يېڭى پروجېكت تونۇشتۇرۇش

March 27, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 2 مىنۇت

ئۇيغۇرچە تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە ئۇيغۇرچە كىتاپ يازىدىغانلار ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە خىزمىتىگە كىچىككىنە بولسىمۇ ياردەم قىلىش مەقسىدىدە بۇ كىچىك قۇراللارنى ياساپ چىقتىم. بۇ قۇراللار تۆۋەندىكىچە:

1. ئىسىل تەرجىمان

بۇ ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە ۋە خىتايچە تىللار ئارىسىدا تەرجىمە قىلىپ بېرىدىغان مۇلازىمەت بولۇپ، گۇگېل تەرجىماندىن بىر قەدەر سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىدۇ. چۈنكى خىتايلارنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئۇيغۇرچە تەرجىمە مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىلگەن.

2. ئۇيغۇرچە ChatGPT

بۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك سۈنئىي ئىدراك ChatGPT نىڭ ئىقتىدارىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ئۇيغۇرچە قوللىمايدۇ. ئەمما مەن بۇ قۇرال ئارقىلىق بىزنىڭ ئۇيغۇرچە سورىغان سۇئالىمىزنى ئېنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ChatGPT غا يوللايدۇ. ئېنگىلىزچە جاۋاپنى ئالغاندىن كېيىن يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. ئارقا سۇپىدىكى مۇشۇنداق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن كېيىن ئۇيغۇرچە ChatGPT ۋۇجۇدقا چىققان بولدى.

3. تېكست ھېسابلىغۇچ

بۇ ئىقدار بىلەن ھەرپ سانى، سۆز سانى، جۈملە سانى، ئابزاس سانى، تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن 10 سۆز نى ھېسابلاپ چىقىرىپ بېرىدۇ. بەكمۇ ئىلغار ئىقتىدارلار ئەمەس، ئەمما بەزى ئىقتىدارلىرى ۋاقتى كەلگەندە بەكمۇ ئەس قېتىشى مۇمكىن.

4. ئىملا تۈزەتكۈچ

بۇ قۇرالدا تۆۋەندىكى تەھرىر ئىقتىدارلار كىرگۈزۈلدى:

(1) قۇر ئىچىدىكى ئارتۇقچە بوشلۇقلارنى چىقىرۋېتىش

(2) ئابزاس ئارىسدىكى ئارتۇقچە بوش قۇرلارنى چىقىرىۋېتىش

(3) ئۇيغۇرچە قوشتىرناقلارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش

(4) يالاڭ تىرناقنى قوشتىرناققا ئالماشتۇرۇش بېرىش

بۇ ئىقتىدارلارنى بەلكىم باشقا يۇمشاق دىتالدا ھەل قىلغىلى بولىشى مۇمكىن. ئەمما بەزىلىرىنى ئۇيغۇرچە تەھرىرلىك قىلىپ باققانلار ۋاقىت تىجەيدىغانلىقنى بايقايدۇ.

بۇ توربەت يەنە داۋاملىق يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇشى مۇمكىن.

بۇ توربەتنىڭ ئادرېسى:

https://uycoder.github.io/gpt-uyghur

بۇ پروجېكتنى مەن توربەتنىڭ ئۈستى تەرەپكە ئايرىم ئۇلانما قىلپ “تەھرىرلىك قۇراللىرى” دېگەن نامدا چىقىرىپ قويدۇم.

ئۇيغۇرچە تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم ئىقرىدارلار توپلانغان بىر بەت يۈزى بولۇپ قالغۇسى.