نېمە قىلىش كېرەك؟

December 08, 2023


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

مەن گۇگېلنىڭ بارد سۈنئىي ئىدراك پاراڭلىشىش قۇرالىدىن ۋەتەن سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ۋەتىنىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ دەپ سوراپ كۆردۈم. گۇگېل باردنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ئورتاقلاشقىم كەلدى. نۇرغۇنلىغان ئىسىل تەكلىپلەر بېرىلىپتۇ. بۇ پىكىرنى قىلىۋاتقانلارغا ياخشى بىر پىكىر مەنبەسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

  1. ئۇيغۇر دەۋاسىنى تەشۋىق قىلىش ۋە تونۇتۇش. دۇنيادا ھەممە ئادەملەر ئەسكى كىشىلەر ئەمەس. دۇنيا سىياسىتىدە، كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىنىڭ ئومۇمىي پىكىرىدە يەنىلا ئىنسانىيلىق، ئادىللىق، ئاجىزلارغا ئىگە چىقىش دېگەن پىكىر يەنىلا مەدھىيلىنىدۇ. شۇڭا بۇ پىكردىن چىقىش قىلىپ ھەمكارلىق ئىزدىسەك يەنىلا پۇرسەت بەك كۆپ.
    • تۇرىۋاتقان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان ئېڭىنى ئاشۇرۇش.
    • لوبى خىزمەتلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى چۈشىنىشىگە ياردەم قىلىش.
    • كىشىلىك ھوقۇق ئاپپاراتلىرى، مەدەنىيەت ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش.
    • مېدىيادا داۋاملىق تىلغا ئېلىپ تۇرۇش.
  2. مەدەنىيەت ۋە كىملىكىنى قوغداپ قېلىش. بۇ تۈر بەكمۇ سەل قارالغان بولۇپ، مىڭ يىللىق ئىسلام تارىخى بولغان ئۇيغۇرلار باشقا قەۋملەرگە مەسلىنىپ قاراپ قالغىدەك ھالدە ئەمەسمىز. ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام تارىخى، ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام ئۆلىمالىرى، ئۆزىمىزنىڭ ئىسلام زېمىنلىرى ئۈچۈن شەھىد بولغان قەھرىمانلىرىمىزغا دۇئا قىلىشنى بالىلىرمىزغا ئۆگىتىشىمىز بەكمۇ مۇھىم.
    • ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئەنئەنە، ئەخلاق، قوشنىدارچىلىق، كىيىم-كېچەك، ئويۇنلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.
    • مائارىپ ماتېرىياللىرىنى تۈزۈپ رەتلەش. تارىخ، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتكە ئالاقىدار بايلىقلارنى رەتلەش كېرەك.
    • مەدەنىيەت مەركەزلىرىنى قۇرۇش. كۆرگەزمە ۋە مەھەللە پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
    • توردا بولىسمۇ بۇ ھەقتىكى سۆھبەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.
  3. ئىقتىسادىي يۈكسىلىش. ئىقتىسادسىز ھالدا ھەرىكەت قلىش مۇمكىن ئەمەس. ئىقتساد ھامان ھەل قىلش كېرەك بولغان مۇھىم تېما.
    • شەرقىي تۈركسىتان دەۋاسى ئۈچۈن ئىئانە فوندى قۇرۇش.
    • خىتاي ماللىرىدىن نېرى تۇرۇش.
    • ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىغان مەبلەغ سېلىش.
  4. تېخنىكا ۋە بىخەتەر ئالاقە. تېخنىكا بىلەن كۈچلەنگەن خىتايدەك دۈشمىنى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېخنىكىغا سەل قارىشى توغرا ئەمەس.
    • بىخەتەر ئالاقە سۇپىسى قۇرۇش.
    • ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئۆز مەسىلىسىنى تەھىلىل قىلىش.
    • خىتاي جىنايىتىنى ھۆججەتلەشتۈرۈپ رەقەملىك سۇپىلاردا تەشۋىق قىلىش ۋە ساقلاش.
  5. كوللىكتىپ ھەرىكەت قىلىش، قەيسەر بولۇش
    • تېنچ نامايىشلار
    • ختاي ماللىرنى بايقۇت قىلش
    • ئوقۇغۇچىلارنى خىلمۇ-خىل پائالىيەتلەرگە رىغبەتلەندۈرۈش
    • كۈچلۈك دۇنيا تورى شەكىللەندۈرۈش
  6. خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق
    • خەلقئارا قانۇنلاردىن سىزگە قانداق ياردەم كېلىشى مۇمكىن، بۇ ھەقتە ئىزدىنىش كېرەك.
    • كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش
    • خەلقئارا قانۇن مىخانىزىمىنى چۈشىنىش
  7. سىياسىي ساھەگە تەسىر كۆرسىتىش
    • كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئىشخانىلىرىغا مۇراجىئەت قىلىش.
    • ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئىئانە بېرىش.
    • خىتايغا قارشى ئىتتىپاقداش سىاسىي كۈچلەرنى داۋاملىق ئىزدەش ۋە سۆھبەت قىلىش
  8. مائارىپ
    • ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۆرپ ئادەتلىتىنى ئۆگىتىش كۇرسلىرىنى داۋاملىق ئورۇنلاشتۇرۇش.
    • ئىلمىي كىتاپ، ژۇرنال، ماقالە، يازمىلارنى داۋاملىق نەشر قىلىپ تۇرۇش.
    • مائارىپ سۆھبەت يىغىنى ئارقىلىق يېڭى پىكىرلەرنى قۇبۇل قىلىش.
  9. مەدەنىيەت دىپلوماتىيسى ۋە دىئالوگ
    • باشقا قەۋملەر بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىىتى ئوتتۇرىسىدا تونۇشۇش پائالىيتىى ئېلىپ ېبرىش.
    • ئۆز-ئارا دىئالوگقا داۋاملىق ئوچۇق تۇرۇش
    • خەلقئارا مەدەنىيەت قوغداش ئورۇنلىرىغا مۇراجىئەت قىلش.
  10. سىجىللىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلان
    • بىزنىڭ دەۋارىمىزنىڭ دۇنيانىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكنى تىلغا ئېلىش.
    • مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تۈرلەردە مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ تۆھپە قوشىدىغانلىقى، خىتايلارنىڭ بولسا زىيانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر.
    • كېينكى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش، رەھبەر ۋە ئاۋانگارتلارنى تەربىيلەشكە ئېتىبار قارىتىش. بۇ دەۋا قانچلىك ئۇزۇن سوزىلىپ كەتسىۇن، ھەتتا كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالىسمۇ يەنىلا كۈچلۈك دەۋا ئادەملىرى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشنى پىلانلاش.
  11. تەنتەربىيە ۋە خەلقئارا سەھنە
    • خەلقئارا دەرىجىلىك ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى چىقىرىشقا ئەھمىيەت بېرىش.
    • تەنتەربىيە ساھەسدىكى دەۋانىڭ رولى بەكمۇ جانلىق بولىدۇ. دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ئومۇمىي ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
  12. تېخنىكا ۋە كەشپىيات
    • ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت تەرجىمە تېخنىكىلىرىنى تولۇقلاش.
    • ئىجتىمائي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىش.
    • يېڭى تېخنىك ساھەلەردە نەتىجە يارىتىشقا، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق كەشپىياتلاردا تىرىشىش.
  13. روھى ساغلاملىق
    • ئومۇمىي ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ساقلاملىقى ئۈچۈن پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇش.
    • بېسىمغا ئۇچرىغان قەۋملەرنىڭ روھى ھەققدىكى تەتقىقات سۆھبەتلەرگە ئېتىبار بېرىش.
    • ھەققىنى ئېلىپ بېرىش. چەتئەللەردىمۇ كىچىك ئەرزىمەس ئشىلار دېمەستىن ھەققىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇ روھىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ.
  14. سەنئەت ساھەسدىن پايدىلىنىش
    • ئۇيغۇرلارغا خاس تارتقۇلارغا ئېتىبار بېرىش.
    • ئەدەبي ئەسەرلەرنى چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش.
  15. تارىخى تەتقىقات ۋە پاكىت توپلاش
    • خەلقئارا تارىخ ئىلىمى پەقەت خىتاينىڭ يازمىلىرى بويىچە بولغان بولىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى شاھىد بولغان بىرنچى قول تارىخنى قالدۇرۇش كېرەك.
    • ئېغزاكى تارىخ بەك مۇھىم. ئۇيغۇر مويىسپىتلارنىڭ ئېغزاكى تارىخ ئەسلىمىلىرىنى ئاڭلاش پائالىيىتى قىلىش.
    • ئۇيغۇر تارىخى بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىش.
  16. مەھەللە قۇرۇش
    • كۆپلىگەن ئۇيغۇر پائالىيەتلىرىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەھەللىسى شەكىللەندۈرۈش
    • ئۇيغۇر ئاياللار، ئۇيغۇر ياشلار، ئۇيغۇر بالىلار، ئۇيغۇر مۇيىسپىتلار، ياشانغانلار، ئاجىزلار، كېسەللەرنىڭ ئىھتىياجلىرى دەپ مەھەللە قۇرۇش بىلەن ئۈنۈملۈك ھەل بولىشى مۇمكىن.

قوشۇمچە تەكلىپلەر:

  • پائالىيەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىڭ.
  • تېنچلىقنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇڭ. قۇرماقچى بولغان دۆلەت باشقىلار بىلەن تېنچ ئۆتىدىغان ۋە دۇنيادا ئىنسانىيەت بەختى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىشەندۈرۈڭ.
  • ئۈمۈدنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماڭ.
  • پىلاننى كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرالىغۇدەك ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىڭ.
  • خاتا ئسىتراتېگىيە تۈزۈپ سالماسلىق كېرەك، دۇنيا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقلىق مۇستەقىل بولىشىغا قارشى ئەمەس.
  • ھەرگىز ئامال يوق دېمەستىن داۋاملىق ھەر ساھەلەردىن سىناپ كۆرۈش كېرەك.