پروجېكت ھەققىدە

February 03, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

پروجېكت ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە

1-قىسىم

بىزنىڭ مەيلى ئۆلىمالار قاتلىمىنىڭ ۋەتەن دەۋاسىدىكى تىرىشچانلىقلار بولسۇن، ياكى زىيالىلار قاتلىمىدىكى كىشىلەرنىڭ دەۋا قىلىش ئۇسلۇبى بولسۇن پىلانسىزلىق ۋە نىشانسىزلىق ئىپادىلىرى قەدەمدە بىر كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. مەن بۇ كەمچىلىكنى قانداق قىلغاندا تولۇقلىغىلى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق رىئال قەدەملەر ئېلىنىشقا پايدىسى بولىدۇ، دېگەن سۇئال ئۈستىدە كۆپ ئويلىنىمەن. نۆۋەتتىكى ئىشلىرىمىزنى ۋە قىلماقچى بولغان پىلانلىرىمىزنى پروجېكت ھالىتىگە ئەكىلىپ ئاندىن قىلىشقا تىرىشساق، پىلانلىق ۋە سەۋىيەلىك ئىش قىلىش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز دەپ قارايمەن. مەن پروجېكت دەپ تونۇشتۇرماقچى بولغان تېمىنى ئەسلىدە ئىش قىلىش ئۇسلۇبى ياكى ياردەم ئېلىش ئۇسلۇبى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نەقىل قىلىنغان مەشھۇر ھەدىس «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» دېگەن ھەدىستىن يولغا چىقىپ تەپەككۇر يۈزگۈزسەك، ئىسلامىي ئازاتلىق ئۈچۈن دەۋا قىلماقچى بولغان قەۋم، نىيەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن مەلۇم بىر بۆلۈك كونكرت ئىشلارنى نىيەت قىلىشى ۋە ئۇ نىيەتكە يېتىش ئۈچۈن تەپىسىلىي بىر پىلانلارنى تۈزىشى كېرەكلىكى ھەققىدە يەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز. ئىسلام دىنى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ باشلامچىسى بولغان ئەسرى سائادەت مەزگىللىرى ۋە ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىللىرىدىكى بۈيۈك ئۆلىمالارنىڭ ئىش قىلىش ئۇسلۇبىغا قارىساقمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتى پىلانلىرىنى بىر پۈتۈن ئىبادەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن دەل شۇنداق تەرتىپلىك ۋە پىلانىلىق ئىش ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە نۇرغۇن ئۆرنەكلەر تاپالايمىز. مەسىلەن، ئۆمەر ئىبى خەتتابنىڭ ھېچقانداق پىلانسىز ئىش قىلمايدىغانلىقى، ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەھلى كىتاپلارنىڭ كىتابىدىكى تەسۋىرلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنى يوشۇرغانلىقى، ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەكنىڭ پىلانسىز ئىشلىگىلى كەلگەن ئىشلەمچىلەرنى ئەڭ ئاز ئۈچ كۈنلۈك بولسىمۇ پىلانىنى ئاڭلىماستىن ئىشلەتمەسلىكى، سالاھىددىن ئەيۇبىينىڭ قۇددۇسنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كىچىكىدىلا بەل باغلىغانلىقى ۋە ئۆزىنى شۇنداق بىر نىشانغا تەييارلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلگەنلىكى… قاتارلىقلار.

دېمەك، بىز دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۈچلۈك دۆلەت دەپ قارلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۈشمەننى پارچىلاپ، يۇرتىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىمىزنىڭ ئىسلامىي ئازاتلىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولساق چوقۇم شۇنىڭغا لايىق پىلانلار بىلەن ئۆزىمىزنى تەييارلىشىمىز لازىم. اللە بۇنداق كىشىلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرسۇن، ئېزىلگەن، ۋەيران قىلىنغان بىچارە مۇسۇلمانلارنىڭ قىساسىنى دۇنيادىمۇ ئېلىشقا نىسىپ قىلسۇن، ئىسلام قەھرىمانلىرىنىڭ قېنى بىلەن بويالغان شۇ زېمىنلاردا يەنە ئىسلام شۇئارلىرىنى ئالىي قىلسۇن، ئۆزىنى شەرقىي تۈركىستان جىھادى ئۈچۈن ھازىرلاپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قولى بىلەن ئۆز مۆجىزىسىنى كۆرسەتسۇن، ئامىن!

بۇنداق پىلانلىق ئىش قىلىشنىڭ كونكىرت قەدىمى بولسا دەل مۇھىم ئىشلىرىمىزنى ۋە پىلانلىرىمىزنى پروجېكت ھالىتىدە يېزىپ شۇ بويىچە تىرىشىپ ھەرىكەت قىلىش.

پروجېكت ئۇقۇمى ۋە ئاساسىي پرىنسىپلىرى

پروجېكتنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ئامىللىرى:

پروجېكتكە «ئۆزگىچە مەھسۇلات، مۇلازىمەت ياكى نەتىجە يارىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان، ۋاقىت ئېنىق بەلگىلەنگەن تىرىشچانلىق» دەپ ئېنىقلىما بەرسەك بولىدۇ. شۇڭا بىر پروجېكتنىڭ ئېنىق باشلىنىش، ئاخىرلىشىش ۋاقتى بولىدۇ ۋە كونكرېت نىشانلىرىمۇ بولىدۇ. پروجېكتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللىرى تۆۋەندىكىچە:

  • ئېنىق بېكىتىلگەن نىشان: نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ قايسى مەسىلىنى ھەل قىلماقچى؟
  • مۇئەييەن دائىرە: بۇ پروجېكت نېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ ئۇنىڭ چېگراسى نەگىچە؟
  • ۋاقىت چەكلىمىسى: پروجېكتنىڭ ۋاقىت جەدۋىلى قايسى؟ قاچان تاماملىنىدۇ؟
  • كېرەكلىك نەرسىلەر: پروجېكتنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن قايسى نەرسىلەر (ئادەم، قورال، ماتېرىيال، خامچوت) كېرەك؟
  • تاپشۇرۇشقا بولىدىغان نەتىجىلەر: پروجېكتنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى نېمە؟ نېمە ئىشنى پۈتتۈرىسىز؟
  • مەنپەئەتدارلار: بۇ پروجېكتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كىم قىزىقىدۇ؟ بۇنىڭغا كىم مەبلەغ ئاجرىتىدۇ؟
پروجېكت ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتى:

پروجېكت ئىدىيىسى ھەر خىل مەنبەلەردىن كېلىدۇ: شەخسىي مەنپەئەت، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، جەمئىيەتتىكى ئېھتىياج، تېخنىكا تەرەققىياتى ياكى يۈزلىنىشى قاتارلىق سەۋەپلەردىن بىر پروجېكت پىكىرى شەكىللىنىشى مۇمكىن. پروجېكت ئىدىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  • دەسلەپكى ئۇقۇمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش: دەسلەپكى پىكىرنى كونكرېت، قاراتمىلىقى بار بولغان ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ تەپەككۇر قىلىش كېرەك.
  • مەۋجۇت ھالىتىنى تەتقىق قىلىش: پروجېكت پىكىرىدىكى مەۋجۇت ھەل قىلىش چارىلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يوچۇقلارنى ئېنىقلاش.
  • پروجېكتنىڭ مۇمكىنچىلىكى ھەققىدە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىش: تەننەرخى، ۋاقىت ۋە كېرەكلىك ئىھتىياجلار ھەققىدە ئويلىنىپ، پروجېكتنىڭ ئەمەلىي يۈرگۈزلۈش ۋە نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىنلىكىنى ئويلاپ كۆرۈش.
  • پروجېكت تەكلىپنامىسىنى يېزىپ چىقىش: پروجېكتنىڭ نىشانى ، دائىرىسى ۋە يۈرگۈزۈش ئۇسۇللىرىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇئەييەن شەكلى بار بولغان تەكلىپنامە بولۇپ، قانداق يېزىش ھەققىدە ئايرىم توختىلىمىز.
پروجېكتنىڭ سەۋەبى ۋە پايدىسى:

بىر پروجېكت قىلغاندىن كېيىن بىزگە تۆۋەندىكى كۆپلىگەن پۇرسەت ۋە پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ:

  • ئۆگىنىش ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈش: يېڭى بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى بايقىيالايمىز ۋە ئىگىلەپ ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز.
  • مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر: مەسىلىلەرنى بايقاش، ئۇچۇرلارنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىش چارىسى تېپىش قاتارلىق ئەڭ مۇھىم بولغان ئىقتىدارلارنى مەشىق قىلالايمىز.
  • ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش: خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ئىدىيە ۋە ئۇسۇللارنى تېپىپ مەۋجۇد مەسىلىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى.
  • ھەمكارلىق ۋە گۇرۇپپا ئىشلەش: باشقىلار بىلەن ئورتاق نىشانغا قاراپ ئۈنۈملۈك ئىشلەش ماھارىتى يېتىلدۈرىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئىقتىدارى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھەمكارلىق ئىقتىدارى تۆۋەن بولسا يەنىلا ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.
  • ئىشەنچ ۋە ئۆزىگە بولغان تونۇشنى ئاشۇرۇش: بىر پروجېكتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرالايدۇ. مۇۋەپپىقىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، بىر ئۆمۈر داۋاملىق پايدلىق ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن رىغبەت بولىدۇ.
  • جەمئىيەتكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش: بىر پروجېكت ئەمەلىيەتتە جەمئىيەتتىكى رىئال بىر ئېھتىياجنى ھەل قىلىش، مەۋجد مەسىلىنى ھەل قىلىش ياكى قىممەتلىك تەتىقات نەتىجىسى چىقىرىش قاتارلىق ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. يۇقىرىدا تېلغا ئېلىنغان ئىقتىدارلار 21-ئەسىردىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىدىن تەربىيلەپ يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىقتىدارلار ھېسابلىنىدۇ. بىر دۆلەت خەلقى ئىچىدە يۇقارقى تۈرلۈك كىشىلەر قانچە كۆپ بولسا شۇ دۆلەتنىڭ كۈچى ھەم تەرەققىياتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
مۇۋەپپەقىيەتلىك پروجېكت ئىدىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى:
  • ئېنىق ۋە يەتكىلى بولىدىغان نىشان: پروجېكتنىڭ نىشانى ئېنىق بولىشى، رىياللىققا ماس كېلىشى كېرەك.
  • ئېھتىياجنى قاندۇرىدۇ ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ: بۇ پروجېكت مەلۇم بىر تاماشىبىن دۇچ كەلگەن ھەقىقىي ئېھتىياج ياكى مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ.
  • قىلىش ئىمكانىيىتى بار ۋە رىئاللىق دائىرىسى ئىچىدە: بۇ پروجېكتنى بار ئىمكانىيەتلەر ۋە ۋاقىت ئىچىدە تاماملىغىلى بولىشى كېرەك.
  • كۆچۈرۈلمىگەن ۋە ئىجادچان: بۇ پروجېكت ھازىرقى مەۋجۇد ئۇسۇللاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان ئۆزگىچە ئۇسۇل ياكى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويىشى كېرەك.
  • قىزغىنلىق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ: سىز بۇ پروجېكتكە ھەقىقىي قىزىقىشڭىز كېرەك ھەمدە ھەمدە ئۇنى تاماملاشقا ھەۋەسلىك بولىشىڭىز لازىم.