Tiny11

December 07, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 1 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ھەممىمىز بىلگىنىدەك ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىلىرى دەسلەپتە ئشىلەپچىقىرىلغاندىن تارتىپ ئىزچىل تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھەربىر چوڭ يېڭى نۇسخىسى ئىلان قىلىنغاندا كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە نسىبەتەن چوڭ شاللاش بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن 10 يىلدىن بۇرۇنقى كومپيۇتېرلىرىمىز گەرچە نورمال ئىشلىسىمۇ سەپلىمىدىكى تۆۋەنلىك سەۋەپلىك نورمال ۋىندۋوس 11 سىستېمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۈگۈنكى ۋىندوۋس 11 نىڭ كومپيۇتېرغا قويىدىغان تەلىپى مۇنداق:

دېمەك، ئىچكى ساقلىغۇچ رام 4 گىگابايتتىن كىچىك ۋە قاتتىق دىسكا بوشلۇقى 64 گىگابايتقا يەتمىگەن كومپيۇتېرلارغا ۋىندوۋس 11 نى قاچىلاشقا بولمايدۇ. ئەمما Tiny11 نامىدىكى يەڭگىللىتىلگەن ۋىدوۋس مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كومپيۇتېرغا قويىدىغان تەلىپى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئىچكى ساقلىغۇچ رام 2 گىگابايت ۋە قاتتىق دىسكا سېغىمى 8 گىگابايت بولغان كومپيۇتېرلارغا بىمالال قاچىلىنىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بەزىلەر ھەتتە ئىچكى ساقلىغۇچ رام 200 مېگابايت بولغان كومپيۇتېرغا سىناپ باققانلىقىنى، بىرئاز ئاستا بولسىمۇ خاتالىقسىز نورمال ئىشلىگەنلىكىنى ئېيتقان.

Tiny11 بولسا نورمال ۋىندوۋس 11 مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى ئارتۇقچە بۇيرۇقلارنى چىقىرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن كومپيۇتېر سەپلىمىسىگە قويىدىغان تەلىپى بەكلا تۆۋەنلىتىلگەن. كونا كومپيۇتېرلار بولسا ياكى نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان كومپيۇتېرلىرىڭىزنىڭ سەپلىمسىى بەكلا تۆۋەن بولسا Tiny11 سىستېمىسىنى قاچىلاپ سىناپ كۆرۈڭ.

Tiny11 نى چۈشۈرۈش ئادرېسى:

https://archive.org/details/tiny-11-NTDEV

تەپسىلىي قاچىلاش ئۇسۇلىنى بۇ ۋىديودىن كۆرسىڭىز بولىدۇ:

https://www.youtube.com/watch?v=4RRVq5szmJg