پروجېكت يېزىش

February 04, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 9 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

پروجېكت ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە

2-قىسىم

پروجېكت تەلەپنامىسى قانداق يېزىلىدۇ؟

پروجېكت تەلەپنامىسى ئادەتتە بەلگىلىك بىر قېلىپتىكى مەزمۇنلار بىلەن يېزىپ چىقىلىدۇ. دەل مۇشۇ قېلىپ بىلەن ھەرقانداق پروجېكتنى يازساق رەتلىك ۋە ئىلمىي بىر دەسلەپكى پروجېكت تەلەپنامىسى يېزىپ چىقىلغان بولىدۇ. ئادەتتە پروجېكت تەلەپنامىسى دەسلەپكى تەلەپنامە ۋە تەپسىلىي تەلەپنامە دەپ 2 تۈرلۈك بولىدۇ. دەسلەپكى تەلەپنامە 5 بەت ئەتراپىدا يېزىلسا بولىدۇ. ئاز ۋە كونكىرت يېزىلىشى كېرەك. بۇ پروجېكت تەلەپنامىسى قۇبۇل قىلنغاندىن كېيىن، قۇبۇل قىلغان تەرەپ تەپىلىسي پروجېكت تەلەپنامىسى يېزىشنى بۇيرۇيدۇ. بۇ بەكرەك تەپسىلىي دوكىلات بولۇپ، ئادەتتە 15 بەت ئەتراپىدا چىقسا بولىدۇ. بۇ ئىككىلا تۈردىكى پروجېكت تەلەپنامىسى تونۇشتۇرۇش، پروجېكت تەپسىلاتى، پروجېكت گورۇپپىسى ۋە باشقۇرۇش، خامچوت ۋە كېرەكلىك ئېھتىياجلار، باھالاش ۋە ئىزچىللىق، خۇلاسە ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار قاتارلىق مەزمۇنلاردىن تۈزىلىشى كېرەك.

1. تونۇشتۇرۇش

1) پروجېكت ئىسمى: پروجېكتنىڭ ماھىيىتىنى تولۇق ۋە توغرا ئەكس ئەتتۈرىشى لازىم. ئادەتتە پروجېكتنىڭ ئىسمى بىرنەچچە قۇر بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئىسمى ناھايىتى ئېنىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىسمى بىلەنلا دەسلەپكى چۈشەنچە ھاسىل بولىدۇ.

2) قىسقا تونۇشتۇرۇش: ئادەتتە بىر ياكى ئىككى ئابزاس ئارقىلىق بۇ پروجېتكنى تونۇشتۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ قىسقا تونۇشتۇرۇش بۆلىكىدە پروجېكتنى قىلىشنىڭ مەقسىدى نېمە، پروجېكت پۈتسە نېمە مەسىلە ھەل بولىدۇ، پروجېكت قانداق ئۇسلۇبتا ئېلىپ بېرىلىدۇ… دېگەن بىرنەچچە سۇئالغان ئومۇمىي جەھەتتىن جاۋاپ بولىدىغان شەكىلدە يېزىلسا بولىدۇ.

بۇ تونۇشتۇرۇش قىسىمىدىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، پروجېكت زادى نېمە مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، بۇ بەك ئېنىق يېزىلىشى كېرەك. چۈنكى پروجېكتنى قوللايدىغان تەرەپ ئۈچۈن نەتىجە ئەڭ مۇھىم. نەتىجىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، ھېچكىم بىر پروجېكتنى ھەرگىز تەسدىقلىمايدۇ.

2. پروجېكتنىڭ تەپسىلاتلىرى

3) پروجېكت نىشانى:

پروجېكت نىشانىنىڭ قانداق بولىشى ھەققىدە ئېنگىلىزچە SMART دەپ ئاتىلىدىغان بىر باھالاش ئۇسۇلى بار. بۇ ئېنگىلىزچە كونكېرت (Specific)، ئۆلچىگىلى بولىدىغان (Measurable)، قىلىش ئىمكانىيىتى بار بولغان (Achievable)، مۇناسىۋەتلىك (Relevant)، ۋاقىت چەكلىمىسى بار بولغان (Time-bound) دېگەن سۆزلەرنىڭ باش ھەرپىدىن تۈزۈلگەن.

  • كونكرېت: ئېنىق بېكىتىلگەن ۋە قاراتمىلىقى بولغان نىشان. كىم، نېمە، قاچان، قەيەردە، نېمە ئۈچۈن… دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىشى كېرەك. مەسىلەن، «نىشانىم پروجېكت باشقۇرۇش ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈش» دېيىشنىڭ ئورنىغا، كونكرېت نىشان «يىل ئاخىرىغىچە پروجېكت باشقۇرۇش گۇۋاھنامىسى كۇرسىنى تاماملىغۇم بار» دەپ يېزىلسا بولىدۇ.
  • ئۆلچىگىلى بولىدىغان: ئۆلچەشكە بولىدىغان نىشان بولسا داۋاملىق باھالىغىلى بولىدىغان نىشاننى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن ، «خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكىنى ئاشۇرىمەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا ، ئۆلچەملىك نىشان «تەكشۈرۈش ۋە ئىنكاس جەدۋىلى بىلەن ئۆلچىنىدىغان كېلەر پەسىلدە خېرىدارلارنىڭ رازىمەنلىكىنى% 10 ئاشۇرماقچى» غا ئوخشاش بولىشى كېرەك. مۇشۇنداق بولغاندا ھەرقانداق ۋاقىتتا نىشاننىڭ قانچە پېرسەنت ئورۇندالغانلىقىنى ھېسابلاپ ئېنىق بىر سان سېفىر چىقارغىلى بولىدۇ.
  • يەتكىلى بولىدىغان: ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان رېئال ۋە سىزنىڭ قابىلىيىتىڭىزنىڭ ئىچىدە بولىشى كېرەك. مەسىلەن، «مەن بىر ئاي ئىچىدە يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالىمەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا، سىز قىلالىشىڭىز مۇمكىن بولغان شەكىلدە «مەن ئالتە ئاي ئىچىدە يېڭى مەھسۇلات چىقرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بازار تەتقىقاتى ئېلىپ بارىمەن، ئۆرنەك مەھسۇلات ياساپ، ئابونتلار بىلەن سىناق قىلىمەن. ئاندىن ئالتە ئايدىن كېيىن مەھسۇلات چىقىرىش ياكى چىقارماسلىققا قارار بېرىمەن».
  • مۇناسىۋەتلىك: مۇناسىۋەتلىك دېگەندە سىزنىڭ ئومۇمىي غايىڭىز ۋە مەقسىتىڭىزگە ماس كېلىدىغان نىشان بولىشى كېرەك. مەسىلەن، «مەن چەتئەل تىل ئۆگىنىمەن» دېيىشنىڭ ئورنىغا، «مەن بازار ئېچىش ئۈچۈن لازىملىق بولغان چەتئەل تىلىدىن بىرنى ئۆگىنىپ، ئىستىمالچىلار بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئالاقە قىلىشنى ۋە ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىشنى خالايمەن» بولىدۇ. پروجېكتنىڭ نىشانى ئومۇمىي غايىگە خىزمەت قىلمايدىكەن، ئۇنداق نىشان ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولىدۇ.
  • ۋاقىت چەكلىمىسى: نىشان مۇئەييەن مۆھلەت ياكى ۋاقىت چەكلىمىسى بولغان نىشان بولىشى كېرەك. نىشانىم مۇشۇ قاچان بولسا بىر ۋاقىتتا ئەمەلگە ئېشىپ قالار دېگەن پىكىردە بولماسلىقى كېرەك. مەسىلەن، «مەن بۇ پروجېكتنى تاماملىغۇم بار» دېيىشنىڭ ئورنىغا ، ۋاقىتقا ماس كېلىدىغان نىشان «مەن بۇ پروجكېتنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تاماملاپ، خېرىدارغا ۋاقتىدا يەتكۈزمەكچى» دېيىش دەل ۋاقىت چەكلىمىىسى بار بولغان نىشان بولىدۇ.

SMART ئۆلچىمىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نىشانىڭىزنىڭ ئېنىق، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالايسىز. بۇ سىزنىڭ پروجېكتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى پىلانلىشىڭىزغا، باسقۇچلاردىكى نەتىجىڭىزنى نازارەت قىلىشىڭىزغا ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

4) خىزمەت باسقۇچلىرى: پروجېكتنىڭ خىزمەت باسقۇچلىرى، ھەر باسقۇچتىكى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كونكىرت پائالىيىتى، قاچان ئىش تاپشۇرىدىغانلىقى، نېمە ئىش تاپشۇرىدىغانلىقى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈشى يېزىلسا بولىدۇ. ئادەتتە پروجېكت ئەڭ ئاز ئۈچ باسقۇچلۇق قىلىپ پىلانلانسا مۇۋاپپىق. يەنى دەسلەپكى باسقۇچتا قايسى خىزمەتلەر قىلىنىدۇ ۋە پۈتكەندە نېمە خىزمەت ئوتتۇرىغا چىقىدۇ؟ ئاندىن كېيىنكى باسقۇچتا نېمە قىلىنىدۇ ۋە ئالدىنقى باسقۇچنىڭ قايسى نەتىجىسى قانداق نەتىجىگە ئۇلاشتۇرىلىدۇ؟ ئاخىرىدا تەييار بولغان قانداق نەتىجىنى قايسى نىشانغا يەتكۈزسەك پۈتۈن پروجېكت نىشانىغا يېتەلەيمىز؟… دېگەندەك ۋاقىتى، مۆھلىتى بەلگىلەنگەن ھالدا ئېنىق باسقۇچلارغا بۆلۈنۈشى كېرەك. يەنى ھەربىر باسقۇچتا چوقۇم ئېنىق بىر ئۆلچىگىلى بولىدىغان نەتىجە ئوتتىرىغا چىقىدۇ. مۇشۇ ئۇسلۇپتا خىزمەت باسقۇچلىرىغا بۆلۈنگەن پىلان تاپشۇرۇش لازىم. بىر باسقۇچلۇق خىزمەت پىلانى تۈزمەسلىك كېرەك. ئادەتتە ئەڭ مۇۋاپپىقى ئۈچ ياكى تۆت باسقۇچلۇق بولسا بولىدۇ.

5) مېتود: بۇ پروجېكت ئەسلى پىلانغان نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئۇسۇل ۋە خىزمەت مېتودلىرى چۈشەندۈرۈلىدۇ.

6) پروجېكتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەۋزەللىكى: پروجېكتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ياكى ئىجادچان تەرەپلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بۇ پروجېكتىمىزنىڭ باشقا پروجېكتلەردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى نېمە؟ نېمە ئۈچۈن بۇرۇن قىلىنمىغان؟ بۇرۇن قىلىنغان بولسا بۇرۇنقىلاردىن نېمە پەرقى بار؟

3. پروجېكت گۇرۇپپىسى ۋە باشقۇرۇش

7) گۇرۇپپىنىڭ تەشكىلىي ئەھۋالى: بۇ پروجېكتنى قىلىدىغانلارنىڭ ئىسىملىكى، ئۇلارنىڭ سالاھىتى، پروجېكتتىكى رولى قاتارلىق ئەھۋاللار بىرمۇ-بىر يېزىلىشى كېرەك. چۈنكى پروجېكت توغرا، ئۇسلۇپ توغرا، ئەمدى بۇ ئىشنى كىم قىلىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا جاۋاپ بولىشى كېرەك. بۇ پروجېكتنىمۇ دەل ئەڭ لايىق ئادەملەر تاللىنىشى كېرەك. خالىغانچە قوشۇپ ياكى ئېلىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى مۇشۇ قىسىمنى يېزىۋاتقاندىلا ئايان بولىدۇ.

8) پروجېكت باشقۇرۇش پىلانى: پروجېكت گورۇپپىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، ئالاقە قىلىش ئۇسلۇبى، خىزمەت قىلىش مۇھىتى، قارار ئېلىش ئۇسلۇبى قاتارلىق تېمىلار تەپسىلىي يېزىلىشى كېرەك. چۈنكى ئادەم تەييار بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە باشقۇرۇش مۇۋاپپىق بولمىسا يەنىلا پىروجېكت مەغلۇب بولىشى مۇمكىن. ئۇندىن باشقا يەنە قەرەللىك ئېچىلىدىغان يىغنلارنىڭ ۋاقىت جەدۋېلى، پروجېكت باشقۇرۇشنى ئىشىتىدىغان قۇراللار ۋە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇش كېرەك.

9) تەھىدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش پىلانى: پروجېكتنى قىلىش جەريانىدىكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان تەھدىتلەر، پروجېكتنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرىشىگە ياكى پۈتمەسلىكىگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولغان بارلىق تەھدىتلەرنى يېزىپ چىقىش كېرەك. ئاندىن بۇلارنى قانداق يېڭىش پىلانى بارلىقى چۈشەندۈرۈلۈشى لازىم. بۇ بەك مۇھىم باسقۇچ. چۈنكى قارشى تەرەپمۇ بىزنىڭ پروجېكتنىڭ مەغلۇب بولىشىغا سەۋەپ بولىدىغان تەھدىتلەرنى پەرەز قىلالايدۇ. بىر ئىش قىلىپ باققان كىشى ئۈچۈن تەھدىتلەرنى ئالدىن پەرەز قىلىپ شۇنىڭغا قارشى تەدبىر بەلگىلىشى بەك مۇھىم. شۇڭا مۇشۇ باسقۇچنى سۈپەتلىك يازغانلىق سەۋەبى بىلەن پروجېكت تەستىقلىش ئېھتىمالى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.

4. خامچوت ۋە كېرەكلىك ئېھتىياجلار

10) پروجېكت خامچوتى: ھەرقايسى كىشىلەرنىڭ ئايلىق مائاشى، پروجكېتكە كېرەكلىك ماتېرىياللار پۇلى، كېرەكلىك يول خىراجىتى، لازىملىق ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن كېتىدىغان پۇل ۋە باشقا چىقىملارنى چوقۇم ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئېنىق يېزىش لازىم. يەنى نەچچە پۇل لازىملىق ئېنىق سورىلىشى لازىم. تومتاق ۋە چالا يېزىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ئىش قىلىش ئۈچۈن پۇل كېتىشى ئېنىق. راستىنلا بىر ئىشنى پۈتتۈرەي دېگەن كىشى قانچە پۇل كېتىدىغانلىقنى ھېسابلىيالىشى شەرت. كۆپ سورالسا قويمىچىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئاز يېزىلسا كالتاپەمدەك تۇيغۇ بېرىدۇ. ئۇندىن باشقا پۇلنى ھەرئايدا ياكى ھەر باسقۇچتا قانچىلىك لازىم قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق يېزىش لازىم. ئىقتىساد ئادەتتە بىراقلا بېرىلمەيدۇ. باسقۇچلۇق نەتىجە چىقىرىلىپ ئۇ باسقۇچتىن دوكىلات يېزىلغاندىن كېيىن ئاندىن كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد تەلەپ قىلىنىدۇ.

11) ئېھتىياجلىق باشقا نەرسىلەر: پۇلدىن باشقا ياردەملەر يېزىلىدۇ. مەسىلەن، تېخنىكا، سىياسىي ياردەم، قانۇنىي ياردەم.. دېگەندەك بىۋاستە پۇل بولمىغان بارلىق كېرەكلىك ئىھتىياجلار يېزىلىدۇ.

5. باھالاش ۋە سىجىللىق

12) باھالاش پىلانى: سىز بۇ پروجېكتنى قىلىش جەريانىدا ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى نەتىجىلىرىڭىزنى قانداق ئۆلچەيدىغانلىقڭىزنى يېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك. چۈنكى قانداق بولسا ياخشى بولىدۇ، قانداق بولسا ناچار بولىدىغانلىقنى ئېنىق يېزىشىڭىز كېرەك. ھەمدە بۇ ئۆلچەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەت ئەھۋالىنى قانداق ۋاقىتتا، قانداق نازارەت قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ يېزىپ چىقىشىڭىز كېرەك.

13) پروجكت نەتىجىسىنىڭ تەسىرىنى باھالاش: پروجېكت تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يەتمەكچى بولغان تەسىرىنىڭ راستىنلا ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى قانداق باھالاپ چىقىدىغانلىقڭىزنى يېزىڭ. مەسىلەن، پروجېكت تاماملانغاندا يەرلىك كىشىلەردىن راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، پروجېكتنىڭ تەسىرىنىڭ راسىتىنلا ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئېنىق سان-سىفىرلار بىلەن ئۆلچىنىدۇ… دېگەندەك نەتىجىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان پىلان بولىشى كېرەك. بولمىسا پروجېكت تاماملانسىمۇ ھىچ تەسىرى بولمىغاندەك تەسىر ياراتسا بولمايدۇ.

6. خۇلاسە

14) ئومۇمىي خۇلاسە: بۇ پروجېكتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە يوشۇرۇن تەسىرىنى قىسقا شەكىلدە قايتا يېزىلىدۇ. ئاندىن بۇ پروجېكت سۇنۇلغان ئورۇن ياكى شەخستىن ئۈمۈد قىلىدىغان ئىشلارنى يازسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، جىددىيرەك قارار بېرىش كېرەكلىكى بولمىسا پروجېكتنىڭ تەسىرى قالمايدىغانلىقى، پروجېكتنى خالىسا ۋاقىت چىقىرىپ قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ بەرسەك ياخشى بولىدىغانلىقى… دېگەندەك نۇقتىلار يېزىلسىمۇ بولىدۇ. ئاندىن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قالدۇرۇلسا بولىدۇ.

7. قوشۇمچە ماتېرىياللار (ئىختىيارىي)

15) قوشۇمچە ماتېرىياللار: پروجېكت بىلەن مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ھۆججەت ياكى رەسىملەرنىڭ تىزىملىكى يېزىلىشى كېرەك. كام يەتكۈزۈلگەن ياكى تولۇق يەتكۈزۈلگەنلىكى مۇشۇ يەردىن بىلىنىدۇ. مەسىلەن، پروجېكت ئەزالىرىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى، قوشۇمچە خەرىتە، مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر، تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى، جەمئىيەت تەكشۈرۈش دوكىلاتى.. دېگەندەك ھۆججەتلەر ئەسكەرتىلىشى لازىم.

يۇقارقى 7 كاتېرگورىيە ۋە 15 تۈرلۈك سۇئالغا جاۋاپ شەكلىدە پروجېكت تەلەپ قىلىش خېتى يېزىلسا بولىدۇ. بۇلارنى يېزىش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك تېمىلارمۇ بار:

  • پۈتۈن تېمىلار پروجېكت قۇبۇل قىلغۇچىنىڭ شەرتلىرىگە ماس كېلىشى كېرەك.
  • ئېنىق ۋە ئىخچام تىل ئىشلىتىش لازىم. زىيادە ئەدەبىي تەسۋىر ۋە مۇرەككەپ تېخنىكىلىق ئاتالغۇلارنى ئىشتلىشىتىن ساقلىنىڭ.
  • پروجېكتىڭىزنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى ۋە ئۇنىڭ يوشۇرۇن پايدىسىنى تەكىتلەڭ.
  • پروجېكت تەلەپ قىلىش دوكىلاتىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، پۈتۈن پروجېكت ئەزالىرى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقىشى لازىم.