پىكىر ئىدىيىسى

February 06, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 7 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

پروجېكت ھەققىدە قىسقا چۈشەنچە

4-قىسىم

بۇ يازمىدا پروجكېت ھەققدىكى قىسىملىق يازمىنىڭ ئىجادىي پىروجېكت ھاسىل قلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلىدۇرش قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلىنىدۇ.

ئىجادىي پروجېكت ئىدىيىسىنى ھاسىل قىلىش ئۇسۇللىرى

  1. ئىدىيە ھاسىل قىلىدىغان ۋە ئىجادچانلىققا ئىلھام بېرىدىغان ئۇسۇللار:
  • زېھىن سىناش: ھەرقانچە ئەمىلىيەتتىن يىراقتەك كۆرۈنىشىدىن قەتئىينەزەر، مۇمكىن بولغان بارلىق پىكىرلەرنى ئەركىن بايان قىلىش كېرەك. ئەقىل خەرىتىسى ياكى SCAMPER (ئالماشتۇرۇش، بىرلەشتۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش، چوڭايتىش/كىچىكلىتىش، باشقا ئىشلىتىشكە قويۇش، شاللاش، ئەكسىگە ئۆرۈش) قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىشىپ زېھىن سىناش پائالىيىتى قىلىپ كۆرۈش.
  • خىرىسلار: ھازىرقى ئەھۋالدىكى خىرىسلار ھەققىدە سوئال سوراپ، خىرسلار ھەققىدە ھەرخىل كۆز قاراشلارنى تەپەككۇر قىلىڭ. مەۋجۇت ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئۇلارنى ياخشىلاش ياكى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.
  • ئىلھام ئىزدەڭ: ئوخشىمىغان ساھە ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ بېقىڭ. سەنئەت ئەسەرلىرىگە قاراڭ، يېڭى پىكىرلىك كىتاپلارنى ئوقۇڭ، يېڭى جايلارغا ساياھەت قىلىڭ ياكى تەجرىبىسى مول كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىڭ.
  • ئويناش ۋە تەجرىبە ئېلىش: تەپەككۇرىڭىزنى قوزغايدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىڭ، مەسىلەن، رەسىم سىزىش، ئىجادىي ئويۇنلارنى ئويناشقا ئوخشاش. ئوخشىمىغان ۋاسىتىلەر ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى ئىشلىتىپ تەجرىبە ئېلىپ كۆرۈڭ.
    1. مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش:
  • مەسىلە ۋە ئېھتىياجنى ئېنىقلاڭ: ئەتراپىڭىزنى كۆزىتىپ، باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ كۆرۈڭ. قانداق رىقابەتلەر بار؟ ھازىر قايسى ئېھتىياجلار قاندۇرۇلمىدى؟ ئۆزگىچە ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالامسىز ياكى مەۋجۇد بوشلۇقنى تولدۇرامسىز؟
  • توسالغۇلارنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ: خىرىسلارنى ئىجادىي ھەل قىلىش چارىلىرىنى قېزىپ چىقىشتىكى يوشۇرۇن مەنبە دەپ قاراش. يېڭى بىر مەسىلە تۇغدۇرۇپ قويسامسىز ياكى توسالغۇلارنى راستىنلا ئەۋزەللىكىڭىزدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلالامسىز؟
  • ھەممە كۆنۈپ قالغان پىكىر ئۇسلۇبىنىڭ سىرتىدا ئويلاپ كۆرۈڭ: ھەممە ئادەم بىرلىككە كېلىپ قالغان ھەل قىلىش چارىلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىپ ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇسۇللار ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن قورقماڭ. كۈتۈلمىگەن ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئويلىشىپ، ئۆزگىچە ھەل قىلىش ئاماللىرى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ كۆرۈڭ.
  • ماسلىشىشچان ۋە ئىلاسلىكىلىق بولۇش: يېڭى ئۇچۇر ياكى ئۆزگىرىشچان ئەھۋالغا قارىتا ئىدىيىڭىزنى تەڭشەشكە تەييار تۇرۇڭ. چاققانلىق ۋە تەكرارلىنىشتىن پايدىلىنىپ، ئەڭ ياخشى نەتىجىنى پىكىر قىلىپ بېقىڭ.
    1. نۆۋەتتىكى ئالاقىدار يېڭى يۈزلىنىشلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش:
  • نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشلەردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ: ئۆزىڭىز ساھەرىدىكى ۋە باشقا ساھەدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەر توغرىسىدىكى خەۋەر ، ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەرگە دىققەت قىلىپ تۇرۇڭ. يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكا، ئىجتىمائىي يۈزلىنىش ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ مايىللىقى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تۇرۇڭ.
  • يۈزلىنىشنى تەھلىل قىلىڭ ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى ئېنىقلاڭ: باشقىلارنىڭ قىلىپ بولغان ئىشىنى ئاددىيلا تەكرارلاپ قويماڭ. مەۋجۇت يۈزلىنىش ئىچىدە قانداق يېڭىلىق يارىتالايدىغانلىقىڭىز ياكى قايسى ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدىغانلىقىڭىزنى ئېنىقلاپ كۆرۈڭ.
  • يېڭى يۈزلىنىشلەرنى پەقەت تەپەككۇرىڭىزنىڭ قاڭقىش پەللىسى سۈپىتىدە كۆرۈڭ: ئۆزىڭىزنىڭ ساھەسىدىكى يېڭىلىقلارغا پەرقلىق پىكىر ئۇسلۇبىدىن تەپەككۇر قىلىپ كۆرۈڭ. يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى ئىزدەپ كۆرۈڭ. باشقا ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىك يۈزلىنىشلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ۋە دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەڭ.
  • ئۆزىڭىزنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن نۆۋەتتىكى يۈزلىنىشنى چۈشەندۈرۈڭ: يۈزلىنىشكە قارىغۇلارچە ئەگەشمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ قىزغىنلىقى ، ماھارىتى ۋە تەجرىبىڭىزنى ئىشلىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزگە خاس بولغان ۋە پەرقلىق تۆھپە قوشۇشقا تىرىشىڭ.
    1. تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق يېڭى پروجېكت ئىدىيىسى يارىتىش:
  • قارىماققا ماس كەلمەيدىغاندەك كۆرىنىدىغان ئېلېمېنتلارنى بىرلەشتۈرۈپ بېقىڭ: قارىماققا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنگەن ئۇقۇم ياكى ساھە ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ئىزدەڭ. سىز تېخنىكىلىق يېڭىلىق بىلەن سەنئەتنى بىرلەشتۈرەلەمسىز؟
  • كۆپ ئۇچرايدىغان پەرەزلەرگە جەڭ ئېلان قىلىڭ: ئىشلارنى قانداق قىلىش ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىڭ ۋە باشقا تاللاشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. قانداق قىلغاندا ناتونۇش پىكىرلەر بىلەن ئۈنۈم، قولايلىق ھاسىل بولىدۇ؟
  • مەۋجۇت ئىدىيىلەرنى ئاساس قىلىڭ: ھازىرقى ھەل قىلىش چارىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ پىكىرى ياكى ھەل قىلىش چارىسىنى قوشۇڭ. سىز بىر يېڭى ئۇقۇم بىلەن كونا ئۇقۇمنى ماسلاشتۇرالامسىز؟
  • چەكلىمىلەرنى تەھلىل قىلىپ كۆرۈڭ: چەكلىمىلەرنى ئىجادىي پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ. چەكلىك بايلىق بىلەن ياكى مەلۇم چەكلىك مۇددەت ئىچىدە يېڭىچە ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالامسىز؟

پروجېكت ئىدىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش

پروجېكت ئىدىيەسى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۇنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرمىسەك، بىر لاياقەتلىك پروجېكت پىكرى قىلىپ بولالمايدۇ.

  1. ئىدىيەنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى چۈشىنىش :
  • نىشانىڭىزغا ئاساسەن ئىدىيەلىرىڭىزنى رەتكە تىزىپ چىقىڭ: ھەر بىر ئىدىيىڭىزنى پروجېكتنىڭ ئومۇمىي مەقسىتىگە قارىتا باھالاپ چىقىڭ ھەمدە ئۇلاردىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىماللىقى بارلىرىنى تاللىۋېلىڭ.
  • مۇمكىنچىلىك ۋە ئىمكانىيىتىڭىزنى چىقىش قىلىپ پىكىر قىلىڭ: ھەر بىر پىكىر ئۈچۈن تەلەپ قىلىنغان ئىمكانىيەت (ۋاقىت ، خامچوت ، ماھارەت) نى ئويلىشىپ كۆرۈڭ ھەمدە سىزدە بار ئىمكانىيەتكە قارىتا رەتكە تىزىپ چىقىڭ.
  • جەمئىيەت ئانالىزى: ھەر بىر ئىدىيەنىڭ ئۆزىگە ماس بولغان ئەمەلىي جەمئىيەت تەتقىقاتى بولىدۇ. ئەمەلىي راي سىناش ئېلىپ بېرىپ، ھەقىقىي ئېھتىياجنى ھەل قىلىدىغان پىكىرلەرنى تاللاڭ.
  • يېڭىلىق يارىتىش: ئىجادچانلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەلىرىنى چوقۇم قەدىرلەڭ، گەرچە ئۇلار دەسلەپتە مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ. دەل شۇنداق ئىجادىي پىكىرلەر ۋاقىت ئۆتىشى بىلەن ئالاھىدە نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    1. ئىدىيەنى لوگىكا ۋە ئەمەلىيەتچانلىق پىرىنسىپلىرى بىلەن تاسقاپ چىقىش:
  • تەتقىقات ئېلىپ بېرىڭ ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاڭ: ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار ، ستاتىستىكا ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يىغىڭ. بۇ سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى كۈچلەندۈرىدىغان دەلىللەرنى تەمىنلەپ بېرىدۇ. پروجېكتنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرىدۇ.
  • ئىدىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش: ھەر بىر ئىدىيەنىڭ ئارقىسىدىكى لوگىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ. ئۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ ، ئېھتىياجنى نېمە بىلەن ھەل قىلىدۇ ياكى قانداق قىممەت يارىتىدۇ؟
  • يوشۇرۇن خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئويلاڭ: ھەر بىر ئىدىيەنىڭ ئۇچرىشى مۇمكىن بولغان يوشۇرۇن توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى تەھلىل قىلىڭ. قىيىنچىلىقلارنى ئازايتىش پىلانىنى ئالدىن ئويلاپ چىقىڭ.
  • ئېنىق بېكىتىلگەن ھەرىكەت پىلانى تۈزۈپ چىقىڭ: ھەر بىر ئىدىيىنى قانداق ئىجرا قىلىدىغانلىقىڭىزنى سىزىڭ. ئېنىق ۋاقىت ۋە مەسئۇل تەرەپلەر بىلەن پروجېكت جەريانىنى باشقۇرغىلى بولىدىغان باسقۇچلارغا بۆلۈڭ.
    1. خەتەر ۋە توسالغۇلارنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىش:
  • يوشۇرۇن ئاجىزلىق ۋە يوچۇقلارنى ئېنىقلاپ چىقىڭ: ئىدىيىڭىزگە نىسبەتەن يوشۇرۇن توسالغۇ ياكى چەكلىمىلەرنى تەھلىل قىلىشتىن ئېرىنمەڭ. بۇ سىزنىڭ ئالدىن پىلانلىشىڭىزغا ۋە ھەل قىلىش چارىسى تەييارلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.
  • جىددىي تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى تۈزۈڭ: كۈتۈلمىگەن مۇئەممالارغا تەييارلىق قىلىڭ. تاللىغان ئىدىيىڭىز ئۈچۈن باشقا ئۇسۇل ياكى زاپاس ئاماللارنى تۈزۈپ چىقىڭ.
  • ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈڭ: گۇرۇپپىڭىز ياكى يېتەكلىگۈچىلىرىڭىز بىلەن مەۋجۇد توسالغۇلارنى مۇزاكىرە قىلىڭ. خىلمۇ-خىل تەپەككۇر ئۇسۇللىرى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن ئۆگىنىڭ.
  • خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇڭ: يوشۇرۇن خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەۋزەللىكىڭىزنى ئىشلىتىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەڭ.
    1. نىشان قىلغان كىشلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىش:
  • ئىنساننى مەركەز قىلىش: نىشانىڭىزدا كۆزدە تۇتۇلغان كىشىلەرنى ياكى كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى، ئارزۇسىنى ۋە مايىللىقىنى چۈشىنىڭ.
  • قەرەللىك ھالدا تەكلىپ-پىكىر توپلاڭ: ئانچە دىققەت تارتىپ كەتمەيدىغان كىشىلەردىن پىكىر ئېلىڭ. پىكىرلىرىڭىزنى ھەرقانداق بىر كىشىدىن كەلگەن ياخشىلاش ئۇسۇللىرىغا قارىتا ئوچۇق تۇتۇڭ.
  • قولايلىق ۋە ئىلاستىك بولۇش: پروجېكتىڭىز بىرخىللا ئەمەس، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ھەل قىلىشىنىمۇ ئويلاپ كۆرۈڭ.