ئافغان «جىھاد»ى

October 14, 2025


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 5 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ئۆزگىرىشچان دۇنيا ۋە ئافغان «جىھاد»ى: سىياسەت، مەنپەئەت ۋە پرىنسىپ توغرىسىدا قايتا مۇلاھىزە

يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئىبرەتلىك ۋەقەلەرنىڭ بىرى، شۈبھىسىزكى، ئافغانىستاننىڭ بىرنەچچە ئون يىللىق ئۇرۇش ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشلەر مۇساپىسىدۇر. بۇ مۇساپە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ زېھنىدە «جىھاد» دېگەن ئۇقۇم بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان. 1980-يىللاردا ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگاننىڭ ئافغان مۇجاھىدلىرىنى ئاقسارايدا «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» دەپ قارشى ئېلىشى، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى كۈرىشىنى قوللىشى تارىخىي بىر مەنزىرە ئىدى.

شۇ ۋاقىتتا بۇ ئۇرۇش نۇرغۇن ئىسلام ئۆلىمالىرى، جۈملىدىن پەلەستىنلىك داڭلىق مۇجاھىد ئالىم ئابدۇللا ئەززام (رەھىمەھۇللاھ) تەرىپىدىن «جىھاد» دەپ ئېلان قىلىنغان ھەمدە بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىماندىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم پەرز دەپ قارالغان ئىدى.

تارىخىي ۋەقەلەرگە باھا بېرىشتىن ئىلگىرى، بىر مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇشتا، ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلارنىڭ زېمىنىنى، دىنىنى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن، سەمىمىي نىيەت بىلەن جەڭگە ئاتلانغان ۋە بۇ يولدا شەھىد بولغان سان-ساناقسىز مۇجاھىدلارغا قەتئىي تىل ئۇزاتماسلىقىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ ئىخلاسى ۋە قۇربانلىقىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ ھېسابى ئاللاھقا ئائىتتۇر. اللە ئۇلارنىڭ جىھادىنى قۇبۇل قىلسۇن، ئامىن! بىزنىڭ بۇ يەردىكى مۇلاھىزىمىز يەككە شەخسلەرنىڭ سەمىمىيىتى ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى سىياسىي رەھبەرلىكلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ئىستراتېگىيەلىرى ۋە بۇ جەرياندا «جىھاد» ئۇقۇمىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈستىدىدۇر.

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەردى. 2001-يىلى ئامېرىكا ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىلگىرىكى «ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» بىلەن 20 يىللىق ئۇرۇشقا كىردى. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، 2025-يىلىغا كەلگەندە، ئىلگىرى «كاپىر تاجاۋۇزچى» دەپ قارىلىپ، ئۇنىڭغا قارشى «جىھاد» ئېلان قىلىنغان روسىيە، تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن بىخەتەرلىك، قاتناش ۋە سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى.

بۇ بىرنەچچە ئون يىللىق مۇرەككەپ جەريانغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بىر سوئال ئوتتۇرىغا چىقىدۇ: ئەگەر 1980-يىللاردىكى رۇسلارغا قارشى ئۇرۇش «جىھاد» بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئوخشاش رۇسلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش قانداق ئىزاھلىنىدۇ؟ بۇ جەرياندا ئامېرىكىنىڭ تۈپ خاراكتېرى، روسىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە ئافغان خەلقىنىڭ ئېتىقادى ئۆزگەرمىدى. ئۇنداقتا ئۆزگەرگەن نەرسە نېمە؟ بۇنى پەقەتلا ئىسلام ۋە ئۈممەتچىلىك چۈشەنچىسى بىلەن ئىزاھلاش مۇمكىنمۇ؟

دۆلەت مەنپەئەتى پرىنسىپلاردىن ئۈستۈن تۇرغاندا: پاكىستان ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت

خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە «مەڭگۈلۈك دوست ياكى دۈشمەن يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەت بار» دېگەن پرىنسىپ، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىدە ئالاھىدە روشەن گەۋدىلەندى. بۇنى پەقەت روسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىلا ئەمەس، يېقىنقى مەزگىلدىكى باشقا ئىككى مۇھىم ۋەقەدىمۇ كۆرۈۋالالايمىز:

1. پاكىستان بىلەن بولغان توقۇنۇش: يېقىندا، ئافغانىستان بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىپ چىققان سۈركىلىش، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەربىي توقۇنۇشقا ئايلىنىپ، ئىنسانلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.

بۇ ۋەقەدىن كېيىن، بەزى كىشىلەر ھاياجان بىلەن بۇنىمۇ «جىھاد» دەپ ئاتاشقا ئۇرۇنۇپ، «مۇجاھىدلار پاكىستان ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈردى» دەپ قارىغۇلارچە تەشۋىقات قىلىشتى. بۇ يەردە بىر قانچە ئېغىر سوئال تۇغۇلىدۇ: پاكىستان بىر مۇسۇلمان دۆلىتى، ئۇنىڭ ئارمىيەسىدىكى ئەسكەرلەرنىڭمۇ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنى «جىھاد» دەپ ئاتاشقا كىم ھوقۇق بەردى؟ قايسى ئىسلام ئۆلىمالىرى ئافغانلارغا قارشى چىققان ھەرقانداق ئادەمنى «مۇرتەد» (دىندىن چىققان) دەپ پەتىۋا چىقاردى؟ ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە چېگرا مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشنى «جىھاد» دەپ ئاتاش، بۇ مۇقەددەس ئۇقۇمنى سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە خەلقنى ئالداش ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، ئافغانىستان كىم بىلەن ئۇرۇش قىلسا، شۇ «جىھاد» بولىۋەرمەيدۇ. بۇنداق نازۇك مەسىلىلەردە چوقۇم دۇنيادىكى ئىلمىي، ئادىل ۋە توغرا ئەقىدىدىكى ئۆلىمالارنىڭ كۆز قارىشىغا قۇلاق سېلىش، ھاياجانغا بېرىلمەسلىك كېرەك.

2. خىتاي بىلەن بولغان «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق»: تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، تالىبان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيتمەكتە. بۇ ھەمكارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، ئىقتىساد-سودا، تېخنىكا ئالماشتۇرۇشتىن ھالقىپ، ھەتتا ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىگىچە كېڭەيدى. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى، تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ.

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «مۆمىنلەر مۆمىنلەرنى قويۇپ، كاپىرلارنى دوست تۇتمىسۇن» (ئال ئىمران سۈرىسى، 28-ئايەت). بىر تەرەپتىن «ئىسلام ئىمارىتى» قۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر ھاكىمىيەت بىلەن بۇنداق قۇيۇق ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ھېچقانداق ئىسلامىي پرىنسىپ بىلەن ئاقلىغىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇ ھۆكۈمەت ھەقىقەتەن پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىگە ۋەكىللىك قىلغان بولسا، شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ ئاھۇ-پەريادىغا قۇلاق سېلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى شۇ ئاساستا بەلگىلىشى كېرەك ئىدى.

خۇلاسە: ئىسلامغا ئەمەس، دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىش

يۇقىرىقى تەھلىللەر شۇنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى ۋە تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىل، ئۆزگەرمەس دىنىي پرىنسىپلار ياكى ئۈممەتچىلىك غايىسى ئەمەس، بەلكى ئافغانىستان دۆلىتىنىڭ ئەمەلىي مەنپەئەتى ۋە سىياسىي رېئاللىقتۇر. ئۇلار سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقلاشتى، كېيىن ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشتى، بۈگۈن ئىلگىرىكى دۈشمىنى روسىيە بىلەن دوستلاشتى، مۇسۇلمان قوشنىسى پاكىستان بىلەن توقۇنۇشتى، مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلاشتى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قىلمىشلىرىنى ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە نىسبەت بېرىش ياكى ئۇلارنى پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ قاراش چوڭ خاتالىقتۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

شۇڭلاشقا، سياسىي ۋەقەلەرگە باھا بەرگەندە ھاياجانغا بېرىلىپ، دۆلەتلەرنى ۋە خەلقلەرنى دەلىلسىز ھالدا «ئۈممەت ياكى دۈشمەن» دەپلا ئاددىيلاشتۇرۇپ قۇتۇپلۇق تەھلىل قىلىش، بىزنى ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ. اللە نىڭ پەيغەمبىرى ﷺ مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنى قۇرغاندا شەرئىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ سىياسەتنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرستىىپ قويغان ئىدى. ھەرگىزمۇ كۈنىمىزدىكى بەزى مۇسۇلمان ياكى دەۋەتچىلەردەك ئۇنداق يەڭگىل ھۆكۈم چىقارمىغان.

شۇڭا بىز كۈنىمىزدىكى ھەر بىر ۋەقەنىڭ ئارقىسىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش، گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەت توقۇنۇشلىرى ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەرنى سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىش كېرەك. مىللەتنىڭ ۋە دۆلەتلەرنى قۇللۇقتىن قۇتقۇزىدىغان نەرسە، قۇرۇق شوئارلار ۋە ھاياجانلىق چاقىرىقلار ئەمەس، بەلكى توغرا ئەقىدە، ساغلام ئەقىل، ئىلىم-پەن، ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتنى قوغدايدىغان ئىرادىدۇر.

بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسەت، تاجاۋۇزچىنى قوغلاپ چىقارغان ئافغان خەلقىنى قارىسىغىلا سۆكۈش ۋە يامانلاش ئەمەس. ئۇلار قەيسەر ئىرادىسى شەرئىي جىھادىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئاخىرى تاجاۋۇزچىنى يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. بۇ ماختىلىشقا تېگىشلىك ۋە ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشتۇر. ئەمما بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر ۋە مۇجاھىد قېرىنداشلىرىمىز شۇنى كاللىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، بىزنىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە ياردەم قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بولغىنىدەك، ئىسلام ئۈممىتىدىنمۇ بىزنىڭ يۇرتىمىزدىكى تاجاۋۇزچى خىتاينى قوغلاپ چىقىرىشقا ياردەم تەلەپ قىلىش ھەققىمىز بار. بىزنىڭ ئۈستىمىزدە ئىسلام ئۈممىتىگە دۇئا قىلىش مەجبۇرىيىتى بولغىنىدەك، پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭمۇ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا دۇئا قىلىش ۋە ئەمەلىي ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى بار. اللە بارلىق مۇسۇلمانلاردىن ئەرەب ۋە ئەجەم ھەممىسىنى باراۋەر قىلدى. ئۇلار پەقەت اللە قا بولغان تەقۋاسى بىلەنلا اللە دەرگاھىدا پەرقلىنىدۇ. ئىسلام ئۈممىتىدىن ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ اللە يۈكلىگەن ئىسلامىي قېرىنداشلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، باشقا مۇسۇلمانلاردىن ئىسلامىي قېرىنداشلىق ھەققىنى سوراش ھەققى بارمۇ؟

بىز نۆۋەتتە باشقا بارلىق مۇسۇلمانلاردىن بىزگە ياردەم قىلىش ھەققىمىزنى سورىشىمىز لازىم. ئۇلار ئادا قىلمىسا ئۇلارغا اللە نىڭ دىنىنى ئەسلىتىشىمىز كېرەك. ئافغانلارنىڭ ھەممە ئىشىغا توغرا دەپ چاۋاك چېلىۋەرمەي، خىتايغا زىيادە يېقىنلىشىپ كېتىۋاتقان ئافغانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرىتىگە راستىنلا كۆڭۈل بۆلسەك، بېرىپ ئۇلارغا خىتاينى ئاگاھلاندۇرىشىمىز لازىم. ئافغانلارنىڭ خاتا سىياسىتىنى ئەسكەرتىۋاتقان قېرىنداشلىرىڭلارغا پەتىۋە پىچىشتىن بۇرۇن، ئافغانىستاندىكى ئۇزۇندىن بۇيان خەندەكلەردە سەپداش بولغان ئافغان قېرىنداشلىرىڭلارغا بىرمۇ-بىر خىتاينىڭ ۋەتەندىكى زۇلۇمىنى ئاڭلىتىشڭلار كېرەك. بۇ سىلەرنىڭ ۋەتەندە زۇلۇمدا قالغان ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ئەڭ ئەقەللىي ھەققىدۇر!

مىھرىبان رەببىمىز اللە تىن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغىمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش نىئمىتىنى ئاتا قىلشىنى سورايمىز، ئامىن!

پايدىلانغان مەنبەلەر:

Moscow’s Taliban Rapprochement: High-Risk Realpolitik

Russia becomes first country to recognize Afghanistan’s Taliban government

Afghanistan-Pakistan conflict

Chinese-Backed Taliban Border Surveillance Initiative

Huawei–MSS–Taliban Nexus