تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 15 مىنۇت
بسم الله الرحمن الرحيم
شىمالىي چى (北齐): ھاكىممۇتلەق خىتاينىڭ تەلۋىلىكى ۋە ۋەھشىيلىكى

خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزۇن تارىخىدا، ۋەھشىيلىك، تەلۋىلىك، رەھىمسىزلىك ۋە ئەخلاقسىزلىقنىڭ مىساللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. خىتايلارنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى نامايان بولغان، ھەتتا ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي قىممەت-قاراشلارنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلگەن دەھشەتلىك دەۋرلەر خىتاي تارىخىدا قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ئىچىدە، مىلادىيە 550-يىلىدىن 577-يىلىغىچە، قىسقىغىنە 27 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شىمالىي چى دۆلىتى (北齐, Běi Qí)، ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئەقىلگە سىغماس تەلۋىلىكى، ۋەھشىيلىكى ۋە ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقى بىلەن خىتاي تارىخىدىكى ئەڭ غەلىتە ۋە رەھىمسىز ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تالاش-تارتىشسىز ئالدىنقى ئورۇندا تىلغا ئېلىنىدۇ. بۇ سۇلالىنىڭ تارىخى پەقەت بىر ھاكىمىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە يىمىرىلىشى ھەققىدىكى ھېكايە بولۇپلا قالماي، بەلكى چەكلىمىسىز ھوقۇقنىڭ ئىنسان روھىيىتىنى قانداق بۇزۇۋېتىدىغانلىقى، بىر پۈتۈن ھۆكۈمران جەمەتنى قانداق قىلىپ بىنورمال روھىيەتكە گىرىپتار قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى جانلىق، ئەمما دەھشەتلىك بىر گۇۋاھچىسى ھېسابلىنىدۇ.
مۇڭغۇللارنىڭ يۈەن سۇلالىسى، مانجۇلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى، تۈرك پۇشتىدىن بولغان لى شىمىن قۇرغان تاڭ سۇلالىسى… قاتارلىق تارىخىدىكى كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى خىجىل بولماي خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ تارىخ بۇرمىلايدىغان خىتايلار، دەل شىمالىي چى دۆلىتىگە كەلگەندە «بۇ ئازسانلىق مىللەتلەر قۇرغان دۆلەت ئىدى» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ماڭىدۇ. روھى كېسەل پادىشاھ گاۋياڭ نىڭ بەيدۇ ئىنىسكىلوپېدىيەسىدىكى چۈشەندۈرىشىدە «سىيانپىيلاشقان خەن مىللىتى 鲜卑化汉人» دەپ ئەسكەرتىپ قويغان. شۇنداقتىمۇ ئەسلى خىتاي ئىكەنلكىنى ئىنكار قىلماپتۇ.
يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، بۇ ئەخلاقسىز، رەھىمسىز ۋە روھى كېسەللەنگەن پادىشاھلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان يىلى خىتاي زېمىنلىرىنىڭ چوڭ قىسىمىغا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان خىتاي خانىدانلىقى ئىدى.
1. قالايمىقانچىلىقتىن تۇغۇلغان ھاكىمىيەت: شىمالىي چى (北齐, Běi Qí) نىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى
شىمالىي چى سۇلالىسى جەنۇبىي ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرى (南北朝, Nán-Běi Cháo) دەپ ئاتالغان سىياسىي پارچىلىنىش ۋە ئۇرۇش ئوتى ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن. ئۇنىڭ يىلتىزى شىمالىي ۋېي (北魏, Běi Wèi) سۇلالىسىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن قۇرۇلغان شەرقىي ۋېي (东魏, Dōng Wèi) ھاكىمىيىتىگە تۇتىشىدۇ. بۇ دەۋردە، شەرقىي ۋېينىڭ ئىمپېراتورى ئەمەلىيەتتە بىر قورچاق بولۇپ، بارلىق ھەربىي-سىياسىي ھوقۇق گېنېرال گاۋ خۇەن (高歡, Gāo Huān) ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ قولىدا ئىدى. گاۋ خۇەن ئۆمرىدە تەختكە چىقمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم بىر ھوقۇق ئاساسىنى يارىتىپ بەرگەن.
گاۋ خۇەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى گاۋ چېڭ (高澄, Gāo Chéng) ھوقۇقنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، ئۇ بىر قۇل تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن، گاۋ خۇەننىڭ ئىككىنچى ئوغلى، ئەخمەق ۋە كالۋا كۆرۈنىدىغان گاۋ ياڭ (高洋, Gāo Yáng) تارىخ سەھنىسىگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى يوشۇرۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ، مىلادىيە 550-يىلى شەرقىي ۋېينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورىنى تەختتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ، ئۆزىنى ئىمپېراتور دەپ جاكارلىدى ۋە دۆلەت نامىنى «چى» (齐) دەپ ئۆزگەرتتى. ئۇ تارىختا ۋېنشۈەن خاقانى (文宣帝, Wénxuān Dì) دەپ ئاتالدى.

- پايتەختى ۋە زېمىنى: شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ پايتەختى يېچېڭ (邺城) (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لىنجاڭ ناھىيەسى) بولۇپ، جىنياڭ (晋阳) (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرى) نى قوشۇمچە پايتەخت قىلغان. ئۇنىڭ زېمىنى ھازىرقى خېبېي، شەندۇڭ، شەنشى ئۆلكىلىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى، شۇنداقلا خېنەن، سۇبېي (苏北) ۋە ئەنخۇي (皖北) ئۆلكىلىرىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
- رەقىبلىرى: ئۇنىڭ ئاساسلىق رەقىبلىرى غەربتە شىمالىي جۇ (北周, Běi Zhōu) سۇلالىسى، جەنۇبتا بولسا چېن سۇلالىسى (陈朝, Chén Cháo) ئىدى.
2. قىسقا مۇددەتلىك گۈللىنىش ۋە دۆلەت كۈچى
گارچە شىمالىي چى سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ۋەھشىي ھۆكۈمرانلىرى بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ، سۇلالىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، بولۇپمۇ گاۋ ياڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالدىنقى يىللىرىدا، دۆلەت كۈچى بىر مەزگىل قۇدرەت تاپقان.
- ھەربىي جەھەتتىكى كېڭىيىش: مىلادىيە 552-يىلىدىن كېيىن، شىمالىي چى شىمالدا كۇموخى (库莫奚) قەبىلىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، شەرقىي شىمالدا قىتانلارنى (契丹) قوغلاپ چىقاردى، غەربىي شىمالدا جۇجانلارنى (柔然) مەغلۇپ قىلدى. جەنۇبتا بولسا، خۇەينەن (淮南) رايونىنى ئىشغال قىلىپ، چېگراسىنى چاڭجياڭ (长江) دەرياسى بويىغىچە كېڭەيتتى. بۇ مەزگىلدە شىمالىي چى ئۆز دەۋرىدىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت (شىمالىي چى، شىمالىي جۇ، چېن) ئىچىدىكى ئەڭ باي ۋە قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانغان.
- ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت: شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى، تۇز-تۆمۈر سانائىتى ۋە فارفور (چىنە) ئىشلەپچىقىرىشى زور تەرەققىي قىلغان. ئۇلار تەڭ ئېتىز تۈزۈمىنى (均田制) داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغان. تارىخچى ۋېي شۆۇ (魏收) دەل مۇشۇ دەۋردە مەشھۇر «ۋېي تارىخى» (魏书) نى يېزىپ چىققان.
- نوپۇسى: شىمالىي جۇ تەرىپىدىن يوقىتىلىش ئالدىدا، شىمالىي چىنىڭ نوپۇسى 3,032,528 ئائىلە، يەنى تەخمىنەن 20,006,880 جانغا يەتكەن بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچىنىڭ كۆرسەتكۈچىسى ئىدى.
3. تەلۋە پادىشاھلار: گاۋ جەمەتىنىڭ ئەقىلگە سىغماس جىنايەتلىرى
بۇ قىسقا مۇددەتلىك گۈللىنىش ناھايىتى تېزلا ئاخىرلاشتى. گاۋ جەمەتىگە خاس بولغان روھىي بىنورماللىق شىمالىي چى دۆلىتىنىڭ ئالتە ئىمپېراتورىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كۆرۈلدى. (گاۋ ياڭ، گاۋ يىن، گاۋ يەن، گاۋ جان، گاۋ ۋېي ۋە گاۋ خېڭ). ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرى بىر پۈتۈن سۇلالىنى ھالاكەتكە ئېلىپ باردى.
A. ئۇرۇق-ئەۋلاد قىرغىنچىلىقى ۋە سىستېمىلىق يوقىتىش
- گاۋ ياڭنىڭ تەلۋىلەرچە قىرغىنچىلىقى: تەختكە چىققاندىن كېيىن، گاۋ ياڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ھەرقانداق كۈچنى يوقىتىشقا كىرىشتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئىلگىرىكى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى بولغان يۈەن (元) جەمەتىگە قول سالدى. ئۇ يۈەن جەمەتىدىكى 721 ئۇرۇق-ئەۋلادنى، بوۋاقتىن تارتىپ قېرىغىچە ھەممىسىنى يېچېڭدا رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىپ، جەسەتلىرىنى جاڭخې دەرياسىغا تاشلىدى. دەريا سۈيى قىزىرىپ، قىرغاق ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر ئۇزۇنغىچە دەريا بېلىقىنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، چۈنكى بېلىقلارنىڭ قورسىقىدىن ئىنسانلارنىڭ تىرناقلىرى چىقاتتى. ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكى ئۆز جەمەتىگىمۇ قارىتىلغان بولۇپ، تاغىسى، نەۋرە ئىنىلىرى ۋە ھەتتا ئۆز ئاكىسىنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ گۇمان بىلەن ئۆلتۈرۈپ، ھوقۇقىنى مۇستەھكەملىدى.

B. ئىنسان ھاياتىنى ئويۇنچۇق قىلغان رەھىمسىزلىك
- گاۋ ياڭنىڭ تەلۋە ئويۇنلىرى: ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، ھاراقكەشلىك ئۇنى پۈتۈنلەي بىر ئالۋاستىغا ئايلاندۇردى. ئۇ ئوردىغا يوغان قازان، ھەرە، پالتا قاتارلىق جازا سايمانلىرىنى قويۇپ قويۇپ، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن ھۇزۇرلىناتتى. ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى پارچىلاپ، ئوتقا ياكى سۇغا تاشلايتتى. بىر قېتىم ئۇ قولىغا ھەرە ئېلىپ، ئۆز سىڭلىسىنىڭ ئېرىنىڭ قورسىقىنى يېرىپ، ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى كۆرۈپ كۈلگەن. كېيىنچە ئۆلتۈرۈشكە ئادەم يېتىشمەي قېلىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەرنى ئوردىدا باقتۇرۇپ، ئۇلارنى «خانغا ئاتالغان مەھبۇسلار» (供御囚) دەپ ئاتاپ، خالىغاندا شۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە تۇتۇپ بېرەتتى. ئەگەر بىر مەھبۇس ئۈچ ئايغىچە ئۆلتۈرۈلمەي ھايات قالالىسا، ئۇ كەچۈرۈم قىلىناتتى. «باشقىلار مەست بولسا ئۇخلايدۇ، گاۋياڭ مەست بولسا ئادەم ئۆلتۈرىدۇ» دەيدىغان سۆزلەر بار ئىدى.
- ئادەم سۆڭىكىدىن ياسالغان چالغۇ ئەسۋاپ: ئۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كېنىزەك شۆشى (薛氏) نىڭ ئىلگىرى باشقا شاھزادە بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئۇنى ئۆز قولى بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ قوينىغا سېلىپ زىياپەتكە قاتناشقان، زىياپەت ئەۋجىگە چىققاندا، باش سۆڭەكنى ئۈستەلگە تاشلاپ ھەممەيلەننى قورقۇتقان. كېيىن ئۇ كېنىزەك ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ يوتا سۆڭىكىنى چىقىرىپ، ئۇنىڭدا «پىپا» (琵琶 خىتايلارنىڭ تارىلىق چالغۇسى) ياسىغان. ئاندىن قايغۇلۇق مۇڭ چېلىپ «گۈزەلنى قايتا تاپقىلى بولمايدۇ» دەپ يىغلىغان. بۇ ئۇنىڭ روھىيىتىدىكى بىر تەرەپتىن رەھىمسىزلىك، يەنە بىر تەرەپتىن غەلىتە قايغۇنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىپادىسى ئىدى.
- ھاراقكەشنىڭ قىلىقلىرى: ئۇ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن پۈتۈنلەي باشقا ئادەمگە ئايلىناتتى. بەزىدە چېچىنى يېيىپ، غەلىتە كىيىملەرنى كىيىپ، ئۆزىنى ناخشىچى-ئۇسسۇلچى قىلىۋالاتتى. بەزىدە پۈتۈنلەي يالىڭاچ ھالەتتە يۈزىگە پار-پۇرۇچلارنى سۈرۈپ كوچىلاردا يۈگۈرەتتى. يازنىڭ قاق ئاپتىپىدا يالىڭاچلىنىپ ئۆزىنى كۈنگە قاقلىسا، قىشتا كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ قار-مۇزدا يۈگۈرەتتى. ئوردىدىكى ئېگىزلىكى 27 چى كېلىدىغان چوڭ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۈستىدە، ھېچقانداق بىخەتەرلىك تەدبىرىسىز ھالدا يۈگۈرۈپ، ئۇسسۇل ئويناپ، تۆۋەندىكى كىشىلەرنى قورقۇتقىنىدىن ھۇزۇرلىناتتى. بىر قېتىم ئۇ يولدىكى بىر ئايالدىن: «ھازىرقى پادىشاھ قانداقراق؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ ئايال: «ساراڭ، تەلۋە، ھېچ پادىشاھقا ئوخشىمايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن. گاۋ ياڭ شۇ ھامان بۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
- ئۆلگىچە ھاراق ئىچكەن پادىشاھ: گاۋياڭ كۈندە ھاراق ئىچكەنلىكتىن داۋاملىق قولىدا ھاراق كۆتۈرۈپ يۈرەتتى. ھاراق سەۋەپلىك تاماقنىمۇ تۈزۈك يىيەلمىگەن. 30 ياشقا كىرگەن يىلى ھاراق ئىچىۋېرىپ مەستلىكتە ئۆلۈپ قالغان ئىدى.
C. ئەخلاقىي چىرىكلىك ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىمىرىلىشى
- ئاتا-ئانىغا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانغا قىلىنغان نومۇسسىزلىق: ئانىسى لۇ جاۋجۈن (娄昭君) ئۇنىڭ ھاراق ئىچىپ تەلۋىلىك قىلغىنىغا چىدىماي، ھاسىسى بىلەن ئۇنى بىرنى ئۇرغاندا، گاۋ ياڭ: «بۇ قېرى توخۇنى بىرەر غەيرىي مىللەتكە ياتلىق قىلىۋەتمىسەم بولمىغۇدەك» دەپ تەھدىت سالغان. ئانىسى بۇنىڭدىن قاتتىق رەنجىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەس بولغاندا، ئۇ ئانىسىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن، ئانىسى ئولتۇرغان كارىۋاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ، كارىۋاتنى كۆتۈرۈپ ئانىسىنى يەرگە يىقىتىپ، يارىلاندۇرغان. ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن قاتتىق پۇشايمان قىلىپ، ئۆزىنى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرمەكچى بولغاندا، ئانىسى ئۇنى توسۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە يېتىپ، ئۆز گۇناھىنى ساناپ تۇرۇپ، ئۆزىگە قامچا ئۇرغۇزغان ۋە «ئەگەر قان چىقارغۇچە ئۇرالمىساڭ، سېنى ئۆلتۈرىمەن» دەپ بۇيرۇق قىلغان. گەرچە بۇ ئىشلاردىن كېيىن ھاراقنى تاشلايمەن دەپ قەسەم قىلغان بولسىمۇ، ئون كۈنگە بارمايلا يەنە بۇرۇنقى تەلۋىلىكىگە قايتقان. ئۇ يەنە ئايالى لى خانىشنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، قېيىنئانىسىغا ئوقيا ئېتىپ ھاقارەتلىگەن ۋە ئۇنى يۈز قامچا ئۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆگەي ئانىسىنى باسقۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۆز جەمەتى بولغان گاۋ جەمەتىدىكى بارلىق ئاياللارنى ئوردىغا يىغىپ، ئۇلارنى يالىڭاچلاپ، ئۆزى ۋە يېقىنلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشى ئۈچۈن ئىشلەتكەن.
- گاۋ جەننىڭ ۋەھشىي شەھۋانىيلىقى: ئۇنىڭ ئىنىسى گاۋ جەن (高湛) تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئاكىسى گاۋ ياڭنىڭ تۇل ئايالى، يەنى ئۆز يەڭگىسى بولغان خانىش لى زۇئې (李祖娥) گە كۆز تاشلاپ، «ئەگەر قارشىلىق قىلساڭ، ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن» دەپ تەھدىت سېلىپ، ئۇنىغا باسقۇنچىلىق قىلغان. كېيىن خانىش ئۇنىڭدىن ھامىلىدار بولۇپ، نومۇستىن بىر قىز تۇغقاندا ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بۇنى ئاڭلىغان گاۋ جەن غەزەپ بىلەن خانىشنىڭ ئوغلى گاۋ شاۋدې (高紹德) نى ئۆلگۈچە كالتەكلەپ، ئاندىن خانىشنىڭ ئۆزىنى يالىڭاچلاپ قانغا بويىغۇچە قامچىلاپ، ئاخىرىدا راھىبىگە يوللىغان.
- گاۋ ۋېينىڭ نومۇسسىزلىقى: سۇلالىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمپېراتورى گاۋ ۋېي (高緯) ئۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك كېنىزىكى فېڭ شياۋليەن (馮小憐) گە شۇ دەرىجىدە ئامراق بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەل بەدىنىنى «يالغۇز كۆرۈش ئىسراپچىلىق» دەپ قارايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ دائىم بۇ كېنىزەكنى يالىڭاچلاپ ئوردا زالىدىكى ئۈستەلگە ياتقۇزۇپ قويۇپ، ئەمەلدارلاردىن پۇل ئېلىپ «تاماشا قىلدۇراتتى». بۇ ئىش «玉体横陈 (yù tǐ héng chén)» يەنى «گۆھەر بەدەننىڭ توغرىسىغا ياتقۇزۇلۇشى» دېگەن خىتايچە ئىدىيومنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان.
- غورۇرى قوپماس پادىشاھ: گاۋ جەن (武成帝 高湛) ئۆزىنىڭ ئايالى خۇ خانىشنىڭ ۋەزىر خې شىكەي (和士开) بىلەن بولغان ئوچۇق-ئاشكارا بۇزۇقچىلىقىغا كۆز يۇمۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى پۈتۈنلەي بۇ خىيانەتچىگە تاشلاپ بەرگەن.
- پاھىشە بولۇشنى ئەلا بىلگەن خانىش: بۇ سۇلالىنىڭ ئەخلاقىي چىرىكلىكى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، شىمالىي چى يوقىتىلغاندىن كېيىن، گاۋ جەننىڭ ئايالى خۇ خانىش ۋە ئۇنىڭ كېلىنى (گاۋ ۋېينىڭ ئايالى) تىرىكچىلىك ئۈچۈن، پايتەخت چاڭئەندە پاھىشىلىك قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، سابىق خانىش بۇ ئىشتىن ھېچ نومۇس قىلماي، «خانىش بولۇشتىن پاھىشە بولۇش خېلىلا خۇشاللىنارلىق ئىكەن» دېگەن. بۇ، شىمالى چى دۆلىتىنىڭ ئوردا ئىچىدىكى ھۆكۈمىران سىنىپنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىن قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنىڭ ئاچچىق ئىسپاتىدۇر.

D. دۆلەت ئىشلىرىغا سەل قاراش ۋە قابىلىيەتلىكلەرنى يوقىتىش
- ئەمەلدارلارنى خارلاش: ئۇ باش ۋەزىر ياڭ يىن (杨愔) نى دائىم خارلاپ، ھاجەتخانىدا ئۇنىڭغا تەرەت قەغىزى توشتۇرغان، ئۇنى سەۋەبسىز قامچىلاپ، كىيىملىرىنى قانغا بويىغان. ھەتتا بىر قېتىم پىچاق بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىپ باقماقچى بولغان. يەنە بىر قېتىم ياڭ يىننى تابۇتقا سېلىپ، دەپنە مۇراسىمى ئويۇنى ئوينىغان.
- دۆلەتنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى يوقىتىش: گاۋ جەمەتىنىڭ تەلۋىلىكى پەقەت شەخسىي ئەخلاق بىلەنلا چەكلەنمىدى، ئۇلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغىمۇ پالتا چاپتى. شىمالىي چىدە خۇلۈ گۇاڭ (斛律光, Húlǜ Guāng) ۋە لەنلىڭ ۋاڭ گاۋ چاڭگۇڭ (蘭陵王 高長恭, Lánlíng Wáng Gāo Chánggōng) قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئەسكىرىي قوماندانلىرى بار ئىدى. خۇلۈ گۇاڭ 40 يىلدىن ئارتۇق شىمالىي جۇغا قارشى جەڭ قىلىپ، دۆلەت چېگراسىنى قوغدىغان. گاۋياڭ گېنېرال خۇلۈ جىن نىڭ جاسارىتىنى سىناش ئۈچۈن، نەيزە بىلەن ئۇنىڭ كۆكرىكىگە ئۈچ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى قىلغان. خۇلۈ جىن قورقماي تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇكاپاتلىغان. ئەمما پادىشاھ گاۋ ۋېي دەۋرىدە خىيانەتچى ئەمەلدار زۇ تىڭ (祖珽, Zǔ Tǐng) نىڭ سۇيىقەستىگە ئىشىنىپ، بۇ گېنېرالنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. لەنلىڭ ۋاڭ بولسا، ئۆزىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلۇقى ۋە كېلىشكەن قىياپىتى بىلەن ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بىر شاھزادە ئىدى. ئۇنىڭ تەسىرىدىن قورققان گاۋ ۋېي ئۇنىڭغا زەھەرلىك شاراب ئەۋەتىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. بۇ ئىككى گېنېرالنىڭ ئۆلۈمى شىمالىي چىنىڭ «ئۆز قولى بىلەن ئۆز قورالىنى سۇندۇرۇشى»غا باراۋەر بولۇپ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى ۋە ھالاكەتنى تېزلەتتى.
- دۈشمەن ھوجۇم قىلغاندىكى پەرۋاسىز ئەخمەقلىق: دۈشمەن قوشۇنلىرى شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك بولغان ۋاقىتتىمۇ، پادىشاھ گاۋ ۋېي (後主 高緯) ئامراق كېنىزەكلىرى بىلەن بىللە يەر ئاستى تونىلى كولاش ئويۇنى ئويناش بىلەن ئالدىراش بولغان.
4. دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى ۋە ھالاكىتى
شىمالىي چى ئىمپېراتورلىرىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ۋە قابىلىيەتسىزلىكى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە سىياسىي ۋەزىيەت قالايمىقانلىشىپ، دۆلەت كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربتىكى رەقىبى شىمالىي جۇ سۇلالىسى جۇ ۋۇدى (周武帝) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا كۈچىيىشكە باشلىدى.
گاۋ ۋېينىڭ خۇلۈ گۇاڭ ۋە لەنلىڭ ۋاڭ قاتارلىق گېنېراللىرىنى ئۆلتۈرۈشى دۆلەت مۇداپىئەسىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان شىمالىي جۇ 577-يىلى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغاپ، شىمالىي چى نى يوقاتتى ۋە شىمالىي خىتاينى بىرلىككە كەلتۈردى.
شىمالىي چى يوقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ زېمىنىدىكى نۇرغۇن ئاقسۆڭەكلەر ۋە ئەمەلدارلار غەربكە، يەنى شىمالىي جۇنىڭ پايتەختى ئەتراپىغا كۆچۈرۈلدى. فەنياڭ ۋاڭ گاۋ شاۋيى (范阳王高绍义) تۈركلەرگە قېچىپ بېرىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرماقچى بولدى. ئەمما 580-يىلى، تۈركلەر بىلەن شىمالىي جۇنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانغاندىن كېيىن، پادىشاھ گاۋ شاۋيى شىمالىي جۇغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. شىمالىي چى نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قارشىلىق كۈچلىرى 583-يىلى سۈي سۇلالىسى (隋朝) تەرىپىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىلدى.
5. تارىخ ئەينىكى ئاستىدىكى تەھلىل: شىمالىي چى دۆلىتىدىن بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستانغا نەزەر
شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ تارىخىي پاجىئەسى بىلەن بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ئوتتۇرىسىدا 1500 يىللىق ۋاقىت ئارىلىقى بولسىمۇ، مۇتلەق ھوقۇقنىڭ ماھىيىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ لوگىكىسى ۋە زۇلۇمنىڭ پىسخولوگىيەلىك ئاساسلىرىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئۆخشاشلىقلارنى بايقاش مۇمكىن.

-
مۇتلەق ھوقۇق ۋە «باشقىلار»نى ئىنسان سىياقىدىن چىقىرىش: شىمالىي چى پادىشاھلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلاھىي دەپ قاراپ، پۇقرالارنى، ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكى ۋە ئويۇنچۇقى سۈپىتىدە كۆرگەن. بۈگۈنكى خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ئۆزىنى خىتاي مىللىتىنىڭ بىردىنبىر ۋەكىلى دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنى «بۆلگۈنچى»، «ئاشقۇن»، «مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان» دەپ قارىلاپ، ئۇلارنى ئىنسان سىياقىدىن چىقىرىش (dehumanization) سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. بۇ خىل قاراش، ئۇلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى قاتارلىق جىنايەتلەرنى «ئاقلاش» ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
-
قانۇننىڭ سىياسىي قورالغا ئايلىنىشى: شىمالىي چىدە پادىشاھنىڭ سۆزى قانۇن ئىدى. ھازىرقى شەرقىي تۈركىستاندىمۇ «قانۇن» ئادالەتنى ئەمەس، بەلكى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر قورالغا ئايلاندى. «ئاشقۇنلۇقنى تۈگىتىش نىزامى» غا ئوخشاش قانۇنلار، ھەرقانداق دىنىي ئېتىقاد ۋە مىللىي ئۆرپ-ادەتنى جىنايەت دەپ بېكىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلمەكتە. بۇ يەردە قانۇننىڭ مەقسىتى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئەمەس، بەلكى كونترول قىلىش ۋە باستۇرۇشتۇر.
-
سىستېمىلىق يوقىتىش ۋە «مۇقىملىق»نى قوغداش: گاۋ ياڭ ئۆزىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغان ھەرقانداق ئادەمنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان. خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ ئوخشاشلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان تەھدىت دەپ قارايدۇ. بۇ خىل سىستېمىلىق پارانويا، پۈتۈن بىر مىللەتنى يوشۇرۇن دۈشمەن سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىش، نازارەت قىلىش ۋە «قايتا تەربىيەلەش» نى زۆرۈر دەپ قارايدۇ.
-
مەدەنىيەت ۋە كىملىكنى يوقىتىش ئارقىلىق روھىي ئۆلۈمنى ئىشقا ئاشۇرۇش: شىمالىي چى پادىشاھلىرى جىسمانىي جەھەتتىن ئۆلتۈرۈشتىن ھۇزۇرلانسا، بۈگۈنكى زۇلۇم جىسمانىي كونترول بىلەن روھىي يوقىتىشنى بىرلەشتۈرگەن. مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى، تىل-يېزىقنىڭ چەكلىنىشى، دىنىي ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلارنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى – بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتنىڭ تارىخىي ئەستە ساقلاش ئىقتىدارىنى ۋە كوللېكتىپ كىملىكىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا قارىتىلغان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدۇر.
-
ئائىلىنى پارچىلاش ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى بۇزۇش: گاۋ جەن ئۆز يەڭگىسىگە قىلغان ۋەھشىيلىك بىلەن ئائىلە ئەخلاقىنى ۋەيران قىلغان. خىتاي ھاكىمىيىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئائىلىنى سىستېمىلىق پارچىلىماقتا. ئاتا-ئانىلار لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامالغاندا، ئۇلارنىڭ بالىلىرى دۆلەت ياتاقلىرىغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىدىن ئايرىلغان ھالدا خىتايچە تەربىيەلەنمەكتە. بۇ، بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنى ئۆز يىلتىزىدىن ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ۋاسىتىسىدۇر.
خۇلاسە: تارىخنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرى

شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ قىسقا ئەمما قانلىق تارىخى بىزگە بىر قانچە چوڭقۇر ۋە ئاچچىق ساۋاق بېرىدۇ.
بىرىنچىدىن، مۇتلەق ۋە چەكلىمىسىز ھوقۇق ھامان چىرىكلىككە، تەلۋىلىككە ۋە ۋەھشىيلىككە ئېلىپ بارىدۇ. ھوقۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان مېخانىزملار بولمىغاندا، ھۆكۈمرانلار ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىگە ئەسىر بولۇپ قالىدۇ. دىنىسز ياكى دىيانىتى ئاجىز كىشىلەر تېخى شۇنداق.
ئىككىنچىدىن، بىر دۆلەتنىڭ ھەقىقىي كۈچى ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئاساسىدا ۋە قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى قەدىرلىشىدە ياتىدۇ. شىمالىي چى سۇلالىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ قابىلىيەتلىك گېنېراللىرى خۇلۈ گۇاڭ ۋە لەنلىڭ ۋاڭنى ئۆز قولى بىلەن يوقاتقاندا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق لىنىيەسىنى ئۆزى ئۈزگەن. دېمەك، ھەرقانداق مىللەت ۋە دۆلەت ئۆزىنىڭ قابىلىيەتلىك ئادەملىرىنى يوقىتىش بىلەن ھالاكەتكە يۈز تۇتىشى مۇمكىن. بۈگۈنكى كۈندىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، قابىلىيەتلىك سەرخىللارنى ۋە دىنىي ئۆلىمالىرىنى تۈرمىلەرگە تاشلىشى، ئەمەلىيەتتە بىر پۈتۈن مەدەنىيەتنىڭ روھىنى ۋە كەلگۈسىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
ئۈچىنچىدىن، تارىخ ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشتە قالمايدۇ، ئۇ ئوخشىمىغان شەكىللەردە قايتىلىنىپ تۇرىدۇ. شىمالىي چىنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن بۈگۈنكى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىققىچە، بىز زۇلۇمنىڭ ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى كۆرىمىز. گاۋ ياڭنىڭ قولىدىكى ھەرە ۋە تۆمۈر كالتەكنىڭ ئورنىنى بۈگۈنكى كۈندە يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش كامېرالىرى، DNA يىغىش سىستېمىسى ۋە سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان جازا لاگېرلىرى ئالدى. زۇلۇم تېخىمۇ «مەدەنىي» ۋە كەڭ كۆلەملىك بولدى، ئەمما ئۇنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى يەنىلا ئوخشاش: ئۆزىگە ئوخشىمايدىغان ھەرقانداق كىملىكنى، مەدەنىيەتنى ۋە ئېتىقادنى يوقىتىپ، مۇتلەق ئىتائەتمەنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
شىمالىي چى سۇلالىسىنىڭ تارىخى بىر قورقۇنچلۇق چۆچەك ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىدۇر. ئۇ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە، ئەگەر ئىنسان قەدرى-قىممىتى، ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقى قوغدالمىسا، ئەڭ قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن. تارىخنىڭ بۇ قاراڭغۇ بېتىنى ئوقۇش، بىزنىڭ ئۆتمۈشنىڭ خاتالىقلىرىنى تەكرارلىماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر.
مىرىھبان رەببىمىز اللە تىن بىچارە شەرقىي تۈركسىتانلىق بەندىلىرىگە ياردەم قىلىشىنى، ئۇلارغىمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ، توغرا ئىسلام ئەقىدىسىدە ياشاش نىئمىتىنى ئاتا قىلىشنى سورايمىز، ئامىن!