دىپلوماتىيە

November 01, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 35 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

دىپلوماتىيە

ئەسكەرتىش: دىپلوماتىيە ھەققىدە مەلۇم بىر كەسپىي دەرسلىك كىتابىنىڭ بىر باب مەزمۇنىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. بۇ مەزمۇنلار بۈگۈنكى كۈندىكى دىپلوماتىيە ئۇقۇمىنىڭ باشلامچىلىرى بولغان غەربنىڭ پىكىرىنى ئاساس قىلغان ھالدىكى مەلۇماتلار بولۇپ، بۇلارنى بىر مۇسۇلمان پەقەتلا تەنقىدىي پوزىتىسىيە بىلەنلا ئوقۇپ چىقسا بولىدۇ. مەزمۇنلارنىڭ ھەممىىسنى توغرا دەپلا قۇبۇل قىلىش مۇسۇلماننىڭ دىنىنى بۇزۇشى مۇمكىن. دىپلوماتىيە ھەققىدە ئەسلىدە كۈنىمىزدىكى ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇنۋېرسال بىلىمى بۇ دەرىجىدە كېيىن قالمىغان بولسا ئىدى، بۇ ھەقتە ئىسلامىي دىپلوماتىيە ھەققىدە كۆپلىگەن تەتقىقات ماقالىلىرى ۋە كىتاپنى كۆرگەن بولاتتۇق. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىرئاز بولسىمۇ بىلىش ئۈچۈن بۇ خىل يازمىلارنى كۆرۈپ چىقساق بولىدۇ. ۋاقىئەلىكنى چۈشىنىش بابىدىن دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقىلا پايدىسى بولىدۇ. بۇ ساھەدە ئىزدەنگۈچى قېرىنداشلارنىڭ چوقۇم پەيغەمبەر ﷺ نىڭ تارىخى، 4 خەلىپە تارىخى ۋە ئىسلام تارىخىدىن باشقا يەنە ئۆزىمىزنىڭ تارىخىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئەلچىلەر ھەققىدە ئىزدىنىشكە ۋە تەتقىق قىلشقا مۇھتاج. مەن بۇ ھەقتە ئەرەبچە كىتاپلارمۇ بارمۇ دەپ ئىزدەپ باقسام راستىنلا خېلى كۆپ ماقالە ۋە كىتاپلار باركەن. ئەمما ئۇلارنى ئوقۇپ چىقمىغانلىقم ئۈچۈن بىرەسىنى تەۋىسيە قىلالمىدىم. بۇ ساھەدە ئىزدەنمەكچى بولغانلار ۋە ۋاقتى بارلار ئەرەبچە ئىزدەنسە بولىغدەك. مەسىلەن: «السفارة في الإسلام»، «مجموعة الوثائق السياسية للعهد النبوي والخلافة الراشد»، «الدبلوماسية في عهد النبي»، «الدبلوماسية النبوية» ۋە «سفراء النبي ﷺ» .. قاتارلىق ئىسىملار بىلەن ئىزدىسەك كۆپلىگەن يازما، ئىلمىي ماقالە، كىتاپ ۋە ۋىديولۇق لىكسىيەلەرنى تاپقىلى بولىدىكەن.

دۇنيالىق ئېھتىياج سەۋەپلىك ئاخىرەتلىكىمىزنى نابۇت قىلىۋەتمەسلىكىمىز ئۈچۈن كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان خەلىقىمىزگە سۇنۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار پەقەتلا مەلۇم كەسپىي دەرسلىكنىڭ تەرجىمىسىدۇر.

1. دىپلوماتىيە: ئېنىقلىما، ئاساسلىق ئۇقۇملار، ئىجراچىلار ۋە فۇنكسىيەلىرى

خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇھىم ساھەلىرىدىن بىرى بولغان دىپلوماتىيەنى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنىڭ ۋەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ. دىپلوماتىيە پەقەت ۋەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىلا ئىپادىلەپلا قالماستىن، يەنە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن ساھەسى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلماقتا.

خەلقئارا سىياسەت تارىخىدا دىپلوماتىيە ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يۈرگۈزۈش شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھازىرقى كۈندە بىر دۆلەتنىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلاردىكى ۋاكالىتىمۇ دىپلوماتىيەنىڭ دائىرىسىگە كىرىدۇ. دىپلوماتىيە ھەم بىر دۆلەتنىڭ دۇنيادا ۋەكىللىك قىلىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يول، ھەم دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم قورالدۇر.

بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىپلوماتىيە خەلقئارا تەرتىپ ئىچىدە بىر دۆلەتنىڭ مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان ۋاقىتتا، دىپلوماتلار بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش يولىدا باشقا دۆلەتلەر بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. دىپلوماتىيە ئارقىلىق دۆلەتلەر بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلىدۇ، سودىلىشىدۇ، بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۆزئارا كۆز قاراش پەرقلىرىنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ.

دىپلوماتىيە سۆزى يۇنانچە «ئىككىگە قاتلاش» مەنىسىدىكى «دىپلوما» سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ، كۆپ ھاللاردا تاشقى سىياسەت ئۇقۇمىنى ئىپادىلەيدىغان شەكىلدىمۇ قوللىنىلغان. ئەمەلىيەتتە دىپلوماتىيە تاشقى سىياسەتنى يۈرگۈزۈشتىكى قوراللارنىڭ پەقەت بىرىدۇر. دىپلوماتىيە سۆزى ئەقىل-پاراسەت ۋە خەلقئارا ئەدەب ئۇقۇملىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر مەسىلىنى ئەقىل ۋە ئەدەب بىلەن ھەل قىلىش كۆپىنچە دىپلوماتىك ھەل قىلىش يولى، دەپ تەرىپلىنىدۇ.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايسى تىلدا ئېلىپ بېرىلىشىمۇ مۇھىم مەسىلىدۇر. دىپلوماتىيەنىڭ باشلانغان شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز جەمئىيەتلىرىدە دەسلەپتە ئاككادچە(Akadça)، كېيىنچە ئارامىچە(Aramice) تۇنجى دىپلوماتىك تىللار سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقىنى بىلىمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يۇنانچە، لاتىنچە، فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە دىپلوماتىيە تىلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان.

ئىنسانلار سىياسىي جەمئىيەت سۈپىتىدە تەشكىللىنىشكە باشلىشى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە موھتاج بولغان. ئىككى سىياسىي جەمئىيەت ئارىسىدا خەۋەر يەتكۈزىدىغان ئەلچىلەرنى تۇنجى دىپلوماتلار دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ ئەلچىلەرنىڭ يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرلارنى بىخەتەر ھالدا يەتكۈزەلىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ئالاھىدە ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشى ۋە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنى يامان بولسىمۇ ئەلچىگە زىيان يەتكۈزۈلمەسلىكى قەدىمدىن تارتىپ قوبۇل قىلىنغان چۈشەنچىدۇر. نۇرغۇن تىللاردا ئوخشاش مەنىدە ئىپادىلەنگەن «ئەلچىگە ئۆلۈم يوق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزدىمۇ ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدە ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەلچىلەرگە زىيان يەتكۈزۈلۈشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا، تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلغىلى بولىدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ ئۇرۇشقا سەۋەب بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

تىنچلىققا خىزمەت قىلىدىغان پەن بولغان دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەم ئۇرۇشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ھەم ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولغان. شۇ سەۋەبتىن يېزىق تارىخىدىكى ئېتىراپ قىلىنغان تۇنجى تىنچلىق كېلىشىمى بولغان كادېش كېلىشىمى Kadeş Antlaşması (مىلادىدىن بۇرۇنقى 1280-يىلى) دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتى جەھەتتىن يەنە بىر مۇھىم تەرەققىيات قەدىمكى يۇنان جەمئىيىتىدىكى ئولىمپىك ئەنئەنىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىدۇر.

مىلادىدىن بۇرۇنقى توققۇزىنچى ئەسىردە يۇنان شەھەر دۆلەتلىرى ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى داۋامىدا ئۇرۇشماسلىق ۋە تەنھەرىكەتچىلەر بىلەن ئويۇنلارنى كۆرگىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئولىمپىيا شەھىرىگە بىخەتەر يېتىپ بارالىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر ۋاقىتلىق توختام (Ekecheria) ئىمزالىغان. شۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆپ تەرەپلىك خەلقئارالىق كېلىشىم ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ كۆپ تەرەپلىك كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن ئەلچىلەر پۈتۈن يۇنان شەھەر دۆلەتلىرىنى ئايلىنىپ تىنچلىق جاكارلايتتى.

رىم قانۇنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئەلچىلەرنىڭ قانۇنىي ئورنى، قەيەردە ۋە قانداق تۇرىدىغانلىقى، بۇ ئەلچىلەرنىڭ ئىگە بولىدىغان ئالاھىدە ھوقۇقلىرى ۋە ئىمتىيازلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە تۇنجى قانۇنىي تۈزۈملەر تۈزۈلۈشكە باشلىغان. شەرقىي رىم (ۋىزانتىيە) ئىمپېرىيەسىمۇ رىمدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇسۇللارنى داۋاملاشتۇرغان. ئەمما ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىدە دىپلوماتىيە خەۋەر يەتكۈزۈش ۋاسىتىسى بولۇشتىن سىرت، رەقىب دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە قارشى قويۇش، دۆلەت تەشۋىقاتى قىلىش، پۇل تارقىتىش ۋە ئۇرۇشنى كېچىكتۈرۈپ دۈشمەننىڭ مەنبەلىرىنى تۈگىتىش ئۇسۇلى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلىشقا باشلىغان. «ۋىزانتىيە ئويۇنى» دېگەن سۆز دىپلوماتىيەنىڭ بۇ ئەخلاقسىز تەرىپىنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان ئىبارە بولغان. ۋىزانتىيە ئېمپىرىيىسى بىلەن زامانداش ئىسلام مەدەنىيىتىدىمۇ دىپلوماتىك ئىمتىياز ۋە دەخلىسىزلىككە ئەھمىيەت بېرىلگەن. ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدىمۇ دىپلوماتىيە چېركاۋ قانۇنى دائىرىسىدە تەرەققىي قىلغان. پاپا ھۆكۈمرانلىقى، تېخى تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولمىغان ۋە پاپا نامىدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان فېئودال ياۋروپا كۈچلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئەلچى مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان لېگات (legate) ۋە نۇنتىئۇس (nuntius) لار ئارقىلىق تەرتىپكە سالغان.

14- ۋە 15-ئەسىرلەردە، شەھەر دۆلەتلىرىدە ئۇچۇر يەتكۈزۈش رولىنى ئۆتەيدىغان ۋاقىتلىق ئەلچى ئۇقۇمى تۇراقلىق باش ئەلچى ئۇقۇمىغا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. ۋېنېتسىيە، مىلان ۋە مانتۇۋا شەھەر دۆلەتلىرى ئۆز ئارا ۋە پاپا دۆلىتىدە تۇراقلىق ئەلچى تۇرغۇزۇشقا باشلىغان. كېيىنچە تۇراقلىق باش ئەلچىلىك تۈزۈمى پۈتۈن ياۋروپاغا كېڭەيدى. 1815-يىلىدىكى ۋيېنا قۇرۇلتىيى ياۋروپا ئىناقلىقى سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇ قۇرۇلتاي ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئاساسىي دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنلار ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ شەكىللىنىشى جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋيېنا قۇرۇلتىيى بولۇپمۇ شۇ كۈنگىچە ياۋروپادا نۇرغۇن يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىدە چوڭ مەسىلە بولۇپ كەلگەن دىپلوماتىك پىروتوكول مەسىلىسىدە ئېلىپ بارغان تەرتىپكە سېلىش خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە.

1961-يىلى ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت نىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىممۇنىتېتلار توغرىسىدىكى يىغىنى، 1815-يىلى يولغا قويۇلغان ئاساسىي تۈزۈملەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھازىر قوللىنىلىۋاتقان دىپلوماتىك ئۇسۇللارنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بىراق، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئوچۇق دىپلوماتىيەگە ئۆتۈشتە ھەقىقىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇرۇش مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىنقىلاب سەۋەبىدىن ئۇرۇشتىن چېكىنگەن رۇسىيە، دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈزۈلگەن بارلىق مەخپىي كېلىشىملەرنى ئاشكارىلاپ، ئىتتىپاقداشلارنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قىلىپ قويدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋۇدرو ۋىلسون Woodrow Wilson ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلار سېپىدە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن ئالدىنقى شەرت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان «14 ماددا»دا، ئۇرۇشتىن كېيىن قۇرۇلىدىغان يېڭى خەلقئارالىق تەرتىپتە كېلىشىملەرنىڭ ئاشكارا تۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تەلەپ مىللەتلەر جەمئىيىتى نىزامنامىسىدا ئورۇن ئېلىپ، مۇھىم دۆلەتلەر ئارا ھوقۇق پىرىنسىپىغا ئايلاندى. شۇ سەۋەبتىن، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرىكى دىپلوماتىيە كلاسسىك، ئۇرۇشتىن كېيىنكى دىپلوماتىيە بولسا ئوچۇق دىپلوماتىيە دەپ تەرىپلىنىدۇ.

1.1. دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرى

دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدا، بۇ پەنگە خاس نۇرغۇن ئۇقۇملار ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ ئۇقۇملار نەچچە توملۇق لۇغەتنى تولدۇرغۇدەك كۆپ بولسىمۇ، بۇ بۆلەكتە پەقەت ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارالغان بىر قانچىسى تونۇشتۇرۇلىدۇ.

دىپلومات

دىپلومات (Diplomat) بىر دىپلوماتىك مۇلازىمەتنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە دۆلەت نامىدا، بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزىدىغان كەسپىي خادىمدۇر. تىلغا ئېلىنغان دىپلوماتىك مۇلازىمەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا بۇ كىشىلەر ۋەزىپە خادىمى، چەت دۆلەت ياكى خەلقئارالىق تەشكىلات بولسا دىپلوماتىك ئاگېنت دەپ ئاتىلىدۇ.

دىپلوماتىك ۋەكىللىك

دىپلوماتىك ۋەكىللىك (Diplomatik Misyon) بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتتە تۇرۇشلۇق، دۆلىتىنى تەمسىل قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە دىپلوماتىك ئورگىنىغا بېرىلگەن ئىسىمدۇر. ۋەكىللىك باشلىقى بولسا دىپلوماتىك ۋەكىللىكنىڭ بېشىدا تۇرىدىغان كىشىدۇر. ھەر بىر دىپلوماتىك ۋەكىللىكنىڭ بىر ۋەكىللىك باشلىقى بولىدۇ. 1961-يىلى ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى ب د ت يىغىنىدا ئۈچ دەرىجىلىك ۋەكىللىك باشلىقى بارلىقى قوبۇل قىلىنغان:

  1. دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان باش ئەلچىلەر(büyükelçiler)، پاپا نۇنچىئولىرى (Papalık nuncio) ۋە ئۇلارغا تەڭداش ۋەكىللىك باشلىقلىرى.
  2. دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئەلچىلەر، ئەلچى-مۇستەشارلار ۋە پاپا ئىنتېرنۇنچىئولىرى.
  3. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن تەستىقلانغان مەسلىھەتچى ئەلچىلەر (maslahatgûzarlar).

تۈرك قانۇنى بويىچە دىپلوماتىك ۋەكىللىكتە باش ئەلچى، دائىمىي ۋەكىل، دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى، ۋەكىل، ئەلچى، مەسلىھەتچى ئەلچى، ئەلچى-مۇستەشار، بىرىنچى مۇستەشار، مۇستەشار، ھوقۇق مەسلىھەتچىسى، باش كاتىپ، ئىككىنچى كاتىپ، ئۈچىنچى كاتىپ، ئاتتاشې (ataşe) ۋە ئاتتاشې ياردەمچىلىرى ھەمدە ھەربىي ئاتتاشېلار، ھەربىي ئاتتاشې ياردەمچىلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگان-مۇئەسسەسەلىرىگە مەنسۇپ دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى، مەسلىھەتچى، مەسلىھەتچى ياردەمچىسى قاتارلىقلار خىزمەت قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا دىپلوماتىك ۋەكىللىككە تېخنىكىلىق ياردەم بېرىدىغان ئالاقە مۇتەخەسسىسلىرى بەزىدە دىپلوماتىك ئورۇنغا ئىگە بولسا، كۈندىلىك ئىشلارنى بېجىرىدىغان ئاشپەز، شوپۇر، باغۋەنگە ئوخشاش خىزمەتچىلەر دىپلوماتىك ئورۇنغا ئىگە ئەمەس. ۋەكىللىك باشلىقى تۇرىدىغان تۇرالغۇ رېزىدېنسىيە(rezidans)، دىپلوماتىك ئىشلار ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەلچىخانا ياكى كونسۇلخانا بىنالىرى بولسا كانسىلارىيە (kançılarya) دەپ ئاتىلىدۇ.

كوردىپلوماتىك

كوردپلوماتىك (Kordiplomatik) بىر دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ خادىملىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئورتاق ھەرىكەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەمەلىي جامائەتتۇر. كوردىپلوماتىك دىپلوماتىك ھوقۇقلار ۋە ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى قوغداش مەقسىتىدە پات-پات يىغىلىدۇ. بولۇپمۇ قوبۇل قىلغۇچى دۆلەت ئۆز زېمىنىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دىپلوماتلارنىڭ دىپلوماتىك ئىمتىيازلىرىنى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن دەپسەندە قىلسا، ئۇ دۆلەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ۋەكىللىك باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە يىغىلىپ، كوردىپلوماتىك دەپسەندىچىلىككە قارشى ئورتاق ھەرىكەت قىلىش قارارى ئالىدۇ.

ئېتىراپنامە

ئېتىراپنامە (Akreditasyon) بۇ دىپلوماتىك ۋەكىلنىڭ سالاھىيىتى ۋە ھوقۇقىنى بەلگىلەيدىغان ۋە ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتلەر بىلەن تەمىنلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ. دىپلوماتىك ۋەكىل خىزمەت قىلىدىغان دۆلەتكە بېرىشتىن بۇرۇن، بۇ شەخسنىڭ ئىسمى ئاۋۋال شۇ دۆلەتكە بىلدۈرۈلىدۇ. شۇ دۆلەتتىن ئىجابىي جاۋاب ئېلىنغاندىن كېيىن، دىپلوماتىك ۋەكىل ئىشەنچ يارلىقىنى خىزمەت قىلىدىغان دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقىغا تاپشۇرىدۇ. دۆلىتىنى تەمسىل قىلىش ھوقۇقى قوبۇل قىلىنغان دىپلوماتىك ۋەكىل ئىشەنچ يارلىقىغا ئىگە بولغان ھېسابلىنىدۇ.

دىپلوماتىك ئىمتىيازلار

دىپلوماتىك ۋەكىللەر خىزمەت قىلىۋاتقان دۆلەتتە ئىگە بولىدىغان ئىمتىيازلار دىپلوماتىك دەخلى قىلماسلىق ۋە دىپلوماتىك قۇبۇل قىلىشتىن ئىبارەت. دىپلوماتىك دەخلى قىلماسلىق دىپلوماتىك ۋەكىلنىڭ شەخسىي دەخلى قىلىنماسلىقى، دىپلوماتىك بىنالارنىڭ دەخلى قىلىنماسلىقى، ئالاقە قىلىشتا دەخلى قىلىنماسلىقى ۋە سەپەر قىلىش دەخلى قىلىنماسلىقى.. قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىپلوماتىك قۇبۇل قىلىش بولسا دىپلوماتىك ۋەكىلنىڭ سوت، باج ۋە تاموژنا قاتارلىق ساھەلەردە كۆرسىتىلىدۇ.

1.2. دىپلوماتىيە يۈرگۈزۈچىلەر

دىپلوماتىيە ئومۇمىي ۋە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيەسىنى يۈرگۈزۈشتىكى ئومۇمىي ھوقۇقلۇق ئورگانلار دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىدىن ئىبارەت. ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلار بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دىپلوماتىك ۋەكىللەردۇر.

دۆلەت باشلىقى

دۆلەت باشلىقلىقى ئورنى دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنى يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنىدۇر. تۈزۈمنىڭ تۈرىگە قاراپ دۆلەت رەئىسى، پادىشاھ ياكى پرېزىدېنت دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت باشلىقلىرى ھېچقانداق ھوقۇق گۇۋاھنامىسىگە موھتاج بولماستىن دۆلەت نامىدا سۆھبەتلىشىش، تەمسىل قىلىش ۋە كېلىشىم ئىمزالاش ھوقۇقىغا ئىگە. ئەلۋەتتە، دېموكراتىك تۈزۈملەردە دۆلەت باشلىقى پەقەت ئاساسىي قانۇن بەلگىلىگەن دائىرە ۋە چەك-چېگرا ئىچىدە دىپلوماتىك ھوقۇقلىرىنى ئىشلىتەلەيدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى، ب د ت نىزامنامىسىدە بار بولغان دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرلىكى پىرىنسىپىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇنغا ئىگە.

باش مىنىستىر

پارلامېنت ۋە يېرىم پرېزىدېنتلىق سىستېمىلىرىدا باش مىنىستىرلارمۇ دۆلەت باشلىقلىرىغا ئوخشاش دىپلوماتىك پائالىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە ھوقۇقلۇقتۇر. ئاساسىي قانۇن بەلگىلىگەن چەك-چېگرىلار باش مىنىستىرلار ئۈچۈنمۇ ئىناۋەتلىك.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى

دىپلوماتىك خەت-چەكلەرنى ئارخىپلاش، يوقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلارنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، خەلقئارالىق سىياسەتنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر مىنىستىرلىقنىڭ مەيدانغا كېلىش ئېھتىياجىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تۇنجى قېتىم بېرلىندا، 1819-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى قۇرۇلغان، ئون توققۇزىنچى ئەسىر جەريانىدا باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ قۇرۇلۇشقا باشلىغان. دۆلەتلەر دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ئارقىلىق يۈرگۈزىدۇ.

بۇ ئۈچ يۈرگۈزگۈچىدىن باشقا كېلىشىم ئىمزالاشقا ۋەكىل قىلىنغان باشقا مىنىستىرلار ۋە ۋەكىل قىلىنغان دىپلوماتلار دىپلوماتىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك، دىپلوماتىك ۋەكىللىكتە خىزمەت قىلىدىغان دىپلوماتلار دىپلوماتىيەنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلۇق ئورگانلىرىدۇر.

1.3. دىپلوماتىيەنىڭ ۋەزىپىلىرى

دىپلوماتىيە بۇرۇن «دۆلەتنىڭ يۈكسەك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇستىلىق بىلەن يالغان سۆزلەش ماھارىتىدۇر، دەپ قارالغان. بولۇپمۇ ماكياۋېللى (Machiavelli) ياخشى دىپلوماتنىڭ چوقۇم ئۇستا يالغانچى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بىر سابىق دىپلوماتىيە خادىمى بىئېرس Bierce دىپلوماتىيەنى «دۆلىتىمىز ئۈچۈن يالغان سۆزلەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك سەنئىتى» دەپ ئېنىقلىما بەرگەن. دەرۋەقە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە دىپلوماتىيە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق بىلەن ھەر خىل ۋاسىتىلەرگە تايىنىدىغان پائالىيەت بولۇش ئەھۋالى داۋاملاشقان. ئەمما كېلىشىملەرنىڭ ئوچۇق تۈزۈلۈش پىرىنسىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن دىپلوماتىيەدىكى مەخپىيلىكنى مەلۇم دەرىجىدە يوقاتقان. دىپلوماتىيەدە ئەخلاقىي قائىدىلەر تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە يىگىرمىنچى ئەسىردە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تېخنولوگىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىخبارات ئۇسۇللىرىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىشى دىپلوماتىك يالغانلارنى بارغانسېرى ئەھمىيەتسىز ھالغا كەلتۈرگەن.

دىپلوماتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا يالغانچىلىق قىلىش ماھارىتى بۇرۇنلاردا دىپلوماتنىڭ مۇھىم خاراكتېرى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاشكارا دىپلوماتىيە دەۋرى باشلانغاندىن تارتىپ، ئەخلاقىي پىرىنسىپلار ئالدىنقى ئورۇنغا چىقتى. تۆۋەندە دىپلوماتىيەنىڭ قايسى ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشتا قوللىنىلىدىغانلىقىغا قاراپ چىقايلى:

كۆزىتىش ۋە دوكلات قىلىش

دىپلوماتىك ۋەزىپىدىكىلەر ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەتتە يۈز بەرگەن بارلىق مۇھىم ئىشلارنى كۆزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلار بۇ كۆزىتىش پائالىيىتىنى ئېلىپ بارغاندا، شۇ دۆلەتنىڭ مەتبۇئاتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، مۇھىم ۋەقەلەرنى ئۆز دۆلىتىگە دوكلات قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەتتىكى سىياسەتچىلەر، تىجارەتچىلەر، مۇخبىرلار، ئالىملار، سەنئەتكارلار ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلاردىن ئالغان ئۇچۇرلارنى مۇنتىزىم ھالدا دوكلات قىلىپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا تەۋە بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرمۇ باش ئەلچىخانا خىزمەتچىلىرى قاتارىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلارغا دىپلوماتىك ئالاھىدە ھوقۇقلار بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى قانۇنىي قوغدىنىدۇ. بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە بۇ جاسۇسلارنىڭ تۇتۇلۇپ قېلىشى سەۋەبلىك دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېغىر دىپلوماتىك كىرىزىسلار پات-پات يۈز بەرگەن. بۇ مەزگىلدە بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى مەلۇم ۋاقىت ئارىلىقىدا تۇتۇلغان جاسۇسلارنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇپ تۇرغان.

سۆھبەت ئېلىپ بېرىش

دىپلوماتنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتۇر. خەلقئارالىق كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىش جەريانىدا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەر، ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق كېلىشىملىرىنىڭ شەرتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىش، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەزگىللىك كەسكىنلىشىپ قالغان مۇناسىۋەتلەرنى قايتا تەرتىپكە سېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئاساسەن دىپلوماتلار ئېلىپ بارىدۇ. بۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش رولىدا دىپلوماتنىڭ شەخسىي قابىلىيىتى ناھايىتى مۇھىم. ياخشى سۆھبەتچى دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم دۆلەت كۈچى ئامىلى ھېسابلىنىدۇ.

سۆھبەت قارشى تەرەپكە ھەرخىل سىگناللارنى ئەۋەتىش بىلەن باشلىنىدۇ. بىرەر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن يوشۇرۇن سىگنال ئۇسۇلى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە سۆھبەت قىلىشقا قەتئىي نىيەت بارلىقى ئۇقتۇرۇلىدۇ. بۇ سىگناللار ھەرخىل باياناتلار ياكى بەزى ياخشى نىيەت ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئەۋەتىلىدۇ. مەسىلەن، 1971-يىلى ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن، ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن تىكتاكتوپ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مىللىي كوماندىلىرى مۇسابىقىلەشكەن ۋە ئىككى تەرەپ بۇ يوشۇرۇن سىگنال ئارقىلىق بىر-بىرىگە سۆھبەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ ۋەقە دىپلوماتىيە تارىخىغا «تىكتاكتوپ دىپلوماتىيەسى» دەپ يېزىلغان. كېيىن ئاشكارا سىگنال ئۇسۇلى بىلەن تەرەپلەر بىر-بىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلغان ۋە 1972-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسوننىڭ زىيارىتى بىلەن سودىلىشىش باسقۇچىغا ئۆتكەن. سودىلىشىشلار ئاخىرى 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن نەتىجىلەنگەن.

سۆھبەتلەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن بولغاندەك، ئىچكى ئۇرۇشتىكى ئىككى گۇرۇپپا، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى ياكى تېررورچى تەشكىلات بىلەن دۆلەت ئارىسىدىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيەسىدە سۆھبەت بەزىدە مەسىلىگە مۇناسىۋەتسىز كېلىشتۈرگۈچى ۋە ئارىلاشتۇرغۇچى تەرەپ ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.

دىپلوماتىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا سىگنال ئەۋەتىش مېخانىزمى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. دېمەك، سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يوشۇرۇن سىگنال ئۇسۇلى ئارقىلىق نىيەت بىلدۈرۈلىدۇ. كېيىن تەرەپلەر بىر-بىرىگە ئوچۇق-ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كۆرۈشۈش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە سۆھبەتنى باشلايدۇ.

ۋەكىللىك قىلىش

ۋەكىللىك قىلىش ۋەزىپىسى دېپلوماتنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ھوقۇقىي شەخسىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دېپلومات ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەتتە ئۇنىڭغا كۆرسىتىلگەن ھۆرمەت، بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىيازلار، دېپلوماتنىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ياكى رەت قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە ئەمەس، بەلكى ئۇ تەمسىل قىلغان دۆلەتكە قارىتىلغان مۇئامىلىلەردۇر. دېپلومات ئۆز دۆلىتىنى تەمسىل قىلىدۇ دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا دېپلومات بىلەن ئۇ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. دۆلەتلەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرىغا تېخىمۇ ئىنچىكە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت جىددىيلەشكەندە، ئۇ دۆلەتنىڭ دېپلوماتلىرىغا - ئەدەب چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتمىگەن ھالدا - سەلبىي مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى مەلۇم. دېپلوماتلارغا قارىتىلغان ئېتىبارسىز ۋە ھۆرمەتسىز مۇئامىلىلەر ئۇلار تەمسىل قىلغان دۆلەتلەرگە قىلىنغان دەپ قارىلىدۇ. ۋەكىللىك قىلىش رولىنىڭ يەنە بىر تەرىپى، دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ كۆپىنچىسىگە دېپلوماتلار ئارقىلىق قاتنىشىشى ۋە دېپلوماتلارنىڭ بۇ يىغىنلاردا تەمسىل قىلغان دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ھەم كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلۈشىدۇر.

ئارىلىشىش

گەرچە ئاساسىي رول بولمىسىمۇ، بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەرنىڭ دېپلوماتلىرىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئامېرىكا دېپلوماتلىرى غەرب ئەللىرىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى دېپلوماتلىرى شەرق ئەللىرىدە كىچىك دۆلەتلەردە ۋەزىپە ئۆتىگەندە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا ياكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كەلگەن سىياسەتلىرىگە ئارىلاشقان. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئامېرىكا دېپلوماتلىرىنىڭ بۇ دۆلەتنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولغان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ۋاسىتىلىك ھالدا ئارىلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بىر رېئاللىق. ئەلۋەتتە، باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۆز كۈچىگە يارىشا، ئوخشىمىغان دەرىجىدە دېپلوماتلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلىشىدۇ. دۆلەتلەر دېپلوماتىيىنى تاشقى سىياسەتنى يۈرگۈزۈش قورالى سۈپىتىدە قارىغاچقا، ئاخبارات، مېدىيا ۋە تەھدىت قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى بولمىغان دېپلوماتىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىگە ئارىلىشىدۇ. بۇ خىل دېپلوماتىيە «مەجبۇرلاش دېپلوماتىيىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.

تەشۋىقات

دېپلومات ئۆز دۆلىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەن ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن. ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەتتە ئۆز دۆلىتىنىڭ ياخشى ئوبرازغا ئىگە بولۇشى كۆپ جەھەتتىن دېپلوماتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ مەقسەتتە دېپلومات ھەم كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق، ھەم قاتناشقان زىياپەت ۋە يىغىنلاردا ئۆز دۆلىتىنىڭ كۈچى، ئابرۇيى ۋە قوغدايدىغان ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدۇ. بەزىدە دېپلوماتلارغا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىگە بولمىغان، ئەمما قوللايدىغاندەك كۆرۈنگەن بەزى قىممەت قاراشلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش ۋەزىپىسىمۇ تاپشۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خرۇشچېۋ Khrushchev ئەمەلىيەتتە قورالسىزلىنىشنى قوللىمىغان بولسىمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادا تىنچلىقپەرۋەر ئوبرازغا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن دېپلوماتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قورالسىزلىنىشنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا بۇيرۇغان.

2. دېپلوماتىيىنىڭ تەرەققىياتى

دېپلوماتىيە تارىخىنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى كلاسسىك دېپلوماتىيە دەۋرى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئوچۇق دېپلوماتىيە دەۋرى دەپ ئىككىگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئايرىش دېپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرى جەھەتتىن توغرا بولسىمۇ، كلاسسىك دېپلوماتىيە دەپ ئاتالغان دەۋرنىڭ مىڭلىغان يىللارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، ئوچۇق دېپلوماتىيىنىڭ بولسا تەخمىنەن يۈز يىللىق مەزگىلنى كۆرسىتىشى سەۋەبىدىن سان جەھەتتىن تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت. شۇڭا كلاسسىك دەۋرنى ئۆز ئىچىدە يەنە بىر نەچچە دەۋرلەرگە بۆلۈپ تەتقىق قىلىش توغرا ئۇسۇل بولىدۇ.

2.1. كىلاسسىك دىپلوماتىيە

بۇ بۆلۈمدە قەدىمكى گرېتسىيە ۋە رىم دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە، ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىدىكى دىپلوماتىيە ھەمدە 1815-يىلى ۋىيېنا قۇرۇلتىيىدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان يۈز يىلدىن ئارتۇق مەزگىلدىكى دىپلوماتىيە تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەزگىلدە دىپلوماتىيە يېپىق ئىشىكلەر كەينىدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەت بولغاچقا، ئۇ «كىلاسسىك دىپلوماتىيە» دەپ ئاتالغان.

2.1.1. قەدىمكى گرېتسىيە ۋە رىم دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە

دىپلوماتىيە گەرچە قەدىمكى گرېتسىيەدىن بۇرۇن، مېسوپوتامىيە ۋە ئانادولۇ مەدەنىيەتلىرىدە باشلانغان بولسىمۇ، بۇ دەۋرلەردىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا قولىمىزدا قالغان يازما ماتېرىياللار چەكلىك بولغاچقا، بۇ ھەقتە ئانچە كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز. شۇڭا بىز پەقەت كادەش شەرتنامىسى Kadeş Antlaşması نىڭ بىزگە مەلۇم بولغان تۇنجى يازما دىپلوماتىك تېكىست ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەنلا چەكلىنىمىز.

ھومېر داستانىدا دىپلوماتىيەگە مۇناسىۋەتلىك بەزى مەلۇماتلار بار. بۇ دەۋردە گرېك شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلەر ئارقىلىق ئۆزئارا ئالاقە قىلغانلىقى، ئەمما بۇ ئەلچىلىك سىستېمىسىنىڭ تۇراقلىق ئەمەس، ۋاقىتلىق ئەلچىلىكلەر ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئەلچىلەر خەۋەر يەتكۈزۈش، ئۇرۇش توختىتىش، تىنچلىق ئورنىتىش، ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇش ۋە سودا كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەر بىلەن ۋەكىللەندۈرۈلۈپ، باشقا شەھەر دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن. بۇ دەۋردە سۆھبەتلەرنىڭ خاتىرىلەنمىگەنلىكى، پەقەت كېلىشىملەرنىڭلا خاتىرىلەنگەنلىكى مەلۇم.

دەسلەپتە تىلغا ئالغىنىمىزدەك، ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى مەزگىلىدە جاكارلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، مەۋجۇت ئۇرۇشلارنى توختىتىش ۋە شەخسىي بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. ئەلۋەتتە، قەدىمكى گرېك مەدەنىيىتىنىڭ ئەگە دېڭىزى Ege Denizi نىڭ ئىككى قىرغىقى ۋە ئەگە ئاراللىرىدا مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقاندا، دېڭىز سودىسىنىڭ بۇ مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. بۇ كەڭ كۆلەملىك سودا ئاساسەن شەھەر دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان سودا كېلىشىملىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولغان.

قەدىمكى گرېك مەدەنىيىتىدە شەھەر دۆلەتلىرى ھەر خىل سىستېمىلار بىلەن باشقۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېڭىز سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ سودىنىڭ مەسىلىسىز داۋاملىشىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن سودا كېلىشىملىرى دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتقان.

رىم مەدەنىيىتى ئاساسەن قەدىمكى گرېك مەدەنىيىتىنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. بىراق رىم مەدەنىيىتىنى قەدىمكى گرېك مەدەنىيىتىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل قانۇندۇر. رىم مەلۇم بولغان پۈتۈن قەدىمكى دۇنيادا كۈچلۈك ئىمپېرىيە قۇرغان، بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ۋە تەسىرى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىۋاتقان كۈچلۈك قانۇن سىستېمىسى بەرپا قىلغان. رىم قانۇنى سايىسىدا دىپلوماتىك ئىمتىيازلارنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە سىستېمىلىق ھالغا كەلگەنلىكىنى ئېيتالايمىز.

رىمنىڭ داۋامچىسى بولغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە دىپلوماتىيە بىر كەسپىي خىزمەتكە ئايلانغان. دىپلوماتلار ئۈنۈملۈك سۆھبەتچىلەر بولۇش ئۈچۈن ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسى تۇنجى قېتىم تاشقى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دۆلەت ئورگىنىنى قۇرغان. ۋىزانتىيە دۆلىتى كۆچمەن قەبىلىلەر ۋە گۇرۇھلارنىڭ داۋاملىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاچقا، جاسۇسلۇق ۋىزانتىيە ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئورگان بولۇپ قالغان. كەسپىي جاسۇسلار ھەم كۆچمەن گۇرۇھلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ ئۇچۇر توپلىغان ھەم پارا بېرىش ۋە ئالدامچىلىق ئۇسۇللىرى بىلەن دۈشمەنلىرىنى يېتەكلىگەن.

ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دىپلوماتىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئېرىشكەن يەنە بىر مۇھىم ئۈستۈنلۈك ئۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش ئىدى. كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ داۋاملىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، ئۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق نۇرغۇن مۇھىم مەنپەئەتلەرگە ئېرىشەتتى. مەسىلەن، كۆچمەن قەبىلىلەر سۆھبەتلەر ئارقىلىق باھار ۋە ياز پەسىللىرىدە ئالدىنىپ، قىش پەسلىگە ماس كەلمەيدىغان بۇ تەرتىپسىز قوشۇنلار ھاۋا سوۋۇغاندا چېكىنىشكە مەجبۇر بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ئۇزۇن سۆھبەت مەزگىلىدە دۈشمەننىڭ ئوزۇق-تۈلۈك زاپىسى تۈگەپ، مال پادىلىرى يۇقۇملۇق كېسەللىك ياكى پاناھلىنىدىغان جاي يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن نابۇت بولاتتى.

ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاپقان يەنە بىر قىزىقارلىق ئۇسۇلى دۈشمەنلىرىگە ئۇنۋانلارنى تارقىتىش ئىدى. ئادەتتە كۆچمەن قوماندان سۆھبەتلەر جەريانىدا ئىمپېراتور تەرىپىدىن ئانچە مەنىسى يوق بىر ئۇنۋان بىلەن مۇكاپاتلىناتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قوماندان ئاقسۆڭەكلىك ئۇنۋانغا ئىگە بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ قانائەتلىنەتتى ۋە ئۇرۇش باشلانماي تۈگەيتتى.

ئاخىرىدا، ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دىپلوماتىيىنى كۈچ كۆرسىتىش ۋاستىسى سۈپىتىدە قوللانغان. ئىستانبۇلغا قوبۇل قىلىنغان چەت ئەللىك ئەلچىلەر، كېلىشى بىلەنلا بۇ ھەيۋەتلىك شەھەرنىڭ گۈزەللىكىدىن تەسىرلىنىپ، ئاياسوفىيە مەسچىتىدەك شاھ ئەسەر ئالدىدا ھەيران قالاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمپېراتور بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا بەزى مېخانىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن يارىتىلغان ئاۋاز ۋە كۆرۈنمە ئۈنۈملەر بۇ مۇھىتنى تېخىمۇ سىرلىق ھالغا كەلتۈرەتتى. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە دىپلوماتىيە ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن خېلىلا يىراق ئۇسۇللار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

1940-يىللاردا گىتلېرمۇ قۇرغان تەشۋىقات مىنىستىرلىقىدا ئوخشاش ئۇسۇللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشكە كەلگەنلەرنى بىر قىسىم كۆرۈنمە تۈزۈلمىلەر بىلەن تەسىرلەندۈرگەن. بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى دىپلوماتىيىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنى تەشكىل قىلىدۇ. دىپلوماتىيىنىڭ بۇ يالغانچى تەبىئىتى پەقەت بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا ئۆزگىرىدۇ.

2.1.2. ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىدىن ۋىيېننا قۇرۇلتىيىغىچە بولغان دىپلوماتىيە

ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىمۇ خۇددى گرېك شەھەر دۆلەتلىرىگە ئوخشاش دېڭىز سودىسى تۈپەيلىدىن بېيىغان. قەدىمكى گرېتسىيىدە كۆرۈلگەندەك، بۇ دۆلەتلەرمۇ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئەلچىلەر ئارقىلىق يۈرگۈزگەن ۋە ئۇرۇشقا ھاجەت قالمايدىغان خەلقئارالىق سىستېما يارىتالىغان. شۇنىڭغا ئوخشاش پاپالىق بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىرىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق يۈرگۈزگەن بۇ دۆلەتلەر، مەسىلەن ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىگە ئوخشاش مۇھىم دۆلەتلەردە باليوس (balyos) دەپ ئاتالغان داۋاملىق سودا ئەلچىلىرىنى تۇرغۇزغان.

بولۇپمۇ 15-ئەسىردىن كېيىن ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ سىستېمىلىق ھالغا كەلگەنلىكىنى كۆزىتەلەيمىز. فلورېنسىيەلىك پەيلاسوپ نىكولو ماكياۋېللى Nicolo Machiavelli، ئويغىنىش دەۋرى ئىتالىيىسىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرىدۇر. ماكياۋېللى «شاھزادە (Prens)» ناملىق ئەسىرىدە بىر دىپلوماتتا بولۇشقا تېگىشلىك خۇسۇسىيەتلەرنى بايان قىلغان. ماكياۋېللىنىڭ قارىشىچە، ئىنسان تەبىئىتى بويىچە يامان مەخلۇقتۇر. ھەمىشە مەنپەئەت قوغلىشىدىغان ئىنسانغا ئىشەنمەسلىك كېرەك. شۇڭا بىر دىپلوماتتىن ئەخلاقىي خۇسۇسىيەتلەرنى كۈتۈش مەنىسىز بىر ئىشتۇر. ئەڭ ياخشى دىپلومات ئەڭ ماھىرلىق يالغانچى دىپلوماتتۇر. ئۇ دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھېچ تەپ تارتماي ھەر خىل يالغاننى سۆزلىيەلىشى ۋە دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش جەھەتتە تۈلكىدەك ھىيلىگەر بولۇشى كېرەك.

دىپلوماتلار بىر كېلىشىمنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا شاھزادىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر خىل يالغان، ھىيلە-مىكىرگە مۇراجىئەت قىلاتتى. بىر دىپلوماتنىڭ ۋەزىپىسى بۇ سۆھبەت جەريانىدا كىچىككىنە بىر سۆزنىڭمۇ دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈشىنى توسۇش ئۈچۈن شۇنچىلىك سەگەك تۇرۇشتۇر. كېلىشىم يېزىلىپ ئىمزالانغاندىن كېيىن بايقالغان بىر ھىيلىنىڭ ھەل قىلىنىشى بەلكىم بىر ئۇرۇش بىلەن مۇمكىن بولۇشى ياكى ھەرگىز مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن دىپلومات، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ماددىلارنى كېلىشىم تېكىستىگە كىرگۈزەلەيدىغان ھەر خىل يالغان ۋە ھىيلىگە مۇراجىئەت قىلالىشى؛ قارشى تەرەپنىڭ ماددىلىرىنى توسۇش ئۈچۈن بولسا ھەمىشە تەييار ۋە سەگەك بولۇشى كېرەك.

ماكياۋېللىنىڭ زامانداش فرانچېسكو گۇئىچچاردىنى Francesco Guiccardini بولسا دۆلەت مەنپەئەتىنىڭ يېنىدا «pacta sund servanda» (كېلىشىمگە رىئايە قىلىش) پىرىنسىپىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە كېلىشىملەرنىڭ ئاسانلىقچە بۇزۇلۇشى دۆلەتنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەمما ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرى ئىجابىي مەنىدىمۇ دىپلوماتىيىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى ۋېنېتسىيە، مىلان ۋە مانتۇئا شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئارا ۋە پاپالىق دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى تۇرغۇزۇشنى باشلىشىدۇر. تۇرۇشلۇق ئەلچىلىك ئىشلىتىشى كېيىن بارلىق ئىتالىيە شەھەر دۆلەتلىرىگە، ئۇ يەردىن پۈتۈن ياۋروپاغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. شۇنداق قىلىپ دىپلوماتىيە ۋاقىتلىق بىر مۇناسىۋەت بولۇشتىن چىقىپ ئورگانلىق كىملىككە ئىگە بولغان.

يەنە بۇ مەزگىلدە كېلىشىم تېكىستلىرى ۋە پروتوكوللارنىڭ يېزىلىشىدا بۈگۈنكى كۈندىمۇ قوللىنىلىۋاتقان دىپلوماتىك تىل ئەنئەنىلىرى شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇ دۆلەتلەر، باراۋەر دۆلەتلەر ئارا كىچىك خەلقئارالىق سىستېما قۇرغانلىقى ئۈچۈن يازغان دىپلوماتىك تېكىستلىرىدە تەڭلىك پىرىنسىپىغا دىققەت قىلغان ۋە قارشى تەرەپنى ھاقارەتلەيدىغان ئىبارىلەرنى قوللانمىغان. بۇ تەڭلىككە رىئايە قىلىدىغان ۋە ئەدەبلىك ئۇسلۇب ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پۈتۈن دۇنيادا قوبۇل قىلىنغان.

بۇ دەۋرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى، شەھەر دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان دىپلوماتىك يىغىن ۋە قۇرۇلتايلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشكە باشلىشىدۇر. دەرۋەقە، قۇرۇلتاي ۋە يىغىن ئۇسۇلى 19-ئەسىردە سىستېمىلاشتۇرۇلۇپ، «ياۋروپا تەڭپۇڭلۇقى» دەپ ئاتالغان تۈزۈم ئىچىدە مەسىلىلەرنى ئۇرۇشسىز ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي ۋە يىغىنلار ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

ماكىياۋېللى بىلەن تەڭداش دەرىجىدە دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ھىيۇگو گروتىيۇس Hugo Grotius نىمۇ ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. گروتىيۇس ئادىل ئۇرۇشنىڭ پرىنسىپلىرىنى بەلگىلىگەن، خەلقئارالىق جەمئىيەت چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرغۇچى مۇتەپەككۇرى بولۇپ قالغان. 1624-1642-يىللار ئارىسىدا فرانسىيە پادىشاھى 13-لۇيىسنىڭ باش ۋەزىرى بولغان كاردىنال رىچېلىيۇ Kardinal Richelieu ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرغان «raison d’etat» (دۆلەت مەنپەئەتى) چۈشەنچىسى ئارقىلىق مىللىي دۆلەت ئىدىيەسىنىڭ قۇرغۇچى ئاتىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلىغا «دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇق سەۋەبى» دەپ تەرجىمە قىلىنىدىغان بۇ چۈشەنچە، دىن قاتارلىق ھەممە نەرسىنىڭ دۆلەت مەۋجۇتلۇقىغا خىزمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن دۆلەت پاپانىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن بىر ئورگاندىن، ھوقۇقىنىڭ مەنبەسىنى دىندىن ئالمايدىغان بىر مۇئەسسەسىگە ئايلانغان. بۇ يۈزلىنىش بۈگۈنكى كۈندىكى دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتى دەپ قارايدۇ. ئەمما مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھەرقانداق بىر ھايات ئۇسلۇبى اللەنىڭ چۈشۈرگەن دىنىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىپ قارالماسلىقى كېرەك. بىز مۇسۇلمانلار غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەن خۇراپات دىنلىرىنى تاشلاپ ماددىي تەرەققىياتقا ئېرىشكىنىگە قاراپ ئۆزىنىڭ ئۆزگەرمىگەن ئىلاھىي قانۇنلىرىنى تاشلىماسلىقى لازىم. بۇنداق قىلسا مۇسۇلمانلار تەرەققىياتقا ئەمەس چېكىنىشكە يۈزلىنىشى مۇقەررەردۇر.

فرانسىيەنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى دىنىي زات بولغان باش ۋەزىرى، دىپلوماتىك دەھالىقى بىلەن ياۋروپانى قان دېڭىزىغا ئايلاندۇرغان 30 يىللىق ئۇرۇشتا رىم-گېرمان ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەمەس، بەلكى فرانسىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداپ، ۋېستفالىيە شەرتنامىسىگە ئېلىپ بارغان جەرياندا باش رول ئوينىغان. ۋېستفالىيەدە تىنچلىقنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، 19-ئەسىر بويىچە قۇرۇلتاي ۋە يىغىنلار ئارقىلىق تىنچلىقنىڭ ساقلىنىشى مۇمكىن دېگەن ئىدىيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

رىچېلىيۇنىڭ دىپلوماتىيەگە قوشقان تەسىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە ئىشەنگەن رىچېلىيۇ، دىپلوماتىيەدە مۇۋاپىق ۋاقىت پرىنسىپىنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەت تارتقان. دىپلوماتىك سۆھبەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەممە ئىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا قىلىنىشى كېرەك. كۆرۈشۈلىدىغان كىشىلەرنى تاللاش ۋە ئۇلار بىلەن زۆرۈر مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتا مۇۋاپىق ۋاقىت پرىنسىپى ناھايىتى مۇھىم.

دىپلوماتىيە بىلەن خەلقئارا قانۇن ۋە ئاممىۋى قانۇننىڭ تەرەققىياتىدا پاراللېللىق مەۋجۇت. ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كېيىن مۇھىم دىپلوماتلار ئوخشاشلا مۇھىم خەلقئارا قانۇن مۇتەپەككۇرلىرى بولۇپ قالغان.

داۋاملىق سۆھبەتلىشىش پرىنسىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ۋاقىتلىق ئەلچىلىكلەرنىڭ ئورنىنى تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلار ئېلىشقا باشلىغان. 16-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرى مۇھىم پايتەختلەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلار قۇرۇشقا باشلىغان. مۇھىم بىر ياۋروپا دۆلىتى بولغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىلىرىنى كېيىنرەك قۇرۇشقا باشلىغان. ئىستانبۇلنىڭ فەتھى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيەسىدە بولغان ۋېنېتسىيە ئەلچىخانىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىمۇ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغان، ئارقىدىن نۇرغۇن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىستانبۇلدا باش ئەلچىخانىلار قۇرۇشقا باشلىغان.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى 18-ئەسىرنىڭ بېشىدا، لالە دەۋرى Lale Devri دە تۇنجى دىپلوماتىك ۋەكىللىرىنى تۈرلۈك ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتكەن. بۇ ۋاقىتلىق ۋەكىللىكلەرنىڭ بېشىدا تۇرغان ئەلچىلەرنىڭ يازغان ئەلچىلىك خاتىرىلىرى ئوسمانلى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېكىستلىرى دەپ قارىلىدۇ. 1655-يىلى ئەۋلىيا چەلەبىنىڭ كاتىپلىقىنى قىلغان قارا مەھمەت پاشانىڭ ۋيېننا ئەلچىلىك خاتىرىسى ۋە يىگىرمە سەككىز مەھمەت چەلەبىنىڭ 1720-1721-يىللاردىكى ۋەزىپىسىدە يازغان فرانسىيە ئەلچىلىك خاتىرىسى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە كەڭ دائىرىلىكتۇر. بۇ ئەلچىلىك خاتىرىلىرىدە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ياۋروپا ئالدىدا پەن-تېخنىكا جەھەتتە قانچىلىك كەينىدە قالغانلىقى تەكىتلەنگەن. بۇ ئەلچىلىك خاتىرىلىرى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدە 19-ئەسىردە باشلانغان زامانىۋىلىشىش ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن سانىلىدۇ.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا سىستېمىسىغا 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكەن. ئىمپېرىيەنىڭ تۇنجى تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 1793-يىلى ئەنگلىيەدە قۇرۇلغان بولۇپ، ۋەكىللىكنىڭ بېشىدا يۈسۈپ ئاگاھ ئەپەندى تۇرغان. 19-ئەسىر بويىچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى نۇرغۇن مۇھىم ياۋروپا پايتەختلىرىدە باش ئەلچىخانىلار قۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرى 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىكى زامانىۋىلىشىش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشىمۇ دەل مۇشۇ مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

2.1.3. ۋىيېنا قۇرۇلتىيىدىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغىچە بولغان دىپلوماتىيە تارىخى

1815-يىلى فرانسىيە ھۆكۈمدارى ناپولىئون Napolyon نىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىن كېيىن، ياۋروپادىكى ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش مەقسىتىدە ۋىيېنا قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقلىقى» قۇرۇلدى. بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باش ۋەزىرى مېتتېرنىخ Metternich مۇھىم رول ئوينىدى. قۇرۇلتايدىن كېيىنلا ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى، پرۇسسىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلغان ئىتتىپاققا ئەنگلىيەمۇ قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن تۆتلۈك ئىتتىپاققا ئايلانغان بۇ بىرلەشمە، خەلقئارالىق قانۇن نۇقتىسىدىن ئالاھىدە بىر كېلىشىم تۈزۈمىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ۋىيېنا قۇرۇلتىيى بىلەن ياۋروپا ئىچىدىكى مەسىلىلەر يىغىن سىستېمىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، ۋىيېنا قۇرۇلتىيىدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ياۋروپا ئىچى قۇرۇلتايلار چاقىرىلغانىدى. بىراق بۇ قۇرۇلتايلاردا كىمنىڭ يىغىن زالىغا بۇرۇن كىرىشى، كېلىشىم تېكىستلىرىگە كىمنىڭ ئاۋۋال ئىمزا قويۇشى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر كرىزىس كەلتۈرۈپ چىقىراتتى. مەسىلەن، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ كەڭ زېمىنلىرىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان كارلوفچا Karlofça شەرتنامىسىنىڭ سۆھبىتى جەريانىدا، كىمنىڭ زالغا ئاۋۋال كىرىش مەسىلىسى ھەل قىلىنالماي، زالغا ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانىغا باراۋەر ئىشىك ياساشقا توغرا كەلگەنىدى.

ۋىيېنا قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا، دىپلوماتىك پروتوكول جەھەتتە مۇھىم پىرىنسىپلارنى بېكىتىش بىلەن بىرگە، يەنە ئىستىلا قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلغانلىقىدۇر. بۇ قۇرۇلتايدا قوبۇل قىلىنغان قارارلارغا ئاساسەن، ئىستىلا قىلىش ئەمدى زېمىن ئىگىلەش يولى بولۇشتىن چىققان. بۇ مەقسەتتە، بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئىككى ئاساسىي پىرىنسىپ بېكىتىلگەن:

  1. قانۇنىيلىق پىرىنسىپى
  2. دۆلەتلەر ئارا ئىناق مۇناسىۋەت پىرىنسىپى.

ۋىيېنا قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەنئەنە بىلەن باغلىغان. قۇرۇلتاي قارارلىرىغا ئاساسەن، مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بارلىق دۆلەتلەر قانۇنلۇق دەپ قارالغان. شۇڭا ناپولىئون ئۇرۇشلىرى مەزگىلىدە تەختتىن چۈشۈرۈلگەن سۇلالىلەر ياۋروپا ئىتتىپاقلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قايتا ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە بولغان ئەھۋال ھوقۇق تارتىۋېلىش دەپ ھېسابلىناتتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ پىرىنسىپ ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ تارقىلىشىنى توسۇش ۋە پادىشاھلىق تۈزۈملىرىنىڭ كۈچىنى مۇستەھكەملەشتىن باشقا مەنا ئىپادىلىمەيتتى.

بۇ مەزگىلدە قۇرۇلتايلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورنىنى تاللاش، كۆپىنچە دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق سىياسەتتىكى تەسىر كۈچىنى ئۆلچەيدىغان بىر تارازا بولۇپ قالغانىدى. پرۇسسىيەگە ئوخشاش كۈچ-قۇدرەت ئىزدەۋاتقان دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن قارىغاندا، قۇرۇلتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلۈشى، كەسكىن دىپلوماتىك سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارالغان. بۇ مەزگىلدە ئاۋسترىيە چېگرالىرىدا كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇ دەۋردىكى ياۋروپا سىياسىتىدە مېتتېرنىخ Metternich نىڭ دىپلوماتىك نوپۇزىنىڭ بىر ئىپادىسى ئىدى.

«ياۋروپا ئىتتىپاقلىقى» ياۋروپادا ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقلىقى دەۋرىدە دىپلوماتىيە، كۆپ جەھەتتىن مەخپىيەتلىك پىرىنسىپى ئاساسىدا ئىتتىپاقلار قۇرۇش شەكلىدە تەرەققىي قىلدى. شۇ دەۋرنىڭ مۇھىم دىپلوماتلىرىدىن ئېرنېست ساتوۋ Ernest Satow ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان «ئوچۇق دىپلوماتىيە» چۈشەنچىسىنى رەت قىلغان. ساتوۋ نىڭ قارىشىچە، دىپلوماتىيە مەخپىي ئېلىپ بېرىلىشى، ھەمدە دىپلوماتلارنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىگە خۇددى يېزىقچە كېلىشىملەرگە ئىشەنگەندەك ئىشىنىش كېرەك ئىدى.

ئەنگلىيەلىك دىپلومات ساتوۋ يازغان «دىپلوماتىك قوللانما» ناملىق ئەسەر، بۈگۈنكى كۈندىمۇ دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرىدىن بىرى دەپ قارىلىدۇ. ساتوۋ دىپلوماتنىڭ سۈپەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، دىپلوماتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئەدەبى، ئۇزاقنى كۆرەرلىكى بىلەن بىرگە، چوقۇم ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشىنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئۇزۇن مۇددەت يىراق شەرق دۆلەتلىرىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ۋەزىپە ئۆتىگەن دۆلەتلەرنىڭ تىل-مەدەنىيىتىنى ناھايىتى پۇختا ئۆگەنگەن. تىل بىلىش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىر دىپلوماتنىڭ سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

2.2. ئوچۇق دىپلوماتىيە

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان 1917-يىلى ئۆكتەبىردىكى رۇسىيە ئىنقىلابى، دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنقىلاب نەتىجىسىدە ئۇرۇشتىن چېكىنگەن رۇسىيە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇشتىن بۇرۇن ۋە ئۇرۇش جەريانىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى پارچىلاش مەقسىتىدە تۈزگەن مەخپىي كېلىشىملىرىنى ئاشكارىلىدى. بۇ كېلىشىملەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: تۈرك بوغۇزلىرىنى رۇسىيەگە قالدۇرغان «بوغۇزلار كېلىشىمى»؛ ئىتالىيەگە ئانتاليا، ئىزمىر ۋە ئون ئىككى ئارالنى بەرگەن «لوندون كېلىشىمى»؛ ئوتتۇرا شەرقنى فرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا تەقسىم قىلغان «سايكىس-پىكوت كېلىشىمى»؛ ئانادولۇنىڭ بەزى رايونلىرىنى ئىتالىيەگە قالدۇرغان «سېنت جېئان دې مورىئېننې كېلىشىمى» ۋە پەلەستىندە بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «بالفۇر خىتابنامىسى».

ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغاندا، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارالىق سىستېمىنىڭ قۇرۇلمىسى چوڭ جەھەتتىن 1918-يىلى 8-يانۋاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋۇدروۋ ۋىلسون Woodrow Wilson نىڭ كونگرېستا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «14 پىرىنسىپ» دەپ ئاتالغان بۇ نۇتۇقنىڭ بىرىنچى ماددىسى «ئوچۇق تىنچلىق كېلىشىملىرى ۋە كەلگۈسىدىمۇ ئوچۇق دىپلوماتىيە» ئىدى.

ئوچۇق دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسى كېلىشىملەرنىڭ مەخپىي تۈزۈلمەسلىكى بولۇپ، ئوچۇق دىپلوماتىيە ۋىلسون پىرىنسىپلىرىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن باشلاندى. ۋىلسوننىڭ بۇ نۇتقى بۇندىن كېيىن دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنىڭ ئوچۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ۋە مەخپىي كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئوچۇقچىلىقنىڭ تەبىئىي نەتىجىسى دىپلوماتىيەنىڭ ئەخلاقىي نورمىلارغا ئۇيغۇنلىشىشىنىڭ مەجبۇرىي ھالغا كېلىشى ئىدى.

ۋىلسون پىرىنسىپلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ نىزامنامىسى، ئۇرۇشتا يېڭىلگەن دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىملىرى ئىچىدە ئورۇن ئالدى. بىراق، ھەممە ئىشقا قارىماي، ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن چاقىرىلغان پارىژ قۇرۇلتىيى ئارزۇ قىلىنغاندەك ئوچۇق سۆھبەتلەر بىلەن ئەمەس، يېپىق ئىشىكلەر كەينىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتلەر ئارا مەخپىي سودىلىشىشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

گېرمانىيەنى ئېغىر شەرتلەر بىلەن جازالىغان ۋارشاۋا Versailles كېلىشىمى بىلەن نەتىجىلەنگەن پارىژ قۇرۇلتىيى ئەڭ ئاخىرقى كلاسسىك دىپلوماتىيە قۇرۇلتىيى بولدى. بۇ قۇرۇلتاينىڭ نەتىجىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم بىلەن كېلىپ چىققان ئادالەتسىز ۋەزىيەت ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بولدى. ئۇرۇشتىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇرۇش چوڭ جەھەتتىن تاشقى سىياسەت قورالى بولۇشتىن چىقىرىلدى. 1961-يىلى ئىمزالانغان «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ھەققىدىكى ۋيېنا كېلىشىمى» بىلەن شۇ كۈنگىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بارلىق دىپلوماتىك قائىدە-تۈزۈملەر تەرتىپلەپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە قوللىنىلىۋاتقان دىپلوماتىك ئىجرائات بەلگىلەندى. ب د ت سىستېمىسىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىمكانىيەتلىرى ۋە ۋيېنا كېلىشىمى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان قائىدىلەر تۈپەيلىدىن، ئوچۇق دىپلوماتىيە يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك قوللىنىلىپ كەلگەن بىر ئۇسۇل بولدى.

ئوچۇق دىپلوماتىيەنىڭ كلاسسىك دىپلوماتىيەدىن پەرقى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (1918) ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئوچۇق دىپلوماتىيە دەۋرىنى كلاسسىك دىپلوماتىيە دەۋرىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان روشەن پەرقلەر مەۋجۇت. بۇ پەرقلەر تۆۋەندىكىچە:

  1. دىپلوماتىك ئەلچىخانىلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى
  2. باش ئەلچىلەرنىڭ مۇستەقىل ھوقۇقىنىڭ ئازىيىشى
  3. ئاممىۋى پىكىرنىڭ بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى
  4. يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيەنىڭ كۈنسېرى مۇھىملىشىشى

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا پرېزىدېنت ۋىلسون Wilson نىڭ ئېلان قىلغان 14 پرىنسىپىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدۇر. نەتىجىدە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاساسلىقى مەركىزىي ۋە شەرقىي ياۋروپادا نۇرغۇنلىغان يېڭى دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئەھۋال يۈز بەردى. ئۇرۇشتىن ئاجىز ۋە قەرزدار بولۇپ چىققان ياۋروپا دۆلەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇستەملىكىلىرىنى بوشىتىشقا باشلىدى ۋە تېز سۈرئەتتە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش دەۋرى باشلاندى. بۇ يېڭى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق جەمئىيەتكە قوشۇلۇشى بىلەن، دىپلوماتىيە پەقەت كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت خاراكتېرىدىن چىقىپ، باراۋەر ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ئارىسىدا تىنچ مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان پائالىيەتكە ئايلاندى.

ئوچۇق دىپلوماتىيە دەۋرى ئوخشاشلا بىر ئالاقە ئىنقىلابى دەۋرىدۇر. يىگىرمىنچى ئەسىرگىچە دىپلوماتلار پەقەت ئالاھىدە خەۋەرچىلەر ئارقىلىقلا ئۆز دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلالايتتى، بىر ئۇچۇرنىڭ بېرىپ جاۋابىنىڭ كېلىشى بەزىدە ئايلارغا سوزۇلاتتى. شۇ سەۋەبتىن دىپلوماتلار سۆھبەت جەريانىدا خالىسۇن-خالىمىسۇن زور دەرىجىدە مۇستەقىل قارار چىقىرالايتتى. شۇنداق بولغاچقا، كېلىشىمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى دىپلوماتنىڭ ئەقلى، سۆھبەت قابىلىيىتى ۋە ھوشيارلىقىغا باغلىق ئىدى. ئەمما تېلېفون، فاكس، ئىنتېرنېت قاتارلىق ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلىدىن، دىپلوماتلار ئىزچىل مەركەزنىڭ نازارىتى ۋە يوليورۇقى ئاستىدا ئىش ئېلىپ بارىدىغان بولدى. شۇ سەۋەبتىن دىپلوماتلارنىڭ مۇستەقىل ئورنى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ، بارغانسېرى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن يوليۇرۇقلارنى ئىجرا قىلىدىغان خىزمەتچى ئورنىغا چۈشۈپ قالدى.

ئالاقە ۋە قاتناش تېخنىكىسىدىكى تەرەققىيات دىپلوماتىيەنىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلىنىمۇ ئۆزگەرتتى. ئالاقە تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى خەلقنىڭ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان بارلىق ۋەقەلەردىن دەرھال خەۋەردار بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 19-ئەسىردىن باشلاپ، پۈتۈن دۇنيادا دېموكراتىيەنىڭ سۈپىتى ئۆرلەشكە باشلىغانلىقى سەۋەبىدىن، خەلق ئۆز دۆلىتىنىڭ بارلىق دىپلوماتىك پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىدىغان ۋە يۆنىلىش بېرىدىغان رولغا ئىگە بولدى. خەلق ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە تاماشىبىن بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايدىغان، شۇنداقلا بېلەت تاشلاش تەھدىتى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنى بۇ ۋەقەلەر ھەققىدە ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشقا مەجبۇرلايدىغان بولدى. بوسنىيە-ھېرسېگوۋىنادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق بۇنىڭ ئوچۇق مىسالىدۇر. دۇنيا بۇ پاجىئەگە ئۇزۇن مەزگىل تاماشىبىن بولۇپ تۇردى، ئەمما CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ بىۋاسىتە تارقاتقان خەۋەرلىرى ئارقىلىق بۇ ئازاب-ئوقۇبەت پۈتۈن دۇنيادا غەزەپ-نەپرەت قوزغىدى. نەتىجىدە، خەلقئارالىق جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن تېزلەشكەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر بوسنىيەگە كىشىلىك ياردەم قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇ سەۋەبتىن، خەلقئارالىق جامائەت پىكرى بېسىمىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كۈچىيىشى «CNN تەسىرى» دەپ ئاتالدى.

ئالاقە تېخنىكىسى بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاتناش تېخنىكىسىنىڭمۇ تەرەققىي قىلىشى، رەھبەرلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيەنى راۋاجلاندۇردى. ئىلگىرى دىپلوماتلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنىڭ رەھبەرلەر دەرىجىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېلىپ بېرىلىشى، ھوقۇقنىڭ چەكلىكلىكى ۋە خاتا چۈشىنىشلەردىن كېلىپ چىققان نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلىنىشىغا ئىمكانىيەت ياراتتى. سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى پات-پات ئۇچرىشىپ، خاتا چۈشىنىشلەردىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالىدى. 1963-يىلى 20-ئىيۇندا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدا ئىمزالانغان «قىزىل تېلېفون كېلىشىمى» بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خاتا چۈشىنىشلەردىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ پەن-تېخنىكىنىڭ دىپلوماتىيەگە قوشقان تۆھپىسىگە بىر مىسال بولالايدۇ. 1972-يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون Nixon نىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ياخشىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. پرېزىدېنت كارتېر Carter مۇ بۇ ياخشىلىنىشنىڭ نەتىجىسىدە 1978-يىلى 15-دېكابردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دىپلوماتىيەدە يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئامېرىكا-خىتاي مىسالىدا ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

3. دىپلوماتىيە تۈرلىرى

دىپلوماتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ھەرخىل دىپلوماتىيە تۈرلىرى سىناپ كۆرۈلدى. بۇ ماتېرىيالدا تىلغا ئېلىنغان دىپلوماتىيە تۈرلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار:

  1. ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە
  2. كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە
  3. پارلامېنت دىپلوماتىيەسى
  4. يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە
  5. ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيەسى
  6. مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى

3.1. ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە

ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق دىپلوماتىيە بىر دىپلوماتىك ئەلچىخانا بىلەن تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىدا كۆرۈشۈشى ئارقىلىقمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە بولۇپمۇ كلاسسىك دىپلوماتىيە دەۋرىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان دىپلوماتىيە تۈرى ئىدى. يىغىن ياكى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزمەستىن ۋەياكى ئارىلىقچى، ياراشتۇرغۇچى بولماستىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ دىپلوماتىيە تۈرىدە مەخپىيەتلىك ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپتۇر. ئىككى تەرەپ مەخپىي ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ ۋە مۇزاكىرە نەتىجىلىرى ئادەتتە ئۈچىنچى تەرەپكە بىلدۈرۈلمەيتتى. ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيەدە ئۆزئارا بەدەل پىرىنسىپىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. مۇزاكىرە جەريانىدا ئېرىشىلگەن بارلىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئادەتتە ھەر ئىككى تەرەپكە ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئارقىلىق تۈزۈلگەن تاجاۋۇز قىلماسلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىملىرىدە تەرەپلەر ئۆزئارا بەدەل پىرىنسىپى بويىچە ئورتاق دۈشمەنگە قارىتا ئوخشاش ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتلەر بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

3.2. كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە

كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەگە ئەڭ قەدىمكى مىسال قەدىمكى گرېتسىيە شەھەر دۆلەتلىرىدە كۆرۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ئۇرۇشنى توختىتىش كېلىشىملىرىدۇر. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئورتاق مەقسەت ئۈچۈن بىر يەرگە كېلىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە بولۇپمۇ 17-ئەسىردىن كېيىن ياۋروپادا ناھايىتى ئومۇملاشقان. قۇرۇلتاي سىستېمىسى دەپ ئاتالغان بۇ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىك پائالىيەتلەر بىلەن كۈچ تەڭپۇڭلۇقى ئىچىدىكى دۆلەتلەر قىتئە مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشقان. ئەمما كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەنىڭ سىستېمىلىشىشى ۋىيېنا قۇرۇلتىيى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 19-ئەسىردىكى Aix-la-Chapelle قۇرۇلتىيى، پارىژ قۇرۇلتىيى، بېرلىن قۇرۇلتىيى قاتارلىقلار كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەگە مىسال بولالايدىغان يىغىنلاردۇر. كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەمما كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە دىپلوماتىك ۋەكىللىك ھوقۇقى بار بارلىق دىپلوماتىك خادىملار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ. مىنىستىرلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە دىپلوماتلار ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيەمۇ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە دەپ ئاتىلىدۇ.

مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە كۈچ ۋە ئابرۇي كۈرىشى خاراكتېرىنى يوقىتىپ، خەلقئارالىق سىستېمىدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ب د ت مۇ ئوخشاش رولنى ئوينىدى ۋە دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە بولغان كۆز-قاراشلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان داۋاملىق سورۇن بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولدى. ئەمما دۆلەتلەر ب د ت دىن سىرتقى يىغىنلاردىمۇ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئارقىلىق دۇنياۋى مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلىش يوللىرىنى ئىزدىدى. دۇنيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ، دۇنياۋى ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە كەلگەن G8 يىغىنلىرى؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن جېنېۋا Cenova ، پۇنتا دېل ئېستې Punta del Este ، مونرېئال Montreal ۋە دوھا Doha قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلار مۇۋەپپەقىيەتلىك كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە مىساللىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىشى مۇمكىن.

3.3. پارلامېنت دىپلوماتىيەسى

پارلامېنت دىپلوماتىيەسى دەسلەپتە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان مىللەتلەر جەمئىيىتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن قوللىنىلغان بىر ئۇقۇم بولسىمۇ، ھازىر بۇ ئۇقۇم تېخىمۇ كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ سانى كۆپەيدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتلارغا ۋەكىل ئەۋەتىدۇ ۋە بۇ ۋەكىللەر دۆلەتلىرى نامىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، كېلىشىملەرگە ئىمزا قويىدۇ. مانا مۇشۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ھازىر پارلامېنت دىپلوماتىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.

گەرچە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بۇ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا پارلامېنت ئەزالىرى ئەمەس، دىپلوماتلار يۇقىرىقى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارسىمۇ، سۆھبەت جەريانىدا كۆزىتىلگەن يول قويۇش، ئۆز-ئارا كېلىشىش، ئارىلىقتا ۋاسىتىچىلىك قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر پارلامېنت يىغىنلىرىدىكى قانۇن چىقىرىش پائالىيىتىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بۇ دىپلوماتىيە تۈرى پارلامېنت دىپلوماتىيەسى دەپ ئاتالغان. ھازىر ب د ت ئومۇمىي يىغىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، ياۋروپا كېڭىشى ياكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىپلوماتىك سۆھبەتلەر پارلامېنت دىپلوماتىيەسىگە مىسال بولالايدۇ.

3.4. يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە

دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمە دىپلوماتىيە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ياۋروپا بىرلىكىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدا نۇرغۇن قۇرۇلتاي ۋە يىغىنلار يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە خاراكتېرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، رەھبەرلەر چەت ئەلگە تېخىمۇ ئاسان چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە قايتىدىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇشقا باشلىغان.

يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا قۇرۇلتاي ياكى يىغىننىڭ قەيەردە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، قايسى تىلدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، خاتىرىلەر ۋە ئاخىرقى كېلىشىملەرنىڭ قايسى تىلدا يېزىلىدىغانلىقى، زالغا قايسى ۋەكىللەرنىڭ ئاۋۋال كىرىدىغانلىقى، ئولتۇرۇش تەرتىپى، كېلىشىم تېكىستىگە قايسى دۆلەتنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئىمزا قويىدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن پىروتوكول قائىدىلىرى ئۇزۇن مۇددەت تالاش-تارتىش سەۋەبى بولۇپ كەلگەن. دۆلەتلەر بۇ قۇرۇلتاي ۋە يىغىنلار جەريانىدا پىروتوكولغا مۇناسىۋەتلىك ئۈستۈنلۈكلىرىنى مۇھىم كۈچ كۆرسەتكۈچى دەپ قارىغان. بۇ مەسىلىلەر 1815-يىلى ۋيېنا قۇرۇلتىيىدا زور دەرىجىدە ھەل قىلىنغان ۋە بەزىلىرى ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان، ئەمما 1961-يىلى ئىمزالانغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدىكى ۋيېنا كېلىشىمى بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن قائىدىلەر بەلگىلەنگەن. ھازىر بۇ پىروتوكول قائىدىلىرى ھەم ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ھەم بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەپچىل ھالەتكە كەلگەن. مەسىلەن، داۋوس يىغىنلىرىدا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ناھايىتى سەمىمىي ھالدا پاراڭلىشىۋاتقانلىقى، G8 يىغىنلىرىدا بىرلىكتە ۋېلىسىپىت سەيلىسى قىلغانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەر ئالتە ئايدا بىر قېتىم يىغىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يىغىنلىرى نۆۋەتتىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيەنىڭ ياخشى مىساللىرىدۇر. يىغىندا قوبۇل قىلىنىدىغان قارارغا قاتنىشىشنى خالىمايدىغان، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدە قارار قوبۇل قىلىشىنى توسۇشنىمۇ خالىمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىغا، ئاۋاز بېرىشنىڭ سىرتىدا قېلىپ، كەم ئەزا بىلەن بىردەكلىككە كېلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. ئەمما بۇ ئەھۋالنىڭ بىر ئىستىسنا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. چوققا دىپلوماتىيەسىدە قارارلارنىڭ ھۆكۈمەتلەرئارا شەكىلدە، يەنى بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىشى ئومۇمىي قائىدىدۇر. شۇڭا دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىغان ناتو يىغىنلىرىدا قارارلار چوقۇم بىردەك ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنىدۇ.

3.5. ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسى

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ھەمىشە ئاسان بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەر ياكى ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيىلىك لاگېرلاردا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر بەزىدە مەلۇم بىر مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارىلىشىشىغا موھتاج بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللاردا ۋاسىتىچىلەر ياكى ئەپلەشتۈرگۈچىلەر مەيدانغا چۈشىدۇ. پەقەت ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەرلا ئەمەس، بەزىدە ئىچكى ئۇرۇشلاردىن كېيىن توقۇنۇشقان تەرەپلەرنىڭمۇ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلەلىشى ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئارىلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتلىرى ياكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن رەسمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدىغان دۆلەتلەر، ئۈچىنچى تەرەپ ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتلارغا ئۆز تەلەپلىرىنى يەتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى بىلىۋالالايدۇ. بۇ خىل ۋاسىتىچىلىك ياكى ئەپلەشتۈرگۈچىلىك پائالىيەتلىرىنى بىر دىپلومات، باشقا بىر دۆلەتنىڭ رەئىسى، خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ رەھبىرى، ئابرۇيى ھەققىدە ھېچكىم گۇمان قىلمايدىغان پېنسىيىگە چىققان دۆلەت ئەربابى ياكى ئەنگلىيە بىلەن IRA (ئىرېلاندىيە ئازادلىق ئارمىيىسى) ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەردە كۆرۈلگەندەك بىر دىننىي ئەرباب ئېلىپ بارالايدۇ.

تارىخ داۋامىدا نۇرغۇن ئۇرۇشلار ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسى سايىسىدا ئاخىرلاشتۇرۇلغان. ئۇرۇشلارغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئىختىلاپلار ۋە ئىچكى ئۇرۇشلاردا ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسىنىڭ قوللىنىلىشى ناھايىتى كەڭ تارقالغان. 1945-يىلىدىن 1974-يىلىغىچە ئوتتۇرىغا چىققان 310 ئىختىلاپنىڭ 255 ى ۋاسىتىچىلىك ئارقىلىق ھەل قىلىنغانلىقى، ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسىنىڭ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر. بولۇپمۇ ئەرەب-ئىسرائىلىيە ئۇرۇشلىرى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى كەشمىر مەسىلىسى ۋە قىبرىس مەسىلىسى قاتارلىق ئۇزۇن يىللاردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇرەككەپ مەسىلىلەر ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسى ئارقىلىق زوراۋانلىق ئىشلىتىلمەيدىغان بىر شەكىلگە ئايلاندۇرۇلالىغان. 1978-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كارتېر ئەرەب-ئىسرائىلىيە كەسكىنلىكىدە ۋاسىتىچىلىك قىلغان ۋە مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشەلىگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، پاكىستان ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ يېقىنلىشىشىدا ۋاسىتىچىلىك قىلغان ۋە نەتىجىگە ئېرىشكەن. بەزىدە ۋاسىتىچىلىكنىڭ ئارزۇ قىلىنغان نەتىجىلەرنى يارىتالمىغان ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇت. تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سۇرىيە ئارىسىدا ئۈستىگە ئالغان ۋاسىتىچىلىكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئانچە تۆھپە قوشالمىغان.

قىبرىس مەسىلىسى، ب د ت يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسىنىڭ ئەڭ ياخشى مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ب د ت باش كاتىپلىرى پېرېز دې كۇئېللار Pérez de Cuéllar، بۇتروس بۇتروس گالى Butros Butros Gali ۋە كوفى ئاننان Kofi Annan تۈرك ۋە گرېك تەرەپلىرى ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل ۋاسىتىچىلىك ۋە ئەپلەشتۈرگۈچىلىك پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان. سۆھبەتلەر ھەر خىل مەزگىللەردە ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ، 1974-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئەنگلىيە بىلەن IRA (ئىرېلاندىيە ئازادلىق ئارمىيىسى) ئارىسىدا، IRA نىڭ قورال تاشلىشى مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە ئالېكس رېيد Alex Raid ئىسىملىك بىر پوپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قوراللىق تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئورناتقان.

ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيىسىدە تەرەپلەر ئالدى بىلەن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغان رولى توغرىسىدا ياخشى نىيەتلىك بولۇشى كېرەك. شۇڭا ئۈچىنچى تەرەپ، ئالدىن تەرەپلەر بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتنىڭ شەرتلىرىنى ۋە تەرەپلەرنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانلىرىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ نىشانلارنىڭ قانچىلىكىگە يېتەلەيدىغانلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن ئۈچىنچى تەرەپ سۆھبەتلەرنى باشلىيالايدۇ. سۆھبەتلەردە ئۈچىنچى تەرەپ ئىككى خىل يول تۇتالايدۇ: ئەپلەشتۈرگۈچىلىك ۋە ۋاسىتىچىلىك. ئەپلەشتۈرگۈچىلىك تەرەپلەرنىڭ ھېچقانداق ئالدىن شەرت قويماستىن ئۈستەلگە كېلىشى ۋە ئەپلەشتۈرگۈچىنىڭ ئۈستەلدە سۇنغان تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ نۇقتىدا تەرەپلەر ئەپلەشتۈرگۈچىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس. ئەمما ۋاسىتىچىلىكتە، تەرەپلەر باشتىلا ۋاسىتىچىنىڭ سۇنىدىغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۈستەلدە ئولتۇرىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، يەنى ئالدىن تەكلىپنىڭ قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر بىر بايانات بولمىسا ۋاسىتىچىلىك ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئاننان Annan پىلانىنىڭ 2004-يىلى رېفېرېندۇمغا قويۇلۇشىدىن ئىلگىرى، تەرەپلەر پىلاندىكى يېتەرسىز قالغان نۇقتىلارنىڭ ب د ت باش كاتىپى تەرىپىدىن تولدۇرۇلىدىغانلىقىنى باشتىن قوبۇل قىلىپ سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرغان، نەتىجىدە بىر پىلان ئوتتۇرىغا چىقالىغان.

3.6. مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى

بۈگۈنكى كۈندە مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان دىپلوماتىيە شەكلى ھېسابلىنىدۇ. بىر دۆلەتنى ئىستىخبارات پائالىيەتلىرىدىن تارتىپ ئىقتىسادىي ۋاسىتىلەرگىچە، ھەتتا ھەربىي مۇداخىلە تەھدىتىدىن تارتىپ ھەر خىل تەشۋىقات ۋە يېتەكلەش پائالىيەتلىرىگىچە بولغان بىر قاتار ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇ دۆلەتنى ئۆزى خالىمايدىغان ئىشنى قىلىشقا زورلاش مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل دەسلەپتە 1962-يىلى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كرىزىسى جەريانىدا قوللىنىلغان بولۇپ، كۆپرەك كۈچلۈك دۆلەتلەر تەرىپىدىن كۆپ قوللىنىلىدۇ.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇرۇش تاشقى سىياسەت ۋاسىتىسى سۈپىتىدە زور دەرىجىدە ئەمەلدىن قالغاندىن باشلاپ، دۆلەتلەر ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسىنى كۆپ قوللىنىشقا باشلىدى. ئەرەب باھارى مەزگىلىدىمۇ تۇنىس، مىسىر ۋە لىۋىيەگە قارىتا نۇرغۇن دۆلەتلەر كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسىنى قوللاندى. نەتىجىدە 2011-يىلى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەممىسىدە ھۆكۈمەت ئالمىشىش يۈز بەردى.

4. خۇلاسە

ئەمدى بىز بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان پۈتۈن مەزمۇنلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ چىقايلى:

4.1. دىپلوماتىيە ئۇقۇمى

دىپلوماتىيە - دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنى ۋەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇنداقلا يۈز يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى، ئىجراچىلىرى، ۋاسىتىلىرى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دىپلوماتىيە دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سۆھبەت ۋە مۇناسىۋەتلەرنى يۈرگۈزىدىغان ۋەكىللەر ئومۇمىي ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە ۋەكىللەر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. دۆلەت رەئىسى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتارلىقلار ئومۇمىي ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە دىپلوماتىيە ۋەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ. دىپلوماتىيەلىك ۋەكىللىكتە خىزمەت قىلىدىغان ۋە ئومۇمەن دىپلومات دەپ ئاتىلىدىغان: باش ئەلچى، دائىمىي ۋەكىل، دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى، ۋەكىل، ئەلچى، مەسلىھەتچى، ئەلچى-مۇستەشار، بىرىنچى مۇستەشار، مۇستەشار، قانۇن مەسلىھەتچىسى، باش كاتىپ، ئىككىنچى كاتىپ، ئۈچىنچى كاتىپ، ئاتاشې ataşe ۋە ئاتتاشې ياردەمچىلىرى، ھەربىي ئاتتاشېلار، ھەربىي ئاتتاشې ياردەمچىلىرى ۋە باشقا دۆلەت ئورگان-مۇئەسسەسەلىرىگە تەۋە دائىمىي ۋەكىل ياردەمچىسى، مەسلىھەتچى، مەسلىھەتچى ياردەمچىسى قاتارلىقلار ئالاھىدە ۋەكىللىك ھوقۇقىغا ئىگە ۋەكىللەر ھېسابلىنىدۇ.

4.2. دىپلوماتىيەنىڭ ئىجرا قىلىنىشى

دەسلەپتە دىپلوماتىيە دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇم ئىدى. تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا ئۇقۇمى ئورۇنلاشقاندىن كېيىن، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى باشقۇرىدىغان ۋەكىللىكلەرنىڭ نۇرغۇن يېڭى رولى مەيدانغا كەلدى. ۋەكىللىك باشلىقى ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دۆلەتتىكى بارلىق سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت ۋە تەن-تەربىيە جەھەتتىكى ۋەقەلەرنى كۆزىتىدۇ ۋە بۇ تەرەققىياتلارنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەلۇم قىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، دىپلوماتىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ۋەكىللىك قىلىشتۇر. دىپلومات ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دۆلەت ياكى خەلقئارالىق تەشكىلاتتا ئۆز دۆلىتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن مەسئۇل. دىپلوماتىيەنىڭ يەنە بىر مۇھىم رولى سۆھبەتلىشىش ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشتۇر. دىپلومات ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ۋە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ۋە سودىلىشىشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. يەنە بىر مۇزاكىرە رولى ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيەسىدە كۆرۈلىدۇ. بەزىدە دىپلوماتىيە، ئىككى دۆلەت ياكى توقۇنۇشقان ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. دىپلوماتىيە بەزىدە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈنمۇ قوللىنىلىدۇ. بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى ئۇسۇللىرى بىلەن نىسبەتەن ئاجىز دۆلەتلەرنى ئۇلار خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇرلىيالايدۇ. ئاخىرىدا، دىپلوماتىيەنىڭ تەشۋىقات رولىمۇ بار. دىپلومات ئۆز دۆلىتى ۋە دۆلىتى قوغدايدىغان قىممەت قاراشلارنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىش بىلەنمۇ مەسئۇل.

4.3. دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى

دىپلوماتىيە ئاساسلىقى ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدۇ: تۇنجى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان كلاسسىك دىپلوماتىيە ۋە ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتقان ئوچۇق دىپلوماتىيە. كلاسسىك دىپلوماتىيە دەۋرىدە دىپلوماتىيە دىپلوماتلارنىڭ زېھنى، ماھارىتى ۋە ھىيلىگەرلىكى دائىرىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغان ۋە بەزىدە ئەخلاقسىز بىر شەكىلدە يۈرگۈزۈلگەن بىر خىزمەت ئىدى. ئالداش، يالغان سۆزلەش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە بايراق كۆرسىتىش كلاسسىك دىپلوماتىيەدە كۆپ قوللىنىلغان ئۇسۇللار ئىدى. كېلىشىملەر كۆپىنچە مەخپىي ھالدا تۈزۈلەتتى ۋە باشقا دۆلەتلەر كېلىشىملەرنىڭ مەزمۇنىنى بىلەلمەيتتى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋىلسون Wilson نىڭ «14 پىرىنسىپ» ناملىق سۆزىدە ئۇرۇشتىن كېيىنكى كېلىشىملەرنىڭ يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدا تۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ۋە دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مەسىلىلىرىنى مىللەتلەر جەمئىيىتىدە پارلامېنت دىپلوماتىيەسى ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. «14 پىرىنسىپ» ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئوچۇق دىپلوماتىيە پۈتۈن دۇنيادا قوللىنىلماقتا. ئالاقە ۋە قاتناش ساھەسىدىكى تېخنولوگىيەلىك ئىلگىرىلەشمۇ ئوچۇق دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.

4.4. دىپلوماتىيە تۈرلىرىنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش.

كۆپلىگەن دىپلوماتىيە تۈرلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ يازمىدا ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە، كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە، پارلامېنت دىپلوماتىيەسى، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە، ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيەسى ۋە مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە - ئىختىلاپلىق ئىككى دۆلەت ياكى ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىك ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دىپلوماتىيە. بولۇپمۇ 1815-يىلىدىكى «ۋىيېننا قۇرۇلتىيى»دىن ئىلگىرى، ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىيە ئەڭ كەڭ تارقالغان دىپلوماتىيە تۈرى ئىدى.

كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە بولسا، نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلات، قۇرۇلتاي، يىغىن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىنلاردا بىر يەرگە كېلىپ، كۈن تەرتىپىدىكى مەسىلىلەرنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان. «ياۋروپا ئىتتىپاقلىقى» بىلەن كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە كەڭ تارقالغان.

پارلامېنت دىپلوماتىيەسى دەسلەپتە «مىللەتلەر جەمئىيىتى»دە دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئەۋەتكەن دائىمىي ئەلچىلىرى ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيەگە بېرىلگەن ئىسىم بولۇپ، ھازىر بارلىق خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىكى كۆپ تەرەپلىك سۆھبەتلەر پارلامېنت دىپلوماتىيەسى دەپ ئاتىلىدۇ.

يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە قاتناش ۋە ئالاقە تېخنولوگىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىنىڭ پات-پات ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىنىڭ يارىتىلىشى نەتىجىسىدە تەرەققىي قىلغان. بۇ خىل دىپلوماتىيەنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن خاتا چۈشىنىشلەردىن كېلىپ چىققان كرىزىسلارنى تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان بولغان. ئەمما سۆھبەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى دەرىجىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى سەۋەبلىك، كەسپىي دىپلوماتلارنىڭ ئەھمىيىتى پەسىيىپ قالغان.

ئۈچىنچى تەرەپ دىپلوماتىيەسى بولسا، بىر يەرگە كېلەلمەيدىغان ئىككى دۆلەت ياكى تەرەپنى، بىر ۋاسىتىچى ياكى ئەپلەشتۈرگۈچى ئارقىلىق سۆھبەتلەشتۈرۈشتۇر. تەرەپلەر ئەپلەشتۈرگۈچىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر ئەمەس، ئەمما ۋاسىتىچىنىڭ ھەل قىلىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى سۆھبەتتىن بۇرۇن ماقۇللىشىدۇ.

مەجبۇرلاش دىپلوماتىيەسى بولسا، بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەتنى مەتبۇئات، يېتەكلەش ۋە ئاخبارات قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئۆزى قىلىشنى خالىمايدىغان بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىشىدۇر.

ئاخىرىدا بۇ ماتېرىيالدا سۆزلەنگەن بىلىملەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولىشىنى مىھرىبان اللە تىن تىلەيمەن. بىز شەرقىي تۈركسىتانلىقلا خەلقئارا دىپلوماتىيەدە قانداق قىلغاندا ھەم رەببىمىز رازى بولىدىغان، ھەم ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە سالاھىتى بار دىننىي قېرىنداشلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىزدىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.