تەپەككۇر ھەققىدە

August 19, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 5 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

خۇددىي قۇرئاننىڭ نۇرغۇنلىغان ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغىنىدەك، بىز تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇلغان بىر ئۈممەت بىز. تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟ دېگەنگە ئوخشىغان بىرئاز كايىش سىيغىسىدا ئىپادىلەنگەن ئايەتلەرمۇ بار. ئىنسانلارغا تەپەككۇر قىلىشتىن ئىبارەت بىر مۇھىم ئىقتىدار بېرىلگەن بولۇپ، بۇ سىرتقى ھەرقانداق كۈچلەرنىڭ تارتىپ ئالالمايدىغان ۋە ھىچ كۈىچى يەتمەيدىغان بىر ئىنسان ھەققى. بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تەرەققىي قىلىپ، چوڭ چوڭ دۆلەتلەرنى ۋە ئۈستۈن مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانلارنىڭ بىزدىن بىردىن-بىر پەرقى تەپەككۇرنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقى دېسەك خاتالاشمايمىز. ئەپسۇس مۇسۇلمانلار دەل مۇشۇ ھەقتە كۆپ چېكىندى دېسەك بولىدۇ. بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ بولۇپمۇ دىندار مۇسۇلمانلارنىڭ تەپەككۇر ھەققىدە تېخىمۇ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈشكە ئېھتىياجى بار. مەن توردىن قانداق قىلغاندا تەپەككۇرنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ دەپ ئىزدەپ كۆردۈم ۋە تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىنى بايقىدىم. بۇنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشاي:

  1. نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش : يېڭى ئىدىيە ، يېڭى ساھە ۋە يېڭى تەجرىبە ئۈستىدە ئىزدىنىش. بۇ ئىزدىنىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن مۇجادىلە قىلىش. ياكى نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش. بۇنىڭ كونكىرت ئۇسۇللىرىدىن پىكىرىي كىتاپلارنى ئوقۇش، مۇناسىۋەتلىك ۋىديولار كۆرۈش، بۇ ھەقتىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلاش، يېڭى ۋە پەرقلىق پىكىر قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئىزدەپ سۆھبەتلىىشىپ تۇرۇش… قاتارلىقلار بار.

  2. تەنقىدىي تەپەككۇرنى لازىم تۇتۇش: تەنقىدىي تەپەككۇر ھازىرقى تەرەقىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بالىلىرى ۋە خەلقىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ كۈچەيدىغان بىر تەپەككۇر ئۇسۇلىدۇر. بۇ سۆز ياكى بۇ قاراش راستىنلا توغرىمۇ؟ مۇشۇنداق قىلسام ياكى مۇشۇنداق ئويلىسام راستىنلا اللە رازى بولامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىمدا بولسا مۇشۇنداق قىلغىنىمنى توغرا دەپ قارامتى؟ پىلانىمدىكى نەتىجە بىلەن ئەمەلىي ئېرىشكەن نەتىجەم ئوخشىمىدى، ئۇنداقتا نەرى خاتا؟ نەدىن خاتا قىلىۋاتىمىز؟ مەندە نېمە خاتالىق بار؟ دېگەن سۇئاللارغا ئادەتلىش لازىم.

    ئەسكەرتىش: تەنقىدىي تەپەككۇر باشقىلارغا باھا بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ قىلغانلىرى ۋە ئويلىغانلىرىغا باھا بېرىش ئۈچۈن قىلىنىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ قىلغانلىرىنى تەنقىد قىلشقا چۈشۈپ كەتكەن بولساق بۇ تەلەپ قىلىنغان تەنقىدىي تەپەككۇر ئەمەس.

  3. تەسەۋۋۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلىش : داۋاملىق كۆنۈپ قالغان پىكىرلەر بىلەنلا تەپەككۇر چىگرالىرىمىزنى چەكلىۋالماسلىق لازىم. چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى ئويلاپ كۆرۈش كېرەك. پەقەت كېينكى پەلەملەينىلا ئەمەس، نۆۋەتتىكى پەلەمپەينىڭ ئاخىرىدا بىزنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى بەكرەك ئويلاپ كۆرۈش، ۋە ئاخىرىقى نىشان ھەققىدە چوڭ-چوڭ نىشانلارنى قىلىش كېرەك.

    مەسىلەن، ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ چېقىلىشى ئۈچۈن مەن قانداق رول ئوينىيالىشىم مۇمكىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداقراقى بولۇپ ياشىسام ئاۋۋال رەببىمىز ئاندىن ئانام رازى بولىشى مۇمكىن؟

    ئاۋۋال چوڭراق بىر نىشانغا نىيەت قىلساق، ئاندىن ئۇ نىشاننى يىلغا، ئايغا ئاندىن كۈنگە پارچىلىساق كۈندىلىك ھاياتىمىزغا قىلىدىغان ئىشىمىز ئالدىمىزغا تىزىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىرئاز كۆنۈپ قالغان پىكىر ئۇسلۇبىمىزنى بۇزۇپ تاشلاپ بېقىشىقا توغرا كېلىدۇ.

  4. كۆپ خىل كۆز قاراشلارنى ئىزدەش : دۇنيانى باشقىچە كۆرىدىغان كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش. ئوچۇق دىئالوگ تەپەككۇرىڭىزنى كېڭەيتىدۇ ۋە يېڭى چۈشەنچە بېرىدۇ.

    مەسىلەن، دىننىي بىر فەتىۋادىن كېيىن، باشقا قەۋملەردىن بولغان ئۆلىمالار بۇ مەسىلىگە قانداق فەتىۋا بەرگەن؟ سەئۇدىي ئۆلىمالىرى نېمە دېگەن، مىسىر ئۆلىمالىرىچۇ، تۈركىيەدىكى ئۆلىمالارنىڭ قارىشى قانداق؟ بۇ سۇئاللار بىزنى رەببىمىزنىڭ رازىلىقغا باشلايدۇ. ئەڭ توغرىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.

    بىرلا دىياردىكى ۋە بىرلا كاتېگورىيەدىكى كىشىلەر بىلەنلا پىكىرلىشىش، بىزنى دوگما تەپەككۇر ئەھلى قىپ قويىدۇ.

  5. خاتالىقلاردىن قورقماڭ : بۇ يەردىكى خاتالىق گۇناھ دېگەنلىك ئەمەس. مۇسۇلمان پۈتكۈل ھاياتىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قورقۇپ ياشىشى ۋاجىپ. اللە رازىلىقنى ئىزدەپ، ئەمەلىي مەيدانغا قەدەم ئېلىپ، ھاياتتا ياشاپ، سىناپ ئاندىن ئېلىنىدىغان تەجرىبەلەردىن قۇرۇق قالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.

    تەجرىبە ئەھلى بولۇش ئۈچۈن سىناپ كۆرۈش لازىم. اللە رىزالىقىنى ئويلاپ ئاندىن نىيەتنى توغرىلاپ، ئاخىرىدا رىئال قەدەم ئېلىپ ياشايمىز. بۇ نىڭ نەتىجىسى باشقا ھەرقانداق كىشى تەرىپىدىن خاتا قىلدى دەپ قارالسا قارالسۇن بۇ قەدەم بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە بىر ئىبادەت بولىۋېرىدۇ. تاكى مەلۇم شەخسنىڭ ھەققىگە چۈشۈپ قالمىسىلا. اللە رازىلىقىنى كۆزلىگەندىن كېيىن قەدەم ئېلىشتىن قورقماڭ. خۇددىي اللە رازىلىقى ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا تىترەپ تۇرغان مىليارد خىتايغا ئاشكارە مەيدانغا ئۆتكىنىمىزدەك.

  6. پىكىرىڭىزنى ئىپادىلەڭ : ئىجادىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرىنى ئىپادىلەڭ. يېزىپ بېقىڭ ، سۆزلەپ بېقىڭ. پىكىرىڭىزنى ئاڭلايدىغانلارغا ھەرقانداق بىرەر ئۇسۇلنى قوللىنىپ بولسىمۇ ئىپادىلەپ بېقىڭ. ھېچ بولمىسا مۇشۇ توپتا بولسىمۇ. ماۋۇ نېمە دەر، ئاۋى نېمە دەپ ئويلاپ قالار دەپ ياشاۋېرىش مۇجاھىدنىڭ ئىشى ئەمەس. دىنىمىزدە مۇشۇنداق ئويلاۋېرىدىغانلار نېمە دەپ ئاتىلىدۇ؟

  7. ھېچكىمگە بەرمەيدىغان تەپەككۇر ۋاقتىڭىز بولسۇن : ۋاقىت چىقىرىپ ھاياتى ئوي-پىكىر ۋە تاللىشىڭىزغا تەكرار قاراپ چىقىڭ.

    بەك مۇھىم ئەسلەتمە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھىي چۈشۈپ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قەدەم ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۆزى ھىرا غارىدا بىرنەچچە يىل ھېچكىمگە بەرمەيدىغان تەپەككۇر شارائىتى ھازىرلىغان. 40 يېشىغا يېقىنلىشىپ تۇنجى ۋەھىي كەلگىچە بولغان جەرياندا، بۇ خىل ھېچكىمگە بەرمەيدىغان تەپەككۇر ۋاقتى ئىنتايىن كۆپەيگەن. يەنى شۇنچىلىك بۇزۇق جەمئىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن نورمال ھاياتتا ياشاپ بىرنەچچە مىنۇت ئويلىنىپ قويۇش يەتمەيدۇ. چوڭقۇر ئويلىنىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەھى بۇيرۇقلىرى ئۈچۈن ئالدىن تەپەككۇر مەشىقىنى تاماملاپ بولغان دېسەك خاتالاشمايمىز.

    ئايرىم تەپەككۇر ھەققىدە ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بەك كۆپ تەكلىپلىرى بار. ھەتتا دۇنيادا مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ئۇتۇق قازانغان، نەتىجىگە ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق ئادىتى بارلىقى مەلۇم.

بۇلار پەقەتلا كىچىككىنە ئىزدىنىش نەتىجىسى. بەلكىم توغرىسى باردۇ بەلكىم خاتا ئىپادىلەنگگنلەر باردۇ. ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى، تەپەككۇرگە ئۈندەش رەببىمىزنىڭ تەشەببۇسى ھەتتا بۇيرۇقى. شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن تەپەككۇر ھەققىگە سەل قارىماسلىقىنى تەكرار ئەسلىتىمەن.