋىيەسىدىكى تەھلىلنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئېلېمېنتى خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى دەپ ئېنىقلانغان ئانارخىيە (Anarchy) دۇر. بۇ يەردىكى ئانارخىيە، خەلقئارالىق سىستېمىدا دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدىغان ياكى يېتەكلەيدىغان ھېچقانداق يۇقىرى ھوقۇقلۇق قۇرۇلما، يەنى دۇنيا ھۆكۈمىتىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرى قىسمىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بۇ يەردە ۋالتزنىڭ (Waltz) ئانارخىيەنىڭ دۆلەتلەر ئارا ئۇرۇشلاردا يول قويغۇچى سەۋەب سۈپىتىدە رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكرى ئاساس قىلىنماقتا. دۆلەتلەر ئۆز بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بولسىمۇ، خەلقئارالىق سىستېمىدا ئۇرۇشلارنىڭ پارتلىشىنى توسىدىغان بىر قۇرۇلمىنىڭ يوقلۇقى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى رىقابەتنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرىدۇ.

خەلقئارالىق سىستېما سەۋىيەسىدىكى يەنە بىر يانداشما زومىگەر مۇقىملىق نەزەرىيەسى (Hegemonic Stability Theory) دۇر. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، خەلقئارالىق سىستېمىدا زومىگەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى سىستېما سەۋىيەسىدە تەرتىپكە سالغۇچى كۈچ رولىنى ئوينايدۇ ۋە ئانارخىيەنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ. بۇ ئەھۋال ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا دەرىجىلىك كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، قارىلىۋاتقان تەھلىل سەۋىيەلىرىنىڭ ھېچقايسىسى يالغۇز ھالدا ئۇرۇشقا دائىر بارلىق سوئاللىرىمىزغا تولۇق جاۋاب بېرەلەيدىغان چۈشەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە ئەمەس. ھەر بىر تەھلىل سەۋىيەسى ئەمەلىيەتتە تەھلىل قىلغۇچىنىڭ سورىغان سوئاللىرى، يەنى قايسى نۇقتىدىن قارىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر بىر سەۋىيە مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، چوقۇم باشقىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھالەتتە بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېقىنقى مەزگىللەردە مۇشۇنداق بىر تەكلىپ بىلەن يولغا چىققان نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا «كۆپ سەۋىيەلىك تەھلىل» لەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

2. يىگىرمىنچى ئەسىردىكى ئۇرۇشلاردا ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە تاكتىكىلار

2.1. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيە چۈشەنچە ۋە تاكتىكا

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىختىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى تارىختا تۇنجى قېتىم، ئۇرۇش قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەممە ئادەم ئۇرۇشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرىگە ئۇچۇرىغان. ئۇرۇشتىكى ئسىتراتېگىيە چۈشەنچىسى جەھەتتىنمۇ مۇھىم پەرقلەر بولغان بولۇپ، ئۇرۇشلاردىكى بەلگىلىگۈچى رول جەھەتتىن ھەربىي ئسىتراتېگىيە چۈشەنچىسىنىڭ ئورنىنى «ئومۇمىي ئسىتراتېگىيە» چۈشەنچىسى ئالغان.

بۇ جەھەتتىن، بۇ ۋاقىتتىن ئىلگىرى ئسىتراتېگىيە ۋە ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشى نۇقتىسىدىن باش قوماندانلار بەلگىلىگۈچى رول ئوينىغان بولسا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن دۆلەت ئەربابلىقى مۇھىم ئورۇنغا چىققان. ئۇرۇشتا لويد جورج (Lloyd George)، جورجېس كلېمېنسو (Georges Clemenceau) ۋە كايزېر ۋىلھېلم II (Kaiser Wilhelm II) قاتارلىق رەھبەرلەر باش رولدا تۇرغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەربىي ئسىتراتېگىيە ۋە سىياسەتنىڭ بىرىكىپ كەتكەنلىكى تۇنجى قېتىم بۇ ئۇرۇشتا كۆرۈلگەن. كلېمېنسونىڭ «ئۇرۇش، ھەربىيلەرگە تاپشۇرۇپ قويغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە جىددىي بىر ئىش» دېگەن سۆزى مانا مۇشۇ يانداشمىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسى زامانىۋى ئۇرۇشلارنىڭ ۋەيران قىلغۇچ كۈچى ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ كۈچى نۇقتىسىدىن ھېسابلىنىپ شەكىللەندۈرۈلگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، گېرمانىيەنىڭ ئۇتۇپ چىقالايدىغان بىر ئۇرۇشنىڭ مەيلى ۋاقىت جەھەتتىن بولسۇن ياكى نىشان دائىرىسى جەھەتتىن بولسۇن چەكلىك تۇتۇلۇشى ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسى بولغان. ھەربىي ئىستراتېگىيەسى بولسا، بۇ ئومۇمىي ئسىتراتېگىيەگە ئاساسەن گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش شتاب باشلىقى شلىففېن (Schlieffen) تەرىپىدىن تۈزۈلگەن.

تاكتىكا جەھەتتىن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوت كۈچىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق دۈشمەن سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈش مۇمكىن بولمىغاچقا، مۇداپىئە چۈشەنچىسى (بولۇپمۇ ئىستىھكام ئۇرۇشى) ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. يەنە بىر تەرەپتىن، مېخانىكىلىشىش دەپ ئاتالغان توپ ۋە تانكا قىسىملىرىدىكى تەرەققىياتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسى ھەل قىلىنماقچى بولغان. توپچىلار سىنىپىنىڭ پىيادىلار قىسمى ئالدىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى بۇ ئۇرۇش بىلەن كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، «پىيادىلار ئىگىلەيدۇ، توپچىلار بولسا مەغلۇپ قىلىدۇ» دېگەن سۆز تاكتىكىلىق جەھەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ھاۋا كۈچى دائىرىسىدە يۈز بەرگەن تەرەققىياتلار، كېيىنكى مەزگىللەردە ھاۋا كۈچىگە دائىر ھەربىي نەزەرىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر ئاساس ھازىرلاپ بەرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، دېڭىزلاردا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلاردا ئۇرۇش پاراخوتى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ تەسىرلىرىدۇر. ئەڭ ئاخىرىدا، ئومۇميۈزلۈك بىر ئۇرۇش بولۇشىغا قارىماي بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇنتىزىمسىز ئۇرۇش تاكتىكىلىرىمۇ قوللىنىلغان. بۇ كۆپىنچە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەرەب زېمىنلىرى ۋە ئافرىقىدا كۆرۈلگەن.

2.2. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدىكى ئىستراتېگىيە

ئىككى ئۇرۇش ئارىلىقىدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقاتلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تېمىسى، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تەسىرىدە ھاۋا ۋە تانكا كۈچى بولغان. بۇ تەتقىقاتلاردا ھاۋا كۈچىنىڭ ھۇجۇم، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بولسا مۇداپىئە مەقسىتىدە قوللىنىلىشى كۆز قارىشى بەلگىلىك رول ئوينىغان. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق كۈچى قەتئىي نەتىجە ئېلىشتىكى ھالقىلىق ئۇسۇل بولۇش رولىدىن چىققان. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىدۇر. ھاۋا كۈچى، ئسىتراتېگىيەنىڭ ۋاقىت ۋە ماكان ئامىللىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن.

ئۇرۇشقا ھەرىكەتچانلىق ۋە ھۇجۇمنى قايتۇرۇپ كېلىدىغان شەكىلدە تانكا تاكتىكىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى، مۇداپىئە ئسىتراتېگىيەسى قوللانغان قوشۇنلارنى ئۈنۈمسىز ھالغا چۈشۈرۈپ، مۇداپىئەنى بۆسۈپ ئۆتەلەيدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلغان. بۇ جەھەتتە، داڭلىق ستراتېگ لىدېل خارت (Liddell Hart) نىڭ پىكىرىمۇ زەنجىرتاپان ۋە ماشىنىلاشقان قىسىملارنى تەڭپۇڭ ھالدا ئىشلىتىپ نەتىجە ئېلىشقا قارىتىلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ خىلدىكى ئسىتراتېگىيەلەرنىڭ ئاساسلىق كۈچىيىشى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئومۇميۈزلۈك ۋەيرانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان ئۇسۇللارنى تېپىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىش مۇمكىن.

2.3. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ ئومۇمىي ئسىتراتېگىيە چۈشەنچىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۆرۈلگەن بولۇپ، يەنىلا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي رەھبەرلىرى ئسىتراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى سۈپىتىدە باش رولنى ئالغان. گېرمانىيەنىڭ بۇ ئۇرۇشتىكى ئومۇمىي ئسىتراتېگىيەسى ئاساسەن تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدە بولۇپ، زېمىن كېڭەيتىشنى نىشان قىلغان. ئەنگلىيەنىڭ ئومۇمىي ئسىتراتېگىيەسى بولسا، ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسى ۋە چوڭ كۈچ ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئىدى. بىراق، ئسىتراتېگىيەدە خەلقئارالىق مۇھىتنىڭ رېئاللىقىغا ئورۇن بېرىلمىگەن، ئەتراپلىق مۇداپىئە ئارقىلىق نىشانغا يېتىش مۇمكىن دەپ قارالغان، يەنى گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىۋاسىتە تەھدىتلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. شۇ دەۋردىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چامبېرلىن (Neville Chamberlain) نىڭ 1930-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا يولغا قويغان تىنچلاندۇرۇش ئسىتراتېگىيەسىمۇ بۇ سىياسەتنىڭ داۋامىدۇر. ئسىتراتېگىيە، ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، 1940-يىلى چېرچىل (Winston Churchill) نىڭ ھاكىمىيەتكە كېلىشى بىلەن ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ئەھۋال شۇ ۋاقىتتىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ئسىتراتېگىيەلىرىدە سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ رولى ھەققىدىمۇ ياخشى بىر مىسال بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، تېخنىكىنىڭ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بىر دەۋرنى سىمۋول قىلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇرۇش ماشىنىلاشقان؛ تانكا، ئايروپىلان، رادار، رادىئو ئۇرۇشتا ھەقىقىي مەنىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان. ئايروپىلان، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىغا ئاران ئۈلگۈرەلىگەن ۋە كۆپىنچە چارلاش مەقسىتى بىلەن پىيادە قوشۇنغا ياردەمچى سۈپىتىدە قوللىنىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بولسا پاراشۇتچىلار ھۇجۇمى، قوشۇنلارنى يۆتكەش ۋە دۈشمەننى بومباردىمان قىلىش مەقسىتىدە قوللىنىلىشقا باشلىغان. تانكا، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇنتىزىم قوشۇنلارنىڭ سېپىنى بۇزۇش ۋە دۈشمەن سەپلىرىنى يېرىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا بولسا رايوننى كونترول قىلىش ۋە ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە قوللىنىلغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياپونىيەگە قارشى قوللانغان ئىككى ئاتوم بومبىسى بولسا، ئۇرۇشنىڭ كېيىنكى جەريانىغا بولغان تەسىرىدىن ھالقىپ، يادرو ئسىتراتېگىيەسى دەۋرىنى باشلاپ بەرگەن.

يىگىرمىنچى ئەسىردىكى ئۇرۇشلارنى، قوللىنىلغان ئسىتراتېگىيە ۋە تاكتىكىلار دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات ئۈچۈن مەھمەت تانجۇ ئاكاد يازغان «20-ئەسىر ئۇرۇشلىرى: ئىستراتېگىيە، تاكتىكىلىق، تېخنولوگىيەلىك ۋە گېئوپولىتىكىلىق» كىتاپقا قاراڭ.

قوشۇمچە:

تىنچلاندۇرۇش (Appeasement) سىياسىتى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا بېرىش جەريانىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چامبېرلىن (Neville Chamberlain) بىلەن سىمۋوللاشتۇرۇلغان سىياسەت.

چامېبرلىن بولسا گېتلىرنىڭ ئاساسلىق قىزىقىش دائىرىسى شەرقتە بولغانلىقىغا ئىشەنگەچكە، كوممۇنىستىك سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىغا قارشى ئۆزلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ، ھەتتا بىر ئېھتىماللىق بىلەن گېتلىرنى سوۋېت زېمىنلىرىغا يۈزلەندۈرەلەيدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان، (Sudet) رايونىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن خۇددى ئىلگىرى بىسمارك (Bismarck) قىلغاندەك گېتلىرمۇ ئەمدى توختاپ، قولغا كەلتۈرگەنلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ، دەپ ئۈمىد قىلغان. ئەمما بىسماركقا ئەمەس بەكرەك ناپالىئون (Napoléon) غا ئوخشايدىغان گېتلىر، توختاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن تەلەپلىرىدە تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋەتتى. ميۇنخېن كېلىشىمى تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. يىغىندىن قايتقان چامبېرلىن ئايروپىلاندىن چۈشكەندە «سىلەرگە بۈگۈن شەرەپلىك بىر تىنچلىق ئېلىپ كەلدىم» دەيدىغان بولدى. ئەمما 15-مارتتا گېرمانىيە ھېچقانداق گېرمانلار ياشىمايدىغان چېخوسلوۋاكىيە زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىشقا باشلىغاندا، تىنچلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىنكى ھەپتىلەردە ئەنگلىيە پولشاغا كاپالەت بەردى ۋە جىددىي ئۇرۇش تەييارلىقلىرىنى باشلىدى. بىراق چوڭ بىر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمدى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەنىدى.»

3. خۇلاسە

ئۇرۇش ئۇقۇمى ئىنسانىيەت تارىخى بىلەن تەڭداش دېيەرلىك بىر ئۇقۇمدۇر. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇرۇش ئۇقۇمىنىڭ ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈلۈشى بېرىلەلمىگەن، نەتىجىدە ئۇرۇش ئۇقۇمى چەكلىمىگە ئېلىنالمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئېنىق بىر ئۇقۇم دائىرىسى بېرىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشنى سىياسىي بىرلىكلەرنىڭ نىشانلىرىغا يېتىش مەقسىتىدە بىر-بىرىگە قوللانغان سىستېمىلىق زوراۋانلىقى، دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.

سۇنزى، ماكياۋېللى (Machiavelli) ۋە ھېگېل (Fredrich Hegel) قاتارلىق نامايەندىلەر ھەر خىل دەۋرلەردە ياشىغان مۇتەپەككۇرلار بولۇشىغا قارىماي، ئۇرۇشنىڭ مۇقەررەر ۋە ھەتتا زۆرۈر ئىكەنلىكى خۇلاسىسىگە كەلگەن. ئۇرۇشنىڭ تۈرلۈك مۇتەپەككۇرلار تەرىپىدىن زۆرۈر بىر ھادىسە سۈپىتىدە ئېنىقلىمە بېرىش مەيلىگە قارىماي، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كىشىلەر ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىنچلىق ئىزدەش يولىغا كىرىشكەن. بۇ جەھەتتىكى تۇنجى قەدەم مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدۇر. خەلقئارالىق دەرىجىدە ئۇرۇشنى چەكلەش ئۇرۇنۇشلىرى مىللەتلەر جەمئىيىتى بىلەن چەكلىك دەرىجىدە باشلانغان ۋە 1928-يىللىق (Briand Kellog) شەرتنامىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى بىلەن خەلقئارالىق قانۇندا كۈچ ئىشلىتىش چەكلەنگەن.

تەرەققىي قىلغان تېخنىكىنىڭ ئۇرۇش قوراللىرىنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە خىلمۇخىل قىلىشى يېڭى ئۇرۇش تۈرلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان. ئەنئەنىۋى ئۇرۇش قوراللىرى ۋە توقۇنۇش شەكلىنى كۆزدە تۇتىدىغان ئۇرۇش ئادەتتىكى ئۇرۇش دەپ ئاتالسا، ئادەتتىكى قوراللارغا قوشۇمچە يادرو قوراللىرى قوللىنىلىدىغان ئۇرۇش يادرو ئۇرۇشى دەپ ئاتالغان. تېخىمۇ ئومۇمىي قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇرۇشنىڭ شەكلى ۋە خاراكتېرىنى بەلگىلەيدىغان ئامىللار سۈپىتىدە، كۈچ قوللانغۇچى كوللېكتىپنىڭ خاراكتېرى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى، قوللىنىلغان زوراۋانلىق ۋە قوراللارنىڭ تۈرى، قوللىنىلغان ئۇسۇل قاتارلىق كۆپلىگەن ئوخشىمىغان ئۆلچەملەر بويىچە قىلىنغان تۈرلەرگە ئايرىشلارنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇرۇشلار، قوللىنىلغان ئۆلچەملەرنىڭ خىلمۇخىللىقىغا باغلىق ھالدا ناھايىتى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلارغا ئايرىلالايدۇ. ئۇرۇشلارنىڭ كەسكىنلىك دەرىجىسى ۋە ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇغراپىيەلىك رايوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ ئومۇمىي ئۇرۇش / چەكلىك ئۇرۇش؛ قوللىنىلغان قوراللارنىڭ تۈرىگە قاراپ ئادەتتىكى ئۇرۇش / يادرو، بىئولوگىيەلىك، خىمىيەلىك ئۇرۇش؛ قوللىنىلغان ئۇسۇلغا قاراپ مۇنتىزىم ئۇرۇش / پارتىزانلىق ئۇرۇشى؛ ئۇرۇشقان تەرەپلەرنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ خەلقئارالىق ئۇرۇش / ئىچكى ئۇرۇش / ئاسىممېترىيەلىك ئۇرۇش؛ ئۇرۇشقان تەرەپلەرنىڭ خاراكتېرى ۋە بۇ خاراكتېرلەردىن كېلىپ چىققان تۈرتكىلەرگە قاراپ دىنىي ئۇرۇش / ئېتنىك ئۇرۇش؛ ۋە ئاخىرىدا، قوراللىق توقۇنۇش بىلەن ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش پەرقىگە قاراپ ئىسسىق ئۇرۇش / سوغۇق ئۇرۇش قاتارلىق پەرقلەرنى قىلىشقا بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە سەۋەبى جەھەتتىن بىر خىل ئۇرۇش تۈرى سۈپىتىدە ئېنىقلىيالايدىغان «ھەققانىي ئۇرۇش» ئۇقۇمى، ئۇرۇشنىڭ ئۇنى مەيدانغا كەلتۈرىدىغان ھەققانىي سەۋەبلەرگە ۋە بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەققانىيلىقىنى قوللايدىغان ئادىل دەرىجىگە ئىگە بولۇشىدۇر.

ئىجتىمائىي پەنلەر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇ نۇقتىدا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك چۈشەندۈرۈش جون گارنېت (John Garnett) تىن كەلگەن. ئۇنىڭ قارىشىدا، ئۇرۇشلار، كۆرۈنگەن / ئاساسىي سەۋەب، تەسىرلىك / يول قويغۇچى سەۋەب ۋە يېتەرلىك / زۆرۈر سەۋەب پەرقلىرىگە ئاساسەن كاتېگورىيەگە ئايرىلالايدۇ. ئۇرۇش سەۋەبلىرىدىن سىرت، ئۇرۇشنىڭ مەنبەسىمۇ ۋالتىز (Waltz) مودېلىدا يولغا قويۇلۇپ شەخس، بىرلىك (دۆلەت) ۋە سىستېما قاتارلىق ئۈچ سەۋىيە بويىچە تەتقىق قىلىنىدۇ.

مېھرىبان رەببىمىز بۇ تەرجىمە قىلىنغان ماتېرىياللارنى مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق قىلىپ بەرسۇن، بىچارە خەلقىمىزنى قۇتۇلدۇرسۇن، ئامىن!