تورسىز پاراڭبوت

January 20, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 4 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

تورسىز ۋە كىچىكلىتىلگەن ChatGPT پاراڭبوت شارائىتى قۇرۇش

2023-يىلىنى ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىدىكى «سۈنئىي ئىدراك تەرەققىياتى يىلى» دېسەك بولىدۇ. چۈنكى OpenAI شىركىتى ئۆزىنىڭ ChatGPT مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئېچىۋەتكەندىن كېيىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك قۇرالىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ مۇرەككەپ يېزىقلارنى تېز سۈرئەتتە ئاڭلاپ خۇددىي ئىنسانلاردەكلا ئىنكاس قايتۇرىشى ئىنسانلارنى ھەيران قالدۇرغانىدى. ChatGPT بولسا ئۇچۇر-تېخنىكا ساھەسىگە ئاز بولمىغان ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى، قىسقىغىنە بىر يىل مابەينىدە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر بېيىپ مىليون دوللارلىق شىركەتلەرگە ئايلاندى، يەنە نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر ۋەيران بولدى.

ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك ChatGPT نى بىز پەقەتلا OpenAI شىركىتىنىڭ مۇلازىمېتىرىغا باغلىنىپ ئاندىن ئىشلىتىمىز. بۇنداق بولغاندا تۆۋەندىكدەك بىرنەچچە خىل ئاجىزلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ:

  1. OpenAI دەك يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان ۋە بىز تونىمايدىغان بىر شىركەت بىزنىڭ بارلىق ئۇچۇرلىرىمىزنى خاتېرىلىۋالغان بولىدۇ. ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىدىغانلار ئۈچۈن بۇ چوڭ يوچۇق ھېسابلىنىدۇ. بىر ئىنساننىڭ سورىماقچى بولغان ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ مەخپىي سۇئاللىرىنى بىلىۋېلىش بولسا، شۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئاجىزلىقلىرىنى بىلىۋېلىش بولۇپ، ئەگەر بۇنداق ئۇچۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە بەك چوڭ زىيانلارنى بېرەلەيدۇ. اللە ساقلسۇن.

  2. بەزى سۇئاللارغا چەكلىمە بار بولۇپ، خالىغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرمەيدۇ. OpenAI شىركىتى نۇرغۇلىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتىگە تاقىشىپ قالماي ئۆزى خالىغانچە پۇل تېپىش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاچچىقلىنىپ قالمايدىغان ھالەتتە چەكلىمىلەرنى چىقىرىپ كېلىۋاتىدۇ. كۈنىمىزدىكى خىتايغا ئوخشايدىغان بەزى ناكەس دۆلەتلەر OpenAI شىركىتىگە پۇل بېرىش ياكى بېسىم قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن چەكلىمىلەرنى قويىشى ھەتتا خاتا ئۇچۇر چىقىرىدىغان قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى بار.

  3. خالىغان ۋاقىتتا OpenAI شىركىتى بىزنىڭ ھېسابىمىزنى توختىتىپ قويالىشى مۇمكىن.

بۇ كەمچىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەگەر بىز ئۆز كومپيۇتېرىمىزدا پاراڭبوت مۇھىتىنى قۇرالىساقلا ھەل بولغان بولىدۇ. ChatGPT بولسا LLM چوڭ تىل مودىلىنى قوللىنىپ بىزنىڭ سورىغان سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب چىقىرىپ بېرىدۇ. دەل شۇنىڭ ئوخشاش ئىنتايىن كۆپ ئۇچۇرلار قاچىلىنىپ مۇرەككەپ ھېسابلاش قائىدىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان LLM مودېل ھۆججىتى بولسا ۋە ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ كومپيۇتېرىنىڭ سەپلىمىسى نورمال بىرتەرەپ قىلالايدىغان ھالەتتە بولسىلا نەزرىيە جەھەتتىن تورسىز شارائىتتىمۇ پاراڭبوت قۇرۇشقا بولىدۇ.

بەختكە يارىشا بۇ خىل تېخنىكىلار مەۋجۇت. دەسلەپتى چىققاندا بىرئاز مۇرەككەپرەك بۇيرۇقلاردىن كېيىن ئاندىن قۇرغىلى بولاتتى. ھازىر LM Studio دەپ ئاتىلدىغان بىر ئاددىي ئۈستەليۈزى يۇمشاق دىتالى بار بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ناھايىتى ئاسانلا تورىسىز پاراڭبوت قۇرىۋالالايمىز. تېخىمۇ ياخشى يېرى بۇ باسقۇچلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز.

LM Studio نى ئىشلىتىپ تورسىز پاراڭبوت ياساش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك قەدەم-باسقۇچلار لازىم:

  1. LM Studio نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش. ئورگان توربېتىدىنلا ئۆزىڭىزنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىغا ماس نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. Window ، Linux ۋە MacOs قاتارلىق مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ئايرىم نۇسخىلىرى بار. ئورگان تور بېتى ئادرېسى: lmstudio.ai قاچىلاش باسقۇچىدا ھېچقانداق ئالاھىدە باسقۇچلار يوق.

  2. LLM مودېلىنى چۈشۈرۈش. LM Studio بولسا gguf فورماتىدىكى تىل مودىلىنى تونۇيدۇ. نۆۋەتتە HuggingFace توربېتىدە نۇرغۇنلىغان تىل مودېللىرى بار. بۇ مودېللارنى بىز LM Studio نىڭ ئىچىدىلا ئىزدەپ چۈشۈرەلەيمىز. يۇمشاق دىتال قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆزنەكنىڭ سول تەرىپىدىكى لوپائەينەك (Search) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. ئاندىن چىققان ئىزدەش رايونىغا openhermes-2.5-mistral-7b.Q5_K_M.gguf دەپ يازسىڭىز بولىدۇ. باشقا gguf ھۆججەتلىرىنىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئەمما يۇقارقىسى مەن كۆپ ئىشلىتىپ سىناق قىلغان نۇسخىسى. ئېنگىلىزچە تىلدا پاراڭلاشسىڭىز، سۇئال سورىسڭىز ئاساسەن ھاجەتتىن چىقىدۇ. سېغىمى 4.77 گېگابايت. يەنە بىر چۈشۈرۈپ سىناپ باقسىڭىز بولىدىغان نۇسخىسى: wizardlm-1.0-uncensored-llama2-13b.Q5_K_S.gguf

  3. چۈشۈرگەن تىل مودېلىنى LM Studio دا تاللاپ بېرىمىز. ئەمدى سول تەرەپتىن لوپائەينەكنىڭ ئاستىدىكى پاراڭلىشىش بەلگىسى AI Chat دېگەن كۇنۇپكىنى باسىمىز. ئاندىن ئەڭ ئۈستىدىن چۈشۈرۈۋالغان تىل مودىلىنى تاللاپ بېرىمىز. New Chat كۇنۇپكىسى بىلەن يېڭى پاراڭ رايونى ئېچىپ ئېنگىلىزچە سۇئال سورىساق بولىدۇ. بۇ يەردە جاۋاپ بەرگەندە ھېچقانداق بىر تورغا باغلىنىش كەتمەيدۇ. شۇنداق مۇرەككەپ سۇئاللارغىمۇ بىرنەچچە گېگابايت تىل مودېلىدىن پايدىلىنىپ شۇنداق ھەيران قالارلىق جاۋاب بېرەلەيدۇ.

ئوڭ تەرەپتىكى تەڭشەك Setting قىسىملىرىدا ئۆزگەرتىدىغان تەڭشەكلەر بار. ئىشلىتىش جەريانىدا ئۆزىڭىز سىناپ ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ.

LM Studio نىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچقا نىسبەتەن تەلىپى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس. جاۋاپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا كومپيۇتېرنىڭ CPU سىدىن بەكرەك كۆپ پايدىلىنىدۇ.

ئەپسۇسنىلارلىق يېرى شۇكى، خۇددىي نۆۋەتتىكى باشقا پاراڭبوتلارغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى. ئەگەر بۇ ساھەدە بىرەر مۇتەخەسىس قېرىنداشىمىز ئۇيغۇرچە LLM مودېلى ياساپ تارقاتسا ئاندىن ئۇيغۇرچە پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.