ئۆگىنىش قىلىڭ

March 01, 2024


تەخمىنەن ئوقۇش ۋاقتى 4 مىنۇت

بسم الله الرحمن الرحيم

ئۆگىنىش قىلىڭ

مەن ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بارلىقىنى ئۈنتۈنسىز ئاتاپ كەلگەن نۇرغۇنىلىغان قېرىنداشلىرىم بىلەن بىللە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇلاردىن ھەممىسى دېگۈدەك ۋەتەندىن چىققان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئىنتايىن ئىسىل پەزىلەتلىك كىشىلەر ئىدى. ئەمما ۋاقىتلار ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بەزى قېرىنداشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى مەقسەتلىرىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن تەپ تارتماس ھالەتكە كەپ قالدى. بۇ ھالەتتىن بەكمۇ ئېچىنىمەن ۋە بۇ ھالەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە كۆپ پىكىر قىلىمەن. مېنىڭ بۇ سەۋەپلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشمنىڭ مەقىسىدى ئۇلارنى باھالاپ، پاراڭ قىلىپ ئۆتۈپ كېتىش ئەمەس، بەلكى شۇلار سەل قارىغان سەۋەپلەرنىڭ مەندە كۆرۈلۈپ قېلىشىدىن اللە قا سېغىنىپ پاناھلىق سوراش ۋە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ئۈچۈندۇر.

اللە تىن ئاخىرقى نەپسىمىزگىچە توغرا ئەقىدىدىن بۇراپ قويماسلىقنى تىلەيمەن.

بىلىمسىزلىك ھەرقانداق مانامەن دېگەن ئىنساننى قۇبۇل قىلغۇسىز دەرىجىدە تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويىدىكەن. يىللار بۇرۇن ئاۋانگارت بولغان شۇ قېرىنداشلار دەسلەپتىلا قەلبنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدە بىلىم ئالغان بولسا، دەۋا سېپىدە شەرىئەتنىڭ چەكلىگەن ۋە بۇيرىغان ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى ئۆگەنگەن بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى ھەققىدە سىستېمىلىق دەرسلەرنى ئېلىشقا سەل قارىمىغان بولسا، كاتتىباش بولۇپ قېلىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان رەھبەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر ھەققىدە ئۆگەنگەن بولسا، ئۆزى قىلىۋاتقان شۇ ساھەنىڭ دۇنيادىكى تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىشتىن باش تارتمىغان بولسا، بىلمەيدىغان تېمىدا سۆز ئېچىشتىن ۋە ئالدىپەشلىك قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نادامەت ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسا، رەھبەرلىكنىڭ خاراكتېرىنىڭ ئەسلىدە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەققىدە سورىلىدىغان ئۇقۇم ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن بولسا، ئىسلام تارىخىدا ۋاقتىنى باشقىلاردىن ئەمەس ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزگەنلەرلا ئۇتۇق قازانغانلىقى ھەققىدە تارىخى بىلىم ئالغان بولسا، دىن توغرىسىدا سۆزلەۋاتقانلار دىننىڭ تەلەپ قىلىدىغان ئەخلاقنىڭ ئۆزى سىڭدۈرۋالغان ئەخلاق ئەمەس بەلكى سائادەت ئەسىرىدىكى پىشۋالارنىڭ ئەخلاقى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان بولسا، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ قىلىۋېلىش، ئېتىۋېلىش، ئالدىۋېلىش، يەۋېلىش، بابلىۋېلىش ئەمەس، اللە قىلا ئىتائەت قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىدەك ئاساسىي پرىنسىپنى چۈشەنگەن بولسا، ئەڭ ئاساسىي رىزىق مەنبەسىنىڭ يالغۇز فىزىكىلىق كۈچ بىلەن ئەمەس، دۇئاسى ئىجابەت بولۇشتا ئىلاھ بىلەن ھىچ پەردە بولمىغان بىچارە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇش بىلەن كېلىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالغان بولسا، مۇھىم تېىللاردا سۆزلەش، ئوقۇش ۋە يېزىشنى بىلگەن بولسا، ئالدىدا ئالداۋاتقانلارنى پاراڭ ئۇسلۇبىدىن ئالدىن كۆرەلىگۈدەك ھوشيارلىق ھەققىدە ئىزدىنىپ تۇرغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيە قىلغان قۇرئان يادلاشنىڭ مەنىسىنى بىلمەي تاياق بىلەنلا يادلىتىلغان قۇرئاندىن بەكلا پەرقلىق ئىكەنلكىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسا، سائادەت ئەسرىدىكى پىشۋالارنىڭ ئۆزىدە بىرەر خاتالىقنى سەزگەن ھامان ئۇنى مۇرەسسەسىز تۈزىتىشكە ئاتلىدىغان شىجائەتلىك كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئۆگەنگەن بولسا… بۈگۈنكىدەك ناچار نەتىجە بېرىپ قاراپ تۇرماس ئىدى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بۇنچىلىك ئىزىدا توختاپ قالماس ئىدى.

ئەنە شۇ سەۋەپلەرنىڭ ھەممىسى يىغىپ ئېيتقاندا «بىلىمسىزلىك» كە بېرىپ تاقىلىدۇ.

مەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتلانغان ھەرقانداق بىر ساھەدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ھېچقاچان بىلىم ئېلىشتىن توختاپ قالماسلىققا تەۋسىيە قىلىمەن. ئەگەر سىز بۇ ھەپتىڭىزنى ھىچ دىننىي بىلىم ئۆگەنمەستىن ئۆتكۈزگەنلا بولسىڭىز، قەلبىڭىز ئالدىنقى ھەپتىدىكىدىن كەينىگە چېكىنىۋاتقان بولىدۇ. بۇ چېكىنىش سىزنى بارا-بارا ئىپلاس بىر كىشىگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكىن، اللە قەلبىمىزنى بۇرۇۋەتمىسۇن. سىز ھېچ ئىش قىلالمىسڭىزمۇ دىننىي بىلىملەرنىڭ خالىغان بىر ساھەسىدە يۈرۈشلۈك دەرسلەرنى ئاڭلاشنى ئۆزىڭىزگە ھاياتى ۋەزىپە قىلىۋېلىڭ. چۈنكى، مەن دىننىي بىلىم ئېلىشتا سابىت تۇرغانلارنىڭ چوڭ بىر خاتاغا چۈشۈپ كەتمىگەنلىكىگە كۆپ شاھىد بولدۇم. ئۆگەتكۈچى بولۇڭ ياكى ئۆگەنگۈچى بولۇڭ ۋەياكى ياخشى كۆرۈپ ئاڭلىغۇچى بولۇڭ، بۇلاردىن باشقسى بولۇپ قالماڭ. ئاۋازلىق دەرس ئاڭلاشنى سىز پەقەتلا ئۇيغۇرچە بىلسىڭىزمۇ يىللارچە داۋاملاشتۇرالايسىز. ئۆزبېكچە دەرسلەرمۇ ئاڭلاپ تۈگەتكۈسىز دەرىجىدە كۆپ. ئۆيلىرىڭىزدە، سەپەرلىرىڭىزدە ۋە ئىشخانىلىرىڭىزدا ئىسلامىي دەۋەتلەر ھەرۋاقىت ياڭراپ تۇرسۇن. ئەگەر ئۇيغۇرچە كىتاپ ئوقۇيالىسىڭىز ئۇيغۇرچە دىنىي كىتاپلارمۇ خېلىلا كۆپ. ناۋادە ئەرەبچە بىلسىڭىز، كۈندىلىك دەرس ئاڭلاشقا بۇ ھايتىم يەتمەيدىكەن، دەۋېرىڭ. ئەگەر سىز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مەلۇم بىر ساھەدە ئىش قىلىۋاتقان بىرى بولسىڭىز، ئۆز ساھەرىڭىزدە چوقۇم چەتئەل تىلى ئۆگىنىڭ ۋە شۇ تىلدىكى بىلىملەرگە داۋاملىق دىققەت قىلىپ تۇرىشڭىز لازىم.

ئۆز ساھەرىڭىزدە يىللارچە دەۋا قىلغان بىر شەرقىي تۈركىستانلىق تۇرۇپ ھېچقانداق بىر نەزىرىيىۋى بىلىملەرگە دىققەت قىلىپ باقمىغان بولسىڭىز، سىزنىڭ تۈزىگىنىڭىزدىن بۇزغىنىڭىز كۆپ بولىدۇ. دەۋا سېپىدا مەغلۇب بولغىچە بولۇپ قالىسىز. دەۋاغا ئۆزىڭىزدىن كېيىن بىر توپ بىلىمسىز ئىشبۇزارلارنى پەيدا قىلپىپ قويىسىز. ئىشنىڭ چوڭى چىققاندا يىغلىغانغا ھېچنەرسە ئەسلىگە كەلمەيدۇ.