تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 11 مىنۇت
بسم الله الرحمن الرحيم
تەخت ئەمەس، ئامانەت
ئىسلامدىكى باشلىقلىقنىڭ ئۇنتۇلغان روھى

زامانىمىزدا «رەھبەرلىك» ياكى «ئەمىرلىك» دېگەن سۆز ئېيتىلغاندا، كۆز ئالدىمىزغا ھەشەمەتلىك تەخت، تاج، مۇتلەق ھوقۇق ۋە قايتۇرۇلماي مۇتلەق ئىجرا قىلىنىدىغان بۇيرۇقلار كېلىدۇ. بولۇپمۇ يېڭىدىن مەنسەپكە قويۇلغان بەزى ياش قېرىنداشلىرىمىز ئەمەل-مەنسەپنى بىر پۇرسەت، باشقىلارنى باشقۇرۇش، ئۆز ھۆكمىنى يۈرگۈزۈش ۋە تۆۋەندىكىلەردىن شەرتسىز ئىتائەت تەلەپ قىلىدىغان بىر ماقام دەپ چۈشىنىۋېلىشى، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بەزى ئەسلەتمىلەرنى قىلىشقا ئۈندىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، مەنسەپدارنىڭ ھەر بىر قارارى ئەجىر ئالىدىغان «ئىجتىھاد» بولۇپ، قولئاستىدىكىلەردىن ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا سوئال قويۇش ھەققى يوق ئىكەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، قولئاستىدىكى ھەممە كىشى ئۇنىڭ ئىجتىھادىغا پۈتۈن ئىقتىدارىنى چىقىرىپ ئىشلەپ بېرىشى «ۋاجىپ» ئىكەن.
ئەمما، بۇ خىياللارنىڭ ئىسلامنىڭ ھەقىقىي رەھبەرلىك روھى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. ئىسلامدا ئەمىرلىك – بىر تەخت ئەمەس، بەلكى كۆتۈرگۈسىز ئېغىر بىر ئامانەتتۇر. ئۇ بىر ھوقۇق ئەمەس، بەلكى قىيامەت كۈنى ھەر بىر زەررىسىدىن ھېساب بېرىلىدىغان، جاۋابكارلىقى ئاسمانلارنى تىترىتىدىغان بىر مەسئۇلىيەتتۇر. ئۇنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى – قولئاستىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنى ئادالەت بىلەن باشقۇرۇشتۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئەمىرلەرگە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش
باشلىقلىقنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نۇرغۇن ھەدىسلىرىدە تەكرار-تەكرار ئاگاھلاندۇرغان:
- 1. ھەر بىر رەھبەر سوراققا تارتىلىدۇ:
«أَلَا كُلُّكُمْ رَاعٍ، وَكُلُّكُمْ مَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ، فَالْأَمِيرُ الَّذِي عَلَى النَّاسِ رَاعٍ، وَهُوَ مَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِهِ»
«بىلىڭلاركى، ھەر بىرىڭلار بىر پادىچى، ھەمدە ھەر بىرىڭلار ئۆز پادىلىرىڭلاردىن سورىلىسىلەر. كىشىلەرگە ئەمىر بولغان كىشى بىر پادىچىدۇر ۋە ئۇ ئۆز پادىسىدىن (يەنى قول ئاستىدىكىلەردىن) سورىلىدۇ». [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
- 2. خەلقىنى ئالدىغان رەھبەرگە جەننەت ھارام:
«مَا مِنْ عَبْدٍ يَسْتَرْعِيهِ اللَّهُ رَعِيَّةً، يَمُوتُ يَوْمَ يَمُوتُ وَهُوَ غَاشٌّ لِرَعِيَّتِهِ، إِلَّا حَرَّمَ اللَّهُ عَلَيْهِ الْجَنَّةَ»
«قانداقلا بىر بەندىگە ئاللاھ بىر پۇخرانى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تاپشۇرغان بولسا، ئۇ ئۆلگەن كۈنى خەلقىگە خىيانەت قىلغان ھالەتتە ئۆلسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ». [مۇسلىم]
- 3. ئادالەتلىك پادىشاھ ئاللاھنىڭ سايىسىگە ئېرىشىدۇ:
«سَبْعَةٌ يُظِلُّهُمُ اللَّهُ فِي ظِلِّهِ يَوْمَ لَا ظِلَّ إِلَّا ظِلُّهُ: الْإِمَامُ الْعَادِلُ…»
«قىيامەت كۈنى، ئاللاھنىڭ سايىسىدىن باشقا ھېچقانداق سايە بولمىغاندا، ئاللاھ يەتتە تۈرلۈك كىشىنى ئۆز سايىسىگە ئالىدۇ، (ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى) ئادىل ئىمام (رەھبەر) دۇر». [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
- 4. مەنسەپ تەلەپ قىلىشنىڭ خەتەرلىكلىكى:
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: مەن بىلەن ئۆز قەۋمىمدىن ئىككى كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىردۇق. ئۇ ئىككى كىشىنىڭ بىرى: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، بىزنى ئەمىر قىلىپ تەيىنلىگەيلا!» دېدى، يەنە بىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۆز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
«إِنَّا وَاللَّهِ لَا نُوَلِّي عَلَى هَذَا الْعَمَلِ أَحَدًا سَأَلَهُ، وَلَا أَحَدًا حَرَصَ عَلَيْهِ»
«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز بۇ ئىشقا (يەنى مەنسەپكە) ئۇنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھېرىسمەن بولغان ھېچكىمنى تەيىنلىمەيمىز». [بۇخارى ۋە مۇسلىم]
- 5. ئەمىرلىكنىڭ قىيامەتتىكى پۇشايمىنى:
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، مەن: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مېنى ئەمەلگە (ئەمىرلىككە) قويمايلا؟» دېدىم. ئۇ مۇبارەك قولى بىلەن مۈرەمگە ئۇرۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
«يَا أَبَا ذَرٍّ، إِنَّكَ ضَعِيفٌ، وَإِنَّهَا أَمَانَةٌ، وَإِنَّهَا يَوْمَ الْقِيَامَةِ خِزْيٌ وَنَدَامَةٌ، إِلَّا مَنْ أَخَذَهَا بِحَقِّهَا، وَأَدَّى الَّذِي عَلَيْهِ فِيهَا»
«ئى ئەبا زەر! سەن ھەقىقەتەن ئاجىزسەن، بۇ (ئەمىرلىك) بولسا بىر ئامانەتتۇر. ئۇ قىيامەت كۈنى (ھەققىنى ئادا قىلالمىغانلار ئۈچۈن) شەرمەندىلىك ۋە پۇشايماندۇر. پەقەت ئۇنى ھەققى بىلەن ئېلىپ، ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلارلا بۇنىڭ سىرتىدىدۇر». [مۇسلىم]
- 6. ئادالەتلىكلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئورنى:
«إِنَّ الْمُقْسِطِينَ عِنْدَ اللَّهِ عَلَى مَنَابِرَ مِنْ نُورٍ، عَنْ يَمِينِ الرَّحْمَنِ عَزَّ وَجَلَّ، وَكِلْتَا يَدَيْهِ يَمِينٌ، الَّذِينَ يَعْدِلُونَ فِي حُكْمِهِمْ وَأَهْلِيهِمْ وَمَا وَلُوا»
«ھەقىقەتەن، ئادىل بولغانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، رەھماننىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان مۇنبەرلەر ئۈستىدە بولىدۇ — ئاللاھنىڭ ھەر ئىككى قولى ئوڭدۇر (بەرىكەتلىكتۇر). ئۇلار ھۆكۈم قىلغاندا، ئائىلىسىدە ۋە ئۆزلىرى باشقۇرغان ئىشلاردا ئادىل بولغانلاردۇر». [مۇسلىم]
- 7. خەلقنىڭ ئېھتىياجىغا كۆڭۈل بۆلمىگەن رەھبەر:
«مَا مِنْ إِمَامٍ يُغْلِقُ بَابَهُ دُونَ ذَوِي الْحَاجَةِ وَالْخَلَّةِ وَالْمَسْكَنَةِ إِلَّا أَغْلَقَ اللَّهُ أَبْوَابَ السَّمَاءِ دُونَ خَلَّتِهِ وَحَاجَتِهِ وَمَسْكَنَتِهِ»
«قانداقلا بىر ئىمام (رەھبەر) موھتاجلارغا، يوقسۇللارغا ۋە مىسكىنلەرگە ئىشىكىنى تاقىۋالىدىكەن، ئاللاھمۇ ئاسماننىڭ ئىشىكلىرىنى ئۇنىڭ يوقسۇللىقى، ئېھتىياجى ۋە مىسكىنلىكى ئالدىدا تاقىۋالىدۇ». [تىرمىزى، ھەسەن ھەدىس]
- 8. قىيىنچىلىق سالغان ۋە ئاسانلىق ياراتقان رەھبەرلەرگە قىلىنغان دۇئا:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلغان:
«اللَّهُمَّ، مَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَشَقَّ عَلَيْهِمْ، فَاشْقُقْ عَلَيْهِ، وَمَنْ وَلِيَ مِنْ أَمْرِ أُمَّتِي شَيْئًا فَرَفَقَ بِهِمْ، فَارْفُقْ بِهِ»
«ئى ئاللاھ! كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىرەر ئىشقا باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئۇلارغا قىيىنچىلىق سالىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق سالغىن. كىمكى مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ ئىشىدىن بىرەر ئىشقا باشقۇرغۇچى بولۇپ، ئۇلارغا مۇلايىم بولىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا مۇلايىم بولغىن». [مۇسلىم]
- 9. سوۋغا-سالام نامىدىكى پارىخورلۇق:
«هَدَايَا الْعُمَّالِ غُلُولٌ»
«ئەمەلدارلارغا (مەنسىپى سەۋەبلىك) بېرىلگەن ھەدىيەلەر خىيانەتتۇر (يەنى، ئوغرىلانغان مال ھېسابلىنىدۇ)». [ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى، سەھىھ]
- 10. خەلقىگە كۆيۈنمىگەن رەھبەر:
ئائىز ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زالىم ئەمىر ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى زىيادنىڭ قېشىغا كىرىپ مۇنداق دېگەن: «ئى ئوغلۇم! مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:
«إِنَّ شَرَّ الرِّعَاءِ الْحُطَمَةُ»
«ھەقىقەتەن، پادىچىلارنىڭ ئەڭ يامىنى (پادىسىغا) رەھىمسىز، قاتتىق قول بولغىنىدۇر».
ئۇبەيدۇللاھ ئۇنىڭغا: «جىم تۇر، سەن پەيغەمبەرنىڭ ساھابىلىرىنىڭ كېپىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەسسەن» دېدى. ئائىز ئۇنىڭغا: «ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كېپەك بارمىدى؟ كېپەك ئۇلاردىن كېيىن ۋە ئۇلاردىن باشقىلاردا پەيدا بولغان» دەپ جاۋاب بەردى. [مۇسلىم]
ھاكىمىيەتنىڭ ئۇل تېشى: ئەبۇبەكرى سىددىقنىڭ كەمتەرلىكى
پەيغەمبىرىمىزدىن كېيىنكى تۇنجى خەلىپە، بۇ ئۈممەتنىڭ ئەڭ سادىق كىشىسى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك مەنسىپىگە ئولتۇرغاندا، ئۇ ھوقۇقنىڭ تەمىنى ئەمەس، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھۆكۈمرانلارغا دەرس بولغۇدەك مەشھۇر خۇتبىسىنى سۆزلىگەن:
«أَيُّهَا النَّاسُ، فَإِنِّي قَدْ وُلِّيتُ عَلَيْكُمْ وَلَسْتُ بِخَيْرِكُمْ، فَإِنْ أَحْسَنْتُ فَأَعِينُونِي، وَإِنْ أَسَأْتُ فَقَوِّمُونِي… أَطِيعُونِي مَا أَطَعْتُ اللَّهَ وَرَسُولَهُ، فَإِذَا عَصَيْتُ اللَّهَ وَرَسُولَهُ فَلَا طَاعَةَ لِي عَلَيْكُمْ.»
«ئى ئىنسانلار! مەن سىلەرگە باشلىق قىلىپ بېكىتىلدىم، ئەمما مەن سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىڭلار ئەمەسمەن. ئەگەر توغرا ئىش قىلسام، ماڭا ياردەم قىلىڭلار؛ ئەگەر خاتالاشسام، مېنى تۈزىتىپ قويۇڭلار… مەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلغىنىمدا، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. ئەگەر مەن ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلسام، سىلەرنىڭ ماڭا ئىتائەت قىلىشىڭلار ھاجەتسىز».
بۇ سۆزلەر ئىسلامدىكى ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىدۇر:
- رەھبەر مۇقەددەس ئەمەس: ئۇ ئۆزىنى خەلقتىن ئۈستۈن كۆرمەيدۇ، بەلكى خەلقنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارايدۇ.
- تەنقىد قىلىش ھەققى: خەلقنىڭ رەھبەرنى خاتالاشقاندا تۈزىتىش ھەققى ۋە مەجبۇرىيىتى بار.
- شەرتلىك ئىتائەت: ئىتائەت شەخسكە ئەمەس، ھەقىقەتكە بولىدۇ. رەھبەر ئاللاھنىڭ قانۇنىغا بويسۇنغاندىلا، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىنىدۇ.
ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندىن كېيىنمۇ ئادەتتىكىدەك سودا-سېتىقىنى قىلىش ئۈچۈن بازارغا كېتىۋاتقاندا، ئۆمەر ۋە ئەبۇ ئۇبەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنى توستى ۋە «ئەگەر سەن بۇ ئىش بىلەن مەشغۇل بولساڭ، خەلىپىلىك ئىشلىرىنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ، ئۇنىڭغا بەيتۇل مالدىن (دۆلەت خەزىنىسىدىن) ئادەتتىكى بىر مۇھاجىرنىڭ تۇرمۇشىغا يەتكۈدەك مائاش بېكىتتى. ئۇ ھاكىمىيەتنى ھەرگىز بېيىش ياكى ھوزۇرلىنىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلمىدى. تېخىمۇ تەسىرلىك بولغىنى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن بەيتۇلمالدىن مائاش بېرىلگەن بارلىق پۇللارنى پەرزەنتلىرىدىن كېيىنكى خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتاپقا تاپشۇرۇشنى تاپىلىغان. ۋەسىيەت ئىجرا قىلىنىپ پۇللار ئۆمەرگە بېرىلگەندە، ئۆمەر يىغلاپ تۇرۇپ: «لَقَدْ أَتْعَبْتَ الخُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِكَ يَا أَبَا بَكْرٍ - ئى ئەبۇبەكرى! سەن ئۆزۈڭدىن كېيىن كېلىدىغان خەلىپىلەرنى ھەقىقەتەن جاپاغا سېلىپ قويدۇڭ (يەنى، سەن شۇنداق يۇقىرى ئۆلچەم تىكلەپ بەردىڭكى، سەندىن كېيىنكىلەرنىڭ ساڭا تەڭلىشىشى ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ).» دېگەنىدى.
ئادالەتنىڭ ئۈلگىسى: ئۆمەر فارۇق ۋە خەلقنىڭ دەردى
«ئەگەر ئىسلامدىكى سىياسەتنى ئۆگەنمەكچى بولساڭ، ئۆمەرگە قارا» دېگەن سۆز بىكارغا ئېيتىلمىغان. ئۇنىڭ ھاياتى رەھبەرلەر ئۈچۈن بىر ئۈلگە دېڭىزىدۇر.
«كۈلرەڭ يىل» (عام الرمادة): ھىجرىيە 18-يىلى مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا شۇنداق قاتتىق قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىق بولدىكى، يەر يۈزى كۈلگە ئوخشاش قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكتىن، بۇ يىل «عام الرمادة» (كۈلرەڭ يىل) دەپ ئاتالدى. بۇ كرىزىسقا دۇچ كەلگەن خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر رەھبەرنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلىدى:
- خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش: ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، زاكات ئېلىشنى بىر يىل كېچىكتۈردى. ئاچارچىلىقتا ئوغرىلىق قىلغانلارغا ھەددى-جازا ئىجرا قىلىشنى توختاتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ بۇ ئىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى چۈشەندى.
- خەلق بىلەن تەڭ نەپەس ئېلىش: كىشىلەر ئاچ قالغاندا، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىگە گۆش ۋە ياغ يېيىشنى ھارام قىلدى. ئۇ: «ئەگەر خەلقىمنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت مېنىڭ بېشىمغا كەلمىسە، ئۇلارنىڭ ھالىنى قانداقمۇ چۈشىنەلەيمەن؟!» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن رەڭگى قارىداپ كەتكەن بولۇپ، بىر كۈنى قورسىقى كۇرۇلداپ كەتكەندە، قورسىقىنى چېكىپ تۇرۇپ: «كۇرۇلداۋەر، پۈتۈن مۇسۇلمانلار تويمىغۇچە، سەن ھەرگىز تويمايسەن» دېگەن.
- كىرىزىسنى ئاكتىپلىق بىلەن باشقۇرۇش: ئۇ مەدىنە سىرتىدا پاناھلىنىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن 40 مىڭدىن ئارتۇق ئاجىز، تۇل-يېتىم ۋە موھتاجلارنى ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ بەزىدە ئۆز قولى بىلەن ئۇلارغا تاماق ئېتىپ بەردى، ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كېچىلىرى ئۆزى شەھەر ئارىلاپ، خەلقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرەتتى. بىر كېچىسى، بىر چېدىردىن بالىلارنىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېقىنلاشتى. بىر ئايالنىڭ قازاندا سۇ قاينىتىپ، يىغلاۋاتقان بالىلىرىنى «تۇرۇڭلار، ھازىر تاماق پىشىدۇ» دەپ ئالداۋاتقانلىقىنى كۆردى. قازاندا تاشتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. بۇنى كۆرگەن ئۆمەرنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار سەل كەبى ئاقتى. ئۇ دەرھال بەيتۇل مالغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۆز يەلكىسىگە بىر قاپ ئۇن ۋە ياغنى ئارتىپ، شۇ ئائىلىگە ئاپىرىپ بەردى ۋە ئۆز قولى بىلەن ئۇلارغا تاماق ئېتىپ بەردى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى «ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، بۇنى ماڭا بېرىڭ، مەن كۆتۈرەي» دېگىنىدە، ئۆمەر يىغلاپ تۇرۇپ: «قىيامەت كۈنى مېنىڭ گۇناھلىرىمنىمۇ سەن كۆتۈرەمسەن؟!» دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ باشقا ۋىلايەتلەردىكى ۋالىيلارغا دەرھال خەت يېزىپ، ياردەم ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنى بۇ قىيىنچىلىققا قارشى سەپەرۋەر قىلدى.
- ماددىي ۋە مەنىۋىي تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈش: ئۇ بارلىق ماددىي چارىلەرنى قوللانغاندىن كېيىن، ئاخىرىدا پۈتۈن ساھابىلەرنى يىغىپ، ئىستىسقا (يامغۇر تەلەپ قىلىش) نامىزىغا چىقتى ۋە ئاللاھقا يىغلاپ تۇرۇپ دۇئا قىلدى.
«ئانىسى تۇغقان كىشىلەرنى قاچاندىن بېرى قۇل قىلىۋالدىڭلار؟»: مىسىرنىڭ ۋالىيسى ئەمر ئىبنى ئاسنىڭ ئوغلى بىر قىبتى (يەرلىك خىرىستىيان) بىلەن ئات چاپتۇرۇش مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، ئاچچىقىدا ئۇنى قامچا بىلەن ئۇرۇپ: «مەن كاتتا كىشىنىڭ ئوغلى تۇرسام، مەندىن ئۆتۈپ كېتەلەمسەن؟» دېگەن. ھېلىقى قىبتى مەدىنىگە كېلىپ ئۆمەرگە ئەرز قىلدى. ئۆمەر دەرھال ئەمر ئىبنى ئاس ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى چاقىرتتى. ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا، قامچىنى قىبتىنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «ئۇ سېنى قانداق ئۇرغان بولسا، سەنۇ شۇنداق ئۇر!» دېدى. قىبتى ئۆچىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆمەر ئەمر ئىبنى ئاسقا قاراپ، تارىخقا يېزىلغان شۇ مەشھۇر سۆزىنى قىلدى: «يَا عَمْرُو، مَتَى اسْتَعْبَدْتُمُ النَّاسَ وَقَدْ وَلَدَتْهُمْ أُمَّهَاتُهُمْ أَحْرَارًا؟» (ئى ئەمر! ئانىسى ئەركىن تۇغقان كىشىلەرنى قاچاندىن بېرى قۇل قىلىۋالدىڭلار؟).
باشقا ئەلنىڭ ئەلچىسى مەدىنىگە كېلىپ، ھەشەمەتلىك ئوردا ۋە قوراللىق قوغدىغۇچىلارنى كۆرىمەن دەپ ئويلىغاندا، مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئۆمەرنى بىر خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدا، يەردە خاتىرجەم ئۇخلاۋاتقان ھالەتتە كۆرۈپ، ھەيرانلىق ئىچىدە شۇ مەشھۇر سۆزىنى قىلغان:
«حَكَمْتَ، فَعَدَلْتَ، فَأَمِنْتَ، فَنِمْتَ يَا عُمَرُ»
«ھۆكۈم قىلدىڭ، ئادىل بولدۇڭ، (شۇڭا) خاتىرجەم بولدۇڭ ۋە (خاتىرجەم) ئۇخلىدىڭ، ئى ئۆمەر!»
بۇ كۈنىمىزدە نەشد قىلىنىپ ئېيتىلغان بولۇپ، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىيالايسىز:
ھايالىق ۋە ساخاۋەت ئۈلگۈسى: ئوسمان ئىبنى ئەففان
ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىسلامدىكى ئەڭ باي ساھابىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئەمما ئۇ خەلىپە بولغاندا، بۇ بايلىقنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، ئۈممەت ئۈچۈن ئىشلەتتى. ئۇ خەلىپىلىك مەزگىلىدە بەيتۇل مالدىن ئۆزى ئۈچۈن بىر تىيىنمۇ ئالمىدى. ئەكسىچە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتىنى كېڭەيتىش، ئىسلام قوشۇنىنى قوراللاندۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جامائەت ئىشلىرىنى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ قىلدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكى – بېرىش، قۇربان قىلىش ۋە خەلقنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئىدى.
بىر دۆلەت باشلىقىنىڭ باشلىق سايلىنىشتىن بۇرۇنقى شەخسىي پۇلىنى ئىشلىتىپ دۆلەت باشقۇرۇشى، دۆلەتتىن پۇل ئالماسلىقىنىڭ خەلقىگە قانچىلىك ئىشەنچ بېرىدىغانلىقىنى كۈنىمىزدىكى مۇسۇلمان رەھبەرلەر ئۈلگە ئالماستىن، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئۈلگە ئېلىپ، خەلقىنى قايىل قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا پېرزىدېنتى ترامپ دەل پرېزىدېنتلىقتىن بۇرۇنلا بىرنەچچە مىليارد دوللارلىق باي بولغانلىقى ئۈچۈن، پرېزدىېنت بولغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىدا چەتئەل زىيارەتلىرىگە باردى. ئۆزىنىڭ ئايلىق مائاشىنى 1 دوللار قىلىپ بېكىتتى. پرېزىدېنتلىقتىن كېيىن شەخسىي مەبلىغى نەچچە يۈز مىليون دوللار كەينىگە يېنىپ كەتتى. خەلقىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىيات ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ تىكلەندى. ئەمما مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مىسالىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك، رەھبەلەر تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن پۇلى ياكى قابىلىيتى يوق كىشىلەر بولۇپ، ئەمەل-مەنسەپ تەگكەندىن كېيىن بېيىپ كېتىدۇ. رىئاللىقىمىز ھەقىقەت ئاچچىق. اللە مۇسۇلمانلارنى ئىسلاھ قىلسۇن.
ئىلىم ۋە قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك: ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب
مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپىلىك مەزگىلىدە، ئۆزىنىڭ بىر ساۋۇتىنى يوقىتىپ قويدى ۋە ئۇنى بىر يەھۇدىينىڭ قولىدا كۆردى. ئۇ يەھۇدىيغا «بۇ مېنىڭ ساۋۇتۇم» دېدى، يەھۇدىي ئىنكار قىلدى. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە تۇرۇپ، ئۇ يەھۇدىينى ئۆزى تەيىنلىگەن قازى شۇرەيھنىڭ ئالدىغا ئەرز قىلىپ ئېلىپ باردى. قازى سورىدى:
«ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى، دەلىلىڭىز بارمۇ؟»
ئەلى جاۋاب بەردى: «ھەئە، ئوغلۇم ھەسەن ۋە خىزمەتچىم قەنبەر گۇۋاھ».
قازى شۇرەيھ دېدى: «ئوغۇلنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقى ئۆتمەيدۇ».
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ باشقا گۇۋاھچى كۆرسىتەلمىدى. نەتىجىدە، قازى خەلىپىنىڭ ئەمەس، يەھۇدىينىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقاردى.
بۇ ئادالەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەھۇدىي ھەيرانلىقتا توڭلاپ قېلىپ، «مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھۆكمىدۇر! مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى مېنى ئۆزى تەيىنلىگەن قازىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدۇ ۋە قازى ئۇنىڭ زىيىنىغا ھۆكۈم چىقىرىدۇ! بۇ ساۋۇت ھەقىقەتەن سىزنىڭ، ئى مۇئمىنلەرنىڭ ئەمىرى!» دەپ، شۇ يەردىلا ئىسلامنى قوبۇل قىلدى.
بۇ ئادالەت سىستېمىسىنىڭ كۈنىمىزدىكى مىسالىمۇ بەكلا ئېچىنىشلىق. مۇسۇلمانلار دىيارلىرىدا دۆلەت رەھبەرلىرىنى سوتلاش مۇمكىن ئەمەس. ھەتتا مۇسۇلمان دۆلەتلەردىكى رەھبەرلەرنىڭ خاتالىقىنى سۆزلەشمۇ ئېغىر سىياسىي جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك، خالىغان بىر پۇقرانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئىھتىمالى يوق. ئەمما دەل ئەكسىچە، كۈنىمىزدە ئامېرىكا قاتارلىق بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئەدىلىيە سىستېمسىىدا دەل بۇ خىل ئادالەت ئەمەلىي ئورنىتىلغان. ئەڭ ئاددىي بىر ئامېرىكا پۇقراسىمۇ نۆۋەتتىكى پرېزىدېنتلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن ھۆكۈمەت ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنالايدۇ. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە بولسا ھوقۇق تۇتقان كىشىنى ئەمەس، بىرەر ئۇرۇق-تۇققىنىنىڭ خاتالىقىنى سۆزلەپ سېلىشمۇ بىر جىنايەت بولۇپ، قاتتىق جازاغا ئۇچراپ كېتىش خەۋپى بار. مىھرىبان رەببىمىز مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ ھالىنى ياخشىلاپ بەرسۇن.
خۇلاسە: ھەقىقىي كۈچ – ئادالەتتە
قىسقىسى، ئىسلامدىكى ئەمىرلىك – مەنسەپكە چىقىش ئەمەس، قولئاستىدىكىلەرنىڭ يۈكىنى يەلكىسىگە ئېلىشتۇر. ئۇ پادىشاھ تاجى كىيىش ئەمەس، تىكەنلىك چەمبىرەكنى باشقا كېيىشتۇر. ئۇ بۇيرۇق قىلىش بىلەن ئەمەس، يىغلىغاننىڭ كۆز يېشىنى سۈرتۈش، ئاچ قالغاننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغاننىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىشتۇر.
بۈگۈنكى ھەر بىر رەھبەر ئۆزىدىن سورىسۇن: مەن ھۆكۈم قىلىۋاتىمەن، ئەمما ئادىل بولدۇممۇ؟ مەن باشقۇرۇۋاتىمەن، ئەمما خەلقىم مەندىن خاتىرجەممۇ؟ كېچىلىرى مەن خاتىرجەم ئۇخلىيالامدىم، ياكى مەن باشقۇرۇۋاتقان بىرەرسىنىڭ ھەققى دەسسەلگەنلىكتىن ئۇيقۇم قاچامدۇ؟ جاۋاب ھەر كىمنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى تەقۋالىقىغا باغلىق. مىھرىبان رەببىمىز اللە مۇسۇلمانلارنى ئادالەتلىك ئەمىرلەردىن ئايرىمسۇن، ئامىن!