تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 15 مىنۇت
بسم الله الرحمن الرحيم

ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرى
ھۇنلار ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات
ھۇنلار ياكى ھونلار (خىتايچە: 匈奴، پىنيىن: Xiōngnú، يىراق قەدىمكى خەنچە ئوقۇلۇشى: *qʰoŋ.nˤa) بولۇپ، تارىختا ئاسيا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىن ئوتتۇرا ۋە غەربىگىچە، ئاخىرى شەرقىي ياۋرۇپاغىچە ئات ئويناتقان بىر قەۋمدۇر.

ھۇن ئېمپىريىسىنىڭ ئەڭ كېڭەيگەن مەزگىلدىكى دائىرىسى
خەنزۇ تارىخچى سىماچيەن «تارىخىي خاتىرىلەر: بەش پادىشاھنىڭ تەرجىمھالى»دا خۇاڭدىنىڭ ھونلار بىلەن ئۇرۇشقانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئەھمەت زەكىي ۋەلىدى توغان: «ھون» ئاتالغۇسىنى «كۈن» دەپ يازىدۇ. يەنە باشقا تارىخىي مەنبەلەردىمۇ «ھون» سۆزىنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان دېيىلگەن. ئەجدادلار ئورخۇن دەرياسىنى «خۇن» دەرياسى دەپ ئاتاشقانىكەن.
ھونلار تارىختا ئەڭ دەسلەپ بۈگۈنكى ئورخۇن دەيا بويلىرى، چوغاي تاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالى، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىي ئېتەكلىرىدە ياشىغان.
ھونلار بىلەن تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، چىراي شەكىللىرى دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى. خىتاينىڭ «ۋېينامە»، «جۇنامە»، «سۈينامە» قاتارلىق قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا چاغلاردىكى تارىخىي ماتېرىياللىرىدا، ئۇيغۇرلار ۋە تۈركلەر ھونلارنىڭ ئەۋلادى دېيىلگەن.
ھۇنلار بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ، تارىخچى تۇرغۇن ئالماس مۇنداق بىر قوشاق كەلتۈرىدۇ:
ھۇن بوۋامدىن قورققانلار سەددىچىننى سالغانلار.
ھۇنلار بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار خەن سۇلالىسى ئۆرۈلگىچە داۋام قىلغان. شىمالىي ھۇنلار مەغلۇپ بولۇپ غەربكە ۋېنگىرىيەگە كۆچتى ۋە ياۋروپادا داۋاملىق ھوجۇم قىلىپ ياۋروپا ھۇن دۆلىتىنى يەنى ئاتتىلا پادىشاھلىقىنى قۇردى؛ جەنۇبىي ھۇنلار بولسا خەن سۇلالىسىگە بويسۇندى، كېيىن جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تالىشىپ، خىتاي فامىلىلىىرنى قوبۇل قىلدى ھەمدە نۆۋەت بىلەن خەن汉 ئالدىنقى جاۋ前赵 شىمالىي لياڭ 北凉 شيا 大夏 قاتارلىق ھاكىمىيەتلەرنى قۇردى. كېيىنچە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى، بىر قىسمى بولسا سيانپىلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن.
خىتايدەك تارىخى مەدەنىيەت سىستېمىسى بىلەن پۈتۈن تارىخىدىن بۇيان تىركىشىپ كەلگەن ۋە بىر بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇرغان بۇنداق چوڭ مىللەتنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەپتىن ھۇنلار زادى قانداق ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەنلىك ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان شەخسىي ئىزدىنىپ بېقىش نىيىتىم بار ئىدى. خىتايلارنىڭ نەسەبنامىسى ھەققىدە يېزىلغان بىر ماقالە ئۇچراپ قېلىش بىلەن بۇ ھەقتە قىسقا ئىزىنىپ قالدىم ۋە كەسپىي تارىخچى بولماسلىقىمغا قارىماستىن، كېينچە پايدىلىنارمەن، دەپ بۇ يازمىنى يېزىپ قويدۇم. بۇ كەسىپتە ئوقۇغان كەسپ ئەھلىلىرى ئىزىنىشىم ھەققىدە پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەلۋەتتە بىلىمىمنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشىمەن.
تارىخى كىتاپلاردىن قەدىمكى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۈنىمىزدىكى تۆۋەندىكى 13 خىتاي فامىلىلىرىدىن ئىزدەشكە بولىدىكەن:
ھۇنلار قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ئېنىق خاتېرىلەنگەن فامىلىلەر
1. ليۇ 刘
ھۇن تەڭرىقۇتنىڭ ئەسلى نەسلى لۇەندى 挛鞮 قەبىلىسىدىن كەلگەن. خەن سۇلالىسىنىڭ خانىشى ھۇنلارغا ياتلىق بولغان، جەنۇبىي ھۇنلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەندىن كېيىن، ھۇنلارنىڭ ئانا يېقىنىدىن فامىلە ئېلىش ئادىتىگە ئاساسەن، ئانىسىنىڭ فامىلىسى ليۇنى قوبۇل قىلىپ، تەدرىجىي ھالدا خەنزۇلار بىلەن قوشۇلۇپ كېتىپ، ئۆزلىرىنى «خېنەن ئۆلكىسىدىكى (خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبى) ليۇ» دەپ ئاتىغان. تارىخىي شەخسلەردىن خەن (خەن جاۋ) ئىمپېراتورى ليۇ يۈەن 刘渊 بار.
ليۇ 刘 خېتىنىڭ ئەسلى مەنىسى جەڭ قۇرالى ياكى قۇرال-ياراق 兵器 دېگەن مەنىدە بولۇپ، كۈنىمىزدە خىتايلارنىڭ ئىچىدىكى 4-چوڭ فامىلە ھېسابلىنىدۇ. تەخمىنەن 64 مىليون خىتاينىڭ بۇ فامىلىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، پۈتۈن خىتاي نوپۇسىنىڭ 5.34% نى ئىگەللەيدىكەن.

ئەمما شۇنىسى ئېنىق بولىشى كېرەككى، كۈنىمىزدىكى ليۇ 刘 فامىلىلىكلەرنىڭ ھەممىىسنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
ليۇ 刘 فامىلىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان ۋاقتى خەن سۇلالىسى دەۋرى بولۇپ، خەن ۋۇدى دەپ ئاتالغان 刘邦 پادىشاھ بولغان دەۋرلەردە ليۇ 刘 فامىلىسىنىڭ نوپۇسى زور دەرىجە ئاشقانكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي فامىلەشۇناسلىرىمۇ ليۇ 刘 فامىلىسىگە كۆپ ساندا باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھازىرغىچە شاڭخەي كۈتۈپخانىسىدا ساقلانغان ليۇ 刘 فامىلىسى نەسەبنامىسىدىن 425 ى بار بولۇپ، ئامېرىكا، ياپون قاتارلىق دۆلەتلەردە ساقلانغانلىرى 719 پارچە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ليۇ 刘 فامىلىسىنىڭ قان تىپى نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
O تىپلىق 33.5%
A تىپلىق 28.7%
B تىپلىق 28.9%
AB تىپلىق 8.9%
2. بۇ 卜
ھۇنلارنىڭ شيۇبۇ 须卜 قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ تۆت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىرىدۇر. كېيىن خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىپ، بۇ卜 فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان. داڭلىق شەخسلەردىن ئالدىنقى جاۋ دۆلىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بۇ يۈ 卜豫بار.
بۇ 卜 سۆزى بولسا يىن جوۋ 殷周 سۇلالىسى دەۋرىدە پەيدا بولغان بىر خىل پال سېلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار تاشپاقىنىڭ قېپىنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ھاسىل بولغان يېرىقلارغا قاراپ پال سېلىشقان. دۇنيادا 720 مىڭ خىتاي بۇ فامىلىسىنى توشۇيدۇ.

بۇ 卜فامىلىلىك خىتايلار بەك كۆپ مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، ھۇنلار، مانجۇلار ۋە مۇڭغۇللاردىن بۇ 卜فامىلىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلەر بار.
بۇ 卜فامىلىسىى نەسەپنامىسىدىن دۇنيادا 8 پارچىسى بارلىقى مەلۇم.
بۇ 卜فامىلىسىنىڭ قان تىپى نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
O تىپلىق 38.1%
A تىپلىق 26.8%
B تىپلىق 27.6%
AB تىپلىق 7.5%
3. لەن 兰
ھۇنلارنىڭ شيۇتۇ 休屠 قەبىلىسىدىن، ۋۇلۇلان 乌洛兰 قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ تۆت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىرىدۇر. كېيىن لەن فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان؛ بالېلەن 拔列兰 قەبىلىسىمۇ لەن فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان. داڭلىق شەخسلەردىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ باش ۋەزىرى لەن يەن 兰延 تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوڭ قاناتتىكى قوغدىغۇچى قىسىمنىڭ گېنېرالى (ئون ئىككى مۇھاپىزەتچى گېنېرال قىسىمنىڭ بىرى، ئۈچۈنچى دەرىجىلىك) لەن چاڭجى 兰长基 بار.
لەن 兰 خېتى ئۆسۈملۈك دورىسىغا ئىشلىتىلىدىغان خۇشپۇراقلىق كەترەن 兰草 دەپ ئاتىلىدغان ئۆسۈملۈكنى كۆرسىىتىدۇ. ھازىر لەن 兰 فامىلىسىنى توشۇۋاتقان 840 مىڭ خىتاي بارلىقى مەلۇم.

2600 يىللىق تارىخقا ئىگە خىتاي فامىلىسى بولۇپ، چىن سۇلالىسى ۋە خەن سۇلالىسىدىن كېيىن باشقا مىللەتلەر قوشۇلۇشقا باشلىغان. ھۇنلار، سىيانپىيلار، مۇڭغۇللاردىن لەن 兰 فامىلىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن تارىخلار خاتېرىلەنگەن.
ھازىرغىچە لەن 兰 فامىلە نەسەبنامىسىدىن 2 پارچىسىلا تېپىلغان.
لەن 兰 فامىلىسىنىڭ قان تىپى نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
O تىپلىق 35.4%
A تىپلىق 28.9%
B تىپلىق 27.5%
AB تىپلىق 8.2%
4. چياۋ 乔
ھۇنلارنىڭ چيۇلىن 丘林 قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ تۆت چوڭ ئائىلىنىڭ بىرىدۇر. كېيىن چياۋ فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئالدىنقى جاۋ دۆلىتىنىڭ خىزمەتچىسى چياۋ شى 乔诗 ھارۋىلىق قوشۇن گېنېرالى چياۋ تەي 乔泰 بار.
چياۋ 乔 سۆزىنىڭ ئېگىز ۋە ئۈستى ئەگمەچ دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، كۈنمىزدە تەخمىنەن 1 مىليون 700 مىڭ خىتاي قوللىنىدۇ.

ئەسلىدىنلا خىتاي فامىلىسى بولۇپ، تارىختا ھۇنلار ۋە مانجۇلارنىڭ چياۋ 乔 فامىلىسىنى ئالغانلىقى خاتېرىلەنگەن.
چياۋ 乔 فامىلىسى نەسەپنامىسىدىن جەمئىي 11 پارچىسى بارلىقى مەلۇم.
چياۋ 乔 فامىلىسىنىڭ قان تىپى نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
O تىپلىق 31.8%
A تىپلىق 28.4%
B تىپلىق 30.3%
AB تىپلىق 9.5%
5. جىن 金
ھۇنلارنىڭ شيۇتۇ 休屠 قاغانى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېيدا تۇرغان. ئۇنىڭ شاھزادىسى جىنمىدى金日𬼀ياش ۋاقتىدا ئەسىرگە ئېلىنغان. چوڭ بولغاندا خەن ۋۇدى ئىمپېراتورنىڭ ئاق سۆڭەك خىزمەتكارى بولغان، ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى جىن 金 فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان.
جىن 金 فامىلىسىنى نۆۋەتتە 3 مىليون 800 خىتاي قوللىنىدىغان بولۇپ، خىتاي نوپۇسىنىڭ 0.3% نى ئىگەللەيدىكەن.

جىن 金 فامىلىسى خىتاي تىلىدا ئالتۇن مەنىسىدە بولۇپ، ئەسلىدىنلا خىتايلار قوللىنىپ كەلگەن فامىلە، ئەمما خىتاي تارىخىدا باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ بۇ فامىلىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى خاتېرىلەنگەن، مەسىلەن، خېنەن كەيفېڭغا ئولتۇراقلىشىپ قالغان يەھۇدىيلارنىڭ 6 فامىلىسىنىڭ بىرى جىن 金 بولغان؛ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىيە بەزى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلەر جىن 金 فاملىسى ئىشلەتكەن؛ چىڭ سۇلالىسىدىكى مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىدىن ئەيشۈنجۆلۇ فامىلىسىنىڭ بىر قىسىمى كېيىن فامىلىسىنى جىن 金 گە ئۆزگەرتكەنلىرى بولغان..
شاڭخەي كۈتۈپخانىسىدا جىن 金 نىڭ نەسەبنامىىسىدىن 170 پارچە ساقلانغانلىقى مەلۇم. چەتئەللەردىكىنى قوشقاندا 387 پارچە جىن 金 فامىلىسىنىڭ نەسەبنامىسى بارلىقى مەلۇم.
جىن 金 فامىلىسىنىڭ قان تىپى نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
O تىپلىق 34%
A تىپلىق 29.5%
B تىپلىق 27.8%
AB تىپلىق 8.7%
6. سوڭ 丛
جىنمىدىنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرقى شەندوڭ ئۆلكىسى ۋېيخەي شەھىرى ۋېندېڭ 文登 رايونىدىكى سوڭجياشيەن 丛家岘 گە كۆچۈپ، كېيىن يەر نامىغا ئاساسەن سوڭ فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان. تارىخىي شەخسلەردىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ نەنجىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى سوڭلەن 丛兰بار.
كۈنىمىزدە سوڭ 丛 فامىلىسىنى 340 مىڭ خىتاي قوللىنىدىغان بولۇپ، خىتاي تىلىدىكى مەنىسى توپلاشقان دېگەن مەنىدە. ئەسلىدىنلا خىتاي فامىلىسى بولغان بولسىمۇ، غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە بەزى جىن فامىلىسىنى ئالغان ھۇنلار فامىلىسىنى سوڭ 丛 گە ئۆزگەرتكىنى مەلۇم.

خىتاي فامىلىشۇناسلىرى سوڭ 丛 فامىلىسىگە تارىختا مانجۇ، مۇڭغۇل، تۇڭگان قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ.
ھازىر سوڭ 丛 سىنىڭ نەسەبنامىسىدىن پەقەت 2 پارچىسىلا تېپىلغان.
سوڭ 丛 فامىلىسىنىڭ قان تىپى نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
O تىپلىق 30.5%
A تىپلىق 28%
B تىپلىق 31.5%
AB تىپلىق 10%
7. جۇچۈ 沮渠
سول، ئوڭ جۇچۈ 沮渠 بولسا ھۇنلارنىڭ تۇگې 屠各 قەبىلىسىدىكى بۇ 卜ئائىلىسىنىڭ مەخسۇس ئەمەلدارلىقى بولۇپ، سول جۇچۈ ئىدارىي ئىشلارغا، ئوڭ جۇچۈ ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئومۇمىي ھالدا جۇچۈ 沮渠 دەپ ئاتالغان. داڭلىق شەخسلەردىن شىمالىي لياڭ پادىشاھى جۇچۈ مېڭشۈن 沮渠蒙逊 شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ يوڭجۇ ۋالىسى جۇچۈ كاڭ 沮渠康بار.
8. خۇن 浑
خەن سۇلالىسىنىڭ يۈەنشوۋ ئىككىنچى يىلى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 121-يىلى)، خۇچۈبىڭنىڭ ھۇجۇمى ئاستىدا، ھۇنلارنىڭ خۇنشيە 浑邪 قاغانى قىرىق مىڭ ئادىمى بىلەن خەن سۇلالىسىگە تەسلىم بولغان، خەن ۋۇدى ئىمپېراتور ئۇنى لۇيىن 漯阴侯 قىلىپ تەيىنلىگەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كېتىپ، خۇن فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان. تارىخىي شەخسلەردىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ باش ئۇستازى خۇن جيەن 浑瑊بار.
9.خېلەن 贺兰 خېلەي贺赖
خېلەن 贺兰 قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، يەنە خېلەي دەپمۇ ئاتالغان. بۇلار خەن سۇلالىسى دەۋرىدە خېلەن تاغلىرى 贺兰山 رايونىدا كۆچمەنچىلىك قىلغان ھۇنلارنىڭ قەبىلىسىدۇر. ھۇنلار ئاجىزلاشقاندىن كېيىن، خېلەن قەبىلىسى كۆپ قېتىم سيانپىلارنىڭ تۇوبا قەبىلىسى鲜卑拓跋غا سادىق بولغان ۋە ئۇلار بىلەن نەچچە ئەۋلاد قۇدا-باجا بولغان، شۇڭا ئۇلار خېلەي 贺赖 دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇ سادىق دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. تارىخىي شەخسلەردىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ھەربىي ھاكىمى خېلەن جىنمىڭ 贺兰进明بار.
خېلەن 贺兰 قەبىلىسى يۈەنشۇدا 元朔 ياشاپ ، ۋېيغا ئەگىشىپ جەنۇبقا قاراپ خېلۇ河洛غا كەلدى. ۋېي ساداقەتمەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغا خېلەن贺兰 دەپ ئىسىم قويدى ، شۇڭا قەدىمكى تىلىدىكى مەنىسى « ساداقەت »مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قەبىلە ئۇلار تەۋە بولغان جەمەتكە سادىق بولۇپ ، ئارقا-ئارقىدىن باشلىقلار بۇ قەبىلىنى قايتا-قايتا باشلاپ تۇئوبا拓跋 قەبىلىسىگە سادىق بولۇشقا ۋەدە بەرگەن ، ھەمدە تۇئوبا拓跋 قەبىلىسى بىلەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد نىكاھلانغان.كېيىن خېلەن 贺兰 قەبىلىسى جەنۇب ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە تۇئوبا 拓跋قەبىلىسىنىڭ يادروسى بولغان خان جەمەتى قارمىقىدىكى سەككىز شاھزادە ۋە ئاقسۆڭەكنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

خې 贺 فامىلىسى خىتايدا 2 مىليون 200 ئەتراپىدا بولۇپ، خېلەن 贺兰 فامىلىسىنىڭ كېيىنچە خې 贺 فامىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكى پەرەز قىلىنىدۇ.
10. پۇگۇ 仆固
ھۇنلارنىڭ پۇگۇ 仆固 قەبىلىسىدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن تىيېلې قەبىلىسى 铁勒 ۋە شيۇەيەنتۇ 薛延陀 قەبىلىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. تارىخىي شەخسلەردىن تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي ھاكىمى پۇگۇ خۇايېن仆固怀恩 بار.
پۇگۇ قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۆز يۇرتىدا قېلىپ ، كېيىن ئۇيغۇرلارغا قوشۇلدى. ئېگىز ھارۋىلىقلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى پۇگۇ جۈن仆固俊 بەلكىم پۇگۇ قەبىلىسىنىڭ ئەۋلادى بولۇشى مۇمكىن.
11. خېليەن 赫连
ھۇنلارنىڭ سول قاناتتىكى دانا قاغانى «去卑»نىڭ نەۋرىسى قۇرغان قەبىلە بولۇپ، دادىسىنى سىيانپىي 鲜卑 ئانىسىنى تيېفۇ铁弗 دەپ ئاتىغان، شۇڭا ئۇلارنى تيېفۇ قەبىلىسى دەپمۇ ئاتىغان. ئون ئالتە پادىشاھلىق دەۋرىدە، تيېفۇ قەبىلىسىنىڭ باشلىقى بوبو 勃勃 تيېفۇ فامىلىسىدىن نومۇس قىلىپ، خېليەن 赫连 فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان، خېتاۋ 河套 رايونىدا چوڭ شيا دۆلىتى 大夏国نى قۇرغان، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئاستا-ئاستا خەنزۇلاشقان. داڭلىق شەخسلەردىن شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ چوڭ گېنېرالى، 夏州 ىنىڭ باش ۋالىسى خېليەن دا 赫连达 بار.
12. خۇيەن 呼延
شىمالىي ھۇنلارنىڭ خۇيەن قاغانلىقىدىن چىققان فامىلە بولۇپ، ھۇن تەڭرىقۇتلىرىنىڭ تۆت چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىرىدۇر. چىن سۇلالىسى ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە شەرقىي تەڭرىتاغ رايونلىرىدا ياشىغان، كېيىن خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي ئۆلكىلەر باش مەسئۇلى بان يوڭ 班勇تەرىپىدىن يېڭىلىپ، خۇيەن قاغان يىگىرمە مىڭ ئادىمى بىلەن خەن سۇلالىسىگە بويسۇنۇپ، خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن. داڭلىق شەخسلەردىن شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ لياۋجۇ ۋالىسى خۇيەن زەن 呼延赞بار.
شىئەن ۋە تەييۈەندە خۇيەن 呼延 فامىلىسى بار كەنتلەر بار . شەنشى陕西 غا كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن مىللەتلەر فامىلىسىنى خۇ呼 غا ئۆزگەرتتى. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ، نۇرغۇن ئەۋلادلار فامىلىسىنى خۇ呼 ۋە 胡 غا ئۆزگەرتكەن ، چۈنكى «خۇ» بىلەن «خۇ» نىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش .
13. خۇ 呼
خۇيەن呼延 فامىلىسىدىكى ھۇنلارنىڭ بىر بۆلىكى خۇ呼 فامىلىسىنى قوبۇل قىلغان. داڭلىق شەخسلەردىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشى باش قوماندانى خۇ لياڭپېڭ 呼良朋بار.
شەنشى陕西 غا كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن مىللەتلەر فامىلىسىنى خۇ呼 غا ئۆزگەرتتى. مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن ، نۇرغۇن ئەۋلادلار فامىلىسىنى خۇ呼 ۋە خۇ 胡 غا ئۆزگەرتكەن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى ئوخشاش. ئېگىز ھارۋىلىقلار يەنى قاڭقىللاردىن خۇ 胡 فامىلىسىنى ئالغانلار بارلىقى مەلۇم.

خۇ 胡 فامىلىلىك خىتايلاردىن 1 مىليون 400 مىڭ ئەتراپىدا بار ئىكەن.
10 چوڭ خىتاي فامىلىسى
خىتايدىكى چوڭ فامىلىلەردىن تۆۋەندىكىلەردە ھۇن، تۈرك، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇلغانلىق مەلۇماتى بار ئىكەن:
1. لى 李
قەدىمكى دەۋردىكى ئەمەلدارلىق نامىنى بىلدۈرىدىكەن. كۈنىمىزدە جەمئىي 92 مىليون خىتاي ئىشلىتىىدىغان بولۇپ، چەتئەللەردىكى لى 李 فامىلىسىنى قوللىنىدىغان خىتايلارنى قوشقاندا 100 مىليون ئەتراپىدا بولىدىكەن.

بۇ دۇنيادىكى ئوخشاش فامىلىنى قوللىنىدىغان ئەڭ چوڭ فامىلە ھېسابلىنىدىكەن. خىتايلار 4 مىڭ يىللىق تارىخى بار فامىلە دەپ قارايدىكەن. ھۇنلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ، ئېگىز ھارۋىلىقلار دۆلىتى ئادەملىرىدىن باشقا يەنە مۇڭغۇل ۋە مانجۇلارنىڭ ھەتتا يەھۇدىي، پارىس، چاۋشەن مىللىتى قاتارلىق چەتئەللىكلەرنىڭمۇ لى 李 فامىلىسىگە قوشۇلغانلىق تارىخى سۆزلىنىدىكەن. لى 李 فامىلىسى نەسەبنامىسىدىن دۇنيادا 1031 پارچىسى بار ئىكەن.
2. ۋاڭ 王
پادىشاھ دېگەن مەنىدە بولۇپ، دۇنيادا 90 مىليون خىتاي ۋاڭ 王 فامىلىسىنى قوللىنىدىكەن.

تارىختا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۇنلار، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلار، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە مۇڭغۇللار ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مانجۇلاردىن ۋاڭ 王 فاملىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار ئىكەن. دۇنيادا 1721 پارچە ۋاڭ 王 فامىلىسى نەسەبنامىسى تېپىلغان ئىكەن. خىتاي تارىخدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ 5.19% ۋاڭ 王 فامىلىسىدىن بولۇپ، خىتايلاردىكى ئەڭ كۆپ داڭلىق شەخس چىققان فامىلە ئىكەن.
3.جاڭ 张
خىتايچە ئوقيا كىرىچىنى تارتىش، ئوقيا ئېتىش، سوزۇش، تارتىش دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، كونا خىتاي يېزىقىدىمۇ ئوقيانىڭ رەسىمى شەكلىدە يېزىلغان. دۇنيادا ھازىر 85 مىليون خىتاي بۇ فامىلىنى قوللىنىدىكەن.

خىتايلار جاڭ 张 فامىلىسىنىڭ 5 مىڭ يىللىق تارىخى بار دەپ قارايدۇ. تارىختا ھۇن، سىيانپى، ئۇيغۇر، تۈرك، مۇڭغۇل، مانجۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىك مەلۇماتى بار ئىكەن. دۇنيادا 1433 پارچە نەسەبنامىسى بار ئىكەن.
4. لىيۇ 刘
فامىلىسى يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا تەپسىلىي تىلغا ئېلىندى.
5. چېن 陈
ئەسلىدە «تىزىپ قويۇش» دېگەن مەنىلەردە بولۇپ، خىتايلارنىڭ قەدىمكى قۇياش ھەرىكىتىنى كۈزىتىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان دەرىخى بار يەرنى كۆرسەتكەن، كېيىن دۆلەت نامى قىلىپ قوللىنىلغان ئىكەن. جەمئىي 58 مىليون خىتاي چېن 陈 فامىلىسىنى قوللىنىدۇ.

خىتايلار 4 مىڭ يىللار تارىخ بار فامىلە دەپ قارايدۇ. تارىختا ھۇنلار، سىيانپىلار، مۇڭغۇللار، مانجۇلارنىڭ چېن 陈 فامىلىسىگە قوشۇلۇپ كەنكەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بار ئىكەن. دۇنيادا 1666 پارچە نەسەبنامىسى تېپىلغان ئىكەن.
6. ياڭ 杨
قەدىمكى خىتاي تىلىدا قۇياش دېگەن مەنىدە ئىكەن. دۇنيادا 40 مىليون خىتاي ياڭ 杨 فامىلىسىنى قوللىنىدۇ.

خىتايلار 3 مىڭ يىللىق تارىخى بار دەپ قارايدۇ. بەك كۆپ باشقا مىللەتلەر ئارىلاشقا فامىلە بولۇپ، تۈركلەر، سىيانپىلار، دىڭلىڭلار، مۇڭغۇللار، مانجۇلارنىڭ ياڭ 杨 فامىلىسىنى قۇبۇل قىلغانلىقى ھەققىدە قاراشلار بار ئىكەن. دۇنيادا 583 پارچە نەسەبنامىسى تېپىلغانكەن.
7. خۇاڭ 黄
زېمىننىڭ ۋە ئالتۇننىڭ رەڭگى بولۇپ، خىتايلار خۇاڭدى دېگەن مەنىنى ئەسلىتىدۇ دەپ قاراپ ئىسىل فامىلىلەردىن قارايدىكەن. دۇنيادا 31 مىليون خىتاي خۇاڭ 黄 فامىلىسىنى قوللىنىدىكەن.

3 مىڭ يىللىق تارىخى بار فامىلە دەپ قارايدىكەن. تارىختا خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھۇنلار، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈركلەر، كېيىنچە مۇڭغۇلار ۋە مانجۇلارنىڭ خۇاڭ 黄 فامىلىسىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىك مەلۇماتلار بار ئىكەن. دۇنيادا 828 پارچە نەسەبنامىسى ساقلىنىپ قالغان.
مېنىڭ دەسلەپكى ئىزدىنىشىمدە خىتايدىكى چوڭ فامىلىلەردىن تۆۋەندىكىلەردە ھۇن، تۈرك ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇلغانلىق مەلۇماتى يوق ئىكەن
8. جاۋ 赵
خىتايدىكى 8-چوڭ فامىلە بولۇپ، 2 مىليون 600 مىڭ خىتاي مۇشۇ فامىلىنى ئىشلىتىدۇ.

خىتايلار جاۋ فامىلىسىنىڭ 4 مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىنى ئېيتىشىدۇ. جاۋ فامىلىسىىگە تارىختا جىن دۆلىتى 金国 ئاھالىسى، يەھۇدىيلار، مانجۇلارنىڭ قوشۇلغانلىق تارىخى بولسىمۇ، ھۇن، تۈرك ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئېنىق جاۋ 赵 فامىلىسىگە قوشۇلغانلىق تارىخى كۆرمىدىم.
9. جوۋ 周
خىتايدىكى 9-چوڭ فامىلە بولۇپ، 2 مىليون 500 مىڭ خىتاي بۇ فامىلىنى قوللىنىدىكەن.

خىتايلار بۇ فامىلىنىڭ 5 مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقىنى ئېيتىشىدىكەن. سىرتتىن كىرگەن مىللەتلەرنىڭ كۆپ بولغانلىقىنى مەلۇم بولسىمۇ، ھۇن، تۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ جوۋ فامىلىسىگە قوشۇلغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يېزىلمىغان.
10. ۋۇ 吴
خىتايدىكى 10-چوڭ فامىلە بولۇپ، 2 مىليون 400 مىڭ خىتاي بۇ فامىلىنى ئىشلىتىدۇ.

مۇڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسى ۋە مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ قوشۇلغان تارىخى بار ئىكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ خىتاي تارىخىدىكى باشقا مىللەتلەر ئارىلاشقان تارىخى ئەڭ ئاز كۆرۈلگەن فامىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
غەربتىكى (ئوتتۇرا ئاسىيا) مەدەنىيەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك فامىلىلەر
ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك، خىتايلار ئەزەلدىن چەتئەللىكلەرنىڭ ئىسمىنى زورلاپ ئۆزىنىڭ تىلى ۋە يېزىقىغا بويسۇندۇرۇپ ئاندىن ئاتايدۇ. شۇ سەۋەپتىن بەزى مىللەتلەرنى خىتايلار تارىختا ئايرىم فامىلە شەكىلدە ئاتىغان.
غەربتىكى فامىلىلەر كۆپىنچە يىپەك يولى ئارقىلىق خىتايلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، خىتايلاشقان ياكى ئۆزگەرتىلگەن ناملاردۇر. بۇ فامىلىلەر ئاساسەن سوغدىيەلىكلەر (粟特人)، تۇخارىيەلىكلەر (吐火罗人)، پارىسلار قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىدىن كەلگەن.
بۇلاردىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
1. ئەن (安) فامىلىسى
- كېلىپ چىقىشى: بۇخارا (安息 ئەنشى) رايونىدىن كەلگەن
- تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربتىن كەلگەن سودىگەرلەر ۋە دىپلوماتلار
- كۆپىنچىسى پارسلار، سوغدىيانلار ۋە ئىران خەلقلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
- تارىخىي مەنبە: تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا «ئەن» فامىلىسىدىن كېلىدىغان سوغدىيانلار «ئان كۆچمەنلىرى» (安国移民) دەپ خاتىرىلەنگەن.
- مۇھىم ۋەكىل: ئەن لۇشەن (安禄山، 703–757) - تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر قوزغىلاڭچى، سوغدىيە-تۈرك ئارىلاشمىسى ئىدى. بەزى ئۆزبېك تارىخچىلار ئەنلۇشەن نىڭ ئەسلى ئىسمىنى «بۇخارا رۇشەن» دەپ قارايدۇ.
- ھازىرقى ئەھۋال: ھازىر «ئەن» فامىلىسى خىتايدا 67-ئورۇندا تۇرۇپ، ئاساسەن خېنەن ۋە خېبېي ئۆلكىلىرىدە تارقالغان.
2. كاڭ (康) فامىلىسى
- كېلىپ چىقىشى: «كاڭ» فامىلىسى سوغدىيەنىڭ سەمەرقەنت شەھىرى (康国، Samarkand) دىن كەلگەن. سوغدىيەلىكلەر تانگ سۇلالىسى دەۋرىدە سودا ۋە دىپلوماتىيە ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىغا كۆچكەن.
- تارىخىي مەنبە: تانگ سۇلالىسىنىڭ «يېڭى تانگنامە» (新唐书) دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، سوغدىيەلىكلەر «كاڭ» فامىلىسىنى ئۆز يۇرتىنىڭ نامىدىن ئالغان.
- تارىخىي شەخسلەر: كاڭ شېنئېن (康慎盈): تانگ سۇلالىسىدىكى مەشھۇر سوغدىيە سودىگىرى، پۇللۇق يوللارنى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن.
- ھازىرقى ئەھۋال: «كاڭ» فامىلىسى خىتايدا 75-ئورۇندا، ئاساسەن جياڭسۇ ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىرىدە تارقالغان.
3. شى (石) فامىلىسى
- كېلىپ چىقىشى: تاشكەنت (石国 شىگۇو) رايونىدىن كەلگەن سودىگەرلەر
- تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە يىپەك يولى بويلاپ كەلگەنلەر
- تارىخىي شەخسلەر: شى جىشۇاڭ (石敬瑭، 892–942): تانگ سۇلالىسىدىن كېيىنكى «خەتەرلىك ئون ئالتە پادىشاھلىق» (五代十国) دەۋرىدىكى «جېن سۇلالىسى» (后晋) نىڭ قۇرغۇچىسى.
- ھازىرقى ئەھۋال: «شى» فامىلىسى خىتايدا 61-ئورۇندا، شەنشى ۋە خېنەن ئۆلكىلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
4. مى (米) فامىلىسى
- ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خىتاي تارىخى كىتاپلىرىدا مىگو (米国) دەپ ئاتلغان دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ دۆلەت ھازىرقى تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان رايونلىرىدا جايلاشقان.
- تارىخىي مەنبە: تاڭ سۇلالىسىنىڭ « تىجارەت خاتىرىلىرى» گە ئاساسلانغاندا، «مىيەن» دىن كەلگەن سودىگەرلەر خىتايدا «مى» فامىلىسىنى قوللانغان.
- تارىخىي شەخسلەر: مى فۇ (米芾، 1051–1107): سۇڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر رەسسامى ۋە خەتتاتى، «مىيەن سەنئەت مەكتىپى» نىڭ ئاساسچىسى.
- ھازىرقى ئەھۋال: «مى» فامىلىسى خىتايدا 200-ئورۇنلاردا، ئاساسەن خېنەن ۋە خېبېيدە تارقالغان.
5. شا (沙) فامىلىسى
- كېلىپ چىقىشى: پەرسىيە ياكى ئەرەب دۆلەتلىرىدىن كەلگەن
- كۆپىنچىسى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە خىتايغا كەلگەن مۇسۇلمانلار
- مۇھىم ۋەكىل: شا زۇجۇ - مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربكە سەپەر قىلغان جېڭخې بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان تەرجىمان
خۇلاسە
ھۇنلار سىڭىپ كەتكەن خىتاي فامىلىلىرى ھەققىدىكى تېما قىزىقارلىق ۋە مۇھىم تېما بولسىمۇ، ئۇنى تەتقىق قىلغاندا ۋە ئوتتۇرىغا قويغاندا بەزى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار بار. بولۇپمۇ، مىللىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان سەزگۈر تېمىلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئېھتىياتچان بولۇش، ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ئالدراپ ھوجۇم قىلماسلىق، مىللەت سەۋەپلىك باشقىلارنى كەمسىتمەسلىك قاتارلىق ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.
ھۇنلارنىڭ كۆپ قىسىمى خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ كەتكەن دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما ھونلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى پەقەت بۈگۈنكى 13 خىتاي فامىلىسىدىنلا ئىزدەش، بىر ئاز تار دائىرىدىن ئىزدەش بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئاسسىمىلياتسىيە بولغان ئەۋلادلار باشقا فامىلىلەرنىمۇ قوللانغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىزدەشتە، پەقەت فامىلە بويىچە ئىزدەش يېتەرلىك ئەمەس. گېنشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى، تارىخىي خاتىرىلەر، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن تەھلىل قىلىش كېرەك.
بىز تىلغا ئالغان فامىلىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۇنلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈنمۇ خىتايلارنىڭ كىتاپلىرىغا مۇراجىئەت قىلدۇق. بەزى فامىلىلەرنىڭ ھۇنلاردىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا تارىخىي خاتىرىلەر بولسىمۇ، بۇ خاتىرىلەرنىڭ ھەممىسى ئىلمىي جەھەتتىن تولۇق دەلىللەنگەن دېيىش تەس.
يۇقارقى بىر فامىلىنىڭ بىر قانچە كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، ليۇ (刘) فامىلىسىنىڭ ھۇنلاردىن باشقا يەنە باشقا مەنبەلىرىمۇ بار. شۇڭا، بۇ فامىلىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى دېيىشكە بولمايدۇ.
ئۇندىن باشقا قان تىپى نىسبىتى بېرىلدى، ئەمما بۇ ئۇچۇرلار ھۇنلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمىگەن بولغاچقا، بۇ ئۇچۇرلار ئالاھىدە قىممىتى بار ئۇچۇرلار دەپ قارىماسلىق كېرەك.
ھۇنلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى خىتاي فامىلىلىرىدىن ئىزدەش بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن.
بەزىلەر بۇ تېمىدىكى بەزى ئۇچۇرلارنى خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە شەرھلەپ، تارىخنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن.
شۇڭا يازما ھەققىدە ئارتۇقچە پىكىر قىلىۋالماستىن، پەقەتلا مەلۇمات تەرىقىسىدە پايدىلىش يېتەرلىك.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
«ئۇيغۇرلار»، تۇرغۇن ئالماس
«ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى»، تۇرغۇن ئالماس
记住祖先:中华姓氏寻根举隅/高洪雷编著
中国姓氏。三百大姓
https://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%91%BC%E5%BB%B6%E5%A7%93
https://zh.wikipedia.org/wiki/%E5%83%95%E5%9B%BA%E9%83%A8
https://baike.baidu.com/item/%E8%B4%BA%E5%85%B0%E5%A7%93/10740093
«تارىخىي خاتىرىلەر: بەش پادىشاھنىڭ تەرجىمھالى»، سىماچيەن
«ئۇمۇمىي تۈرك تارىخىغا كىرىش»، ئە. ز. ۋەلىدى توغان
«تارىخىي خاتىرىلەر: لىمۇ ھەققىدە قىسسە»، سىماچيەن