سۆزلەش سەنئىتى

December 30, 2025


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 11 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ئالاقە ۋە سۆزلەش سەنئىتىدىكى 15 ئالتۇن قائىدە

2019-يىلى، دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ - مەسسەچۇسېتس تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (MIT) نىڭ پىروفېسسورى پاترىك ۋىنستون (Patrick Winston) ئۆزىنىڭ 50 يىللىق ئوقۇتۇش ھاياتىدىكى ئەڭ مەشھۇر لېكسىيەسى بولغان «قانداق سۆزلەش كېرەك؟» ناملىق 1 سائەتلىك دەرسنى ئۆتتى. بۇ ۋىدىيو توردا 22 مىليوندىن ئارتۇق كۆرۈلدى. ئەپسۇسكى، بۇ لېكسىيەدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپلا ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ دەرس ئۇنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا قالدۇرغان ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىسى بولۇپ قالدى.

ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئىنژېنېرلار سىنىپىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىپلومى ھېچقاچان ئۆگەتمەيدىغان بىر نېگىزلىك ماھارەتنى – «سۆزلەش سەنئىتى»نى ئۆگەتتى. ئۇ دائىم مۇنداق دەيتتى: «ھاياتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئالدى بىلەن سىزنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارىڭىز، ئاندىن يېزىش ئىقتىدارىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا ئىدىيەڭىزنىڭ سۈپىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.»

بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، قولىمىزدا دۇنيادىكى ئەڭ ھەققانىي، ئەڭ ئادالەتلىك بىر دەۋا — ئۇيغۇر مۇستەقىلىق دەۋاسى بار. ئەمما، بىز بۇ نالە-پەريادىمىزنى، بۇ ئۇلۇغ غايىمىزنى دۇنياغا، سىياسەتچىلەرگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە قانداق قايىل قىلارلىق قىلىپ يەتكۈزۈۋاتىمىز؟ ئالاقە ئىقتىدارىمىز بۇ دەۋانىڭ ئېغىرلىقىنى كۆتۈرەلەۋاتامدۇ؟

تۆۋەندىكى 15 قائىدە پەقەتلا بىر لېكسىيە ماھارىتى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى خەلقئارا سەھنىدە قانداق قىلىپ تەسىر كۈچكە ۋە نەتىجىگە ئىگە قىلىشنىڭمۇ ئەڭ كۈچلۈك قورالىدۇر.


1. چاقچاق بىلەن باشلىماڭ. «ۋەدە بېرىش» بىلەن باشلاڭ.

ئىلمىي ئاساسى: ئىنسانلار يېڭى بىر نۇتۇق ياكى يىغىنغا قاتناشقاندا، مېڭىسى تېخى ئۇ مۇھىتقا كىرىشەلمىگەن بولىدۇ، ئۇلار كۈلۈشكە تەييار ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا ئاڭلىغۇچى سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سۆزلەۋاتقانلىقىڭىزنى بىلمىسە دىققىتى چېچىلىدۇ. شۇڭا، سۆزىڭىزنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ نېمىگە ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ زېھنىنى يىغىڭ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: بىرەر خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدا ياكى چەتئەللىك سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە پاراڭنى ئادەتتىكىچە سالاملىشىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ. بىۋاسىتە مۇنداق باشلاڭ: “بۈگۈنكى 15 مىنۇتلۇق سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنىڭ پەقەتلا بىر ئىچكى سىياسەت ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ دۆلىتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ قانداق تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە سىزنىڭ بۇنى توختىتىش ئۈچۈن زادى نېمە قىلالايدىغانلىقىمزنى ئېنىق بىلىپ يېتەلىشىڭىز مۇمكىن.” بۇ خىل ۋەدە سىياسەتچىنىڭ دىققىتىنى 100% سىزگە تارتىدۇ.

2. ئىدىيەڭىز خۇددى ئۆز بالىڭىزغا ئوخشايدۇ. ئاددىي نەرسىنىمۇ چۈشەندۈرۈڭ.

ئىلمىي ئاساسى: سىز ئۆز كەسپىڭىزنى ياكى دەردىڭىزنى بەك ياخشى بىلىسىز، شۇڭا بەزى ئاتالغۇلار سىزگە «بەك ئاددىي» بىلىنىدۇ. ئەمما سىرتتىكى ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ پۈتۈنلەي يات بىر ئۇقۇم. ئەگەر ئاساسنى چۈشەندۈرمىسىڭىز، تاماشىبىنلار كېيىنكى چوڭقۇر پىكىرلىرىڭىزنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: بىز ئۇيغۇرلار «شەرقىي تۈركىستان»، «تارىخىي ۋەتىنىمىز»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دېگەن سۆزلەرنى كۈندە دەپ يادلاپ كەتتۇق. ئەمما غەربلىك ئادەتتىكى بىر پۇقرا ياكى بەزى ژۇرنالىستلار «ئۇيغۇر دېگەن كىم؟ شەرقىي تۈركىستان نەدە؟» دېگەننىمۇ بىلمەيدۇ. سىز ئاۋۋال ئېنىق قىلىپ: “شەرقىي تۈركىستان ئاسىيانىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، خىتاي تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان بىر مۇستەقىل دۆلەت” دەپ ئاساسىي ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈپ، ئاندىن زۇلۇمنى سۆزلەڭ.

3. ھايات-ماماتلىق «5 مىنۇت» قائىدىسى

ئىلمىي ئاساسى: مېڭە ئىلمىغا ئاساسلانغاندا، ھەرقانداق بىر نۇتۇقنىڭ دەسلەپكى 5 مىنۇتى ئادەملەرنىڭ سىزنى كېيىنكى 55 مىنۇتتا داۋاملىق ئاڭلاش ياكى تېلېفونىنى ئويناشنى بەلگىلەپ قويىدۇ. شۇڭلاشقا، ئېچىلىش قىسمىنى قايتا-قايتا مەشىق قىلىڭ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: ب د ت دا، ياكى پارلامېنت گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا سىزگە ئاران بىرنەچچە مىنۇت ۋاقىت بېرىلىدۇ. ئۇزۇن تەشەككۈرنامە ۋە ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇش بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلماڭ. سۆزنى بىۋاسىتە ئەڭ يۈرەكنى تىترىتىدىغان بىر ۋەقە بىلەن باشلاڭ. مەسىلەن: “مەن بۈگۈن بۇ يەردە تۇرۇپ ئەركىن نەپەس ئېلىۋاتىمەن، ئەمما مېنىڭ 70 ياشلىق ئانام دەل مۇشۇ مىنۇتتا خىتاينىڭ قاراڭغۇ كامېرسىدا ئۆلۈم بىلەن يۈزلەشمەكتە…” بۇنداق باشلىنىش ھەرقانداق ۋەزنىلىك سىياسەتچىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتىۋالىدۇ.

4. ئەڭ مۇھىم ئىدىيەنى ئاز دېگەندە 3 قېتىم تەكرارلاڭ.

ئىلمىي ئاساسى: كىشىلەرنىڭ دىققىتى يىغىن جەريانىدا تەخمىنەن 20% ۋاقىتتا چېچىلىپ كېتىدۇ (خىيال سۈرىدۇ). بىر مۇھىم گەپنى بىر قېتىملا دەپ قويسىڭىز، ئۇلار ئاڭلىماي قېلىشى مۇمكىن. ئاچقۇچلۇق سۆزنى بېشىدا، ئوتتۇرىسىدا ۋە ئاخىرىدا تەكرارلاڭ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: سىزنىڭ بىر يىغىندىكى مەقسىتىڭىز مەلۇم بىر «مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ماقۇللىتىش بولسا، سۆزىڭىزگە نۇرغۇن تېمىلارنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەڭ. سۆز بېشىدا: “بىزگە بۇ قانۇن كېرەك” دەڭ. سۆز ئوتتۇرىسىدا پاكىتلارنى كۆرسىتىپ: “مانا بۇ سەۋەبتىن بىزگە بۇ قانۇن كېرەك” دەڭ. ئاخىرىدا خۇلاسىلەپ: “تارىخ بىزدىن بۇ قانۇننى ماقۇللاشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ” دەڭ. مەقسىتىڭىز مىخ كەبى ھەركىشىنىڭ مېڭىسىگە قېقىلسۇن.

5. ئىدىيەڭىزنىڭ ئەتراپىغا «رېشاتكا» قۇرۇڭ (چېگراسىنى ئېنىق قىلىڭ).

ئىلمىي ئاساسى: كىشىلەر يېڭى بىر ئىدىيەنى ئاڭلىغاندا، ئۇنى ئۆزى بۇرۇن بىلىدىغان باشقا بىر نەرسىگە ئوخشىتىۋېلىشقا مايىل كېلىدۇ. شۇڭا ئىدىيەڭىزنىڭ نېمە «ئىكەنلىكى» نى ئېيتىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ نېمە «ئەمەس» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈڭ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا «تېررورچى، ئەسەبىي» دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلدى. سىز دەۋانى ئاڭلاتقاندا بۇنى دەرھال ئايرىۋېتىشىڭىز كېرەك: “بىزنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز خىتاي دەۋاتقاندەك ھەرگىزمۇ بىر دىنىي ئەسەبىيلىك ياكى تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس. بىزنىڭ كۈرىشىمىز خۇددى ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيەدىن، ياكى شەرقىي ياۋروپانىڭ سوۋېتتىن ئايرىلىپ قۇرۇلغىنىغا ئوخشاش، بىر مىللەتنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە دۆلەت قۇرۇش ھەرىكىتى دۇر.” مانا بۇ رېشاتكا قۇرۇش!

6. سۆزلەش تىنىش بەلگىسىنى ئىشلىتىڭ (سۈكۈتنىڭ كۈچى).

ئىلمىي ئاساسى: توختاۋسىز سۆزلەش ئاڭلىغۇچىنى چارچىتىدۇ. بىرەر مۇھىم رەقەمنى ياكى ئېغىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جىمجىت توختاپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ شۇ ئۇچۇرنى ھەزىم قىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدۇ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: رەقەملەرنى يامغۇردەك ياغدۇرماڭ. نۇتۇق جەريانىدا مۇنداق قىلىڭ: “بۈگۈنكى كۈندە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالدى.”(بۇ يەردە 3-4 سېكۇنت سۈكۈت قىلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇڭ). بۇ جىمجىتلىقتا تاماشىبىنلار 3 مىليون ئادەمنىڭ ئازابىنى ھېس قىلسۇن. جىمجىتلىق بەزىدە ئەڭ قاتتىق چۇقان بولالايدۇ.

7. سوئال سوراڭ ۋە يەتتە سېكۇنت كۈتۈڭ.

ئىلمىي ئاساسى: سوئال سوراش ئاڭلىغۇچىلارنىڭ مېڭىسىنى پاسسىپ ئاڭلاش ھالىتىدىن ئاكتىپ ئويلىنىش ھالىتىگە ئۆتكۈزىدۇ. 7 سېكۇنت كۈتۈڭ. بۇ جىمجىتلىق ئوڭايسىز ئەمەس، مېڭىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: بىرەر دىپلومات ياكى سىياسەتچى بىلەن سۆزلەشكەندە، ئۇلاردىن يۈزتۇرانە سوراڭ: “ئەگەر سىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىڭىز پەقەت مىللىتى ۋە تىلى پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلسە، زوراۋانلىققا ئۇچرىسا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شۇ ۋاقىتتا سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋەرسە، سىز قانداق ئويلىغان بولاتتىڭىز؟” دەپ سوراڭ ۋە پۈتۈنلەي جىمجىت بولۇپ كۈتۈڭ. ئۇ شەخس بۇ سۇئالدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، ۋىجدانى سوتلىنىدۇ.

8. سلايدىڭىزنى (PPT) ھەرگىز ئوقۇماڭ.

ئىلمىي ئاساسى: ئىنسان مېڭىسىدە پەقەت بىرلا تىل بىر تەرەپ قىلىش مەركىزى بار. كىشىلەر بىرلا ۋاقىتتا ھەم سىزنىڭ گېپىڭىزنى ئاڭلاپ، ھەم ئېكراندىكى ئۇزۇن خەتلەرنى ئوقۇيالمايدۇ. سلايدنى ئوقۇسىڭىز ئۇلار سىزنى كارغا كەلمەيدۇ دەپ قارايدۇ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: ئېكرانغا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ياكى لاگېرلار ھەققىدە نەچچە يۈز خەتلىك ئۇچۇرنى چىقىرىپ قويۇپ، شۇنى ئوقۇماڭ. ئېكرانغا پەقەت بىرلا پارچە رەسىم (مەسىلەن، سىملىق تورلار تارتىلغان لاگېرنىڭ سۈرىتى ياكى يىغلاۋاتقان بىر ئانىنىڭ رەسىمى) نى قويۇڭ. خەت بولمىسۇن. ئاندىن سىز تاماشىبىنلارغا شۇ رەسىمنىڭ ئارقىسىدىكى قانلىق ھېكايىنى يۈزتۇرانە سۆزلەپ بېرىڭ.

9. سلايدنىڭ ئورنىغا دوسكا ئىشلىتىش قايىل قىلارلىقتۇر.

ئىلمىي ئاساسى: ئېكراندىكى چاقناپ تۇرىدىغان تېز سلايدلاردىن كۆرە، نۇتۇق سۆزلىگۈچىنىڭ تاماقتا ياكى دوسكىدا سىزىپ تۇرۇپ چۈشەندۈرۈشى ئادەمنى كۆپرەك ئىشەندۈرىدۇ. چۈنكى يېزىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئاڭلىغۇچىنىڭ تەپەككۇر قەدىمى بىلەن تەڭ مېڭىشقا ماس كېلىدۇ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: مەيلى تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىدا ياكى ئالىي مەكتەپ لېكسىيەلىرىدە بولسۇن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ تۇپراقنى مۇستەملىكە قىلىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولسىڭىز، بىر ئاق دوسكىغا ئاسىيا خەرىتىسىنى سىزىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ تومۇرىنى قەلەم بىلەن سىزىپ كۆرسىتىڭ. «قاراڭلار، شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ غەربكە چىقىش ئېغىزىدۇر» دەپ خەرىتىنى سىزىپ كۆرسەتكەندە، بۇ ناھايىتى سەمىمىي ۋە قايىل قىلارلىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

10. ئۇچۇر بېرىشتىن بۇرۇن ئىلھاملاندۇرۇڭ (ھېسسىياتقا خىتاب قىلىڭ).

ئىلمىي ئاساسى: لوگىكا ۋە پاكىتلار قانچىلىك كۈچلۈك بولمىسۇن، ئىنسانلار ئالدى بىلەن ھېسسىياتى ئارقىلىق تەسىرلىنىدۇ. ئاڭلىغۇچى سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز ۋە قىزغىنلىقىڭىزنى ھېس قىلمىسا، رەقەملەرنى قوبۇل قىلمايدۇ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: غەرب سىياسەتچىلىرىگە سانلىق مەلۇمات بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە تېگىدىغان نۇقتىنى تېپىڭ. مەسىلەن: غەرب ئامېرىكا ئىنقىلابىدىكى جورج ۋاشىنگتونلاردەك ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى ھۆرمەتلەيدۇ. سىز ئۇيغۇر قەھرىمانلىرىنىڭ ئەركىنلىك ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقلىرىنى ئۇلارنىڭ تارىخىدىكى قەھرىمانلىقلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ: “خۇددى سىزنىڭ ئەجدادلىرىڭىز ئەركىنلىك ئۈچۈن قوزغالغاندەك، بىز ئۇيغۇرلارمۇ شۇ ئەركىنلىك ئۈچۈن ئارقىغا يانمايمىز” دەپ ئۇلارنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئويغىتىپ ئاندىن زۇلۇم پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.

11. «خۇلاسە» بىلەن ئەمەس، «تۆھپە» بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇڭ.

ئىلمىي ئاساسى: نۇتۇقنىڭ ئاخىرىدا پەقەتلا ئالدىدا دېگەن گەپلەرنى تەكرارلاپ قويۇش زېرىكىشلىك. ئۇنىڭ ئورنىغا بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق تاماشىبىنلارغا قانداق بىر يېڭى «قورال» ياكى «تۆھپە» تەقدىم قىلغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ ۋە ھەرىكەتكە چاقىرىڭ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: دوكلاتىڭىزنىڭ ئاخىرىدا پەقەت «خىتاي مۇشۇنداق قەبىھ» دەپلا توختاپ قالماڭ. نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن مۇنداق خۇلاسىلەڭ: “بۈگۈن مەن سىزلەرگە پەقەت بىر كىرىزىسنىلا سۆزلەپ بەرمىدىم، بەلكى سىزنىڭ مەھەللىڭىزدىكى قايسى داڭلىق ماركىلارنىڭ ئۇيغۇر قېنى بىلەن كىيىم تىكىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردىم. سىز بۈگۈندىن باشلاپ شۇ شىركەتلەرنى بايقۇت قىلىش ئارقىلىق، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا بېۋاستە تۆھپە قوشالايسىز.”

12. ئاخىرىدا «رەھمەت» دەپ توختاپ قالماڭ، كۈچلۈك خىتاب قىلىڭ.

ئىلمىي ئاساسى: سۆزنى «رەھمەت سىلەرگە» دەپ بوش ئاخىرلاشتۇرۇش سىزنىڭ نوپۇزىڭىزنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ۋە ئاڭلىغۇچىنىڭ كاللىسىدا ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ. نۇتۇقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جۈملىسى كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدە ياڭراپ تۇرۇشى كېرەك.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: نۇتۇق مەيدانىدا سۆزىڭىزنى تۈگەتكەندە: “كېلىپ ئاڭلىغانلىقىڭلارغا رەھمەت” دېمەڭ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئىشەنچ بىلەن تىك تۇرۇپ: “تارىخ بۈگۈن بىزنىڭ نېمە قىلغانلىقىمىزغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سۈكۈت قىلىشمۇ بىر خىل جىنايەت. بىز ھامان بىر كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل، ئەركىن زېمىنىدا كۆرۈشىمىز. سىزنى شۇ كۈنى بىزنىڭ يېنىمىزدا، ئادالەت سېپىدە تۇرۇشقا چاقىرىمەن!” دەپ كەسكىن ئاخىرلاشتۇرۇڭ.

13. ھېكايىلەر ئېسىدە قالىدۇ، سانلىق مەلۇماتلار ئىشەندۈرىدۇ.

ئىلمىي ئاساسى: مېڭە قۇرغاق سانلارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ، ئەمما ۋەقەلىكنى، ھېكايىنى ئەستە ساقلايدۇ. لېكىن پەقەت ھېكايىلا بولسا ئاكادېمىك ئىشەنچلىكلىكى بولمايدۇ. شۇڭا ھېكايە بىلەن پاكىت (سان) نى بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: ئالدى بىلەن مىسال ئېلىڭ: “بۇ مېھىرگۈل. ئۇنىڭ ئۈچ گۆدەك بالىسى ئۇنىڭ قوينىدىن تارتىپ ئېلىنىپ، خىتاينىڭ يېتىمخانىلىرىغا تاشلاندى. بىر بالىسى ئۆلدى.” كىشىلەر بۇنىڭدىن يىغلايدۇ ۋە تەسىرلىنىدۇ. ئاندىن دەرھال پاكىتنى كۆرسىتىڭ: “مېھىرگۈل پەقەت بىرلا مىسال، سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرلىرى ۋە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دەل مۇشۇنداق ئائىلىسىدىن ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ سانى 800 مىڭدىن ئاشىدۇ!” مانا بۇ لوگىكا بىلەن ھېسسىياتنىڭ مۇكەممەل بىرىكىشىدۇر.

14. ئالاقە سۈپىتى = ئىدىيەڭىزنىڭ سۈپىتى.

ئىلمىي ئاساسى: سىزنىڭ خىيالىڭىزدىكى نەرسە قانچىلىك ئۇلۇغ ۋە توغرا بولمىسۇن، سىز ئۇنى باشقىلارغا راۋان، ئېنىق، كەسپىي يەتكۈزۈپ بېرەلمىسىڭىز، دۇنيانىڭ نەزىرىدە سىزنىڭ ئىدىيەڭىز قىممەتسىز ھېسابلىنىدۇ. ئالتۇنمۇ پاسكىنا قەغەزگە ئورالسا كىشىلەر ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدۇ.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولۇشى ئەڭ توغرا ۋە بىردىنبىر يول. ئەمما، ئەگەر تەشكىلاتلىرىمىز ۋە ۋەكىللىرىمىز خەلقئارا مۇنبەرلەردە سۆزلىگەندە كىيىنىشى، سۆزلەش مەنتىقىسى، ئىشلىتىۋاتقان ئاتالغۇلىرى، پاكىت چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرى قالايمىقان ۋە كەسپىي بولمىسا، غەرب سىياسەتچىلىرى بىزنىڭ دەۋايىمىزنىڭ «سۈپىتىدىن» گۇمان قىلىدۇ. شۇڭا بىز مۇكەممەل ئىدىيەمىزنى، ئەڭ مۇكەممەل بولغان غەرب سىياسىي تىلى ۋە نۇتۇق سەنئىتى بىلەن ئوراپ ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز كېرەك.

15. مەشىق قىلىش پەقەت بىر تەييارلىق ئەمەس، ئۇ بىر خىل «ماھارەت».

ئىلمىي ئاساسى: نۇرغۇن كىشىلەر نۇتۇق سۆزلەشنى تۇغما تالانت دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەڭ مۇنەۋۋەر نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەرمۇ بىر سائەتلىك نۇتۇق ئۈچۈن نەچچە يۈز سائەت مەشىق قىلىدۇ. مەشىق — مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئۆزىدۇر.

  • ئۇيغۇر دەۋاسىدىكى ئەمەلىي قوللىنىلىشى: ھەر بىر ئۇيغۇر خىتاپچى، لاگېر شاھىتى ۋە سىياسىي رەھبىرى كامېرالار ئالدىغا چىقىشتىن، مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن يۈز قېتىملاپ مەشىق قىلىشى كېرەك. سىزگە قارشى تۇرۇۋاتقىنى نەچچە ئون مىليارد دوللار خەجلەپ تەشۋىقات قىلىدىغان خىتاي دۆلىتىدۇر. بىزنىڭ خاتالىشىشقا، گاڭگراپ قېلىشقا، سوئاللارغا تېنەپ قېلىشقا ھەققىمىز يوق. يەنى شەخسىي سەۋەنلىكلەر سەۋەپلىك دەۋاىنىڭ تەسىرىنىڭ كېچىكىپ كېتىشىنى تۈزەيدىغان ۋاقتىمىز يوق. مەشىق قىلىش ئارقىلىقلا مېدىيا ئالدىدا پولاتتەك مۇستەھكەم ۋە ئىشەنچلىك ئوبراز تىكلىيەلەيمىز.

ئاخىرقى خۇلاسە

پاترىك ۋىنستون بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى: ئۇچۇر بېرىش باشقا، قايىل قىلىش باشقا.

بىز ئۇيغۇرلار ھازىر يالغۇز «بىز قىرىلىۋاتىمىز» دەپ ياش تۆكۈش باسقۇچىدىن ھالقىپ، دۇنيانى ۋە كۈچلۈك دۆلەتلەرنى بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا «قايىل قىلىش» باسقۇچىغا ئۆتۈشىمىز شەرت. مېڭە ۋە يۈرەكنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن سىز ئەڭ زېرەك، ئەڭ كەسپىي ۋە ئەڭ ئۆتكۈر نۇتۇق سۆزلىگۈچى ۋە ئالاقىچى بولۇشىڭىز كېرەك.

يۇقىرىقى 15 قائىدىنى مەيلى كۈندىلىك خىزمىتىڭىزدە ياكى مىللەت ئۈچۈن قىلىۋاتقان دەۋا يولىدا بولسۇن، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك قورالىغا ئايلاندۇرۇۋېلىڭ. چۈنكى بىزنىڭ سۈپەتلىك خىتابىمىز — ئىرقى قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان مىللىتىمىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچلۈك قۇرالىمىزدۇر.

مىھرىبان رەببىمىز بىچارە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا رەھىم قىلسۇن، خىتايلارنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇرسۇن، 21-ئەسىردىمۇ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش نىئمىتىنى نىسىپ قىلسۇن، ئامىن!