كومپيۇتېر ئۆگىنىش

March 25, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

ئەسسالام ئەلەيكۇم، كومپيۇتېر ساھەسىدە داۋاملىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولغانلار ئۈچۈن بىرنەچچە سۈپەتلىك توربەتلەرنى تەۋسىيە قىلاي:

1.LinkedinLearning

بۇ دۇنياغا داڭلىق خىزمەتچى ئىزدەش توربېتى لىڭكېدئىن نىڭ ئۆگىنىش سۇپىسى. دەرسلەر بەكمۇ سۈپەتلىك بولۇپ، مەن سۈپەتسىز دەرس كۆرۈپ باقمىدىم. كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن. بەزى دەرسلىرى ھەقسىز.

پروگراممىر ئۈچۈن كېرەكلىك ئاساسىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدىغان مۇشۇنداق سۈپەتلىك دەرسمۇ ھەقسىز قىلىۋېتىلگەن:

https://www.linkedin.com/…/become-a-software-developer… دەرسنىڭ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كىڭكېدئىن سى ۋى سىغا ئاپتۇماتىك سېرتىفىكا قىلىپ قوشۇۋالغىلى بولىدۇ.

2. Couresera

بۇ توربەتتىكى بەزى دەرسلەر ھەقسىز بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن تەييارلانغان دەرسلەر بار.

بەزى ھەقلىق دەرسىلىرى ئۈچۈن گۇۋاھنامە (سېرتىفىكا) بېرىدۇ. CV غا قوشۇشقا بولىدۇ.

3. Udemy

كۆپ تىلدا، ھەرخىل سەۋىيەدە ۋە ئوخشىمىغان سۈپەتتىكى دەرسلەر بار. ئۇيغۇرچە دەرسلەرمۇ قويۇلدى. ئەمما بۇ توربەتتىن دەرس سېتىۋالغاندا سۈپىتىگە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بەزى دەرسلەرتىن بەكمۇ رازى بولماسلىقىڭىز مۇمكىن.

4. FreeCodeCamp

100 پىرسەنتلىك ھەقسىز دەسلەر بار. بىرقانچە ساھەدە پۈتۈنلەي ھەقسىز 300 سائەتلىك دەرسى بار. پۈتكەندە سېرتىفىكا بېرىلىدۇ. پەقەت بەلنى چىڭ باغلاپ ئۆگىنشلا تەلەپ قىلىدۇ.

5. https://testautomationu.applitools.com

بۇ بەتتىكى دەرسلەرمۇ ھەقسىز دەرسلەر. پەقەت تىزىملاتسىلا بىرنەچچە يۆنىلىشتە دەرس ئۆگەنگىلى بولىدۇ.

6. oreilly

بەك سۈپەتلىك دەرسلەر ۋە كىتاپلار بار. ئەمما ھەقلىق.

يەنە تەۋسىيە قىلاي دېسەم بەك كۆپ ئىكەن. بىرمۇنچە توربەتنى تەۋىسيە قىلىپ ھېچقايسىسىنى ئۆگەنمىگەندىن، مۇشۇلارنىڭ بىرەسىنى بولىسمۇ تۇتۇپ ئۆگەنگەن ئەۋزەل. بۇلاردىن خالىغان بەتنى تاللاپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.

چەتئەلدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئېنگىلىز تىلىدا پىششىق بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما چەتئەلدە تۈركچە ۋە خىتايچە بىلدىغان قېرىداشلىرىمىز بەكمۇ كۆپ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەن تۆۋەندە بۇ ئىككى تىلىدىكى ھەقسىز كومپيۇتېر دەرسلىرى بار توربەتنى تەۋىسيە قىلاي:

1. patika.dev

بۇ توربەت مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ئەڭ سۈپەتلىك تۈركچە دەرسلەر توپلانغان ھەقسىز توربەت بولۇپ، تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزگە ماس كومپيۇتېر يۆنىلىشىنى تاللاپ دەرسلىك كۆرەلەيسىز. يەنى ئۆگىنىش سەپىرىڭىزدىكى ئاساسىي لىنىيەدىن بۇرۇلۇپ كەتمەي بىر نىشان ئۈچۈن ئىلگىرلىيەلەيسىز. كۆرگەن دەرسلەرگە قارىتا سىزگە نومۇر بېرىدۇ ۋە رەتكە تىزىپ بېرىدۇ. مېنىڭ بىرنەچچە دوستلۇرۇم نومۇر ھېسابلاپ بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىۋاتىدۇ. www.patika.dev بۇ توربەتنىڭ يەنە پاتىكا بۇتكەمپ نامىدا ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۇرسلىرى ئېچىلىپ تۇرىدۇ. بۇ كۇرسلارغا سىناق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، مۇلاقەت قىلغاندىن كېيىن تاللىنىپ قالسىڭىز ۋە دەرسلەردە سىنىپنىڭ ئالدىنقى 3 ى ئىچىدە ماڭسىڭىزلا شۇ ھامان ئىشقا كىرەلەيسىز… بۇنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ توربەتنىڭ يۇتيۇپ قانىلىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. مېنىڭ بىر تۈرك تونۇشۇم ھىچ پروگراممىرلىقتىن خەۋىرى يوق مۇشۇ توربەتتىن پايدىلىنىپ 3 ئايدا پروگراممىر بولۇپ بىر شىركەتتە ئشىلەۋاتىدۇ. پەقەت تىرىشچانلىق بولسىلا پۇرسەت بار.

2. 尚硅谷

بۇ خىتايدىكى كەسپىي پروگېراممىر تەربىيلەيدىغان شىركەت بولۇپ، بۇلار ئەڭ يېڭى ۋىديولىرىنى يۇتيۇپقا ھەقسىز قويىۋاتىدۇ. دەرسلەر بەكمۇ تەپسىلىي ۋە سۈپەتلىك. مەن باشقا تىلدا بۇنداق تەپسىلىي ھەقسىز دەرسلىك كۆرۈپ باقمىدىم. يالغۇز جاۋا تىلىنىڭ ئاساس دەرسلىكلا 700 دەرس بولۇپ، قالغان دەرسلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن رەسمىي بەلنى باغلاپ جىم ئولتۇرۇپ ئۆگىنشىكە توغرا كېلىدۇ. يۇتيۇپ ئادرېسى:

https://www.youtube.com/…/%E5%B0%9A%E7%A1%85…/playlists

كومپيۇتېر ساھەسىدە بىلىم ئۆگەنگەندە ئەڭ مۇھىم نەرسە شۇكى، بىر يۆنىلىش تاللاپ، شۇ لىنىيەدىن چىقىپ كەتمەي بىر نەچچە يىل ئۆگىنىش كېرەك. بۇ شاڭگۇيگۇ دەرسلىرىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ چىقارغان تەربىيلەش يۆنىلىشى بار. شۇڭا يۇتيۇپ قانىلدىن خالىغانچە ئۆگەنمەستىن تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىكى يۆنىلىشىتىن بىرنى تاللاپ ئۆگىنىش كېرەك.

https://www.notion.so/e9f2f0dacf244913b85d21856edb03e4

پروگراممرىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىشنى ئويلىغان قېرىنداشلارغا جاۋا يۆنىلىشىنى لازىم تۇتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئاخىرىدا ئەسكەرتىدىغان مۇھىم نۇقتا… مەنچە بۇ دەرسلىكلەرنى ئۆگىنشى جەريانىدا يەنىلا ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىشنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەڭلار… مەن تونۇيدىغان قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئېنگىلىزتىلى سەۋىيەسى بار. چەتئەلدە قابىلىيەت يېتىلدۈرۈشنىڭ تۇنجى قەدىمى ئېنگىلىز تىلى…

ھەممەيلەننىڭ ئۆگىنىش سەپىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.