تېز ئايكون لايىھەلەش

April 30, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 3 مىنۇت

تېز سۈرئەتتە ئايكون لايىھەلەش

ئايكون لايىھەلەش ئەسلىدە مېنىڭ داۋاملىق قىلىدىغان ئىشىم ئەمەس، ئەمما يېقىندا مەلۇم بىر ئىھتياج سەۋەپلىك ئايكون لايىھەلەش بىلەن ھەپلىشىپ قالدىم.

ئايكون ئەسلىدە توربەت ياكى مەلۇم يۇمشاق دىتاللارغا قويۇلغان كۇنۇپكا ياكى ئۇلانمىلارغا تېز سۈرئەتتە ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن خەتنىڭ يېنىغا ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىچىك ئاددىي رەسىملەرنى كۆرستىدۇ.

ناھايىتى سۈپەتلىك بولغان بىر ئايكون ئىنتايىن ئاددىي ۋە ئاز سىزىقلار بىلەن بىر مۇستەقىل مەنانى بېرەلىشى كېرەك. بىر يۈرۈش ئىشلەنگەن ئايكونلار بولسا چوقۇم بىر بىرى بىلەن ماسلاشقان بولىشى كېرەك. مەسىلەن، ئومۇمىي تۇيغۇسى، لايىھە ئۇسلۇبى، سىزىقلىرىنىڭ قىرلىرى، سىزىقلىرىنىڭ توملۇقى، قاتارلىقلار بىر بىرى بىلەن ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇلارنى ئويلاشقاندا بىز بىراقلا گۇگېلدىن ئىزدەتسەك ماس كېلىدىغان نۇرغۇنلىغان ئايكونلارنى تاپالىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ «ئىشلىتىش ھوقۇقى» مەسىلىسى بار.

كۆپىنچە ھاللاردا پۇل تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان پروجېكتلەردە ئىشلەتسەك باش ئاغرىقى بولماسلىق مۇمكىن. ئەمما سودا خاراكتېردىكى ياكى رەسمىي ئورگانلارنىڭ پروجېكتلىرىدە توردىن تېپىپلا بىۋاستە ئىشلىتىش بەكمۇ خەتەرلىك.

ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ChatGPT ئىلان قىلىنغاندىن كېيىن سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققىتىنى تارتتى. ئىزچىل گۇگېلغا «غۇم ساقلاپ كېلىۋاتقان» شىركەتلەر شامالدا زىيان تارتقان گۇگېلدىن «ئاچچىقىنى چىقىرىۋالدى». ئەڭ ھاردۇقىنى چىقارغىنى مىكروسوفت بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ChatGPT سايىسىدا Bing تور كۆرگۈچىسى خېلىلا بازار ئىگەللىۋالدى. فوربىس توربېتىنىڭ سىتاتېسكىغا ئاساسلانغاندا ئالدىنقى بىر يىلدا Bing نىڭ چۈشۈرۈلۈش سانى 800 مىڭ بولغان، ئەمما Bing Chat ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بولسا يالغۇز بىرلا كۈن ئىچىدە 150 مىڭ قېتىم چۈشۈرۈلدى.

مىكروسوفت بۇنىڭلىق بىلەن توختىماي، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئىزچىل ئۆزىنىڭ سۈنئىي ئەقىل مۇلازىمەتلىرىنى تەەققىي قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن يېقىندا سۈنئىي ئەقىل رەسىم سىزىش قۇرالى(Bing Image Creator) ، ئارقىدىنلا گرافىك لايىھىلەش مۇلازىتىمىتى (Designer) سىناققا ئېچىۋەتتى.

بۇ يازمىدا مەن رەسىم لايىھىلەش مۇلازىتى Bing Image Creator ئارقىلىق ئايكون لايىھلەشنى سۆزلەپ ئۆتەي.

  1. قانداق ئاچىمىز؟
  • بىڭ نى ئاچقاندى كېيىن، ئىزدەش ستونىغا خالىغان بىر سۆزنى يېزىپ ئاندىن ئۈستدىكى ئىزدەش تىزىملىكىدىن Images نى تاللايمىز.

  • بىز ئىزدىگەن مەزمۇندا رەسىم ئىزدەپ بېرىدۇ. ئاندىن ئوڭ ئۈستىگە تەرەپكە قارىساق رەسىم قۇراشتۇرۇش دېگەن مەنىدە Image Creator دېگەن بىر قىزىل-ئاپلىسىن رەڭ كۇنۇپكا بار. ئۇنى باسساق بولىدۇ.

  1. قانداق رەسىم سىزىمىز؟
  • دەسلەپتە ئىشلەتكۈچىلەر تېزلا ئۆزى ئويلىغاندەك رەسىملەرنى چىقىرالماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئاستىدىكى ئۆرنەك رەسىملەرنىڭ رەسىم سىزىش بۇيرۇقلىرى بار. ئۇلاردىن قانداق خاراكتېردىكى رەسىم چىقىرىش كېرەكلىكىنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ. ياكى سىز Surpirse me كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئۆرنەك بۇيرۇق چىقىرپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىقمۇ ئۆگىنەلەيسىز.

  • مەسىلەن، مەن دوستلۇق ھەققىدىكى ئايكون لايىھەلىتىش ئۈچۈن مۇنداق يازدىم:

a simple iconic vector icon design for friend arms on shoulder of each others, vector, white background, very simplify

يەنى ئىككى دوست بىر-بىرىنىڭ مۈرىسىگە قولىنى قويۇپ تۇرغان ئايكون لايىھەلىتىش ئۈچۈن بۇ بۇيرۇقنى بەردىم. چىققان رەسىملەر مېنىڭ تەلىپىمگە لايىق بولدى. ئوخشاش بۇيرۇقنىڭ باشقا يەرلىرىنى ئۆزگەرتمەيلا لايىھەلىمەكچى بولغان مەزمۇننى ئۆزگەرتىپ ناھايىتى تېزلا ھېچقانداق نەشىر ھوقۇقىغا تاقاشمايدىغان ئايكونلارنى پۈتتۈرۈۋالدىم.

مىكروسوفتنىڭ بۇ رەسىم سىزىش مۇلازىتىمىتى بۇ ساھەدە ئەڭ ئىلغار مۇلازىمەت ئەمەس. مەسىلەن بۇ ساھەدە MidJourney ۋە Stable Diffusion قاتارلىقلارغا ھەرگىز يېتەلمەيدۇ. ئەمما ئۇلاردىن بىرى ھەقلىق يەنە بىرى قۇرۇش ۋە ئىشلىتىش بىرئاز مۇرەككەپ. Bing رەسىم سىزىش قۇرالى بولسا ھەم ئاسان ھەم ھەقسىز بولغاچقا، بەزى تەلەپلىرىمىزگە ئىشلىتىشكە بەكمۇ قۇلايلىق ئىكەن. مەسىلەن ئايكون لايىھىلەشتە مەن بۇنى ئىشلىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

باشقا رەسىم ئىقتىدارلىرىنىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى سۈنئىي ئىدراك مۇلازىتىمىتىنىڭ قانداق ئشىلارنى قىلالايدىغانلىقىنى ھەتتا ياسىغانلارمۇ دەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا داۋاملىق سىناپ بۇ ساھەدە يېڭى پىكىردە تۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.