سىياسىي چىرىكلىك

November 16, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 11 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

سىياسىي چىرىكلىك

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُغَيِّرُ مَا بِقَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِم - ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)» [سۈرە رەئد 11-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى]

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تُؤَدُّواْ ٱلۡأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهۡلِهَا وَإِذَا حَكَمۡتُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحۡكُمُواْ بِٱلۡعَدۡلِۚ إِنَّ ٱللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 58-ئايەت]

سىياسىي چىرىكلىك - ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ياكى سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ دۆلەت ھوقۇقى، ھاكىمىيەت ياكى ھوقۇقىنى شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىشى بولۇپ، سىياسىي تەشكىلاتنىڭ ھەتتا پۈتۈن مىللەتنىڭ چۆكۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنكى 4 خەلىپە دەۋرىدە راشىد خەلىپىلەر سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنى شۇ قەدەر پاك تۇتقانكى، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۈلگە بولغىدەك سىياسىي رەھبەرلىك نەمۇنىسى ياراتقان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي چىرىكلىككە قاتتىق قارشى تۇرغان بولۇپ، بىز مۇسۇلمانلار بۇ دەۋرلەرنى كۆپ تەتقىق قىلىشىمىز ۋە بەكمۇ كۆپ تەجرىبە ئېلىشىمىز لازىم. چۈنكى شۇندىن كېيىنكى مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى سىياسىي چىرىكلىكتىن ئۆزىنى پاك تۇتالماي قالدى.

تارىخلار ۋە تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىر سىياسىي كۈچنىڭ چىرىكلىكتىن ساقلىنالىشى بەكمۇ تەس ئىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا رەھبەر بولغانلارنىڭ ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىدە ئىمانى، قەلبىي پاكلىقى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئادالەت تۇيغۇسى بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭىلاشقا بۈگۈنكى كۈندە مۇسۇلمانلارغا مەسئۇل بولغانلار ئۆزىدە بۇ خىل يۈكسەك ئىقتىدار سەزمەيدىكەن اللە تىن قورقىشى كېرەك. چۈنكى رەھبەرلىك شۇ قەدەر ئادىل بىر ئىشكى، قابىلىيەت تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر سىزدە رەھبەرلىككە كېرەكلىك قابىلىيەت بولمايدىكەن، سىزنىڭ ياخشى كۆڭلىڭىز، شەخسىي تەقۋالىقىڭىزنىڭ رەھبەرلىكتىكى قابىلىيەتسىزلىكىڭىزنى تولۇقلىيالمايدۇ. رەھبەردە چوقۇم رەھبەرلىك قابىلىيىتى بولىشى كېرەك. بولمىسا بۇنداق رەھبەر قىيامەتتە نادامەتتە قالىدۇ. اللە ساقلىسۇن.

ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە سىياسىي جەھەتتىكى چىرىكلىكنىڭ تۆۋەندىكىدەك تۈرلىرى خاتېرىلەنگەن ئىكەن:

1. پارىخورلۇق

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «لَعَنَ اللَّهُ الرَّاشِيَ وَالْمُرْتَشِيَ - اللە پارا بەرگۈچى ۋە ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى.»

[تىرمىزى رىۋايىتى، ئەلبانى سەھىھ دېگەن]

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «فإنِّي أسْتَعْمِلُ رِجالًا مِنكُم علَى أُمُورٍ ممَّا ولَّانِي اللَّهُ، فَيَأْتي أحَدُكُمْ فيَقولُ: هذا لَكُمْ، وهذِه هَدِيَّةٌ أُهْدِيَتْ لِي، فَهَلَّا جَلَسَ في بَيْتِ أبِيهِ وبَيْتِ أُمِّهِ حتَّى تَأْتِيَهُ هَدِيَّتُهُ إنْ كانَ صادِقًا! فَواللَّهِ لا يَأْخُذُ أحَدُكُمْ مِنْها شيئًا -قالَ هِشامٌ: بغيْرِ حَقِّهِ- إلَّا جاءَ اللَّهَ يَحْمِلُهُ يَومَ القِيامَةِ، ألَا فَلَأَعْرِفَنَّ ما جاءَ اللَّهَ رَجُلٌ ببَعِيرٍ له رُغاءٌ ، أوْ ببَقَرَةٍ لها خُوارٌ، أوْ شاةٍ تَيْعَرُ، ثُمَّ رَفَعَ يَدَيْهِ حتَّى رَأَيْتُ بَياضَ إبْطَيْهِ: ألَا هلْ بَلَّغْتُ؟ - مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن بەزى كىشىلەرنى ئاللاھ ماڭا تاپشۇرغان ئىشلارغا مەسئۇل قىلىمەن. ئاندىن ئۇلارنىڭ بىرى كېلىپ: ‹بۇ سىلەرگە تەۋە، بۇ بولسا ماڭا سوۋغا قىلىنغان› دەيدۇ. ئەگەر راست سۆزلەۋاتقان بولسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغان بولسا، ئۇنىڭغا سوۋغا كېلەمتى؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەردىن كىمكى ھەققى بولمىغان نەرسىنى ئالسا، قىيامەت كۈنى ئۇنى بوينىغا ئېلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، مەن قىيامەت كۈنى بىرىڭلارنىڭ مۆرەيدىغان تۆگە، مۆرەيدىغان كالا ياكى مەرەيدىغان قوي كۆتۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرمەي قالمايمەن!» ئاندىن ئىككى قولىنى قولتۇقى كۆرۈنگۈچە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ: يەتكۈزدۈممۇ؟» دېدى.

[ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس]

پارىخورلۇقنى بەلكىم ھەممە ئادەم بىلىشى مۇمكىن. يەنى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ توپلانغان مال-دۇنيا پارىخورلۇق بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەمەلدارلىرى پارىخورلاشقان ھەرقانداق ھاكىمىيەت زاۋاللىققا يۈز تۇتقان. پارىخورلۇق مەيلى قايسى دىندا، قايسى مەدەنىيەتتە بولسۇن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئورتاق يامان كۆرگەن ناچار قىلىقتۇر. ھەتتا ئالدامچىلىقنى پاراسەت دەپ قارايدىغان خىتايلارمۇ پارىخورلۇقنى ناچار ئىش دەپ قارايدۇ.

2. ئاغىنىۋازلىق

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ِإِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تُؤَدُّواْ ٱلۡأَمَٰنَٰتِ إِلَىٰٓ أَهۡلِهَا وَإِذَا حَكَمۡتُم بَيۡنَ ٱلنَّاسِ أَن تَحۡكُمُواْ بِٱلۡعَدۡلِۚ إِنَّ ٱللَّهَ نِعِمَّا يَعِظُكُم بِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ سَمِيعَۢا بَصِيرٗا - شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر» [سۈرە نىسا 58-ئايەت]

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «من ولي من أمر المسلمين شيئا ، فولى رجلا وهو يجد من هو أصلح للمسلمين منه فقد خان الله ورسوله - كىمكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا مەسئۇل بولۇپ، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق بىرسى بار تۇرۇقلۇق باشقا بىرىنى تەيىنلىسە، ئۇ ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا خىيانەت قىلغان بولىدۇ.»

[ھاكىم سەھىھ دېگەن]

ئەمەلدار تەيىنلەشتە نۇقۇل شەخسىي دوست-بۇرادەرلىك مۇناسىۋىتى سەۋەپلىكلا مۇھىم ئىشلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش. بۇ ئەمەلىيەتتە سىياسىي جەھەتتىكى چىرىكلىكنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، دوستىمۇ ھوقۇقتىن بەھرلەنسۇن ياكى ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ پۇل تېپىۋالسۇن دەپلا ئىشقا قويىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئېنىقلا زۇلۇم شەكىللىنىدۇ.

3. شۇرا ساختىپەزلىكى

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: « مَا مِنْ عَبْدٍ يَسْتَرْعِيهِ اللَّهُ رَعِيَّةً، يَمُوتُ يَوْمَ يَمُوتُ وهُوَ غَاشٌّ لِرَعِيَّتِهِ، إِلَّا حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ - ئاللاھ بىر بەندىسىنى پۇقرالارغا مەسئۇل قىلغان بولسا، ئۇ كىشى ئۆلگەن كۈنى قولئاستىدىكىلەرنى ئالدىغان ھالدا بولۇپ ئۆلسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ.»

[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]

شۇرادا قارار ئۈچۈن پىكىر بايان قىلىش جەريانىدا ساختىپەزلىك قىلىش ياكى شۇرا ئەزالىرىغا پايدا ۋەدە قىلىش، پۇل بېرىش، ئالداش ياكى قورقۇتۇش قاتارلىق ناتوغرا ئۇسۇللار بىلەن قارار جەريانىغا قانۇنسىز ئارىلىشىش. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە ئالدامچىلىق بولۇپ، شۇرا ئىچىدىكىلەرنىڭ بۇنداق ناچارلىقلارغا دەسسەپ قېلىش ئېھتىمالى بەكمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى ئىسلامىي رەھبەرلىكتىمۇ شۇرا ئىچىدىكى كۆپرەك شۇرا ئەزاسىنىڭ كۈچلۈك پىكىرى كۆپىنچە ھالدا غەلبە قىلىدۇ. مۇشۇ ھالەتتىن پايدىلىنىپ بەزى شۇرا ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي قارارلارغا كاللا ئوينىشى ساختىپەزلىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالماسلىق خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ.

4. يۇقىرى قاتلام مونوپوللۇقى

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ - بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار» [سۈرە بەقەرە 188-ئايەت]

ئاممىغا تەۋە بولغان ماددىي-مەنۋرىي بايلىقلارنىڭ ئىمتىيازلىق بىر گۇرۇپپىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىپ كېتىشى. بىر جەمئىيەتتە ھوقۇقدارلار، پۇلدارلار، ئاقساقاللار… قاتارلىق كاتتىباشلارنىڭ ئاۋام خەلقنىڭ ھەققىنى نامۇۋاپپىق ئىگەللىۋېلىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. يېتىملەرنىڭ ھەققىمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بۇنداق شەخسىي مەنپەئەت ئالدىدا ئۆزىنى بۇزماي خەلق تەرەپتە دادىل تۇرالىشى، بۇ رەھبەرنى پەقەت ۋە پەقەت قىيامەتتىكى رەببىمىز ۋەدە قىلغان مەنپەتتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشتۈرمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا كۆپىنچە بۇ بابتا بۇزۇقچىلىققا شاھىت بولىدىكەنمىز. ھالبۇكى ئۆمەر ئىبنى خەتتاپ ئۆز ئوغلىنىڭ مىسىردىكى يوغانچىلىقلىرىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان دەررە ئۇرغۇزۇپ قاتتىق جازالىغان ئىدى. ھەتتا بۇ جازا دەستىدىن ئوغلى ۋاپات بولغانىدى.

مەيلى ئىسلام تارىخىدا بولسۇن، مەيلى جىھاد تارىخىدا بولسۇن ھەتتا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىكى تەشكىلاتلاردا بولسۇن ئاساسەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ بايلىقلاردىن بىخارامان پايدىلانغانلىقىنى ئاشكارە كۆرەلەيمىز. بۇلارنى مەخپىي سۈرۈشتۈرۈشمۇ كەتمەيدۇ. بۇ خىل چىرىكلىك ئەتراپىمىزدا قۇياشتەك روشەن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. اللە ھالىمىزنى ئىسلاھ قىلسۇن.

5. ئىمتىياز تىجارىتى

اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ: «وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ - بىر ـ بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار، بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى زۇلۇم بىلەن يەۋېلىش ئۈچۈن ھاكىملارغا پارا بەرمەڭلار» [سۈرە بەقەرە 188-ئايەت]

رەھبەرلەرنىڭ نوپۇزى ياكى ھوقۇقدارلار بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ئىشلىتىپ پۇل تاپىدىغان ئورۇنلاردا ئالاھىدە ئىمتىيازى سەۋەپلىك كۆپ پايدا ئېلىشىنى كۆرىسىتىدۇ. بەزىدە ھوقۇقدارلار ھەرخىل بانالار بىلەن ئۆزىنى ئالداپ شەخسىي شىركەت ياكى دۇكان قۇرۇپ، مەخپىي پۇل تېپىشىمۇ مۇمكىن. ئادەتتە بۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان رەھبەر بولمىسا بەك دىققەت قىلىپ كەتمەيدىغان تېمىدۇر. ئەمما ئىسلام دىنىمىزدا قاتتىق چەكلەنگەن ۋە رەھبەر بولغانلار ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان تېما بولۇپ، ئىسلام پىشۋالىرىدىن رەھبەر بولغانلار ئۆزىنىڭ نورمال تىجارەتلىرىدە كىملىكىنىڭ پەقەت بىلىنمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىپ ئاندىن تىجارەت ئېلىپ بارغان. قاچانلىكى ئورنى بىلىنگەن ھامان ئۇ تىجارەتتىن توختىغان. دىننىي سەۋەپلىك پايدا ئالغان بولۇپ قالماي، دەپ كۆپ دىققەت قىلىشقان ئىدى. ئەپسۇس، كۈنىمىزدىكى رەھبەرلەر ئۆزىنىڭ ئاۋۋال نامىنىڭ تىلغا ئېلىنىپ ئاندىن تىجارەت ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ. مانا بۇ بىز ۋە سەلەفلەرنىڭ پەرقى بولىشى مۇمكىن.

6. ئوغرى ھاكىمىيەت

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «لَا يَدْخُلُ الْجَنَّةَ لَحْمٌ نَبَتَ مِنْ سُحْتٍ، كُلُّ لَحْمٍ نَبَتَ مِنْ سُحْتٍ فَالنَّارُ أَوْلَى بِهِ - ھارام بىلەن ئۆسكەن گۆش-قان جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، دوزاخ ئۇنىڭغا ئەڭ لايىقتۇر.»

[ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن]

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «إنَّ شَرَّ الرِّعاءِ الحُطَمَةُ - پادىچىلارنىڭ (يەنى باشلىقلارنىڭ) ئەڭ يامىنى قوپال ۋە رەھىمسىز بولغانلىرىدۇر»

[ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس]

ئەمەلدارلار خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى نەزەرگە ئالماي شەخسىي مەنپەئەتنىلا كۆزلەيدىغان ھۆكۈمەت. بۇنداقلار ھەرقانداق مىللەتنىڭ تارىخىدا ئۇچراپ قالىدىكەن. مەسىلەن، سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن قەشقەرگە ۋالى بولغان مىرزا ئابابەكرى دەل شۇنداق ئوغرى ھاكىمىيەت قۇرغان بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ پۈتۈن ئېسيادى شەرقىي تۈركىستاندىن ئالتۇن كولاش بولغان. خەلققە بەك ئېغىر سېلىق سالغان. ھەممە يەرنى كولاپ بايلىق ئىزدەپ «قازىق» دەپ لەقەم ئالغان. قەشقەردىن سىرتقا چىقىپ كەتمەكچى بولغان پۇقرالارنى «ھەقتىن قاچتى» دەپ پۇتىنى كەسكەن. شۇ دەۋردە قەشقەر كوچىلىرىدا پۇتى كېسلىگەن توكۇرلار خېلى كۆپىيىپ قالغانلىقى خاتېرىلەنگەن. ئۇندىن باشقا جاللات شىڭ شىسەيمۇ ۋەتىنىمىزدىن بەك كۆپ بايلىقلارنى يىغىپ تەيۋەنگە قېچىپ كەتكەنلىكى تارىخى مەنبەلەردە خاتېرىلەنگەن. دېمەك، پادىشاھ شەخسىي مۈلكىنىلا كۆزلەيدىغان بولسا ئۆزى سەزمەستىنلا زۇلۇم قىلىشتا ھەددىدى ئاشىدۇ. اللە ھەممىمىزنى زۇلۇمدىن ساقلىسۇن.

7. قارا گورۇھ ھاكىمىيتى

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «أتَدرونَ ما المُفلِسُ ؟ إنَّ المُفلسَ من أُمَّتي مَن يأتي يومَ القيامةِ بصلاةٍ وصيامٍ ، وزكاةٍ ، ويأتي وقد شتَم هذا ، وقذَفَ هذا ، وأكلَ مالَ هذا ، وسفكَ دمَ هذا ، وضربَ هذا ، فيُعْطَى هذا من حَسناتِه ، وهذا من حسناتِه ، فإن فَنِيَتْ حَسناتُه قبلَ أن يُقضَى ما عليهِ ، أُخِذَ من خطاياهم ، فطُرِحَتْ عليهِ ، ثمَّ طُرِحَ في النَّارِ - سىلەر مۇپلىس (ئىپلاس بولغۇچى) نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر؟ مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بولغان مۇپلىس شۇنداق كىشىكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ناماز، روزا ۋە زاكات بىلەن كېلىدۇ. ئەمما ئۇ بۇ كىشىنى تىللىغان، ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلغان، بۇنىڭ مېلىنى يېگەن، ئۇنىڭ قېنىنى تۆككەن، بۇنى ئۇرغان ھالەتتە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ياخشىلىقلىرىدىن بۇ كىشىگە، ئۇ كىشىگە بېرىلىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلەر تۈگىمەي تۇرۇپلا ياخشىلىقلىرى تۈگەپ كەتسە، ھېلىقى زۇلۇم قىلىنغانلارنىڭ گۇناھلىرى ئېلىنىپ ئۇنىڭغا يۈكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ دوزاخقا تاشلىنىدۇ.»

[ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس]

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «اللَّهُمَّ مَنْ ولِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَشَقَّ عَلَيْهِم فَاشْقُقْ عَلَيْهِ - ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشلىرىدىن بىرەر ئىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۈممىتىمگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرسا، ئۇنى قىيىنچىلىقتا قويغىن»

[ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان]

جىنايەتچىلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان ياكى كۈچلۈك تەسىرى بار ھاكىمىيەت. قارا گورۇھنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىشى قاتتىق كۈچ ئىشلىتىش بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلغاندا چوقۇمكى دەسلەپكى تاللىشى قورقۇتۇش، ئۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، يوقۇتۇش بولىدۇ. بۇ مەنىدىن ئىېيتقاندا بىر قەۋمگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقانلارنىڭ كاللىسىدىكى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئۇرۇش، جەڭ، ئۇرۇپ-چېقىش.. قاتارلىق قاتتىق ئۇسۇللارلا بولسا بۇ ئەمەلىيەتتە قاراجەمئىيەت ھاكىمىيتى بولغان بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھادقا قىزىقتۇرغان. ئەمما جەڭنىڭ بىردىن-بىر مەقسىتىنىڭ پەقەتلا «اللە دىنىنى ئالىي قىلىش» بولىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. يەنى جەڭ مەقسەت ئەمەس بەلكى پەقەتلا ۋاستە بولىشى كېرەك.

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «مَن قَاتَلَ لِتَكُونَ كَلِمَةُ اللَّهِ هي العُلْيَا، فَهو في سَبيلِ اللَّهِ عزَّ وجلَّ - كىم اللە يولىدا جەڭ قىلغان بولسا، ئەنە شۇ اللە يولىدا جىھاد قىلغان بولىدۇ.»

[ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس]

8. تۇققانپەرەسلىك

خىزمەت ياكى باشقا مەنپەئەتلەردە تۇغقانلىرىغا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىش. بۇ ھەقتە مەخسۇس يازما يېزىلغان.

تۇققانپەرەسلىك ھەققدىكى يازما

9. ھاكىمىيەت كونترۇللىقى

پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دەيدۇ: «مَنْ غَشَّنَا فَلَيْسَ مِنَّا - كىم بىزنى ئالدىسا بىزدىن ئەمەس»

[ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس]

شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەيدىغانلار گۇرۇھىنىڭ ھاكىمىيەتنىڭ قارار چىقىرىش جەريانىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى. بۇ ئادەتتە باشلىقنىڭ ياكى باش ئەمىرنىڭ رەھبەرلىكتىكى ئاجىزلىقى سەۋەپلىك يۈز بېرىدۇ. كۆرنۈشتە باشلىق باشقا ئەمما پۈتۈن ئىقتىساد، ھوقۇق، قارار چىقىرىش ھوقۇقى، باشقا گورۇھنىڭ قولىدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ ھالەت تارىختا بەك كۆپ يۈز بەرگەن. مەسىلەن، قاراخانىيلار خانلىقنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە پادىشاھ ۋە رەھبەرلەرنىڭ ھوقۇقىدىن بەكرەك ئەسكىرىي قوماندانلارنىڭ ھوقۇقى كۈچلۈك بولۇپ كەتكەنىكەن. بۇ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ھاكىمىيەتتە مۇھىم ئىشلار ئالدراڭغۇ قوماندانلارنىڭ خاھىشى بويىچىلا قارار چىقىرىلىپ، ئەسلىدە پۈتۈن ھاكىمىيەتنىڭ شۇرا بىلەن ئېلىندىغان قارارلىرى شىجائەتسىزلىك، بوشاڭلىق، ۋاقىتنى سۇزۇۋېتىش… دەپ قارىلىنىدىكەن. بۇنداق ھاكىمىيەت ناھايىتى تېزلا زاۋاللىققا يۈزلىنىدىكەن. چۈنكى ھاكىمىيەت ئىشى ھىكمەت ئىشىدۇر. ئالدراڭغۇلۇق قوشۇلغان ھامان زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. اللە بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.

خۇلاسە

دېمەك، بىز ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىدىن تازىلاپ ئۆز ھاكىمىيىتىمىزنى قولىمىزغا ئالماقچى بولغان ئىكەنمىز، چوقۇم تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەتلىرىمىزدە سىياسىي چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن اللە قا دۇئا قىلىشىمىز، يولباشچىلىرىمىزنىڭ ئەمەللىرىنى تۈزەپ بېرىشىنى اللە تىن تىلىشىمىز كېرەك. ئاندىن يولباشچىلارغا نەسىھەت قىلىشنى تاشىلاپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئاخىرىدا يولباشچىلارنىڭ خىزمىتى ۋە ساداقىتىگە قارىتا ئۇلارغا ياردەم قىلىشىمىز، ئۇلارنى قوغدىشىمىز كېرەك. يولباشچىلىرىمىزنىڭ توغرا قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىمىز، خاتا قىلغانلىرىنى ئەسكەرتىشىمىز لازىم. ئۇلار بىلەن دەسلەپتىلا كارىمىز بولماي، ئېغىر سىناقلاردا ئېزىپ كېتىشىگە تاشلاپ قويساق زىيان تارتىدىغىنى پۈتۈن مىللىتىمىز بولىدۇ.

اللە بىز بىچارە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا اللە رازى بولىدىغان، توغرا ئەقىدىلىك، كۈچلۈك، تەدبىرلىك، شىجائەتلىك، سۈپەتلىك يولباشچىلارنى چىقىرىپ بەرگەي، ئامىن!