گىگانت ئاتىلار

May 02, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

گىگانت ئاتىلار (نەسر)

ئى ئاتىلار، قۇدرەتلىك ئاللاھ تائالا سىلەرنى نەقەدەر بەقۇۋۋەت ۋە گىگانت ياراتقان ھە!

تاڭ ساباسى يورۇغاندىن تارتىپ تۈن پەردىسى يېيىلغىچە، سىلەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن تۆككەن مىننەتسىز قان-تەرىڭلار ئارقىلىق ئائىلەڭلەرگە مۇھەببەت نۇرى بېغىشلايسىلەر ۋە زېمىن يۈزىگە ياخشىلىق ئۇرۇقى چاچىسىلەر. سىلەر ھېرىپ ھالىڭلاردىن كەتكەن ھالدا ئۆيگە قايتقاندا، ئاتىلىق بۇرچۇڭلار تېخى ئاخىرلاشمىغان: ئەنە شۇ قاداق باسقان قوللىرىڭلار بىلەن ھەل قىلىشىڭلارنى ساقلاپ تۇرغان ئۆيدىكى تۈگىمەس ئىشلار، يىللارنىڭ جەبىر-جاپالىرىدا تاۋلانغان كەڭ يەلكەڭلەرگە مىنىپ ئات قىلىپ ئويناش ئۈچۈن ئىشىك ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرغان بالىلىرىڭلار، مېھىرلىك قەلبىڭلار ۋە خۇش تەبەسسۇم چىرايىڭلاردىن ھاياتنىڭ غەملىرى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كۆڭلى ئىللىپ قالىدىغان قولۇم-قوشنىلار… لېكىن سىلەر يەنىلا شۇنچىلىك گىگانت، سەۋرچان ۋە خۇش پېئىل! سىلەرنىڭ بەھەيۋەت ۋۇجۇدۇڭلار سەۋەبلىك، ئائىلەڭلار خاتىرجەم؛ سىلەرنىڭ تىز پۈكمەس قەددىڭلار سەۋەبلىك، بالىلىرىڭلار شاد-خۇرام؛ سىلەرنىڭ پىدائىي روھىڭلار سەۋەبلىك، ئاجىز-ئاجىزەلەر بوران-چاپقۇنلاردا غەمسىز؛ سىلەرنىڭ پولاتتەك قانىتىڭلار ئاستىدا ئەل-يۇرت تىنچ-ئامان ۋە سالامەت.

گەرچە دۇنيا سىلەرگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەشتىن غاپىل قالسىمۇ، لېكىن سىلەر يەنىلا مەدھىيەگە بىپەرۋا ۋە شۇنىڭغا رازى. باشقىلار بېشىنى راھەت ياستۇقىغا قويغاندا، سىلەر داۋاملىق جاپا ئىچىدە ئىلگىرىلەيسىلەر؛ باشقىلار دۇنيا مەئىشەتلىرىگە غەرق بولۇپ يۈرگەندە، سىلەر بىر قولۇڭلاردا بالا-چاقاڭلارنىڭ يۈكىنى، بىر قولۇڭلاردا ئاتىلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەرگە تاپشۇرغان مۇقەددەس تۇغنى كۆتۈرگەن ھالدا، ئائىلەڭلارنى ۋە ئۆز مەسئۇلىيىتىڭلاردىكى بارچە «پادىلار»نى دۇنيا-ئاخىرەتلىك سائادەت يولىغا يېتەكلەپ ماڭىسىلەر. سىلەرنىڭ تۆھپەڭلار ۋە پىدائىيلىقىڭلار شۇنچە بۈيۈك بولسىمۇ، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار يەنىلا مىننەتتىن خالىي.

ئى جاپاكەش ئاتىلار، سىلەر نەقەدەر تىرىشچان! ئائىلىدىكى ئازادىلىك ۋە خۇشاللىقلار سىلەرنىڭ تىنىمسىز ئاققان تەر تامچىلىرىڭلاردىن كۆكلەيدۇ. ئائىلىدىكى شادلىق كۈلكىلىرى سىلەرنىڭ كۆيۈمچانلىقىڭلار، مېھرىبانلىقىڭلار ۋە پۈكۈلمەس قەددىڭلار ئارقىلىق ياڭرايدۇ. ئى جاپاكەش ۋە مىننەتسىز ئاتىلار، دۇنيا سىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىڭلارغا چەكسىز ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ۋە كاتتا ئەجىر-ساۋابلار تىلەيدۇ.

ـــ ئابدۇسەمەد

2023- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى



ھەممە شائىر ئاناملا دېدى،

ئاتىلىرى يوقمىكەن ئەستە.

ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،

يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.


ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،

نى گۈزەللەر بولغانتى شەيدا.

خەنجەر بولۇپ قادىلار ئىدى،

بولسا مەلئۇن ھەر جايدا پەيدا.


نەيزىسىنىڭ ئۇچىدا چولپان،

قىلىچىدا تاڭنىڭ يالقۇنى.

ۋەتەن ئىشقى ئوقلارغا قالقان،

ئايىغىدا قاننىڭ دولقۇنى.


يىڭنىلەرگە رەھمەت ئوقۇلدى،

جەڭگاھ بىلەن ئۇنتۇلدى ئوقيا.

كۈسەيلەرگە داستان پۈتۈلدى،

قىلىچ بىلەن يارالدى دۇنيا.


بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،

ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شەھىد.


توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،

ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.

كۆينەك بەرسە ئانام ماتادىن،

بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە.


مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،

ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا.

جاپالاردا راسا تاۋلىدى،

خار قىلماي دەپ ياۋلارغا ياتقا.


مىڭ يىگىتنىڭ مېھنەت لەرزى بار،

قولىدىكى ھەربىر قاداقتا.

ھەر كۈلكەمنىڭ پۈتمەس قەرزى بار،

ئۇ ئىشلەتكەن خەنجەر ساداقتا.


بىز ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت،

ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شەھىد.