تەڭپۇڭ رايون

December 11, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 11 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

خەلقئارا سەھنىدىكى تەڭپۇڭ رايونلار (Buffer Zone)

خەلقئارا سىياسىي سەھنىدە «بۇففېر زون» (Buffer Zone) دەپ ئاتىلىدىغان رايون مەۋجۇت. بۇ رايوننى تۈركچە Tampon Bölge ، ئەرەبچە منطقة عازلة، خىتايچە 缓冲区، رۇسچە Буферная зона دەپ ئاتايدۇ. مەن تۆۋەندە تۈركچىنىڭ ئاھاڭىغا بىرئاز يېقىنلاشتۇرۇپلا «تەڭپۇڭ رايون» دەپ ئالدىم. بۇ خىل رايونلار دۆلەتلەر ياكى سىياسىي گۇرۇھلار ئارىسىدا كېلىش توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇلارنى پەسەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. دەل مۇشۇنداق رايونلار قۇرۇلمىسا تىركىشىۋاتقان ياكى مەنپەئەت تالىشىۋاتقان ئىككى سىياسىي كۈچ ئارىسىدا دىئالوگ ئېچىش، ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولماي قالىدۇ.

رەببىمىز اللە ياراتقان بۇ زېمىندا خىلمۇ-خىل ئېرقتىكى، خىلمۇ-خىل مىللەتلەردىكى، خىلمۇ-خىل ئەقىدە ۋە دىندىكى ئىنسانلار ئورتاق ياشايمىز. ھەربىر ئىنسانلار توپىنىڭ ئۆزىگە خاس قىممەت قارىشى، دىننىي ئېتىقادى ۋە سىياسى مەنپەئەتى بولىدۇ. ھالبۇكى بۇلار دىئالوگ بىلەن ئاسانلا ھەل بولمايدۇ. شۇڭا ئۆز خەلقىنىڭ ئۇرۇش ۋە بالايى ئاپەتلەردىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن دۆلەتلەر ئامال يوق تەڭپۇڭ رايونلارنى قۇرۇپ ئۆز-ئارا مۇرەسسە قىلىشىدۇ. بۇ ئاتالغۇ كۆپچىلىكىمىزگە يېڭىدەك بىلىنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىن يىراق ئۇقۇم ئەمەس. تۆۋەندە بىز تەڭپۇڭ رايوننىڭ تەبىئىتى، تۈرلىرى، مىساللىرى ۋە ئۇنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتەيلى.

تەڭپۇڭ رايوننىڭ ماھىيىتى

تەڭپۇڭ رايون دېگەنلىك، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۆلەت ياكى گۇرۇھ ئارىسىدا توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياكى مەۋجۇد توقۇنۇشنى پەسەيتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان، ئادەتتە تەرەپسىز ياكى مەلۇم دەرىجىدە قاتتىق كۈچتىن خالىي قىلىنغان رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ رايونلار تىركىشىۋاتقان تەرەپلەر تەرىپىدىن كېلىشىم قىلىنىپ ياكى خەلقئارالىق قانۇنلار ئارقىلىق بېكىتىلىپ، بۇ رايون ئىچىدە ھەممە تەرەپ ئۆزىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىنى ئازايتىدۇ. بۇنداق رايونلاردا بىر تەرەپتىن توقۇنۇشلارنىڭ ۋە بىۋاستە ئۇچرىشىتىن ساقلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئالاقە ۋە سودا يوللىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. نىسبەتەن تەرەققىي قىلىشىغا ھەممە تىركىشىۋاتقان تەرەپ كۆز يۇمىدۇ. چۈنكى بۇ رايوننىڭ شۇ مەۋجۇدلۇقى ھەممە تەرەپكە مەنپەئەتلىك بولىدۇ.

تەڭپۇڭ رايوننىڭ تۈرلىرى

تەڭپۇڭ رايونلار ئورنى، مەقسىتى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ھەر خىل شەكىلدە بولىدۇ.

  1. ھەربىي تەڭپۇڭ رايون (Military Buffer Zone): بۇ خىل رايونلار، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. ئادەتتە، بۇ رايونلارغا ھەربىي كۈچلەرنىڭ كىرىشى ياكى ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلىنىدۇ. مىسالى: كورىيە زېمىنىدىكى ھەربىي كۈچلەر چەكلەنگەن رايون (Korean Demilitarized Zone)، كەشمىر، سىپروستىكى تەڭپۇڭ رايون قاتارلىقلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ.

  2. سىياسىي تەڭپۇڭ رايون (Political Buffer Zone): بۇ خىل رايونلار، دۆلەتلەر ياكى سىياسىي گۇرۇھلار ئارىسىدا كېلىشىم ۋە دىئالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولغان مەسىلىلەرنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بۇ خىل رايونلاردا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ ۋە ئورتاق ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئىزدەيدۇ. مىسال: بىر قانچە دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا رايونلىرى.

  3. ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭ رايون (Ecological Buffer Zone): بۇ خىل رايونلار، تەبىئەتنى قوغداش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ساقلاش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بۇ رايونلاردا، ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلىنىپ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ساقلىنىدۇ. مىسال: (IUCN) تەرىپىدىن بېكىتىلگەن قوغدىلىدىغان رايونلار.

  4. سودا تەڭپۇڭ رايون (Trade Buffer Zone): بۇ خىل رايونلار، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بۇ رايونلاردا، ئادەتتە باج ۋە تاموژنا چەكلىمىلىرى ئېلىپ تاشلىنىپ، سودا پائالىيەتلىرى ئاسانلىشىدۇ. مىسال: ياۋروپا ئەركىن سودا رايونى (European Free Trade Area).

تەڭپۇڭ رايون مىساللىرى

ھەربىي بۇففېر زون (Military Buffer Zone) ئۈچۈن مىساللار:

1. كورىيە ھەربىي كۈچلىرى چەكلەنگەن رايون (Korean DMZ)

1953-يىلى چاۋشەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كورېيە يېرىم ئارىلىنى كېسىپ ئۆتىدىغان 250 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ رايون قۇرۇلدى. بۇ رايوندا ئىككىلا تەرەپ ھەربىي كۈچلەرنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى چەكلەنگەن.

كورېيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايونى (كورېيەچە: 한반도 비무장 지대 (ھانباندو بىمۇجاڭ جىدە)) شىمالىي كەڭلىك 38-پاراللېلغا يېقىن بولغان كورېيە يېرىم ئارىلىنى كېسىپ ئۆتىدىغان قاتتىق ھەربىيلەشتۈرۈلگەن بىر تار زېمىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايون (DMZ) يېرىم ئارالنى تەخمىنەن ئىككىگە بۆلىدىغان چېگرا توسمىسىدۇر. بۇ رايون 1953-يىلى كورېيە ئۇرۇشى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، كورېيە خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى (شىمالىي كورېيە) بىلەن كورېيە جۇمھۇرىيىتى (جەنۇبىي كورېيە) ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك رايونى سۈپىتىدە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ كېلىشىم شىمالىي كورېيە، خىتاي دۆلىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوماندانلىقى ئارىسىدا ئىمزالانغان.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 كىلومېتىر (160 مىل) بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن 4 كىلومېتىر (2.5 مىل) كېلىدۇ. بۇ رايون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي ۋە پۇقرالىرىدىن نۇرغۇن ئۆلۈم-يېتىم ۋەقەلەر يۈز بەرگەن. قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايون ئىچىدە ئىككى كورېيە دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بىر ئۇچرىشىش نۇقتىسى بار بولۇپ، ئۇ رايوننىڭ غەربىي قىسمىغا يېقىن جايدىكى كىچىك بىرلەشمە بىخەتەرلىك رايونى (JSA) دۇر.

كورېيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايونى كېچىدە ئالەم بوشلۇقىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، چۈنكى كورېيە يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا يورۇقلۇق يوق دېيەرلىك. كورېيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايونى كورېيە ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى چېگرا بولغان شىمالىي كەڭلىك 38-پاراللېلنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىزلەندۈرۈلگەن رايوننىڭ ئۇزۇنلۇقى 250 كىلومېتىر (160 مىل) بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن 4 كىلومېتىر (2.5 مىل) كېلىدۇ. گەرچە رايوننىڭ ئۆزى قۇراللاردىن خالىي قىلىنغان بولسىمۇ، رايوننىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى چېگرالار دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق ھەربىيلەشتۈرۈلگەن چېگرالاردىن ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي چەكلىمە سىزىقى ياكى NLL بولسا سېرىق دېڭىزدىكى شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان دېڭىز چېگرا سىزىقى بولۇپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە كېلىشىلمىگەن. NLL نىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى دېڭىز بويى ۋە ئاراللارمۇ قاتتىق ھەربىيلەشتۈرۈلگەن.

تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشىنىش ئۈچۈن بۇ مەنبەدىن كۆرسىڭىز بولىدۇ: https://en.wikipedia.org/wiki/Korean_Demilitarized_Zone

2. جەۋلان ئېگىزلىكى تەڭپۇڭلۇق رايونى

ئىسرائىل 1967-يىلدىن بۇيان سۈرىيەنىڭ جولان ئېگىزلىكىنى ئىشغال قىلىپ كەلمەكتە. 1974-يىلى ئىسرائىل بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان قوشۇنلارنى ئايرىش كېلىشىمى تەڭپۇڭ رايونى ۋە قۇراللاردىن خالىي رايوننىڭ چېگرالىرىنى بەلگىلىگەنىدى.

ئىسرائىل 1967-يىلى ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى مەزگىلىدە جولان ئېگىزلىكىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان ۋە كېيىنچە بۇ زېمىننى ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغانىدى.

ئىسرائىل قوشۇنى ھەپتە ئاخىرىدا باش ۋەزىر بېنيامىن نېتانياخۇ (Benjamin Netanyahu) ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز (Israel Katz) نىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىشغال قىلىنغان جولان ئېگىزلىكىدىكى تەڭپۇڭ رايونغا كىردى. نېتانياخۇ بىر باياناتتا «بۇ ئىشغالىيەت ۋاقىتلىق» دەپ جاكارلىدى. ئىسرائىل قوشۇنى جولاندىكى بىخەتەرلىك رايونىنى ئىشغال قىلغان ئەسكەرلەر ۋە زىرەھلىك ماشىنىلارنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتتى. ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشىنى 1974-يىلدىكى قوشۇنلارنى ئايرىش كېلىشىمىنى بۇزغانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

3. كەشمىر لىنىيىسى (Line of Control in Kashmir):

ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بۇ رايون، ئەمەلىيەتتە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان رايون بولۇپ، بىر تەرەپتىن بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بۇففېر رولىنى ئوينىسىمۇ، يەنە بىر تەرەپتىن توقۇنۇشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ رايوندا ھەربىي كۈچلەر كۆپ بولۇپ، ھەربىي پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىپ تۇرىدۇ.

4. سېپروس ئارىلىدىكى بۇففېر رايونى (UN Buffer Zone in Cyprus)

1974-يىلى تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدىن كېيىن، سېپروس ئارىلىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈشى نەتىجىسىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىشىدا بۇففېر رايونى قۇرۇلدى. بۇ رايون، گېرىتسىيە ۋە تۈركىيە سېپروسلىقلىرى ئارىسىدا كېلىشىم توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەمما يېقىنقى يىللاردا بۇ رايوندا كۆچمەنلەرنىڭ ياشىشى ۋە ئاسراش قاتارلىق مەسىلىلەر يۈز بەرمەكتە.

5. سىناي يېرىم ئارىلى (Sinai Peninsula)

1979-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمىگە ئاساسەن، بۇ يېرىم ئارالنىڭ مەلۇم قىسمى ھەربىي كۈچلەرنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن رايون قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىم توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان مۇھىم بىر قەدەم بولغان.

سىياسىي بۇففېر زون (Political Buffer Zone) ئۈچۈن مىساللار:

  1. كېلىشىم ئىشلىرى بويىچە ئورتاق ھەمكارلىق رايونلىرى (Joint Management Areas) كۆپ دۆلەت ئارىسىدىكى چېگرا رايونلىرىدا، ئورتاق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن رايونلار. بۇ خىل رايونلاردا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ. مەسىلەن، يەر ئاستى بايلىقلىرى ياكى سۇ مەنبەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش.

  2. سۆھبەت سورۇنلىرى (Negotiation Zones) ئۇرۇش توختىتىش ياكى تىنچلىق كېلىشىمى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن رايونلار. بۇ رايونلاردا، ھەرقايسى تەرەپلەر ئۆزئارا سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، سۈرىيە ياكى ئافغانىستاندا تىنچلىق سۆھبەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان رايونلار.

  3. تەرەپسىز كۆزەتكۈچىلەر رايونى (Observer Zones) ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق دۆلەت ئارىسىدىكى كېلىشىم توقۇنۇشلىرىنى كۆزىتىش ۋە خاتىرىلەش ئۈچۈن قۇرۇلغان رايونلار. بۇ رايونلاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ياكى باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ كۆزەتكۈچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئېكولوگىيىلىك بۇففېر زون (Ecological Buffer Zone) ئۈچۈن مىساللار:

  1. دۇنيا بىئوسفېرا قوغدىلىدىغان رايونلىرى (Biosphere Reserves): يۇنېسكونىڭ قوغدىلىدىغان رايونلار پروگراممىسى دائىرىسىدە قۇرۇلغان بۇ رايونلار، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاش، شۇنداقلا يەرلىك مەدەنىيەتنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ رايونلارنىڭ ئەتراپىدا ئادەملەرنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ.

  2. سۇلۇق يەرلەر (Wetland Buffer Zones): سۇلۇق يەرلەر، سۇ مۇھىتىنى قوغداش ۋە يەر ئاستى سۈيىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلىدۇ. بۇ رايونلاردا ئۆسۈملۈكلەر سۈزگۈچ رولىنى ئويناپ، سۇنىڭ ساپلىقىنى ساقلايدۇ.

  3. ئورمانلىق قوغداش رايونلىرى (Forest Protection Zones): ئورمانلارنى كېسىشتىن ساقلاش ۋە ھايۋاناتلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان رايونلار. بۇ رايونلاردا ياغاچ كېسىش ياكى باشقا ئېكولوگىيىگە زىيانلىق پائالىيەتلەر چەكلىنىدۇ.

سودا بۇففېر زون (Trade Buffer Zone) ئۈچۈن مىساللار:

  1. ئەركىن سودا رايونلىرى (Free Trade Zones): دۆلەتلەر ئارىسىدا باج ۋە تاموژنا چەكلىمىلىرىنى ئېلىپ تاشلاش ئارقىلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رايونلار. بۇ رايونلاردا سودا پائالىيەتلىرى تېزلىشىدۇ. مەسىلەن، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونى (NAFTA).

  2. ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن زاپاس بېكەتلەر (Export Processing Zones): ئېكسپورت قىلىشقا قارىتىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان رايونلار. بۇ رايونلاردا باج كېمەيتىلىدۇ ياكى ھەتتا باجدىن خالاس قىلىنىدۇ.

  3. چېگرا سودا رايونلىرى (Border Trade Zones): دۆلەتلەرنىڭ چېگرا رايونلىرىدا سودىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رايونلار. بۇ رايونلاردا چېگرا ھالقىغان سودا پائالىيەتلىرى ئاسانلىشىدۇ.

بۇففېر زوننىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى

بۇففېر زونلارنىڭ سىياسىي ئەھمىيىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۆۋەندىكىكىلەرنى ئەسكەرتىشكە بولىدۇ:

  1. توقۇنۇشلىرىنى ئازايتىش: بۇففېر رايونلىرى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش ئارقىلىق ئۇرۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشسىز تەرەققىي قىلىشىغا ۋە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا پايدىسى بولىدۇ. ئىنسانىيەت ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق بىر تېما.

  2. تەرەپسىزلىكنى تەشەببۇس قىلىش: بۇففېر رايونلىرى مەلۇم دەرىجىدە تەرەپسىزلىكنى ساقلاش ئارقىلىق، توقۇنۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئۆز مەنپەئەتىنى ساقلاش، نىشانىغا قارىتا تەييارلىق قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. قوشنىلاردىن كېلىدىغان خەۋپنى ئازايتىدۇ.

  3. ئالاقە يوللىرىنى ئېچىش: بۇففېر رايونلىرى سۆھبەت ۋە دىئالوگ ئۈچۈن بىر سورۇن ھازىرلاپ، ئۆزئارا كېلىشملەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يول ئاچىدۇ.

  4. مۇھىت قوغداش: ئېكولوگىيىلىك بۇففېر رايونلىرى تەبىئەتنى قوغداش ۋە بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىقنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بۇ يەردىكى ئاساسلىق ئۇقۇم بولسا، سىياسىي كۈچلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىدە چىڭ تۇرسىلا، دۇنيا سىياسىتىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇد مەۋقەسىنى قوغداش ئۈچۈن كېلىشم ھازىرلاشقا تامامەن يول بار. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ئىشىغا پۇختا، مەۋجۇدلۇق تىزگىنىنى باشقىلارنىڭ تىزگىنىدىن خالى تۇتۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ھوشيار ۋە سىياسىي ئېڭى ئۈستۈن كىشىلەر رەھبەرلىك قىلغان قەۋملەردە سىياسىي ھالىتى مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئۆز ئىشىغا پۇختا بولىسىلا خەلقئارا سەھنىدە يەنىلا بىر كىشىلىك مەۋجۇدلۇق ئورنىنى ئالالىشى مۇمكىن. ۋەزىيەتكە ماسلىشىش دەپلا ئەڭ ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىدىن ۋە سىياسىي غايىسىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ئورنى يوق.

خۇلاسە

بۇففېر زونلار يەنى تەڭپۇڭلۇق رايونلىرى، سىياسىي سەھنىدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئورۇنغا ئىگە. ئۇلار توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى ساقلاش، ئۆزئارا ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق نۇرغۇن ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ساھەلەردە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.