خىتاي جاسۇسلىرى 1

November 06, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 60 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

خىتاي جاسۇسلىرى: ماۋزەيدوڭدىن شىجىنپىڭغىچە

تۆۋەندىكى مەزمۇنلار روگېر فالگوت (Roger Faligot) تەرىپىدىن يېزىلغان «Chinese Spies» ناملىق كىتاپنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە 11-باب مەزمۇنلىرىنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، 2019-يىلى نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتاپتا خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ 1949-يىلىدىن باشلاپلا ناھايىتى ئوچۇق پىكىر بىلەن باشلانغانلىقى، ماۋزېدوڭ ۋە جۇئېنلەينىڭ خىتاي ئىستىخبارات ئاساسىنى قۇرۇپ چىققانلىقى، دىڭ شياۋپېڭنىڭ ئۇنى زامانۋېىي تېخنكىلار بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، جىياڭ زېمىننىڭ خەلقئارالاشتۇرغانلىقى، ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭنىڭ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر دۆلەتنى قورقىتالايدىغان دۇنيادا 1- ئىستىخبارات ئورگىنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقى… قاتارلىق مەلۇماتلار بېرىلگەن.

كىتاپتىكى مەلۇماتلاردىن يەنە، خىتايلارنىڭ ھەر قاچان خەلقئارا مۇناسىۋەتتە «ئىككى تەرەپنى تەڭ تۇتۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقىغا شاھىت بولالايمىز. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىكى «بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خىتايغا قارشى تۇرۇشۇپ بېرىدۇ» دەپ «ياخشى گۇمان» قىلغان دۆلەت ۋە كۈچلەرگە خىتايلارنىڭ ئاللىقاچان ئاستىرىتتىن ئالاقە ئورنىتىپ ھەرخىل پايدا-مەنپەئەت پىلانلىرىنى سۇنىدىغانلىقىدەك ھېيلىگەرلىكىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىغايمىز.

بۇندىن باشقا يەنە ئافغانىستاننىڭ رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، رۇسلارنى چېكىندۈرۈش ۋە پارچىلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىستىخباراتلىرىنىڭ مەخپىي ھالدا ئافغانلارغا ياردەم بەرگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار ئىكەن. بۇ مەلۇماتلار كۈنىمىزدە ئافغانلارنىڭ ئامېرىكا چېكىنىشى بىلەنلا چاقماق تېزلىكىدە خىتايلار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسۋىت ئورنىتالىشىنىڭ «تاساددىپىي يۈز بەرگەن ۋەقە ئەمەس بەلكى تارىخى ئاساسقا ئېگە مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىشىشى» ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشىمىزگە پايدىسى بولىدۇ.

بىز خىتايلارنىڭ رەھىمسىز-ئىپلاس قەۋم ئىكەنلىكىنى بىلگەن بىلەن، باشقا ئەرەب-ئەجەم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆزىگە خىتايلار ھېچقاچان زۇلۇم قىلىپ چىگرىسىدىن چىقىپ باقمىغان بەك يۇۋاش قەۋم بولۇپ كۆرۈنىدىكەن. بۇ ئاچچىق رىئاللىق ھاياتىمىزدا بەك كۆپ خۇلاسىلەندى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇستەقىللىق جىھادىمىزدا ھەرقانداق دىننىي ۋە قەۋمىي قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بولغان ھەمكارلىقىمىزدا، بۇ ئاچچىق ساۋاقلاردىن قۇرئان-سۈننەت ۋە ۋاقىئەلىككە ماس ھالدا تەجرىبىلەرنى چىقىرىپ مۇئامىلە قىلىشىمىز بەك زۆرۆر!

مۇقەددىمە

ئۆلمىگەن قېرى قىزىل جاسۇسلار

2017-يىلى 5-ئايدا، 102 ياشلىق (ياۋ زىجيەن) بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە مۇراسىمنىڭ پەخرىي مېھمىنى بولدى. خىتايدىكى ھايات جاسۇسلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ قېرىسى بولغان ياۋ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان «يەر ئاستى سېپى» ئىستىخبارات ساھەسىدە كۈرەش قىلغان يۈزلىگەن خىتاي مەخپىي جاسۇسلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇراسىمغا قاتناشتى.

بۇ مۇراسىم خىتاي مەخپىي مۇلازىمەتلىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىيسى بولغان مەركىزىي كومىتېت ئالاھىدە بۆلۈمى (Zhongyang Teke) نىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ئورگان 1927-يىلى 11-نويابىر كۈنى شاڭخەيدا جۇ ئېنلەينىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان. كېيىن خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي تەكشۈرۈش بۆلۈمى جۇڭياڭ دياۋچابۇ (Zhongyang Diaochabu)غا ئۆزگەرتىلگەن بۇ ئورگان، ئۇزۇن مەزگىل باش سىياسىي ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، 1980-يىللارغىچە كۆزگە كۆرۈنگەن لو چىنچاڭ (Luo Qinchang - بۇ خىتاي 2014-يىلى ئۆلگەن) تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان.

لو نىڭ ئوغلى گېنېرال لو يۈەن بۇ «يوشۇرۇن ئۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ جەڭچىلىرى»نىڭ ئەۋلادلىرىغا سۆز قىلىپ، «ئىسىمسىز جاسۇسلار»نىڭ «سادىق، قورقماس، يالغۇز ۋاقتىدا پەخەس، سەزگۈر، قابىلىيەتلىك ۋە بىر-بىرىگە ياردەم بېرىدىغان… ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ۋە ئەسكەر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك روھ» قاتارلىق سۈپەتلىرىنى مەدھىيەلىدى.

بۇ پەقەت دەسلەپتە شاڭخەيدىكى فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە ئىمتىيازلىق رايونلىرىغا، كېيىن جياڭ جيېشىنىڭ گومىنداڭى ۋە ياپونىيە جاسۇسلىرىغا قارشى تارىخىي جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان قەھرىمان يەر ئاستى جەڭچىلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرۈش مۇراسىمىلا ئەمەس ئىدى. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى بۇ «مەخپىي ئۇرۇش»نىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىۋاتقان رېئاللىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى. خاتىرىلىنىشكە تېگىشلىك ئاخبارات ئورگىنى قىلىپ تەكشۈرۈش ئورگىنى (Diaochabu)نىڭ تاللىنىشىمۇ بۇ جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئورگان 1980-يىللاردا جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى (Gonganbu)نىڭ جاسۇسلۇققا قارشى تارمىقى بىلەن بىرلىشىپ، يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (Guojia Anquanbu) ياكى قىسقارتىلىپ گۇئوئەنبۇ (Guoanbu)نى شەكىللەندۈرگەن. 2014-يىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى دەل ھازىرمۇ پائالىيەت قىلىۋاتقان گۇئوئەنبۇ ئىدى. ئۇنىڭ تۇنجى باشلىقى، مىنىستىر لىڭ يۈن(Ling Yun) بولسا 2018-يىلى 100 يېشىدا ئۆلدى. بۇ مۇراسىمگە بېرىلگەن دىققەت يەنە بىر تېخىمۇ مۇھىم مەقسەتكە، يەنى «ئىمپېرىيالىستىك جاسۇسلار»غا قارشى يېڭى بىر ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشى ئىدى. چۈنكى شۇ يازدا قاتتىق جازالاش خاراكتېرلىك يېڭى جاسۇسلۇققا قارشى قانۇن ماقۇللاندى.

21-ئەسىردە، گۇئوئەنبۇ ئۆزىنى 20-ئەسىردىكى سوۋېت KGBسىغا ئوخشاش مۇھىم دۇنياۋى ئىستىخبارات ئورگىنى، دەپ قارايدۇ. گۇئوئەنبۇ دىن باشقا بىر قانچە تەشكىلاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئىستىخبارات سىسىتېمىسى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ CIA، ئىسرائىلنىڭ Mossad، ھىندىستاننىڭ RAW، فرانسىيەنىڭ DGSE، ئەنگلىيەنىڭ MI6 ، قوشنا تەيۋەننىڭ MJIB ۋە ياپونىيەنىڭ Naicho قاتارلىق ئورگانلار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ.

بۇ كىتاب خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىكى ئىستىخباراتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى مۇھىملىقىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ. بۈگۈنكى مۇرەككەپ خىتاي ئىستىخبارات ساھەسىنىڭ شەكىللىنىشى 14-ئەسىردىكى «ئۈچ پادىشاھلىق» رومانىغا ۋە «سۇن زىنىڭ ھەربىي ئىشلار دەستۇرى» كىتابىغا، شۇنداقلا رۇس كوممۇنىزمىنىڭ تەسىرىگە، 1930-يىللاردا شاڭخەي ئىمتىيازلىق رايونلىرىدا جۇ ئېنلەي ۋە ئۇنىڭ جاسۇسلىرى كۈرەش قىلغان فرانسىيە ۋە ئەنگلىيە مەخپىي ئورگانلىرىنىڭ تەسىرىگە تۇتىشىدۇ. «خىتاي جاسۇسلىرى» ناملىق بۇ كىتاپ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئاخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخىنى ھەم بۈگۈنكى سىياسەتتىكى داۋاملىق رولىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان بىر كىتابتۇر. 2019-يىلىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى ئارىلىقىدىكى دەۋرگە تەۋە بولغان ماركسىزملىق ئاخبارات ئەنئەنىسىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

بۇ ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان ئەنئەنىنىڭ بىردىنبىر ئوخشىشى 1918-يىلى لېئون تروتسكى (Leon Trotsky) تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنمۇ ئىسمىنى ساقلاپ قالغان رۇسىيە ھەربىي ئاخبارات مۇلازىمىتى GRU دۇر. يۈز يىلدىن كېيىن، 2019-يىلغىچە، ئۇ سۈرىيەدە دائىش (ISIS)نى مەغلۇپ قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ھالبۇكى، رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن كوممۇنىزمنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەسىرى يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، پرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىننىڭ جاسۇسلىرنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش پىسخىكىلىق ئىش-ھەرىكەت ئەندىزىلىرى، رۇسلارنىڭ خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قۇلايلاشتۇرغان.

بىزنىڭ ھېكايىمىز 1920-يىللاردىكى شاڭخەي بولغان «جەڭ»دىن باشلىنىپ، ئېلېكترونلۇق توقۇنۇش، يېڭى يىپەك يولى ھەققىدىكى مەخپىي ھەرىكەتلەر، نۆۋەتتە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي ئۇرۇشلار، ئىنتېرنېتتىكى جەڭلەر ۋە ئىسلامچى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشلار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

بۇ يېڭى مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسىدە، خىتاي ئىستىخبارات ئاپپاراتىنىڭ ھوقۇقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى. بولۇپمۇ 2017-يىلى، ئۆزىنى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى نىڭ «ئالىي قوماندانى» ۋە پارتىيەنىڭ «يېتەكچىلىك يادروسى» دەپ جاكارلىغان شى جىنپىڭ، 19-قېتىملىق خىتاي كومپارتىيەسى قۇرۇلتىيىدا ئۆز ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ماۋ زېدوڭ ۋە دېڭ شياۋپىڭدىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك خىتاي رەھبىرىگە ئايلاندى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ماختىنىدىغان قوش سىياسىي مىراسىنىڭ بىرىكمىسى ئىدى. بۇ قوش سىياسىي مىراس بولسا 1) شەخسكە چوقۇنۇش (يەنى يېڭى ماۋزەيدۇڭچىلىق) ۋە 2) رېئاللىققا ماسلىشىش پىرىنسىپى.

«شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» گە كۆرە، ئەڭ مۇھىمى «ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» بىلەن بىر ۋاقىتتا «ئاممىۋى يۆنىلىش» نى ساقلاش ۋە «خىتاي مىللىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى» ئارقىلىق دۆلەتنى جانلاندۇرۇشتۇر.

خىتاي ئىستىخباراتى باشقا دۆلەتلەرنىڭكىدىن سىياسەتنىڭ تەسىر كۈچى جەھەتتە پەرقلىنىدۇ. خىتايلارنىڭ بارلىق ئىستىخبارات ئورگانلىرى ئىككى يىتەكچىسىز قۇرۇلمايدۇ. بۇلاردىن بىرى كۈندىلىك مەشغۇلاتلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تېخنىكىلىق باشقۇرغۇچى، يەنە بىرى تەشكىلاتنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك يۆنىلىشىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بەلگىلىگەن ئىستراتېگىيەگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسىي كومىسسار.

خۇسۇسەن، بۇ يۆنىلىش «خىتاي چۈشى» پىلانىغا گە ماس كېلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پرېزىدېنت شى نىڭ دۇنياۋى ئىستراتېگىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە پارتىيەنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاش نىشانىغا ماس كېلىدۇ. بۇ ئىستراتېگىينى خىتايلار پەقەت دۇنياۋى بولۇپلا قالماي ھەتتا پلانېتلارئارا خاراكتېرگە ئىگە، دەپ قارايدۇ. چۈنكى خىتايلار 2049-يىلىغا بارغانداخىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 100 يىللىقىدا مارسقا قىزىل خىتاي بايرىقىنى تىكىش نىيىتىنى ئاللىقاچان جاكارلىدى.

يېڭى «يۇمشاق كۈچ» گىگانتى بولغان خىتاي دۆلىتى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى (يېڭى يىپەك يولى دەپمۇ ئاتىلىدىغان خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش پىلانى) ۋە دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك مەركەزلىرىنى غەربتىن خىتاي-رۇسىيە ھەمكارلىقى يېتەكچىلىكىدىكى يېڭى مەركەزگە يۆتكەشنى مەقسەت قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق چوڭ تۈرلەر بىلەن، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تىنچلاندۇرغۇچى كۈچ ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ. بۇ ئىتتىپاققا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇرۇنقى مۇسۇلمان دۆلەتلىرى، شۇنداقلا يېڭى ئەزا پاكىستان ۋە ھىندىستان ھەمدە كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە ئىران قاتناشماقتا.

بۇندىن باشقا يەنە، شى جىنپىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيەنى قۇرۇپ چىقىش يولىدا جىددىي كۈچەۋاتىدۇ. 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، شى جىنپىڭ 1949-يىلى قۇرۇلغان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى پۈتۈنلەي قايتا تەشكىللىدى. ئۇ قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يەتتە ھەربىي رايوننى بەش «ئۇرۇش مەيدانى قوماندانلىقى» غا ئۆزگەرتتى. قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەلىرىدىن باشقا، يەنە ئىككى ئىستراتېگىيەلىك قوراللىق كۈچنى بىرلەشتۈردى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى راكېتا قىسىملىرى (باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار، پلانېتلارئارا راكېتىلار) ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان رەقەملىك ھۇجۇم كۈچلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىملارنى قايتا رەتلىدى. كېيىنكى بابلاردا كۆرۈپ ئۆتىدىغىنىمىزدەك، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىملار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىستىخبارات توپلاش ۋە چارلاش ئارمىيەسىدۇر.

شى يەنە «دېڭىزنى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش» دەيدىغان يېڭى چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ چۈشەنچە يىپەك يولى ئىستراتېگىيەسى بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. بەزى ھىندىستانلىق تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۈگۈندىن 2050-يىلغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى نەزەرىيە جەھەتتىن ئالتە خىل ئۇرۇشقا قاتنىشىشى مۇمكىن ئىكەن: تەيۋەننى قوشىۋېلىش؛ جەنۇپتىكى تاقىم ئاراللار (Spratly Islands) نى تالىشىش، جەنۇبىي تىبەت ۋە دىياۋيۈ ئارىلى (ياپونلار سېنكاكۇ ئاراللىرى دەيدۇ)نى «قايتۇرۇۋېلىش»؛ تاشقى موڭغۇلىيەنى بېسىۋېلىش؛ ۋە رۇسىيەگە «بەرگەن» زېمىنلارنى قايتۇرۇۋېلىش.

خىتاي ئىستىخباراتى مانا مۇشۇنداق شارائىتتا تەرەققىي قىلدى. ئەلۋەتتە بۇ «تەرەققىياتلار» ئىچكى بىخەتەرلىك باھانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ياكى لاۋگەي (ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش) بىلەن قىينالغان مىليونلارچە ناھەقچىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2017-يىلى ئىيۇلدا ۋاپات بولغان نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى لىيۇ شياۋبو قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىمۇ بىخەتەرلىك باھانىىسدا قىينالدى ۋە يوقىتىلدى.

بۇ كىتابنىڭ كېيىنكى قىسمى ئاساسەن شى نىڭ چەتئەللەردىكى مەخپىي ئورگانلىرىنى قايتا تەشكىللىشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە مەركەزلەشكەن.

1980-يىللاردا، دېڭ شياۋپىڭ مەخپىي جاسۇسلۇق ئورگانلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان. 1990-يىللاردا، جياڭ زېمىن بۈگۈنكى كۈندىكى رۇسىيە ك گ ب نىڭ خەلقئارا سەھنىدە تەسىرى يوقالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، خىتاي مەخپىي جاسۇسلۇق ئورگانلارنىڭ ئىچكى ۋە رايونلۇق ئىستىخبارات مۇلازىمەتلىرى خاراكتېرىدىن دۇنياۋى پائالىيەت قىلىدىغان ئاپپاراتقا ئايلىنىشىغا يول ئاچقان. شى جىنپىڭ بولسا بۇ زور ئاپپاراتنى دۇنياۋى تەسىرى بار مەخپىي كۈچ قىلىپ تەرەققىي قىلدۇردى. بىز بۇنى دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (GuoAnBu) ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يېڭى ئىسىتخبارات ئورگانلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق كۆرۈپ چىقىمىز. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى خىزمەتچىلەر سانى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ كۆلىمى جەھەتتىن ئەڭ چوڭ ئىستىخبارات سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

3- بۆلۈم

11-باب، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئېلېكترونلۇق جەڭچىلىرى

ھاۋادىن قارىغاندا، ئاۋسترالىيەنىڭ ئالىس سپرىڭس Alice Springs نىڭ جەنۇبىدىكى پاين گەپ بازىسى (Pine Gap Base)، خۇددى ئادەتتىكى سۈنئىي ھەمراھ ئىستانسىسىغا ئوخشاش سۈنئىي ھەمراھ تەخسىلىرى ۋە ئاق گۈمبەزلەردىن تەشكىل تاپقان. ئەمەلىيەتتە بۇ غەربنىڭ خىتاينىڭ تېخنىكىلىق جاسۇسلۇقىغا قارشى ئىشلىتىدىغان بىر قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ قەلبىدىكى قىزىل تۇپراقلىق رايوندا جايلاشقان بۇ بازا ساياھەت خەرىتىلىرىدە «چەكلەنگەن رايون» دەپ بەلگىلەنگەن. يەرلىك تېلېفون كىتابىدا بولسا ئۇ «بىرلەشمە مۇداپىئە ئورنى» دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە تىببىي مەركەزلەر تەۋە.

ئاۋېسترالىيەنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان Pine Gap بازىسىنىڭ خەرىتىسى

1966-يىلى قۇرۇلغان بۇ ئىستانسا ئاۋسترالىيە ASD/DSD (خەۋەرلىشىش باشقارمىسى) ۋە ئامېرىكىنىڭ NSA (دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى) تەرىپىدىن بىرلىكتە باشقۇرۇلىدۇ. بۇ يەردە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇشنىڭ مۇھىم تەرىپى بولغان كەڭ كۆلەملىك ئالاقە سىگناللىرىنى سۈزۈۋېلىش ۋە ئانالىز قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. خەۋەر-سىگناللىرى ئىستىخباراتى قىسقارتىلىپ SIGINT دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ بۈيۈك ئاۋسترالىيە ئىستانسىسى ئەسلىدە مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋىيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇلغان. 60 يىلدىن كېيىن، يېڭى تېخنولوگىيەلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۇنىڭ خىزمەت دائىرىسى ئون ھەسسە كېڭەيگەن. Pine Gap ھازىر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالاقە خەۋەرلىرىنى، شۇنداقلا شىمالىي كورېيە ۋە ۋىيېتنامنىڭ ئالاقە خەۋەرلىرىنى سۈرئەتلىك ۋاقىتتا خاتىرىلەيدۇ. كانبېررا Canberra دا ئاۋسترالىيە تېخنىكا مۇلازىمەتلىرىنىڭ سابىق خادىمى ماڭا مۇنداق دېدى: «بۇ ئورۇن يەر ئاستى تونېللىرى تورىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، تەخمىنەن 800 ئاۋسترالىيەلىك ۋە ئامېرىكىلىق تېخنىك ۋە ئانالىزچى بۇ يەردە ئىشلەيدۇ. ئۇلار بىۋاسىتە مېرىلەند Maryland شتاتى فورت مىد (Fort Meade) شەھىرىدىكى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخارات ئورگىنى NSA باش شتابى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئاندىن ئاسىياغا مەسئۇل B گۇرۇپپىسى بۇ ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىدۇ».

بۇ خەۋەر يىغىش مەركىزى يالغۇز ئەمەس. ئۇنى يەنە دېڭىز ئارمىيەسى، ASD (ئاۋسترالىيە سىگنال باشقارمىسى، ئىلگىرىكى DSD) ۋە باشقا ئالاھىدە ئورگانلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئىستانسىلار گۇرۇپپىسى تولۇقلايدۇ. خىتاينىڭ «ئاسىيا تەھدىتى» گە دۇچ كەلگەن يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمەت ئالاقە بىخەتەرلىك بىيۇروسىمۇ بۇ گۇرۇپپىغا قوشۇلغان. بۇ ئورگانلار بىرلىكتە NSA، كانادا ۋە ئەنگلىيەنىڭ GCHQ (بۇ NSA دىن قالسىلا غەربتىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر يىغىش ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ) بىلەن ئىتتىپاقداشلىق قۇرغان.

1947-يىلى GCHQ خوڭكوڭدا ئۆزىنىڭ «چوڭ قۇلاق» تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ جەرياندا لىتتلې ساي ۋان (Little Sai Wan) دا 140 ئاۋسترالىيەلىك تېخنىك بىلەن بىر ئىستانسا؛ يېڭى تېررىتورىيەدىكى تاي مو شان (Tai Mo Shan) دا يەنە بىر ئىستانسا؛ ۋە چۇڭ خوم كوڭ Chung Hom Kok يېرىم ئارىلىدىكى ستانلېي فورت (Stanley Fort) تا پادىشاھلىق ھاۋا ئارمىيەسى ۋە DSD تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان بىر ئىستانسا قۇرۇلغان.

بىراق، ئەنگلىيە ئىستىخباراتلىرى 1997-يىلى خوڭكوڭنى قايتۇرۇپ بەرگەندە، خىتاي SIGINT نى باشقۇرىدىغان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن «قولغا چۈشۈپ قېلىش» تىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ ئىستانسىلارنى بۇزۇپ تاشلىغان. بۇ چاغدا GCHQ «فورت ئالامو Fort Alamo» دەپ ئاتالغان كونسۇلخانىدىكى ئەنگلىيە ئالىي كومىسسارلىقىغا تىڭشاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقان. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاۋسترالىيە DSD مۇ مېلبورن يېقىنىدىكى ۋاتسونىيا (Watsonia) ئېلېكتر ستانسىسى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدىغان بىر تىڭشاش پونكىتىنى ئۆزىنىڭ خوڭكوڭدىكى كونسۇلخانىسىغا قۇرغان. خىتاي بايرىقى خوڭكوڭدا ئەنگلىيە بايرىقىنىڭ ئورنىنى ئېلىشتىن بىرئاز بۇرۇن، ئەنگلىيە يەنە ھازىر خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى شتابى بولغان پرىنس ئوف ۋالېس (Prince of Wales) قىسىملىرىدىكى ئىشخانىلارغا يۈزلىگەن تىڭشاش ئۈسكۈنىلىرىنى يوشۇرۇن ئورناتقان.

1993-يىلى ستانلېي فورت Stanley Fort سۈنئىي ھەمراھ ئىستانسىسىدا ئېلىپ بېرىلغان KITTIWAKE پىلانى توختىتىلغاندىن كېيىن، بۇ ئىستانسا DSD/ASD نىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن بولۇپ، شۇندىن بۇيان غەربىي ئاۋسترالىيەدىكى گېرالدتون (Geraldton) دىكى باشقا بىر ئىستانسىدىن باشقۇرۇلۇپ كەلمەكتە. ئۇ يەنىلا ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلايدۇ: خىتاينىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى، سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرۇش ۋە فوتو ئۇچۇرلىرىنى (PHOTINT)، ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرلارنى (ELINT) توپلايدىغان سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ۋە خىتاي ھەققىدىكى باشقا ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلايدۇ.

ئامېرىكا-كانادا-ئەنگلىيە-ئاۋسترالىيە-يېڭى زېلاندىيە ئىستىخبارات ئىتتىپاقىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سوغۇق ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بۇ ھەرىكەتلەر «ئېچېلون» (ECHELON) سىستېمىسى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سىستېما ياۋروپادا ئاددىي پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي تېلېفون سۆھبەتلىرىنى تىڭشاپ ۋە ئېلېكترونلۇق ئالاقىلىرىدىن ئۇچۇر توپلاۋاتىدۇ دېگەن ئەندىشىلەر بىلەن مەتبۇئات تېمىسىغا ئايلانغانىدى.

ئەمما ئاۋسترالىيە چۆلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا، تېخنىك خادىملار خىتاي دۆلىتىنى كېچە-كۈندۈز كۆزىتىشتە ھېچقانداق تەرەددۇت قىلمايتتى. خىتاي دۆلىتى پىرىنسىپقا ھۈرمەت قىلمايدىغان دىكتاتورلۇق دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي تاجاۋۇزچىلىقى چوڭ ئەندىشە قىلىناتتى. ئالىس سپرىڭس (Alice Springs) بۇ دۆلەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق جاي ئىدى. بۇ كىچىك شەھەردە ساياھەتچىلەر جاسۇس ئىنژېنېرلارغا يولۇقۇش ئېھتىماللىقى ئابورىگېنAboriginal لىقلارغا يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئالاقە ۋە تىڭشاش جەھەتتە كۈچلۈك ئەنئەنىگە ئىگە. بۇ رايوننىڭ يەر شەكلى بۇنىڭغا بەك ماس كېلەتتى.

1870-يىلى چارلېس تود (Charles Todd) جەنۇبىي قىرغاقتىكى ئادېلايد (Adelaide) نى شىمالىي قىرغاقتىكى دارۋىن (Darwin) غا، ئۇنىڭدىن سىرت خوڭكوڭ، تيەنجىن ۋە شاڭخەيدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىگە تۇتاشتۇرىدىغان تېلېگراف ئىستانسىسى قۇردى. ۋىكتورىيە دەۋرىدە، فۇجيەندىن كەلگەن خىتاي ئالتۇن كولىغۇچىلار بۇ يەرگە كەلگەنىدى. بۇنى ASD-NSA مەخپىي ئىستانسىسىغا بارىدىغان يولدىكى «خىتاي ئېرىقى» (Chinaman’s Creek) دېگەن نامدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۈگۈنكى ASIO نازارىتىدىكى كىشىلەر يېقىندا كەلگەنلەر بولۇپ، ئۇلار دىنامىك خىتاي مۇھاجىرلار توپلىمى ئىچىدىكى بەزى «چوڭقۇر دېڭىز بېلىقلىرى» دەپ گۇمان قىلىنغان، خىتاي دۆلىتى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (Guoanbu)نىڭ مەخپىي ئەمەلدارلىرى بولۇپ، ئۇلار خىتاي نەسىللىك ئىنژېنېرلار ۋە تىلشۇناسلارنى «خۇاچياۋ» چەت ئەلدىكى خىتايلارنىڭ بىر قىسمى، دېگەن ئۇقۇملار بىلەن ئۆزىگە جەلپ قىلىشقا ئۇرۇنماقتا.

NSA مۇتەخەسسىسى جېيمس بامفورد (James Bamford) نىڭ ئېيتىشىچە، بازىنىڭ ئورنى تېخنىكىلىق مۇلاھىزىلەرگىمۇ ئاساسەن تاللانغان: 1960-يىللاردا، سۈنئىي ھەمراھ شىفىرلانمىغان سانلىق مەلۇماتلارنى سۈزۈۋېلىپ، ئۇنى بىۋاسىتە بازىغا يوللىيالايتتى. بۇنداق قىلغاندا سوۋېت جاسۇس كېمىسىنىڭ ئالاقىنى سېزىۋېلىپ، قايسى ئاخباراتلارنىڭ ئوغرىلانغانلىقىنى بىلىۋېلىش خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى. ئۇ چاغدا خىتايلارنىڭ بۇ ئويۇننى ئوينىيالايدىغان تېخنىكىلىق ئىقتىدارى يوق ئىدى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلارمۇ بۇ ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. پاين گەپ (Pine Gap) ئاۋسترالىيەنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا، ھەر قانداق جايدىن مىللارچە يىراقلىقتا بولغاچقا، كۆزەتچى جاسۇس كېمىلىرى سىگنالنىڭ «ئىز»ىنى بايقىيالمايتتى. پاين گەپتىكى ئىنژېنېرلار سۈزۈۋالغان ئۇچۇرلارنى شىفىرلاپ، باشقا بىر سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق فورت مېد (Fort Meade) تىكى NSA باش شتابىغا يوللىيالايتتى.

1972-يىلى گاف ۋىتلام (Gough Whitlam) نىڭ لېيبورىستلار پارتىيەسى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، ئاۋسترالىيە خىتاي دۆلىتىنى دىپلوماتىك جەھەتتە ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، CIA شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمەتنىڭ پاين گەپنى تاقاش قارارىغا كېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. ئەگەر شۇنداق قىلسا ئەنگلىيە-ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئۈچۈن بىر پاجىئە بولاتتى. CIA نىڭ شەرقىي ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى تېئودور شەكلېي (Theodore Shackley) ھەتتا خۇددى ئەنگلىيەدە ھارولد ۋىلسون (Harold Wilson) ھۆكۈمىتىگە قارشى قوللانغانغا ئوخشاش، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە، مەخپىي ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرىغا دەخلى-تەرۇز يەتمىگەنلا بولسا ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بەزى مەخپىي مۇلازىمەت باشلىقلىرىنىڭ خىتاي سىستېمىسىنى ياقتۇرۇپ قېلىشى مۇمكىن: ھېچ بولمىغاندا بېيجىڭدا مەخپىي ئورگانلار پارتىيە ۋە ئارمىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ ھوقۇق تۇتۇپ تۇرىدۇ.

ئاخىرىدا، پاين گەپ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەخپىي ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلىدى: كانبېررا 1975-يىلى ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي تىمورغا تاجاۋۇز قىلىشىدىن خەۋەر تاپتى ۋە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالاقە-خەۋەرلىشىش مەزمۇنلىرىنى ئېنىق چۈشىنەلىدى. گەرچە شىفىرلارنى يېشەلمىگەن بولسىمۇ، مۇھىم ئالاقە-خەۋەرلىشىشلەرنى تەتقىق قىلالىدى. 1979-يىلى 17-فېۋرال كۈنى بۇنىڭ ئىسپاتى كۆرۈلدى. پاين گەپ كورىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى خىتاي «ئاۋانگارت ئەسكەرلەر»نىڭ سابىق قوماندانى گېنېرال ياڭ دېژى (Yang Dezhi) باشچىلىقىدىكى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى تۇنجى بولۇپ بايقىدى. موسكۋا ئۆتكەن يىلى خانوي Hanoi بىلەن مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقى ئۈچۈن، خىتاينىڭ ئالاقە-خەۋەرلىشىشلىرى سوۋېت كېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇلغانىدى. كامبودژانى چاقماق تېزلىكىدە ئىگىلەپ، بىر قانچە مىڭ خىتاي قىزىل خمېر Khmer Rouge مەسلىھەتچىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ۋە ۋيېتنامنى «كەينىدىن» ئېلىش مەقسىتىدىكى بۇ ھۇجۇم خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

4-بابتا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قىيىنچىلىقلاردىن كېيىن قايتا ھوقۇققا چىققان دېڭ شياۋپىڭ ئۈچۈن بىر نومۇس ئىدى. ئەمما دېڭ، بۇرۇنقىدەكلا بۇ مەغلۇبىيەتتىن ساۋاق ئېلىپ، ئۆز دەۋرىدە ئىستىخبارات ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش مۇلازىمەتلىرىدىن باشلاپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ چوڭ كۆلەملىك ئىسلاھات قىلىشنى تەكلىپ قىلدى. بۇندىن كېيىن يەنە نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتتى.

ئوكسفورد پاراخوتىنىڭ بوراندا قېلىشى ۋە Oyster ھەرىكىتى

خىتاي دۆلىتى ئېلېكترونلۇق كۆزىتىش خىزمىتىنى يېقىن مۇساپىدىكى ھەرىكەتلەر ئارقىلىقمۇ ئېلىپ باردى. ئامېرىكىلىقلار خىتاي دۆلىتىگە قارىتا ناھايىتى جۈرئەتلىك پايلاش ۋە تىڭتىڭلاش ئۈچۈن ئايغاقچىلارنى ئەۋەتتى.

1966-يىلى Pine Gap نىڭ SIGINT بازىسى قۇرۇلغاندا، NSA يەنە جاسۇسلۇق پاراخوتلىرىنى ئىشلەتتى. مەسىلەن، USS Oxford AGTR-1 پاراخوتى ئانتېننالار بىلەن جابدۇلغان بولۇپ، 11,000 توننا ئېغىرلىقتا ئىدى ۋە ياپونىيەنىڭ Yokosukaغا توختىمىغان ۋاقىتتا سائىتىگە 11 دېڭىز مىلى سۈرئەتتە ماڭالايتتى. پاراخوتتا 250 ئوفىتسېر ۋە ئەسكەر بار بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى قالايمىقانچىلىقنى پارتىيە ۋە ئارمىيە ئالاقىلىرىنى ئاڭلاش ئارقىلىق كۆزىتىش ئۈچۈن خىتاي دېڭىزىغا ئەۋەتىلگەنىدى.

ئامېرىكىنىڭ USS Oxford AGTR-1 تىپلىق پاراخوتى

ئەمما USS Oxford تۇيۇقسىز بىر تەيفىڭ بورۇنى مەركىزىدە قېلىپ، خىتاي دۆلىتى قىرغىقىغا قاراپ ئىتتىرىلىشكە باشلىدى. جاسۇسلار بىر ئىلاھ كۈچ بىلەن قوغدىلىپ قالدى. پاراخوت مۆجىزىلىك ھالدا ئوچۇق دېڭىزغا قاراپ ئىتتىرىلىپ، تەيۋەنگە قاراپ لەيلەپ بېرىپ بىخەتەر قۇتۇلدى. پاراخوت قىرغاققا ئۇرۇلۇش ياكى قولغا چۈشۈپ قېلىشقا تاس قالغان ئىدى. خۇددى ئىككى يىل كېيىن 1968-يىلى يانۋاردا USS Pueblo نىڭ شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگىنىگە ئوخشاش.

Oxford قولغا چۈشكەن بولسا خىتاي دۆلىتى ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەن بولاتتى، چۈنكى ئۇلار بۇنداق پاراخوتنى تېپىۋالسا دەرھال چۇۋۇپ تەتقىق قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخنىكىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن چوڭ بىر پۇرسەتكە ئېرىشىۋالاتتى. شىمالىي كورىيە قولىغا چۈشۈپ كەتكەن USS Pueblo مەسىلىسىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئاللىقاچان ئۆزلىرىنىڭ ئورتاق دوستى كىم ئىل سۇڭ (Kim Il-sung) دىن NSA نىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى ئالغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىغا ساتقۇنلۇق قىلغانىدى.

1967-يىلى، مۇنداق بىر خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بەردى: USS Pueblo غا ئوخشاپ كېتىدىغان USS Banner دەپ ئاتىلدىغان پاراخوت شاڭخەيدىن ئانچە يىراق بولمىغان، (Zhoushan) ئارىلىدىن 25 دېڭىز مىلى يىراقلىقتىكى خەلقئارالىق سۇ تېررىتورىيەسىدە خىتاي بېلىقچى كېمىلىرى تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىندى. كاپىتان مايور چارلېز كلارك (Charles Clark) مۇنداق ئۇ ۋەقەنى مۇنداق ئەسلەپ بېرىدۇ: «ئۇلارنىڭ مېنى سۆرەپ ماڭماقچى ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىش قىلماقچى بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار بىزدىن پەقەت بەش مېتىر يىراقلىقتا ئىدى. بېلىقچى كېمىلىرىدىن ئىككىسىدە بىزنىڭكىدىن چوڭراق زەمبىرەكلەر بار ئىدى، ئەمما بىزنىڭ زەمبىرەكلىرىمىز كىچىك بولسىمۇ، ئۇلارنى چېكىندۈرۈش ئىمكانىيىتىمىز بار دەپ ئويلىدىم». ئاخىرىدا، خىتاي دۆلىتى كۈچلىرى قانۇنسىز قاراقچىلىق ھەرىكىتىدىن ۋاز كېچىشكە بۇيرۇلدى ۋە ئامېرىكا جاسۇسلۇق پاراخوتى ئوق چىقىرىلماستىن ياپونىيەگە يېتىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىندى.

ئامېرىكىلىقلار خىتاي دۆلىتىنى تىڭشاش ئۈچۈن خەتىرى ئازراق باشقا چارىلەرنى قوللاندى. ياپونىيە، جەنۇبىي كورېيە ۋە تەيۋەن بىلەن بىرلىكتە قۇرۇقلۇقتىكى تىڭشاش پونكىتلىرىنى قۇردى.

ئەمدى بىز يەنە ئاۋسترالىيەگە قايتىپ كېلەيلى. غەرب قوللانغان خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالاقىلىرىنى تىڭشاشنىڭ يەنە بىر ئاددىي يولى بار: كانبېررادىكى خىتاي دۆلىتى ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىلىرىنى تىڭشاش. مەن 2006-يىلى ئاخىرىدا خىتاي دۆلىتى بىلەن رەقىبلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېلېكترونلۇق ئۇرۇشنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئاۋسترالىيە پايتەختىگە باردىم. ئۇ يەردە ئاۋسترالىيە دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە ۋە مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزىدىكى خەلقئارالىق داڭلىق پروفېسسور دېسموند بال (Desmond Ball) بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ ماڭا ئوچۇق-ئاشكارا: «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، خىتاي دۆلىتى ئازادلىق ئارمىيەسى كانبېررادىكى ئەلچىخانىسىغا چوڭ تىڭشاش پونكىتى قۇرمىغان، چۈنكى بىز ھېچقانداق سۈنئىي ھەمراھ تەخسىسى ياكى ئانتېننا توپلىرىنى كۆرەلمىدۇق. خىتاي گەرەژدانلىرى مادامې فۇيى(Madame Fu Yi) نىڭ كۆز-قۇلىقى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

كېيىنكى كۈنى، Coronation Drive غا بارىدىغان يولدا، بىرىتانىيە يۇقىرى دەرىجىلىك كومىسسارلىقىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىدىن پەقەت بىر كىچىك كوچا نېرىدا جايلاشقانلىقىنى بايقىدىم. بېرتانىيە كوممىسارلىق بىناسىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئانتېننالار بار بولۇپ، دىپلوماتىيە ساقچىسى سۈپىتىدە ئەۋەتىلگەن GCHQ گۇرۇپپىسى ھۆرمەتلىك خوشنىلىرى بولغان خىتايلارنىڭ ئالاقىلىرىنى ئوچۇق-ئاشكارا تىڭشاۋاتاتتى. بۇ خىل تىڭشاش پائالىيىتىنى بېيجىڭغا قارىغاندا كانبېررادا ئېلىپ بېرىش ئەلۋەتتە ئاسانراق. چۈنكى بېيجىڭدا، خىتاي دۆلىتىنىڭ قارشى جاسۇسلۇق ئورگىنى - ئەلچىخانىلارنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان گوئەنبۇ (GuoAnBu)، دوڭجىمېن رايونىدا توپلانغان چەتئەل ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئەتراپىغا ئېگىز بىنالارنى سېلىپ تىڭشاش سىستېمىلىرىنى توسقان، شۇنداقلا بىرىتانىيەنىڭ ئالاقىلىرىنى تىڭشاش ئۈچۈن مىكرو دولقۇنلۇق مۇنارمۇ قۇرغان.

كانبېررادا، گەرچە سىرتقى ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىنى تىڭشاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، ئاۋسترالىيە مەخپىي مۇلازىمەت ئورگانلىرى 1990-يىلى خىتاي ئەلچىخانىسى يېڭى بىناغا كۆچكەندە يەنە بىر ھىيلىنى بايقىغان. NSA دىن كەلگەن ئوتتۇز نەپەر تېخنىك خادىمنىڭ ياردىمى بىلەن، OYSTER دەپ مەخپىي نام بېرىلگەن ئاۋسترالىيە مەخپىي ئىستىخبارات مۇلازىمىتى خىتايلارنىڭ يېڭى ئەلچىخانىسىغا تىڭشاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورنىتىشقا مۇۋەپپەق بولغان. ئەمما، بىر ئاۋسترالىيە گېزىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ قالغاندا، ASIS نىڭ باشلىقى دىپلوماتىيە ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئەگەر بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولسا، ھەم ئىستىخبارات ئورگانلىرىغا ھەم كانبېررادىكى دىپلوماتلارغا ئېغىر زىيان كەلتۈرگەن بولاتتى. ئەمما بۇ تىرىشچانلىق بىكارغا كەتكەن، چۈنكى ئامېرىكىدىكى Time ژۇرنىلى ئەلچى شى چۈنلەي (Shi Chunlai)نىڭ ئەلچىخانىسىنىڭ تىڭشاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا خىتايلار جاسۇسلۇق جەھەتتە رۇسلاردىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن، بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.

خىتاي دۆلىتىنىڭ قارشىلىق ھۇجۇمى

1990-يىللاردا، دېڭ شياۋپىڭ، ياڭ شاڭكۈن (مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ماۋ زېدوڭنىڭ ئىشخانىسىغا تىڭشاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى بىلەن ئەيىبلەنگەن) ۋە جياڭ زېمىن شۇ چاغدا ئامېرىكىدىن قالسىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېلېكترونلۇق جاسۇسلۇق تۈزۈلمىسىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. خىتاينىڭ بۇ غايەت زور تىڭشاش تورى يوقتىن بار قىلىنغان ئەمەس. 1930-يىللاردىلا، جۇ ئېنلەي شاڭخەيدە گومىنداڭ مىللەتچىلىرىگە قارشى مەخپىي ئۇرۇشنى باشقۇرۇۋاتقاندا، ئۇنىڭ پارىژدىكى سەپدىشى دېڭ شياۋپىڭ جەنۇبىي خىتايدىكى كوممۇنىستلارنىڭ بازىلىرىدا تېخنىكىلىق گۇرۇپپىلارنى قۇرۇشنى نازارەت قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ دوستى نىې روڭجېن (ئون يىل ئىلگىرى پارىژدىكى ئاكتىپلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى باشقۇرغان) خاربىن ۋە ۋىلادىۋوستوك Vladivostokتىكى Comintern بىلەن سىمسىز ئالاقە ئورناتقان شياڭگاڭدىكى مەخپىي رادىئو پونكىتىنى قۇرۇشقا تەيىنلەنگەن. شۇ ۋاقىتتا، يەنە بىر پارىژدىكى سەپدىشى، پارتىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى مەخپىي مۇلازىمەت باشلىقى لى كېنوڭ Li Kenong ناتسىيونالىسلارنىڭ رادىئو سىستېمىسىغا سىڭىپ كىرىشكە مەسئۇل بولغان.

شۇڭا، 2006-يىلى 11-ئايدا خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ئىشچى-دېھقان قىزىل ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى ئالاقە مەكتىپىنىڭ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس. 1933-يىلى 3-ئايدا، دېڭ شياۋپىڭ رۇيجىن رايونىدىكى پىڭشەنگاڭ Pingshangang نى بۇ مەكتەپنىڭ ئورنى قىلىپ تاللىغان. ھازىر يېڭى ئۇچۇر ئىستىخباراتى خادىملىرى ۋە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رادىئو خادىملىرى بۇ تارىخىي جايغا زىيارەتكە كېلىدۇ. ئۇلارغا بۇ زىيارەت جەريانىدا ئېيتىلغان ئىشلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ: بىر نەچچە ئاي ئىچىدىلا، پۈتۈن خىتاي زېمىنىغا، مەيلى كوممۇنىست رايونلىرى بولسۇن ياكى كوممۇنىست بولمىغان رايونلار بولسۇن، 2100 ئۇلىنىش سىستېمىسى قۇرۇلغان؛ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھوقۇققا ئېرىشىش يولىدىكى ئۇزۇن كۆرەش جەريانىدا دائىم تىلغا ئېلىنمايدىغان رادىئو ئالاقە ئىسىتخباراتى ئۇرۇشىنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان.

كوممۇنىستلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، لى كېنوڭ 1950-يىلى پارتىيەنىڭ مەخپىي جاسۇسلۇق ئورگىنى ئەمما نامدا ئىجتىمائىي ئىشلار ئورگىنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ يەنە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىتاب باشلىقىنىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ، شۇ چاغدىكى ئىستىخباراتنىڭ ئىككى چوڭ تارمىقىنى: ھەربىي جاسۇسلۇق ئورگىنى (PLA2) ۋە ھەربىي ئۇچۇر يىغىش مەركىزى (PLA3) نى باشقۇرغان. بۇ سىستېما بۈگۈنگە قەدەر ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن: 2007-يىلى 7-ئايدا مەن بېيجىڭدا تۇرۇۋاتقان چاغدا، جۇ ئېنلەينىڭ دوستىنىڭ ئوغلى گېنېرال چېن شياۋگوڭ Chen Xiaogong بۇ مۇھىم خىتاي ئىستىخبارات ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئەمما بىر پەرق شۇكى: 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر كىچىك بۆلۈم، يەنى 4-ئورگان (PLA4) قوشۇلغان بولۇپ، ئۇ يېڭى تەرەققىي قىلغان ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇپ، (PLA3) بىلەن بىرلىكتە ماۋ زېدوڭ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن يېڭى جەڭ مەيدانى بولغان ئىنتېرنېتتا ئېلىپ بېرىلىدىغان تور ھۇجۇمى ئۇرۇشىنىڭ غايەت زور مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.


بېيجىڭنىڭ شىمالىي-غەربىدىكى خەيدىيەن رايونىدا جايلاشقان شيوڭخوڭچى Xionghongqi رايونىدىكى مەخپىي قوماندانلىق شىتابىدا (بۇ جاي مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن قالغان كۆللىرى بىلەن تونۇلغان)، گېنېرال چيۇ رۇلىن 1950-يىلى قۇرۇلغان، 20,000 تېخنىك خادىم ئىشلەيدىغان بۇ چوڭ ئورگىنىنى كۆزىتەلەيتتى. ئۇنىڭ خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 3-باش ئىدارىسى (PLA3) ئاساسلىقى چەتئەل ئارمىيە ئالاقىلىرىنى تىڭتىڭلاشقا مەسئۇل بولۇپ، خىتاي ھەربىي تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ساھەسىنىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانىدى.

يېقىن ئەتراپتىكى شىبېيۋاڭ Xibeiwang رايونى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 3-باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاقە تىڭتىڭلاش پونكىتى بولۇپ، بۇ پونكىت رۇسىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلەر، ھىندىستان، ئىككى كورىيە ۋە خىتاينىڭ ئىككى «مۇھىم رەقىبى» تەيۋەن ۋە ياپونىيەدىن، شۇنداقلا ئاساسلىق دۈشمىنى ئامېرىكىدىن كەلگەن بارلىق سىگناللارنى توپلاش ۋە شىفىرىنى يېشىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئونلىغان بازىلارنىڭ بىرى ئىدى.

نۇرغۇن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى كۈزەتكەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ھەر بىر ھەربىي رايونلارنىڭ يەنى بېيجىڭ، شېنياڭ، چېڭدۇ، گۇاڭجۇ، لەنجۇ، جىنەن ۋە نەنجىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆز پونكىتى بار. بۇ 3-ئىدارە پونكىتلىرى نىشانلىرىغا قاراپ تەشكىللەنگەن: مەسىلەن، چېڭدۇ پونكىتى تىبەت ۋە ھىندىستاننى، شېنياڭ پونكىتى كورىيە ۋە ياپونىيەنى كۆزىتىدۇ. باشقا پونكىتلار خىتاينىڭ شىمالىي-شەرقىدە، جىلېمۇتۇ Jilemutu ۋە كىڭخاتخۇ Kinghathu كۆلى يېنىدا؛ جەنۇبىي قىرغاقتا شاڭخەي يېنىدا؛ ۋە تەيۋەنگە قارشى دائىم سەپەرۋەر قىلىنغان فۇجيەن ۋە گۇاڭدۇڭ ھەربىي رايونلىرىدا جايلاشقان. شۇنداقلا كۇنمىڭ (ۋيېتنام ۋە بىرمىنىڭ شىمالىدا) يېنىدا، ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى لىڭشۇيدىمۇ پونكىتلار بار. لىڭشۇي بازىسى 1995-يىلى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى، فىلىپپىن ۋە ۋيېتنامنى قاپلاش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن، ۋيېتنام يەنە چېگرا بويلاپ تىزىلغان پونكىتلار تەرىپىدىنمۇ كۆزىتىلىدۇ. 1980-يىللاردا، پاراسېلسۇس Paracelsus تاقىم ئاراللىرىدىكى ئىككى كىچىك ئارالدا يەنە پونكىتلار قۇرۇلغان. قەشقەر ۋە لوپنۇر پونكىتلىرىدىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە ئىككى پونكىت قۇرۇلغان: دىڭيۈەنچېن Dingyuanchen بازىسى رۇسىيە ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۆلكە مەركىزى ئۈرۈمچى يېنىدىكى، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىلىرىنى تۇتىدىغان چاڭلى Changli بازىسىدىن پەرقلىنىدۇ.

1995-يىلى دېسموند بال (Desmond Ball) : «خىتاي ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقانداق دۆلەتتىن كۆپ سىگنال ئىستىخبارات تورىغا ئىگە» دەپ كۆرسەتكەن. شۈبھىسىزكى، ئون يىلدىن كېيىن خىتايلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بىرگە دۇنيادىكى سىگنال ئىستىخباراتىنىڭ ئاساسلىق ئويۇنچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

خىتايلارنىڭ 3-ئىدارىسى 2-ئىدارە بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلىرى تەربىيىلىنىدىغان مەكتەپ ۋە ئورگانلارنى باشقۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭى 3-ئىدارىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى لۇوياڭ Luoyang دىكى خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى چەتئەل تىللار ئىنستىتۇتى. ئوقۇغۇچىلار چەتئەللەردە تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇش بىلەنلا قالماي، يەنە ئاڭلاش پونكىتلىرى جايلاشقان، يەرلىك شىۋىلەرنى بىلىش ۋە قاتتىق-قىيىن شارائىتلارغا چىداشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن خىتاينىڭ چەت رايونلىرى، موڭغۇلىيە ۋە شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تىل ئۆگىنىش مەشىقى قىلىشى كېرەك.

4- ئىدارە 1991-يىلى شيوڭخوڭ Xionghongqiچىدىكى 3-ئىدارە قوماندانلىق شىتابىدىن بېيجىڭدىكى يازلىق ساراي يېنىدىكى تەييۈەن Tayuan گە يۆتكەلگەن. ھازىر ئۇ خېلىلا چوڭايدى. بۇنىڭ ئاددىي سەۋەبى بار: ئېلېكترونلۇق ئۇرۇشقا مەسئۇل 4-ئىدارە دېڭىز ۋە ھاۋا كۈچى، جۈملىدىن يېڭى چارلاش ئايروپىلانلىرى خۇسۇسەن، رۇسىيە ئىشلەپچىقارغان خىتاي AWACS ئايروپىلانلىرى، ۋە 1997-يىلىدىن باشلاپ ئىسرائىلىيە ئىشلەپچىقارغان دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىليۇشىن Ilyushin II-76 يۈك توشۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمىدە تور ئۇرۇشى ئەمەلىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.

2001-يىلى 1-ئاپرېلدا، خىتاي ئايروپىلانلىرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بىر ئىستىخبارات ئايروپىلانىنى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئارىلىغا مەجبۇرىي قوندۇرغاندا، بۇ ئىدارە كۈتۈلمىگەن بىر سوۋغاتقا ئېرىشتى. بۇ 1950-يىللاردا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى CIA نىڭ مەجبۇرىي قوندۇرۇلۇش تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ يوقۇتۇش ئىدى. «Peter Rabbit» كود نامى بېرىلگەن EP-3E تىپلىق ئايروپىلان قۇرۇقلۇقتىكى ئاۋاز ئالاقىلىرى ۋە رادار سىگناللىرىنى تىڭشىيالايتتى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى دەرھال ئايروپىلاننى پارچىلاپ تەتقىق قىلدى. تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان ئىستىخبارات ۋە تور ئۇرۇشى سەۋىيەسىدىكى «Proforma» دەپ ئاتالغان سانلىق مەلۇمات كودلاش سىستېمىسىنىڭ بارلىق سىرلىرىنى ئېچىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

شۇ چاغدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 4-ئىدارىسىنىڭ (PLA4) باشلىقى، گېنېرال دەي چىڭمىن (Dai Qingmin) بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى. بۇ خىتاي كۆپىنچە خىتاي تور ئۇرۇشىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ باشقا نەزەرىيەچىلەر بىلەن بىللە بۇ ساھەنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئۇچۇر تېخنىكىسى دەۋرىدىكى خەلق ئۇرۇشى» دېگەن چۈشەنچىنى بەرپا قىلغان. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ چۈشەنچە داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى يوشۇرۇش، دۈشمەننىڭ دەسلەپكى ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئالاقىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە دۈشمەننىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى توسۇش ھەم پالەچ قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننى قايسى تەرەپكە ماڭسا شۇ تەرەپتە قايمۇقتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا نەزەرىيە جەھەتتە ھەقىقىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا يەتكەن بولۇپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 3-ئىدارىسى (PLA3)نىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەلىرىدىكى رايونلۇق بۆلەكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ساھەسىدە مۇداپىئە پوزىتسىيەسىدىن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكەتلىرىگە ئۆتكەن.

بۇ بۆلۈملەر ئۆز سىستېمىلىرىنى داۋاملىق ماسلاشتۇرۇپ، زۆرۈر تېپىلغان جايلاردا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەللەردە جايلاشقان چوڭ خىتاي جاسۇسلۇق تەشكىلاتلىرىغا خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. پەقەت خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2-ئىدارىسى (PLA2)گىلا ئەمەس، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ ئالاقە خىزمىتى (Zhengzhi Lianluobu) ۋە كوستىند (COSTIND) غا ئوخشاش «ئۇچۇر يىغىش» ئورگانلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۆپلىگەن تەتقىقات ئىنستىتۇتلىرى، تارماقلار ۋە ئالدى شىركەتلەرگە مۇلازىمەت قىلغۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.

خىتايلار يەنە بۇ ساھەلەردىكى تېخنولوگىيەلىرىنى، ئاساسلىقى ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سېتىۋاتىدۇ. خىتاي ئېلېكترون ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى (CEIEC) بۇ سودىلارغا مەسئۇل. كېيىن كۆرىدىغىنىمىزدەك، مىڭ يىللىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 3- ۋە 4-ئىدارىلىرى ئىستىخبارات ئۇرۇشىدا يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇپ، تور جەڭ مەيدانىغا كىرىپ، تور بوشلۇقىدا ئۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتكە ئايلاندى.

CIA ۋە BND نىڭ ياردىمى

تور ئۇرۇشىغا كىرىشتىن بۇرۇن، خىتايلارنىڭ غايەت زور تەربىيەلەش مەكتىپى بار ئىدى. ئۇلار بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنىڭ ياردىمىگە كەلگەن ئىدى. 1979-يىلى خىتايلار خۇددى ئامېرىكىلىقلارغا ئوخشاشلا، ئايەتۇللا خۇمەينىنىڭ ئىران ئىنقىلابىدىن ھەيران قالغان ئىدى. ئامېرىكىلىقلار مەشھەد Mashhad تىكى ئۆزلىرىنىڭ ئەنگلىيەلىكلەر بىلەن بىللە باشقۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەۋەرلىشىشلىرىنى تىڭشايدىغان چوڭ رادىئو ئىستانسىسىنى يوقاتتى. بۇ ئورتاق زەربىدىن كۈتۈلمىگەن «دوستانە» ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى. 1979-يىلى 4-ئايدىلا، ئامېرىكا ئىستىخبارات خىزمەتلىرى جىممى كارتېر (Jimmy Carter) دىن دىڭ شياۋپىڭ بىلەن بۇ ساھەدىكى مۇمكىن بولغان ھەمكارلىق توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشكە يېشىل چىراغ ئالدى.

ئەنگلىيە-ئامېرىكا تىڭشاش بازىسى تاقىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى باشقا جايلارغا يۆتكەلدى. مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئادمىرال ستانسفىلد تۇرنېر (Admiral Stansfield Turner)، ك گ ب جاسۇسلىرى تەرىپىدىن بايقىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ساختا بۇرۇت تاقاپ، يوشۇرۇن ھالدا بېيجىڭغا بارغان. 1979-يىلى 5-ئايدا، دىڭ ئامېرىكىلىقلارغا «چوڭ قۇلاقلار»نى ئورنىتىشقا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىستىخبارات ئورتاقلاشتۇرۇلسىمۇ پەقەت خىتاي ئىنژېنېرلارنىڭلا قۇرۇلۇشقا مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. قاتتىق تالاش-تارتىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ سۆھبەتلەر داۋاملاشتى. ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا، ئۆتكەن يىلى قىزىل خمېرلار Khmer Rouge نىڭ يېڭىلمەسلىكىنى پاجىئەلىك ھالدا جاكارلىغان، كېيىن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى كاتىپى بولغان جاسۇس ساۋ گۇيشېڭ (Cao Guisheng) كارتېرنىڭ چوقۇم قايتا سايلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتايلار بۇ مەسىلىدە ئۆز ئۈمىدلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈمۈد قىلىشتى. بېيجىڭنىڭ مەخپىي جاسۇس ھەرىكەتلىرىگە ۋە سۆھبەت پۇرسەتلىرىگە رۇخسەت قىلىدىغان كارتېر ۋە كلىنتونغا ئوخشاش دېموكراتلارنى ئاقسارايدا كۆرۈشنى ئۈمۈد قىلاتتى. ئەمما 1980-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئىلگىرىكى كىنو ئارتىسى ۋە 1950-يىللاردىكى مەككارتى (McCarthy) قوزغىغان FBI فېدېرال تەكشۈرۈش بيۇروسىنىڭ ئۇچۇر يەتكۈزگۈچىسى بولغان رونالد رېيگان (Ronald Reagan) پرېزىدېنتلىققا سايلاندى.

ئەمما دىڭ شياۋپىڭ ئۈمىدسىزلەنمىسىمۇ بولاتتى. رېيگاننىڭ 1981-يىلى 1-ئايدا ئاقسارايغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ دوستى بىل كېيسىنىڭ (Bill Casey) مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆرلىشى، ئەمەلىيەتتە خىتاي-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ جەريانىنى كۈچەيتتى: خىتايلارنىڭ بۇ ئىككى مۇھاپىزەتچى بىلەن ئورتاق بىر نىيىتى بارلىقى مەلۇم بولدى. ئىككى تەرەپ، بولۇپمۇ 1979-يىلىنىڭ ئاخىرىدا قىزىل ئارمىيە ئافغانىستانغا باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى قوزغاشنى ئۈمىد قىلاتتى. خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى گېڭ بياۋ (Geng Biao) كېلىشىمنى ئاخىرلاشتۇردى. ئون يىل ئىلگىرى، ئۇنى جۇ ئېنلەي (Zhou Enlai) خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلىگەن ئىدى. ئۇ پىشقان ئىستىخبارات مۇتەخەسسىسى ئىدى.

خىتاي دۆلىتى بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى ھەققىدىكى بىر سۆھبەتتە، دېسموند بال (Desmond Ball) ماڭا مۇنداق دېدى: «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NSA) نىڭ باشلىقى، كېيىن مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بولغان ئادمىرال بوب ئىنمان (Admiral Bob Inman)، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەڭ چەت رايونلىرىغا NSA بىلەن بىللە تىڭشاش پونكىتلىرىنى قۇرۇۋاتقان مەزگىلدە خىتاي تېخنىكلىرىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئەكەلگەنىدى». بۇ ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە، يەنى CIA بىلەن خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى مۇجاھىدلارنى قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن. تۇنجى قېتىملىق خىتاي تېخنىكلىرىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىش، بېيجىڭدىكى CIA نىڭ ئىستانسا باشلىقى، تەيۋەندىكى تايچۇڭ Taichung تىل مەكتىپىدە خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن داۋىد گرىيېس (David Gries) تەرىپىدىن ئىنتايىن مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. بۇ مەكتەپ ئەسلىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ ئاساسلىق بازىسى ئىدى.

«SAUGUS» ۋە «SAUCEPAN» دېگەن مەخپىي كودلار ئاستىدا، شىنجاڭدىكى چىتەي Qitai ۋە كورلا ئىستانسىلىرى CIA نىڭ پەن-تېخنىكا باشقارمىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، CIA ۋە NSA نىڭ سىگنال ئىستىخباراتى (SIGINT) ئىدارىسى تەرىپىدىن تېخنىكىلىق ماتېرىياللار تەمىنلەنگەن ھەمدە بىر يىللارچە خىتايلار بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇلغان. دەسلەپتە بۇ ئىستانسىلار باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى يەنى SALT-2 قورال كونترول كېلىشىمىگە رىئايە قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا راكېتا ئۇچۇرۇش ۋە ھەتتا ئارال دېڭىزى يېنىدىكى يادرو سىناقلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغانىدى. كېيىنچە، SIGINT نىڭ ۋەزىپىسى باشقا ئالاقە ئىستىخباراتى (COMINT) ۋە ئېلېكترونلۇق سىگنال ئىستىخباراتى (ELINT) ۋەزىپىلىرىگە كېڭەيتىلگەن.

1982-يىلى غەربىي گېرمانىيەنىڭ تۇنجى فېدېرال مەخپىي مۇلازىمەت ئىدارىسى (BND) ۋەكىلى رېينھارت دىترىخ (Reinhart Dietrich) بېيجىڭغا تەيىنلەنگەندىن كېيىن دەرھال باشلانغان سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە، خېلمۇت كول (Helmut Kohl) نىڭ فېدېرال مەخپىي مۇلازىمەت ئورگىنى BND دىن كەلگەن گېرمانىيەلىك تېخنىكلار بۇ ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىشقا باشلىغان. 1989-يىلى 6-ئايدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە يوشۇرۇن ئېمبارگونىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئامېرىكىلىقلار خىتاي دۆلىتىدىكى ئىستانسىلارنى باشقۇرۇشتىن چېكىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق بولغان تاشقى موڭغۇلىيەدە بىر ئىستانسا قۇرغان.

«PAMIR ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان بۇ ئوپېراتسىيەدە غەربىي گېرمانىيەلىكلەر يالغۇز قالغان بولۇپ، BND تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئەۋەتكەن. تېخىمۇ ياخشىسى، ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى ۋەزىپە تەقسىماتىنىڭ بىر قىسمى بولغان تەيۋەنلىك ئىنژېنېرلارنى تەربىيىلەش پروگراممىسى بىكار قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 2- ۋە 3-ئىدارىسىدىن كەلگەن تېخنىكلار مىيۇنخېنغا كېلىپ، BND نىڭ ئالاقە مەكتىپى ۋە غەربىي گېرمانىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇلىدىغان يېقىندىكى سۆكىڭ (Söcking) تىڭشاش ئىستانسىسىدا تەربىيىلەنگەن. شۇ چاغدا BND پەقەت خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى باش شىتابىنىڭ باشقارمىلىرى بىلەنلا مۇناسىۋەت ئورناتقان. بۇنىڭ سەۋەبى، 2-ئىدارىنىڭ باشلىقى گېنېرال شيۇڭ گۇاڭكەي (Xiong Guangkai) ئايالى شوۋ رۇيلى (Shou Ruili) بىلەن بىللە غەربىي گېرمانىيەدىكى ئەلچىخانىدا ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، گېرمانىيە ئىشلىرىدا ئالاھىدە تەجرىبىگە ئىگە ئىدى. تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، 50 گە يېقىن خىتايلىق تەتقىقاتچى تېخنىكىلىق تەربىيىلىنىش ئۈچۈن غەربىي گېرمانىيەگە كەلگەن. مەسىلە شۇكى، بۇ جاسۇسلارنىڭ بىر قىسمى بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ پۈتۈن دۆلەت بويىچە ئۆز تورلىرىنى كېڭەيتكەن ھەمدە خىتاي مۇساپىرلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئېلىش ئۈچۈن غەربىي گېرمانىيەنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنى (Bundesverfaßungsschutz) نىڭ ئۆلكىلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ تاغلىرىدا «PAMIR ھەرىكىتى» بەزىدە ھەقىقەتەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن. خىتاي ئاۋىئاتسىيەسى سوۋېت ھاۋا بوشلۇقىغا يوشۇرۇن كىرىپ ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سىناپ باققان بىر قېتىملىق ۋەزىپىلەر بولغان؛ بۇ PAMIR ئىستانسىلىرىدىكى BND تېخنىكلىرىنىڭ «دۈشمەن» ئالاقىلىرىنى خاتىرىلەپ تەھلىل قىلىشىغا يول قويغان. بۇ ھەرىكەت ياۋروپادىن تۇرۇپ باشقۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىمىغان. ئافغانىستان ئۇرۇشىغا پېتىپ قالغان قىزىل ئارمىيە پەقەت خىتاي چېگراسىنىڭ نېرىسىدىكى ئىستانسىلارغا جاسۇسلۇق ۋەزىپىلىرىنىلا ئەۋەتكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سوۋېتپەرەس پرېزىدېنت مۇھەممەد نەجىبۇللا قۇرغان تەخمىنەن 70,000 جاسۇسى بار ئافغانىستان دۆلەت بىخەتەرلىك تەشكىلاتى WAD دىن ياردەم سورىشىغا توغرا كەلگەن.

دوكتور نەجىبۇللا WAD نى تاغلاردىكى BND ئىستانسىسىغا قارشى ئاخبارات ۋە سىڭىپ كىرىش ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەشكە بۇيرۇغان. «مەن تاجىكىستاندا خىزمەت قىلغان WAD نىڭ سابىق كاپىتانى بىلەن سۆھبەتلەشتىم» دەپ چۈشەندۈردى BND نىڭ تارىخچىسى ئېرىك شىمىت-ئېنبوم (Erich Schmidt-Eenboom) بىز مىيۇنخېن يېقىنىدىكى ئۇنىڭ تەتقىقات مەركىزىدە كۆرۈشكەندە، «ئۇ ماڭا بەزى جاسۇسلارنىڭ پەخەس قىلىنماي سىرتقا تاشلاپ قويۇلغان ئەخلەت ساندۇقلىرىنى، ئۇلارنىڭ مەزمۇنى يوق قىلىنىشتىن بۇرۇن ئاختۇرۇپ، گېرمانلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئافغانىستانغا قارشى ئىشلەشتىنلا قانائەت ھاسىل قىلماستىن، يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ تېلېگراف تورىنىمۇ كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى».

غەرب دۆلەتلىرى سوۋېت تۈزۈمىگە بولغان نەپرىتى تۈپەيلىدىن كۆزى كور بولۇپ، رۇسىيە چېگرالىرىدىن ھالقىپ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا خىتاي دۆلىتى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتاتتى. مەسىلەن، ئانگولادا سوۋېتپەرەس پارتىزانلارغا قارشى، كامبودژادا مەغلۇب بولغان قىزىل خمېرلارغا قورال يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھەمكارلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بېيجىڭنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ چوڭقۇر سىڭىپ كىرىشىگە يول قويدى.

3-ئىدارىنىڭ ئاڭلاش سىستېمىلىرىنى ئېكسپورت قىلىشى

خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 3-ئىدارىسى ئۆزىنىڭ مەخپىي ئاڭلاش سىستېمىلىرىنى خىتاي بىلەن ئىتتىپاقداش بولغان باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرگە ئىكسپورت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى. بىز كۆرگەندەك، 1999-يىلى ئامېرىكىلىقلار ناتو ئارقىلىق ۋەيران قىلغان بېلگرادتىكى ئەلچىخانىسىدا بۇنداق ئۈسكۈنىلەر بار ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، 2003-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا تاجاۋۇز قىلىشى مەزگىلىدە، خىتايلارنىڭ باغداتتا رادىئو سىگنال ئاخباراتلىرىنى تىڭتىڭلاش سىستېمىسى (SIGINT) بار ئىدى، بۇ سىستېما ساددام ھۈسەيىن مەغلۇب بولغۇچە داۋاملاشتى. شۇ يىلى ئاپرېلدا شەھەر بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، دىپلوماتىك خادىملار ئىئوردانىيەگە قاچقاندا، ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە كومپيۇتېرلار ئوغرىلانغان. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سىرلىق ھالدا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىشىنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ.

خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۆز چىگرىسى ئىچىدە، خىتايلار لائوس ۋە مىيانما تۈزۈملىرى بىلەن ئەڭ ماسلاشتى. 1960-يىللاردىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان لائوستىكى خوپ خاۋ (Hop Hau) دىكى رادىئو سىگنال ئاخبارات ئىستانسىسى 1995-يىلى زامانىۋىلاشتۇرۇلۇپ كېڭەيتىلدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدا، خىتاي تېخنىكلىرى ھىندىستاننىڭ ئاندامان Andaman ئاراللىرىنىڭ 50 كىلومېتىر شىمالىدىكى گراندې كوكو (Grande Coco) ئارىلىدا بىر رادىئو سىگنال ئاخبارات ئىستانسىسى قۇردى. بۇ ئۇلارغا مىڭلىغان كېمىلەر ئۆتىدىغان مالاككا بوغۇزىنى، شۇنداقلا بېنگال قولتۇقىدىكى ھىندىستاننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۆزىتىش ئىمكانىيىتى بەردى. كۆپ ئۆتمەي، خىتايلار بېرمىدا ئالتە دېڭىز بويى ئىستانسىسى قۇردى.

ئەمما خىتايلار پەقەت چوڭ رايونلۇق كۈچلەر ۋە قوشنىلىرىنى پايلاش ئۈچۈنلا ئانتېننا قۇرۇپ قويمىدى. 1997-يىلى، ئۇلار بىرما دىكتاتورلۇقىغا رادىئو سىگنال ئاخباراتلىرىنى تىڭتىڭلاش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەنگەن ماشىنىلارنى بەردى. بىرما دىكتاتور رەھبىرى گېنېرال كىن نيۇنت (General Khin Nyunt) مەخپىي جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭمۇ باشلىقى ئىدى. خىتايلارنىڭ بۇ ياردەملىرى كىن نيۇنتقا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى چېگراسىغا جايلاشقان بىرلەشمە دۆلەت ئارمىيەسى United Wa State Army قاتارلىق ھەربىي كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت پارتىزان ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالاقىلىرىنى تىڭتىڭلاش ئىمكانىيىتى بەردى.

ساختا-ھەقىقىي ئوكيانشۇناسلىق كېمىلىرى

1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا، «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، دېڭ شياۋپىڭ قەدىمكى خىتاينىڭ «دېڭىز روھى»نى قايتا جانلاندۇرماقچى بولدى. ساياھەت ۋە سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر ئادەم ئۈچۈن بۇ ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ 1979-يىلى يې فېي(Ye Fei) نى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبىرى قىلىپ تەيىنلىگەندە، ھەممەيلەن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەزىپىنى تەجرىبىلىك دېڭىزچى بولمىغان بىرىگە تاپشۇرغانلىقىغا ھەيران قالدى. يې فېي بولدا دېڭ بىلەن بىللە ياپونىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ۋەزىپىسى ئالاقە مىنىستىرى ئىدى.

ئەمەلىيەتتە، بىر ئىش يەنە بىر ئىشنى چۈشەندۈرىدۇ. دېڭ ئالاھىدە ھالدا ئالاقە ساھەسىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلەتتى. خىتايلار 3-ئىدارىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ھەربىي رايونلار ئىدارىلىرىگە ياكى مەركىزىي دېڭىز ئارمىيەسى ئاخبارات ئىدارىسىغا (Haijun Qingbaoju) دوكلات بېرىدىغان ئۇچۇر توپلاش كېمىلىرىنى ياسىدى. بۇ چوڭ كۆلەملىك تىڭتىڭلاش كېمىلىرى تورى يەنە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى پەن-تېخنىكا بۆلۈمىگىمۇ دوكلات بېرەتتى. بۇ بۆلۈمنى بىر قانچە يىل ۋاڭ توڭيې (Wang Tongye)، كېيىن سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئوكيانشۇناسلىق ئاخبارات مۇتەخەسسىسى، شۇنداقلا COSTIND نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان گېنېرال نيې لى (General Nie Li) باشقۇردى.

بۇ گېنرال خىتاي ئۆز دادىسىغا ئوخشايتتى. ئۇ جۇ ئېنلەي (Zhou Enlai) ۋە دېڭ شياۋپىڭنىڭ كونا دوستى ھەم مۇداپىئە تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىلمىي ھامىيسى بولغان نيې روڭجېن (Nie Rongzhen) نىڭ قىزى ئىدى.

بۇ پروگرامما رۇسىيە ئۈلگىسى بويىچە ياسالغان ئون ئىككىگە يېقىن جاسۇسلۇق پاراخوتىنى قوراللاندۇرۇپ، پۈتۈن ئاسىيا رايونىغا تارقىتىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بەردى. بۇ پاراخوتلار كۆپىنچە خىتاي دۆلىتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تەۋە ئوكيان تەتقىقاتى كېمىلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ. بۇلار نەزەرىيەدە پۈتۈنلەي تىنچ خاراكتېردىكى يەر شەكلىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، شاڭخەيدە ياسالغان يۇەنۋاڭ 1 ۋە يۇەنۋاڭ 2 (Yuanwang 1, Yuanwang 2) جاسۇسلۇق پاراخوتلىرى 1980-يىلى تىنچ ئوكياندا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، قىتئەلەر ئارا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇچۇرۇشلىرىنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

1986-يىلى، خىتاي دۆلىتى كاپىتان جۇ پېڭفېي (Zhu Pengfei) قوماندانلىقىدىكى يۇەنۋاڭ 1 نى سۇغا چۈشۈرگەن. ئۇنى «ئۇزۇنلۇقى 190 مېتىر، سائىتىگە 20 دېڭىز مىلى تېزلىكتە مېڭىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئالەم كېمىسى قاتناش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئىزلىرىنى بايقاش، سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش، تەكشۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇۋېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش پاراخوتى» دەپ تەرىپلىگەن. ئەمەلىيەتتە «قاتارلىقلار» دېگەن سۆزنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن مەخپىيەتلىكلەر يوشۇرۇنغان ئىكەن!

1993-يىلى بۇ جاسۇسلۇق پاراخوتلىرىدىن بىرى شياڭگاڭ قىرغاقلىرىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە مەنبەلىرىگە ئاساسلانغاندا، GCHQ نىڭ ئاڭلاش سىستېمىسىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان. بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىدى، چۈنكى دەل شۇ مەزگىلدە ستانلى فورت (Stanley Fort) بازىسى بۇزۇلۇۋاتاتتى. كېيىنكى ئون يىل ئىچىدە، باشقا ئىككىسىدىن كېيىن ياسالغان ئۈچىنچى يۇەنۋاڭ پاراخوتى شىمالىي تەيۋەن دېڭىزلىرىدا كۆپ كۆرۈلگەن.

شياڭگاڭ، تەيۋەن ۋە خىتاي دۆلىتى كىچىك تىڭشاش پونكىتى قۇرۇۋاتقان تاقىم ئاراللىرى (Spratley Islands) بۇ ئېلېكترونلۇق ئۇچۇر توپلىغۇچىلارنىڭ كۆپ نىشانلىغان جايلىرى ئىدى. شياڭياڭ خۇڭ 09، شياڭياڭ خۇڭ 05 (Xiangyang Hong 09, Xiangyang Hong 05) سىگنال ئىستىخبارات SIGINT ۋە 1988-يىلىدىكى شياڭياڭ خۇڭ 10 (Xiangyang Hong 10) ئالاقە ئىستىخبارات COMINT قاتارلىق باشقا پاراخوتلار ۋيېتنامغا قارشى ھەرىكەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.

21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، يېڭى پاراخوتلار بىلەن كۈچەيتىلگەن بۇ دېڭىز ئەترىتى تېخىمۇ جۈرئەتلىك سەپەرلەرنى باشلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە قوشنا دۆلەتلەر تەيۋەن ۋە ياپونىيەنىڭ تېررىتورىيەلىك دېڭىزلىرىغا قىسقا مۇددەتلىك كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى سىناش قاتارلىقلار بار ئىدى.

تەپسىلىي خەرىتە ياكى تەپسىلىي ۋاقىت جەدۋىلى تۈزمەستىن، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سەير قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشى بىلەن ھەر يىلى كۈچىيىپ بارغان بۇ چىشىغا تېگىش ئۇرۇشىدا ئۈچ ئوچۇق باسقۇچ بارلىقى كۆرۈلىدۇ.

  • بىرىنچىسى، 2000-يىلى ماي-ئىيۇن ئايلىرىدا، خەيبىڭ (Haibing) پاراخوتى ياپونىيە دېڭىزىنىڭ شىمالىدا سەير قىلىپ، ئارخىپېلاگ archipelago نى ئايلىنىپ، دېڭىز قانۇنى بويىچە خالىغانچە ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىنغان سۇگارۇ (Tsugaru) بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، خونشۇ (Honshu) رايونىدىكى تىنچ ئوكيانغا كىرگەن. ياپونىيە قوغداش ئارمىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پاراخوت ھەربىي ئىستىخبارات ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان.

  • ئىككىنچىسى، 2002-يىلى ئاپرېلدا، گۇاڭجۇدىن كەلگەن شيەنياڭ 14 (Xianyang 14) تەيۋەننىڭ تېررىتورىيەلىك دېڭىزىدا چارلاش ئېلىپ بارغان.

  • ئاخىرىدا، 2004-يىلى ئىيۇلدا، ياپونىيەنىڭ P3-C ئايروپىلانى Nandiao 411 («جەنۇب ئاھاڭى» - خىتاي تىلىدىكى tiao ياكى diao نىڭ «ناخشا ئاھاڭى» ۋە «ئىستىخبارات قىلىش» دېگەن قوش مەنىسىگە ئىشارەت) دېڭىز تەتقىقاتى پاراخوتىنى ئوكىنوتورىشىما ئارىلى (Okinotorishima Island) يېنىدىكى دېڭىزلاردا بايقىغان. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ شەھىرىدە قوماندانلىق شىتابى جايلاشقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى فىلوتىلىيەسى باشقۇرىدىغان بۇ پاراخوت 2005-يىلى مايدا يەنە شۇ ئارال يېنىدا كۆرۈلگەن.

ئەمما 2000-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى بۇنداق رايونلۇق قىرغاق بويى سەير قىلىشتىن ھالقىپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تىڭتىڭلاش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشكە مۇۋەپپەق بولغان.

جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى جاسۇسلۇق كېمىلىرى

بىز بىلگىنىمىزدەك، فرانسىيە خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان نىشانى بولۇپ، خىتاي ئىستىخباراتچىلىرى فرانسىيەنىڭ دېڭىز ئارقىلىق يىراق رايونلىرى (DOM-TOM) دا پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ ئەھۋال بولۇپمۇ خىتايلار جامائىتى بار رايونلاردا، مەسىلەن لا رېئۇنيون La Réunion ۋە پولىنېزىيە Polynesia دە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇ جايلاردا تەيۋەن ۋە خىتاي دۆلىتى تەرەپدارلىرى تەسىر كۈچى ئۈچۈن رىقابەتلىشىدۇ. ئىستىخبارات ئىدارىسى DGSE خىتاي كومپارتىيە خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ مارتىنىك Martinique ۋە گۋادېلۇپې Guadeloupe نى ئافرىقا، كارىب دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بازا قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىدىن فرانسىيە تولۇق خەۋەردار.

ئەمما ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھەرىكەت پولىنېزىيە Polynesia دە يۈز بەردى. فرانسىيە مۇداپىئە ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى خىزمەتلىرى، يۇەنۋاڭ (Yuanwang) ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش تىپتىكى خىتاي كېمىلىرىنىڭ ھەربىي ئورگانلارنىڭ رۇخسىتىسىز پاپېئېتې Papeete پۇقرالار پورتىغا داۋاملىق كېلىپ تۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلغان. گەرچە بۇ كېمىلەر كوماندىر پرېزېلىن (Commander Prezelin) نىڭ «جەڭ فىلوتلىرى» (Combat Fleets) ناملىق كىتابىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، خىتايلار بۇ كېمىلەرنىڭ بېيجىڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ۋە پەقەت ئوكيان تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى جار سېلىپ تۇردى. ئەلۋەتتە دېڭىز ئارمىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ كېمىلەردىكى سۈنئىي ھەمراھ تەخسىسى ۋە ئانتېننالارنىڭ باشقا مەقسەتلەر، مەسىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇچۇرۇشلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. 1980-يىلى ماي ئېيىدىلا، شاڭخەي كېمە زاۋۇتىدا ياسالغان يۇەنۋاڭ 2 ئالەم بوشلۇقى كۆزىتىش قۇرۇلمىسى تىنچ ئوكياندا خىتاينىڭ قىتئەلەرئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ICBM سىنىقىنى كۆزەتكەنلىكى بايقالغان. ئۇنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ھەممىنى ئىسپاتلايتتى: يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان چوڭ ئايلانما سۈنئىي ھەمراھ تەخسىسى، ئوپتىكىلىق كۆزىتىش ئەسۋابلىرى، يېرىم شارسىمان گۈمبەز، ئىككى كىچىك سۈنئىي ھەمراھ تەخسىسى، لازېر كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى، يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنال يوللايدىغان قوش يۆنىلىشلىك كەڭ چاستوتىلىق رادىئو ۋە ئەڭ ئاخىرىدا تىكئۇچار قونۇش سۇپىسى.

خىتايلارنىڭ يۈەنۋاڭ 2 تىپلىق جاسۇسلۇق پاراخوتى

دائىرىلەر بۇ كېمىلەرنىڭ ئىستىخبارات توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئۇچۇرلارنى ئومۇمىي ئالاقە ئۇچۇرلىرىنى سۈزۈش، چارلاش ۋەزىپىلىرىنى قىلالايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. ھەتتا كېمە تىنچ تۇرغان ۋاقتىدىمۇ بۇ ئۈسكۈنىلەر توختىماي ئىشلەيتتى. ئۇلار يەنە 400 دېڭىزچى، ئىنژېنېر ۋە تېخنىكلار كېمىدىن چۈشۈپ خىتايلار جامائىتى ئارىسىدا ۋاقىت ئۆتكۈزگەندە، تاھىتى Tahiti غا رادىئو سىگناللىرى ئورنىتىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. بۇنداق ئارىلىشىپ كېتىش، كىمنىڭ كېمىگە قايتىپ چىققانلىقى ۋە كىمنىڭ ئارالدا يوشۇرۇن قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈشنى قىيىنلاشتۇراتتى.

مەسىلە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشتا ئىدى. 2007-يىلى 18-ماي كۈنى يۇەنۋاڭ 2 ناملىق كېمە Tahiti غا ئالتە كۈنلۈك دەم ئېلىشقا كەلگەندە، بۇ «تەتقىقات كېمىسى»نىڭ خىتاي جامائىتى ۋە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن خىتاي كونسۇلى چاڭ دوڭيۆ (Chang Dongyue) تەرىپىدىن قارشى ئېلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى. «بىر ئايلىق دېڭىز سەپىرىدىن كېيىن، بۇ توختاش مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، ئەترەت ئەزالىرىنىڭ دەم ئېلىشى ۋە كېمىگە يېقىلغۇ تولدۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. بۈگۈن ئارالنى ئايلىنىش، AS Dragon دا تەنتەربىيە كۈنى ۋە ئاندىن كېيىن دوستانە زىياپەت پىلانلاندى.»

2007-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، شاڭخەيدا يېڭىدىن ياسالغان يۇەنۋاڭ 5 كېمىسى Papeete گە كېلىپ لەڭگەر تاشلىدى. بۇ ئىستىخبارات توپلاش كېمىسى خىتاينىڭ ئالاقىلارنى تۇتۇش ۋە ئىستىخبارات ئۇرۇشى دائىرىسىدە قۇرۇۋاتقان كەڭ كۆلەملىك، توختىماي كېڭىيىۋاتقان ئېلېكترونلۇق ئاپپاراتنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

كۇبادىكى خىتاينىڭ «قۇلاقلىرى»

1961-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالبانىيە ئوتتۇرىسىدىكى نىزا سەۋەبىدىن، خىتاي خرۇشچېف Khrushchev دېڭىز ئارمىيەسى بۇزۇپ تاشلاشقا ۋە تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئالبانىيەنىڭ ۋلورې Vlorë پورتىغا توختىتىلغان ۋىسكى Whiskey-class تىپىدىكى 12 سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ تۆتىنى ئىگىلىۋالغان. تۆت يىلدىن كېيىن ئىتالىيە ئىستىخباراتى ناتوغا غەلىتە بىر مەلۇماتنى يەتكۈزدى: خىتاي باشقۇرۇشىدىكى سۇ ئاستى كېمىلىرى ئادرىئاتىك Adriatic دېڭىزىدا يەنى ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدا مانېۋىر قىلىۋاتقان ئىكەن.

قىرىق يىلدىن كېيىن، خىتايلار سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قالغان ھەربىي بازىلارنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئىگىلەشكە باشلىدى. سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن كۇبادا پۈتۈنلەي باشقىچە بىر دىپلوماتىك ئەندىزە شەكىللەندى. بۇ ئەندىزە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالدى.

روسىيە خىتاي دۆلىتى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتتە بولۇپ، كاسترو Castro نىڭ كۇباسىدىكى ئىلگىرىكى بازىلىرىنى خىتايغا سوۋغا قىلىشقا قارار قىلدى. بۇ خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتلىرى لەڭگەر تاشلىغان سىيېنفۇئېگوس (Cienfuegos) بازىسى ۋە خىتاي جاسۇسلۇق پاراخوتلىرى كۆرۈلگەن Isla de la Juventud ئارىلىدىن باشلاندى. ئەڭ چوڭ يۆتكەش 1964-يىلى ھاۋانا Havana ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان، 70 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان لۇردېس (Lourdes) تىڭشاش پونكىتى ئىدى. بۇرۇن 1500 تېخنىك خادىم ئىشلەيدىغان ۋە GRU نىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان بۇ بازا، ھازىر خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلۇۋاتىدۇ. قۇماندانلىق شتابىنىڭ باشلىقى ئاناتولى كۋاچىن (Anatoly Kvachin) م 2001-يىلى 17-ئۆكتەبىردە بۇ بازىنىڭ تاقىلىشىنى ئېلان قىلىپ، يىللىق چىقىمىنىڭ موسكۋاغا 200 مىليون دوللارغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. روس گېنېرالى: «بۇ پۇلغا يىگىرمە ھەربىي سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتەلەيتتۇق» دەپ چۈشەندۈردى.

شۇ ئارىدا، 1999-يىلى باشلىرىدا زىيارەتتە بولغان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى چى خاۋتيەن (Chi Haotian) كۇبالىقلار بىلەن لۇردېس Lourdes تىن 50 كىلومېتىر شەرقتىكى جېرۇكو (Jeruco) دا شىمالىي ئامېرىكىنىڭ پۇقرالىق ۋە ھەربىي ئالاقە-خەۋەرلىشىش ئۇچۇرلىرىنى تىڭشايدىغان ئىككىنچى بىر بازا قۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. فىدېل Fidel نىڭ ئىنىسى، «ElChino خىتاي» دەپ تەخەللۇس قويۇلغان رائۇل كاسترو (Raúl Castro)، گېنېرال ئېدۇئاردو دېلگادو رودرىگېز (Eduardo Delgado Rodríguez) باشچىلىقىدىكى بېجۇكال (Bejucal) ئىستىخبارات بازىسىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى (Guoanbu) بىلەن كۇبا ئىستىخبارات ئىدارىسى (Dirección General de Inteligencia) ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى ئاسانلاشتۇردى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن، كۇبا ئىنقىلابىغا قاتناشقان كىچىك خىتاي جامائىتىنىڭ ئەزالىرى بولغان ئۈچ خىتاي ۋە كۇبا گېنېراللىرىدىن ئارماندو چوي (Armando Choy)، گۇستاۋو چۇي (Gustavo Chui) ۋە كۇبا-خىتاي دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مويسېس سىيو ۋوڭ (Moisés Sío Wong) لار ئالاھىدە ماختالدى.

1990-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ خىتاي دۆلىتى بىلەن سىگنال ئىستىخباراتى (SIGINT) ئىتتىپاقىنى بۇزۇشى بەلكىم بىر خاتالىق بولۇشى مۇمكىن. 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق ئىدى. مەن خىتايلارنىڭ ھەر دائىم ئىككى تەرەپنى تەڭ تۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقىغا قايتا-قايتا گۇۋاھ بولدۇم. ئۇلار دەسلەپتە ئامېرىكا، ئاندىن غەربىي گېرمانىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆزەتتى. ئەمدى ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى تەمىنلىگەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، ئامېرىكىدىن ئۆگەنگەن ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئامېرىكىنى كۆزىتىۋاتاتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر جەڭ مەيدانى ۋيېتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ھەربىيسى ئىجاد قىلغان ئىنتېرنېت تۈپەيلىدىن كۈچىيىۋاتقان سانلىق مەلۇمات ئۇرۇشى يېڭىدىن شەكىللىنىۋاتاتتى.

خىتايچە ئىنتېرنېت

1993-يىلىغا كەلگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۈچ بولىدىغان ئۇچۇر ئۇل مۇئەسسەسەلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پىلانلىدى. باش مىنىستىر جۇ روڭجى (Zhu Rongji) «ئالتۇن» تۈرلەرنى يولغا قويدى:

  • ئالتۇن كۆۋرۈك. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ۋە ئۇنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى كومپيۇتېرلاشتۇرۇش پىلانى
  • ئالتۇن كارتا. 300 مىليون خىتاي پۇقراسى ئۈچۈن كرېدىت كارتىسى شەكلىدىكى تۆلەم ۋاسىتىسى
  • تاشقى سودىنى ئاددىيلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ئالتۇن تاموژنا تۈرلىرى

بۇ تۈرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دۆلەت مەجلىسىنىڭ يەنە ئۈچ تۈرنى ئېلان قىلىشىغا تۈرتكە بولدى: ھۆكۈمەت تورى، سودا تورى ۋە ئائىلە تورى. مەسىلە شۇكى، بۇ تورلار ئىنتېرنېتتا نەزەرىيەۋىي جەھەتتە مەۋجۇت بولۇپ، پۇقرالارنىڭ پائالىيەتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ پىكىر-خىياللىرىنىمۇ كونترول قىلماقچى بولغان مۇستەبىت دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىنىشى پىلانلانغان ئىدى.

دۇنيا كەڭ تاراتما تورى WWWنىڭ تەرتىپسىزلىكىدىن ئەنسىرىگەن جياڭ زېمىن 1995-يىلى سودا-تىجارەتنى تىزگىنلەش ئۈچۈن مەركىزىي تەشكىلات قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرلىقى ChinaNet ناملىق تىجارەت تورىنى قۇردى. كېيىنكى يىلى دۆلەتكە تەۋە تۆت تور مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى دۇنياۋى تور مۇلازىمىتى بېرىشكە باشلىدى:

خىتاي تور ئۇلىنىش قۇرۇلمىسى

  • ChinaNet. خىتاي تېلېكوم ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ.
  • ChinaGBN. ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىدىغان سانائەت ۋە ئېلېكتر مىنىستىرلىقىغا قارايدۇ.
  • CERNET. دۆلەت مائارىپ كومىتېتىغا قارايدۇ.
  • CSTNet (ئىلگىرى CASnet دەپ ئاتالغان).خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تورى.

ئاخىرقى ئىككىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلانغان. شۇ مەزگىلدە، CBnet نىڭ دېرىكتورى جاڭ پىڭ Zhang Ping خىتاي تىجارەت ئۇچۇر تورى (China Business Information Network) غا ئابۇنە بولۇش مۇلازىمىتىنى باشلىدى. بۇ تور خىتاي كۈندىلىك گېزىتى (China Daily) نىڭ ئارخىپى ۋە ئىنتېرنېت ئۇلىنىشىنى تەمىنلىگەن.

تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارغا كىرمەي تۇرۇپ، شۇنى تىلغا ئېلىش كېرەككى، 1998-يىلىغا كەلگەندىلا خىتاي تېلگرافى مونوپوللۇقى سىرتىدىكى شەخسىي تورلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن تەھدىت دەپ قارالغان. يۈنىكوم (Unicom) ۋە خىتاي نېتكوم (China Netcom) قاتارلىق پاراللېل تورلارغا رۇخسەت قىلىنغان. توردىن كېلىدىغان «دېموكراتىيە خەتىرى»گە قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى (مەيلى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى، خىتاي كومپارتىيەسى ياكى ئاخبارات خىزمىتى بولسۇن ئوخشاشلا) ئىنتېرنېتتىن كېلىدىغان پايدىنى كۆرۈپ يەتكەن. 2000-يىلى تەشۋىقات ساھەسى ئىنتېرنېت تەشۋىقات ئىدارىسى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى ناھايىتى مۇكەممەل تور بېكەتلەرنى قۇرغان. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى ۋە گۇئەنبۇ (Guoanbu) نىڭ 8-ئىدارىسىغا قاراشلىق تەتقىقات ئورگىنى بولغان خىتاي زامانىۋى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى (CICIR) مۇ ئۆز تور بېكىتىنى قۇرغان. تەبىئىيكى، ساقچىلارنى باشقۇرىدىغان گوڭئەنبۇ (Gonganbu) مۇ رايونلۇق پەرقلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە پۇقرالارنىڭ بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشىغا يول قويىدىغان ئۆز تور بېكىتىنى قۇرغان. بۇ بارلىق تور بېكەتلەردە، خەنزۇچە بەتلەر ئىنگلىزچە بەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ئۇچۇر بار. بەزى كۈلكىلىك زىددىيەتلەرنىمۇ بايقىغىلى بولىدۇ: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى تور بېكىتىدىكى ئاخبارات تارىخى ۋە پارتىيە مەخپىي ئورگىنىنىڭ سابىق باشلىقى لى كېنوڭ (Li Kenong)غا بېغىشلانغان بەتلەر تەرجىمىدە كۆپ قىسقارتىۋېتىلگەن.

ئەمەلدارلار ۋە تەتقىقاتچىلارغا پايدىلىق ئەمما پۇقرالار ۋە ئەڭ مۇھىمى چەتئەللىكلەرگە چەكلەنگەن ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئوچۇق ئىنتېرنېتقا پاراللېل بولغان دۆلەت ئىچكى تورى قۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا چىققان. 1996-يىلىلا خىتاي ئىنتېرنېت شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان، يېپىق سىستېمىلىق خىتاي كەڭ تورى ئۈچۈن مەۋھۇم سەددىچىن سېپىلى virtual Great Wall نى قۇرۇش پىكرى ئۈستىدە ئىشلەۋاتاتتى.

چەتئەلدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بولغان گۇئەنبۇ (Guoanbu) ئەلۋەتتە رەقەملىك بىخەتەرلىك ساھەسىدە پائال رول ئوينىغان. 2001-يىلى 6-ئايدا، ئۇنىڭ يېتەكچى ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى خې دېچۈەن (He Dequan) باش مىنىستىر جۇ روڭجىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىشلار مەھكىمىسى ئەزالىرىغا بۇ ھەقتە ئالاھىدە دوكلات بەرگەن. دوكلات ئاخىرىدا جۇ روڭجى: «ھۆكۈمەت رەقەملىك سانائەتنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئاخبارات بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ» دەپ چۈشەندۈرگەن.

ئەمەلىيەتتە، تېخنىكىلىق تەرەققىيات جەھەتتىن، خىتاي دۆلىتى 1998-يىلىلا ئومۇمىي ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوپتىك-تالا fibre-optic ئالاقە پروگراممىسىنى باشلىغان بولۇپ، بۇ سوقۇنۇپ كىرىش ھەرىكەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك دەپ قارالغان. مەسىلەن، بېيجىڭ ھەربىي رايونى كەڭ كۆلەملىك ئوپتىك-تالا «ھەربىي ئۇچۇر تېز يولى» نى ئىشلىتىدۇ. بۇ پاين گەپ (Pine Gap) غا ئوخشاش ئىستانسىلارنىڭ تىڭشاش پائالىيەتلىرىنى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس قىلىۋەتكەن.

ئېلېكترونلۇق جەڭچىلەر قوشۇنى

خىتاي دۆلىتى قاتتىق نازارەت قىلىنىدىغان «ئىنتېرنېت» تورىدا بۇزغىلى بولمايدىغان مەخپىيلەشتۈرۈش ۋە بايقىغىلى بولمايدىغان ئۇچۇر يوللاش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرالىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ جاسۇسلۇق ئورگانلىرى چەت ئەللەردىكى تور بېكەتلەر ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىغا بۆسۈپ كىرىش، خاكلاش، ئەخلەت خەت بومباردىمان قىلىش ۋە ۋىرۇس يۇقتۇرۇش قاتارلىق دۇنياۋى ئېلىكترونلۇق كۈرەشلەرگە قاتنىشىپ كەلمەكتە.

2007-يىلى 28-ئاۋغۇست گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنى بېيجىڭغا قارشى ئالغان خىتاي دۆلىتىنىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ، يېقىنقى ئايلاردا خاككېرلارنىڭ گېرمانىيە زۇڭلى مەھكىمىسى ۋە بىر قانچە مىنىستىرلىقنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. غەربكە قارىتا ئىسلاھاتچى ۋە ياراشتۇرغۇچى روھى بىلەن تونۇلغان ۋېن جياباۋ، سالاپىتىنى ساقلاشقا تىرىشقان بولسىمۇ، مۇنداق بىر رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ كۈنى نەشر قىلىنغان Der Spiegel ژۇرنىلىنىڭ ئالاھىدە سانىدا، پۈتۈن مۇقاۋىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ گېرمانىيەگە قارشى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ھۆججەتلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ترويا ياغاچئېتى پروگراممىسى ئارقىلىق كومپيۇتېرلارنى خاكلىغانلىقى ئېيتىلغان. Der Spiegel دە خىتايلارنىڭ Windows PowerPoint قىسقۇچى ئارقىلىق جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتالى يوللاۋاتقانلىقى پاش قىلىنغان. بۇ پەقەت مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن قىسىمى خالاس. سوت، ساقچى ئورگانلىرى ۋە ئارمىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان خۇسۇسىي شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئالدىنقى سەككىز يىلدىن بۇيان خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئېلېكترونلۇق جەڭچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

مېركېل شەرقىي گېرمانىيەدە چوڭ بولغان ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىستىخبارات باشلىقى لو گەن (Luo Gan) گە ئوخشاشلا لېيپزىگ كارل ماركس ئۇنىۋېرسىتېتى Karl Marx University in Leipzig دا ئوقۇغان. كوممۇنىستىك سىستېمىنىڭ قوش تىللىق سىستېمىسىنى چۈشىنەتتى. ئۇ 2007-يىلى سېنتەبىردا بېيجىڭ رەھبەرلىكىگە بۇ نۇقتىنى تېزلا كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا خىتاي دۆلىتى بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ماقۇل بولدى. شۇ ئارىدا ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە ئىتالىيە ئىستىخبارات خادىملىرىمۇ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى مىنىستىرلىقلارنىڭ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ نىشانىغا ئايلانغانلىقىنى دەۋا قىلدى. ئامېرىكا خىتايلارنىڭ پېنتاگون (بەشبۇرجەكلىك بىنا)غا قارىتا بىر قانچە قېتىم بۆسۈپ كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. 1999-يىلى باشلىرىدا، بىر ترويا ياغاچئېتى ۋىرۇسى PICTURE.EXE ياكى MANAGER.EXE شەكلىدە دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىپ، ئاساسلىقى AOL نىڭ ئابۇنىلار كومپيۇتېر سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بۇلاپ-تالاپ ئالغان سانلىق مەلۇماتلار بىلەن خىتاي دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن. ئاسىيادىمۇ ياپونىيە، تەيۋەن، جەنۇبىي كورېيە ۋە ھىندىستاندىكى بىر قانچە ئىستىخبارات ئورگىنى بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

بەلكىم بىرلەشمە ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ بىئارام قىلىدىغان مىساللىرى مەن 2005-يىلى توكيودىكى Sapio ژۇرنىلىغا يازغان ياپونىيەگە قارىتىلغان ھۇجۇملار بولۇشى مۇمكىن. تۇنجى خىتاي تور ھۇجۇمى دولقۇنى 2005-يىلى 15-ئاپرېلدا يۈز بەرگەن بولۇپ، Mitsubishi ۋە Sony نىڭ خىتاي دۆلىتىدىكى شۆبە شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. باشقا شىركەتلەر ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆز ئەھۋاللىرىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، پەقەت بۇ خىلدىكى كومپيۇتېر ھۇجۇملىرىغا كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە مۇداپىئە تېمى ئارقىلىق قوغدالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى ئەتىگەندە، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە كۇماموتو Kumamoto ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى خىزمەتكە كەلگەندە، ئۆزلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىگە ياپونىيەگە قارشى ئۇچۇرلار ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ قىزىل بايرىقىنىڭ كىرگۈزۈلۈپ قويۇلغانلىقىنى بايقىغان. تېخىمۇ ئېغىر بولغىنى، ئۆتكەن يازدا ئوخشاش ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى Gaimusho ۋە ياپونىيە مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى بايقالغان. بۇ قېتىمقى ھۇجۇملارغا ئەخلەت خەت بومباردىمانى، ۋىرۇس ۋە ترويا ياغاچئېتى ۋىرۇسلىرىنى ئەۋەتىش قاتارلىقلار كىرىدىغان بولۇپ، بۇلار ياپون دەرسلىكلىرىدىكى خىتاي-ياپون ئۇرۇشىنى چۈشەندۈرۈشكە غەزەپلەنگەن خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھوجۇمىغا ئوخشايتتى.

ساقچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىسى «قايتما بازا rebound bases» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ مەنبەسىنى، كانادادىكى ۋانكۇۋېر ۋە تورونتو قاتارلىق خىتايلار كۆپ ياشايدىغان رايونلاردىكى تور ئادرېسلىرىغا باغلاپ قويغان. بۇنداق بولغاندا ھوجۇمنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاشنى پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمايدىغان ھالەتكە كېپ قالاتتى.

بۇ ھۇجۇملارنىڭ سىياسىي تەبىئىتى ياپونلارغا تونۇشلۇق ئىدى. 2000-يىلى يانۋاردا سىياسەتچىلەرنىڭ ياپون ئىمپېراتورلۇق ئارمىيەسى تەرىپىدىن 1937-يىلى نەنجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان ۋە 150 مىڭ (خىتايلارنىڭ ئېيتىشىچە 300 مىڭ) كىشى ئۆلتۈرۈلگەن قىرغىنچىلىقنىڭ رېئاللىقىنى ئىنكار قىلغان باياناتىدىن كېيىن، بىر قانچە مىنىستىرلىققا ھۇجۇم قىلىنغان. ھەر قېتىملىق ھۇجۇمدا، سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئۆچۈرۈش سىستېمىسى خىتاي دۆلىتىدىن كەلگەن، ئاندىن چەت ئەللەردىكى ئىنتېرنېت مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىلەر ئارقىلىق قايتا يوللانغان.

ئۇشبۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كەينىدىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئېلېكترونلۇق جەڭچىلىرى 1999-يىلى ھۇجۇمنى باشلىغان. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەلىپى بويىچە كومپيۇتېر ئۇرۇشىغا ئىختىساسلاشقان ئالتە خىزمەت ئورنىدىن تەشكىل تاپقان ۋەزىپە گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. بۇلار:

  • گېنېرال لو يۇدوڭ (Luo Yudong) باشچىلىقىدىكى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى 2- ئىدارىسى
  • گېنېرال شۈ شياۋيەن (Xu Xiaoyan) باشچىلىقىدىكى ئالاقە بۆلۈمى (Tongxin Bu)
  • چيۇ رۇلىن (Qiu Rulin) باشچىلىقىدىكى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى 3-ئىدارىسى
  • مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تېخنىكىلىق ئىستىخبارات بۆلۈمى
  • ھەربىي پەن ئىنستىتۇتىنىڭ «553-بۆلۈم» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە تېخنىكا بۆلۈمى
  • ئالاقىغا مەسئۇل گوئەنبۇ (Guoanbu) نىڭ 10- ۋە 13-ئىدارىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

ۋەزىپە گۇرۇپپىسىغا ئېلېكترونلۇق ئۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نەزەرىيەچىلىرىدىن بىرى بولغان COSTINDنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شيې گۇاڭ (XieGuang) باشچىلىق قىلغان.

تەربىيەلەنگەن تېخنىكلارغىمۇ ئېھتىياج بار ئىدى. گېنېرال سى لەييى (Si Laiyi) غا خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنى قۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئۇچۇر ئۇرۇشى (Xinxi Zhanzheng) ساھەسىدە كادىرلارنى تەربىيەلەش ئۈچۈن نۇرغۇن ئالاقە تەتقىقات ئورگانلىرى بىرلەشتۈرۈلگەن. بۇ تەربىيەلەش جەريانىدا چياۋ لياڭ (Qiao Liang) ۋە ۋاڭ شياڭسۈي (Wang Xiangsui)نىڭ «چەكلىمىسىز ئۇرۇش- Unrestricted Warfare» كىتابى، ھەمدە فرانسىيەلىك مۇخبىر جېن گۇيسنېل (Jean Guisnel) نىڭ 2000-يىلى خىتايچە نەشر قىلىنغان «تور بوشلۇقىدىكى ئۇرۇشلار - Wars in Cyberspace» قاتارلىق كىتابلارنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ۋە نەزەرىيەۋى تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغان.

ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە تېخنىكلار ئىچكى ئۇرۇش مەشىقلىرىگە قاتنىشىش ۋە 2007-يىلى ياپونىيە ۋە گېرمانىيە مەمۇرىي مەھكىمىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغاندەك رېئال ھۇجۇملارغا قاتناشتى. ئەمما شۇ مەزگىلدە، ئۇلار خىتاي دۆلىتىگە قارشى پائال كۈرەش قىلىۋاتقان يەنە بىر كۆرۈنمەس قوشۇن خوڭكوڭ سېرىقچاچلار (Hong Kong Blondes)غا دۇچ كەلدى.

خوڭكوڭ سېرىقچاچلار

سېرىقچاچ ۋوڭ (Blondie Wong) نىڭ پۈتۈن ھاياتى زوراۋانلىق بىلەن بەلگىلەنگەن. بالىلىق چاغلىرىدا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئۇ دادىسىنىڭ قىزىل قوغدىغۇچىلار قولىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگە شاھىد بولغان. 1989-يىلى ياۋروپادا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا، تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنى تېلېۋىزوردا كۆرگەن. ئۇ جۇڭنەنخەيدىكى ئاقسۆڭەكلەرگە قاراتقان ئۆچمەنلىكىنى باسالمىغان، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. 1999-يىلى يازدا، دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ (Guoanbu) «تازىلىغۇچىلار» گۇرۇپپىسى ئۇنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن فرانسىيەنىڭ Brittany رايونىدىكى سېنت-نازايرې Saint-Nazaire غا ئەۋەتىلگەن.

بۇ ئالاھىدە سۈرگۈندىكى كىشى «خوڭكوڭ سېرىقچاچلار»نىڭ ئاساسلىق شەخسلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىلىرىغا ۋىرۇس ھۇجۇمى قىلىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك تور قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر ئىدى. بلوندى ۋوڭنىڭ بەختىگە يارىشا، «تازىلىغۇچىلار» ئۇنى يوقىتىشقا ئاتلانغاندا «ئۇ ئاللىقاچان فرانسىيەنىڭ غەربىدىن كېتىپ بولغان» ئىدى. بەلكىم ئۇ يەردىن كەتمىگەن بولىشىمۇ مۇمكىن بولۇپ، ئۇ خاتا ئۇچۇر ۋە ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىشنىڭ ئۇستىسى ئىدى. ئۇ بەلكىم كانادادا قوراللىق مۇھاپىزەت ئاستىدا تۇرۇش ئۈچۈن كېتىشكە ئاگاھلاندۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن.

خوڭكوڭ سېرىقچاچلار بىر گۇرۇپپا مۇتەئەسسىپ توربۇزغۇنچىلار بولۇپ، ئۇلار بىر كومپيۇتېر بىلەنلا پۈتۈن بىر دۆلەت خەلقىنى كونترول قىلىشقا لايىھەلەنگەن زور سىستېمىنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىدى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ تور جەڭچىلىرىنىڭ زور قوشۇنى ئۈچۈن ئەمدى ئەھۋال تەتۈر بولۇپ قالغان ئىدى. 1989-يىلدىن باشلاپ، سېرىقچاچلار ھۆكۈمەت تورلىرىغا قىلىۋاتقان داۋاملىق ھۇجۇملىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىنتېرنېتتا ھەر خىل ھېكايىلەرنى تارقاتقان. خىتاي مەخسۇس مۇلازىمەت ئىدارىسى خوڭكوڭ ساقچى ئىدارىسىنى كونترول قىلىۋالغان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرغان. توربۇزغۇنچىلار كىشىلىك ھوقۇق نامىدا كوممۇنىستىك رايونلاردا تەھدىت قىلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن 50 كىشى بولۇپ، خىتاي دۆلىتى ئىچى-سىرتىدىكى كومپيۇتېر ئىنژېنېرلىرى، جۈملىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ھوقۇقدارلار بولۇپ، ئۇلار تيەنئەنمېن مەيدانىدا قەتلىئام قىلىنغان دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا قەسەم قىلغان.

ئۇلارنىڭ ستراتېگىيەسىنىڭ كۈچلۈك تەرەپلىرىدىن بىرى شۇكى: جۇڭنەنخەي ۋە بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى ئۆز سىستېمىلىرىنىڭ ئىچكى تەرەپتىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشەنمەيتتى. 1990-يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىلىقلار تەرىپىدىن خىتاي دۆلىتىدىن قاچۇرۇپ چىقىرىلغان فاڭ لىجىغا (Fang Lizhi) ئوخشاش، بلوندى ۋوڭمۇ بىر ئاسترونومىيە ئالىمى بولۇپ، دېڭ شياۋپىڭ ۋە كېيىنچە جياڭ زېمىننىڭ تەلىپى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان نۇرغۇن ئىلمىي پروگراممىلاردىن خەۋەردار ئىدى.

گوئەنبۇ (Guoanbu) خادىملىرى ۋانكوۋېر ۋە تورونتوغا ئۇچۇپ بېرىپ ئىز قوغلاشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار يەنە ۋوڭنىڭ گۇرۇپپىدىكى بىر ئايال ئەزا لېمون لى (Lemon Li) بىلەن بىللە ئاللىقاچان كېتىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. لېمون لى بۇرۇن تۈرمىگە قامالغان ۋە كېيىن پارىژدا سۈرگۈندە ياشىغانىدى. ئەمەلىيەتتە (Saint-Nazaire)گە ئورۇنلاشقىنى ۋوڭ ئەمەس، دەل مۇشۇ ئايال ئىدى. ئۇلار ھىندىستانغا قاراپ يول ئالغانىدى. بېيجىڭدا ماڭا بىر تېلېگراف ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئۇرۇش مۇتەخەسسىسى (خوڭكوڭ سېرىقچاچلىقلارنى ئانچە ياقتۇرمايدىغان) مۇنداق دېدى: «بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. ئۇلار چوقۇم ھىندىستان مەخپىي ئورگانلىرىنىڭ ھىمايىسىدە بولغان. ھىندىستان بۇ ساھەدە بىزدىن كۆپ ئىلغار ئىدى. ئۇلارنىڭ مەخپىي ئورگىنى RAW ۋە ھىندىستان ئارمىيىسى بولسا خىتاي دۆلىتىگە قارشى بۇ ئۇرۇش ئويۇنلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ئولتۇردى».

خوڭكوڭ سېرىقچاچلىقلارنىڭ «Yellow Pages» دەپ ئاتالغان تارماق تەشكىلاتى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالاقە ئۇل مۇئەسسەسەلىرىگە ۋە بېيجىڭنىڭ تور بۇزغۇنچىلىرىغا قارشى قوغدىنىشنى كۈچەيتىش ھەم ئىنتېرنېتنى خەلقنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىۋاتقان كۆپ دۆلەتلىك شىركەتلەرگە قارشى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى. بۇ سىرلىق گۇرۇپپىدىكى بىردىنبىر ھەقىقىي سېرىق چاچلىق كىشى ترەيسى كىنچېن (Tracey Kinchen) ئىسىملىك بىر ئايال بولۇپ، ئۇ MI5 نىڭ سابىق تېخنىك خادىمى ئىدى ۋە سېرىقچاچلىقلار بىلەن Yellow Pages گە ياردەم بېرىۋاتاتتى. بۇ يەردىكى مەزمۇن شۇكى، MI5 مۇ بۇ ئويۇنغا ئارىلاشقان بولۇپ، گۇرۇپپىنىڭ سان جەھەتتە ئۈستۈن بولغان قوشۇنغا قارشى ئاجىز نۇقتىلارغا زەربە بېرىش ئارقىلىق كىچىك كۆلەملىك ئېلېكتىرونلۇق پارتىزانلىق ھۇجۇملىرىنى قوزغىشىغا ياردەم بېرىۋاتاتتى. كىنچېن خوڭكوڭدا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك بىخەتەرلىك مۇلازىمەتلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، ئەمما ئۇنى تاپالمىدى. بەزى تەكشۈرگۈچىلەر ھەتتا سېرىقچاچلىقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىلىق مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بانكوكقا كۆچۈپ كەتكەن.

سېرىقچاچلىقلار دەسلەپتە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى رەھبەرلىرى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ ھەربىي-سانائەت گۇرۇھىغا تەۋە ھەرخىل تەشكىلاتلارغا شەخسىيلەشتۈرۈلگەن ئېلېكتىرونلۇق خەتلەرنى ئەۋەتىش پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. بۇ ئانچە ئېغىر ئىش بولمىسىمۇ، ھەربىي بىخەتەرلىكنى ئاگاھلاندۇرۇشقا يېتەرلىك بولدى. ئەمما ئۇلار بۇنچىۋالا كۆپ ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسلىرى ۋە ئىچكى تور پوچتا ساندۇقلىرىنىڭ قانداق قىلىپ بۇ گۇرۇپپىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرەلمىدى. ئاندىن سېرىقچاچلىقلار تېخىمۇ ئەقىللىق ئۇسۇل بىلەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخپىي كودلارنى چۈشۈردى. بۇ جەرياندا، ئۇلار سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق نىشانلىق ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى، ئاندىن خۇددى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق جەڭچىلىرى باشقا تور بەتلەرگە قىلغىنىدەك، خاتا ئۇچۇر تارقىتىش پائالىيەتلىرىنى قوزغاپ، تور بەتلەرنى توڭلىتىۋېتىش ئۈچۈن بومباردىمان قىلىپ، تور بەتلىرىگە «مۇلازىمەت رەت قىلىندى» دېگەن ئۇچۇرلارنى چىقىرىپ قويدى.

بۈگۈنكى كۈندە ھەر قانداق سانائەتلەشكەن دۆلەتنىڭ ئارمىيىسى ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، شۇنداقلا چوڭ شەخسىي شىركەتلەر بۇنداق ھۇجۇملارغا كۆنۈپ كەتتى. ئەمما شۇ چاغدا (يەنى ئاسىيادا 1995-يىلى ئەتراپىدا باشلانغان ئىنتېرنېت دەۋرىنىڭ تاڭ سەھىرىدە) خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 3-ئىدارىسى تەجرىبىخانىلىرى كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىۋاتاتتى. ھەتتا سېرىقچاچلىقلارنىڭ خىتاي كومپيۇتېرلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرىنى چىقىرىپ قويىدىغان كودلارنى ئورنىتالايدىغانلىقى ھەققىدىمۇ سۆزلەر تارقالدى. لو يىك كى (Lo Yik Kee) نىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1999-يىلى شىياڭگاڭدىن 228 قېتىم ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇم قوزغالغان. لو يىك كى 2000-يىلى بېشىدا قۇرۇلغان شىياڭگاڭ ساقچى ئىدارىسىنىڭ سودا جىنايەتلىرى بۆلۈمىگە قاراشلىق يېڭى كومپيۇتېر جىنايەتلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قارشى ھۇجۇملار قوزغالغان ئىنتېرنېت مەركەزلىرىنى ئېنىقلاش ئىدى. بامبۇك پەردىسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاشكارىلاشتا ھېچقاچان ئاجىز قالمايدىغان خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى (Gonganbu) ئۆز نۆۋىتىدە 72000 قېتىملىق ھۇجۇمنى پاش قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە 200 قېتىملىقى نىشانغا يەتكەنىدى.

شۇ ئارىدا MI5 خادىمى تىرەيسى كىنچېننىڭ بانكوكتا ياشاۋاتقانلىقى بىر مۇخبىر تەرىپىدىن بايقالغان بولسىمۇ، ئۇ خاتىرجەم ھالدا: «بلوندى ۋوڭ (Blondie Wong) ۋە شىياڭگاڭ سېرىقچاچلىقلىرى ھېچكىمگە زىيان يەتكۈزۈشنى خالىمايدۇ. ئۇلار گاندى (Gandhi) ۋە مارتىن لۇتېر كىڭ (Martin Luther King) نىڭ زوراۋانلىق ئىشلەتمەسلىك دۇنيا قارىشىغا ئەگىشىدۇ» دېدى.

كىنچېننىڭ بۇ ئىنكار قىلىشلىرىغا قارىماي، خىتايلار بۇنىڭ 1998-يىلىدىن باشلانغان كەڭ كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلاتتى. چۈنكى شۇ يىلى ئۇلارنىڭ بىر ئالاقە سۈنئىي ھەمراھى خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانىدى. تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 1999-يىلى كۈزدە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى خاككېرلارغا قارشى ئۇرۇش مەشىقى ئۆتكۈزدى. سىنارىيەدە خاككېرلار خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تور بېكەتلىرىگە كىرىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنى بۇلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي، چېن جىلى (Chen Zhili، مائارىپ مىنىستىرى ۋە جياڭ زېمىننىڭ شاڭخەيلىق ئاشنىسى) نىڭ باشچىلىقىدا، Guoanbu، Gonganbu ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرى شېنجېن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مەنبەلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، چەت ئەللەردىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقلىرىنى كۆزىتىش ۋە فىلتىرلاش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە باشلىدى.

ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى نازارەت قىلىش

خىتاي دۆلىتىنىڭ مەخپىي مۇلازىمەت ئورگانلىرى سىرتقى تورلارغا كۆپ قېتىملاپ سىڭىپ كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تورخانىلارغا بېرىشنى بارغانسېرى ئازايتىۋاتقان ياش ئەۋلادتىن باشلاپ، پۈتۈن خەلقنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

1995-يىلى ئىنتېرنېت شەرقىي ئاسىيادا تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان مەزگىللەردە، چەتئەللىك خىزمەتداشلىرى بىلەن ئالاقىنى ساقلىماقچى بولغان پەقەت بىر قانچە مىڭ ئاكادېمىك بار ئىدى. ئۇلار چوقۇم پوچتا-تېلېگراف مىنىستىرلىقىغا تىزىملىتىشى كېرەك ئىدى. بۇ مىنىستىرلىق خىتاي دۆلىتى بىلەن دۇنيا تورى ئوتتۇرىسىدىكى China-Pack ئۇلىنىشىنى كونترول قىلاتتى. دەسلەپتە نازارەت قىلىش ھوقۇقى دۆلەت كېڭىشىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسىغا بېرىلگەن بولۇپ، بۇ ئىشخانىغا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تەشۋىقات مۇتەخەسسىسى ۋە خەلقئارالىق مۇھەررىرى زېڭ جيەنخۇي (Zeng Jianhui) باشچىلىق قىلغان. سىنگاپورنىڭ ئىنتېرنېت كونترول قىلىش ئۇسۇللىرىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، 1996-يىلى زېڭنىڭ ئورنىغا ئەنگلىيەدىكى سابىق ئەلچى، ھازىرقى ئاخبارات مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما يۈجېن (Ma Yuzhen) تەيىنلەنگەن.

ئون يىلدىن كېيىن، ناھايىتى ئىلغار نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلغان. مەسىلەن، لاساسا جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى (Gonganju) قارمىقىدىكى جامائەت ئاخبارات ئىدارىسى (PIB) بارلىق ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنى نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. تىبەتنىڭ كومپيۇتېر نازارەت قىلىش تېخنىكىسىنىڭ سىناق مەيدانى قىلىنىشى، بۇ ئۇسۇللارنى خىتاي دۆلىتىنىڭ باشقا جايلىرىغا كېڭەيتىشتىن بۇرۇن قوللىنىلغانلىقى تاسادىپىي ئەمەس. 2004-يىلىنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، لاساسادىكى خىتاي ۋە تىبەتلىك ئاھالىلەر تورخانىلاردا تورغا چىقىش ئۈچۈن مەخپىي نومۇرى بار تىزىملىتىش نومۇرى ئېلىشى كېرەك ئىدى. ئىشلەتكۈچىلەر كىملىك كارتىسى جەدۋېلىنى تولدۇرۇش شەرتى ئاستىدا ئەرزان باھادا «يول باشلاش خەرىتىسى» سېتىۋالالايتتى.

بۇ كىملىك كارتىلىرىنى نوربۇ دوندرۇب (Norbu Dondrub) باشقۇرغان جامائەت ئاخبارات ئىدارىسى تارقاتقان. جامائەت ئاخبارات ئىدارىسى يەنە تورخانىلارغا رۇخسەت بېرىش مەسئۇلىيىتىنىمۇ ئۈستىگە ئالغان. بۇ مۇلازىمەتنىڭ ئاشكارا نىشانى «ئىنتېرنېت جىنايىتىگە قارشى كۈرەش قىلىش» بولسىمۇ، ئۇنىڭ قېرىنداش ئورگىنى، يەنى ھىندىستانغا قارشى قارشىلىق ئىستىخبارات ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گوئەنبۇ Guoanbu نىڭ لاسا ئىشخانىسى، تىبەت قارشىلىق كۆرسىتىش تورلىرى بىلەن دارامسالا Dharamsala دىكى دالاي لامانىڭ تەتقىقات ۋە ئانالىز مەركىزى ئوتتۇرىسىدا ئالماشتۇرۇلۇشى مۇمكىن بولغان شىفىرلانغان ئېلېكترونلۇق خەتلەرنى نازارەت قىلىشنىمۇ پىلانلىغان.

بۇ نازارەت قىلىش سىستېمىسى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ چىقتى، چۈنكى ئۇ كومپيۇتېر سىستېمىسىنىڭ تىزىملىتىلىشىنى ئەمەس، بەلكى ئىشلەتكۈچىنىڭ شەخسەن ئۆزى تىزىملىتىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئىنتېرنېتتىكى بۇ مەۋھۇم سەددىچىن سېپىلىنىڭ كەينىدىكى بۇ باستۇرۇش سىستېمىسى شۇنچە مەخپىي ۋە راۋان ئېلىپ بېرىلدىكى، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن سودا-سېتىق پۇرسىتى ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييار تۇرغان ھەرقانداق تاشقى سىستېمىلارنىڭ خام خىيال بىلەن سۇنغان ياردىمىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتى يارىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى كۆپ كىشىلەر كۆز تىككەن خىتاي بازىرىغا كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىش بەدىلىگە قىلىنغان ئىدى.

توردىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر خىتاي ئاپپاراتىنىڭ چەتئەللىك شېرىكلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن قولغا ئېلىنشىقا باشلىدى. مەسىلەن Yahoo ئىزدەش موتورى خىتاي ئىستىخباراتى Gonganbu غا قولغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ ئېلېكترونلۇق خەت ۋە IP ئادرېسلىرىنى تەمىنلىگەن. ھازىرغىچە ئەڭ داڭلىق ئىش ۋاڭ شياۋنىڭ (Wang Xiaoning) قىسمىتى بولۇپ، ئۇ 2003-يىلى سېنتەبىردە «دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقانلىقى» ئۈچۈن ئون يىل قاماق جازاسى ۋە ئىككى يىل پۇقرالىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ دېموكراتىك ئېچىۋېتىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان ئېلېكترونلۇق خەت خەۋەرلىرىنى يوللاشقا چېتىلغان. شۇنىڭغا ئوخشاش، 2005-يىلى ئاپرېلدا جەنۇبىي خىتايدىكى بىر ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇھەررىرى شى تاۋ (Shi Tao) ئون يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ جىنايىتى خىتاي دۆلىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا چىقارغان تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ خاتىرە كۈنىنى خاتىرلەشنى چەكلەش توغرىسىدىكى بايانىنى تورغا چىقىرىپ قويغانلىقى ئۈچۈن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان، دەپ قارالغان. 2007-يىلى چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىدا 50 دىن ئارتۇق تور مۇخبىرىنىڭ قامالغانلىقىنى خاتىرىلىگەن.

2002-يىلدىن 2004-يىلغىچە، خىتاي دۆلىتىدىكى رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان 110 مىڭ تورخانىلىرىدىن ئون مىڭلىغانلىرى تاقىۋېتىلگەن. قالغانلىرىمۇ خېرىدارلارنىڭ زىيارەت قىلغان URL لىرىنى خاتىرىلەش ۋە نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى بىلەن تەمىنلىنىشكە مەجبۇرلانغان. بۇلار چەكلەنگەن تور بەتلەرنى توسىدىغان بولغان. 30 مىڭدىن 40 مىڭغىچە بولغان بىخەتەرلىك خادىملىرى ئىنتېرنېت قاتنىشىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولغان. بۇ جەرياندا ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئۈچ يىل ئىچىدە ئىككى ھەسسە كۆپىيىپ، 2004-يىلدىكى 80 مىليوندىن 2007-يىلى 162 مىليونغا يەتكەن.

ئىككى بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى، يەنى Gonganbu ۋە Guoanbu ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن كومپيۇتېر كەسپىدىن مەكتەپ پۈتتۈرگەن تالانتلىق پروگراممېرلارنى ئىشقا ئالدى. ئۇلارنى خۇسۇسىي شىركەتلەرگە كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن يۇقىرى مائاش تەكلىپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداقلا غەرب رازۋېدكا ئورگانلىرىغا ئوخشاش، ئۇلارمۇ بەزى تالانتلىق تور بۇزغۇنچىلىرىنى ئىشقا ئالدى. 2003-يىلى شاڭخەيدا ئىشقا ئېلىنغان سابىق تور بۇزغۇنچىسى بۇنىڭ مىسالى ئىدى. Guoanbu كۆپرەك چەتئەللىكلەرنى نازارەت قىلىشقا ئالاھىدە قارايتتى. بۇ چەتئەللىكلەر مەيلى جاسۇسلۇقتىن گۇمان قىلىنغانلار بولسۇن ياكى ئاددىي مۇخبىرلار، دىپلوماتلار ۋە ئەڭ مۇھىمى مۇھىم تىجارەت سىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېكترونلۇق خەت ۋە قوشۇمچە ھۆججەتلەرگە ئىگە تىجارەتچىلەر بولسۇن، ھەممىسى نازارەت قىلىناتتى. ئۇلارنىڭ تور پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن چەتئەللىكلەردىن تورخانىلار ياكى مېھمانخانا ئىش مەركىزىدە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن بۇرۇن پاسپورت تەلەپ قىلىناتتى. بېيجىڭدىكى بىر تور مۇتەخەسسىسىنىڭ ماڭا چۈشەندۈرۈشىچە، 2008-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۈچۈن يېڭى گۇرۇپپىلار قۇرۇلغان ۋە مەۋجۇت گۇرۇپپىلار كېڭەيتىلگەن.

ئالتۇن قالقان

2006-يىلى ئاپرېلدا ئالتۇن قالقان (jindun) پروگراممىسىنىڭ رەسمىي قوللىنىلىشى بىلەن، Gonganbu بېيجىڭ پوچتا-تېلېگراف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەئىسى، كومپيۇتېر ئالىمى فاڭ بىنشىڭ (Fang Binxing) نىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىكىدە نازارەت قىلىش ئۇسۇللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. Gonganbu خىتاي دۆلىتىنى تەھدىت قىلىدىغان تور بېكەتلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتالايدىغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. بۇ نەتىجە خىتاي دۆلىتىدىكى (خوڭكوڭ ۋە ماكاۋدىن باشقا) 23 سىستېمىغا تەشكىللەنگەن 640,000 كومپيۇتېردىن تەشكىل تاپقان ئالتۇن قالقان تورى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلگەن. بۇ سىستېما شۇنچىلىك قوللىنىشچان ئىدىكى، Gonganbu تور ئىشلەتكۈچىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىش ئارقىلىق تور جىنايەتلىرىنى ھەل قىلىپ، جىنايەت نىسبىتىنى تۆۋەنلىتەلىگەنىدى.

خىتايلارنىڭ توردىكى مەۋھۇم سەددىچىن سېپىلى نازارەت سىسىتېمىسىنىڭ ئاتىسى فاڭ بىنشىڭ

10 مىليون دوللار خىراجەت قىلىنغان «ئالتۇن قالقان» خىتاي بىخەتەرلىك خىزمەتلىرى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان، بەزى تور بېكەتلەرنى توسۇش، بەزىلىرىنى كۆزىتىش ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنى نازارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە چوڭ بىر ئىچكى تور ئىدى. ئۇنىڭ يېڭىلىقى خىتاي تور بوشلۇقىدا ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈش پروگراممىسىدا بولۇپ، بۇ نازارەت قىلىش، ئالاقىنى ئاپتوماتىك توسۇش ياكى ھەر ئىككىلىسىنى قوزغىتاتتى. بۇ سىستېما ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى NSA نىڭ ECHELON تورى ۋە ئۇنىڭ ئالدىن پروگراممىلانغان سۆزلەر كۆرۈنگەن سۆھبەتلەرنى تاللاپ ئالالايدىغان «لۇغەتلىرى» گە ئوخشايتتى. پەرقى شۇكى، ئىسلامىي تور بېكەتلىرىگە ئوخشاش بىر قانچە توربەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تور بېكەتلەرنى، بلوگلارنى ياكى پاراڭ زاللىرىنى توسۇش ECHELON مەشغۇلاتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئەمەس ئىدى.

خىتايدا مىڭلىغان چەكلەنگەن ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنىڭ مەنا ئانالىزى، شۇ چاغدىكى مېڭ جىيەنجۇ (Meng Jianzhu) رەھبەرلىكىدىكى Gonganbu نىڭ ئەندىشىلىرى ۋە خىياللىرىنى ئاشكارىلىدى. تىزىملىكنىڭ ئەڭ بېشىدا «چوڭ زەھەرلەر» بار بولۇپ:

  • سۆزلەرنىڭ 20% ى فالۇنگوڭ (Falun Gong) ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك
  • 15% ى تىبەت، تەيۋەن ۋە شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك
  • 15% ى خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، بىخەتەرلىك باشلىقلىرى Zeng Qinghong ۋە Luo Gan، شۇنداقلا تارىخىي شەخسلەر Deng Xiaoping، Mao Zedong ۋە ئۇنىڭ ئايالى Jiang Qing قاتارلىقلار ھەققىدە ئىدى.
  • 15% ى سىياسەت ۋە پارىخورلۇققا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، «دېموكراتىيە» سۆزى خۇددىي «دىكتاتورلۇق» قا ئوخشاشلا توپىلاڭچىلىق دەپ قارالىدۇ.
  • 10% ى ساقچى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك
  • 10% ى نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر ۋە سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئىسىملىرىغا مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، پارىژدا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان، 1989-يىلى تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ سىماسى بولغان Chai Ling قاتارلىقلار.
  • 15% ى جىنسىي مۇناسىۋەتكە دائىر سۆزلەر. كېچىلىك كۇلۇب، ھاراق-ئەيش، پاھىشە كۆرۈنۈشلىرى قاتارلىقلار ئىدى.

خىتاي تىلى خەتلەر ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بوغۇم تاۋۇشلىرى ھەر خىل چۈشەندۈرۈلۈشكە يول قويىدىغان تىل بولغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ گوڭئەنبۇ كومپيۇتېر سىستېمىسى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» (Guojia anquan) دېگەندەك سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رەسمىي تېكىستلەر ۋە ئۇلارغا قارىتىلغان ئىنكاسلارنىمۇ چەكلەپ قويغان. ئاخىرىدا پەقەت ئىقتىسادىي ئىبارىلەرلا چەكلەشتىن قېچىپ قۇتۇلالىغان.

كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە ھەتتا ئەپسانىۋى سۆزلەر «ئەجدىھا-يولۋاس-قاپلان» (Long Hu Bao) بىرلەشتۈرۈلگەندە گۇمانلىق ھالەتكە كېلىپ قالغان. «كەپتەر توپى» (ge pai) دېگەن ئىبارە كوممۇنىستىك رەھبەرلىككە قارشى يوشۇرۇن ھۇجۇم، دەپ قارالغان. تېخىمۇ يامىنى، ھاكىمىيەت ئۈچۈن «ئۇلۇغ قانۇن» (dafa) دېگەندەك ئىبارىلەر فالۇن گوڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، چەكلەنگەن.

شۈبھىسىزكى، «ئالتۇن قالقان» تەدبىرى «ئىنقىلابقا قارشى جىنايەتچىلەر»نى بايقاشتا بارغانسېرى ئۈنۈمسىز بولۇپ قالغان. كومپيۇتېرلار پۈتۈن خىتاي كومپيۇتېر سىستېمىسىنى تەكشۈرەلىگەن تەقدىردىمۇ، ئىنتېرنېتتىكى ياشلار كۈندىلىك تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مىڭلىغان ئادەتتىكى سۆزلەر ۋە ئارگو سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي پاراڭلىرىنى كودلاشتا قوللانغان. بۇ سۆزلەر خىتاي يېزىقىدا ئەسلىدىنلا كۆچمە ۋە سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە. كېيىنچە، جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ئورۋېلچە (يازغۇچى جورج ئورۋېلىنىڭ 1984 ناملىق كىتابىدىكى دىكتاتورغا قىياس قىلىپ كىنايە قىلىنغان سۆز) پروگراممىسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، چۈنكى بۇنىڭ تىل-سىياسىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئاقىۋەتلىرى سىستېمىغا توسالغۇ بولۇۋاتاتتى.

2004-يىلى ھۆكۈمەت قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا قارىتا «قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنى ھەققىدىكى ئۆزىنى تىزگىنلەش قائىدىلىرى» دېگەن قاتتىق چەكلىمىلەرنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق شەھۋانى مەزمۇن، ئالدامچىلىق ياكى قانۇنسىز ئۇچۇرلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان. ئوخشاش كۆرسەتمىلەر تورخانىلاردىمۇ ھەممە ئادەم كۆرىدىغان ئورۇنغا چاپلانغان. سارس كېسلى تارقالغاندا تېلفون قىسقا ئۇچۇر SMS مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك ئورگانلىرى 1989-يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار قىرغىنچىلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى يېقىنلاشقاندا «Tiananmen» قاتارلىق بىر قىسىم سۆزلەرنى SMS تىن توسۇشنى پىلانلىغان.

مەسىلە شۇكى، خىتاي دۆلىتىدە 1.3 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇس بولغاچقا، ئىنتېرنېت ئىشلىتىش كۆلىمى ئىنتايىن زور ئىدى. دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ يانفون مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى 中国移动 شىركىتى مۇۋاپىق بولمىغان قىسقا ئۇچۇرلارنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىش توختامىغا ئىمزا قويغان. شۇنداقتىمۇ، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تۇتۇش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلەنگەن تەقدىردىمۇ، 2003-يىلى جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەر خىل تۇتۇش مۇلازىمەتلىرى پەقەت 220 مىليارد قىسقا ئۇچۇرنى، يەنى شۇ يىللىق ئومۇمىي ئېقىمنىڭ 55 پىرسەنتىنىلا بىر تەرەپ قىلالىغان. بۇ خىتاي ئىسىتخبارات ئانالىزچىلىرى ئۈچۈن ھەقىقىي باش ئاغرىقى بولغان.

خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى توردىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى

2009-دىن 2012-يىلىغىچە خۇ جىنتاۋ دەۋرى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇراتتى، شى جىنپىڭ 2012-يىلى پارتىيە باش كاتىپلىقىغا، 2013-يىلى دۆلەت رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىپ خۇ جىنتاۋنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇ ئۆتكۈنچى يىللاردا، خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بۇرۇنلا كېڭەيتىلگەن ئاخبارات خىزمەتلىرى سۈنئىي ھەمراھ، ئالاقە ئۇچۇر يىغىش، ئۇچقۇسىز ئايروپىلان، سۇ ئاستى كېمىسى ۋە ئوكيان كېمىلىرى ئارقىلىق ئاخبارات توپلاش قاتارلىق تېخنىكىلىق تەرەققىيات باسقۇچىدىن ئۆتتى. خىتاي دۆلىتىنىڭ ئافرىقىدا ئالاقە سىگناللىرىنى يىغىش (SIGINT) بازىلىرىنى قۇرغانلىقى بۇنىڭ دەلىلى بولۇپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە خىتاي تېلېفون ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بېيجىڭدا ئافرىقا مەۋجۇدلۇقىنى كۈچەيتتى. بۇ تۈر خىتاي دۆلىتى بىزنى ئىشەندۈرمەكچى بولغاندەك پەقەت ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگىلا چەكلەنمىگەن.

خىتاي دۆلىتىنىڭ ئافرىقىدىكى ئۇچۇر ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن فرانسىيەلىك تەتقىقاتچى Didier Huguenin نىڭ ئىقتىسادىي ئىستىخبارات ھەققىدىكى ماگىستىرلىق دىسسېرتاتسىيەسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «يەرلىك ئىستىخبارات ئورگانلىرى ياردەم قىلىش باھانىسى بىلەن ئېلېكتروماگنېتلىق ئىستىخبارات (ELINT, SIGINT) تىڭشاش مەركىزى ۋە مۇناسىپ ئۈسكۈنىلەرنى قۇرۇش ئارقىلىق بۇ ساھەگە ئالاھىدە كۈچلۈك قىزىقىش بىلدۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەش زۆرۈر. بۇ ئەھۋال جىبۇتى، مالى، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە زىمبابۋېدا ئالاھىدە كۆرۈلگەن».

ھەقىقىي باش شىتابلىرى بولغان 2-، 3- ۋە 4-ئىدارىلىرىگە دوكلات قىلىدىغان قۇرۇلمىلار بىلەن باش سىياسىي ئىدارىگە (ھەربىي بىخەتەرلىك ۋە خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) دوكلات قىلىدىغان قۇرۇلمىلار ئارىسىدىكى پاراللېل تەشكىلاتلار كۆپەيگەن. 2007-يىلى يازدا گېنېرال چېن (Chen Xiaogong) نىڭ مۇئاۋىن باش شىتاب رەئىسى قىلىپ تاللىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. چۈنكى ئۇ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە مۇتەخەسسىسلەشكەن، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ئەمەلىي مەيداندا تەجرىبە توپلىغان بىر ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسى ئىدى.

3- ۋە 4-ئىدارىلىرى شۇنداقلا رەسمىي ئالاقە بۆلۈمى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تور بېكەتلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ كەينىدە تۇرغانلىقىدىن گۇمانلانغان غەرب، ھىندىستان، كورېيە، تەيۋەن ۋە ياپونىيە ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئەلۋەتتە، بۇ مۇلازىمەتلەر قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەنمۇ جاۋاب قايتۇرغان. شۇڭا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىستىخبارات خىزمەتلىرى ماسلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇرۇش مەيدانىنىڭ كېڭەيتىلىشىنىڭ مۇكەممەل مىسالى 2009-يىلى باھاردا گېنېرال ياڭ خۇي Yang Hui نىڭ 2-ئىدارىنىڭ باشلىقى قىلىپ تەيىنلىنىشى ئىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ 3-ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن دېرېكتورى بولۇپ، ئالاقە تىڭشاش ۋە تور ئۇرۇشى ساھەسىدە پۇختا تېخنىكىلىق ئاساسقا ئىگە ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ تەيىنلىنىشىنى تور ئۇرۇشى ئىستراتېگىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ ھەربىي ئىستىخباراتنى پۈتۈنلەي ئىگىلىۋېلىشىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىغان.

تور ئۇرۇشىنىڭ كۈچىيىشىگە قارىتا باشقا بىر قانچە كۈچلەر، ئاساسلىقى قوشنا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئورگانلارنى قۇردى. 2008-يىلى ئاپرېلدا ھىندىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەر ۋە سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھىندىستان قارشى ئىستىخباراتى IP ئادرېسلىرىنى تەھلىل قىلىپ بۇ خاككېرلار ئېنىقلانغان. تېخىمۇ ئېغىرى، Mayankote Kelath Narayanan باشقۇرغان ھىندىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

Narayanan غا دۆلەت تېخنىكا تەتقىقات تەشكىلاتى NTRO (ھىندىستاننىڭ NSA غا تەڭداش ئورگىنى)نىڭ تەكشۈرۈشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلغان. بۇ تەشكىلات RAW ۋە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، 2007-2008-يىللاردا خىتاي دۆلىتىنىڭ توختاۋسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقان شەخسىي شىركەتلەر ئىچىدە، ئويغىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىقتىسادىي ئىستىخبارات ئورگىنى بىلەنمۇ ھەمكارلاشقان. بۇ تەھلىلچىلەر چىقارغان خۇلاسە بۇ خىل ھۇجۇملارغا يولۇققان باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئوخشاشلا تەتبىقلىنالايدۇ: تور ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى، يەنى ھەمكارلىشىدىغان مۇلازىمەتلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇلغان قۇرۇلمىسىنى قۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئىدى. ھىندىستان ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ NTRO، ئارمىيە تور بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋە ئىقتىسادىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھىندىستاننىڭ تەجرىبىسى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ھۇجۇمچىلىرى نىشانلىغان باشقا ئىككى چوڭ رايون شىمالىي ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭمۇ ئەندىشىسىنى قوزغىغانىدى. مانا بۇ نۇقتىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەنسىرەشكە باشلىشى كېرەك ئىدى: 2009-يىلى، خىتاي دۆلىتىنىڭ خاككېرلىق ئاپپاراتى يەنە بىر قېتىم ئۇچۇر سىستېمىسىغا سۇقۇنۇپ كىرگەنىدى. بۇ قېتىمقى نىشان Google شىركىتى بولۇپ، بۇ ۋەقە خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاخبارات توپلاش لابوراتورىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرىگە دىققەت تارتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، گۇگىل بىلەن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنتېرنېت تەمىنلىگۈچىسى Baidu شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى سودا نىزاسىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويغاندا، ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، پۇقراۋى ئورگانلار ۋە يوشۇرۇن خاككېرلار گۇرۇپپىسى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىسىز Gmail نىڭ مەخپىيلەشتۈرۈش سىستېمىسىغا بۆسۈپ كىرەلمەيتتى. بۇ ئەھۋال بىر فرانسىيەلىك مۇتەخەسسىسنى مۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە ئېلىپ باردى: «بۇ پەقەت سودا جېڭىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ‹سىناق تور ئۇرۇشى› ئىدى. ئۇلار بۇ ئۇرۇشنىڭ ھېچبىر تەرىپىنى سىرتتا قالدۇرمىغانىدى.»

مەزكۇر مەشغۇلات گۇرۇپپىلىرىدىن بىرى بولغان چېڭدۇدىكى تېخنىكىلىق چارلاش ئىدارىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە ھىندىستاننىڭ شىمالىي-شەرقىگە قارىتىلغان مەشغۇلاتلارنى باشقۇرىدىغان بۆلۈمى «كومپيۇتېرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى ئالاھىدە سۈپەتلىك خىزمەتلىرى، دۈشمەن مۇھىتتىن ئۇچۇر توپلىشى ۋە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قوغداشقا خىزمەت قىلىدىغان ئاكادېمىك قۇرۇلمىلار ۋە باشقا مىنىستىرلىقلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش تەتقىقاتى» ئۈچۈن ئارمىيەنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قارشى تەرەپتىنمۇ ھۇجۇملار يۈز بېرىۋاتاتتى: 2009-يىلى ئاۋغۇستتا قۇرۇلغان خىتاي دۆلىتى مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭى تور بېتىنىڭ باش مۇھەررىرى جى گۈيلىن (Ji Guilin) ئالتە ئايدىن كېيىنلا ئامېرىكىنىڭ ئاللىقاچان بۇ تور بېتى (www.mod.gov.cn) گە 230 مىليوندىن ئارتۇق قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن شىكايەت قىلغانىدى.

لېكىن، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان ئالاقە ئۇرۇشى پەقەت يۇقىرى تېخنىكىلىق كومپيۇتېرلار ئارقىلىقلا ئېلىپ بېرىلمايۋاتاتتى. ئۇ يەنە ئۆزى مەخپىي تۇتۇپ، دۈشمەن سىستېمىسىغا كىرىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنى ئىزدەۋاتقان شەخسلەر تەرىپىدىنمۇ ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. بۇ لوئىزىيانا Louisiana دا پاش قىلىنغان خىتاي دۆلىتىنىڭ جاسۇسلۇق تورى ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. بۇ ۋەقە FBI غا ۋە باشقىلارغا خىتاي دۆلىتى مەخپىي ئورگانلىرىنىڭ يېڭى خىزمەت ئۇسۇلى ۋە شىفىرلانغان ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىش ئۈچۈن ئىنتېرنېتنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە بەردى.

تەپسىلىي تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق: 2008-يىلى فېۋرال ئېيىنىڭ باشلىرىدا FBI تەيۋەنلىك خىتاي ئامېرىكىلىق كۇئو تەي شېن (Kuo Tai Shen)، ئۇنىڭ ئايال ئالاقىچىسى ۋە خىتاي دۆلىتى پۇقراسى كاڭ يۈشىن (Kang Yuxin)، شۇنداقلا ۋىرگىنىيە Virginia شتاتىنىڭ ئارلىڭتون Arlington دىكى مۇداپىئە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق ئىدارىسىدا تەيۋەنگە قورال سېتىش مۇتەخەسسىسى بولغان، ئۇلار قولغا كەلتۈرگەن ئامېرىكىلىق ئاگېنت گرېگ بېرگېرسېن (Gregg Bergersen) قاتارلىقلارغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ خۇلاسىسىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئىشنىڭ دىققەتكە سازاۋەر تەرەپلىرى ئىچىدە خوما Houma شەھىرىدىكى بىر بۇيۇم دۇكىنىنىڭ بۇ تورنىڭ يوپۇقى قىلىپ ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەت ئەللەردىكى خىتايلارنى بېيجىڭنىڭ ئىشىغا يېتەكلەشكە مەسئۇل ئالاھىدە مۇلازىمىتى بولغان «بىرلىكسەپ خىزمىتى بۆلۈمى» (United Front Work Department) ئارقىلىق تەيۋەنلىك جاسۇسنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى بار. بۇ ۋاقىتتا يېڭى تەيۋەن رەئىسى ما يىڭجيو (Ma Ying-jeou) بېيجىڭ بىلەن يېقىنلىشىش پىكرىگە قوشۇلغانىدى.

بۇ ئىشنىڭ يەنە بىر غەيرىي تەرىپى، Bellsouth.net، Hotmail ۋە Gmail خەت ساندۇقلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى بولغان. بۇلارنىڭ ياردىمىدە، كاڭ خانىم Ms Kang دەسلەپتە گۇاڭجۇدا، كېيىن خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىستىخبارات خادىمى X خىتاي بىلەن خەت ئالماشتۇرالىغان. تور باشقۇرغۇچى كۇئو Kuo مەلۇم نومۇرلارغا تېلېفون قىلىشنى ئەسكەرتكەن ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، كېيىنچە بۇ نومۇرلار خوڭكوڭلىق ئاساسلىق Hutchicity تور مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكەن خىتاي مەخپىي مۇلازىمەتلىرىنىڭ رولىنى ئاشكارىلىغان. FBI يەنە شۇنى بايقىغانكى، كۇئو بىلەن X خىتاينىڭ ئالاقىلىشىش جەريانىدا 2007-يىلى 2-ئايدا سودا يولى بىلەن سېتىۋالغان PGP Desktop Home 9.5 for Windows شىفىرلاش سىستېمىسىنى ئىشلەتكەن. ئەمما ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى تېلېفوندا مۇزاكىرە قىلغان! تەكشۈرۈش دوكلاتى FBI نىڭ (US Pacific Command) ئىستىخبارات مۇلازىمىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى، خىتايلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرى بىلەن تەڭ دەرىجىدە تەمىنلىگەن.

مەسىلەن، 6-ئاينىڭ 4-كۈنى X خىتاينىڭ FedEx ئارقىلىق كۇئوغا Bergersen دىن ئېرىشكەن مەخپىي ئۇچۇرلارنى شىفىرلانغان قوشۇمچە ھۆججەت شەكلىدە يوللاش ئۈچۈن يېڭى تور ئادرېسى ئەۋەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. بۇ تەپسىلات نۇرغۇن تېلېفون ئاڭلاش ئەسۋابلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنىلا ئەمەس، يەنە خوڭكوڭدىكى ئېلخەت ۋە سۆھبەتلەرنىڭمۇ توسۇپ تىڭشالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلار شۈبھىسىزكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىدىكى يەرلىك NSA تارماق ئىدارىسى ۋە كونا مۇستەملىكىسى خوڭكوڭدا تېخىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنگلىيەنىڭ GCHQ نىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.


بېيجىڭدىكى مەخپىي ئورگانلار ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. بۇ 2009-يىلى 11-ئايدا دۇنياۋى بىخەتەرلىك شىركىتى Northrop Grumman نىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ تور ئۇرۇش تېخنىكىسى ھەققىدىكى ئانالىزىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ غەزىپىدىن ئېنىق كۆرۈنگەن. ئامېرىكا ئىستىخبارات جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن (گەرچە رەسمىي جەھەتتىن شەخسىي شىركەتلەر تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن دېيىلسىمۇ) ئۇچۇرلارغا تولغان بۇ دوكلات خىتاي ئىستىخباراتى باش شىتابىنىڭ مەلۇم مۇتەخەسسىس بۆلۈملىرىدىن 2-، 3- ۋە 4-ئىدارىلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

ئەڭ مۇھىمى، تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك مۇلازىمەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خاككېرلار گۇرۇپپىسى رەسمىي تونۇشتۇرۇلغان. بەزىلىرىنىڭ چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىگە قارشى ھۇجۇملارغا قاتناشقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، جۈملىدىن Hack4.com گۇرۇپپىسى 2008-يىلى 12-ئايدا خىتاي دۆلىتىدىكى ۋە ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەردىكى فرانسىيە ئەلچىخانىلىرىنى نىشان قىلغان. بۇ پرېزىدېنت نىكولاس ساركوزىنىڭ بىر ئاي بۇرۇن پولشاغا بارغان سەپىرىدە دالاي لاما بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنلىكى ئۈچۈن «جازالاش» مەقسىتىدە ماسلاشتۇرۇلغان ھۇجۇم ئىدى. فرانسىيە مەخپىي ئورگانلىرى «دىپلوماتىك» سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دوكلاتنى ئېلان قىلماسلىقنى تاللىغان بولسىمۇ، Hack4.com بىلەن Guoanbu ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايقىيالىغان.

Northrop Grummanدوكلاتى سۆزنى ئايلاندۇرۇپ ئولتۇرمىغان: بۇ خاككېرلار گۇرۇپپىلىرى Guoanbu بىلەنلا ئەمەس، يەنە Gonganbu نىڭ 1-تەتقىقات ئىدارىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، 3-ئىدارە تور ئۇرۇشى تەربىيىلەش ئاكادېمىيەلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئىشلىتىشنى ياخشى كۆرەتتى. دوكلاتتا ئالاھىدە كۆزگە چۈشكەن بىر ۋەقە بار ئىدى: قارا بۈركۈت بازىسى (Black Eagle Base) نىڭ ئەزالىرى خېنەن ئۆلكىسىدە Gonganbu تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئالتە ئايدىن كېيىن، ئۇلار قويۇپ بېرىلگەن ۋە قارا بۈركۈت خاككېر بازىسى (Black Eagle Honker Base) نى قۇرۇپ چىققان، بۇ گۇرۇپپا تېخىمۇ رېئالىست بولغان Guoanbu ئۈچۈن ئىشلەشكە باشلىغان.

بۇ گۇرۇپپا ۋە باشقا بىر قانچە گۇرۇپپا شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى (Shanghai Jiao Tong University) نىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ فاكۇلتېتنىڭ باشلىقى خې دېچۈەن (He Dequan) بولسا Guoanbu نىڭ پەن-تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى ئىدى. بۇ Guoanbu نىڭ ھېلىھەم بارلىق «يەر ئاستى سەپلىرى» (荫庇 战线) دە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

11-بابنىڭ تەرجىمىسى مۇشۇ يەردە تۈگىدى.

بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىتايلارنىڭ جاسۇسلۇق قانۇنى ھەققىدىكى تۆۋەندىكى لىكسىيەنى كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ:

ئەسكەرتىش: پىدائىيلار ئىكرانى ھازىر كۆپىنچە ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ تەشۋىقاتى بولۇش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.