تەييارچۆپ ھەققىدە

August 23, 2025


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 15 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

تەييار چۆپ زىيانلىقمۇ؟

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تەييارچۆپ ئىستېمال قىلىشىنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى ھەققىدە ئىزدىنىش

ماقالىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالە تەييارچۆپنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى تەھلىل قىلىدۇ. ماقالىدە بۇ يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن، تۇز ۋە ياغ مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن، دائىملىق ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن شەرھىيلەنگەن. شۇنداقلا، تەييارچۆپكە ئائىت بەزى خاتا قاراشلارنى تۈزىتىپ، ئۇنى قانداق قىلغاندا بىر ئاز ساغلام ئىستېمال قىلغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئەمەلىي تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ماقالىنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئۇيغۇر ياشلىرىنى ساغلام ۋە ئاڭلىق يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى قوغداشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.

كىرىش سۆز

تەييارچۆپ، يەنە فاڭبيەنميەن 方便面 ياكى ئىندومى (IndoFood ناملىق ھىندىنوزىيە شىركىتىنىڭ Indomie ناملىق تەييارچۆپلىرى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەييارلىنىشى ئاسان ۋە ئەرزان بولۇشى بىلەن دۇنيا مىقياسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان قولايلىق يېمەكلىككە ئايلاندى. بۇ تېز تەييار بولىدىغان يېمەكلىكنى 1958-يىلى ياپونىيىلىك تىجارەتچى موموفۇكۇ ئاندو (Momofuku Ando) ئىجاد قىلغان.

ئەپسۇسكى، تەييارچۆپنى دائىم ئىستېمال قىلىشنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرىگە ئائىت ئەندىشىلەر ناھايىتى ئېغىر. بۇ ماقالە ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ئۇيغۇر تىبابىتىگە ماس ھالدا يېمەك-ئىچمەك تاللاشقا ئۈندەش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىنى قوغداش ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىنى قوللاش مەقسىتىدە، ھازىرقى تەتقىقاتلارغا ئاساسلىنىپ، تەييارچۆپنى دائىملىق ئىستېمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك يوشۇرۇن ساغلاملىق خەۋپلىرىنى بايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. گەرچە يېمەكلىك سانائىتى ئەمەلىيىتىگە قارىتا ئومۇمىي ئەندىشىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ماقالە مەنبەلەردە تەپسىلىي بايان قىلىنغان تەييارچۆپنىڭ كونكرېت ساغلاملىق تەسىرىگە مەركەزلىشىدۇ ھەمدە ھەرقانداق يېمەكلىك مەھسۇلاتى ئۈچۈن ئىشەنچلىك ھالال ماركىلارنى تاللاش ۋە دۆلەتلىك يېمەكلىك سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تەييارچۆپ ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە

تەييارچۆپ قايناقسۇ بىلەن تېزلا تەييارلىغىلى بولىدىغان، ئالدىن پىشۇرۇلغان چۆپ تۈرىدىكى بىر يېمەكلىكتۇر. ئۇ ئادەتتە بىر پارچە چۆپ، بىر بولاق تەم كىرگۈزگۈچ ۋە بىر بولاق ياغدىن تەركىب تاپىدۇ، بەزىلىرىدە كۆكتات بولىقىمۇ بولىدۇ. چۆپنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەن (تەخمىنەن %10-%15) بولۇشى ۋە كۆكتاتلارنىڭ مۇزلىتىپ قۇرۇتۇلۇشى ئۇلارنى كۆپ چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار ئىشلەتمەي ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ، تەم كىرگۈزگۈچ بولاقلىرىدا بەزى چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار بولۇشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا يەنە مونوسودىيۇم گۇلۇتامات (MSG)، ناترىي بىكاربونات ۋە بېنزوي كىسلاتاسى قاتارلىق بەزى زىيانلىق يېمەكلىك خۇرۇچلىرى مىقدارى ئازايتىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىدە بەلگىلەنگەن چەك ئىچىدە ئىشلىتىلگەندە ئادەتتە بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ. تەييارچۆپتىن كېلىپ چىققان ئاساسلىق سالامەتلىك مەسىلىلىرى ئادەتتە قانۇنسىز ياكى زىيانلىق خۇرۇچلار تۈپەيلىدىنلا ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ ئومۇمىي ئوزۇقلۇق تەركىبىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. ئىلمىي نۇقتىدىن ئالغاندا، تەييارچۆپ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسى جەھەتتە ئىنتايىن تەڭپۇڭسىز بولۇپ، «يۇقىرى ئىسسىقلىق، يۇقىرى تۇز، يۇقىرى ماي، ئەمما تۆۋەن ئوزۇقلۇق» تىپىدىكى يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ.

تۆۋەندە تەييارچۆپنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرىنى ئىلمىي ئۇسلۇپتا تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى:

1. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە تەڭپۇڭسىزلىق

تەييارچۆپ قۇلايلىق بولۇشىغا قارىماي، داۋاملىق مۇتەخەسىسلەر تەرىپىدىن ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ ناچارلىقى بىلەن تەنقىدلىنىدۇ. ئۇ ئاساسلىقى بەدەننى كاربون سۇ بىرىكمىلىرى ۋە ياغ بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەمما ئاقسىل، تالا، ۋىتامىنلار (A, C, B12, B-kompleks قاتارلىقلار) ۋە مىنېرال ماددىلار (كالتسىي، سىنىك، تۆمۈر ۋە فوسفور قاتارلىقلار) دېگەندەك مۇھىم ئوزۇقلۇقلارنىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن. ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئەخلەت يېمەكلىك»تۇر.

  • ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە تەڭپۇڭسىزلىق: تەييارچۆپنى دائىملىق ياكى ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىش ناھايىتى كۆپ مىقداردا كالورىيە، ياغ ۋە ناترىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، ئەمما ھالقىلىق ئوزۇقلۇقلارنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنماسلىقىغا سەۋەب بولىدۇ. بۇ تەڭپۇڭسىزلىق ئېغىر ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەر خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنىڭ، مەسىلەن كالتسىي، سىنىك ۋە ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ئېلىپ بارىدۇ. تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، تەييارچۆپنى دائىم ئىستېمال قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاقسىل، كالتسىي، ۋىتامىن C، A، تۆمۈر، نىئاتسىن ۋە فوسفور قوبۇل قىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەن بولىدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالامەتلىرى بولسا داۋاملىق روھسىز بولۇش، ھاياتقا چۈشكۈن قاراش، بىنورمال كەيپىياتتا ياشاش، ھەرخىل گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تارتماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ.
  • ئىممونىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى: تەييارچۆپكە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭسىزلىقى ئىممونىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ. دائىم زۇكام بولۇش، ئۆي بويىچە ئەڭ ئاۋۋال كېسەل بولۇش، ھورۇنلۇق، بالدۇر قېرىپ كېتىش، رەئىس ئەزالارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئاجىز بولىشى، پۇت-قولى كىچىك تۇرۇپ ئىسسىماسلىق.. قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
  • ئېنېرگىيە ۋە تويۇنۇش: تەييارچۆپنىڭ قۇۋۋىتى كالورىيەسى ئادەتتە تۆۋەن، ئۇنىڭ تالا ۋە ئاقسىل مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئۇزۇن مۇددەت تويۇنۇش تۇيغۇسى بېرەلمەسلىكى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاچلىقنىڭ كۈچىيىشى ۋە تېخىمۇ كۆپ ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى يېگەنسىرى تويمىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ئاندىن تېخىمۇ كۆپرەك تەييارچۆپ يېيىشكە باشلايدۇ.

2. يۇقىرى تۇز مىقدارى ۋە يۈرەك قان تومۇر خەۋپى

تەييارچۆپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ساغلاملىق ئەندىشىلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى تۇز (ناترىي) مىقدارىدۇر، بولۇپمۇ تەم-خۇرۇچ بولاقلىرىدا.

  • ھەددىدىن زىيادە تۇز قوبۇل قىلىش: چوڭلار ئۈچۈن تەۋسىيە قىلىنغان كۈندىلىك ناترىي قوبۇل قىلىش مىقدارى 1500 دىن 2300 مىللىگرامغىچە. ئەمما، بىر بولاق تەييارچۆپنىڭ تەركىبىدىكى ناترىي مىقدارى كۆپىنچە ھاللاردا بۇ كۈندىلىك چەكتىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن بولسا بۇ تۇز مىقدارى بىرتال يېيىش بىلەنلا ئېشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قاچا (43g) تەييارچۆپتە 986mg ناترىي بارلىقى، باشقا مەنبەلەردە بولسا ھەر 100g دا ناترىي مىقدارى 397-3678mg ئارىلىقىدا بولىدىغانلىقى، بەزىدە تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.
  • ساغلاملىق ئاقىۋەتلىرى: ھەددىدىن زىيادە ناترىي قوبۇل قىلىش بەدەننىڭ مېتابولىزم تەڭپۇڭلۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، باشقا ئوزۇقلۇقلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە بىر قانچە ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق خەۋپ ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. بۇلار:
    • يۇقىرى قان بېسىمى: يۇقىرى ناترىي مىقدارى يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تۇزغا سەزگۈر كىشىلەردە، بۇ يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    • يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە: يۇقىرى تۇزلۇق يېمەك-ئىچمەك يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە خەۋپىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەييارچۆپنى دائىم ئىستېمال قىلىش يۇقىرى ناترىي ۋە تويۇنغان ياغ مىقدارى سەۋەبىدىن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
    • مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق مەكتىپى تەرىپىدىن 10,711 كورېيەلىك قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا، ھەپتىسىگە كەم دېگەندە ئىككى قېتىم تەييارچۆپ ئىستېمال قىلغان ئاياللارنىڭ مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ %68 يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى سېمىزلىك، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى خولېستېرىن ۋە يۇقىرى قان شېكىرى قاتارلىق بىر توپ خەتەرلىك ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، بۇ ئامىللار يۈرەك كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.

3. يۇقىرى ياغ مىقدارى ۋە مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرى

تەييارچۆپلەر يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ.

  • سېمىزلىك ۋە يۇقىرى قان بېسىمى: نۇرغۇن تەييارچۆپلەرنى ياساش جەريانىدىكى ياغدا قورۇش ئۇسۇلى چۆپنىڭ كۆپ مىقداردا ياغ سۈمۈرۈۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىدە ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى %30 ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ پالما يېغى قاتارلىق تويۇنغان ياغلارنىڭ مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ، بۇ تاجىسىمان ئارتېرىيە يۈرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ قارالغان. ئۇزۇن مۇددەت بۇ ياغلارنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىش ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، ئېغىرلىقنىڭ ئېشىشى ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سېمىزلىك بولسا ئۆز نۆۋىتىدە قاندا ماي مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، دىئابىت ۋە ھەر خىل يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ.
  • ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بۇزۇلۇشى: يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ياغدا قورۇش جەريانى ئەسلىدە ئۇندا بار بولغان ۋىتامىن B قاتارلىق پايدىلىق ئوزۇقلۇقلارنىمۇ بۇزىۋېتىشى مۇمكىن.

4. تەييارچۆپ سانائىتىدىكى يوشۇرۇن تازىلىق ۋە بىخەتەرلىك خەۋپلىرى

تەييارچۆپ سانائەت ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا كۆپلىگەن يوشۇرۇن تازىلىق ۋە بىخەتەرلىك خەۋپلىرى مەۋجۇت. بىرىنچىدىن، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، چۆپنى قورۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ياغلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت قايتا-قايتا ئىشلىتىلىشى كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال. بۇ جەرياندا ياغنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىپ، «يۆتكىلىشچان ياغ كىسلاتاسى» (trans fatty acids) ۋە باشقا راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ھاسىل بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، تەم كۈچەيتكۈچ، رەڭ بەرگۈچ ۋە چىرىشتىن ساقلىغۇچى خۇرۇچلارنىڭ كۆپلەپ قوشۇلۇشى بەدەنگە، بولۇپمۇ جىگەر ۋە بۆرەككە ئېغىر يۈك ئېلىپ كېلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، بەزى سۈپەتسىز تەييارچۆپ قاچىلىرى، بولۇپمۇ كۆپۈك سۇلياۋ قاچىلار يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىكى سۇغا ئۇچرىغاندا، تەركىبىدىكى بىسفېنول A (BPA) غا ئوخشاش زەھەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنى چۆپ شورپىسىغا چىقىرىپ، ئۇزۇن مۇددەتتە ئىنسانلارنىڭ ھورمون سىستېمىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

5. ئۇيغۇر تىبابىتى نەزىرىدە تەييارچۆپنىڭ زىيىنى

ئۇيغۇر تىبابىتى نەزەرىيەسىدە ئادەم بەدىنىنىڭ مىزاج تەڭپۇڭلۇقى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تەييارچۆپ قورۇلغان، كۆپلىگەن خىمىيەلىك خۇرۇچلار ۋە ئاچچىق-چۈچۈك تەم كىرگۈزگۈچىلەر قوشۇلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ مىزاجى بەكلا مۇرەككەپ بولىدۇ. قۇرۇق ئىسسىققا مايىل بولىشى مۇمكىن ئەمما تەبىئىي قۇرۇق ئىسسىققا ھەرگىز ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل يېمەكلىكنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىش بەدەننىڭ تەبىئىي ھۆللۈكىنى خورىتىپ، قۇرۇقلۇقنى ۋە ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. نەتىجىدە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا يەل پەيدا بولۇش، قەۋزىيەت، تېرە قۇرغاقلىشىش، جىگەرگە يۈك بولۇش ۋە سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرى تەبىئىي ئېشىپ كېتىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتىدە سەۋدا خىلىتىنىڭ غەيرىي تەبىئىي دەرىجىدە ئېشىپ كېتىشى نۇرغۇن مۇرەككەپ ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇيغۇر تىبابىتى تەبىئىي، يېڭى پىشۇرۇلغان، مىزاجى مۇۋاپىق تاماقلارنى تەۋسىيە قىلىپ، تەييارچۆپكە ئوخشاش سۈنئىي ۋە تەبىئەتكە زىت يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇشنى تەكىتلەيدۇ.

6. تەييارچۆپ ھەققىدە بەزى قاراشلار

تەييارچۆپ ئىستېمالى ھەققىدە يەنە بىر قانچە ئەل ئىچىدە تارقالغان قاراشلار بار بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بۇلارغا دىققەت قىلىش زىيانلىق ئەمەس:

  • «تەييارچۆپ راك پەيدا قىلىدۇ»: يۇقىرى مايلىق، يۇقىرى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى دائىم ئىستېمال قىلىش سېمىزلىك ۋە يۇقىرى قان بېسىمى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولۇپ، بۇلار بەزى راكلارنىڭ (مەسىلەن، ئاشقازان-ئۈچەي راكى) خەتەرلىك ئامىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەردە سۈپەت ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان تەييارچۆپلەرنىڭ ئۆزىدە كونكرېت راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەس. يۇقىرى كراخماللىق چۆپنى قورۇش جەريانىدا پەيدا بولۇشى مۇمكىن بولغان ئاز مىقداردىكى ئاكرىلامىد ئىنسانلاردا راك پەيدا قىلىپ قويۇش خەۋپى بار. بۇنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېنىقلىغان سۈپەتسىز پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆشلەر، خىتايچە تۇزلانغان بېلىق، كۆكىرىپ كەتكەن يېمەكلىكلەر ۋە بەزى سانائەت ئىچىملىكلىرى ياكى سانائەتتە قاقلاپ پۇشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر قاتارلىق 1-گۇرۇپپا ياكى 2A-گۇرۇپپىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.
  • «بىر بولاق تەييارچۆپنىڭ زەھىرىنى جىگەر 32 كۈندە ئاندىن تازىلايدۇ» دېگەن قاراش كەڭ تارقالغان. بۇ ئىلمىي تەتقىقاتقا مۇھتاج.
  • چىرىشتىن ساقلىغۇچى ۋە خۇرۇچلار: تەييارچۆپنىڭ چۆپى ئادەتتە سۇسىزلاندۇرۇش (تۆۋەن نەملىك) ۋە قورۇش ئارقىلىق ئۇزۇن ساقلىنىدۇ، بەزىلىرىگە يۇقىرى دەرىجىدىكى چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار ئارىلاشتۇرىلىدۇ. چىرىشتىن ساقلىنىش ماددىلىرى پۈتۈن دۇنيادا زىيانلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. گەرچە بەزى تەم كىرگۈزگۈچ بولاقلىرىدا چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار بولۇشى مۇمكىن ھەم MSG قاتارلىق باشقا قانۇنلۇق يېمەكلىك خۇرۇچلىرى ئىشلىتىلسىمۇ، بۇلار دۆلەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ۋە بەلگىلەنگەن چەككە ئاساسەن ئىشلىتىلگەندە ئادەتتە بىخەتەر دەپ قارىلىدۇ. خۇرۇچلارنىڭ ئۆزىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە ساغلاملىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
  • قاچا ماتېرىيالى: تەييارچۆپ قاچىلىرى پىلاستىك بولۇپ، ئۇ ئەجەللىك كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ھازىرقى زامان تەييارچۆپ قاچىلىرى ئادەتتە سۇ ۋە ئىسسىققا چىداملىق بولغان پولىئېتىلېن لامننات ئىشلىتىدىغانلىقى ئىددىئا قىلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، تەييارچۆپلەرگە ئىشلىتىلىدىغان بەزى پولىستىرېن كۆپۈك سۇلياۋ قاچىلاردا بىسفېنول A (BPA) بولۇشى مۇمكىن، بۇ خىمىيىلىك ماددا ھورمونلارغا ئارىلىشىپ، يۈرەك مەسىلىلىرى، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار ئۈچۈن بولسا قەتئىي تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.

ساغلام ئىستېمال قىلىش تەكلىپلىرى

ئەسلىدە يۇقارقى 6 تۈرلۈك ساقلاملىق خەۋپلىرىدىن قارىغان ياشلىرىمىزغا تەييارچۆپنى قەتئىي يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەمما بۇنداق قاتتىق تەدبىر بەلكىم مۇھاجىرەتتىكى ھاياتتا مۇمكىن بولماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا يەنىلا ياشلىرىمىزغا زىياندىن قولىمىزدىن كەلگىچە ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ياردەملىشىش ئۈچۈن، تەييار چۆپنى قانداق قىلغاندا ساغلام ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ؟ دېگەن تېمىدا قىسقا مۇلاھىزە قىلىپ كۆرىمىز:

يوشۇرۇن ساغلاملىق خەۋپلىرىنى كۆزدە تۇتقاندا، تەييارچۆپ ئىستېمالىنى چەكلەش كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئەگەر تەييارچۆپ يېيىشتىن ساقلانغىلى بولمىسا، ئۇنىڭ سەلبىي ساغلاملىق تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ:

  • قېتىم سانىنى كونترول قىلىش: مۇتەخەسسىسلەر تەييارچۆپنى ئايدا بىر قېتىمدىن ئارتۇق يېمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنى كۈندىلىك ياكى ھەتتا كۈنىگە ئىككى قېتىملىق تاماق قىلىۋېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ.
  • تەييارلاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش:
    • بىرىنچى قېتىملىق سۇنى تۆكىۋېتىش: چۆپنى دەسلەپكى قاينىتىش ياكى چىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سۇنى تۆكىۋېتىڭ. ئاندىن، ئاخىرقى تەييارلاش ئۈچۈن يېڭى قايناقسۇ قوشۇڭ. بۇ قەدەم چۆپ ۋە تەم كىرگۈزگۈچتىكى ياغ ۋە تۇز مىقدارىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ.
    • تەم كىرگۈزگۈچ ۋە ياغنى ئاز ئىشلىتىش: تەم كىرگۈزگۈچ ۋە ياغ بولىقىنىڭ پەقەت 3/1 دىن 2/1 گىچە قىسمىنى ئىشلىتىڭ. تەم كىرگۈزگۈچ بولاقلىرى يۇقىرى تۇزنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىدۇر. تۇز قوبۇل قىلىشنى تېخىمۇ ئازايتىش ئۈچۈن شورپىسىنى پۈتۈنلەي ئىچمەسلىككە تىرىشىڭ.
    • ساپ تەركىبلەرنى قوشۇش: تاماققا تەزە، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى تەركىبلەرنى قوشۇڭ. بۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىدۇر:
      • ئاقسىل: تۇخۇم، توخۇ گۆشى، دۇفۇ، بېلىق پارچىلىرى (مەسىلەن، لوسوس بېلىقى) ياكى باشقا ئورۇق گۆشلەر قاتارلىق مەنبەلەرنى قوشۇڭ.
      • كۆكتاتلار: كۆپ مىقداردا كۆكتات، بولۇپمۇ پالەك، كەرەپشە ياكى باشقا يېشىل كۆكتاتلار ۋە پەمىدۇر قاتارلىق قېنىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى قوشۇڭ. بۇ مۇھىم ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە يېمەكلىك تالاسىنى قوشۇپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ ۋە تويۇنۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدۇ. يېتەرلىك تالا قوبۇل قىلىش قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۈچەي ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
  • ئەڭ ئاقىلانە تاللاش:
  • ھالال بەلگىسىنى بارنىلا تاللاش: بۇ ئەڭ ئالدى بىلەن بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىي پىرىنسىپى بولىشى كېرەك. ھەرقانداق سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى چۈشىنىدىغانلار ھالال بەلگىسى قويۇلمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما ئىلغىماي يەپ كۆنگەن قېرىنداشلار بۇنداق نەسىھەتلەرنى ئېغىر كۆرىدۇ.
    • قورۇلمىغان تۈرلەرنى تاللاش: مۇمكىن بولسا، ھوردا پىشۇرۇلغان قورۇلمىغان تەييارچۆپلەرنى تاللاڭ.
    • كىچىكرەك بۆلەكلەرنى تاللاش: كىچىكرەك بولاقلارنى تاللاڭ ياكى چوڭراق بولاقنى بۆلۈپ، بىر قېتىملىق مىقدارنى باشقۇرۇپ، ئومۇمىي ياغ ۋە تۇز قوبۇل قىلىشنى ئازايتىڭ.
  • ئوزۇقلۇق بەلگىسىنى ئوقۇش: ھەمىشە ئوزۇقلۇق بەلگىسى، تەركىب تىزىملىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنى تەكشۈرۈڭ. بۇ نېمە يەۋاتقانلىقىڭىز ھەققىدە تېخىمۇ ئاقىلانە قارار چىقىرىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
  • بەكرەك داڭلىق، ئىشەنچلىك ماركىلىلارنىلا تاللاش: سانائەت مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى ئاسانلا تازىلىق كىرزىسىغا ئۇچرايدىغان ساھە بولۇپ، ئادەتتە داڭلىق ماركىلىق يېمەك-ئىچمەك بولمىسىلا ئۆزىنىڭ سانائەت جەريانىنى ئىستىمالچىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن يوشۇرىدۇ. تېخىمۇ ياخشى سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ياخشى ئورنىتىلغان ۋە دۆلەتلىك سۈپەت گۇۋاھنامىسى بار تەييارچۆپ ماركىلىرىنى تاللاڭ.
  • خىتايدا ئىشلەنگەن ماركىدىن قەتئىي نېرى تۇرۇش: خىتايلارنىڭ سانائەت كۆلىمىدە پۈتۈن دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكى بىر ھەقىقەت، ئەمما ئۇنىڭ سانائىتىنىڭ قانداق قاراڭغۇلۇق ۋە زۇلمەتتە ئىكەنلىكنى بىلگەن كىشى، رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىشتىن ئاجىز كەپ قالىدۇ. مەسىلەن، خىتاي تاراتقۇلىرىدا خىتايلار سانائەتكە قاتناش ۋەقەسىدە ئۇچرىغان ئادەملەرنىڭ ۋە تېنىنى تەقدىم قىلغانلارنىڭ ھەقسىز گۆشى ۋە سۆڭىكىنى ئىشلەتكەن ۋەقەلەر ئاشكارىلانغان. خىتايلارنىڭ سانائەتتە چوشقا سۆڭەك يىلىمىدىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىدىغانلىقى ئاشكارە مەلۇماتتۇر. ئۇندىن باشقا خىتاي سانائىتىدە نەچچە مىليون ئۇيغۇر ئاچا-سىڭىللىرىمىزنىڭ قان يىغلاپ قۇل قىلىنىپ ئىشتلىتىلۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي دوكىلاتلار ئىلان قىلىندى. شۇڭا خىتاي ماركىسىنى ئىشلىتىش دىننىي، ۋىجدانىي، ئەقىلىي جەھەتتىن بىر شەرقىي تۈركىستانلىققا ھەرگىز توغرا كەلمەيدۇ. تۆۋەندىكىسى بولسا خىتايلارنىڭ «老坛酸菜牛肉面» ناملىق داڭلىق تەييارچۆپىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىشلەپچىقىرىشى جەريانى

يۇقارقىسى خىتاي رەسمىي تېلېۋزىيە قانىلى CCTV2 دە ئاشكارىلانغان تەييارچۆپ ئىشلەپچىقىرىش كۆرۈنۈشى بولۇپ، خىتاي يىمەكلىك سانائىتىدىكى تېخىمۇ كۆڭۈل ئېلىشتۇردىغان رەسىملەر قىسقارتىۋېتىلدى…

بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇر ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىتايچە مەنبەگە قاراڭ: https://zjnews.zjol.com.cn/202203/t20220316_23946587.shtml

خۇلاسە

گەرچە تەييارچۆپ بەزى قۇلايلىقلىق بىلەن تەمىنلىسىمۇ، ئۇنى دائىم ئىستېمال قىلىش ئۇنىڭ تەڭپۇڭسىز ئوزۇقلۇق تەركىبى، يۇقىرى تۇز مىقدارى ۋە يۇقىرى ياغ مىقدارى سەۋەبىدىن زور ساغلاملىق خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئامىللار ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، سېمىزلىك، ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت ۋە مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن، يېمەك-ئىچمەك ھەققىدە ئاڭلىق تاللاش قىلىش پەقەت جىسمانىي ساغلاملىق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ساغلام روھ ۋە كۈچلۈك بىر جامائەتنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ مۇھىمدۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمىكى (مەسىلەن، لەغمەن، پولو، شورپا، كاۋاپ قاتارلىقلار) گۆش، كۆكتات ۋە كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، مىڭ يىللاردىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ساغلام بەدەن، ساغلام ئەقىل ۋە ساغلام ئەقىدىدە ياشىشىنىڭ ئاساسىي ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋپلەرنى چۈشىنىش ۋە تېخىمۇ ساغلام تەييارلاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش ياكى ئەڭ ياخشىسى پاكىز ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان تاماقلارنى تاللاش ئارقىلىق، ياشلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقى ۋە بەخت-سائادىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلايدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەكلىكلەرگە ئەھمىيەت بېرىش ساغلام بەدەن ۋە ساغلام روھ ئۈچۈن كۈچلۈك بىر ئاساس يارىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

  1. مىللەتنىڭ كۈچى – خەلقنىڭ ساغلاملىقىدا: تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئالدى بىلەن ئۇنىڭ خەلقىنىڭ جىسمانىي ۋە ئەقلىي جەھەتتىن ساغلام بولۇشىغا باغلىق. ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، مېتابولىزم كېسەللىكلىرى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەر پەقەت شەخسنىڭ سالامەتلىكىگىلا تەسىر قىلىپ قالماي، پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئومۇمىي جەڭگىۋارلىقىنى، ئىجادچانلىقىنى ۋە چىدامچانلىقىنى ئاجىزلىتىدۇ.
    • رېئال مىسال: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياپونىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز سۈت ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى يولغا قويغان (1954-يىلى «مەكتەپ چۈشلۈك تاماق قانۇنى» ماقۇللانغان). بۇ تەدبىر نەچچە ئون يىلدا ياپونىيە خەلقىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ۋە ئۆمرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشى ئۈچۈن ساغلام ۋە كۈچلۈك ئەمگەك كۈچى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن. ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھەر بىر شەخسنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.
  2. ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق ۋە ئىستېمال ئېڭى: خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇستەملىكە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ يېمەكلىك ۋە ئىستىمال مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىغا ئايلاندۇرۇۋالدى. تەييارچۆپ قاتارلىق ئەرزان، ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئىستېمال قىلىش، بىر تەرەپتىن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ساغلاملىقىنى بۇزىدۇ. شۇڭا، ئاڭلىق ھالدا ساغلام، يەرلىك ۋە ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلەرنى تاللاش – بۇ پەقەت ساغلاملىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىچى ئىقتىسادقا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋە مىللىي ئىقتىسادنى قوللاشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىدۇر.
    • خىتايلارنىڭ يېمەكلىك ئۆلچىمى: خىتاي دۆلىتىنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش باش ئىدارىسى (国家市场监督管理总局) ۋە دۆلەتلىك ساغلاملىق كومىتېتى (国家卫生健康委员会) قاتارلىق ئورگانلار يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچەملىرىنى تۈزىدۇ، ئەمما بۇ ئۆلچەملەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق مەنپەئەتىنى قوغداشقا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش كېرەك.
  3. مەنىۋى كۈچنى ساقلاش: ماقالىدە جىسمانىي ساغلاملىقنىڭ مەنىۋى ساغلاملىقنى قوللايدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. ئۇزۇن مۇددەت ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كىشىنىڭ روھىي ھالىتىگە، ئويلىنىش ئىقتىدارىغا ۋە ئىرادىسىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. زۇلۇمغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەش قىلىۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن، ھەر بىر ئەزانىڭ روھىي جەھەتتىن چۈشكۈنلەشمەسلىكى، ئۈمىدۋار ۋە كۈچلۈك ئىرادىگە ئىگە بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئادىتى بۇ مەنىۋى كۈچنى ساقلاشنىڭ ماددىي ئاساسىدۇر.
    • رېئال مىسال: كۇبا ئامېرىكىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىقتىسادىي ئېمبارگوسىغا دۇچ كەلگەندە، يېمەكلىك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شەھەر دېھقانچىلىقىنى (urban agriculture) كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇردى (1990-يىللاردا «ئالاھىدە مەزگىل» دەپ ئاتالغان). بۇ ھەرىكەت كۇبالىقلارنى تازا كۆكتات ۋە مېۋىلەر بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، بەلكى قىيىنچىلىق ئالدىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش روھىنى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. ئۇيغۇرلارمۇ قىيىن شارائىتتا ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىگە ئىگە چىقىش ئارقىلىق، مىللىي روھىنى ئۇرغۇتالايدۇ.

ھەر بىر قاچا تەييارچۆپنىڭ ئورنىغا، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تەييارلانغان بىر قاچا لەغمەن ياكى بىر تال ناننى تاللاش – بۇ پەقەت بىر ۋاخ تاماقنى تاللاش ئەمەس، بەلكى ئۆز ساغلاملىقىغا، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە ۋە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ گۈللىنىشىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى تاللاشتۇر. ساغلام بىر ئەۋلاد – ئەركىن بىر كەلگۈسىنىڭ كاپالىتىدۇر.